大数跨境

ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە

ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە Angguxtar1
2017-11-28
0
导读:سېنى سۆيىمەن_ۋەتىنىم جۇڭگو

ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە

    خەلق ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولسىلا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى بىر مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا شان - شەرەپ دەپ بىلىدىغان بولسۇن.

      ــ شۈ تېلى

    مەيلى بىلىم نەدىلا بولسۇن ئۆگەن، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن تىرىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتىنىڭنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ياتلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمايدىغان، يەر شارىدا پۇت دەسسەپ تۇرىدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك.

     ـــ جەن تيەنيۇ


    پەقەت خەلقنىڭ روھىنىلا قىممەتلەشكە ئەرزىيدۇ، پەقەت خەلقنىڭ روھى نۇرلاندۇرۇلسىلا، ۋەتەن تەرەققىي تاپىدۇ.

      ــ لۇ شۈن

    ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلسە گەر ئاپەت، سەرخىل ئەرلەر تۇرشاۋۇل ئەبەد.

      ــ چېن يى


    مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، مەن خەلقىمنى سۆيىمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلسام، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئايرىلسام، مەن مەۋجۇت بولالمايمەن، ئىجادىيىتىم مەڭگۈلۈك خارابلىشىدۇ.

     ــ با جىن


    مەن دەۋاتقان جۇمھۇرىيەتنىڭ گۈزەل پەزىلىتى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كۆرسىتىدۇ، باراۋەرلىكنى مەزمۇن قىلىدۇ؛ ئۇ ھەرگىزمۇ ئەخلاقى نۇقتىدىكى پەزىلەتلا ئەمەس، بەلكى يەنە سىياسىي جەھەتتىكى پەزىلەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ــ مۇنتېسكيۇ


    ۋەتەنپەرۋەرلىك ماھىيەتتە بىر خىل ئەڭ پاك، ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ قەيسەر، ئەڭ ئىللىق، ئاڭ مۇھەببەتلىك، ئەڭ مېھىرلىك، ئەڭ كەسكىن ھېسسىيات. ۋەتىنىنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەم ئېنىقكى، ھەرقايسى تەرەپتىن يېتىلگەن دۇرۇس ئادەمدۇر.

    ــ سوخۇملىنىسكى

    مۇھەممەد تۇرسۇن تەرجىمىسى

سېنى سۆيىمەن_ ۋەتىنىم جۇڭگو



【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 0
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读0
粉丝0
内容0