大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 18ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 18ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-05
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17








جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


18-قىسىم


كۈن چىققاندا،ئۆي ئىچى قولۇم –قوشنا،يىراق يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن لىق تولدى.بۇ يەردە پاكلىقىنى ساقلىمىغان دەيۈز قىزنى باشقىلارغا شەرمىساز قىلىشتىن بەكرەك ھەسەلخېنىمغا ياخشىچاق بولۇپ،ئۇنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقىش زۆرۈر ئىش بولۇپ قالغاچقا، كىشىلەر ھۇجرا ئۆينىڭ ئىشىكىنى قىيا ئېچىپ،بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان سەلىمەنى بىر ئىككى ئېغىز بولسىمۇ  ئەيىبلىمەي قويمايتتى.

ــ ھەي ئىسىت،بۇ زاماننىڭ قىزلىرىغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟بېشىنى ئۈستۈن قىلماي يۈرسە،ياۋاش يۇمشاق قىزبالىكەن،دەپتىكەنمىز،يامان ئات كۆتۈرىدۇ،ياۋاش...يەنە بىرنېمە دەپ...ئادەم دېگەننىڭ تېشىغا قاراپ بىرنېمە دېگۈلۈك ئەمەسكەن زادى!

__ بىزدە،ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن،دەيدىغان گەپ بار،ئۆزىنىڭ ئۇنچىلىك قورقۇنچى بولغاندېكىن، بىزنىڭ رەشىد بەگكە ياندىشىپ نېمە قىلىدۇ دەيمەن-دە ؟ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ ھەسەل خېنىمنى،بىزنىڭ رەشىد بەگنى ئەخمەق كۆرگىنىدە

__ ۋاي شۇنى دېمەمدۇ؟ يۇرتنى بۇلغاپ،قىزلىرىمىزنىڭ يۈزىنى سىيرىپ زادى نەدىن كەلگەن بىرنېمىلەردۇ بۇ؟

__ نەدىن كەلگەنلىكىنى كىم بىلىپتۇ؟يا ئانىسىنىڭ،يا ئاتىسىنىڭ ئېتى يوق.

__ مېنىڭ ئاڭلىشىمچە،بوۋاق چېغىدا،خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك،ئۆزىچە مەھەللىدە پەيدا بولۇپ قاپتىكەنمىش.بىرنەچچە خەقنىڭ ئىچى چۈشۈپ بېقىۋالغان گەپمۇ بار،لېكىنزە،كىملا بېقىۋالغان بولسا،شۇنىڭ ئۆيىدە كەينى كەينىدىن ئاپەت يېغىپتۇ،يا قولى تۇتمايدىكەن،يا جېنىدىن ئايرىلىدىكەن.كېيىن شۇ يەردە ئېغىر يەر تەۋرەپ،بىراقلا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەننىڭ گېپى بار...ئىشقىلىپ چۆچەكتەك سىرلىق گەپلەر...راست يالغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

__ ۋىيەي،بۇ گەپنى سىزمۇ ئاڭلىغانما؟مەنغۇ ئىشەنمەپتىكەنمەن،لېكىن گۆھەربانۇ ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن.

__ گۆھەربانۇغۇ،بۇ قىزنى چىغلىقتا يالغۇز يۈرۈپ ئۇنداق بولغان،مۇنداق بولغان،دەيدۇ.

ــ ئۇنى بۇنى دېگەن بىلەن بىريېرى بار،بولمىسا بۈگۈنكىدەك رەسۋا بولامدۇ؟

ــ ئايىقى قۇرغاق بولغاچقا،يۇرتىدا،شۇڭا ئولتۇرۇپ قاپتىكەن!...

ـــ ئەمدى توي چىقىمىنى تۆلىتەرمۇ؟

ــ ئەلۋەتتە، شۇنداق بولىدۇ-دە! گۆھەربانۇ كىم؟تۆرەملار كىم؟ئەسلى ئۆزىنى چاغلاپراق بىر ئىش قىلىش كېرەك ئىدى!

