大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 3ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان )  3ـ قىسىم aybarawazi
2022-09-20
5
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى





ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە 

ساننى بېسىپ  كىرىپ ئاڭلاڭ 


1
2























جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي



دەل شۇ چاغدا سىرتتىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ شەپىسى كەلدى،راستلا بىرنەچچە ئادەم ھاسىراپ ھۆمۈدەپ،بىر بىرىگە موڭغۇل تىلىدا تاپا قىلىشىۋاتاتتى.سادىق بۇ تىلنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلگەندەك بىلگەچكە،دېمىنى ئىچىگە يۈتۈپ بىردىنلا سەگەكلەشتى ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى قىيا تاشنىمۇ توردەك ئوراپ ئالغان قۇيۇق چاتقاللار،بىر بىرىگە چىرمىشىپ ئۆسكەن ياۋا گىلاس شاخلىرىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ سىرتنى كۈزەتتى.دەرۋەقە ئۈچ ئادەم ئۆڭكۈرگە يېقىن جايدىكى يانتۇ بىلەي تاشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ دېمىنى ئېلىشتى.

__ مۇشۇ ئەتراپتەك قىلىدۇ...ئىشقىلىپ مۇشۇ تاغ چوققىسى...__دېدى ياشتا چوڭ،شالاڭ ساقاللىق بىر ئادەم،__ بوۋام ئورنىنى كۆرسىتىپ قويغان،ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىمۇ تاپالمىغانىدى.

__ بار نەرسىمۇ يا يوق نەرسىمۇ ئۇ؟ئۇھ...ھېرىپ جېنىم چىقاي دېدى!__ بىر ياش بالا شۇنداق غۇدۇرىغاچ،ئەپچىل ياسالغان تېرە تۇلۇمنى كۆتۈرۈپ گۈپۈلدىتىپ سۇ ئىچتى.

__  تولا شۇم ئېغىزلىق قىلما ھە مۆڭكە!بولىدۇ-دە ئەلۋەتتە!بولماي نەگە كېتەتتى؟!__ دېدى ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھى تولىمۇ گەۋرىلىك كەلگەن دورجى.سادىق دورجىنى تونۇيتتى.بۇ ئادەم تۆمۈر تايدا نامى چىققان ياۋا ئات كۆندۈرگۈچى بولۇپ،يۇرت ئىچىدە ئۆزىنىڭ قورقۇمسىز،مەرت،سېخىيلىقى بىلەن تېگىشلىك ياخشى نام ئالغانىدى.

__ بىز تاپالمىساقمىغۇ مەيلى...ئىشقىلىپ سېنىڭ دېگىنىڭدەك جايىدا بولسىلا مەيلىغۇ...ھىم،راست گەپنى قىلسام،مەن ھېلىقى  قېرىدىن ئەنسىرەيمەن،سۇغۇردەك مۇشۇ تاغدىلا يۈرەتتى...

__ ۋاي ئۆلدى ئۇ!نېمە ئەمدى بىر ئۆلۈكتىن ئەنسىرەپ...تۈزۈك گەپ قىلە ئاكا!

__ ئۇغۇ شۇ...ئەمما ئۇنىڭ ئۆلگۈنىنى سەن كۆردۈڭمۇ؟

__ مەنغۇ كۆرمىدىم،ئەمما يوقاپ كەتكىلى شۇنچە يىللار بولدى،تىرىك بولسا كېلەرىدى...نەۋرىللىرى شۇنداق ئاۋارە،جېنىنى ئاران جان ئېتىۋاتىدۇ،كۆرىۋاتىمىزغۇ؟

__ ئۆلگەن بولسا،ئۆلۈكى قېنى ئەمىسە؟

__ ئۆلۈكىنى قانداق قىلاتتىڭ؟يا بىر دۆۋە ئېرىمەس قارنىڭ ئاستىدىدۇ؟يا ئاچ بۆرىلەر يەپ قويمىغاندۇ؟تاغدا،بۇنداق ئىش دېگەن ئەڭ ئادەتتىكى ئىش...

__ بولدى ئىككىڭلار تالاشماڭلار،__ دېدى ياشتا چوڭ ناتۇنۇش ئادەم،__ نامان بوۋاينىڭ ئۆلگۈنى ئېنىق...ئەمما راست گەپ قىلسام،مېنىڭمۇ شۇ بوۋايغا گۇمانىم بار ئىدى.دېمىسىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ يەرلەردە قار لەيلىسى تەرگىلى چىقتىم دەپ،يۈرگەنلىكىنى مەن جېنىمدا نەچچە چېلىقتۇرغانىدىم.شۇ چاغدا بەك بىئارام بولغان،لېكىن تاغ بىزنىڭ بولمىغانكىن،خەقنى نېمىشقا چىقىسەن دېگىلى بولمايدۇ-دە!

