搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
سىز قانچىنچى قەۋەتتىكى ئىختىساسلىق ئادەم
>
سىز قانچىنچى قەۋەتتىكى ئىختىساسلىق ئادەم
Tepekkur
2020-09-20
2
导读:ئەقىللىق ئادەم بۈگۈنكى ماقالىنى نەچچە رەت ئوقۇيدۇ، راست دەيمەن
سىز قانچىنچى قەۋەتتىكى ئىختىساسلىق ئادەم
ياخشىمۇسىلەر كۆپچىلىك، تەپەككۈر بىلىم رايونىغا مەرھابا!
نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئاشخانىدا بىر نەچچە خوجايىن بىلەن سودا تەپەككۈر توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلىشىپ قالدۇق.
ئۇلارنىڭ ئارسىدىن بىرسى: " مۇشۇ تەپەككۈر دىگەن ئۇقۇم
خۇددى 12 مۇقامنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان بىلەن ھىكايىسىنى چۈشۈنۈش تەس بولغانغا ئوخشاشلا بىر مەۋھۈم ئۇقۇمكەن. قانداق قىلغاندا ئاددىي چۈشەنگىلى بولىدۇ" دەپ سورىدى.
ئويلاپ باقسام، ئادەتتە رەسىم بىلەن سان-سېفىرنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرە تەس بىلىمنى چۈشەندۈرسەك ئاسانراق چۈشۈنىدىكەنمىز.
شۇڭلاشقا، كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈن ئاسانراق چۈشۈنىشى ئۈچۈن، بۇ ساندا
« 5 قەۋەت ئادەملەر »
دىگەن مەزمۇننى يېزىپ پۈتتۈردۈم.
بىلسەڭلار كۆپچىلىك، بىر ئادەمنىڭ بىر ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى شۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىنى بەلگىلەيدۇ.
ئۇنداقتا سىز قانداق ئادەم، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ بېقىڭ.
ئەگەر بەلگىلىيەلمىسىڭىز، ھىچقىسى يوق.
ھەربىر قەۋەتكە ئېنىق چۈشەنچە بەردىم، ھەممىنى كۆرۈپ بۇلۇپ بىلەلەيسىز.
5- قەۋەت قاھشىغۇچىلار
تەپەككۈر ئۇسۇلى: سىلەرنىڭلا خاتا! مەندە نىمە گۇناھ!
مەسىلەن: ئۆتكەن ساندىكى تەنتەربىيە كىيىم-ئاياغلىرىنى ساتىدىغان دۇكاننى مىسالغا ئالساق، ئەگەر خوجايىن 5 قەۋەتتە بۇلۇپ قالسا:
-ھەممىسى مۇشۇ تاۋباۋنىڭ قىلغان ئىشى، بولمىسا سودىمىزمۇ بۇنچىلىك بۇلۇپ كەتمەيتى؛
-قانداق گەپ بۇ! تاپقان پۇل دۇكان ئىجارىسىگىمۇ يىتىشمىگەن، بۇندىن كىيىن كىم دۇكان ئاچسا، زىيان تارتقىنى تارتقان؛
-نىمىشقا بىزدەك جېنىنى ئاران بېقىپ كىتىپ بارغانلارنىڭ تەلىيى كاج، بولدىلا باشقا ئىش قىلاي؛
كۆڭىلدىكىدەك بولمىسىلا، يۇقارقىدەك ئۆزىدىن سەۋەب تاپماي، ئالدى بىلەن ئەتىراپىدىكى ئادەملەردىن ۋە مۇھىتتىن قاھشايدىغانلار دەل ئەڭ تۆۋەن قەۋەتتىكى ئادەملەر يەنى ----
« قاھشىغۇچىلار »
؛
بۇنداق قاھشىغۇچىلارنىڭ ئاغىزىدىن مۇنداق گەپنى بەكىرەك ئاڭلايسىز:
-بۇ شىركەت ياخشى ئەمەسكەن، شىركەت ئالمىشىمەن!
-ھازىرقى ئۆيلەر نىمە دىگەن قىممەت؟ باشقۇرمامدىغاندۇ؟ يا باي دادام بولمىسا مىنىڭ !
