
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە
ساننى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاڭ
| 1 |
|||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
تۆرە باقى ئەتىسى ئەتىگەندىلا،ياش بايتىلىغا مىنىپ،ئۆمەرنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە،داۋاندىن ئۆتتى.ئۆزىنىڭ شۇنچە ھەرەج تارتىپ،مۇشۇ پادىچى بالىلارچىلىكمۇ زەن قويالمىغىنىغا بىر تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە،ئۆزى ئاتايىتەن كۆرۈشكەن مويسىپىت كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە زىنھار ئېغىز ئاچمىغىنىغا ئاچچىقى كەلدى. ئۇ ئۆمەرنىمۇ كەينىگە سېلىۋالغان ئىدى. «سادىق بەكرەك بىلەتتى، دادا، ئۇ ماڭا كۆرسىتىپ قويمىغان باشقا يەرلەرنىمۇ بىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بوۋىسى كۆرسىتىپتىكەنمىش... » ئۆمەر شۇنداق دەپ سادىقنى مىڭ يادلاپ، ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئاپىرىش ئۈچۈن،كىگىز ئۆيىگە،مال باقىدىغان يايلىقىغىچە بارغان بولسىمۇ، ھېچنەدىن تاپالمىدى.
ـــ ئەتىگەندىن باشلاپلا يوققۇ؟ ئىشقىلىپ مەن ئۇنى ئەتىگەنلىك چاي ۋاقتىدىمۇ كۆرمىدىم،ـــ دېدى سادىقنىڭ ئاكىسى سەلىم. ئامالسىز قالغان ئۆمەر سەلىمنى ئېلىپ، دادىسىنى باشلاپ يىراقتىنلا قارامتۇل كۆرۈنىدىغان قار قىزىل داۋىنىنىڭ يانتۇ تەرىپىدىكى تاغقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ـــ «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا» دېگەندەك ئىش بولدى-دە. قاراڭلار، مانا بۇ تاغدىكى گۆھەرنى سىلەر كىچىك تۇرۇپلا تونۇۋاپسىلەر، يارايسىلەر! ئەمدى بىزمۇ تېزەك ئەمەس، شەھەرلىكلەردەك كۆمۈر قالايمىز، شەھەرلىكلەرگە كۆمۈر ساتىمىز، پۇللۇق بولىمىز، باي بولىمىز!...ـــ تۆرە باقى بالىلارغا شۇنداق دەپ كۆمۈر توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.سۆزلەۋېتىپ خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا كۈلەتتى. قارىماققا ئۇ بالىلارغا ئىلھام بېرىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن، ئىچىدە تۆمۈر تاينىڭ كېيىنكى يىرىك پىلانىنى تۈزۈۋاتاتتى....
تاغلىقلارنىڭ قار-قىزىل دېگىنى شارقىراتمىنىڭ كەينىگە توغرا كېلىدىغان تىك يار بولۇپ، شارقىراتما پەيدا قىلغان قاينامنىڭ سۈرىدىن قورققان كىشىلەر بۇ يەرگە ئاسانلىقچە يولاپ قويمايتتى. يەنە كېلىپ بۇ يەرنىڭ ھاۋا ئۆزگىرشى،شاش تۆگىدەك ئىدى.بىر پەسىلدە،يازمۇ،قىشمۇ ئوخشاش بولاتتى.ھايت ھۇيت دېگۈچىلىك ئارلىقتا قارا بوران چىقىپ،قار يامغۇر يېغىپ،يەر يۈزىنى مۆلدۈر قاپلاپ كېتەتتى ياكى بولمىسا پاختەكتەك پاختەكتەك قار يېغىپ ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى.تۇيۇقسىز قار كۆچۈش،ياكى قارلىق چوققىلاردىن لاي-لاتقىلىق كەلكۈن گۈرۈلدەپ كېلىپ،يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك،ئۇچرىغانلىكى نەرسىلەرنى يالماپ يۇتۇپ كېتىدىغان ئىش ھەرقاچان يۈز بېرىپ تۇراغاچقا، ناھايىتى تەجرىبىلىك كەلگەن ئاز ساندىكى چارۋىچىلاردىن باشقا ھېچقانداق ئادەم بۇ يەرگە كەلمەيتتى، كەلگەن تەقدىردىمۇ، تېزلا كېتىپ قالاتتى. سادىقنىڭ چوڭ دادىسى تاغچىلار بىلىدىغان داڭلىق ئوۋچى ئىدى، ھەر قانداق ھايۋاننىڭ ئىزىنى، يولىنى تونۇپلا قالماي،تاغ ھاۋاسىغىمۇ پىششىق،ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي كۈچلۈك ھەم تېمەن ئىدى.شۇڭىمۇ ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ پات-پات بۇ تەرەپلەرگە ئوۋغا چىقاتتى. ئىنسان ئايىغى تولا تەگمىگەچكە، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن ئوۋلاپ قايتىدىغان ئولجىسىمۇ خېلى كۆپ ئىدى، ئەمما ھەر قېتىملىق ئوۋدا ئۇلار ئۇچراپ تۇرىدىغان خەتەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
ئەپسۇس،بوۋاي،ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا،مۇشۇ يەردە بەختسىزلىككە ئۇچراپ،ئامراق نەۋرىلىرىدىن ئايرىلدى.يەر شارائىتى مانا شۇنداق ئالاھىدە بولغاچقا،ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ھېچكىم بىر باشلىق ئېلىپ كېلەلمىدى.پەقەت،تاشقىن ئاز بولىدىغان،پەسىلدە،يەرلىكلەر ئۆز ئىچىدىن تەشكىللىنىپ،سادىق،سەلىملەر بىلەن بوۋاينىڭ جەسىتىنى بىرنەچچە كۈن ئىزدەپ كۆردى، ئەمما يەنىلا تاپالمىدى. «بۆرە تارتىپ كېتىپتۇ» دېيىشتى كىشىلەر. مانا شۇ ئىشقىمۇ ئىككى يىل بولدى، بىراق سادىق ئاكىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي بوۋىسىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەپ بۇ تەرەپلەرگە پات-پات كېلىپ تۇراتتى. سادىق 17ياشلارغا كىرىپ قالغان قاۋۇل يىگىت ئىدى. بوۋىسىدەك قورقۇمسىز، غەيرەتلىك بولۇپ،ئىگە-چاقىسىز قالغاندىمۇ، ئوۋچىلىق بىلەن ئۆزىنى بېقىپ كېتىۋاتاتتى. ئاكىسى سەلىم ئىشقا بوش ئىدى، 10 نەچچە ئۆچكىسىنى ئالدىغا سېلىۋېلىپ، قازاق ئاۋۇلىدىكى ئېرىدىن تۇل قالغان ياش چوكان ئالىمەگە كۆز تاشلاپ ھېچ ئىشنى قىلغىلى ئۇنىمايتتى. كېيىن ئالىمەنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، ئۇنى ئات بىلەن قوغلاپ، قامچا سېلىپ ئىككىنچى بۇ ياققا ئۆتمەس قىلىۋەتتى. قامچا ئاستىدا ئۆلمىگىنىگە قانائەت قىلغان سەلىم تۇنجى يانغان بۇ ئوتنى جەنۇب تەرەپلەردىن كېلىپ قالغان تۇنىساخان ئىسىملىك ياش جۇۋان بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بىلەن ئۆچۈردى. كېيىن ھەتتا ئالىمەنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ، ۋاتىلداق خوتۇنىنىڭ كەينىدىن «ھا» دەپ ئېغىز ئاچالمايدىغان «سايىم نوچى»غا ئۆزگىرىپ كەتتى...