بۇ گەپلەر كەينى كەينىدىن تاراشلاپ ئېتىلىۋاتقان ئوقلاردەك،ئۇدۇلللا سەلىمەنىڭ يۈرىكىدىن ئالاتتى.شۇ تاپ ئۇ شۇنچىلىك ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتىكى، ئۆزىنىڭ كىچىكلەپ، ئەڭ كىچىك، ئەڭ چوڭقۇر بىر كامارغا كىرىپ كېتىشىنى، ۋە شۇ يەردىلا جان بېرىپ،ئۇدۇل مومىسىنىڭ يېنىغا كېتىشنى مىڭ مەرتىۋە ئۈمىد قىلاتتى.ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئالىيىپ قارىغۇچىلارغا تىك تۇرۇپ قارىغۇدەك جاسارىتى قالمىغان، يۈرىكىگە چوڭقۇرلاپ كىرگەن چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق ئۇنىڭ پۈتۈن روھى دۇنياسى ۋەھشىيانە تالان-تاراج قىلاتتى.

ــ مەن بۇزۇق ئەمەس!

نىھايەت،بىرنەچچە ئايال،تەپتارتماستىن ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ،ئەيىبلىك نەشتەرلىرىنى، روبىرو سانچىشقا باشلىغاندا،سەلىمە،ئىختىيارسىز ۋاقىراپ تاشلىدى:

__ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا قارا چاپلاۋاتىسىلەر!ئەجىبا،بۇ دۇنيادا،ماڭا ئىچ ئاغىرتىدىغان،مېنىڭ گېپىمگىمۇ ئىشىنىدىغان بىر ئادەممۇ قالمىدىمۇ؟!

ئۇنىڭ ئاۋازى،چىرقىراشلىرىنىڭ دەھشىتىدىن،كىرگۈچىلەر بىردىنلا تېنەپ قالدى.ئەمما ئۇلار چەكچەيگەن كۆزلىرىنى ئوخشاشلا سەلىمەدىن ئۈزەلمەيتتى.ئۇلار،ئۇنى مەڭگۈ چۈشەنمەيتتى،پاكلىقىغا ئەبەدى ئىشەنمەيتتى.بەلكى ئۇلار،ئۇنىڭ يەنە نومۇس قىلماي ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىيالىغىنىغا ھەيران بولۇشۇپ، قاراپ تۇرۇشاتتى. 

ــ بۇ كەلگۈندىگە قىلچىلىك رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق كېرەك.

ــ خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىپ،نەدىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە كەتكۈزىۋېتىش كېرەك! ئاياپ قويۇشقا قەتتى بولمايدۇ!

كىشىلەر شۇنداق دېيىشىپ،ھەسەلخېنىمغا بۇ بۇزۇق كېلىننى جازالاشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. بۇلانىڭ ئىچىدىكى قىز چىقمىغان كېلىننىڭ «داستىخان»نىنى ئوبدانراق راسلاش ھەممىدىن ۋەزنى بار بىر ئىش ئىدى.

ــ تۇرە بالام! نېمانچە ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغانسەن!؟ «مۇنداق دەردىم بار» دېگەن بولساڭ، باشقا ئامالىنى قىلغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئاخشام شۇنچە گەپ قىلسام ھېچ ئىش بولغان يوق، دەپ  ئىقرار قىلمىدىڭ! مانا قارا،  ساڭا قوشۇلۇپ بىزمۇ رەسۋا بولدۇق!

كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا ئوسال بولۇپ،نېمە قىلىشنى بىلمەي،تېڭىرقاپ قالغان سېمىز يەڭگە، ئۆيدە بىرمۇ ئادەم قالمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن،سەلىمەنىڭ يېنىغا كىردى ۋەمۇزدەك سوغوق يەرگە يۈزلىرى، پۈتۈن بەدىنى بىلەن چاپلىشىپ  ئەلەم بىلەن يىغلاپ ياتقان قىزنى سىلكىشلەپ دېگۈدەك ئورنىدىن تۇرغۇزدى.ئېرىدىن يېگەن تاياقنىڭ زەربىسىدىن قىزنىڭ بەدەنلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن، جاۋغايلىرى شۇ چاققىچە قان يۇقى ئىدى.