-باشقىلارمۇ شۇنداق قىلدىكەنغۇ مەن قىلسام نىمە بوپتۇ؟
يېنىڭىزدا مۇشۇنداق ئادەم بارمۇ بىلمىدىم، ئەمما مۇشۇنداق ئادەم بىلەن ئۇچۇرشۇپلا قالسىڭىز، سىزگە ناچار كەيپىياتتىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ؛
قاھشايدۇ، قاھشايدۇ، ھەممە ئادەمدىن گۇمان قىلىدۇ، ئۆزىدىن مەسىلە تاپمايدۇ، تاپقان تەغدىردىمۇ بوينىغا ئالغىسى كەلمەيدۇ؛
شۇنداقلا بۇنداقلار بىرە مەسىلىگە ئۇچۇرسا، ئامال ئىزدەشكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ، كاللىسىنى ئىشلەتمەي، باشقىلارغا ئەگىشىپ ئىش قىلىشقا كۆنگەن.
ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئادەملەرگە ئامال يوق، قاھشاش ۋە ئەگىشىشنى ئەسلى قىلغىسى يوق؛
ئەمما، ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈش قەۋىتى ئەڭ تۆۋەندىكى «قاھشىغۇچىلار » قەۋىتىدە؛
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى مۇشۇ قەۋەتتە قامال قىلىنىپ قالغاچقا، باشقا ھىچ قانداق نەرسىنى، ئامالنى ۋە يولنى كۆرەلمەيدۇ؛
شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ئىش بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ ئاسان ئامالى پەقەتلا بىر ---
ئەتىراپىدىكى مۇھىتنى توختىماي ئالماشتۇرۇش؛
ئەگەر بۇ 5- قەۋەتتىكىلەر بىز مىسالغا كەلتۈرگەن دۇكاننىڭ مەسىلىسىگە ئۇچىراپ قالسا، ئۇلار بەلكىم ئىجارىدىن، تاۋباۋدىن، خىزمەتچىلىرىدىن نارازى بۇلۇشتىن باشقا ھەل قىلدىغان ئاماللارنى تاپالماسلىقى مومكىن.
4- قەۋەت تىرىشچانلار
تەپەككۈر ئۇسۇلى: داۋاملىق تىرىشمىسام بولماپتۇ!
بۇ قەۋەتتىكىلەر بىرە مەسىلىگە يۇلۇقسا :
-ئادەتتە تىرىشمىغانلىقىمدىن مۇشۇنداق ئىشقا دۇچار بولدۇم، تىرىشىشىم كېرەك؛
-تىرىشقاندىلا ھەرقانداق ئىش يۈز بەرسە ھەل قىلالايمەن؛
-ئۆزەمنى توختىماي ئۆزگەرتىشىم كېرەك، ئۆزەمنى ئۆزگەرتمىسەم، ئەتىراپىمدىكى مۇھىت قانداق ئۆزگىرەيدۇ؟
دەپلا مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ.
بۇ قەۋەتتىكلەر ھەرقانداق ئىشقا ئاكىتىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا، تىرىشساملا ھەرگىز يەردە قالمايمەن، تىرىشساملا بىر كۈنى پۇرسەت كىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ:
-بىر يىل بولدى، مائاشىم ئۆسمەپتۇ، ئۇنداق بولسا كۈندە يەن ئازىراق ئېسمىنا ئىشلەي؛
-قىز دوستۇم ماڭا بۇرۇنقىدەك ئىللىق ئەمەس، ئەمسە تېخىمۇ كۆپ ئەھۋال سوراپ، ئۇچۇر ئەۋەتەي؛
-دۇكاننىڭ سودىسى كاساتلىشىپ كەتتى، ئۇنداق بولسا، ئەتىدىن باشلاپ 24 سائەت دۇكان ئاچاي؛
تىرىشمىغانلىقىمدىن مائاشىم تۆۋەن،
-تىرىشمىغانلىقىمدىن ئۆي ئالالمىدىم،
-تىرىشمىغانلىقىمدىن ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇب بولدۇم؛
مانا بۇ « تىرىشچانلار » قەۋىتىدىكىلەرنىڭ دۇنياغا بولغان كۆزقارىشى.
