
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
|
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
16-قىسىم
بۇ، تۆرەملارنىڭ مېھمانخانىسىغا يانداش قىلىپ سېلىنغان ئەپچىل ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي ئىدى. ئارزۇ تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئولتۇرغان ئۆينى ھەسەل خېنىم ئۆمەرنىڭ ئولتۇرىشىغا بېرىپ، رەشىدنى ئۆز يېنىغا تارتقان ئىدى. ئانىسىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدىنى رەشىد بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس،بىلىدۇ. ئانىسىچە، پەقەت ئارزۇغا تەۋە بولغان بارلىق ماددى نەرسىلەر رەشىدنىڭ تۇرمۇشىدىن غايىب بولسىلا، رەشىد ناھايىتى تېزلا ئارزۇنى ئۇنتۇپ كېتەلەيتتى. ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ھەم ھەر قانداق كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى ساقايتىدۇ، دەپ قارايتتى ھەسەلخېنىم. لېكىن ئۇ ئىخلاسنىڭ رەشىدنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ بەكمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى... شۇڭا ئۇ ئوغلىنىڭ بۇ تويدىن تۇيۇقسىزلا يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇشۇ ئۆينى ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ياتاق ئۆيى قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان رەشىدنىڭ تويىنى زادىلا كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى.
ھەسەلخېنىم كېلىنلىرىگە بۇيرۇپ، بۇ خانىدىكى ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرغان گېلەملىرىدىن تارتىپ بارلىق جابدۇقلارنى يېڭىسىغا، ئەڭ ئېسىلىغا ئالماشتۇردى. ھېچقانچە قارايمىغىنىغا قارىماي تاملارنى ئاقارتىپ، ئىچىنى باشقىدىن زىننەتلەپ چىقتى... لېكىن تۆرەملار ئائىلىسىدىكى بارلىق ئۇلۇغ-ئۇششاق، قېرى-ياشقا ئورتاق بولغان بۇ خۇشاللىق، تويى بولغان رەشىدنىڭ چىرايىدا ئەسلا كۆرۈنمەيتتى. ئۇ خۇددى بىر رولنى مەجبۇرى ئېلىشقا بېكىتىلگەن بىچارە ئارتىستەك روھسىز، سۇلغۇن، ھەتتا خاپا كۆرۈنەتتى. قاپاقلىرىنى ئاچاي دەپمۇ ئاچالمىغانسىرى ھەرىكەتلىرى، كۈلۈشلىرى تولىمۇ سۈنئىيلىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ مېھمانخانا ئۆيدە ئاچچىق تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇردى. تېلېۋىزور كۆردى، ئاخىرى ئېغىر بىر خۇرسىنىش بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ سەلىمەنىڭ يېنىغا كىردى. كېلىنچەككە ئىختىيارسىز قارىدى، قىزنىڭ قاپقارا چوڭ كۆزلىرى، سەل تىترەپ تۇرغان گۈلنىڭ بەرگىدەك قىپقىزىل لەۋلىرى، سەرۋى قامىتى، ئەرلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان كېلىنلىك كىيىملىرى... ھەر قانداق ئەركەك زاتىغا تەسىر قىلماي قالمايتتى.
رەشىدنى چۈشىنىكسىز بىر تۇيغۇ ئاستا-ئاستا غىدىقلاشقا باشلىدى. ئۇ ئۆي ئىچىگە نەزەر سالدى، بۇ ئۆي ئۆزى نەچچە كۈندىن بېرى يېتىپ قوپقان ئۆيگە ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. دېرىزە پەردىلىرى توق قىزىل رەڭدە، تۆشەك ئۈستىدىكى ياپقۇلارمۇ قىزىل، ئاستىدىكى خوتەن گىلەملىرىمۇ چوغدەك قىزىل... بۇلار رەشىدنىڭ قېنىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەۋىسىنى قوزغىتىش ئۈچۈن قەستەن قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى... ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆچۈپ، كونتروللۇق ھالىتىنى ساقلاپ تۇرغان ئەرلىك ھېسلىرى شۇ تاپتا ئويغانماقتا ئىدى.
ـــ ئارام ئالايلى،ــ دېدى ئۇ، سەلىمەدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، ھەم كىيىملىرىنى سېلىپ يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىپلا ياتتى.