ــ ھامما، مەن گۇناھسىز... مەن ئۇنداق ئەسك ى ئىشنى زادىلا قىلمىغان، ماڭا ئىشىنىڭ! سىز بولسىڭىزمۇ ئىشىنىپ قويۇڭ!...ــ سەلىمە چەكسىز ئۆتۈنۈش بىلەن پۈتكۈل ئۈمىدىنى ئىككى كۆزىگە مۇجەسسەملەپ  يەڭگە ئايالنىڭ سېمىز قوللىرىغا ئېسىلدى.

ــ ۋاي بولدى،تۇرغىن،ھەممە ئاشكارە بولۇپ بولغاندا،يەنە بۇ گەپلەرنى دېگىنىڭنىڭ نېمە پايدىسى؟ بەرىبىر رەسۋا بولدۇق،بىر شورلۇقكەنسەن سەن زادى!مۇشۇنچىۋالا ئىشنى تېرىۋېتىپ،بۇ كىچىككىنە يەردە ئەمدى قانداقمۇ ياشارسەن ھە؟ئۇھ....

سېمىز يەڭگىنىڭ تۇيۇقسىزلا دەپ سالغان  بۇ سۆزلىرىدىكى مەنىنى سەلىمە بىردىنلا چۈشەندى. دېمەك، تاڭ ئېتىپ مۇشۇ ئايال بىلەن جەمى ئۈچ ئادەم ئۇنىڭغا:«ئەمدى ئۆلۈۋال» دەۋاتاتتى.ئۇنىڭسىز، ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ شۇنىڭغا تايىن تېپىپ بولغان ئىدى.ئەمىليەتتە،  ئۆلۈۋېلىش - ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن ھېچقاچان ئايرىلىپ باققان ئەمەس ئىدى. پەقەت مومىسى سىڭدۈرگەن قانداقتۇر تەۋرەنمەس ئەقىدىنىڭ كۈچى بىلەنلا،ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتاتتى.

ـــ ھامما، مەن راستلا گۇناھسىز...ئۆلۈپ كەتكەن شۇ چىرايلىق مومامنىڭ نامى بىلەن ۋەدە قىلاي ھامما... مەن راستلا پاك...ــ سەلىمە، خۇددى تىلى قېتىپ قالغاندەك بۇ سۆزنى پىچىرلاپ دېگۈدەك يەنە بىر قېتىم ئېيتتى.

ــ ۋاي، تۇر بولدى، بۇلارنىڭ بىزگە بەرگەن ھۆكمىنى كۈتەيلى. قىزىڭلارنى ھازىرلا ئەكىتىڭلار دەمدۇ، يا ياندۇرقى دەپ،گۆھەربانۇ كەلگەندە قولىغا بېرىمىز دەمدۇ، مەنمۇ بىلمىدىم... ئىشقىلىپ، بۇلار سېنى ئەمدى ساقلىمايدۇ... رەشىدبەگنىڭ كەچۈرىۋېتىدىغان يېرى بولسا،بايا بۇ جىدەلنى چىقارمايتتى...دېمەك،ئۇنىڭ سېنى ساقلىغۇسى يوق... دۇنيادا بىتەلەي بولار، سەنچىلىك بىتەلەي بولماس! ھەي ئىسىت! نېمە ئىشتۇ بۇ ھە؟...  ھەممىسى سېنى ئايىغى قۇرغاق دەپ تىللاشسا، نېمە دەيدىكىن دەپتىكەنمەن. قارا، بىر ئوبدان يەرگە تويۇڭ بولىۋىدى، بۇ تويمۇ مانا ھازىغا ئالماشتى! بۇنى ئاز دەپ يەتكۈچە ئاھانەتكە قالدىڭ!...