بۇنداقلارنى ئەتىراپىدىكىلەر
تىرىشچان، ھەقىقىي ئىش قىلدىغانلار، يېڭى دەۋىرنىڭ نەمۇنىنچىلىرى
دەپ ماختايدۇ ...
لېكىن راستىنلا شۇنداقمۇ؟
راستىنلا « تىرىشسىلا » چوقۇم ھەممىگە ئېرىشەمدۇ؟
بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە!
بۇ قەۋەتتىكى ئادەملەرنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈش قەۋىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان « تىرىشچانلار » قەۋىتى، ئۇلارنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى يەنە قايسى ئىشلارنى قىلمىدىم، ئۆزگەرتمىدىم دىگەن ھالەتتىلا.
تىرىشچانلىق
غەلبە قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن بىر مۇھىم ئامىلى، لېكىن پۈتۈن ئامىلى ئەمەس.
بەلكىم سىز 10 يىل تىرىشىپ تاپقان پۇلنى باشقىلار ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئىزدەپ تېپىپ 1 يىلدىلا تاپالايدۇ، شۇنداقمۇ؟
3- قەۋەت ئىقتىساسلىقلار
تەپەككۈر ئۇسۇلى: ھەربىر مەسىلىنىڭ چوقۇم ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار!
ئىقتىساسلىقلار قەۋىتىدىكىلەر بىرە مەسىلىگە يۇلۇققاندا، ئالدى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتىن بەكىرەك ئامال ئويلىشىدۇ:
ئىقتىدار دىگەن نىمە؟
سىز ئوخشاش بىر مەسىلنى ئەڭ ئاددىي ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلسىڭىز، مانا مۇشۇنى ئىقتىدار دەيمىز.
ئىقتىساسلىقلار قەۋەتتىكىلەر بىرە مەسىلىگە يۇلۇقسا :
-ماس كەلگەن سېتىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلىقتىن دۇكاننىڭ سودىسى ياخشى بولمىدى دەپ ئويلايدۇ؛
-باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان كىتابلار ياكى دەرىسلەردىن ئامال تېپىش كېرەك دەپ ئويلايدۇ؛
-ياخشى دېرىكتور بۇلۇش ئۈچۈن، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتۈردىغان ئاماللارنى تېپىش كېرەك دەپ ئويلايدۇ؛
-سېتىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن، شۇ جەھەتتە توردىكى دەرىسلەرنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك دەپ ئويلايدۇ؛
ئۇلار ھەرقانداق مەسىلىنىڭ چوقۇم ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار، ھىچ بولمىغاندا، شۇ ھەل قىلاللمىغان مەسىلىگە چوقۇم باشقىلارمۇ يۇلۇقۇپ باققان، باشقىلاردا ھەل قىلىش ئامالى بار، شۇ ئامالنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلسام بولدى دەپ ئويلايدۇ.
3- قەۋەتتىكى ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك؛
ئۆگەنگەن بىلىمنى دەرھاللا ئىشلىتەلەيدۇ، ئۆزگەرتەلەيدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.
مەن قارغۇلارچە تىرىشماي، شۇ قالتىسلارنىڭ تاپقان ئۇسۇلىنى، تەجىربىسىنى پىششىق ئۈگۈنۈپ ئىشلەتسەملا، ھەممە مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
ئەمما، بۇ قەۋەتتىكىلەرنىڭ بىر ئەجەللىك كەمچىلىكى بار؛
بۇ قەۋەتتىكىلەرگە ئادەتتىكى كىچىك مەسىللەرنى ھەل قىلالايدۇ؛
لېكىن، چوڭ سىتىراتىگىيىلىك مەسىللەرگە يۇلۇققاندا، چوڭ قارار چىقىردىغان مەسىللەرگە كەلگەندە، مۇستەقىل قارار چىقىرالمايدۇ؛
قاھشىغۇچىلار قەۋىتى، تىرىشچانلار قەۋىتى، ئىقتىساسلىقلار قەۋىتى
قاتارلىق بۇ 3 قەۋەت ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقالايدىغان قەۋىتى؛
ئەمدى ئۈستىگە ئۆرلەيمەن دىسە، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
بۇ قەۋەت ھەم ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن قالتىس ئادەملەرنىڭ چىگىرا قەۋىتى؛
بۇ چىگىرادىن ھالقىغاندىلا، بۇ دۇنيادىكى ئومومىي نۇپۇسنىڭ
%10
نى ئىگەللىگەن قالتىس ئادەملەر قەۋىتىگە تەۋە بولالايدۇ؛
قالتىس ئادەملەرنىڭ قەۋىتىنى چۈشەندۈرۈش مەن ئۈچۈنمۇ سەل تەس توختايدۇ؛
ئەگەر چۈشەندۈرىشىمنى بىر قېتىمدا چۈشىنەلمىسىڭىز، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرسىڭىز بولىدۇ.
