大数跨境

ئەقىللىق ئادەملەر نىمە ئۈچۈن ھەممە ئىشنى تەمكىن بىجىرەلەيدۇ؟

ئەقىللىق ئادەملەر نىمە ئۈچۈن ھەممە ئىشنى تەمكىن بىجىرەلەيدۇ؟ Tepekkur
2020-11-22
1
导读:ياخشىمۇ سىلەر، تەپەككۈر بىلىم رايونىغا مەرھابا!

ياخشىمۇ سىلەر، تەپەككۈر بىلىم رايونىغا مەرھابا!
بۇرۇننىڭ بۇرنسىدا، مەمەت، ئالىم، قاھار ئۈچ يېقىن دوست بىر بايۋەتچىگە ئىشلەيدىكەنتۇق.

1

بىر كۈنى بايۋەتچى ئۈچىسىدىن بىرسىنى سودىسىدا ياردەمچى قىلىپ تەينلىمەكچى بۇلۇپ، ئۈچىسىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپتۇ.
باي قولىدىكى تۇخۇمنى كۆرستىپ تۇرۇپ: « ئالدى بىلەن تۇخۇم پەيدا بولغانمۇ؟ توخو پەيدا بولغانمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ.
مەمەت « تۇخۇم » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ؛
قاھار « توخو » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ؛
ئالىم باينىڭ مەقستىنى كۈزۈتىش ئارقىلىق چۈشۈنۈپ، تەمكىنلىك بىلەن « خېرىدارغا توخو كېرەك بولسا، ئالدى بىلەن توخو، تۇخۇم كېرەك بولسا تۇخۇم ئالدى بىلەن پەيدا بولغان » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

2

بايۋەتچى ئىككىنچى سوئالىنى سوراپتۇ.
« تامنىڭ يېنىڭغا دۆۋىلەپ قويغان 1000 پارچە قىش كېسەكنى كۆردىڭلار، يېزىنىڭ چېتىدىكى كونا قوتانلىققا قانداق ئۇسۇل بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە توشاپ بولغىلى بولىدۇ؟ » دەپتۇ.
كۈچلۈك مەمەت ئىككىلەنمەستىنلا: « بىر قېتىمدا 30 قىشنى توشىسام يېرىم كۈندە توشاپ بولىمەن » دەپتۇ.
قاھار ئالدىرماي باشلىقنىڭ ھويلىسىنى ئايلىنىپ ئېشەك ھارۋىسىدىن بىرنى تېپىپ چىقىپ، « مۇشۇ ھارۋىدا 2 قېتىمدىلا يۆتكەپ بولىمەن » دەپتۇ.
ئالىم بولسا: « مەن مەمەتكە ھارۋا بىلەن قىش توشۇغۇزىمەن، ئالىم بولسا ماڭا ياردەملىشىپ، سېغىز توپا بىلەنە سۇ تېپىپ كىلىدۇ، خوشنىمىز سەمەتكە كونا قوتاندىن چىققان كېرەكسىز پارچە كېسەكنى بېرىپ، مەن بىلەن تەڭ يېڭى قوتان سېلىشىپ بېرىدىغانغا چاقىرىمەن » دەپتۇ.
كىم بايۋەتچىنىڭ سودىسىنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان باشلىق بولالايدۇ، دىمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ دەيمەن.

3

دىققەت قىلدىڭلارمۇ كۆپچىلىك ئەتىراپىمىزغا قارىساق:
« مەمەت » تەك ئەقلىنى ئىشلەتمەي كۆز ئالدىدىكى ئىشنى قىلدىغانلارر بەك كۆپ؛
بۇلارغا بىر ئىشنى تاپشۇرسىڭىز، دىگىنىڭىز بويىچىلا قىلىدۇ، ئارتۇق ئىشنى قەتئىي ئويلاشمايدۇ ياكى ئويلىشالمايدۇ؛
« قاھار » دەك كىچىك ئەقىل، تاكتىكا-ئۇسۇللارغا ماھىرلار بار؛
ئەمما، بۇنداقلار مەسىلىنىڭ تىگىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئالدىمغا كەلگەن ۋەزىپىنى ئامال بار ئاسان تۈگەتسەملا بولدىغۇ دەپ ئويلايدۇ؛
« ئالىم » دەك ئەقلىنى ئىشلىتىپ، يىراقنى كۆرۈپ تۈرۇپ ئىش قىلدىغان شۇنداقلا ئەتىراپىدىكى شارائىتتىن تۇلۇق پايدىلىنالايدىغانلار بار؛
بۇنداقلار كىيىنلىككە كۆپىنچە باشلىق ۋە بايۋەتچە بولالايدۇ؛