«توي كېچىسى ئەرلەر يېڭى كېلىنچەككە دۈملا چۈشىدۇ، ھەر قانچە زۇۋانسىز ئەرمۇ ھاياجانلىنىپ دۇنيادىكى ئەڭ تاتلىق، ئەڭ شېرىن-شىكەر گەپلەر بىلەن خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدۇ. ھەقىقىي ئەركەكلەر بۈگۈنكىدەك توي كېچىسىلا خوتۇنىنى ئۆزىگە مەڭگۈ باغلىيالايدۇ. .. ئېرىڭنىڭ رايىغا بارغىن، مۇلايىم بول! ھەرگىز خۇي قىلما...»
تېخى بايىلا يەڭگىلەر ئېيتقان بۇ سۆزلەر سەلىمەنى قاتتىق ئۇيالدۇرىۋەتكەن بولىشىغا قارىماي، قىزغا يەنە چۈشىنىكسىز بىر شېرىنلىكمۇ ئاتا قىلغان ھەتتا ۋۇجۇدىغا ياتلا بولغان بىر ئىللىقلىق بىلەن يەڭگىلەرنىڭ تېزرەك چىقىپ كېتىشىنى ئويلىغان،ئېرىنى كۈتكەن،ھەتتا ئۇنىڭغا ئەزەلدىن نېسىپ بولمىغان قەدىرلىنىش، سۆيۈلۈش تۇيغۇسىغىمۇ تولۇق چۆمۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئەمما قاپاقلىرى مەھكەم تۈرۈلگەن بۇ ئەر ئۇنىڭغا راستلا تاغدەك يۆلەنچۈك بولالارمۇ؟ ئۇنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئەزىزلىيەلەرمۇ؟...
رەشىدنىڭ سۇسلىقى، سوغوق چىرايى سەلىمەدە مۇدھىش بىر سېزىم پەيدا قىلدى، بۇ سېزىم بىلەن تەڭ بۇ ئەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يات تۇيۇلۇپ،قىشنىڭ سەھىرىدە ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ۋىژىلداپ كىرگەن سوغوق شامال كەبى بىر ئەنسىزلىك ئۇنىڭ يۈرىكىنى سىقىرتىپ ئۆتتى.
دېمەك،يۇپۇرلۇپ كەلگىنى بەخت ئەمەس،ئاپەتكە ئوخشاپ كېتىۋاتاتتى...دېمىسىمۇ،بەخت،قاچان بۇ يىتىم قىزنى يوقلاپ باققان؟ ھەممە ئادەم «بەخت»نىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان بۇ ئەر،راستلا ئۇنىڭغا يىقىلماس تېرەك بولالامدۇ؟ئۇ،بۇنى بىلەلمىدى.ئىشقىلىپ،شۇ كۈنى تۇيۇقسىزلا بۇ «بەخت قۇشى» ئۇنىڭ بېشىغا قونۇپ، ھەپتە ئىچىدىلا ئۇنى يېنىغا ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. ئەلچىلەرنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆگەي ئانىسى مۇرەككەپلا بىر ئىپادىدە قىزغا ئالايدى، ھەم كۈلدى:
ــــ تەلەينى نەگە بارىسەن دېسە، دوقا بىلەن سوقىغا، دەپتىكەن. ئۆرگىلەي، سېنىڭ راستلا تەلىيىڭ باركەن، سەلىمە، تۆرەملارنىڭ سېنى كېلىنلىككە تاللىشى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن ئىدى ! ــ دېدى.
سەلىمە،بۇ گەپلەرنىڭ ئاڭ سولىنى،خېلى ۋاقىتتىن كېيىن،ئاران ئاڭقىرالىدى.بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟توغرا،رەشىد،ئۇ تاللىغان ئەر ئەمەس،ئەمما،بۇ دۇنيادا رەشىدتىنمۇ ئېسىل،ئەرلەر بولمىسا كېرەك.سەلىمە ئۇنداق ھېسىياتى كۈچلۈكلىكىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي جاندىن كېچىدىغانلاردىن ئەمەس،ئىلگىرى بۇ جەھەتتە قاتتىق ساۋاق ئالغان.شۇنچە يىللاردىن بېرى،ئۇ ئۆز ھېسىياتەىنى بېسىپ ئۆزىنى ھاياجانلىنغىلى قويمىدى.ئۇ ئاخىرغىچە مۇشۇنداق قىلشقا بەل باغلىغان،ئەمما بۇ توي خەۋىرى،ئۇنى قانداقمۇ قايتا قايتا ھاياجانلاندۇرمىسۇن؟.