3
سادىقنىڭ ئۆيى،قارقىزىلغا ماڭىدىغان يولنىڭ باشلىمىدا،چوڭ دەرياغا يېقىنراق يەردە ئىدى.تۆرە باقى ئۆمەرنى ئەگەشتۈرۈپ كۆمۈر زاپىسى بار يەرنى ئىزدەپ چىققان بۇ كۈندە، سادىق تەڭ كېچىدىلا ئويغاندى.ئۇ بوۋىسىنى چۈشىدە كۆرگەنىدى.بوۋىسى يىغلاپ تۇرۇپ:«ھەرقايسىڭنىمۇ ئوغۇل بالا دەمدۇ؟مەن قېرى جېنىمدا بۇ يەردە توڭۇپ ئۆلىۋاتىمەن-يۇ،ئەمما سەنلەر يەنە شۇ قوسىقىڭنى تويغۇزۇشنىڭ بالاسىدا...»دەۋاتىمىش...بوۋاي دېرەكسىز غايىب بولغان شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان،سادىق بوۋىسىنى بىرنەچچە قېتىم چۈشىدە كۆرگەن،ئەمما ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ۋە روشەن كۆرۈپ باقمىغانىدى.ئەجىبا،بوۋام مېنىڭ ئۆزىنى ئىزلەپ بېرىشىمنى ئارزۇ قىلىۋاتسقان بولسا؟ئەجىبا،ئۇ تېخىچە ھايات بولسا؟... مۇشۇنداق خىياللار كاللىسىنى چىرمىۋالغان سادىق،تۈزۈكرەك ناشتىمۇ قىلماي،ئۆيدىن چىقتى-دە،بىر سائەتكە قالمايلا،مۇز ئېقىندىن يالغۇز ئۆتتى. بۇ ئەتىياز پەسلى ئىدى، ھەر ۋاقىت قار كۆچۈپ قېلىش ياكى تۇيۇقسىز كەلكۈن كېلىپ قېلىش خەۋىپى بار ئىدى. لېكىن سادىقنىڭ ئىچى كېچىدە كۆرگەن ئاشۇ بىر چۈشنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن تىتىلداپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنى شۇ بىچارە بوۋىسى بېقىپ قاتارغا قوشقان،ئۇنىڭغا ئەركەكلىكنىڭ سۈپىتىنىلا ئەمەس،جان بېقىشنىڭ ھەق يوللىرىنى ئۆز ۋۇجۇدى ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،شۇ مېھىرلىك ئادەمنىڭ يا ئۆلۈكى يا تىرىكى تېپىلمىسا،ئۇ نېمىشقىمۇ بىئارام بولماي تۇرالىسۇن؟
ئىچىدە گۈرۈلدەپ تۇرغان سېغىنىش ئوتى،نېمىشقىكىن، سادىقنى ئەڭ تىك،ئەڭ ئېگىز ئاشۇ تاغ چوققىسىغا يامىشىپ بېقىشقا قۇترىتىپ كېتىۋاتاتتى.دېمىسىمۇ،بوۋىسىنى ئىزدىمىگەن پەقەت مۇشۇ قارلىق چوققىلا قالغانىدى.تاغلىقلارغا نىسبەتەن،بۇ چوققا كىشىلەر بەكرەك قاراشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان ئاپەتنىڭ ئۇۋىسى سانىلاتتى.چۈنكى قارمۇ مۇشۇ چوققىدىن باشلاپ كۆچەتتى، كەلكۈنمۇ مۇشۇ چوققىدىن گۈلدۈرلەپ ئېقىپ كېلەتتى.« چوقۇم تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش كېرەك.قورقۇنچلۇق بولسا نېمە بوپتۇ؟ياۋايى ھايۋانلار،جانغا زامىن تەبىئەت ئاپەتلىرى....ئاشۇ دىلكەش بوۋامنىڭ،مېھىر مۇھەببىتىگە سېلىشتۇرغاندا،قانچىلىك نەرسە ئىدى؟»سادىق شۇنداق ئويلىدى.ئەمىليەتتە،ئۇ مۇشۇ تاغ چوققىسىغا چىقىپ بېقىشنى كىچىكىدىن تارتىپلا كۆڭلىگە پۈككەن،شۇغىنىسى،بوۋىسى قويمىغانىدى.مانا بۈگۈن ۋاختى سائىتى كەلگەن چېغى! سادىق تەقەززا بولغان ھالدا،جەدە ئېتىغا قامچا سېلىپ،تىك داۋاندىن،ئۈچ تارام ھەيۋەتلىك شارقىراتمىدىن ئۆتتى.دېگەن مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە،تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلىۋاتاتتى.ئۇ،ئاتنى تاغ يامزىلىغا قويۇۋېتىپ،ھېچ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا،ئۇدۇل چىقىدىغان يول بىلەن بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن قارلىق چوققىلارغا قاراپ ماڭدى.