يەڭگە ئايال گۆھەربانۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىدى. ئادەتتە بۇلارنىڭكىگە كەلگەندە ئانچە- مۇنچە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ سەلىمەگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. لېكىن شۇ تاپ،بۇ نەس قىزغا يەڭگە بولۇپ كېلىپ،يەتكۈچە يۈزى چۈشكەچكە،ھەممىنى ئۇنتۇپ،بار دەردىنى يەنىلا سەلىمەدىن ئېلىشقا تەييار ئىدى.سەلىمە زۇۋان سۈرمىدى.ئۇنىڭ ئەمدى يەنە مىدىرلىغۇدەك، ئۆزىنى ئاقلىغۇدەك دەرمانى ھەم ئىشەنچىسى قالمىغان ئىدى.ئۇ گويا ھېلىغىچە قاباھەتلىك چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، قارا بېسىپ ئويغىنالمايۋاتقاندەك ھالدا بولۇپ، گاراڭلىق ئىچىدە يەڭگە ئايالنىڭ سىلكىشلەپ تارتىشلىرى بىلەن كىيىملىرىنى كىيدى. خۇددى ھۆكۈمىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان جىنايەتچى كەبى دىر دىر تىترەيتتى...

تاڭنىڭ سۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ پەتىچىلەرمۇ كۆپەيدى، ئۇلۇنۇپ پىچىر-پىچىرلار، پىخ-پىخ كۈلۈشلەر، قەستەن ئاڭلىتىپ ياكى ئاستا شىۋىرلاپ ئېيتىلىۋاتقان مەسخىرىلىك ئەيىبلەشلەر زادىلا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئۆيدىكىلەر يېڭىدىن كىرگۈچىلەرگە كۇسۇرلاپ ھېكايىلەر،سىرلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىشاتتى. شۇ تەرىقىدە كۈن پارلاپ چىقتى، چاي ۋاختى بولدى.بايا ئىشىكنى جالاقشىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتكەن ئورۇق يەڭگە ئايال يەنە شۇ ھالدا سەلىمەنىڭ يېنىغا كىرىپ كەلدى:

ــ مەن، ئۆمەرجانغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ،رەشىدبەگنى بۇ ئۆيگە يەنە بىر كىرگۈزىدىغان بولدۇم.سەلىمە،رەشىدبەگكە يەنە ئازراق يالۋۇرۇپ باقامسەن؟ رەشىدبەگلا كەچۈرىۋەتسە، ماۋۇ كوت كوتلارمۇ بىرنېمە دېيەلمەيدۇ،ھەتتا ھەسەلخېنىممۇ شۇ! ــ دېدى ئۇ كۈتۈلمىگەن بىر خۇشاللىق بىلەن. لېكىن سەلىمە ئۈندىمىدى.

ـــ ۋۇي! مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن! بىر نېمە دەپ جۆيلىسەڭچۇ؟!

ــ مەيلى....ــ سەلىمە ئادەتلىنىپ كەتكىنى بويىچە يەنە باشقىلارنىڭ ئىتتىرىشىگە كۆندى. بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئۇنىڭ بارلىق تۇرمۇشى ھەر قاچان باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولۇپ كېلىۋاتقاچقا، بۇندىن ئۆزگە چارە يوق ئىدى.

ـــ ۋاي ئەجەپ بەلەن ئىش بوپتۇ،جۇمۇ ئۇكام،__ دېدى سېمىز يەڭگە بىردىنلا روھلىنىپ،__ قارا،بالام،رەشىد بەگكە يىغلاپ يالۋۇرغىن، پېشىغا، ئاياغلىرىغا ئېسىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ...«قۇلىڭىز بولاي، ھېچ بولمىسا ئائىلىڭىزگە ئىشلەمچى بولاي، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، رەسۋا قىلماڭ، بارچە ياخشىلىق سىزنىڭ بولسۇن..» دېسەڭمۇ ھېساپ. ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە تېگىدىغان يۇمشاق گەپلەرنىڭ ھەننىۋاسىنى دېگىن.شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بۇ  رەسۋاچىلىقتىن ئامان-ئېسەن چىقىۋالغىن-دە! بولمىسا بۇ كىچىككىنە يەردە يەنە قانداق ياشايسەن؟ قىز بالا دېگەن ئەجەبمۇ ئاجىز نېمىكەن،ئىسىت ئىسست...

