大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 17ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 17ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-04
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16









جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


17-قىسىم



سەلىمە،شۇ ھالدا، يېڭى بىر تاڭنى كۈتىۋالدى.ئۇپۇق سۈزۈلۈپ،تام بېشىغا چىقىۋالغان قار پەيلىك قېرى خوراز كەينى كەينىدىن چىللاشقا باشلىدى.مانا مۇشۇ چاغدا،رەشىد،كارۋاتقا سېلىقلىق تۇرغان،ئاپپاق رەختكە قاراپ ئولتۇرۇپ،ئۆزىگە بىر كېچە خوتۇن بولغان بۇ قىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزى بىلمەيدىغنا يەنە بىر ئەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،پۈتۈن ۋۇجۇدىغا چىدىغۇسىز بىر تىترەك ئولاشتى.

دېمەك،بۇ قىزنىڭ بىر ئەر،بەلكى بىرنەچچە ئەركىشى بىلەن ئوينىغانلىقى ئېنىق.ھەم بۇ ئېغىر ئەخلاقسىزلىق.ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن،تۇرۇپمۇ،يەنە،ئۆزىنى قورقماي،ئالدىماقچى بولغاندېكىن،بۇ سەلىمە،دېگەن بىرنېمىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.رەشىد، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يار بەرگەن دائىرىدە،ئۇنى جازالاپ قويۇشقا تامامەن ھوقۇقلۇق.ئۇنىڭغا ئارزۇغا ئوخشايدىغان پاكىزە خوتۇن،ئەمدى مەڭگۈ ئۇچراشمايدۇ.رەشىدنىڭ سەلىمەگە نەپرىتى تاشتى.ئۇ،ئەسلىدىمۇ،بۇ قىزغا ئىشەنمىگەن،ئۇنى خالىمىغان ئىدى.مانا نەتىجە،ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ چىقتى.رەشىد،بۇ مېنىڭ ئارزۇغا بەرگەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلمىغانلىقىمنىڭ جازاسى،دەپ ئويلىدى.ئۇ،سەلىمەنى،ئىش بىلمەيدىغان تاغلىق بولسىمۇ،ئاتىسىنىڭ ئېغىزىغا چىققان بولغاندېكىن،ھېچ بولمىغاندا ساپ،سەمىمى،ئىتائەتچان دەپ ئىشەنگەنىدى.«ئىشەنگەن تاغدا راستلا كىيىك ياتمايدىكەن-دە»!

رەشىدنىڭ يۈرىكىنى بۇرۇنقى خوتۇنىغا بەرگەن،ئەمما ئەمەلدە كۆرسىتەلمىگەن ۋەدىسىنىڭ دەھشەتلىك قامچىلىرى ساۋاشقا باشلىدى.بۇ قىيناقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى،ئۆزىنى ئالداشقا پېتىنغان بۇ سەلىمەنى كەچۈرمەسلىك ۋە ئۇنى مۇشۇ باھانىدە يېنىغا قايتا كېلەلمەيدىغان دەرىجىدە،قوغلاپ چىقىرىۋېتىش!رەشىد غەزەبلەندى.بەلكى،ئىسسىق سۇدا يۇيۇنىۋاتقان ئاۋۇ سەھرالىق، مۇشۇ سېكونت،مۇشۇ دەقىقىدە ئۇنى تازا مەسخىرە قىلىۋاتقاندۇ؟ئىچ ئىچىدىن كۈلكىسى قىستاپ كېتىۋاتسىمۇ ئەجەپ ئەمەس...ھەتتا رەشىد بىلمەيدىغان قايسىدۇر ئەركىشىلەرنى سېغىنىۋاتىدۇ.شۇ ئەرلەرگە خەت يېزىشنى،رەشىد يوق چاغلاردا،يېنىغا چاقىرىپ كېلىشنى ئويلاۋاتىدۇ...

ــ سەن،ئاللىبۇرۇن قومىچىڭنى  يەۋالغان نېمىكەنسەن ھە!....ــ سەلىمە مۇنچىدىن چىقىۋاتقاندا،چاچلىرىدىكى نەملىكنى سۈرتۈپ قۇرۇتۇشنىمۇ ئۇنتۇغان رەشىد شۇنداق دېگىنىچە بىر پارچە ئاق سېلىنچىنى سەلىمەنىڭ يۈزىگىلا ئاتتى.

 تام-تورۇسلارنى تىترىتىۋەتكۈدەك ھالدا چىققان بۇ ئاۋازدىن سەلىمە گويا يۈرىكىگە پىچاق سانچىلغاندەك ئەندىكىپ كەتتى ۋە يەڭگىلەر ئاخشام مەخسۇس سېلىپ قويغان، شۇ تاپتا يۈزلىرىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ ئاياقلىرىغىلا سوزۇلۇپ چۈشكەن خەسىگە قورقۇنچ ئىچىدە قارىدى.دېمەك، سېلىنچا يەنىلا ئاپپاق بولۇپ،ئۇنىڭدا،تويى بولغان قىزلارنىڭ پاكلىقى ۋە ساپ ئەخلاقىنى نامايەن قىلىدىغان ھېچقانداق قىزىللىق كۆرۈنمەيتتى...