__  چىقماسلىققا تېگىشلىك  يەرگە چىققاندېكىن،ئۆزىگىمۇ ئاز...ئۆلدى ئەنە!خوپ بولدى!

__ ھەي،ئۆلگەن ئادەمنىڭ يامان گېپىنى قىلما،بولمايدۇ!__ دېدى دورجى.

__ ماقۇل،ماقۇل...ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قوياي،ناۋادا كېرىم ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئاشۇ بايلىقلارنى بىز ئۈچەيلەندىن باشقىلار قولغا چۈشۈرىۋالىدىغان بولسا،بۇ جېنىمنى تىكىپ قويغىنىم قويغان!...__ ياش يىگىت شۇنداق دەپ،يوغان بىر تاشنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ،چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ غەزەپ بىلەن تۆۋەنگە ئاتتى.

__ ئۇنداقمۇ بولماس،چىمدە ئاغام جان ئۈزۈش ئالدىدا،ئۇ يەرنى جىنمۇ تاپالمايدۇ،دېگەن...بىز شۇڭا تاپالمايۋاتىمىز بولغاي.

__ جىن تاپالمىغان شۇ نەرسىنى،قاراپ تۇرۇڭلاركى،مانا بىز تاپىمىز!

___ ھا ھا ھا...ئۈچەيلەن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشتى ۋە بىر بىرىگە مەدەت بېرىشىپ،ئۆڭكۈردىن يىراقلاشتى.

بۇ چاغدا سادىقنىڭ ئاغزى ھەيرانلىقتىن ئېچىلىپلا قالغانىدى.دېمەك،بايىقى ئۈچەيلەن ئىزدەۋاتقان ئاشۇ جىنمۇ تاپالمايدىغان بايلىق،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ.«ئەجىبا،بۇ ساندۇقتا لىقمۇ لىق بايلىقلار بولسا ھە؟ نېمە ئۈچۈن ئېچىپلا قاراپ باقمايمەن؟!» ئۇنىڭ شۇ غەيرەت بىلەن سۇنغان قوللىرىمۇ تىترىمىدى. ساندۇقنىڭ قوپال، ئېغىر قاپقىقىنى بىراقلا كۆتۈردى! ساندۇقنىڭ ئىچىدە، بېشىغا موڭغۇلچە سېرىق ساۋۇت- دۇبۇلغا، ئۈستىباشلىرىغا يەنە شۇنداق ساپسېرىق كىيىملەر كىيگەن، ھەر خىل ھەر رەڭدىكى ئالا بۇلىماچ قۇر-قۇر مارجانلارنى تاقىغان بىر ئەرنىڭ جەسىتى ياتاتتى. ھالبۇكى،جەسەدنىڭ قۇرۇپ كەتكەن قاقشال بارماقلىرى، ئېغىزى ئايال كىشىنىڭ بىر ئۆرۈم قاپقارا چاچلىرى بىلەن بوغۇلغان يوغان  بىر تېرە خالتىنى ھېچكىشىگە بەرمەيدىغاندەك مەھكەم سىقىمدىۋالغان ئىدى!

ـــ ۋايجان!!!ـــ غايىبتىن سوققان كۈچلۈك  شامالمۇ ياكى زىيادە قورقۇپ ئۆزىنى ئېتىۋەتتىمۇ، بىلەلمىدى، سادىق ئېسىنى يىغىپ ئۆزىگە كەلگەندە، ئۆزىنى ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىلا كۆردى، يەنە بىر غېرىچلا سىلجىسا تاغدىن پەسكە ئۇچۇپ چۈشەتتى! ساندۇقنىڭ ئاغزى ھاڭغىرقاي ئوچۇق تۇراتتى. خۇددى ھېلىقى جەسەت ئورنىدىن ئالدىرىماي تۇرۇۋاتقاندەك غىرىس-غىرىس قىلغان ئاۋاز ئۆڭكۈر ئىچىدە ئەكس سادا قايتۇراتتى. پۈتكۈل كائىنات «ۋايجان! ۋايجان!!» دەپ قاياقتىندۇر نالە قىلىۋاتقان مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئادەملەرنىڭ قورقۇنچلۇق ئاۋازىلىرىغا تولغان ئىدى !


