大数跨境

دوستلار چەمبىرىكىدىكى يېڭى مەخپىيەتلىك

دوستلار چەمبىرىكىدىكى يېڭى  مەخپىيەتلىك Tepekkur
2020-11-21
1
导读:ياخشىمۇ سىلەر، تەپەككۈرلىك ياشاش ھەقىقىي ياشاش!

ياخشىمۇ سىلەر، تەپەككۈرلىك ياشاش ھەقىقىي ياشاش!

يېقىندا، سودا مەسلىھەت بىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىرىگە « دوستلار چەمبىرىكىدە قانداق ئېلان چىقارغاندا،  باشقىلار ئاكىتىپلىق بىلەن بىزدىن سېتىۋالىدۇ؟ » دىگەن تېمىدا تەڭ مۇنازىرلاشتۇق.

بۈگۈن كۆپچىلىككە، 3 كۈنلۈك مۇنازىرنى 8 پارچە رەسىمگە قىسقارتىپ ھەمبەھرىلىنىپ ئۆتەي.

01

ئەتىراپىمىزدا كۆپلىگەن دوستلار دوستلار چەمبىرىكىنى قانداق بېزەش، قانداق ئېلان ئىشلەش دەرىسلىكلىرىنى ئۈگۈنۈپ باققان.

لېكىن، نىمە ئۈچۈن شۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە ھەرقانچە قىلساقمۇ، خېرىدارلار يەنىلا بىزدىن مەھسۇلات سېتىۋالمايدۇ؟

چۈنكى يۇقارقى رەسىمدىكى 3 سوئالنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقمىغان.

02

نىمە ئۈچۈن دوستلار ھەمبىرىكىگە ئېلان چىقىرىمىز؟  جاۋابى رەسىمدىكىدەك.

ئۇنداقا بولسا، نىمە ئ‍ۈچۈن ئېلان چىقىرىشنى بىلدۇق، لېكىن، شۇ خېرىدارلار كىمۇ؟ كىم بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىز بولالايدۇ؟

03

شۇ ئېلاننى بىز زادى كىمگە كۆرسىتىمىز؟ ھەممە ئادەمگىما؟

بۇ نۇقتا بەك مۇھىم!

بۇ نۇقتىنى بىلمەيدىغانلار، ھەممە ئادەمگە ئېلانىمنى كۆرسىتىمەن دەپ ئويلايدۇ؛

ئۇلارنىڭ خىيالى خۇددى بېلىقنى قارماق بىلەن تۇتىدىغانلارغا ئوخشاش، ساقلايدۇ، ساقلايدۇ، بىر كۈندە تۇتالايدىغان بېلىقى ئاران نەچچە تال؛

لېكىن، بىلدىغانلار بولسا بېلىق كۆلچىكىگە تور چاچقانغا ئوخشاش،  ھەربىر چىقارغان ئېلانى ئۆز خېرىدارىنى تاپالايدۇ؛

04

قانداق مەزمۇندىكى ئېلان چىقىرىمىز؟

بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كۆپچىلىكتىن بىر سىناق سوئالنى سوراي، ئويلىشىپ جاۋابىنى بېرىڭ:

دوستلار چەمبىرىكىڭلاردا ئوخشاش باھادا پەقەتلا سۇ تۇلۇقلاش رولى بار يۈز چاپلىقى ساتىدىغان 10 ئادەم بار،  بۇ 10 ئادەمنىڭ ساتقان يۈز چاپلىقىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشاش ئىشىنىسىلەر ھەم سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوخشاش ياخشى. ئورالمىسىنىڭ سۈپىتىمۇ بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئۇنداق بولسا، سىلەر شۇ 10 نىڭ ئىچىدىن بىرسىنى تاللاپ سېتىۋال دىسە، قايسىنى تاللايسىلەر؟

05

ھەقىقىي نەپ بېرەلىگەننى

ئادەتتە بىز بۇنداق ئوخشاشلىقلار كەلگەندە، بىزگە كىم نەپنى ئەڭ ياخشى بېرەلىسە، شۇنى تاللايمىز، بۇ نەپ پۇل بىلەن مۇناسىۋەتسىز، لېكىن ئىشەنچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك!

ئىشەنچ قانداق كىلىدۇ؟

بىرىنچىسى، مەن كەسپىي! مەھسۇلاتىم كەسپىي!

1. خېرىدارلار بىر قاراپلا چۈشۈنەلەيدىغان مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىمدىن بەھرىلىنىش؛

2. مەھسۇلاتنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئورۇندىن بەرگەن كىنىشكىلەر ۋە نوپۇزلۇق ئىسپاتلار؛

ئىككىنچىسى، مەن ۋە مەھسۇلاتىم ئىشەنچىلىك!

1. خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش، سېتىۋېلىش، ئۈنۈمىنى كۆرۈش رەسىملىرى؛

2. ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلات بىلىملىرىنى ئۈگەنگەن خاتىرلىرى، ئۈگەنگەن ۋاقىتتىكى ۋىدىئولىرى، خېرىدار بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتىكى  ۋىدىئولار؛

3. داڭلىق ئادەملەر ياكى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئىشەنچىلىك تۇنۇشتۇرلىشى؛

ئۈچۈنچىسى، مەن قالتىس !

1. خېرىدارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇرمۇشتىكى گۈزەل دەقىقىلەر، ئەخلاقتىكى گۈزەللىكنى مەدىيھلەيدىغان جۈملىلەر، مېزىلىك تائاملار ۋە يىمەكلىك؛

2. قەرەللىك ئۆتكۈزگە ۋاكالەتچىلەر بىلەن يىغىلغان ئولتۇرۇشنىڭ رەسىملىرى ۋە ۋىدىئولىرى

06

يۇقارقى 3 نۇقتىنى قانداق بىلدۈرىمىز؟

ئۇنداق بولسا بىز ھازىردىن باشلاپ قىلىدىغان قانداق 3 ئىش بار:

بىرىنچىسى، كەسپىيلىك توغرىسىدىكى ئۈگۈنۈش

1. مەھسۇلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىملەرنى ئىگەللەش ۋە ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشۈنەلەيدىغان ھالەتتە چۈشەندۈرۈشنى ئۈگۈنۈش، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە شۇ جەريانلارنى ۋىدىئو قىلىپ تارتىپ ساقلاپ قېلىش؛

2. مەھسۇلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپتە نوپۇزلۇق ئورۇنلار تارقاتقان كەسپىي كىنىشكىنى ئېلىش، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە شۇ جەريانلارنى ۋىدىئو قىلىپ تارتىپ ساقلاپ قېلىش؛

ئىككىنچىسى، تەشۋىقات ئېلان ئىشلەش جەھەتتىكى ئۈگۈنۈش

چىرايلىق ۋىدىئو ئىشلەشنى ۋە ۋىدىئو ئىشلەيدىغان ئەپلەرنى ئىشلىتىشنى ئۈگۈنۈش، ۋىدىئوغا رەسىملەرنى كىرىشتۈرشنى ئۈگۈنۈش؛

ئۈچۈنچىسى، سودا-تاكتىكا جەھەتتىكى ئۈگۈنۈش

1. ھەرخىل خېرىدار بىلەن بىللە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىشنى ۋە پىلانلاشنى ئۈگۈنۈش؛

2. خېرىدارلارنىڭ دوستلار چەمبىىكىنى كۈزۈتۈشنى ئۈگۈنۈش ۋە شۇ ئارقىلىق كۆپچىلىككە ياقىدىغان ماقال-تەمسىللەرنى ئىشلىتىشنى ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى يېزىشنى بىلىش؛

07

ئۈگۈنۈش پىلانى

بەزىلەر « مىنىڭ ۋاقتىم بولمىسا، ئۆيدىكى ئىشلارغا ئاران يىتىشۋاتىمەن، قايسى ۋاقتىم بىلەن بۇ ئۈگۈنۈشلەرنى قىلىمەن » دىيىشى مومكىن.

ئەمەلىيەتتە، كۈندە شۇ دوستلار چەمبىرىكى بىلەن دوۋيىن ئوينىغان ۋاقتىڭىزنىڭ يېرىمىنى چىقارسىڭىز، كەڭكۇشادە يېتىشىدۇ.  گەپ سىزنىڭ شۇ ئۈگۈنۈشنى قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانىڭىزدا؛

كۆپچىلىك پىلان تۈزۈش شوئار توۋلاش ئەمەس. ئىجىراسى بۇلۇش كېرەك؛

مەن بۇندىن كىيىن، مۇنداق قىلىمەن، مەن ئانى ئۈگۈنىمەن، مانى ئىجىرا قىلىمەن، بۇ شوئار توۋلاش، پىلان ئەمەس؛

08

خېرىدارلار ئۆزى قارار چىقارسۇن

خوش، يۇقارقى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، مۇشۇنىڭ بويىچە تەييارلىقنى تۇلۇق قىلسىڭىزلا، خېرىدارلارنىڭ ئۆزى مەھسۇلاتىمىزنى سېتىۋالدىغان قارارنى چىقىرىدۇ.

ئەڭ ياخشى مال سېتىش تاكتىكىسى خېرىدارنىڭ ئۆزىگە سېتىۋېلىش قارارىنى چىقارغۇزۇش؛

ئېلان تەشۋىقاتتىمۇ شۇنداق، خېرىدارنىڭ ئۆزىگە سېتىۋېلىش قارارىنى چىقارغۇزدىغان تەشۋىقات ئەڭ ياخشى تەشۋىقات!

مەن نىمە قىلىپ بېرىمەن ئەمەس، قارشى تەرەپكە نىمە كېرەك؟ بۇ بەك مۇھىم سوئال!

ھۆرمەت بىلەن شىرزات

2020-يىلى 21- نويابىر


【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容 0
粉丝 0
Tepekkur تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读0
粉丝0
内容0