كۆپىرەك ئويلىشىڭ، تەپەككۈر قىلىڭ، سەۋەبىنى، مۇناسىۋىتىنى ئىزدەڭ.
ئەگەر ناۋادا، چۈشۈنۈپلا قالسىڭىز، ئىشىنمەنكى يىلتىزىڭىزدىن ئۆزگىرەپ، ھەقىقىي ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تاپالايسىز.
2- قەۋەت پىلانلىغۇچى
تەپەككۈر ئۇسۇلى: بىز ئۈچۈن نىمە ئەڭ مۇھىم؟
-قانداق ئىشلارنى ئىقتىدارىڭىز بار تۇرۇپمۇ ھەل قىلالمايسىز؟
-توغرا، دەل شۇ ئىشتىكى مۇھىم مەسىلىنى تاپالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن؛
ئەگەر 3 -قەۋەتتىكلەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئادەم دىسەك، 2- قەۋەتتىكلەرنى مەسىلە تاپىدىغان ۋە تاللاش ئېلىپ بارىدىغان ئادەملەر دەيمىز؛
سىز بىر مەسىلىگە يۇلۇققاندا:
-مەسىلىنىڭ نېگىزىنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟
-سىز زادى قانداق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى؟
مەسىلەن، يەنە ئالدىدىكى تەنتەربىيە كىيىم-ئاياغلىرىنى ساتىدىغان دۇكاننى مىسالغا كەلتۈرسەك:
قارىماققا، دۇكان سودىسىنىڭ كاساتلىشىنىڭ ھەرخىل سەۋەبى بار، لېكىن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قايسى؟
-خىزمەتچىلەرنىڭ مەسىلىسىما؟
-سېتىش يولىدىكى ۋە ئۇسۇلىدىكى مەسىلىما؟
-ئېتىبارلىق پائالىيەت ئارقىلىق ماللارنى تېزدىن تۈگىتىۋېتىپ، دۇكاننى تاقامدۇق ياكى ئىستىراتىگىيىلىك سېتىش ئۇسلوبىنى ئۆزگەرتەمدۇق؟
سىز بولسىڭىز قايسىنى تاللايسىز؟
دىققەت،
ھەربىر تاللاش بىز ئۈچۈن ئوخشىمىغان نەتىجە ۋە تەرەققىيات يۆلۈنىشىنى ئېلىپ كىلىدۇ؛
خاتا تاللاپلا قالدۇقما، سىزنىڭ ھەرقانچە ئىقتىدارىڭىز بولسىمۇ، ھەرقانچە تىرىشسىڭىزمۇ ئوخشىمىغان نەتىجىسى بار يۆلۈنىشكە قاراپ ماڭسىز ياكى مەغلوبىيەتكە ئۇچىرايسىز.
-ئۇنداق بولسا قانداق تاللاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
-تاللاشتىكى ئىقتىدارىمىزنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرشىمىز كېرەك!
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2- قەۋەت يەنى پىلانلىغۇچىلار قەۋىتىدىكىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى چۈشۈنىشىڭىز كېرەك، بۇ قەۋەتتكىلەردە قانداق ئارتۇقچىلىق بار؟ رەسىمگە قاراڭ:
دۇنيا قاراش
سىزچە بۇ دۇنيا قانداق بولۇشى كېرەك؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى دەل دۇنيا قاراش دىسەك بولدۇ.