4

ھەمىمىزنىڭ « ئالىم » دەك ئەقلىمىزنى ئەتىراپلىق ئىشلىتىلايدىغان ئادەم بولغىمىز كىلىدۇ شۇنداقمۇ؟
ئەقىلنى ئىشلىتىش دىگەن گەپ ئەمەلىيەتتىلا بىر مۈجىمەل ئۇقۇم، مەۋھۈم گەپ، تۇتقىلى بولمايدۇ، كۆرگىلى بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا، كۆپىنچە ئادەملەرگە ئەقىلنى ئىشلىتىپ ئىش قىل دىسىڭىز، ھە دەيدىيۇ، بىر ئىشقا يۇلۇقسا نەدىن باشلاشنى بىلمەيدۇ.
ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟
بۈگۈن بىر ئىشقا يۇلۇققاندا، « ئالىم » دەك ھەر ئىشنىڭ نېگىزىنى تاپالايدىغان، ھەممە تەرەپتىن كۆرۈپ يىتەلەيدىغان ئىقتىدارنى يەتكۈزدىغان ئەڭ ئاددىي 1 ئامالنى كۆچىلىككە ئۈگۈتۈپ قويماقچى.
مۇناسىۋەتنى قانداق ئېنىقلايمىز؟

5

ئىككى كۈن بۇرۇن بېشىمدىن ئۆتكەن بىر كىچىك ئىش ئارقىلىق سۆزلەپ بەرسەم:
يېقىندا بىز يېڭى شىركەتنىڭ ئىچىنى زىننەتلەۋاتىمىز، بۇ جەرياندا ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئىشخانىنىڭ ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىك سۇ يولىنى قايتىدىن رەتلىمەكچى بولدۇق.
مەن ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ۋاكالەتەن بىجىردىغان شىركەت بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا، ئۇلار پۈتۈن قۇرۇلۇش ئۈچۈن 28 مىڭ يۈەن كىتىدۇ دىدى.
مەن ئۇلاردىن ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىك ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قايسى چىقىملار كىتىدۇ دەپ سورىدىم.
پەقەتلا 3 تۈرلۈك چىقىم باركەن، بىرىسى ماتىريال چىقىمى، بىرسى ئۇستامنىڭ چىقىمى، يەنە بىرسى كۈنلۈك چىقىم.
بىخەتەرلىكتە ماتىريالنىڭ چىقىمىنى تىجىگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇستامنىڭ سانىنى تىجىگىلى بولىدۇ، مەن بىر چوڭ ئۇستاملا كەلسۇن، كىچىك ئۇستام كەلمىسىمۇ بولىدۇ، ياردەملىشىپ بېرىدىغان ئادەم بار، دەپ ئادەم چىقىمىنى ئازايتتىم.
كۈنلۈك چىقىمغا كەلگەندە، شۇلارنىڭ باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ ئەسلى بىر ھەپتىلىك ئىشنى 3 كۈنلۈككە قىسقارتتىم.
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ چىقىمى 15 مىڭ يۈەنگە چۈشۈرىلدى.