بۇ خەۋەر بىر كۈنگە قالمايلا،تۆمۈر تاينىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە، يېيىلىپ كەتتى.سەلىمەنىڭ،مۇشۇ بازاردىكى ئەڭ باي، يەنە كېلىپ ئاجايىپ ئىناۋەتكە ئىگە تۆرەمغا، ئاۋازى مۇزىكىدەك يېقىملىق ھەسەل خېنىمغا كېلىن بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدەك كەلگەن يېرى، سالاھىيىتى تازا ئېنىق بولمىغان نەدىكى بىر كەلگۈندى قىزنىڭ نى-نى قىزلار ئۈچۈن قول يەتمەس لاچىن كەبى مەغرۇر رەشىدبەگنىڭ ئايالى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان تونۇش-بىلىشلەر ھەيرانلىقىنى باسالمايلا قالدى.
ــ ۋۇي، بۇ قىزنىڭ بەختىنى بېرىپتىغۇ! كۈلقىزنىڭ كۈنى تۇغۇپتۇ مانا!...
ــ ۋاي ئانائانامەي ! تۆرەمنىڭ نېمە قىلغىنىدۇ بۇ؟ نى-نى قىزلىرىمىز تۇرسا، تاللىۋالغان كېلىنىنى كۆرمەمدىغان؟
ــ بۇلارنىڭ نەرىنى ئەتىۋارلىغىنىدۇ؟ ئانىسى ھەم ئۆگەي، ھەم تۇل! نە ئەخلاقى يوق، نە بايلىقى...
ــ ئاڭلىشىمىزچە سادىقمۇ بۇ قىزغا ئۆز ئەمەسمىش.
ــ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغانلا بىر قىزنى رەشىدبەگمۇ ئالاي دېگىنىنى قارىمامدىغان!
ـــ ھۇ كەلگۈندى! ياۋا مۈشۈك!
ــ ...
ئەل ئارىسىدا گەپلەر ھەر خىل ئىدى، رەشىدنىڭ ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ھە دېسە قىزلىرىنى ھەسەلخېنىمغا كۆرسىتىپ، ئىشىغا سېلىپ بېرىپ، توي تەمەسىدە يۈرۈۋاتقان نۇرغۇن ئانىلار ھەسرەتتە قالدى. ئاغزىغا ئالغۇسىز قارا گەپلەر بىلەن سەلىمەنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىمۇ غەيۋەتكە قوشۇپ دەردىنى چىقاردى. ھەتتا ھەسەل خېنىمغا ئاتايىتەن «ياخشى كۆڭلى»نى ئىزھار قىلىپ باردى، لېكىن توينى توسالمىدى. چۈنكى مىڭ تەسلىكتە تويغا كۆنگەن رەشىدبەگنىڭ يەنە قىز تاللاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىمۇ، زېھنىمۇ يوق ئىدى. يەنە كېلىپ،بۇ كېلىننى،تۆرەم،ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرىمەن دەپ پەرمان قىلغان بولغاچقا، بۇ پەرمان مۇقەرەر ئورۇنلىناتتى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
تۆرەمنىڭ بىر ئىشقا قارار تاپسىلا شۇ ئىشتىن ھېچقاچان يانمايدىغانلىقىنى تۆرەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرلا ئەمەس، پۈتۈن يۇرت خەلقى بىلەتتى. «سەلىمەنىڭ دادىسى سادىق توغرا يولدىكى ئادەم ئىدى، بۇ قىزنى ئۇ كۆرگەن، تەربىيەسىگە، ھىماتىغا ئالغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سادىق سەلىمەنى بىزگە ئامانەت قىلىپ ، ئۆلۈپ كەتتى. شۇڭا سەلىمەنى كېلىن قىلىپ بىز توغرا قىلدۇق...» ئەزەلدىنلا ئېرىنىڭ ھەر قانداق گېپىگە چىش يېرىپ كۆنمىگەن ھەسەلخېنىممۇ غىڭ قىلمىدى. ئابرۇيلۇق، دۆلەتمەن بولمىسىمۇ، ئانچە-مۇنچە نامى بار ئائىلىنىڭ قىزلىرىنى تاللاش ئارزۇسىمۇ ئاغزىدا قالدى. يەنە كېلىپ توي دېسە جان-پېنى چىقىپلا كېتىدىغان ئەتىۋارلىق بېگى سەلىمەنى رەت قىلىپ بىر نېمە دېمىدى، ئوغلىنىڭ زۇۋان سۈرمىگىنىگە قاراپ ھەسەلخېنىمنىڭمۇ كۆڭلى تىنجىغان بولدى...
