
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
1-قىسىم
تۆمۈر تاينىڭ غەربى شىمال تەرپىدە،ھەيۋەتلىك تەڭرى تاغلىرى گويا بۇ ئىللىق زامانغا چەكسىز سادىقلىق كۆرسىتىۋاتقان گىگانت پالۋانلارغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشقان ئاپپاق چوققىلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە،قار مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئاياق تەرپىدە،پايانسىز بايىنبۇلاق يايلىقى سوزۇلۇپ ياتىدۇ.يايلاقنىڭ رەڭگى خۇددى قىزلارنىڭ دۇخاۋا كۆڭلىكىدەك سۈزۈك يېشىل.ئۈستىدىن قارىسىڭىز،ئۇ يەنە رەڭگار رەڭ شارچىلاردەك،تۈمەنلىگەن سېرىق،ئاق،قارا،قوڭۇر رەڭدىكى دومىلاق نەرسىلەر بىلەن بېزىلىپ تۇرىدۇ.يېقىن كېلىپ قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ توپ توپ قوي پادىلىرى،ئۇيۇر ئۇيۇر يىلقىلار،ياۋاش كالىلار،جاھىل قوتازلار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.بۇ قەدەر گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم،بۇ تاغلىق بازارنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ.
بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىغىلا ئايرىم سېلىنغان قەۋەتلىك مېھمانخانىلار،چىرايلىق ياغاچ ئۆيلەر ۋە ئاپپاق كىگىز چېدىرلار،ساياھەت نۇختىلىرىدا قايناپ كەتكەن ساياھەتچىلەر،ئېلىپ ساتار تىجارەتچىلەر تولىمۇ ئالاھىدە.يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەندە، بازار مەركىزىنى نوختا قىلىپ، تەرەپ تەرەپكە تۇتىشىدىغان كەڭ ئاسفالىت يولللار باشلاپ بارىدىغان كانلار،كارخانا،شىركەتلەر، ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەتلىك شەخسىي تۇرالغۇلار،رېستۇرانلار، مېھمانخانىلار، ئارامگاھلار،ئاۋات رەستىلەرمۇ بۇ يەرنىڭ زامانغا ماس قەدەملىرى بىلەن ئالغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا،بازارنىڭ غەربى تەرپىگە جايلاشقان بۇددا ئىبادەتخانىسىمۇ شۇ دىندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ.ئىبادەتخانىغا كىرىدىغان يول ئېغىزىدا،نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە غايەت زور تېكىلىخان بار بولۇپ،ئىخلاسمەن بۇددا مۇرىدلىرى تېكىلخانغا قادالغان مەزمۇت تال چىۋىقلارنىڭ يان تەرپى،ئالدى كەينىگە نۇرغۇنلىغان لاتا پارچىلىرى،خادالار،تال چىۋىقلارنى ئارتىۋېتىۋېتىشىدۇ.بۇ مەنزىرە كىشىنىڭ ئەقلى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك.تېكىلخاننىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىكى غايەت زور قوتاز مۈڭگۈزى خۇددى كالا ئىلاھىنىڭ تۈتۈن چىقىرىۋاتقان بۇرۇن تۈشۈكىدەك ئاسمانغا قاراپ تۇرىدۇ.پەس تەرەپتە نۇرغۇنلىغان كىچىك قاچىلار بار بولۇپ،قاچىلارغا نامەلۇم ساخاۋەتچىلەر تەرپىدىن مېغىز،قۇرۇت،توقاچقا ئوخشاش ساقلاشقا قولايلىق يىمەك ئىچمەك،پۇل پۈچەكلەر قويۇپ قويۇلغان،ۋە بۇ نەرسىلەر بېشىغا كۈن كەلگەن مەلۇم بىر غېرىبنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تەقلەپ قويۇلغان(موڭغۇللاردا قەلەندەرچىلىك قىلىش تولىمۇ نومۇسلۇق ئىش بولۇپ،ھەرقانچە ئېغىر كۈنگە قالغان ئادەممۇ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ.ئەمما جان ئېھتىياجى ئۈچۈن تېكىلخانغا ئوخشاش نەزىر چىراق سۇپىلىرىدىن ئادەم يوق چاغدا يىمەك ئىچمەك،پۇل پۈچەك ئالدا بولىدۇ).بۇتخانىنىڭ ئالدىدىن باشلانغان بىنەم يەرلەر، خۇددى ساھىپجامالنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىدەك تاكى ھەيۋەتلىك قايدۇ دەرياسىغىچە يېيىلىپ كېتىدۇ.