6

مەن بۇ ئىشتا پەقەت 3 تەرەپتىن ئويلاشتىم:
بىرىسى، ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئۇچرايدىغان ئىشلارنى كاللامدا، سىزىق سىزىش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىزدىدىم؛
ئىككىنچىسى، ئوت مۇداپىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدىغان ئىشلارنى چىقىم بويىچە تۈرگە ئايرىدىم؛
ئۈچۈنچىسى، ئادىتىم بويىچە بۇ ئىشلارنى 3 نۇقتىغا مەركەزلەشتۈردۈم؛
ئۇنداق بولسا، تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش سودا ياكى تۇرمۇشتا ئۇچۇرغان مۇرەككەپ ئىشلارنى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلالايدىغان ھالەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن، بۇ 3 تاكتىكىنى ئاددىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي؛
بىرىنچىسى، سىزىق ئارقىلىق مۇناسىۋەت ئىزدەش
ھەرقانداق مەسىلىگە يۇلۇققاندا، شۇ مەسىلىدىكى كۆرۈپ يىتەكلىگەن ۋە ئويلاپ يىتەلىگەن ئىشلارنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتنى تاپالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ، ھەممىسىنى دەپتەرگە يېزىپ، شۇلارنىڭ ئارسىدىكى مۇناسىۋىتىنى سىزىق ئارقىلىق ئۇلاپ چىقىشنى ئۈگۈنۈڭ؛
يۇقارقىسى، بۇ يىل يازدا، خوتەندىكى بىر خېرىدارنىڭ يىمەك-ئىچمەك زاۋۇتنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ماڭغۇزغىلى ۋە باشقۇرغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا سىزىپ چىققان مۇناسىۋەت خەرىتىسى.
بۇ ھەم شۇنداقلا شۇ زاۋۇتقا چىقىرىپ بەرگەن « ئىشلەپچىقىرىش سېخىمىسى »؛
مۇشۇنداق ئېنىق روشەن بولغاندىلا، زاۋۇت باشلىقى مۇشۇ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق زاۋۇتىنى يۈرگۈزسە، كۆپلىگەن تەنەرخ ۋە ۋاقتىنى تىجەپ قالالايدۇ.
بۇنداق رەسىم سىزىشنى ئادەتتە تەپەككۈر خەرىتىسى دەيمىز، ئۈگەنمەك ئۇنداق تەس ئەمەس، ئەگەر دۆلەت ئورتاق تىلى ياخشىلار بولسا، توردا بۇ توغرۇلۇق كىتاپلار بار. كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئىككىنچىسى، تۈرگە ئايرىش
ئىشلارنى تۈرگە ئايرىپ ھەل قىلىش مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل.
ئالدىدا بىز مىسالغا كەلتۈرگەن « ئالىم » خوجايىننىڭ « خىش-كېسەك توشۇشتا » سورىغان سوئالىغا ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، « خىش-كېسەك »، « باشقا كىتىدىغان ماتىرياللار»، « ئادەم كۈچى ئىشلىتىش » دىگەندەك 3 جەھەتتىن تۈرگە ئايرىپ، خوجايىننىڭ سوئالغا ئەتىراپلىق، ئېنىق-روشەن جاۋاب بېرەلىدى.
ئۈچۈنچىسى، 3 نۇقتىغا يىغىنچاقلاش
سىز يۇلۇققان ھەر بىر مەسىلىنى 3 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
مەسىلەن: بايۋەتچىنىڭ بىزنى بۇنداق كېسەك يۆتكەيدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرشىدا:
بىرىنچىدىن.... ئىككىنچىدىن..... ئۈچۈنچىدىن.... دىگەندەك.
3 دىگەن بۇ سان بىلسەڭلار ناھايىتى خاسىيەتلىك، سىز بىر ئىشنى 3 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئويلاشنى ئادەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، بىلىپ-بىلمەي يۇلۇققان مەسىلىنىڭ پارچىلاش، يىغىنچاقلاش، خۇلاسىلەش ئىشلىرىنى ئۆزلىكىڭىزدىن قىلدىغان بۇلۇپ كىتىسز.
خوش، كۆپچىلىك بۈگۈن مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىي ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈپ قويدۇق، خىزمىتىڭىز، تۇرمۇشىڭىز ۋە سودىڭىزدا ياردىمى بۇلۇپ قالسا، ئەجەپ ئەمەس.
END


يارىغان بولسا، مەخسۇس ئەقىلىق ئادەملەر ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ « تەپەككۈر » سالونىمىزنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويارسىز.
ھۆرمەت بىلەن شىرزات
2020- يىلى 22- نوياربىر



【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容 0
粉丝 0
Tepekkur تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读0
粉丝0
内容0