دۇنيا قاراش دىگىنىمىز دەل مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بىزنىڭ ھەربىر ئىگەللىگەن
ئۇقۇملىرىمىزنىڭ
جۇغلانمىسى؛
كاللىمىزدا شەككىلەنگەن ھەربىر ئۇقۇم بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ؛
سىزنىڭ بىر ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيىڭىز سىزنىڭ شۇ ئىشقا بولغان ئۇقۇمىڭىزدىن كىلىدۇ.
بۇ ئۇقۇملار ھەم سىزنىڭ باشقىلاردىن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان يېرىڭىز، سىزنىڭ بارلىق ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇردىغان ئاساسىڭىز.
-مەسىلەن: سىز تور سودىسىغا قانداق قارايسىز؟
-كاللىڭىزدا تور سودىسىغا نىسبەتەن قانداق ئۇقۇم شەككىلەنگەن؟
قىممەت كۆز قارىشى
سىزچە قايسى ئىش ئەڭ مۇھىم ؟
ئىنسانلارنىڭ پەرىقى تاللاشتىن كىلىدۇ؛
شۇنداقلا، بىر ئادەمنىڭ ھەربىر ھايات بۆلۈكىدىكى تاللىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھاياتىدىكى پەرىقنى ئېلىپ كىلىدۇ؛
ئۇنداقتا بىز نىمىگە ئاساسەن خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى تاللاشلارنى ئېلىپ بارىمىز؟
دەل بىزنىڭ قىممەت كۆز قارىشىمىزدىن؛
بىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزدا، ئەتىراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەم، ھەربىر ئىش، ھەربىر ئىگەللىگەن يېڭى ئۇقۇمغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان قىممەت ئۆلچىمىمىز بار.
ھەربىر ئوخشىمايدىغان ئۆلچەملىرىمىز بىلەن شەكللەنگەن قىممەت رەت-تەرتىپىمىز دەل بىزنىڭ قىممەت كۆز قارىشىمىزدۇر؛
-مەسىلەن، جېنىڭدا تۇرامسەن پۇلۇڭدا دىسە، نورمال بولساقلا، جېنىمىزدا تۇرىمىز، چۈنكى جان پۇلدىن قىممەتلىك؛
-يەنە مەسىلەن، ئەگەر سىزنىڭ بىر سائەت بىكار ۋاقتىڭىز بولسا، مۇشۇ بىر سائەتتە كىتاپ كۆرۈشنى تاللامسىز، تېلىفون ئويناشنى تاللامسىز ياكى ئۇخلاشنى تاللامسىز؟
ھەربىر ئادەمنىڭ كىتاپ كۆرۈش، تېلىفون ئويناش ياكى ئۇخلاشقا بولغان قىممەت ئۆلچىگۈچى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىر ئادەمنىڭ تاللىشى ئوخشىمايدۇ، بۇ قىممەت قارىشىدىكى ئوخشىماسلىق؛
پىرىنسىپ
ئادەم بۇلۇش ۋە ئىش قىلىشتىكى پىرىنسىپىڭىز نىمۇ؟
بۇ خۇددى ھەربىر نورمال شىركەتتە چوقۇم تۈزۈم بولغانغا ئوخشاش، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پىرىنسىپى بۇلۇش كېرەك.
بۇنداق پىرىنسىپلار نەدىن پەيدا بولىدۇ، دەل سىزنىڭ دۇنيا كۆزقارىشىڭىز ۋە قىممەت كۆز قارىشىڭىزدىن.
مەسىلەن: مىنىڭ بىر پىرىنسىپىم بار « ۋاقىت بىلەن دوست بۇلۇش »، بۇ پىرىنسىپىم مىنىڭ دۇنيا كۆزقارىشىم يەنى ۋاقىتقا بولغان ئۇقۇمىمدىن كەلگەن.
مەن ھەربىر ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمغا « ھەسسىلەش ئۈنۈمى » نىڭ تەسىر قىلدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر قىلغان ئىشىمنى
جۇغلانمىلىق ئىش
دەپ بىلىمەن.
