大数跨境

بىز ئۇنتۇپ قالغان 5 ياشلىق ۋاقتىمىزدىكى تەپەككۈر

بىز ئۇنتۇپ قالغان 5 ياشلىق ۋاقتىمىزدىكى تەپەككۈر Tepekkur
2020-09-12
1
导读:سودىغا قىزىقسىڭىز، تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ!

ياخشىمۇسىلەر كۆپچىلىك، تەپەككۈر بىلىم رايونىغا مەرھابا!
بۈگۈن كۆپچىلىككە تەپپەككۈر دىگەن بۇ ئاڭلىماققا مۈجىمەل، ئەمما 5 ياشلىق بالىدىمۇ بار بولغان ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاددىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ سودىدىمۇ توغرا تەپەككۈر ئۇسۇلى ئارقىلىق، يولۇققان مەسىللىرىنى ھەل قىلىشنى ئۈگۈتۈپ قويماقچى. 
كۆپچىلىك تەپەككۈرنى ئىشلىتىدىغان ئادەملەر بىلەن ئىشلەتمەيدىغان ئادەملەرنىڭ پەرىقىنى بىلەمسىلەر؟
بىلمىسەڭلار، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ.

شۇڭلاشقا، مۇستەقىل تەپەككۈر قىلىشنى بىلدىغانلار قالتىس ئادەم باي ئادەم بولالايدۇ، قىلالمايدىغانلار قويدەك نەگە ھەيدىسە شۇ يەرگە مېڭىشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ.
ئەمما كۆپچىلىك، تەپەككۈر دىگەن بۇ ئۇقۇم ئۇنچىلىك تەس ئۇقۇم ئەمەس!
ئەمەلىيەتتە، سىزمۇ شۇ قالتىس ۋە باي ئادەملەرگە ئوخشاش تەپەككۈر قىلالايسىز.
نىمە ئۈچۈن دەمسىز؟
چۈنكى، سىزدىمۇ 5 ياش ۋاقتىڭىزدىلا شۇ بايۋەتچىلەرگە ئوخشاش "تەپەككۈر" شەكىللىنىپ بولغان، سىز كىيىن ئىشلەتمىدىڭىز خالاس.
بۈگۈن بىز 5 ياشلىق ۋاقتىمىزدىكى تەپەككۈر ئۇسۇلىنى قايتا چۈشۈنۈپ چىقىش ئارقىلىق، ھازىرقى سودىمىزدا يۇلۇققان مەسسىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈنۈپ چىقساق قانداق؟
ئەمەلىيەتتە مەيلى چوڭ سودا قىلالايدىغان بايۋەتچىلەر بولسۇن ياكى ھەقىقىي پىرافىسور، دوكتورلار بولسۇن، ئۇلار مەسىلىگە يۇلۇققاندىكى « ئوي خىيالى » يەنى تەپەككۈرى پەقەتلا تۆۋەندىكى 3 چوڭ قەدەمدە.