ئالاھىزەل بىر ئاش پىشىمچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،شەرق قىزىرىشقا باشلىدى.بۇلۇتلار قىزىل ھەل بېرىلگەندەك بولۇپ كەتكەن،كۆتۈرلىۋاتقان قۇياش بىر بىرىگە ئېسىلىشىپ تۇرغان قىيا تاشلارنى ئەتتىرگۈل رەڭگىگە كىرگۈزگەن،جاھان شۇ قەدەر تېنچ،شۇ قەدەر گۈزەللىككە تولغان،مەيىن شامال لەزىن ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.«بەلكىم بوۋامدىن باشقا ھېچكىممۇ بۇ چوققىغا چىقىشنى ئويلاپ باقمىغان ھەم چىقىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.»...ئۇ،شۇنداق دەپ پىچىرلىدى.بۇنداق ئويلاش ئۇنىڭغا باشقىچە شىجائەت ۋە قايتماس ھاياجانلىق كۈچ ئاتا قىلاتتى.ئەمما قانچە ئېگىزلىگەنسېرى،تاغ سوغوقى جاندىن ئۆتەتتى.بۇ يەردە تاغ باغرىدىكى مەيىن شامال شىۋىرغانغا ئۆزگەرگەن،بۆرىدەك ھۇۋلايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ شالاڭشىپ كېتىۋاتاتتى.ئىككىنچى چوققىدىنمۇ ھالقىپ بولغاندا،سادىق ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك ئېگىزلىككە چىققانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تۆۋەنگە قارىدى.كۆمۈر چىقىدىغان كۈيە تاغ چوققىسى ئايىقى ئاستىدىكى شالاڭ تۇمانلارنىڭ ئارىسىدا ئاران ئاران قارىيىپ تۇراتتى.قارغايلار گەۋدىسى ۋە سۆلكىتىدىن ئايرىلىپ،خۇددى يوغان بىر پارچە سۇس يېشىل تاۋارغىلا ئوخشاپ قالغان يايلاقنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىكى ئاق كىگىز ئۆيلەر،خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئۈنۈپ چىققان گۈمبەمەدەكلەردەك تولىمۇ كىچىك كۆرۈنەتتى. شۇ تاپ ئۇنىڭ يامىشىۋاتقىنى ئۈچىنچى چوققا بولۇپ،سادىق يەتمەكچى بولغان بۇ مەنزىل،گويا سىرلىق ئوردىدەك،قويۇق ۋە ئاپپاق بۇلۇتلارنىڭ قورشاۋىدا كۆزگە كۆرۈنمەيلا قالغان ئىدى.بۇ چوققىدىن كېيىن يەنە تۆتىنچى چوققىنىڭ بارلىقىنى بۇ يەردىكىلەر ئەزەلدىن تەسەۋۇرىغا سىغدۇرۇپ باققان ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، مۇشۇ چوققىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ،ئەڭ سەلتەنەتلىك يەر ھېسابلىناتتى...
يەنە ئازراق ۋاقىت ئۆتتى.سادىق باش كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭمۇ ئاپپاق تۇمان ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنچە توڭلىغىنىغا قارىماي،نېمىشقىكىن ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك ساپ، شۇ قەدەر نەمخۇش ھاۋادا يۈرەكلىرى يايراپ كەتكەن ھالدا ھېس قىلدى.باش ئۈستىدە بىر جۈپ بۈركۈت غاقىراپ ئۇچۇپ يۈرەتتى.بۈركۈتلەر نېمە دېگەن بەختلىك ھە!دېدى ئۇ ئۆز ئۆزىگە،ئۆزىچە ئاشۇ بۈركۈتلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىدى.ناۋادا، ئۇمۇ ئاشۇ قورقماس بۈركۈتتەك قانات چىقىرىپ دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىلىرىدا ياشاپ قالالىغان بولسا-ھە؟!شۇ چاغدا ئۇنىڭدا غەلىتىلا بىر تۇيغۇ پەيدا بولۇپ،ئۆزىنى پايانى يوق كەڭ تەبىئەت،ھەيۋەتلىك تاغلار، پايانسىز بوشلۇقلار، ياپيېشىل قارىغايلار، ئاپپاق بۇلۇتلار،قارام بۈركۈتلەر... بىلەن بىر تەن، بىر جان بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.