لېكىن سەلىمەگە توي سەۋەپلىك نېسىپ بولغان بۇ بەخت ھەم ئامەت، شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ھېچ بىر قارىسىنى كۆرسىتەي دېمەيتتى... قىزلار نېمە ئۈچۈن توي قىلىدىغاندۇ؟ ئەر-ئاياللار نېمە ئۈچۈن مەجبۇرى ھالدا بىر-بىرىگە چېتىلىدىغاندۇ؟...
سەلىمە «مۇلايىم بولۇش،خۇي قىلماسلىق » ئۈچۈن كىيىملىرىنى ئاستا سېلىۋېتىپ، شۇنداق خىياللارغا بېرىلدى. سەلىمەغۇ بۇ توينى قىلمايمەن، بۇ بايغا تەگمەيمەن دېگىنى يوق. ئۇ ھەتتا ئوبدانراق ئويلىنىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا تويى بولۇپ، بىر ئەرنىڭ قوينىغا كىرىپ قالدى... ئەمما رەشىدچۇ؟ ئۇ نېمىشقا يەڭگىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، تويى بولغان يىگىتتەك قىزغىن بولمايدۇ؟ نېمىشقا كېلىنچەككە شۇنچە سۇس؟ شۇنچە يات؟...
ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇرۇپلا مومىسى كېلىۋالدى، موماي كۈلۈپ تۇراتتى، يۈزىنى ئېتىۋالغان قىزىنى ھەدەپ جىلى قىلاتتى:
ـــ مېنىڭ قىزىمنىڭمۇ تويى بولىدۇ، ئاپتاپتەك كۈلۈپ كېتىدۇ، بەختى ئېچىلىدۇ!
ـــ جۆيلىمەڭ، موما، مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن، سىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايمەن!
ـــ توي دېگەن ئانىلار، ئاياللار بېسىپ ئۆتكەن، قىزلار مۇقەررەر ئىزلاپ ماڭىدىغان ئۈلگە. توي ئېلىپ كەلگەن بەختكە ھېچنېمە تەڭ ئەمەس، بالام. قىزلار توي قىلىدۇ،تەلىيى كېلىپ قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولىدۇ.ئوغۇللىرى دادىسىغا قانات بولسا،قىزلىرى ئانىسىنىڭ دوستى،ھەمراھى،سىردىشى بولىدۇ،توي سەۋەبلىك،بىر يۆلەنچۈكسىز قىز،يىقىلماس يۆلەككە ئېرىشىدۇ،ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ،ھەم تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتىدۇ...
سەلىمە پۇچۇلانغان،ئازابلانغان ھالدا ئېرىنىڭ قوپال تارتىشلىرىغا... بارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئامالىنىڭ بېرىچە ماسلىشىپ،كارىۋاتتا تاشلىنىپ ياتتى. ئۇ مومىسىنىڭ ئاتماس تۈنلەردىكى پاراڭلىرىنى ئەسلەش بىلەن ۋۇجۇدى ۋە روھىدىكى دەھشەتلىك ئاغرىقنى لام- جىم دېمەي، كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمغىنىچە، كىرىشكەن چىشلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە يۇتاتتى....