بۇ بىنەم يەرلەرگە تېرىلىدىغان بەرەڭگە (ياڭيۇ)، كاللەك بەسەي،سۈننى ئۇسۇلدا يېتىشتۈرگەن دورا دەرمەكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئورگانىك يىمەكلىك بولۇپ،ئەنگە ئېلىنغان بولغاچقا،بۇ يەرلەردىن كېلىدىغان كىرىممۇ ئوبدان.
__ھەي ئېسىت، كىشى ئاياغ بېسىشتىنمۇ قورقىدىغان شۇ يىللاردا، 50 كويغىمۇ يارىمايدىغان ئۆي-جايلاردىن بىر يۈرۈش تۇتۇپ قويالىغان بولسامچۇ ھە؟... ياكى بولمىسا بىر ئېغىز بولسىمۇ تام قوپۇرۇپ قويسامچۇ؟! مۇشۇ كۈندە مىليونغا ساتماسمىدىم؟
بەزىلەر، بارغانسېرى جەلب قىلارلىق بولۇپ كېتىۋاتقان تاغ ئارىسىغا قاراپ ھەسرەت بىلەن شۇنداق دېيىشىدۇ.ئەمما تۆمۈر تاينىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىگە خاس قائىدە نىزامى،تاغلىقلاردىمۇ بىر خىل ئومۇملاشقان يۇشۇرۇن بىشارەت،بەلگىلىمىلەر ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئادىتى بار .يەنى،زېمىن،يايلاق مەسىلىسىگە كەلگەندە ھەرقانچە ساددا ۋە دۆت چارۋىچىدىنمۇ بىر پارچە يايلاقنى كوملىۋېلىش تۈگۈل،يۇقۇرى باھادىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.ئۇلارنى ئالدى-ساتتى دېگەندىمۇ ئالغۇچى،ساتقۇچى يەنىلا يەرلىكلەر،ئۆز ئىچىدىكىلەر.ھەتتا قىز چىقىرىش، ئوغۇل ئۆيلەشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ،يەرلىكلەر سىرتقا ئاسانلىقچە قىزىنى بەرمەيدۇ،ھەم سىرتتىن قىز ئەكىرىشمۇ خېلى مۈشكۈل ئىش.بۇ «قائىدە»نى كىملەرنىڭ تۈزۈپ، كىملەرنىڭ نازارەت قىلىدىغىنىنى تازا بىلگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر كىمنىڭ ئېڭى، ئادىتى شۇنداق پۈتۈلۈپ كەتكەندەكلا تۇيۇلىدۇ.
تاغلىقلارنىڭ بۇ «مۇتىھەملىك»ىگە سىقىلغان شەھەرلىكلەر، ياقا پۇشقاقلىقلار ئانچە-مۇنچە غەيۋەت-شىكايەت قىلشىشتىن، تاغلىقلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە گەپتە سوقۇپ چېقىۋېلىشتىن نېرىغا ئۆتەلمەيتدۇ. چۈنكى بۇ تاغ يەنە غولجا، ئالتاي، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئۆتەر تۈگىنى. ئىشقىلىپ،ھەر قانداق سودا بۇ يەرگە يولۇقماي، چۈشمەي ئۆتمەيدۇ. بۇ يەردە سودا ھەتتا خەلقئارالىشىپمۇ كېتىدۇ. شۇڭا تاغلىقلارلا ئەمەس، ياقا يۇرتلۇقلارمۇ بۇ يەردە بولىدىغان بازاردىن ئوبدانلا نەپكە ئېرىشىدۇ.گەرچە ئۇلار مۇقىم بىر ماكانغا ئىگە بولالمىسىمۇ يەنىلا تاغلىقلانىڭ ئۆيىنى، يايلاقلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ، سەيلىگاھ قۇرۇپ،ياكى مال-چارۋىلىرىغا، يەرلىك مەھسۇلاتلىرىغا خېرىدارلىق قىلىپ ئوبدانلا پايدا ئالىدۇ.