ئورۇق يەڭگىمۇ،سېمىز يەڭگىگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلدى:

ــ مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە نى نى ئەر-خوتۇنلارنى كۆردۈم،ھازىرلا بىر بىرىنى بوغۇۋېتىدىغاندەك،يىل يىللاپ چىرايىغا قاراشمايدۇ،كۆرگەنلا يەردە سوقۇشۇپ قان بولۇشۇپ كېتىدۇ.ئەمما يەنە شۇنداق بىر ئىشلار سەۋەب بولۇپ،بىر ئۆمۈر بىر بىرىدىن ۋاز كېچىشمەي،نەچچە باللىنىڭ ئاتىسى-ئانىسى بولۇپ كېتىشىدۇ.شۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا،بۇمۇ قانچىلىك ئىش ئىدى؟

ئىككى ئايال بىرى توختىسا يەنە بىرى سۆزلەپ،سەلىمەنىمۇ خېلى ئەيۋەشكە ئەكەلگەن بولدى.دېمىسىمۇ مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، رەشىدكە يالۋۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بۇ يول، ئۇنىڭ ۋەيران بولغان روھى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر شىپاسى ئىدى.

شۇ تەرىقىدە يەنە بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.دېگەنكىدەك، ئىشىك ئېچىلىپ، رەشىدبەگ ئۆيگە قايتا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، بىر ئېغىر ئۇۋالچىلىقتىن چىرايى مۇزدەك سوغوق ئىدى. ئۇ كارۋاتنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ،سەلىمەگە،لاپپىدە قارىدى ۋە  چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن دېدى:

ــ بۇ دۇنيادا يالغۇز ئۆتىدىغان ئادەم يوق،ھەركىمنىڭ ھامان ئۆز جۈپتى بولىدۇ دىيىشىدىكەن .،دېمەككى،ھەركىم ئۆز جۈپتىنىڭ ئامانىتى .قىزبالا بولغان ئادەم بۇ ئامانەتكە  خىيانەت قىلسا،كەچۈرۈلەمدۇ؟بەلكى،باشقىلار ئۈچۈن بۇ چوڭ ئىشمۇ ئەمەستۇ،ئەمما مەن ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ ئالدامچىلىق!خائىنلىق! يۈزسىز ۋە ساداقەتسىز ئايال كىشىنىڭ قولىدىن نېمە بالالار كەلمەيدۇ ھە؟بۇنداق ئايال،ئېرىنى يا يارىماس لامزەللىگە ئايلاندۇرىدۇ يا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىلغا!...شۇڭا سېنى كەچۈرمەيمەن،بىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇ يەردە،تامام، ... ئەمدى سەن ئەركىن بولدۇڭ،ئۆيۈڭگە كېتىپ تۇرغىن،قانۇنى رەسمىيەتلەرنى بىرنەچچە كۈنگە قالمايلا بېجىرەيلى..ــ رەشىد ئېغىر خۇرسىنىپ،ئورنىدىن تۇردى-دە، ئىشىككە قاراپ ماڭدى.شۇ چاغدا،خۇددى يەردىن چىقىۋاتقاندەك،سەلىمەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، شۇنچىلىك ھەسرەت بىلەن يەر تېگىدىن دېگۈدەك ئاڭلىنىۋاتقان بۇ ئاۋازدىن ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىغا قول سوزۇپ بولغان رەشىد چىپپىدە توختاپ قالدى.



داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k