搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
بايلارنىڭ بىز بىلمەيدىغان ياشاش ئادەتلىرى -1
>
بايلارنىڭ بىز بىلمەيدىغان ياشاش ئادەتلىرى -1
Tepekkur
2021-02-11
2
导读:بايلار بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ قىلمىشىدىكى پەرىقى نىمە؟
مەن 5 يىل جەريانىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجەمنى بۇ كىتاب ئارقىلىق سىز بىلەن تەڭ ئورتاقلىشماقچى.
بايلار بىلەن كەمبەغەللەرنىڭ قىلمىشىدىكى پەرىقى نىمە؟
بايلارنىڭ ياشاشتىكى بەزى ئادەتلىرى ئۇلارنى باي بۇلۇش يولىغا باشلاپ ماڭغان،
شۇ ئادەتلەر قايسى ئادەتلەر؟
01
بايلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە بەكىرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؛
76% بايلار ھەر ھەپتىسى ئاز دىگەندە 4 كۈندە ھەر كۈنى 20-30 مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ چېنىقىدۇ.
مەسىلەن: يۈرگۈرەش، مېڭىش، ۋېلسىپىت مىنىش، سۇ چۈمۈلۈش، يوگا ھەركىتى قاتارلىقلار ، يۈگۈرۈش، مېڭىش ياكى يوگا ھەركىتى قاتارلىقلارغا پۇل كەتمەيدۇ، بۇنداق چېنىقىشلارنى ھەرقانداق ئادەم قىلالايدۇ.
75
%
بايلار ئەخلەت يىمەكلىك يىمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق يىمەكلىكنىڭ سىمىزلىك قاتارلىق ساغلاملىققا تەسىر قىلدىغان كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاننى بىلىدۇ.
02
بايلار كىتاب ئوقۇيدۇ؛
بايلارنىڭ ئىچىدە %85 بايلار ھەر ئايدا ئاز دىگەندە 2 كىتابنى ئوقۇپ تۈگۈتىدۇ، %88 تى ھەر كۈندە ئاز دىگەندە 30 مىونت ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇشقا ئاجىرتىدۇ.
ئۇلار نىمە ئوقۇيدۇ؟
51
%
تى تارىخ، %55 ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش، %58 تى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تەرجىمھالى، %79 تى ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى كۆرىدۇ.
03
بايلار ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەيدۇ؛
86% بايلار ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى بىلەن بىر گەپكە كىلەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
04
بايلار قارار چىقارغۇچى؛
91% بايلار ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە ئىگىلىكىگە ئۆزى قارار چىقىرىدۇ.
ئۇلار تېز سۈرئەتتە قارار چىقىرىشقا ماھىر ھەمدە قارار چىقارغاندىن كىيىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتنى قۇبۇل قىلالايدۇ.
ئۇلار بىرەر ئىشقا تېزدىن ھەركەتكە كىلىدۇ، ئارتۇقچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ.
05
بايلار ئەدەپ-ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛
75% بايلار ھەرئىشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.
ھەر بايرام، تۇغۇلغان كۈن ياكى باشقا ئالاھىدە ۋاقىتتا باشقىلارغا مىننەتدارلىق ۋە رەھمىتىنى تېلىفون ياكى خەت-كارتا ئارقىلىق كۆڭلىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار " مەرھەمەت، رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم، قىلسام بولامدۇ ... " دىگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
ئۇلار باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ.
ئۇلار ئۆزى چوڭ كۆرگەن، كۆيۈنگەن ئادەملىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈن،خاتىرلىك كۈنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم كۈنلەرنى چوقۇم ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ.
ئۇلار ھەرگىز باشقىلارنى تەنقىتلىمەيدۇ، تاپە-تەنە قىلمايدۇ، ئۆسەك سۆز تارقاتمايدۇ، باشقىلارغا قاھشىمايدۇ.
06
بايلار ھاياتى كۈچكە تولغان كىلىدۇ؛
82% بايلار ھەر ۋاقىت ئۆزى قىزىققان ئىشلارنى قىلىدۇ.
قىزىقىش خۇددى بىر كۇنۇپكا، بۇ كۇنۇپكا بېسىلغان ھامان كىشىلەر زېرىكمەي، تېرىكمەي ئىشىنى باشقا ئەپ چىقالايدۇ. بىر ئىشقا بەل قويۋەتمەسلىك غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ بىرىنچى چوڭ ئالاھىدىلىكى.
07
بايلار نىشاننى بەلگىلەيدۇ ۋە چوڭ نىشان ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛
55% بايلار بىر مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە بىر يىل ۋاقتىنى سەرىپ قىلىدۇ.
08
بايلار ياق دىيىشنى بىلىدۇ؛
بايلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا، نىشانىغا ۋە ئارزۇسىغا تەسىر قىلدىغان، توسالغۇ بولىدىغان ئىش ياكى ئادەملەرگە ياق دىيىشنى بىلىدۇ، بۇ ھەم بايلارنىڭ بىر مۇھىم ئادىتى.