سادىق تاغدىن سىيرىلىپ، ياق، يۈگۈرۈپ چۈشتى دېسىمۇ بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تىزلىك رىكورتىنى ھېچقانداق،ھەرقانداق تەنھەرىكەتچىمۇ مەڭگۈ بۇزالمايتتى. (كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ شۇنچە ئېگىز ھەم قىرلىق تاغدىن ئۆزۈم چۈشمەي، بوۋامنىڭ روھى ئۇچۇرۇپ چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، شۇ قورقۇنچتا ئۆزۈم چۈشكەن بولسام چوقۇم ھاڭغا موللاقچىلاپ چۈشۈپ كېتەتتىم، دەپ ئويلاپ يۈردى. دېمىسىمۇ ئۇ شۇ چاغدا تاغقا چىققان ھەر بىر جەرياننى ئېنىق ئەسلىيەلىگىنى بىلەن تاغدىن قانداق چۈشكىنىنى زادىلا ئەسلىيەلمەيتتى.) ئۇ روھى چىقىپ كەتكەندەك تاغ ئېتىكىدە قانچىلىك ئولتۇرغىنىنى بىلمىدى. پۇت-قوللىرىدا ھېچقانداق ماغدۇر قالمىغان بولسىمۇ، بوۋىسىنىڭ قىل ئارقىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا مەھكەم چىرماشقان ھالدا تۇراتتى. مۇبادا مۇشۇ قىل ئارغامچا بولمىغاندا، سادىق بايا كۆرگەنلىرىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا يەنىلا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتى. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ غايەت زور قورقۇنچ ئىچىدە ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرغىسى كەلدى.

4


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ــــ دادا، مانا بۇ ياقتا... ئاۋۇ ياقتىن چۈشسەك تېخىمۇ ئوچۇق كۆرەلەيسىز...

ـــ ۋۇي، سادىق بۇ يەردىكەنغۇ؟ بىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتىكەن-دە؟!

ـــ ئەتىگەن ئۇنى ئىزدەپ ھېچنەدىن تاپالمىغانتۇق... ھەي، مەن ماڭغاچ تۇراي، دەپ قويساڭ بولماسمىدى؟ سېنى ئىزدەپ تۆرە باقى  داداممۇ خېلى ئاۋارە بولدى!

ـــ نېمە بوپتۇ بۇنىڭغا؟ بىرەر نەرسىنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ نېمە؟

 سادىق كەينىدىنلا كېلىۋاتقان بۇ ئاۋازنىمۇ، يېنىغىلا كېلىپ قالغان، ئۆزىگە مۇلايىم كۈلۈپ گەپ قىلىۋاتقان تۆرە باقىنىمۇ، ئۆزىنى «نېمە بولدۇڭ؟ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ئات قېنى؟» دەپ سىلكىشلەۋاتقان ئاكىسىنىمۇ تونۇيالمىدى. بىر چاغدا يۈزىگە، يۈرىكىگە مۇزدەك پۈركۈلگەن سوغوق سۇدىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك، كاللىسى بىر نېمىلەرنى ئىلغا قىلغاندەك بولدى-دە، بىراقلا «ھۆ!» دېگىنىچە يىگەن-ئىچكىنىنى ياندۇرىۋەتتى، ھەم شۇ خىلدا ھۆ قىلىپ خېلىغىچە ئاۋارە بولدى. بالىلار ئۇنىڭ توختىماي ھۆ قىلىۋېرىشىدىن كۆڭلى ئېلىشىپ «كۆمۈر پاكىز چىقىدۇ » دېگەن يەرگە كىرىپ كەتتى.

ـــ بالام، ساڭا بىر ئىش بولدىمۇ؟ ئاغرىپ قالدىڭمۇ يە؟ـــ تۆرە باقى ئۇنىڭ سەل ئارام ئالغىنىنى كۆرۈپ،مېھرىبانلىق بىلەن پېشانىسىدىن تۇتتى،ـــ قارا، مۇزلاپ كېتىپسەن، چىرايىڭمۇ سارغىيىپ كېتىپتۇ، ھەر قانداق ئىش بولسا دەۋەتكىن، ئىچىڭدە تۇرسا كېسەل بولۇپ كېتىسەن. 

سادىق شۇندىلا ئىچىگە كىرىۋالغان غايەت زور قورقۇنچنى، ئۇنى چوقۇم بىرىگە دەۋەتمىسە ياكى بۇ قورقۇنچىغا تۆرە باقىدەك كۈچلۈك بىرى ھەمراھ بولمىسا راستىنلا ئۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەملىدى.