مەسىلەن: مىنىڭ ھازىر سودا تەپەككۈرى توغرۇلۇق يازما يازغاندا، مىنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈرۈم ئېشىپ ماڭىدۇ، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؛
بۇ بىر سودا تەپەككۈردىكىلا جۇغلىنىش ئەمەس، لوگىكىلىق تەپەككۈر، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە مەن ھازىر تېخى بايقىمىغان باشقا جەھەتلەردىكىمۇ بۆسۈپ يىتىلىش ۋە بىلىملەرنىڭ جۇغلىنىش جەريانى؛
بۇنداق جۇغلىنىش بەلكىم دەماللىققا ماڭا پايدىسىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، لېكىن، بۇنداق جۇغلانمىلىق ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭسام، بىر كۈنى چوقۇم ماڭا چوڭ مەنپەتلەرنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ؛
مانا بۇ مىنىڭ قىممەت كۆز قارىشىمدىن كەلگەن پىرىنسىپىم؛
ئەگەر كۆپچىلىك چۈشەنمىگەن بولساڭلار، ئامىباپ تىل بىلەن مىسال كەلتۈرسەم؛
مەسىلەن، كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ « ۋەدە قىلغان ئىشىمنى قىلىپ بېرىمەن » دەيدىغان بىر پىرىنسىپى بار، بۇ پىرىنسىپنىڭ كەينىدە ئىككى ئۇقۇم بار، بىرسى « دىگەننى قىلىش = راستچىللىق »، يەنە بىرسى « راستچىللىق > بارلىق ئىشتىن »
كۆپىنچە ئادەملەر كاللىسىدا شەككىلىنىپ بولغان مۇشۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ سەۋەبىدىن،
ۋەدە قىلغان ئىشنى چوقۇم قىلىپ بېرىش كېرەك
دىگەن پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ پىرىنسىپىنىڭ روشەن بولۇشى، قارار چىقىرىشىغا چوڭ تەسىر قىلىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ؛
پىرىنسىپىمىز بولغاندىلا، بىز ھەربىر ئىشقا كەلگەندە، قايتىدىن ئويلىشىپ، مۇنازىرلىشىپ، پايدا-زىيىنىنى سېلىشتۇرۇپ يۈرمەستىنلا قارار چىقىرالايمىز.
2- قەۋەت پىلانلىغۇچىلار قەۋىتىدە تۇرغان ئادەملەر، مەسىلىگە يۇلۇققاندا، ئالدى بىلەن ئويلايدېغېنى « قايسىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە؟ »، « مەن كۆرەلىگەن مەسىللەردىن باشقا، يەنە كۆرەلمىگەن مۇھىم مەسىللەر بارمۇ؟ »
شۇڭلاشقا، پىلانلىغۇچىلار بىر مەسىلنى ھەل قىلغاندا، ئۆتكەن ساندا دىگەن تەپەككۈرنىڭ 3- قەدىمى« مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاش » نىڭ 4-سى « مەسىلنىڭ تىگىگە يېتىش » بويىچە، ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرەلمىگەن مەسىلىنى كۆرۈپ يىتىپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرالايدۇ؛
لېكىن، 2- قەۋەتتىكىلەرنىڭمۇ ئاجىزلىقى بار، دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟
بۇ قەۋەتتىكىلەرنىڭ قارار چىقىرىشىدا چوڭ بىر كەمچىللىك بار، رەسىمگە قاراڭ:
قارىماققا دۇكاننىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىككى خىل تاللاشنى تېپىپ چىقتى، شۇنداقمۇ؟
لېكىن ، بۇ ئىككى تاللاش پەقەتلا پىلانلىغۇچىنىڭ دۇكاننىڭ سودىسىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ دىگەن ئاساستا چىقىرىلغان تاكتىكا؛
بۇ ئىككى خىل تاكتىكىنىڭ مەيلى قايسى بولسۇن، پىلانلىغۇچىنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئەھۋاللاردىنلا چىقىرىلغان ئوبىيتىپ تاللاش؛
لېكىن، كۆرگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالسىچۇ؟
مەسىلەن:
-دۇكان خوجايىنى مەن چوقۇم خوجايىن بولامتىم، دۇكاننى تاقاپ باشقىلارغا ئىشلىسەمچۇ دەپ ئويلىسىچۇ؟
-مىنىڭ ئىقتىدارىم بىلەن بەلكىم بىرە چوڭ شىركەتكە كىرسەم بىر يىلغا قالماي، يېلىغا مىلىيون مائاش ئالدىغان يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچى بولالىشىم مومكىن دەپ ئويلىسىچۇ؟
-نىمە قىلمە بۇنداق خەتىرى بار ھەم جاپالىق ئىشنى قىلىپ، بەلكىم دۇكاننى تاقىسام تېخىمۇ توغرا تاللاشتۇ دەپ ئويلىسىچۇ؟
ئەگەر مۇشۇنداق، مەۋھۈم تاللىغان شۇنداقلا پىلانلىغۇچىدا پايدىلانغىدەك قىممەت ئۆلچىگۈچ يوق بولسا، پىلانلىغۇچى قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟
شۇڭلاشقا، بۇ چاغدا يەنە بىر قەۋەتكە ئۆرلىشىمىز كېرەك.
