搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئەقلىلىق ئادەملەرنىڭ 100 ھەسسە تېز ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى
>
ئەقلىلىق ئادەملەرنىڭ 100 ھەسسە تېز ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى
Tepekkur
2020-11-21
0
导读:باشقىلاردىن 100 ھەسسە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا يەتكۈڭىز بارمۇ؟
ئەڭ ياخشى ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى
ياخشىمۇسىلەر كۆپچىلىك، تەپەككۈرىڭىز بىلەن ياشاڭ!
يېقىندا، توردا غۇلغۇلا قوزغىغان بولغان بىر خەۋەر بار:
يەنى ئامېركىدىكى سىتوياڭ دىگەن بىر ئوقۇغۇچى داڭلىق ئالىي مەكتەپتىكى 4 يىلدا ئاران تۈگەتكىلى بولدىغان 33 پەن دەرىسلىكنى 12 ئاينىڭ ئىچىدە تۈگۈتۈپ بولغان ۋە لاياقەتلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن.
بۈگۈن دەل مۇشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلەتكەن ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەنمەكچى.
تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ، بۇ بىر نورمال ئادەمنىڭ بىلىملەرنى ئەستە تۇتۇپ قېلىش دەرىجە رەسىمى:
رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بىز ئادەتتە پەقەتلا ئاڭلاش دىگەندەك 4 خىل پاسسىپ ھالەتتە ئۈگەنسەك، ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر قېتىمدا بىر ئىشنىڭ ئاران 3/1 قىسىمىنىلا ئۈگۈنەلەيمىز.
خۇددى تۆۋەندىكىدەك:
كەتمەننى مۇنداق چاپىساڭ توغرا بولىدۇ دىگەن؛
ماشىنىنى مۇنداق ھەيدىسە بىخەتەر بولىدۇ دىگەن؛
ئۇستام ماۋۇ ۋېنتىنى بۇ يەرگە قوي دىگەن؛
ئۇستام گۆشنى مۇنداق كەسسەڭ توغرا بولىدۇ دىگەن؛
ئۇستام خېمىرنى مۇنداق يۇغۇرساڭ بولىدۇ دىگەن؛
ئۇستام سىرنىڭ رەڭگىنى مۇنداق تەڭشەيسەن دىگەن؛
ئۇستام توك يولىنى مۇنداق ئوڭشايسەن دىگەن؛
باشلىق مۇنداق قىلساڭ بولىدۇ دىگەن؛
لېكىن، باشقىلارغا ئۈگۈتۈپ قويغۇچى ئورنىدا بىر بىلىمنى ئۈگەنسەك، بولدى، بىر قېتىمدىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئىگەللەپ، تورمۇش ياكى خىزمىتىمىزدە ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە ئۆتىمىز.
مۇشۇنچىلىك ئاددىي!
كۆپىنچە ئادەملەر باشقىلارغا ئۈگۈتۈشنى ئەمەس، پەقەتلا ئۆزەم ئىشلىتالىغىدەك ئۈگەنسەم بولدىغۇ دەپلا ئۈگۈنىدۇ.
ئەمما، شۇ ئۈگەنگەن ۋاقتىدا بەلكىم ئۈگەنگەندەك بولىدۇيۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇپ قالىدۇ. كىيىنچۇ، يەنە ئوخشاش ئىش ئۇچۇراپ قالسا، ئاددىي ئىش بولسىغۇ مەيلى، سەل مۇرەككەپ ئىش بولۇپ قالسا، قايتىدىن يەنە ئۈگۈنىدۇ.
مانا بۇ دۇنىيادىكى %95 ئادەملەرنىڭ ئۈگۈنۈشتە ئورتاق تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى.
شۇڭلاشقىمۇ ،
بەزىلەر ھىچقانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەي، بىر ئۆمۈر پەقەتلا ئادەتتىكى ئادەم بۇلۇپ ئۆتەپ كىتىدۇ.
بەزىلەر ئۆزىدىن كىچىك بالىغا شاگىرت بۇلۇپ ئىشلەيدۇ؛
بەزىلەرگە بىر ئىشنى 10 قېتىم ئۈگەتسىڭىزمۇ، ئوخشاشلا قىلالمايدۇ؛
ئەمدى،
مەيلى تۇرمۇشىڭىزدا بولسۇن، سودا ياكى كەسپىڭىزدە بولسۇن، ياخشى نەتىجىگە ئاسانلا ئېرىشىمەن دەپ ئويلىغانلا بولسىڭىز....
تۆۋەندىكى ئەڭ مۇھىم بولغان تۆت جۈملە سۆزنى ئادىتىڭىزغا ئايلاندۇرۇڭ!
بىرىنچىسى، زادى نىمە ئۈگۈنىۋاتىمەن؟
دوراش ئەمەس نېگىزىنى ئۈگۈنۈش
مەسىلەن: مەن ماشىنا رىمونىتچىلىقىنى ئۈگەنمەكچى، ماشىنا رىمونىتچىلىقىدا ئۈگۈنىدىغان نىمە نەرسىلەر بار؟ ئالدى بىلەن قايسدىن باشلاپ ئۈگەنسەم توغرا بولىدۇ؟
ئىككىنچىسى، باشقىلارغا ئۈگىتەلەمدىم؟
ئۈگەنگەن ھۈنەرنى ئۆزەم ئىشلىتىشلا ئەمەس، باشقىلارغا ئۈگۈتەلەمدىم.
مەسىلەن: قانداق ئۈگەنسەم كىيىن شاگىرتىمنى تېز سۈرئەتتە تەربىيلەپ چىقالايمەن؟ شاگىرتىمغا نىمىلەرنى ئۈگۈتىشىم كېرەك؟
ئۈچۈنچىسى، ئۈگەتسەم چۈشەندىمۇ؟
شاگىرتىمغا قانداق چۈشەندۈرسەم شاگىرتىم مەندەك ئۈگۈنۈپلا ئىشلىتەلەيدۇ
؟
مەسىلەن: ھازىر بىرسىغا سۆزلىسەم ئەگەر چۈشەنمىسە قايسى جايلارغا دىققەت قىلىشىم كېرەك؟ ئۆزەم تۇلۇق چۈشەندىممۇ؟
تۆتىنچىسى، ئەڭ ئاددىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرەلىدىممۇ؟
8 ياشلىق كىچىك بالا ياكى 75 ياشلىق موماي چۈشەنگىدەك ئاددىي تۇرمۇشتىكى سۆزلۈكلەر بىلەن ئۈگىتەلىدىممۇ؟
مەسىلەن: شاگىرتىم خەتنىمۇ تۇنىمايدىغان بىر بالا، شۇنىڭغا ئۆزىنىڭ چۈشۈنەلەيدىغان تىلى بويىچە قانداق چۈشەندۈرۈپ سۆزلىسەم بولىدۇ؟ كەسلپىي سۆزلۈكلەرنى شۇ بالا چۈشۈندىغان ئادەتتىكى سۆزلۈكلەرگە قانداق ئايلاندۇرسام بولىدۇ؟
راست گەپ قىلسام ، بۇ 4 نۇقتا بويىچە بىرە بىلىمنى ئىگەللەشنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا، چاتاق يوق، ئەنسىرمەي ئۇنۋىرسىتلارغا بېرىپ دەرىس ئۆتسىڭىزمۇ چانمايسىز.
خەيرى، كۆپچىلىك كىلەر ساندا كۆرىشىلى
ھۆرمەت بىلەن شىرزات
【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容
9
粉丝
0
关注
在线咨询
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读
3
粉丝
0
内容
9