ـــ مەن بوۋامنى ئىزدەپ ئاۋۇ ئېگىز چوققىغا چىقتىم...

ـــ نېمە دەيسەن؟... شۇنچە ئېگىزگە چىقالىدىڭمۇ؟

ـــ ھەئە...

ـــ ئۇ يەردە بوۋاڭ نېمە ئىش قىلىدۇ، نادان بالا؟

ـــ لېكىن بوۋام ئۇ يەرگە چىقىپتىكەن... قاراڭ، بۇ ئۇنىڭ ئارغامچىسى...ـــ سادىق قولىدىكى قىل ئارغامچىنى تۆرە باقىغا كۆرسەتتى.

ـــ ئارغامچىنى نەدىن تاپتىڭ؟ بۇ راستلا بوۋاڭنىڭ ئارغامچىسىمۇ؟ ئىشەنچ قىلالامسەن؟

ـــ شۇنداق... بۇ ئارغامچىنى مەن ھەر قانداق يەردە تونۇيمەن، ھەتتا ئاكاممۇ تونۇيدۇ.

ـــ ئەمىسە بۇ ئارغامچا نەدىكەن؟

ـــ ئاشۇ چوققىغا ئازلا قالغان يەردىكى كىچىك ئۆڭكۈردە... موڭغۇل سەركەردىنىڭ جەسىدى بار ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكەن...

ـــ نېمە دەۋاتىسەن؟ كىمنىڭ ئۆلۈكى دىدىڭا بالام؟... ساندۇق دېدىڭمۇ؟

ـــ ھەئە، بىر چوڭ ساندۇق... ساندۇقنىڭ ئىچىدە بىر موڭغۇلنىڭ ئۆلۈكى باركەن... ئۇنىڭ قولىدا قارا چاچ بىلەن  چىگىلگەن خالتىمۇ بار، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم....

ـــ چۈش كۆرۈۋاتامسەن، سادىق؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟...

ـــ مەن راستلا كۆردۈم... راستلا... ئەنە ئاۋۇ ئۈچىنچى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقايلا دېگەن يەردە... بىر تۈپ چوڭ يالغۇز قارىغاي بار،قارغاينىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇدۇلىدا،باغجانلاپ كەتكەن تاللىقلارنى يانداپ تۇرۇپ قارىسىڭىز...

سادىق تاققا تۇققۇ قىلىپ،بايا كۆرگەن مەنزىرىلەرنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردى.بايلىقلارنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ھېلىقى ئۈچەيلەن توغرۇلۇقمۇ سۆزلەپ بەردى.

___ راستلا كۆردۈڭمۇ، بالام؟... بۇ گېپىڭ راستمۇ؟ـــ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بولغاندا،سادىقدىكى تىترەك تۇيۇقسىز تۆرە باقىغا ئۆتتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا،سادىقنى تېخىمۇ كۆپ گەپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى،خۇددى بۇ ياش بالىنىڭ ئاغزىدىن راستىنلا جىرىڭلاپ ئېتىلىپ تىللا چىقىدىغاندەك، ئۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ قالغان ئىدى.

ـــ بوۋام... بوۋام شۇ ئالتۇنلارنى ئالىمەن، دەپ تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتىكەن... تۆرە باقى دادا...ـــ سادىق ئەمدى ۋاقىتسىزلا كەتكەن بوۋىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى،ـــ بىچارە بوۋام بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ، بىزنى يوقسۇل ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپلا تاغقا چىقىپتىكەن. شۇ ئالۋاستىنىڭ ئۆڭكۈرىگە، تەگمەيدىغان نەرسىگە تېگىپ قويۇپتىكەن، بوۋام...بولمىسا ئۇ تېرە خالتا شۇ پېتىلا تۇرۇپتۇ ، بوۋام ھەتتا تېگىپمۇ قويماپتۇ... لېكىن تاغدىن چۈشەلمەپتۇ... بوۋامنى ئالۋاستى يەپ كەتتىمۇ يە تۆرە باقى دادا؟... مەن ئۇ يەردە ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، ھەممە يەردىن «ۋايجان» دېگەن ئاۋازلار كېلىپ تۇرىدىكەن! ـــ سادىق يىغلاپ تۇرسىمۇ ھەر بىر ئېغىز گەپنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تىز-تىز قىلاتتى، كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلار سىرغىپ، ئېڭىكى ئاستىغا دۇمىلايتتى.