ھەم بىر يانتۇ ئۆسكەن قارغايغا يۆلۈنۈپ،بىردەم دېمىنى ئالغاچ، ئەتراپىدا لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپپاق بۇلۇتلارغا، پات-پات باش ئۈستىدە پەيدا بولۇپ، ئۇنى قانداق قىلاركىن دېگەنكىدەك، ئەگىپ ئۇچۇۋاتقان ئانا بۈركۈتكە، قۇلىقى تۈۋىدىلا گۈركىرەۋاتقان غۇر-غۇر شامالغا، كۆپكۆك ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان ھەيۋەتلىك قىيالارغا،شۇنداقلا ئۆزىگە بىردىنلا يېقىنلاپ قالغان قىپقىزىل قۇياشقا... بىر خىل ھەيرانلىق ھەم ئەيمىنىش ئىچىدە ئۇزاققىچە قاراپ قالدى..ئارقىدىن ئۇنىڭ يېنىدىلا تولغىنىپ كۆتۈرلىۋاتقان قېنىق كۆك رەڭدىكى بىر پارچە پورەك بۇلۇت پەيدا بولدى.پەستىكى شاقىراتما پەيدا قىلغان دەريا ئېقىنى تولغىنىپ كېتىۋاتقان غايەت زور يىلاننىڭ ئۆزىگە ئوخشايتتى.نېمىشقىكىن،سادىقنىڭ بۇرنى ئېچىشىپ، ئىختىيارسىز يىغلىغۇسى كەلدى.بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا،ئۇ ئۆزى نەقەدەر ئەرزىمەس بىر جان ھە!...ئۇنىڭغا گويا پۈتۈن سۈرۈك تاغ بىردىنلا جانغا كىرىپ،يىقىلماس،خورىماس گىگانت تاغقا ئايلىنىپ قالغاندەك، ئۆزى بولسا بۇ غايەت زور تاغنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىگە ئىلىنىشىپ تۇرۇۋاتقاندەك،تاغ تۇيۇقسىز بىرلا سىلكىنىدىغان بولسا، ئۇ ۋارقىرىغان پېتى،تۆۋەن تەرەپتىكى ئاشۇ دەھشەتلىك قايناملارنىڭ ئىچىگىلا كىرىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلدى.مۇشۇنداق ئويلىغاندا،ئۇ تىنىقلىرىغا مۇزدەك سوغوق سۇنىڭ چىڭدىلىۋاتقانلىقىنى،چۆچەكچىلەر ئېيتىپ ھارمايدىغان قانداقتۇر قورقۇنچلۇق ئالۋاستىلارنىڭ سۇ ئىچىدە قالايمىقان تىپىرلاۋاتقان ئۆزىگە بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن ئۇنىڭ ياش بەدىنىنى تىتما-كاتاڭ قىلىپ تاشلاۋاتقانلىقىنىمۇ ئېنىق ھېس قىلدى. ئارقىدىن بىردىنلا كۆز ئالدى غۇۋالىشىپ،بىر ياش بالىنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراپ قارا قاينامغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئېچىنىشلىق ھالىتى كۆرۈندى...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرە ئىدى... سادىقنىڭ پىستە كۆزلىرى قورققىنىدىن ئالاق-جالاق بولۇپ،ئىنسانلاردا تۇغما بولىدىغان بىر قوغدىنىش ئېڭى بىلەن،بۇ ئەتراپتىكى ئۆزى دەرھاللا مۆكۈنىۋالغۇدەك بىر جاينى، ھېچ بولمىسا مەزمۇت چاپلىشىپ تۇرۇۋالغۇدەك بىر يەرنى ئىزلەشكە باشلىدى. شۇنداق جىددى پەيتتە ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىككى مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى بىر تۈپ يالغۇز قارىغاينىڭ كەينىدە،بىر بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن تال چىۋىقلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىچىك بوشلۇقنى، توغرىسى ناھايىتى پىنھان،پىنھانلىقتا ھەتتا يىلانمۇ تاپالمايدىغان بىر كامارنى كۆرۈپ قالدى.سادىق، خۇددى ئۆيىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئالغا ئىنتىلگەن ياش ئۆسمۈردەك،شۇنچىلىك تىز،شۇنچىلىك ئەپچىللىك بىلەن شۇ يەرگە يامىشىپ چىقتى-دە،ئىككىلىنىپ ياكى خۈدۈكسىنىپ تۇرمايلا ئۆزىنى كامارغا ئاتتى...