1-قەۋەت يول باشلىغۇچى
تەپەككۈر ئۇسۇلى: چۈنكى مەن *** ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن **** قىلىمەن.
ئالدىنقى ساندا،
تەپەككۈرنىڭ 3- قەدەمدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاشنى
بۇ ساندا سۆزلەپ بېرىمەن دىگەنتىم، مانا ئەمدى كەلدۇق.
يەنە شۇ گەپ بۇ قەۋەتتىكلەرنىڭ تەپەككۈر قىلىشىنى ئادەتتىكى ئادەملەر ئالدىراپ چۈشۈنۈپ بولالمايدۇ.
ئەگەر بىر قېتىمدا چۈشەنمىسىڭىز، نەچچە قېتىم كۆرۈڭ، كۆپلەپ تەپەككۈر قىلىپ بېرىڭ؛
سىز كىمۇ؟
سىز قانداق ئادەم بولماقچى؟
بىرىنچى قەۋەت باشلامچىلار قەۋىتىنى
سالاھىيەت قەۋىتى
دىسەكمۇ بولىدۇ؛
سالاھىيەت نىمە ئۈچۈن 1- قەۋەتتە تۇرىدۇ؟
چۈنكى ئوخشىمىغان يول باشلىغۇچىنىڭ ئوخشىمىغان سىتىراتىگىيىسى بولىدۇ، باشلامچى قەۋىتىدىكىلەرنىڭ تاللىشى شۇ ئادەمنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ؛
مەسىلەن: سىز بىر خوجايىن بولماقچىمۇ؟ تەنتەربىيە كىيىم-ئاياغلىرىنى لايىھەلەيدىغان لايىھەلىگۈچى بولماقچىمۇ؟
ئەگەر لايىھەلىگۈچىلىكنى تاللىسىڭىز، سىز بەلكىم بىر مەزگىل دۇكاننى تاقاپ، باشقىلارغا ئىشلەمچى بولىشىڭىز مومكىن؛
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى تەنتەربىيە كىيىم-ئاياغ ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز:
سىز بەلكىم زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىۋاستە ئۆزىڭىزنىڭ ماركىسىدىكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئوتتۇردىكى ۋاكالەتچى ھالقىلىرىنى بىۋاستە قىسقارتىۋېتىپ، رىئالدىمۇ، توردىمۇ ھەتتا ئۈندىداردىمۇ سودىنى تەڭ ئېلىپ بېرىشىڭىز مومكىن؛
شۇڭلاشقا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولىشىڭىزنى تاللاپ بولالمىغان بولسىڭىز --- ئۆزىڭىزگە نىمە كېرەكلىكىنى بىلمەيسىز --- بىلمىسىڭىز قارارنىمۇ چىقىرالمايسىز --- قارار چىقىرالمىسڭىز، ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز.
مانا بۇ تەپەككۈردىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى
شۇڭلاشقا، سالاھىيىتڭىز ئېنىق بىلگەن ۋاقتىڭىزدىلا، قىلغان ھەر بىر ئىشىڭىزنىڭ جاۋابى چىقىدۇ.