بۇندىن تەخمىنەن،ئەللىك يىللار ئىلگىرى،ئۈزۈكنىڭ كۆزىدەك،چىرايلىق بۇ يەرلەرمۇ،خۇددى ھال چۈشكەن قوغۇندەك،سانساناقسىز چېكەتكىلەرنىڭ ئايىقى ئاستىدا خارۇ زار بولغان ئىدى.نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان سېرىق چېكەتكىلەر، چىر-چىر چىرىلدىشىپ،ھەممە يەردە توپ-توپ ئۇچۇپ يۈرىشەتتى.كۆتۈرەلمىسەڭ،ساڭگىلىتىۋال،دېگەندەك،بۇنىڭغا،شۇ يىللاردا پەيدا بولغان،ئۈچ يىللىق تەبىئىي قۇرغاقچىلىق قوشۇلۇپ ئوتلاقلار چېكەتكىنىڭ دەستىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولۇشقا، تاغلار تاقىرلىشىشقا باشلىغان ئىدى.شۇ چاغدا، 70-80 ئۆيلۈك چارۋىچى، ئالتە توك-توك ئات- ئۇلاغ، قوي-كالىمۇ تۈزۈككىنە تويالماي، قىشىچە ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن قىرىلىپ كېتەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن بىلەن،بىراقلا تېشىپ كېتىدىغان چوڭ دەريا،ھەيۋىسى بىلەن بىر نەچچە كىگىز ئۆينى، مال-چارۋىنى سىيرىپ سۈپۈرۈپ جەنۇپ تامان كېتىپ قالاتتى. چېدىرىنى دەريا بويىدىكى بولۇق ئۆت-چۆپكە ئالدىنىپ تىكىپ قالغان چارۋىچىلار ئۆي بىساتىدىنمۇ، قوي-كالىسىدىنمۇ بىراقلا ئايرىلىپ، قاڭغىر قاقشاپ قالاتتى. شۇڭا مالچىلار تاغ چوققىسىدىكى ياۋايى ھايۋانلارغا يېقىن تۇرۇشقا رازى بولسا بولاتتىكى، دەريا بويىغا يېقىن يولىمايتتى.
