搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
باشقىلارنىڭ سودىسى نىمە ئۈچۈن ئاسان پۈتىدۇ؟
>
باشقىلارنىڭ سودىسى نىمە ئۈچۈن ئاسان پۈتىدۇ؟
Tepekkur
2020-11-23
1
导读:بۇ سالون كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ئىشتىن ئۈنۈم كۆرىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇن.
مەرھابا تەپەككۈر بىلەن ئىش قىلدىغان دوستلار.
بۇ سالون كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ئىشتىن ئۈنۈم كۆرىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇن.
بۈگۈن
« باشقىلارنىڭ سودىسى نىمە ئۈچۈن ئاسان پۈتىدۇ؟ »
دىگەن مەزمۇندا ئورتاق تەپەككۈر يۈرگۈزىلى.
دائىم خېرىدارلاردىن، بۇلۇپمۇ سودىسىنى يۈرگۈزەلمىگەن سودىگەرلەردىن (ئارسىدا ئۈندىدار سودىگەرلىرىمۇ بار) تۆۋەندىكى 3 سوئالنى بەك كۆپ ئاڭلايمەن:
بۇ 3 سوئالغا يۇلۇقسىڭىز، بەلكىم سىزگە:
∣
بەزىلەر تەشۋىقاتنى ئاز قىلىپسەن دەيدۇ؛
∣
بەزىلەر پائالىيەت قىلماپسەن دەيدۇ؛
∣
بەزىلەر باھايىڭ قىممەتكەن دەيدۇ؛
ئۇنداق بولسا، قايسىنىڭ گىپىگە كىرىش كېرەك؟
باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى بىر يەرگە قايرىپ قۇيۇپ تۇرىلى.
ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى خېرىدارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقىلى.
ئەگەر بىز بىر مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولساق ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن تۆۋەندىكى 3 سوئالنى سورايمىز:
1
مەھسۇلاتقا ئېھتىياجىم بارمۇ؟
ئۆيدە تۇز قالمىسا، دۇكانغا كىرىپ تۇز سېتىۋالىمىز، تۇز بولسا، سېتىۋالمايمىز بۇنى ھەمىمىز بىلىمىز.
ئۇنداقتا تۇزنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟ تەم تەڭشەشكە.
خوش تۇزنىڭ
ئېھتىياج نۇقتىسى
تەم تەڭشەشكەن، ئەمسە مەھسۇلاتىڭىزنىڭ
ئېھتىياج نۇقتىسى
نىمە؟
خۇڭ نىيۇۋ
(
红牛
)
نى بىلىسىلەر، ساغلاملىق ئىچىملىكى، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىچىملىككە ھىچكىمنىڭ بىۋاستە ئېھتىياجى يوقتى.
ئەمما، ئەينى يىلى خۇڭ نىيۇۋ شىركىتى بىر نەچچە مودا ياشلارنى ئېلانغا چىقىرىپ
« چارچىغاندا، ئۇيقۇڭ كەلگەندە، ساڭا بىر بوتۇلكا خۇڭ نىيۇۋ كېرەك »
دىگەن ئېلانى بىلەنلا، خۇڭ نىيۇۋغا بازاردىن ئۆزىگە ئەڭ ماس كەلگەن
ئېھتىياج نۇقتىسىنى
بېكىتكەن.
شۇنىڭ بىلەن ياشلار چارچىغاندا، كەچلىك ئىسمىنا ئىشلىگەندە ياكى سەپەرگە چىققاندا خۇڭ نىيۇۋ ئىچىدىغان بولدى. بولمىسا، بۇرۇن قەھۋە ياكى ئاچچىق دەملەنگەن چايلا ئىچىتى.
2
مەھسۇلاتنى قاچان سېتىۋالىمەن؟
سەي-كۆكتات، نان، گۆش قاتارلىقلارنى كۈندە سېتىۋالىمىز، ئاغىرىپ قالغاندا دورا سېتىۋالىمىز، پەسىل ئالماشسا، ئاياغ-كىيىم سېتىۋالىمىز. ھەممىسىنىڭ
سېتىۋېلىش ۋاقتى
بار.
بۇ
سېتىۋېلىش ۋاقتى
، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىغا سىڭىشىپ بولغان.
ئۇنداقتا مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سېتىۋېلىش ۋاقتى قاچان؟
كۈندىمۇ؟ ئايدىمۇ؟ ياكى پەسىلدىمۇ؟ ۋەياكى ئۆيگە ئوخشاش بىر ئۆمۈردە پەقەت بىر ياكى ئىككى قېتىملىمۇ؟
ناۋ بەي جىڭ
(
脑白金
)
نى ھەمىمىز بىلىمىز، ساغلاملىق مەھسۇلاتى، ھازىر بۇ مەھسۇلات بازاردىن شاللىنىپ بولدى.