ـــ قورقما بالام، بۇ ھېچ ئىش ئەمەس، بوۋاڭ ئوبدان ئادەمكەنتۇق،مەنمۇ جىق ياخشى گېپىنى ئاڭلىدىم.بوپتۇ يىغلىۋالغىن، ھېچقىسى يوق، قانچىلىك يىغلىساڭ مەيلى... ئىچىڭدىكى دەرد بوشايدۇ، مەيلى يىغلىۋال....ــــ تۆرە باقى سادىقنى قۇچاقلىدى، باشلىرىنى سىيلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاغزى بۇنداق يۇمشاق تەسەللىلەرنى بېرىشكە كۆنۈپ كەتكەن ئىدى.ئەمما كۆزلىرى سادىق كۆرسەتكەن ئاشۇ ئاسمان پەلەك ئېگىز چوققىغا تىكىلگەن ھالدا بىردە كۈلۈمسىرەيتتى.بىردە خىيال دەرياسىغا چۆكۈپ كېتەتتى.«بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ؟..»دەپ ئۆز ئۆزىدىن سورايتتى ئۇ.ئەتراپ سوغوق،نەم ئىدى.بىراق خۇش پۇراق نەم شامالدىن،سادىقنىڭ ساددىلارچە ئۆكسۈپ يىغلاشلىرىدىن،ئۇنىڭغا شىرىقلاپ تۇرغان دۆۋە دۆۋە قىزىل قەغەزلەرنىڭ ئۇزاققا قالمايلا يانچۇقىغا تولىدىغانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى.شۇنداقتىمۇ،«بىچارە بالا، بىچارە بالا... يىغلىۋال، ئىچىڭدىكى دەرد چىقىپ كەتسۇن. قورقما، مەن بار...» دەپ،سادىقنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ قويۇشنى ئۇنتىمايتتى،سادىقنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن چاچلىرىنى مېھىر بىلەن پۇراپمۇ قوياتتى. ئەمما شۇ تاپتا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتىكى، «قانداق قىلسام سادىققا بۇ سىرنى مەڭگۈ ساقلاتقۇزارمەن؟ئۇنى ھېچكىشىگە دېمەيدىغان قىلارمەن؟» دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈرەتتى....

ئۆزلىرى تەرەپكە يۈگۈرگەندەكلا كېلىۋاتقان ئۆمەر بىلەن سەلىمنى كۆرۈپ تۆرە باقىمۇ سادىقنى باغرىدىن ئاجراتتى، سادىقمۇ يىغىسىدىن شىپپىدە توختاپ قالدى، چوڭلا بولۇپ قالغان تاغلىق يىگىتلەر ئۈچۈن كىچىك بالىلاردەك يىغلاش ئاجايىپ سەت ئىش ئىدى.

ـــ دادا، سادىققا نېمە بوپتۇ؟

ـــ ساڭا نېمە بولغانتى؟

سەلىم بىلەن ئۆمەر بۇ سوئالنى تەڭلا سورىدى، سادىق ياشلىق كۆزلىرىنى يوشۇرۇپ چەتكە قارىۋالدى، يەنە كېلىپ نېمە دېيىشنىمۇ بىلمەيتتى، سادىقنىڭ ئورنىدا تۆرە باقى جاۋاب بەردى:

ـــ ھېچنېمە بولماپتۇ، بوۋىسى يادىغا يېتىپ قاپتۇ شۇ... ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالماڭلا. جۈرە سادىق بالام، كۆمۈر بار يەرنى ماڭىمۇ كۆرسىتىپ قويغىن.

سادىق ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇردى-دە،ئۇنى كۆرۈپ،يېقىنلاپ كەلگەن جەدە ئېتىغا مىنىپ تۆرە باقىغا يول باشلىدى.ئۇلار تىك يار بىلەن شاقىراتما ئارىسىدا بىر نەم پاقىراپ تۇرىدىغان كېمىر يول بىلەن ماڭدى.بۇ يەردە ئاجايىب نۇر ۋە شولىلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.ئىچكىرلىگەنسېرى ھاۋا سوۋۇپ باراتتى.شۇ ھالدا مېڭىپ،بىرەر سائەتلەردىن كېيىن،قارامتۇل قىزىلغا تايىن تاغ يامزىلىغا كېلىپ توختىدى.مەنزىلگە يېتىپ كەلگەنىدى.ياش يىگىتلەر چەبدەسلىشىپ،سادىق ئۆزىلا يول باشلىدى.تۆرە باقى ئەگەشتى.