باشقىلارنى رەت قىلىش ھەقىقەتەن تەس، بۇلۇپمۇ يېقىن ئادەملىرىمىزنى ، لېكىن بايلار دائىم مۇشۇ ئادىتى ئارقىلىق ۋاقتىنى ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ ماڭالايدۇ.
09
بايلار ئەزەلدىن ئۆسەك سۆز تارقاتمايدۇ، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايدۇ؛
84% بايلار ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايدۇ.
غەيۋەت ۋە ئۆسەك سۆزنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ، ياخشى كەيپىيات ھاسىل قىلمايدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان ۋە كۆڭۈل ئاغىرىقى ئېلىپ كىلىدۇ.
بايلار مۇقۇم بولغان جەمئىيەت مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇشقا ئامىراق، شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆسەك سۆز ۋە غەيۋەتتىن كىسەلدىن قورققاندەك يىراق تۇرىدۇ.
10
بايلار باشقىلارغا تۇغۇلغان كۈنىدە بەخىت تىلەيدىغان تەبرىك تېلىفونىنى قىلىپ تۇرىدۇ؛
80% بايلار ئۆزى چوڭ كۆرگەن كىشىلەرگە تېلىفون ئۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلەيدۇ ۋە بەخىت تىلەيدۇ.
تۇغۇلغان كۈنلۈك تېلىفون ئەمەلىيەتتە باشقىلار بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغان مۇھىم باغلىغۇچ.
سىزنىڭ بۇنداق تېلىفونىڭىزنى قۇبۇل قىلغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە %25 تى چوقۇم سىزگە گەپ قايتۇرىدۇ، بۇنداق سۆز قايتۇرغان دوستلىرىڭىز بىلەن سىزنىڭ مۇناسىۋىتىڭىز ئادەتتە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
11
بايلار باشقىلارغا تېلىفون قىلىپ سالام يوللايدۇ؛
80% بايلار ئۆزى مۇھىم كۆرگەن ۋە مۇقۇم ئالاقە مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولغان ئادەملەرگە تېلىفون ئۇرۇپ سالام يوللاپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە پايدىلىق بولغان كىشى ياكى ئىشلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ.
12
بايلار ئۆزى دىققەت قىلغان ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ۋاقىت ۋە ئىشلارغا تېلىفون ئۇرۇش ئارقىلىق دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ؛
مەسىلەن: شۇلارنىڭ ئۆيىدە يېڭى بالا تۇغۇلغان بولسا، مەنسىپى ئۆسكەن بولسا، كىرىمى يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن بولسا تېلىفون ئۇرۇپ تەبرىكلەيدۇ.
بۇنداق قىلغاندا، قارشى تەرەپ بىلەن ھىسىياتتا بىرلىككە كىلەلەيدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇقۇم بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم پەيىتلەردە تېلىفون قىلىش كىشىلىك مۇناسىۋەتنى يېقىن قىلىشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى.
13
بايلار ھەر بىر ئېغىز گەپنى ئويلىشىپ قىلىدۇ؛
94% بايلار كۆڭىلدىكى ئويلىغاننىڭ ھەممىسىنى دىمەيدۇ.
ئۇلار ھەربىر گەپ قىلغىچە چوقۇم يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىدۇ.
ئۇلار ھەربىر ئويلىغان خىيالىغا تەپەككۈر قىلىدۇ ۋە گۇرۇپلايدۇ، بۇلۇپمۇ مۇھىم ئىشلاردا پىكىرلەشكەندە ئامال بار ئۈنۈملۈك بۇلۇشقا كۈچەيدۇ.
خوش ، بۈگۈنكى ساندىكى بايلارنىڭ ياشاش ئادەتلىرىدىكى " بايلارنىڭ ياشاشتىكى بەزى ئادەتلىرى ئۇلارنى باي بۇلۇش يولىغا باشلاپ ماڭغان، شۇ ئادەتلەر قايسى ئادەتلەر؟" دىگەن نۇقتىنى سۆزلەپ بولدۇم.
ئەمدى كىلەر ساندا، كۆپچىلىك بىلەن بۇ كىتابتا يېزىلغان " بايلار ھەر ئىشقا يۇلۇققاندا قانداق تەپەككۈر قىلىدۇ شۇ توغرىسىدا قىسقىغىنە بەھرىلىنىپ ئۆتىمەن".
يۇقارقى مەزمۇن ئاپتۇرنىڭ ئەجىرى، باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا بولمايدۇ، ئەگەر ئەسلى كىتاب نۇسخىسىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، سالونىمىزغا سۆز قالدۇرۇڭ. رەھمەت سىزگە.
【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容
9
粉丝
0
关注
在线咨询
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读
3
粉丝
0
内容
9