


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى 10 نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ
ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز سالونىمىزنى قوشۇۋىلىڭ
ھەممە ئادەم مۇكەممەل بولۇشنى ئويلايدۇ، بولۇپمۇ خانىم-قىزلار، بىراق ھازىر كۆپ قىسىم خانىم-قىزلار سېمىزلىكنىڭ تەھدىتىدىن ئەنسىرىمەكتە. بىراق تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، ھەپتىدە 5 كلوگرام ئورۇقلاش ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس.
1. سائەت 6 دىن كېيىن تاماق يېمەسلىك
ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى 6 سائەت ئىچىدە تاماق يېمەسلىك كېرەك. پەقەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندىلا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
2. گۆش بىلەن كراخمالنى ئايرىپ ئىستېمال قىلىش
بۇنى پەقەتلا كىچىك ئادەت مەسىلىسى دەپ قارىماڭ؛ گۆش بىلەن كراخمالىنى ئايرىپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي، ئورۇقلاشقىمۇ پايدىسى بار. ئادەتتە 3 كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېينلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3.بەدەننىڭ تۆۋەنكى يېرىمىنى چىلىنىش ئارقىلىق زەھەر تازىلاش
ھەر كۈنى بەدەننىڭ تۆۋەنكى يېرىمىنى چىلىنىش ئارقىلىق قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئاشۇرغاندا، پۇت قىسىمىنى ئورۇقلىتىشقا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بىر ھەپتىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
4.مۈڭگۈز ماددىنى چىقىرىۋېتىشكە سال قارىماسلىق
تېرە تازىلاش مەلھىمى بىلەن بويۇن ۋە ئوقۇرەك سۆڭەك قسىىمىنى ئۇۋىلىغاندا، يۈز قىسىمىدىكى ئارتۇق سۇنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندا، ئىششىقتىن كېلىپ چىققان يۈز قىسىمىنىڭ سېمىزلىكىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
5.بۇغداي كېپىكى بىلەن مېۋە-چېۋە ئۈچەينى تازىلاپلا قالماي، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ
ئەتىگەندە بىر ئىستاكان مېۋە شەربىتى ياكى تەركىبىدە بۇغداي كېپىكى بولغان ناشتىلىق يېگەندە، ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بدەندە يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپلا قالماي يەنە، ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلايدۇ؛ قەۋزىيەت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
6.قول قىسىمىنى ئاسراشقا سەل قارىماسلىق
قول تېرىسىنى يۇمرانلاشتۇرۇشتىن باشقا، قول قسىىمىنى ئۇۋىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پەللىنى ئۇۋۇلاش ئىشىشىقتىن كېلىپ چىققان سېمىزلىككە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.
7.ساپ ئاقسىل ئىستېمال قىلىش
ھورداپ پىشۇرۇلغان توخۇ، كالا گۆشى ۋە ئاقسىلدىن تەركىب تاپقان ساپ ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى ياغلارنى تېز سۈرئەتتە پارچىلاپ، سىزنى ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ.
8.ئوقۇرەك سۆڭەكنى ئۇۋىلىغاندا يۈز قىسىمىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ
ئوقۇرەك سۆڭەكنى چەمبەر شەكلىدە ئۇۋىلىغاندا، بەدەندىكى توكسىنى ھەيدەپ، يۈز قىسىمىنى كىچىكلىتىدۇ.
9.سائەت 11 دىن بۇرۇن ئۇخلاش، ئۇخلاشتىن 2 سائەت ئاۋۋال كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلىك
كۆپلىگەن ئىششىق، سېمىزلىك مەسىلىلىرى كەچ ئۇخلاش بىلەن ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇدا بىر ھەپتە بالدۇر ئۇخلىغاندا، سېمىزلىكنىڭ ئاستا-ئاستا خوشلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
10.پۇراقلىق شام يورۇتۇش ئارقىلىق بەدەننى ئارام ئالدۇرۇش
ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا، پۇراقلىق شام يورۇتۇش ئارقىلىق بەدەننى يېنىكلىتىپ، يۇيۇنۇپ كەيپىياتنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش.
«سوخۇ تورى»
ئەڭگۈشتەر سالونى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،تۇرمۇشىغا خوشاللىق تىلەيدۇ