ئەمما، ئەينى يىلى
« بۇ يىل بايرامدا سوۋغات قۇبۇل قىلمايمىز، پەقەت ناۋ بەي جىڭنى قۇبۇل قىلىمىز »
دىگەن ئېلانى بىلەنلا ئۇدا 16 يىل
بايرام ۋاقتىدا ياكى چوڭلارنىڭ يوقلىغاندا
چوقۇم سوۋغات قىلدىغان مەھسۇلاتقا ئايلانغان.
3
مەھسۇلاتنى نەدە (ياكى كىمدىن) ئالىمەن؟
كۆپىنچە ئادەملەر تاللا بازرىدا مەھسۇلات سېتىۋالامدۇ ياكى تاۋباۋدىن ۋە ياكى ئۈندىداردىن مەھسۇلات سېتىۋالامدۇ، پائالىيەت قىلغاندا سېتىۋېلىشقا ئامىراق.
چۈنكى شۇ چاغدا ئەڭ چوڭ
نەپكە ئېرىشىمىز
دەپ ئويلايدۇ.
بەزى ئادەملەر پائالىيەتتە مەھسۇلات سېتىۋالمىسىمۇ، « ناننى ناۋايدىن، گۆشنى قاسساپتىن » دىگەندەك ھەرقانداق مەھسۇلاتنى قىممەت بولسىمۇ كەسىپ ئىگىسىدىن سېتىۋېلىشقا ئامىراق،
چۈنكى بۇنداقلار ماركىلىق مەھسۇلاتنى كەسىپ ئىگىسىدىن سېتىۋالساق ئالدانمايمىز، ئەڭ چوڭ
نەپكە ئېرىشىمىز
دەپ ئويلايدۇ.
4
بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم ياكى ماركىدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا ئامىراق، ئۇلارغا مەھسۇلات باھاسى ياكى شۇ ساتقۇچىنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان كەسپىيلىكى تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ، بىراق شۇ ساتقۇچىدىن
باشقا جەھەتتە نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.
تۇرپاندا، ئۈندىداردىكى ئىسمى « جان سۇ » دەپ ئاتىلدىغان بىر ئۈندىدار سودىگېرى بار.
بۇ قىز مەخسۇس قاش قەلەم ساتىدۇ. بۇ قىزنىڭ مەھسۇلاتى ئەرزانمۇ ئەمەس، داڭلىق ماركىمۇ ئەمەس.
ئەمما، بۇ قىز نەچچە مىڭ كىشىلىك 5 ئۈندىدار توپىدا، كۈندە مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، توپتىكى باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ئورنىتىدۇ ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.
شۇ نەچچە مىڭ ئاڭلىغۇچىلار نادىر ئەسەرلەرنى بۇ قىز بالىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئارقىلىق ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈنلا، قاش قەلەمگە ئېھتىياجى بار بولسىلا، بۇ قىزدىن سېتىۋالىدۇ.
مانا بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ باشقا جەھەتلەردىن
نەپكە ئېرىشكەنلىكى
ئۈچۈن، مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان رېئال مىسالى.
5
نەپكە ئېرىشىش باھا، سۈپەت ياكى مۇلازىمەت جەھەتتىنلا بولمايدۇ.
سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز رىقابەتچىلىرىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىدىن باھا، سۈپەت ياكى مۇلازىمەت جەھەتتىن چوڭ ئارتۇقچىلىق بولمىغان ۋاقىتتا، ئەرزان سېتىشقىلا ئۇرۇنماي، باشقا جەھەتتىن خېرىدارلار
قىزىقىدىغان نۇقتىدىن نەپ بېرىشنى
ئويلىشىپ بېقىڭ.
ئەگەر شۇ
قىزىقىش نۇقتىسىنى
تاپسىڭىز، بەلكىم دەماللىقا ئۈنۈمى بولماسلىقى مومكىن، لېكىن 3 ئاي ھەتتا بىر يىل ئىزچىل قىلىپ بېقىڭ، چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.
خەيرى، كىلەر ساندا كۆرىشىلى.
ھۆرمەت بىلەن شىرزات
2020-يىلى 23- نويابىر
【声明】内容源于网络
0
0
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Tepekkur
تەپەككۈر ھەربىر ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋە قابىلىيتى، سىزدە بارمۇ؟
总阅读
0
粉丝
0
内容
0