

ئادەمنىڭ ئۈچتىن بىر ئۈلۈش ئۆمرى ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، چۈنكى بىز كېچىسى ئۇخلايمىز، چۈشتە ئۇخلايمىز، ئەمما زادى قانچىمىز ئۇيقۇ مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىپ باقتۇق؟ بەزىلىرىمىز خورەك تارتىمىز، بەزىلىرىمىز چىشىمىزنى غۇچۇرلىتىمىز، يەنە بەزىلىرىمىز بىرنەرسىلەرنى قۇچاقلاپ ياكى كارىۋاتقا چاپلىشىپ ئۇخلايمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇ مەسىلىسى، بۇ مەسىلىلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

يېنىمىزدا ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ دۇنيادىن بىغەم ناھايىتى كۈچلۈك خورەك تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇلارنى ياستۇق بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ قويغىمىزلا كېلىدۇ بەلكىم. رىسالىلەردە مۇنداق بايان بار: «بۇرۇندىن چىقىدىغان غەلىتە ئاۋاز بۇرۇندا سۇيۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى، شۇڭا بۇنداق كېسىلى بار كىشىلەر بۇرۇننى نەمدەپ تۇرغىنى ياخشى».
بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭغا تېۋىپلارنىڭ جاۋابى مۇنداق: «بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزى جىگەر بىلەن ئۆت قاناللىرىدا، بۇ يەرلەرگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن، پەربۇن (柴胡) قايناتمىسىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، بىراق پەربۇن قاياناتمىسىنى ئۇزاق ئىچىشكە بولمايدۇ، ناۋادا ئۇزاق ئىچىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ئاشقازان بىلەن بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئاشقازاننىڭ ھۆللىكىنى، تالنىڭ ھۆللىكنى راۋانلاشتۇرىدىغان رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەيچوڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاشنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ».

دۈم ياكى بىر نەرسىلەرنى قۇچاقلاپ يېتىش
كارىۋاتقا چاپلىشىپ دۈم يېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس، يەنە قونچاق دېگەندەك نەرسىلەرنى قۇچاقلاپ يېتىشقا ئادەتلەنگەن، بەلكىم بۇنداق كىشىلەر ئۆزىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ مۇسبىيلىكى ئۇرغۇپ تۇرمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، گەپنىڭ نېگىزىنى قىلغاندا، بۇ ئۇلارغا كۆكرەك سىقىلىش، يۈرەك قالايمىقان سوقۇش كېسىلى چاپلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ تېۋىپلارنىڭ جاۋابى مۇنداق: «ئادەتتە كەيپىياتىنىڭ نورمال بولۇشىغا دىققەت قىلىش، نېيگۈەن (内关) پەللىسىگە ئەمەن بىلەن داغلاشنى سىناپ بېقىش ياكى دارچىن شېخى (艾灸( بىلەن قورۇلغان چۈچۈكبۇيا (炙甘草) دىن 10 گىرامدىن ئېلىپ چاي دەملەپ ئىچىش كېرەك».

پۇت ۋە قولنى تۈگۈپ ئۇخلاش
نېمىشقا پۇت ۋە قول دائىم توڭلايدۇ؟ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىسسىق ئۆتكۈزسىمۇ ئىسسىمايدۇ؟ نېمىشقا كارىۋاتتا پۇت ۋە قولنى تۈگۈپ ياتىمىز؟ بۇنداق ئەھۋال كۆپ ھاللاردا ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى، روھىي كەيپىياتنىڭ تىرەكلىك رولى جايىدا بولماسلىق، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇت ۋە قوللارنى ئىللىتىشقا كۈچىيەلمەيۋاتقانلىقىدىن.
تېۋىپلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كۈندە سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇپلا زەنجىۋىل + چوڭ چىلان + قارا شېكەر قايناتمىسىنى ئىچىپ بەرسە، بەدەننىڭ مۇسپىيلىكىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ».

ئۇخلاۋاتقاندا قالايمىقان جۆيلۈش، چىشنى غۇچۇرلىتىش قولدىكى يۈرەك قانىلىنى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەنلىكنىڭ بېشارىتى، پەقەت يۈرەككە تولۇق نەملىك يەتكۈزۈپ پەرۋىش قىلغاندىلا، ئاندىن يۈرەك كەيپىياتنى ھەقىقىي تەڭشەپ، روھنى ئۇرغۇتالايدۇ، بولمىسا يۈرەك قاناللىرىنى ئىسسىق قاپلاپ، ئۇخلىغاندىن كېيىن يۈرەك قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدۇ - دە، جۆيلۈيدىغان، چىشنى غۇچۇرلىتىدىغان، ھەتتا ئەھۋال ئېغىرلاشسا، ئۇخلاۋېتىپ ماڭىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. گەپنى يىغقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەككە تالىق ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەر.
بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ تېۋىپلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «قولدىكى يۈرەك قاناللىرىنى ئىسسىق قاپلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتە يۈرەكنىڭ ئۇزاقتىن بۇرۇن ھۆللۈككە تولۇق ئېرىشەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلماي بولمايدۇ، بولمىسا ئىسسىق قاپلايدىغان ئىش بولۇپ، كۆكرەك بىئارام بولىدىغان ۋە كىچىك تەرەت سارغىيىپ كېتىدىغان ئالامەت كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كېسەلنى داۋالاشتا كونكرېت كېسەللىك ئەھۋالىغا بېقىپ، مۇۋاپىق رېتسېپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى <تومۇرنىڭ سوقۇشىغا كۆڭۈل قويۇپ، كېسەلنىڭ يىلتىزىنى تېپىش، كېسەلنىڭ رايىغا بېقىپ داۋالاش> پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرماي بولمايدۇ».

بۇ مەسىلىگە تېۋىپلار مۇنداق دىياگنوز قويدى: «كېچىسى دائىم سائەت 1:00 دىن 3:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ ئويغانسا، شۇنداقلا ئويغىنىپلا ھاجەتكە تۇرسا، ئۇنداقتا جىگەر بىلەن ئۆتكە دىققەت قىلماي بولمايدۇ؛ ئەگەر دائىم سائەت 3:00 تىن 5:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ ئويغانسا، ئويغىنىپلا ھاجەتكە تۇرسا، ئۇنداقتا ئۆپكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلەرنى ئويلىشىش كېرەك».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تۇرپان ئۈزۈمىدىن تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن «ئەڭگۈشتەر قان+قۇۋۋەت »جەۋھىرى