ئەمىليەتتە، توي،ھەر قانداق قىز كىرىپ كېلىدىغان، ھەم ئۇلارنىڭ دىل ئارامىنى، ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپلا نازۇك چېكىلىدىغان گۈللۈك قەپەس. ھېلىمۇ سەلىمە بۇ قەپەسنىڭ تېشىدا يۈرۈپ 23 ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ تاغدا ئۇنىڭغا تەڭتۇش بولۇپ تويى بولمىغان بىرمۇ قىز قالمىدى. ئۇ نېمىشقىكىن ئەزەلدىن تويغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەمەنى قىلىپ باقمىغان ئىدى. كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىگە يېقىنلاشقانلارغا «ئاپەت» يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن قورقاتتى. ئاغزىدا ئېتىراپ قىلمىغىنى بىلەن ئۇ ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق بىر ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ياشاپ چوڭ بولغان ئىدى.
«ئىنسان ياشىغان ئىكەن، ھەر قانداق بالا-قازادىن، پېشكەلچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. پېشكەللىك يا ئۇنداق سەۋەب بىلەن ياكى مۇنداق سەۋەب بىلەن ئىنساننى قىسماققا ئالىدۇ. كاللىسى بار ئادەم: «ھە، بۇمۇ تەبىئەتنىڭ ماڭا بەرگەن بىر سىنىقى ئىكەن،ئۇ، ئۆزى بەرگەننى ئۆزى كۆتۈرىۋېتەر» دەپ قانائەت قىلىدۇ، ھەم قىلىدىغىنى شۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ يولىنى ئىزدەش بولىدۇ. ئەمما ئەقلى گال،بوشاڭ ئادەملەر بولسا شۇ مۈشكۈلچىلىكنى پەيدا قىلغان قانداقتۇر سەۋەبكە مەھكەم يېپىشىۋالىدۇ،مىڭ قارغاپ،ئۇنى يامان سۆزلىرى بىلەن تىللاپ يامانشىتىدۇ.خۇددى شۇ يىلى مەھەللىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى سەندەك چىرايلىق قىزغا باغلاپ قويغىنىغا ئوخشاشلا...
سەن ئەقىللىق قىزسەن،بىزگە باھانە سەۋەپلەر كېرەك ئەمەس قىزىم،پەقەت بىز بېشىمىزغا كەلگەن ھەرقانداق ئىشلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىشىمىز كېرەك.ماڭا قارىغىنە،ھە،خۇددى مەندەك،ئېلاخۇن قويچىنىڭ نەۋرىسىدەك مەيدەڭنى تىك تۇتۇپ،بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىۋەرگىن! غۇرۇرۇڭ بىلەن ياشا!ئۆزۈڭ،ئۆزۈڭگە ئىشەنگىنكى،سېنىڭ تۇغۇلۇشۇڭ بىر بەخىت،،سەن كىشىلەرنى پالاكەتكە ئۇچراتقۇچى ئەمەس،بەلكى كىشىلەرگە بەخت -ئامەت ئاتا قىلغۇچىسەن.چۈنكى شۇ قەدەر ئاق كۆڭۈلسەن،مېھرىبان ۋە مېھىرلىك قىزسەن...سەندىن قاچقانلارنىڭ ھەممىسى كور-كۆرمەسلەر،ئەقلسىز دۆت ئېشەكلەر،بولمىسا ئۇلار سەندەك بىر قىز بىلەن ئالۋاستىنى پەرق قىلاتتى...» موماي شۇنداق سۆزلىرى دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرەتتى ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى چېگىشنى يېشەتتى.شۇنىسى ئېنىقكى،بۇ چېگىش،ئاسان يېشىلىدىغان چېگىش ئەمەس،كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر جايىغا كۆمۈلگەن،ئۇنىڭغا دەلمۇ دەل ئون يەتتە يىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى.دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۇ،بۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن،ئۆزىنىمۇ،ئۆزىدەك سۆيگەن ساۋاقدىشى روزىدىن ۋاز كەچكەن،شۇ روزىغا بالاسى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ھەتتا ئۇنىڭغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى.
