
يېمەك ئىچمەك ئارقىلىق سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
سۈيدۈكتىكى كالتسىي، ئوكسالىك كىسلاتا، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىق ئېرىشچان ماددىلار ئېشىپ كەتكەندە ياكى سۈيدۈك مىقدارى ئازايغاندا سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشىدۇ. تۇرمۇشتىكى يېمەك – ئىچمەك ئادەتلىرىگە دىققەت قىلغاندا سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش
سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىچىدىغان قايناق سۇنىڭ مىقدارى تۆت لىتىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغاندا سۈيدۈك مىقدارىنىڭ 2 – 2.5 لىتىرگىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. قايناق سۇنى كۆپ ئىچكەندە سۈيدۈكنى ھەيدەپ، تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سۈتتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش
كالا سۈتى، ئىرىمچىك، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، بېلىق گۈشى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا كالتسىي مىقدارىغا كاپالەتلىك قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر يېمەكلىكتىكى كالتسىي مىقدارى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولسا، ئۈچەي يوللىرىدا ئوكسالىك كىسلاتانىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈيدۈكتىكى ئوكسالىك كىسلاتانىڭ سىرتقا چىقىشىنى كۆپەيتىدۇ. سۈيدۈكتىكى كالتسىي ئوكسالات كۆپەيگەندىن كېيىن ئاسانلا توپلىنىپ كالتسىي ئوكسالات تېشى پەيدا بولىدۇ.
پالەكنى ئاز يېيىش
پالەك تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كاللەكبەسەي، ئۆرۈك مېغىزى، يەر ياڭىقى، قىزىلچا ۋە قىزىل چاي قاتارلىقلاردىمۇ ئوكسالىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
گۆشنى ئاز يېيىش
يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر سۈيدۈكتىكى كالتسىي ۋە ئوكسالىك كىسلاتا تۇزىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى ئاشۇرۇپ، سۈيدۈكنى سىرتقا چىقىرىدىغان سىترىك كىسلاتاسىنى ئازايتىدۇ ھەمدە سۈيدۈكتە كىسلاتا پەيدا قىلىدۇ. بۇلار ئاسانلا سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋاناتلارنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرى، ساردىنا بېلىقى، ئانچوئۇس بېلىقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە پۇرېن يۇقىرى بولۇپ، پۇرېن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. سۈيدۈك كىسلاتاسى سۈيدۈكتىكى ئوكسالىك كىسلاتاسىنىڭ تىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ.
ۋىتامىن Cنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش
ۋىتامىن C تەبىئىي ھالدا ئوكسالىك كىسلاتانى شەكىللەندۈرىدۇ، ۋىتامىن Cنى ئىچكەندىن كېيىن، سۈيدۈكتىكى ئوكسالىك كىسلاتانىڭ مىقدارى ئېشىپ، كالتسىي ئوكسالاتنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ مۇناسىپ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كالتسىي ئوكسالاتلىق تاش چۈشكەن ئاغرىقلارنىڭ كۈندىلىك ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش مىقدارى بىر گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز،ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست بۇراردەرلىرىڭىزنىمۇ ساغلاملىق توغرىسىدىكى نادىر مەزمۇنلاردىن ھەمبەھىرلەنسۇن دېسىڭىز بۇ تېمىنى دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاشنى ئۇنۇتماڭ!

شىنجاڭ يېشىل زىمىن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەڭگۈشتەر سالونى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە بەخت،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيدۇ...!