ئۇ زامانلاردا،ھازىرقىدەك ئاۋات بازارلار يوق،قارماي يوللار تېخى يوق، تاغ ئىچىدىكى ئەگرى-بۈگرى ئويمانلىقلاردا كۆزگە چېلىقىدىغان ئادەملەر ۋە ئاتلارنىڭ ئىزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق يول ياكى قاتناش قورالى كۆزگە چېلىقمايتتى. توك، سۇ ئەسلىھەلىرىدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مالچىلار ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا تاغدىن چۈشۈپ ناھىيە بازىرىغا كىرمەيتتى. ئۆمرىدە شەھەر كۆرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرمۇ خېلى بار ئىدى. چۈنكى تاغلىقلارنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ سېتىۋالىدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجىمۇ يوق،بولسىمۇ تۇز، چاي، كىرسىن، كىيىم-كېچەكنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيتتى. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سودىسى ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈنلەي ئىپتىدائىي ھالەتتە ئىدى. تاغ ئىچىگە كىرىپ قالىدىغان ھايانكەشلەر ئۇلار بىلەن سودىلىق قىلغاندا تېگىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى.تاغلىقلارنىڭ چۆنتىكى پۇل كۆرمەيتتى، تېگىشىش- ئالماشتۇرۇش ھەر ھالدا ئادىل بولغاچقا (ھېچ بولمىغاندا تاغلىقلار قىلغان سودىسىنى ئادىل بولدى، دەپ قارايتتى) ئۇلارنىڭ قەغەز پۇلنى ساقلاپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى.ئۇ چاغدا ئائىلىلىكلەر تارقاق ياشايتتى، ھازىرقى بازار مەركىزىدە ئولتۇراقلاشقانلار 20 ئائىلىگىمۇ يەتمەيتتى، ئۇ يەر-بۇ يەرگە تىكىۋالغان كونا كىگىز ئۆيلەر تاغچىلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرى ئىدى. تاش بىلەن قوپۇرۇلۇپ قوپال سۇۋالغان ئىككى ئېغىزلىق رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ۋە رايونلۇق ھۈكۈمەتكە ئانچە-مۇنچە كېلىپ قالىدىغان كادىرلارغا تاماق ئېتىپ بېرىدىغان كونا ئاشخانا بۇ يەردىكى بىردىنبىر كۆزگە چېلىقىدىغان ئۆزگىچە قۇرۇلۇش، بىر يىلدا كۆپ بولسا ئۈچ قېتىم، بولمىسا بىرلا قېتىم تاماق ئېتىپ قالىدىغان ئاشپەز بىلەن ئانچە-مۇنچە يىغىنغا قاتنىشىپ كېلىدىغان قېرى رايون باشلىقى بولسا بۇ يەردىكى مالچىلار بىلىدىغان بىردىنبىر ھۆكۈمەت خادىمى ئىدى. ھېيت-ئايەم كۈنلىرى ناھىيەدىن 2-3 رەھبەر ئاتايىن تاغقا چىقىپ، ئانچە-مۇنچە تۇز، چاي، قەنت-گېزەك بىلەن زىيادە قىيىنچىلىقى بار مالچىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىلا، تاغلىقلار بۇ تاغدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ رەھمىتى بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا مۇشۇ ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ قالاتتى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
شۇ ھالدا نۇرغۇن يىللار خۇددى ئاپپاق قار چوققىلىق تاغلارنىڭ ئۈستىدىكى يېنىك بۇلۇتلارغا ئوخشاش كەينى كەينىدىن ئۆتتى.سانساناقسىز تويلار بولدى،ئەگىشىپ ئۇششاق بالىلار تۇغۇلدى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر سەھەرلىكى،تۆرە باقى،«رايۇن باشلىقى» دېگەن قىزىل تامغىلىق ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ،كۆڭلىگە سانساناقسىز ئۇلۇغ ئارمانلارنى پۈكۈپ ناھىيىلىك تەشكىلات بۆلۈمىدىكى بىر يولداشنىڭ ھەمراھلىقىدا تۆمۈر تايغا يېتىپ كەلدى.
ۋاھالەنكى،ئۇ ھە دېگەندىلا،تۆمۈر تايدا كۆڭلىگە پۈككەن ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلمىدى.چۈنكى شۇ چاغدىكى تاغلىقلارنىڭ يېڭىدىن باشلىق كېلىۋاتامدۇ ياكى كېتىۋاتامدۇ، كېلىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟... دېگەنلەر بىلەن ئەسلا كارى يوق ئىدى.دېمىسىمۇ چاشقان كەلسىمۇ يامانلاپ قېچىپ كېتىدىغان بۇ تاشلىقنىڭ باشلىقلاردىن قىزغانغۇدەك ياكى باشلىقلارنى مەھلىيا قىلغۇدەك نېمىسى بولسۇن؟ بازارنىڭ باشقۇرسا «لەببەي» دەيدىغان تۈزۈكرەك پۇقراسى، خەجلەي دېسە بىر تىيىنى بولسا كاشكى.