بۇ 3 چوڭ قەدەمنى ھەرگىز مۇرەككەپ كۆرمەڭ. 
مەسىلەن، 5 ياشلىق بالىنى مىسال قىلىپ بۇ 3 قەدەمنى چۈشەنسەك شۇنداق ئاسان.
بىرىنچىسى، تۈرگە ئايرىش
5 ياشلىق بالىغا ئاچچىق نەرسە يىگۈزۈپ تاتلىقمۇ ئاچچىقمۇ دەپ سورىسىڭىز، ئاچچىق دىگىنى شۇ بالىنىڭ تەمنى تۈرگە ئايرىغېنى؛
ئىككىنچىسى، گۇرۇپىغا بۈلۈش
5 ياشلىق بالىغا بىز يەيدىغان گۆشلەرنى دەپ باقە دىسىڭىز، توخو گۆشى، قوي گۆشى، كالا گۆشى، ئات گۆشى دەپ تىزىپ دەپ بېرەلەيدۇ. مانا بۇ 5 ياشلىق بالىنىڭ گۆشلەرنى گۇرۇپىغا ئايرىغىنى؛
ئۈچۈنچىسى، مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش
5 ياشلىق بالا چوڭلارنى داداش، ئاپاش، تەڭ-تۈشلەرنى دوستۇم، كىچىكلەرنى ئۇكام دىيىشى دەل شۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئېنىق ئايرىشى؛
ئاسانمىكەن. 
ئەمەلىيەتتە تەپەككۈر دىگەن ئۇقۇم ئۇنچىلىك تەس ئۇقۇم ئەمەس.
ئەمما، ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئۇچۇرغان ئىشلار مۇرەككەپلەشكەنسىرى، ئەسلىدە ئۆزىمىزدە بار بولغان تەپەككۈرنى ئىشلىتىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ، يۇلۇققان مەسىللەرگە « كەمىگەن تەلەيدە، ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ » ياكى « پىشانىمىزغا پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ » دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن باھانە ئىزدەپ، مەسىللەرنى ھەل قىلالمايمىز خالاس.
خوش، 5 ياشلىق بالىنى مىسالغا كەلتۈرۈپ، تەپەككۈرنىڭ 3 قەدىمىنى چۈشەندۈردۇق.
ئەمىسە، سودىمىزدا بىرە ئىشقا يۇلۇقۇپ قالساق، مۇشۇ 3 قەدەم بىلەن قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
مەسىلەن: بازارنىڭ قايناق رايونىدا بىر تەنتەربىيە كىيىم-ئاياغلىرىنى ساتىدىغان دۇكىنىڭىز بار، تور سودىسى مودا بولغاندىن كىيىن، دۇكىنىڭىزغا كىردىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى.
قارىساق بەزى ئاياغ ياكى كىيىملىرىڭىزنىڭ كىرگۈزۈش باھاسى تاۋباۋدا ساتقان باھادىنمۇ قىممەت، ھەر ئايدا ساتقان مالنىڭ پۇلى ئايلىق ئىجارىغىمۇ يىتىشمەيۋاتىدۇ، مال ساتقۇچىلارنىڭ سېتىش قىزغىنلىقىمۇ بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ئەمەس، ھەتتا ئارسىدىن بىرىسى خىزمەتتىن ئىستىپا بەردى.

ئۇنداق بولسا، تەپەككۈردىكى 3 قەدەم ئارقىلىق مۇشۇ مەسىللەرنى قانداق ھەل قىلىپ، دۇكاننى پۇل تاپىدىغان قىلىمىز؟
بىرىنچى قەدەم تۈرگە ئايرىش:
ئادەتتە دۇكاننىڭ ئىشىنى ئەڭ ئاددىي بولغان ياخشى ۋە يامان دەپ تۈرگە ئايرىساق:
بىزگە پايدىسىز يامان تەرەپلىرىدىن:
- يانچۇقتا پۇل قالمىدى؛
- مال سېتىلماي بېسىلىپ قالدى؛
- ماللارنىڭ باھاسى تاۋباۋدىكىدىن قىممەت؛
- خېرىدار ئازلاپ كەتتى؛
- ياشلار توردا نەرسە سېتىۋېلىشقا كۆنەپ كەتتى؛
- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكىتىپچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن؛
- ئارسىدىن بىرسى ئىستىپا بەردى؛
- بازارغا ماس كەلگەن سېتىش ئۇسۇلىمىز يوق؛
بىزگە پايدىلىق ياخشى تەرەپلىرىچۇ؟
بازارنىڭ ئوتتۇرىدا بىزنىڭ ھەممە ئادەم كىلىپ كىيىم ۋە ئاياغلارنى كىيىپ كۆرۈپ ئالدىغان، خېرىدارغا ھەر ۋاقىت يۈزتۇرانە مۇلازىمەت قىلالايدىغان، ئالماشتۇرمەن ياكى قايتۇرىمەن دىسىمۇ ئىزدەپ تاپالايدىغان دۇكان بار؛
مانا يۇقارقى دىگىنىمىز ھەممە ئادەم سەل ئويلاشسىلا قىلالايدىغان تەپەككۈرنىڭ بىرىنچى قەدىمى « تۈرگە ئايرىش »؛
ئىككىنچىسى، مەسىللەرنى گۇرۇپىغا ئايرىش؛
يۇقارقى مەسىللەرنى 5 گۇرۇپىغا ئايرىساق:
-تەنەرخ: دۇكان ئىجارىسى بارغانسىرى قىممەتلىشىپ كەتتى، ماللار بېسىلىپ قالدى، دۇكاننى بېزىگەن خىراجەت، كىرگۈزگەن مالنىڭ باھاسى تاۋباۋنىڭكىدىن قىممەت؛
-كوللىكتىپ: خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكىتىپچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن، ئارسىدىن بىرسى ئىستىپا بەردى؛
-بازار: دۇكانغا كىرىپ مال ئالدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ كىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ھازىرقى ياشلار توردىن ئاياغ كىيىم سېتىۋېلىشقا بارغانسىرى كۆنەپ كىتىپ بېرىۋاتىدۇ؛
-سېتىش ئۇسۇلى: پەقەت بىر خىللا، دۇكاندا خېرىدارنى ساقلاش، خېرىدار كىرمىسە سېتىش يوق؛
-سېتىش يولى: دۇكاندا سېتىشتىن باشقا سېتىش يولى يوق ؛
سەللا سودا قىلىپ باققانلار بولسىلا، يۇقارقى 5 تۈرنىمۇ ئايرىپ چىقالايدۇ، بۇنىسى ئېنىق.
ئەمما %90 ئادەملەرنىڭ تەپەككۈرى دەل مۇشۇ 2 قەدەمدىلا توختاپ قېلىپ، مەسىللەرنىڭ ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاشقا كەلگەندە، 3 قەدەمنى ئالمايدۇ.
ئۈچۈنچىسى، مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش؛
شۇڭلاشقا، كۆپچىلىكنىڭ بايۋەتچىلەردەك مەسىللەرنى ھەل قىلىش ۋە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈن 3 قەدەم --- مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاشنى پارچىلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرىمەن.
تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:

قارىماققا، 3- قەدەم مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش تەستەك ھە! 
ئەمما، بىز پەقەتلا ئاباي دىگەن 5 ياشلىق بالىنىڭ مۇناسىۋەتنى ئېنىقلىشىدەك قىلساق، ئازىراقمۇ تەس ئەمەس.
پەقەتلا سەل كۆڭۈل قويۇپ ئويلاشسىڭىزلا بولدى.
بىرىنچى جەھەتتىن
رەت تەرتىپىنى تىزىپ چىقىش

مەسىللەرنىڭ رەت-تەرتىپىنىغۇ تىزىپ چىقتۇق، مۇشۇ رەت تەرتىپ ئارقىلق دۇكاننىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئامالىنى تاپقىلى بولامدۇ؟
تاپقىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى جەھەتتىن
ئىشنىڭ چوڭ-كىچىك تارمىقىنى ئايرىش
ۋە
ئۈچۈنچى جەھەتتىن
تەڭ دەرىجىدىكى ئىشلارنى تىزىپ چىقىش

بۇ نۇقتا بەك مۇھىم. 
چۈنكى ئادەتتىكى ئادەملەر كۆپىنچە ۋاقىتتا، دەل قايسى باش مۇھىم قىسىمى قايسى تارماق قىسىمى ، قايسى ئىشلار تەڭ دەرىجىدىكى ئىشلار  دىگەندەكلەرنى ئېنىق ئايرىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، نىمە بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ، توغرا بولغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمايدۇ.
بىز ئۈچۈن تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ: 
« خېرىدارلارنىڭ سېتىۋېلىش ئادىتىدىكى ئۆزگىرەش » باش مەسىلە!
تەڭ دەرىجىدىكى تارماق مەسىلىلەر بولسا:
تور دۇكانلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان؛
دۇكانغا كىردىغان خېرىدارلار ئازلاپ كىتىش؛
كوللىكتىپنىڭ مەسسىلىرى؛
كىيىملەرنىڭ سېتىلىشى ئازلاپ كىتىش؛
دۇكاننىڭ تەنەرخى يۇقۇرلاپ كىتىش؛
تۆتىنچى جەھەتتىن
مەسىلنىڭ تىگىگە يېتىش
خوش، چوڭ-كىچىك تارماقلىرىنى ئايرىپ ۋە تەڭ دەرىجىدىكىلەرنى تىزىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلانىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇلاپ چىقساقلا، دۇكاننىڭ مەسىلىسىنىڭ تىگىگە يىتەلەيمىز:


شۇنىڭ بىلەن يىغىنچاقلىغاندا، بۇ قېتىم سودىدا يۇلۇققان مەسىلىنىڭ 2 نېگىزلىك نۇقتىسىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز.
1. سېتىش-سېتىۋېلىش ئادىتىدە نىمە ئۈچۈن ئۆزگىرەش يۈز بەردى؟
چۈنكى تاۋباۋدىكى كىيىملەر زاۋۇتدىن ئوتتۇردىكى باش ۋاكالەتچى، ئۆلكىلىك ۋاكالەتچى، ۋىلايەتلىك ۋاكالەتچى قاتارلىق باھا قوشۇلدىغان ھالقىلار قىسقىراپ كەتكەنلىكتىن ) بىۋاستە خېرىدارغا باھاسى ئەرزان سېتىلىدۇ؛
2. بىزنىڭ رىئاللىقتىكى دۇكاننىڭ ئارتۇقچىلىقى نىمە؟
بىزنىڭ ساتقان كىيىملەر بولسۇن ياكى ئاياغلار بولسۇن خېرىدار نەق مەيداندا كىيىپ، سىناپ سېتىۋالالايدۇ؛
شۇڭلاشقا، سۈپەت ئوخشىماسلىق، كىيىم چوڭ-كىچىك كىلىپ قېلىش، رەڭگى ئوخشىماسلىقتەك خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛
سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتتىمۇ چاتاق يوق، دۇكان قاچانلا بارسا شۇ جايىدا، مەۋھۈم ئەمەس، ئىشەنچىلىك؛
شۇڭلاشقا، بىز تۆۋەندىكى 2 خىل ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلساق بولىدۇ؛

بىرىنچىسى، كىيىم بىلەن ئاياغنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش؛
گۇۋاڭجۇدىكى زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىش؛
زاۋۇتتىن سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى بىۋاستە كىرگۈزۈش؛
مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنى چۈشۈرۈش؛
سېتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش؛
ئىككىنچىسى، ئارتۇقچىلىقىمىز ئارقىلىق خېرىدارنىڭ دۇكىنىمىزغا بولغان تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛

دۇكىنىمىزنىڭ نەق مەيداندا سېتىۋېلىشتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تۇلۇق نامايەن قىلدىغان سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى قىلىش، مەسىلەن:
ھازىر توردا مودا بولغان جەينەك بىلەن بەدەننى تۈز سىزىق تىرەپ تۇرۇش ئارقىلىق تىرەپ تۇرالىغان ۋاقتىغا قارىتا ئېتىبار بېرىش؛
پائالىيەتكە قاتناشقانلار سېتىۋالغان كىيمى ياكى ئايىغى ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتنىشىش؛
پائالىيەتكە قاتناشقان ھالىتىنى ۋىدىئوغا تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ 30 يۈرەك يىغسا، كىلەر قېتىم كىيىم ئالغاندا %15 ئەرزان قىلىپ بېرىش دىگەندەك؛
ئەمەلىيەتتە، مەن يۇقۇرىدا دىگەن ئامالدىن باشقا ئاماللارمۇ خېلى كۆپ. 
يىغىپ ئېيتقاندا، تەپەككۈر ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك تەس ئۇقۇم ئەمەس، سىز پەقەت مۇشۇ 3 قەدەم ئارقىلىق بىر ئىشنى ھەل قىلسىڭىز، سىزمۇ سودىدا بىمالال تەپەككۈر ئارقىلىق مەسىللەرنى ھەل قىلالايدىغان ئادەم بولالايسىز؛
ئەمما، 3 - قەدەم مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىنى تېخى دىمىدۇق!
ئۇ بولسىمۇ، ھەقىقىي پىلانلىغۇچىلار، قالتىس ئادەملەرنىڭ ئويلايدىغان نۇقتىسى:
سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش؛ ( رەسىمدىكى 5- نۇقتا)

بۇ بىر كەڭ ۋە چوڭقۇر مەنادىكى ئۇقۇم.
بۇ جەھەتتە بۈگۈن سۆزلىسەك، گەپ سەل كۆپ بوپكەتكىدەك.
شۇڭلاشقا، كىلەر ساندا كۆپچىلىك بىلەن داۋاملىق ئورتاقلىشىلى.
ھۆرمەت بىلەن شىرزات
2020- يىلى 12- سېنتەبىر

【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容 9
粉丝 0
Tepekkur تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读3
粉丝0
内容9