ئۇنىڭ كامار دەپ ئۆزىنى قوينىغا ئاتقىنى توغرىسى ئىككى مېتىرچە، ئۇزۇنلىقى ئۈچ مېتىرچە، ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن سەل ئاشقۇدەك تاغ ئۆڭكۈرى ئىدى. ئۇ بوۋىسىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەرنى كۆرگەن، ئەمما بۇنىڭدەك غەيرى ئۆڭكۈرنى ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئىدى. بۇ «ئۆڭكۈر» ئەسلىدە كىچىككىنە بىر تۆشۈك بولسا كېرەك، ھېچقانچە ئىچكىرىلىمەيلا بىراۋلار قەستەن تېشىپ كەڭرىتكەندەك كۆرۈنىدىغان تار بوشلۇقتا،قىرلىق تاشلار ساڭگىلاپ تۇراتتى.ئۆڭكۈرنى پەيدا قىلىش جەريانىدا،يونۇلغان تاش پارچىلىرى ھېلىمۇ قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى.ئەمما«ئۆڭكۈر»نىڭ ئۈستىلا ئەمەس ئەتراپىمۇ بىر دەرەختىن يەنە بىر دەرەخكە يامىشىپ چىرمىشىپ كەتكەن بۈك باراخسان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن خۇددى غايەت زور بىر پارچە يېشىل دۇخاۋا بۇ يەرنى قاپلىۋالغاندەك،تولىمۇ پىنھان بولۇپ،پىنھانلىقى،قىزىل ياكى سېرىق قۇيرۇقلىرىنى دىكىلدىتىپ،سەكرەپ يۈرگەن چىرايلىق قۇشلارمۇ بايقىيالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن ئىدى.
ئئەمما، شۇنداق بولغىنىغا قارىماي ئۆڭكۈر ئىچىدە خۇددى بىراۋ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندەك قانداقتۇر بىر پۇشۇلدىغان شەپىمۇ يوق ئەمەس بەلكى بار ئىدى. بۇ ئاۋاز قۇلىقىغا كىرگەندە سادىقنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى.«ۋاي ئانىمەي،بوۋام ئېيتىدىغان ھېلىقى‹ئالۋاستى غارى›غا كىرىپ قالدىممۇ نېمە؟!»دەپ سالدى ئۇ.مېڭىسىگە كەچكەن،تىلى ۋاقىراپ تۇرۇپ ئېيتقان بۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تاياق يىگەن كىچىك بالا،يەنە ھېچنېمىگە قارىماي ئۆزىنى تالاغا ئاتقانغا ئوخشاش، تاسلا قالدى چوققىدىن پەسكە چۈشۈپ كەتكىلى!ئەمما ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى.ھالبۇكى، قورققىنىدىن يۈرىكى يېرىلىپ كېتەيلا دېگەن ۋە سىرتقا ئۆزىنى ئاتاي دەۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە،ئۇنىڭ ھېچ سەۋەبسىز بىراقلا ئۆتكۈرلۈشۈپ كەتكەن كۆزلىرى،ئۆڭكۈرنىڭ قاراڭغۇ بېشىنىمۇ كۆرەلىگەنىدى.بۇ ئۆڭكۈردە جانلىق نەرسىگە تەۋە ھەقىقەتەن ھېچنېمە يوق ئىدى، لېكىن خېلىلا چوڭ دېگۈدەك بىر دانە تۇچ ساندۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سۇس پارقىراپ تۇراتتى،شۇنداقلا ساندۇقنىڭ ئۈستىدە قارىيىپ يوغان بىر نەرسىمۇ سوزۇلۇپ ياتاتتى....