ئەينى ۋاقىتتا ئىككى ئېغىزلىق تاش تاملىق «ئىشخانا»بىلەن بىر تېمى پۈتۈنلەي زەيلەپ كەتكەن ئاشخانىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە يېقىنراق تېمىغا يېزىپ قويغان ئۇيغۇرچە، دۆلەت تىل يېزىقىدىكى «رايونلۇق ھۆكۈمەت»دېگەن خېتىلا بۇ يەرنىڭ تاغلىقتىكى ھۆكۈمەتكە تەۋە قوماندانلىق مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان بەلگە ئىدى. ئىشخانا ئىچىدە قايسى زامانلاردىن قېلىپ قالغان قوپال، توپا بېسىپ كەتكەن ئۈستەل بىلەن قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان ئورۇندۇق، سارغىيىپ، چۆرىلىرى تىتىلىپ كەتكەن بىر نەچچە پارچە كونا گېزىتلا بۇ يەردىكى بىردىنبىر مۈلۈك بولۇپ، يان ئۆي يىغىن زالى ئىدى، ئەمما ھېچقاچان پۈتۈن تاغلىقلار تولۇق يىغىلغان يىغىن ئېچىلىپ باقمىغاچقا، رەندىلەنگەن قارىغاي تاختىلىرىنى ئىككى تەرىپىدىن مىخلاپلا ياساپ قويۇلغان قاتار- قاتار «ئورۇندۇق»لارنىڭ كەينى تەرەپتىكى بىرنەچچە قۇرى قومۇرلۇپ، مىخ قاققان پۇتىلا قالغان ئىدى...
تۆرە باقى تېزلا بۇ يەرنى باشقۇرۇشنىڭ مەكتەپنى باشقۇرغاندەك ئۇنداق ئاددىي ھەم يىغىنچاق ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى.تاغلىقلار ئۇنى تونىمايتتى. تونىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن بۇ باشلىقنىڭ ئاغزىغا قاراپ جىممىدە تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيتتى. دېمەك، ئۇنى ھاياتىدىكى تېخىمۇ ئېغىر سىناقلار كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئىچىنى تىڭشاپ ئاللىقانداق ئارزۇ ئارمانلار بىلەن قاتمۇ-قات تاغلارغا يامىشىپ،كونا چارۋىچىلارنىڭ جولمىلىرىدا تۈنىدى.كۆڭلىگە پۈككەن نۇرغۇن پىلانلىرى ئۈستىدە ئۇلاردىن مەسلىھەت ئالدى، چېكەتكە ئاپىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن يەرلىك تەدبىرلەرنى ئىشلىدى.چارۋىچى قېرىنداشلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلدى،ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ تاغلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەلۇم ئىقتىساد ھەم مەخسۇس كەسپ بىلەن تەربىيەلەنگەن تېخنىك خادىم تەلەپ قىلدى. مەكتەپ سېلىش، ئوقۇتقۇچى ئەكىلىش توغرىلىق كۆپ تىركەشتى. ئەمما ناھىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادى يۈكى ئېغىر،مالىيەدە قىزىل رەقەم يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ باراتتى. شۇڭا بىچارە تۆرە باقى،رەھبەرلىك تەرپىدىن ھەرقاچان، قۇرۇق قول، ئەمما چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن كەلگەن يولىغا چۈشەتتى.قىسقىسى،تۆرە باقىنىڭ تۆمۈر تايغا كېلىپ ھېچقانداق ئىشى ئىلگىرى باسمىدى. چارۋىچىلارنىڭ ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كىگىز ئۆيلىرى، تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان ئۈستىۋاشلىرى بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ،بالىلارنىڭ يىل بويى ئوقۇشسىز ھالدا قوي-كالىلارنىڭ كەينىدىن يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى. ھېچكىمدە بۇ تاغدىن چىقىپ كېتىش ياكى بۇ تاغنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، بىر ئىشلارنى قىلىپ بېقىش دەيدىغان كاللا يوق ئىدى.