روزى... ئۇ سەلىمەنىڭ ھاياتىدا ۋاللىدە چاقناپ، تېزلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر نۇر ياكى ۋۇجۇدىنى ئىللىتقان بىر ئىسسىق ئېقىم ئىدى.ھالبۇكى،بۇ ئىللىق سېزىمنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش،ئۇنىڭ قولىدىن ئەسلا كەلمەيتتى.چۈنكى روزىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق،قوللىگىدە بار ئائىلىنىڭ ئوغلى، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كۆزىنىڭ گۆھىرى سانىلاتتى. ئۇ ئۆگىنىشتە ياخشى بولغاچقا،قانداق ئوقۇيمەن دېسە شۇنداق ئوقۇيالايتتى، قانچىلىك ئۆرلەيمەن دېسە شۇنچىلىك ئۆرلىيەلەيتتى،ھەرگىز سەلىمەگە ئوخشاش، ھەر بىر قەدىمىدە بىر پۇتلىشىپ،بىر يىغلاپ يۈرمەيتتى...
بەلكىم روزى،شۇ تاپتا،مەلۇم بىر شەھەردە ياكى مەلۇم بىر چوڭ شىركەتتە،ياكى ناھايىتى كەڭ، يوپيۇرۇق ئازادە بىر ئىشخانىدا،ياكى ئىللىق بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقاندۇ؟ سەلىمە ئىسىملىك بىر ساۋاقداش قىزنىڭ چىرايىنى ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەندۇ؟سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلارغا بىردە يىراق، بىردە يېقىن بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئاشۇ غېرىب سەلىمەنىڭ،ھازىرقىدەك توي كۈنىدىمۇ ئۆزىنى يەنە شۇنداق خىيالىي سېغىنىپ ئويلاپ يېتىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەس؟...
بولدىلا، نېمە دەپ باشقا بىر كىشىنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ تۇرۇپمۇ، روزىنى ئەسلەپ قالىمەن؟ بۇ ئېغىر خاتالىق... ئەمما ئەسلىمىلەر نېمە دېگەن ئېغىر،نېمە دېگەن ھەسرەتلىك!نېمىلا بولمىسۇن بۈگۈن سەلىمە، پۈتكۈل تاغلىقلار ئارمان قىلىدىغان بىر ياخشى ئائىلىگە كېلىن بولدى.چىرايىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تۆرە باقى،ئەمدى ئۇنىڭغا،ئاتا بولىدۇ.يەنە،ھەممىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان قېيىنئانىسىمۇ بار.بۇ ئايال،بەلكىم مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ،بۇ قىزنىڭ ئۆز خخزمىتىگە بالدۇراق ئۆتۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقاندۇ؟مۇشۇنداق ئويلىغان ۋە ئۈمىدۋار بولغىن سەلىمە...ئۆتۈپ كېتىدۇ،ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ.
سەلىمە،ئۆزىدە قىلچىلىكمۇ خۇشاللىق ھەم بەختنى ھېس قىلالمايۋاتقانلىقىغا قارىماي دىلىدا،مۇشۇنداق بىر تۇيغۇ،مۇشۇنداق بىر ئۈمىدنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە، ئەقىل-ئىدراكىغا توختىماي مۇراجىئەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمما نېمىلا قىلمىسۇن،قانداق ئويلىمىسۇن،ھېچقانداق روھى لەززەت،روھى تەسەللى ئالالمايتتى،ئوخشاشلا،يۈرىكىنى ئاغرىتىپ تۇرىۋاتقان ئاشۇ روزىنى كاللىسىدىن چىقىرۋېتىشكە قۇربى يەتمەيتتى...
بۇ -سەلىمە،سادىقنىڭ كەينىدىن يىراق شىمالغا كەتمەكچى بولۇپ تەييارلىق قىلىۋاتقان، مېڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىدىكى ھارپا كۈنى ئىدى. ئاشۇ كېچىدە ئۇ،روزى بىلەن سىم-سىم يامغۇرغا چىلانغان ھالدا مۈرىدىشىپ شۇنچە ئۇزۇن يول ماڭغان ۋە روزى بىلەن مۈرىلىرىنىڭ،قوللىرىنىڭ ئانچە-مۇنچە تېگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ،تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئىللىق سېزىملارغا چۈمۈلگەن ئىدى.ئاشۇ چاغدىكى گۈزەل ھېسلارغا سېلىشتۇرغاندا،بۇ كېچە نېمە دىگەن ئۇزاق ۋە چىدىغۇسىز ئازابلىق ھە؟!
4
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




