
كەيپىياتىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇڭ

ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ ئىپادىسى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ قوللانغان ھەرىكەت ئىنكاسىنى كۆرسىتىدۇ. كەيپىيات ئاكتىپ كەيپىيات ۋە پاسسىپ كەيپىيات دەپ ئايرىلىدۇ، ئاكتىپ كەيپىيات كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى بىر خىل ئىچكى قوزغاتقۇچ كۈچ بولۇپ، ئادەمنى يۇقىرى ئۆرلەشكە ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر قانداق دورا ۋە يېمەك ئىچمەك دەسسىيەلمەيدۇ، ئۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. پاسسىپ كەيپىيات ئادەمنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەرىكەت جەھەتتىكى ئېزىلەڭگۈلۈك ۋە روھىي جەھەتتىكى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۆز ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بىلىش دائىرىسىنى تارايتىۋېتىدۇ. نورمال ھەرىكەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىۋىتىدۇ، يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پاسسىپ، ناچار كەيپىيات ئادەمگە ئىنتايىن زور زىيان زەخمەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، پاسسىپ كەيپىياتى غەم ئەندىشە قىلىش، غەزەپلىنىش، ئەنسىرەش، قورقۇش، ئۆچمەنلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غەزەپلىنىش ئوڭاي كونترول قىلغىلى بولمايدىغان پاسسىپ كەيپىيات ھېسابلىنىدۇ، ئۇ زىددىيەتنىڭ ئۇلغىيىشى بىلەن پەيدا بولۇپ، بەئەينى يانار تاغ ئىچىدە ئولتۇرغاندەك ئادەمنىڭ پۈتكۈل بەدىنىنى قىزىتىپ، يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، ئېتىلىپ چىققان ۋولقانغا ئوخشاش پارتلايدۇ-دە، ئاخىرىغا بېرىپ جەڭگە جېدەل ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت جەڭگە جېدەل ئىچىدە غايىپ بولۇپ، ئادالەت غەزەپلىنىش داۋامىدا شەكىلنى ئۆزگەرتىدۇ.
غەزەپلىنىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى تۈگىتىش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا غەزەپلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۈز بېرىشنى كونترول قىلىشىمىز لازىم.

غىدىقلىنىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ:
ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان كەيپىياتقا يولۇقسىڭىز، ئىلاجى بىر ئامال تېپىپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرالىسىڭىز، زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلەشىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، غەزەپلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۈز بېرىشنى خالى بولالايسىز.
غىدىقلىنىشنى باشقا ياققا بۇراڭ:
ئادەم غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا چوڭ مېڭە قاتلىمىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك قوزغىلىش ئوچىقى يول كۆرسىتىپ، غەزەپنى بارغانسېرى كۈچەيتىدۇ، ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا نىشاننى يۆتكەش ئىمكانىيىتى بولسا دەرھال چوڭ مېڭە قاتلىمىدا يەنە بىر قوزغىتىش ئوچىقى ياساپ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى قوزغىتىش ئوچىقىنىڭ رولىنى يوقىتىش لازىم. ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ئەڭ ياخشىسى يۆتكەش چارىسىنى قوللىنىپ، كەيپىياتنى تىزگىنلەش لازىم، ۋاقتىنچە نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئۆزىگە ھاي بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش لازىم. مەسىلەن، ئۆيدىن تالاغا چىقىپ بىردەم تۇرۇۋېلىش، يىراقتىكى مەنزىرىلەرگە قاراش، شامالداش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ياكى ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئويلاش لازىم، ۋەھاكازالار.
غەزەپلەنگەنلىكىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىڭ:
غەزىپىڭىز كېلىدىغان بىرەر ئىشقا يولۇققاندا، كۆڭلىڭىزدىكى نارازىلىق ۋە پىكرىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەزىپىڭىزگە ھاي بېرىڭ.
ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ:
ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى غەزەپ خۇددى قەرەللىك پارتلايدىغان بومبىغا ئوخشاش، ھەر دائىم پارتلاش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كۈچ جاسارەت كۈچىگە تايىنىپ كەيپىياتىڭىزنىڭ ئىنكاس بېرىپ قېلىشنى ئىمكان قەدەر ئاستىلىتىڭ. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان «ئەۋلىيا» ئەمەس، دائىم ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ ۋە ئۇلارنى چۈشىنىپ، مەسىلىلەرنى ئەقىل بىلەن ھەل قىلالىسىڭىز، ناچار كەيپىياتىڭىز پەسكويغا چۈشىدۇ.

ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئۆز كەيپىياتىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇڭ:
ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ئالدى بىلەن تىلىڭىزنى ئاغزىڭىزدا ئون قېتىم ئايلاندۇرۇپ ئاچچىقلىنىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئۈچ نەرسىنى يەنى ئاچچىقلىشىمنىڭ داۋلىسى بارمۇ يوق؟ ئاچچىقلىغاندىن كېيىن قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ؟ مېنىڭ ئاچچىقىمنى چىقىرىدىغان باشقا ئادەملەر بارمۇ يوق؟ دېگەنلەرنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كەيپىياتىڭىز پەسكويغا چۈشىدۇ.
كەيپىياتنى تەڭشەش بىر خىل سەنئەت، ناچار كەيپىيات يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بىز ئۇنى مۇۋاپىق شەكىل بىلەن بىر تەرەپ قىلساقلا، كەيپىياتنىڭ تىزگىنلىشىگە چۈشۈپ قالمايمىز.
manba:nur.cn