ساندۇقنى كۆرۈپ سادىقنىڭ كاللىسىدىن كەچكەن نۇرغۇن خىياللار شۇنداق تېز ئالمىشىپ كەتتى: بۇ ساندۇقتا ئالتۇن بارمىدۇ؟ بەلكىم مەن زادىلا بىلمەيدىغان قىممەتلىك گۆھەر تاشلار، ئالماس... ۋاي-ۋۇي، مەن بەرىبىر تونۇمايمەنغۇ ئالماس-جاۋاھىرات دېگەنلەرنى؟ ھەتتا ئالتۇننىمۇ تونۇماسلىقىم مۇمكىن، بىراق «ئالتۇن دېگىنى سېرىق كېلىدۇ، چىش پاتىدۇ» دەيدىغان بوۋام، تونۇيالىغۇدەكمەن... كونا پۇل-پۈچەكمۇ يە؟ كونا پۇل بولسا ئاچقىنىمنىڭ پايدىسى بولمايدۇ-دە... ئۇنداقمۇ بولماس... بوۋام: بۇ تاغدا موڭغۇل خانلار يۇشۇرۇپ قويغان نۇرغۇن بايلىقلار بار، دەيدىغان، ئۇنىڭ دېگىنى مۇشۇ ساندۇقمىدۇ؟ بوۋام بۇ يەرگە كىرىپ باققان بولغىيمىتى؟ بۇ ساندۇقنى كۆرگەن بولغىيمىتى؟ توغرا، بوۋام بۇ يەرگە چوقۇم كەلگەن... ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيدىن چىققاندا بوۋام مېنى ئەگەشتۈرمەي ئۆزى يالغۇزلا ماڭغان ئىدى، كەينىدىن ئەگەشكىنىمدە نېمە دېگەن بولغىيتتى؟... توختا، ئۇ سېنى باي قىلىۋېتىمەن، دېگەندەك قىلغانغۇ؟ ھەتتا كۈلۈپمۇ كەتكەن... بوۋامنىڭ مېنى باي قىلماقچى بولغىنى مۇشۇ ساندۇقتىكى؟... نېمىشقا ئاچمايمەن؟ قاراپلا تۇرىمەنغۇ؟... ئانام: «ئالتۇننى ساقلاپ ياتىدىغان يىلان بار» دەيدىغان. شۇنداقمۇ بولارمۇ؟ راستىنلا ئالتۇن بولۇپ قالسا... ساندۇقنى ئاچسام، يوغان بىر يىلان چىقىپ قالسىچۇ؟ مېنى چېقىۋالسا... بىردەمدىلا ئۆلۈپ كېتىمەن، چوقۇم... نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! ھېچ بولمىغاندا يېقىنراق بېرىپ كۆرۈپ باقسامغۇ بولار؟ شۇنچىلىك غەيرىتىمغۇ باردۇ؟...سادىق ساندۇقنىڭ يېنىغا ئاستا ئاستا يىقىنلىدى.ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇققا كۆنگەن كۆزلىرى ئەمدى ساندۇقنىڭ ساپسېرىق تۇچلىرىنى، ساندۇقنىڭ ئۈستىدە يىلاندەك تولغىشىپ ياتقان قىل ئارغامچىنى (ئۇ دەسلەپ ئارغامچىنى غايەت زور يىلانغا ئوخشىتىپ ۋارقىرىۋېتىشكە تاسلا قالدى)، ساندۇقنىڭ بىراۋ تەرىپىدىن چېقىلىپ، بىر يانغا ساڭگىلاپ قالغان يا شەكىللىك قوپال قۇلۇپىنى ئېنىق كۆردى، ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكى قىل ئارغامچا ئۇنىڭغا تونۇشلا بىلىندى... «بۇ ئارغامچا بوۋامنىڭغۇ؟!» ئۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئادىمىزاتسىز ئۆڭكۈردە تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ،ئەكس سادا ياڭراتىۋىدى،ئۇ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى، بىراق قورقۇپ كەتكىنى بىلەن مېڭىسى ھەر قاچانقىدىن سەگەكلىشىپ كەتكەنىدى. «بوۋام راستىنلا بۇ يەرگە كەپتىكەن، مۇشۇ ساندۇق ئۈچۈن تاغقا يالغۇز يامىشىپتىكەن! بىچارە بوۋام! قېرىغاندا بىزنى دېمىسە بۇنچە قورقۇنچلۇق تىك تاغدا نېمىمۇ قىلار ئىدى ؟...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




