大数跨境

جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئايلىنىپ قېلىشىتىن ساقلىنىڭ

جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئايلىنىپ قېلىشىتىن ساقلىنىڭ Angguxtar1
2020-05-20
2
导读:جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئايلىنىپ قېلىشىتىن ساقلىنىڭ

جىگەر راكى پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، كۆپ قىسىم جىگەر راكى بىمارلىرى دەل جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا ۋاقتىدا ئېتىبار بەرمىگەنلىكتىن، ۋاقتىدا داۋالانمىغانلىقتىن جىگەر ياللۇغى جىگەر راكىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا جىگەردە ياللۇغ كۆرۈنگەن ھامان داۋالاش، كۆزىتىش ناھايىتى مۇھىم، ئۇنداقتا جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىش

مەيلى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇڭ ئالدى بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى ئۇنۇتماڭ، دوختۇرلار مۇۋاپىق بولغان داۋالاش تەدبىرلىرىنى كۆرسەتكەندە ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىڭ. جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىمۇ ھەم شۇنداق، ھەرگىزمۇ كىچىك ياللۇغ ئىكەنغۇ دەپ تاشلاپ قويماڭ. جىگەر ياللۇغى ۋاقتىدا داۋالانمىغاندا ئاسانلا جىگەر راكىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا داۋالاشقا سەل قارىماڭ.

جىگەرگە زىيانلىق ئادەتلەرنى ۋاقتىدا توختىتىش

جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋاقتىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە مۇۋاپىق، ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك، ئارام ئېلىش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش، كېچىسى تۈنىمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەن چېنىقتۇرۇشتەك ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك.

قەرەللىك تەكشۈرتۈشنى ئۇنۇتماسلىق

جىگەر ياللۇغى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغاندىن كېيىن بەدەندە ئارتۇق بىئارامچىلىقلار پەيدا بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا كۆپ قىسىم كىشىلەر ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، گەرچە جىگەر ياللۇغى كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا قەرەللىك تەكشۈرتۈش قىلىپ تۇرۇش بەكمۇ مۇھىم.


【声明】内容源于网络
0
0
Angguxtar1
ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
内容 111
粉丝 0
Angguxtar1 ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى، ئوزۇقلىنىش بىلىملىرى، پىسخىكا بىلىملىرى ۋە نادىر ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
总阅读45
粉丝0
内容111