بالىلارنى نابۇت قىلىدىغان 5 خىل ناچار ئائىلە مۇھىتى
بىز دائىم سەبىي بالىلارنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولىشىمىز، ئاتا-ئانىلار بۇ ئاپئاق قەغەزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى سىزىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.
لېكىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بۇ ئاپئاق قەغەزلەرگە نېمىلەرنى سىزىۋاتىدۇ؟ بالىلارئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولغان ئائىلىدە ئۇلارغا قانداق ساۋاق بېرىۋاتىدۇ؟
1.قوپال گەپ-سۆز
ئاتا-ئانىلارنىڭ تىل ئادىتى بالىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئالدىدا دائىم گەپ-سۆزدىكى مەدەنىيلىككە ئېتىبار بەرمەيدۇ، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا قوپال سەت گەپلەرنى قىلىشنىڭ يامان تەسىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، بالىسىنى شۇنداق سەت، قوپال ئىبارىلەر بىلەن سەتلەيدۇ. بۇنداق تىلدىكى قوپاللىق خۇددى ۋېرۇستەك بالىلارنىڭ سەبىي دىلىنى بۇلغايدۇ.
2.قوپال مىجەز-خۇلق
بىرقىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ئىنتايىن قوپال، تەبىئىتى غەلىتە. ئېغىزى ئىچىلسىلا ھاقارەتكە، قولى كۆتۈرۈلسىلا دىۋەيلەشكە چاپىدۇ. ئائىلە تۇرمۇشىدا بالىلار بۇنداق يامان مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى ئۇلارنى يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىدۇ.
پىسخولوگلارنىڭ يەكۈنلىرىدىن كۆرە: بالىلاردىكى تىل مەينەتلىكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن ئۆز ئاتا-ئانىسى ھېسابلىنىدۇ.
3.ئەر-ئايالنىڭ ئىناقسىزلىقى
ئەگەر دائىم ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئىناقسىزلىق كەيپىياتى داۋام ئەتسە، بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق قاباھەتلىك ئائىلىدە، بالىلار ئاسانلا ئەسلىدىكى تەبىئىي، بولۇشقا تېگىشلىك شوخلىقلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، ئارام ئېلىش، ئۆگىنىش، ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇخىل ھادىسە چەكتىن ئاشسا ئۇلار ھەتتا مۇئەييەن دەرىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي بىمار بولۇپ قېلىشى ئېنىق.
4.ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى
ئادەتتە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار نەزىرىدە خىلمۇخىل ناچار ئادەتلىرى ئادەتتىكى كىچىك ئىش تەرىقىسىدە بىلىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ شۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۇپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان پاسسپ تەسىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ئاتا-ئانىلاردىكى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، تازىلىققا ئېتىبار بەرمەسلىك قاتارلىق ئېتىبارسىز ئىللەتلەرنى بالىلار كۆرىدۇ، بۇ ئۇلارغا كۈندە يولۇقىدىغان كەيپىيات بولغاچقا، ئۇلار ئاستا-ئاستا ھالدا بۇخىل ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرىدۇ.
ئادەتتە بىز ئوقۇتقۇچىلار كۆرۇپلا مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدىغان بىرئىش بار، يەنى سىنىپتىكى شەخسىي تازىلىق ئادىتى ۋە ئاممىۋى تازىلىق قارىشى ناچار ئوقۇغۇچىنى بايقىغاندا مەسىلىنى شۇ بالا ئۆسۇپ يېتىلگەن ئائىلە مۇھىتىدىن كۆرىمىز،دەرۋەقە مۇتلەق كۆپىنچە ئەھۋال شۇنداق چىقىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بالىلارنىڭ ناچار ئادەتلىرى يەنىلا ئائىلىسىنى (ئاتا-ئانىسىنى)مەنبە قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.
5.ناچار تۇرمۇش ھەۋەسلىرى
تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى نۆۋەتتە بالىلار دۇنياسىدا يامراۋاتقان چېكىمللىككە، ئىچىملىككە، قىمارغا ...بېرىلىشتەك يامان خۇمارلارنىڭ بىرىنچى مەنبەسى يەنىلا ئائىلە بولۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇلارنىڭ زور كۆپلىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە بۇ خىل ناچار خۇمارلارغا ئاساس سالغان.
يۇقىرىقىلاردىن تاشقىرى، يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ لاپ ئېتىشقا ئامراق بولۇشى، يالغانچىلىقى، شەخسىيەتچىلىكى، ھەسەتخورلىقى…قاتارلىق ئىللەتلىرى ۋېرۇس سۈپىتىدە سەبىيلەرنىڭ پاك ئىچكى دۇنياسىنى زەھەرلەپ نابۇت قىلىدۇ.
شىركىتىمىزنىڭ ۋەدىسى شۇكى بىر باسقۇچتا ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە پۇلىڭىز تولۇق قايتۇرىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋاكالەتچى چاقىرىمىز !
شىركەت ئالاقە تېلفون نومۇرى:0991-8501233