بىر ئۆمۈرىڭىزگە تەسىر قىلدىغان تاللاشلارنى ئېلىپ بارالايسىز؛
بۇ يەردە، كۆپچىلىككە سالاھىيەت جەھەتتە بىر ئېنىق ئۇقۇم بېرىۋېتەي:
سالاھىيەتنى ئۆزىڭىز تاللايسىز، باشقىلار بەرمەيدۇ؛
-سىز ئەڭ ياخشى رەسسام بولماقچى، لېكىن سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئوقۇتقۇچىلىق، سىزچە سىزنىڭ سالاھىيىتڭىز نىمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىڭىزنىڭ بىر بۆلۈكىدىكى ئالغان رولىڭىز، رەسساملىق سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىلغان سالاھىيىتڭىز؛
سىز بۇ ئايدا بىر شىركەتتە مال ساتتىڭىز، كىلەر ئايدا يەنە بىر ئاشخانىدا مۇلازىمەتچى بولدىڭىز، يەنە بىر ئايدا تېز يوللانمىدا مال يۆتكىدىڭىز، سىزنىڭ سالاھىيىتڭىز نىمى؟
جاۋابى: سىزنىڭ تېخى سالاھىيىتڭىز يوق!
تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى رولىمىزنى بىز پاسسىپ قۇبۇل قىلىمىز، مەيلى قايسى رولنى ئۆتەيلى، 3- قەۋەتتىكى پىلانلىغۇچى بولغان ۋاقتىڭىزدا كۆپلىگەن توسقۇنلىق ۋە چەكلىمىنى سېزىسىز؛
پەقەت سالاھىيىتىڭىزنى ئاكىتىپلىق بىلەن بەلگىلىگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە سالاھىيەت تۇرغۇزغان ۋە تاللىغان ۋاقتىڭىزدا، 3- قەۋەتتىكى پىلانلاش ئىقتىدارىڭىز سىز ئۈچۈن چوڭ ياردەمنى بېرىدۇ؛
شۇڭلاشقا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەپ بولغان ۋاقتىڭىزدا، شۇ سالاھىيەتنى چۆردىگەن ھالەتتە ماس كەلگەن پىلانلاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەسىر دائىرسىنى بەلگىلەپ، توغرا ۋە قالتىس ئىشلارنى قىلالايدىغان بولىسىز.
شۇ چاغدىلا سىز بىرىنچى قەۋەتتىكى ئەڭ قالتىس ئادەملەر قاتارىغا ھەقىقىي كىرەلەيسىز!
-شۇ چاغدىلا ئۆمۈرلۈك ئىگىلىكىڭىزنى يارىتالايسىز؛
-ھەممە ھەۋەس قىلدىغان مەھسۇلات چىقىرالايسىز؛
-چوڭ شىركەتنىڭ باشلامچىسى بۇلۇپ ماڭالايسىز؛
1- قەۋەتتىكى باشلامچىلارنىڭ ئۈستىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى بىر قەۋەت بار ، ئۇ بولسىمۇ
« مەشھۇر ئادەملەر ۋە داھىيلار »
، بۇ جەھەتتە سۆزلەشكە بىلىمىم چەكلىك، ھازىرچە سالاھىيىتىم توشمايدۇ.
لېكىن، سودا ساھەسىدە داھىي دەرىجىسىگە چىققانلاردىن بىر نەچچىسىنى بىلمەن، مەسىلەن: جوبىس، بېلگايتىس، ئېلون ماسىك قاتارلىقلار .
چۈنكى بۇلار ھەقىقەتەن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ۋە ھەم ئۆزگەرتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرۇچى قىلغانلار.
ئۇلار دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئۆزىنىڭ « ھاياتلىق بۇرۇچى » ئورنىدا كۆرىدۇ.
ئالدى بىلەن « ھاياتلىق بۇرۇچى » نى ئويلىشىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدۇ.
END
بۈگۈنكى مەزمۇنلار بىلەن كۆپچىلىكنىڭ تەپەككۈرىنى، جۈملىدىن سودا تەپەككۈرىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە ئاز-تولا پايدىسى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قارايمەن.
ھۆرمەت بىلەن شىرزات
2020-يىلى 20- سېنتەبىر
【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容
9
粉丝
0
关注
在线咨询
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读
3
粉丝
0
内容
9