شۇ ھالدا پەقەت كەچ كىرگەندىلا قايتىشتى.بۇ چاغدا سادىقدىكى قورقۇنچمۇ خېلىلا بېسىقىپ قالغان ئىدى. تۆرە باقىنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان، چۈشىنىكسىز، ئەمما ناھايىتى روشەن بولغان بىر يورۇقلۇق بىلەن قەلبى ئېيتقۇسىز شادلىققا چۆمگەن ئىدى. شۇ تاپتا پۇل، بايلىق ھەم ئابرۇي ئىناۋەتلەرنىڭ ھەننىۋاسى ئۇنى كۈتۈپ يېتىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئېلىپ كېتىپ،تېگىشلىك يەرگە ئىشلىتىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ،بىراق تۆرە باقى بىر غەشلىك بىلەن ئۆرتىنەتتى.شۇنىسى ئېنىقكى،ئۆمەر بىلەن سەلىم،يىراقلاپ كەتكەندە،ئۇنى غەش قىلىۋاتقان «سىر ساقلاش» مەسىلىسىمۇ ناھايىتى ئاسانلا ھەل بولدى، بۇنىڭ بىلەن تۆرە باقىنىڭ يۈرىكىنى قىسىپ تۇرغان قارا بۇلۇتلار دەمال تارقىغان بولدى.

ـــ تۆرە باقى دادا، سىزگە دېگەن بايىقى گەپنى ھېچكىمگە تىنمىغان بولسىڭىز...ئويلاپ باقسام بوۋاممۇ ئالماسلىققا تېگىشلىك نەرسىنى ئالىمەن،دەپ،جېنىدىن ئايرىلىپتۇ.مەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئۇ يەرگە چىقىپ بوۋامدەك يامان ئاقىۋەتكە قىلىشىنى خالىمايمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بايلىققا چىش بىلەپ تۇرغان موڭغۇللارمۇ خېلى باردەك....ئۇلار بىلىپ قالسىمۇ،بىزنى بوش قويمايدۇ...ـــ دېدى سادىق، تۆرە باقىغا جىددى قاراپ.

ـــ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن-دە. مەنمۇ!بۇنداق بايلىقلار خەيرلىك بولامدۇ دەيسەن؟ياخشىسى كىمگە تېگىشلىك بولسا شۇلار ئالسۇن،كەل، گېپىمىز گەپ! بۇ سىر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىدىلا قالسۇن،ئىنسانغا تىنمايلى!

ـــ ماقۇل، ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىدىلا قالسۇن! ئامانەت ئىگىسىنى تاپسۇن!

ـــ توغرا،توغرا!

ئۇلار ياشتىكى زور پەرقنىڭ بولۇشىغا قارىماي خۇددى قەدىناس ئاغىينىلەردەك قول سىقىشتى.يول بويى،پاراڭلىشىپ مېڭىشتى.تۆرە باقى چوڭلارغا خاس خۇش پېئىللىق ۋە ئۈجمە كۆڭۈللۈك بىلەن سادىققا ئۆزىنىڭ ئاتا بوۋىللىرىنىڭ تارىخىنى،بالىلىق ئۆسمۈرلۈك ۋە بالاغەتكە يەتكەن چاغلىرىنى،ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى،مال مۈلۈكلىرى،ئائىلىۋى ئىشلار بىلەن بولغان ھەممە مۇناسىۋەتلىرىنى ،يەنە تۆمۈر تاينىڭ تەرەققىياتى،تەشكىلنىڭ بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى،ئۆزىنىڭ ئويلىرى...توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى.سادىق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جىممىدە قۇلاق سالدى.گېپىنى بۆلمىدى.بىرنېمە دەپمۇ سورىمىدى.بەلكى بۇ ئادەمنىڭ قىلغان گېپىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشەندى.بۇ ئادەمنىڭ گېپىدىكى ئەقىلگە توغرا كېلىدىغان دەلىل ئىسپاتلارغا ئىشەندىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت بىلەن قىلىۋاتقان گېپىنىڭ تەلەپپۇزىغا،ئاۋازىدىكى تىترەككە ئىشەندىمۇ،ياكى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن يېغىپ تۇرىدىغان، خاتىرجەملىك قەتتىلىك ۋە ئۆز بۇرچىنى بىلگەنلىكىگە ئىشەندىمۇ،ئىشقىلىپ سادىق پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشەنگۈسى كەلدى ۋە ئىشەندى.

داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k