大数跨境

🧡سودىگەر ئانا

🧡سودىگەر ئانا aybarawazi
2022-09-01
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


سودىگەر ئانا


  مىھرىئاي  قەلىمى 

  

بىر قولىدا بۈشۈك بار ئىدى،

بىر قولىدا دۇنيا بار ئىدى.

قاراپ باققىن ، ئىككى قولىدا بىر تىلفۇن ھازىر !

پەرزەنت ئۇنتۇلدى، دۇنيا ئۇنتۇلدى

ئۇ ئەسلىدە ئۇلۇغ ئانا ئىدى.

ھەي...

دەپ ، ئېچىنار بىرى

خۇددى ئۇ ھازىر ئانا ئەمەستەك!


چەمبىرىكىڭ نىمە ئۇ، ئىتىۋەتتىم،

ئىشەنمەيمەن  ئېلان دېگەنگە،

زىرىكمەمسەن،ھارمامسەن،

بىرلا كېلىسەنغۇ دۇنيا دىگەنگە!

ئۇھ...

دەپ ئۇھسىنار بىرى

ئۇ خۇددى بىر غەلىتە ئىنسان!


يوقىدىڭغۇ، چايدىمۇ يوق، ئولتۇرۇشتا ھەم،

بېسىۋالدىمۇ ياكى تۈگىمەس، ياكى پۈتمەس غەم،

ئىزدىگىن بىزنى ئويناپ كىلىمىز

ئىسىڭدە بولسۇن ئادەم بىلەن ئادەمدۇر ئادەم

دەپ ئەسكەرتىدۇ يەنە بىرى

خۇددى ئۇ قاچقاندەك ھەممىدىن بىردەم.

  

ئاشۇ  بۆشۈكتىكى بالىسى ئۈچۈن

بالىسىنىڭ  ئەتىسى ئۈچۈن 

كېچىلەپ ئۆتكۈزگەن  ئۇيقۇسىز كېچىلىرىنى 

ئېغىر يېشىكلەرنى  كۈچەپ كۆتۈرۈشلىرىنى

بىلمەيدىكەن  ئېچىنغانلار!


ئىتىۋەتكىنىنىڭ چەمبىرەك  ئەمەس قەلبلىقىنى  

ئېلان  ئەمەس  چىن سۆزلىكىنى

ھارسىمۇ،  تالسىمۇ  ناگان ناگاندا ،

بىرلا كەلگەچكە دۇنيا دېگەنگە ،

تاتلىق ئارمان  بىلەن ، 

ئاددىي  ئارزۇ بىلەن ،

ھاياتىمغا  مەنا قۇشۇلسىكەن دەپ ،

بالامغا  ئۈلگە بۇلارمەن دەپ ،

كۆزلىرىنى ، زېھنىنى ، ۋاقىتلىرىنى ئاتىغىنىنى ،

بىلمەيدىكەن  ئاداش دىگەنلەر ،


چايغا  بارماي دەرس تىڭشىغىنىنى ،

غەمنى  ئويناپ تۈگەتمەي ، تىرىشىپ تۈگىتىشكە بەل باغلىغانلىقىنى 

ئۇلار ئوينىغاندا ، ئۇخلىغاندا ،

ئۇنى مازاق قىلغىنىدا ،

ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ  ئۇچىنىڭ ئېچىشقىنىنى ،

سول تەرىپىنىڭ ئازراق ئاغىرغىنىنى ،

بىلمەمدىكىنە يېقىنلىرى ،


ئۇمۇ ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى ،

24سائەت ئوخشاش تەڭشەلگەن ،

ئۇمۇ ئەسلى نازۇك قىز ئىدى ،

ھالرەڭ دۇنياغا ئۇمۇ ئنتىلگەن ،

ئۇمۇ ئاددىي بىر ئانا ئىدى،

پەرزەنت ئاتلىق نىممەت بىرىلگەن،

كۆتۈرگىنىڭ يىشىك ئەمەس ئارزۇ ،

پاراڭلاشقىنىنىڭ خېرىدار ئەمەس ئەتە ،

يوللىغىنىنىڭ چەمبىرەك ئەمەس ئۈمۈد ،

ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىنە ئۇلار !

ئۆزلىرىچە،

زاڭلىق قىلىشىپ، يالغان دىيىشىپ ،

پەرزەنتلىرىگە ئىچ ئاغىرتىشىپ !


مەيلى نىمە دەڭ ، 

سودىگەر ئانا ئۇ ، 

بىر تىلفۇن بىلەن

دۇنيانى كىزىپ، 

ناتۇنۇشلارغا مىھرىنى بىرىپ

ئۈندىدارنى ھەم دۇكان قىلىپ ئېچىپ

جاپاغا ھەتتا ئۆزىنى ئېتىپ

قان تەرى بىلەن پۇلمۇ ھەم تېپىپ

ئاكتىپ نۇرىنى ھەممىگە چېچىپ 

مېڭىۋاتقان،

يۈگرەۋاتقان،

بەزىدە ھەتتا ئۆمىلەپمۇ قويغان،


لىكىن ھىچقاچان ئۈمۈد ئۈزمىگەن

قەدىمىنى  توختاتمىغان

ھەم




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەرمۇ  ئېلان چىكىپ قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 

قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k