بۇنداق قاتمال كەيپىيات ۋە ۋەزىيەت،تۆرە باقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى.ھەم ئۇ،بۇ ھالەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ،ئىچ ئىچىدىن تىتىلدايتتى.ئەمما،جانغا ئەسقاتقۇدەك تۈزۈكرەك ئامال-چارە ھېچيەردە يوق،دېمەك ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق،قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق ئىدى.نېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ تاغقا كېلىپ قىلغان بىردىنبىر ياخشى ئىشى- تاغنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە يامراپ كەتكەن چېكەتكىلەرنى يوقىتىش بولدى.بۇ يوقۇتۇشمۇ شۇنداق توغرىسىغا كېلىپ قالمىغىنىدا،تۆمۈر تاينىڭ ھالى بەلكىم شۇ ۋاققىچە چاغلىق بولاتتى.يەنى،ئۆلكىلىك چارۋىچىلىق نازارىتىدىن يۇشۇرۇن تەكشۈرۈشكە چىققان تېخنىك خادىملارنىڭ ئايىقى تۆمۈر تايغا يېتىدۇ ۋە ئۇلار بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەر تېپىپ، جىددى تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا نازارەتكە دوكلات يوللايدۇ.دېگەنكىدەك،نازارەتمۇ جىددى تۈزەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن باشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن يۇقۇرى تۆۋەن بىردەك ھەمكارلىق ئورنىتىپ،تۆمۈر تايلىقلارنى ئاخىرى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ ئەمما بۇرۇنقىدەكلا كەلكۈندىن مۇداپىئە توغىنى ياساش، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مائارىپ، توك، سۇ...غا ئوخشاش ئۇلۇغۋار ھەم جانغا ئەسقاتىدىغان پىلانلار خۇددى رودىپاينىڭ قىتىغىر ئېشىكىدەك بىر قەدەممۇ ئالغا سىلجىمايۋاتاتتى... ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغان تۆرە باقىنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ھەتتا رەھبەرلىك ئەمىلىنىمۇ، بۇ تاغنىمۇ تاشلاپ يۇرتىغا ياكى ئاكىسى قاسىمنىڭ يېنىغا كېتىشنىمۇ ئويلايدىغان بولۇپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،تەقدىر ئۇنىڭغا،تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئىناۋەتكە باشلاپ بارىدىغان ئاجايىب بىر ئۇچرىشىشنى نېسىپ قىلدى.
*****
ـــ دادا، بۇ كۆمۈركەن، كۆيىدىكەن!...
بىر كۈنى پادىسىنى ناھايىتى كەچ ھەيدەپ كەلگەن تۆرە باقىنىڭ چوڭ ئوغلى، ئون بەش ياشلىق ئۆمەر قاپقارا كۈيىگە مىلەنگەن ھالدا بىر كاللەك قارا تاشنى كۆتۈرگىنىچە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئۆيگە كىردى. بالىنىڭ يۈز-كۆزلىرى پۈتۈنلەي قارا كۈيىگە مىلىنىپ كەتكەن، ئۈستىباشلىرىمۇ قاپقارا ئىدى.
ـــ نەدىن ئالدىڭ؟...ــ پارقىراپ تۇرغان كۆمۈرنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن تۆرە باقىنىڭ ۋۇجۇدى،خۇددى قارا قىشتا پاللىدە ئىللىغان كۈندەك ئىللىق بىر ئېقىمدىن تەۋرەندى،ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقتى.
ـــ قار-قىزىلدىن... ياق،ياق، قار-قىزىلدىن سەل ئۆتۈپ،شاقىراتمىغا يېقىنلىشىدىكەنمىز،دادا. ئالدىنقى ھەپتە سادىق بىلەن بېرىپ كۆرۈپ قويغانتۇق، سادىق بۇنى كۆيىدىغان كۆمۈردېسە،ئۇ چاغدا تازا ئىشەنمەپتىكەنمەن، لېكىن بۈگۈن ئىشەندىم، بۇ راستلا كۆمۈركەن، دادا. سادىق ئىككىمىز جوتو بىلەن ئىككى مېتىرچە كولاپ باقتۇق، تېگىگە يەتكەنسېرى پاكىز چىقىۋاتىدۇ...ـــ ئۆمەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى. پادىسىنى نەگە تاشلاپ قويغىنىنى، سادىق بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغىنىنى، تاپىنىنىڭ قىرلىق تاشتا يېرىلىپ كەتكىنىنى،سادىقنىڭ قويلىرىدىن ئىككىنى بۆرە تارتىپ كەتتىمۇ ياكى بىرەر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىمۇ ئىشقىلىپ يوقاپ كەتكىنىنى،ئاندىن سادىقنىڭ بۇ ئەلەمگە چىدىماي يىغلاپ تاشلىغىنىنى....سۆزلەيتتى. ئەمما تۆرە باقىنىڭ كاللىسىغا ئوغلىنىڭ ھاياجانلىق پاراڭلىرى كىرمىدى.شۇنداقتىمۇ لەۋلىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ،ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ گەپ تىڭشاۋاتقان قىياپەتتە ئوغلىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردى.ئەمما،مېڭىسىدە ئاجايىپ ھاياجانلىق، ئاجايىب ئىشەنچلىك پىلانلارنى بىر بىرلەپ ئەگىشىپ كېلىپ،ئۇنىڭ ھاياجېنى پەلەككە يېتىۋاتاتتى.
ـــ قالتىس ئىش قىپسەن، بالام، سادىقنىڭ قويىنى بىيزنىڭكىدىن تۆلەپ بەرگىن، مەيلىچە ئالسۇن ھەم خىللىۋالسۇن! لېكىن بۈگۈنكى ئىشنى ھازىرچە ھېچكىمگە تىنماڭلار، سەنمۇ شۇنداق،سادىققا ئوبدان تاپىلا!
ـــ دادا، سادىق كۆمۈر دېگەننى ئاڭلاپ باققىنى بىلەن زادى كۆرۈپ باقماپتىكەن، ئۇ باشتا كۆيدۈرۈپ بېقىپتۇ، لېكىن يەنە ئىشەنچ قىلالماي مېنى بېرىپ كېلەيلى، دىدى. باشتا كۆڭۈلشىمەپتىمەن، قارىسام بۇ راستلا كۆمۈركەن،ئەمەسمۇ؟ كۆيىدىكەن، تېۋى شۇنداق كۈچلۈك، چوغلىرى قىپقىزىل... كىچىك ئاتامنىڭ ئۆيىدە، شەھەردە كۆرگىنىمىزدىكىدەكلا... بىز كۆمۈر كولاپ يۈرۈپ كەچ بوپكەتكەننىمۇ بىلمەپتىمىز، شۇ چاغدا سادىقنىڭ ئىككى قويى يوق بولدى،يا قىيادا ئايرىلىپ قالدىمۇ،بىلمەپتىمىز...سادىق چىدىماسلىق قىلىپ مېنى تىللاپ يۈرۈيدۇ،ھى ھى ھى...
ـــ ئۇ سېنى نېمە دەپ تىللايدىكەن؟
ـــ ئۇ خېلى بۇرۇنلا كېتەيلى دېگەنتى، مەن ئۇنمىغانتىم، شۇڭا بولمامدۇ؟
ئۆمەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بايىقى سۆزلىرىنى يەنە تەكرارلاشقا باشلىدى، ئۇمۇ دادىسىنىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن بىر چوڭ ئىشنىڭ خۇش خەۋىرىنى تۇيۇپ قالغانىدى.
ـــ قوينىڭ كارى چاغلىق، بالام! ئەمدى بېشىمىزنى كۆتۈرىدىغان كۈن كەلگەندەك تۇرىدۇ... ئۈمىدىسز قالماسمىز!...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