ــ مەن ئەسكى ئىش قىلمىغان...ــ بۇنداق تۇيۇقسىز زەربىنى كۈتمىگەن سەلىمە ئەس- ھۇشىنى يوقىتىپ، ئىختىيارسىز ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى ۋە ناھايىتى تەبىئىي بىر ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە دىر-دىر تىترىگىنىچە ئېچىلىپ قالغان ئەتلىرىنى ياپقاچ،رەشىدنىڭ يېنىغا كەلدى.ۋە ئېرىنىڭ دەرغەزەب بولۇپ غەيرى تەبى رەۋىشتە لىپىلداۋاتقان يۈزىنى  كۈرۈپ،كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.

ــ راستىنراستنلا مەن ئەسكى ئىش قىلمىغان...ــ دېدى ئۇ يەنە تەكرارلاپ،ـــ بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنداق ئىشنى قىلغان ئەمەسمەن...

ـــ سەنزە،مېنى بىر ئۆيلەنگەن بولغاندىكىن،بۇنداق ئىشلىرىمنى ئېغىر ئالمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنسەن-دە؟...نېمە دېگەن يوغان باشلىق بۇ!...بولدىلا،بىلسەڭ،مانا شۇ سائەتتىن باشلاپ،مېنىڭ  سەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقەم قالمىدى!خەر،ئۆزۈڭگىمۇ،ماڭىمۇ قىلدىڭ،بۇزۇق!...

سەلىمە رەشىدنىڭ ئاۋازىدىكى، چىرايىدىكى قورقۇنچلۇق سۈر-ھەيۋىگە قاراپ قېتىپلا قالدى. ئۇنىڭغا پۈتۈن جاھان، ئاسمان-زىمىن توختىماي پىرقىراۋاتقاندەك، ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ چايقىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

ـــ لېكىن مەن ئۇنداق ئىشنى... ئەسكى ئىشنى قىلمىدىم...ــ ئۇنىڭ ئاغزىغا، دىلىغا مۇشۇ سۆزدىن باشقا ھېچقانداق گەپ كەلمىدى.ئەمما بار ئۈمىدى،غەيرىتى،بىقۇۋۇللىقىنى ياشلىرى سىرغىپ تۇرغان ئىككى كۆزىگە مۇجەىسسەملەپ،رەشىدكە،چىدىغۇسىز بىر ئىلتىجا بىلەن تەلمۈرەتتى.

ـــ ھەي دەلتە،يۈزۈڭنى يۇيۇۋالاي دېگەن بولساڭ، مېنى ئەمەس، بىرەر قېرى بوۋاينى تاپساڭ بولماسمىتى؟! سېنىڭدەك مەينەتلەر،مېنىڭ ئەتراپىمدا جىق ئىدى،ئەمما مەن سېنى بۇ تاغدا پاكىز يۈرىدۇ، ئۆزىنى بۇلغىمايدۇ، دەپ ئىشەنگەچكە،ساڭا ئىلىنىشىپ قاپتىكەنمەن،ئەمما سەن ئىپلاس خوتۇن،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلدىڭ!

ـــ مەن ئەسكى ئىش قىلمىدىم،ئىشەنمىسىڭىز مېنى ھازىرلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ ... مەن ئۇنداق قىز ئەمەس...ـــ سەلىمەنىڭ قاپقارا كۆزلىرى چەكسىز ئۇۋالچىلىق ئىچىدە يەنىلا ئېرىگە تەلمۈرۈپ تۇراتتى.ئۇ ھەتتا ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىپ،ئېرىنىڭ يالىڭاچ بىلەكلىرىگە ئېسىلدى، ئەمما رەشىد نەپرەتلىك نەزىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا يول قويمىدى ۋە مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋەتتى.

ــ مەن ساڭا ئوخشاش بۇزۇقلار ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان مايمۇن ئەمەس! مۇشۇ يېشىمغىچە مەن كىرمىگەن گۆر، ئۇچرىمىغان جىن قالمىدى! يوقال مەينەت! ھازىرلا كۆزۈمدىن يۈت!

ــ ئۇنداق قىلماڭ... ماڭا ئۇۋال بولدى....

ــ نېمە؟! يەنە ساڭا ئۇۋالما؟!ــ رەشىدنىڭ كۆزلىرىگە قان تىقىلدى، ــ بىلسەڭ، ساڭا ئۇۋال بولمىدى،بەلكى ماڭا ئۇۋال بولدى، ماڭا! مۇشۇ مەينەت، ئىپلاس تېنىڭ بىلەن مېنى يەنە بىر قېتىم ئۆيلەنگەن قىلدىڭ! ئۆلۈپ كەتكەن شۇ پاكىز خوتۇنۇمنىڭ روھىنى قىسىلدۇرغىنىمچىلىك ئىش بولسىدى كاشكى، ۋاي ئېسىت!

ـــ قەسەم قىلاي! مەن ئۇنداق قىز ئەمەس، ماڭا ئىشىنىڭ! مېنى نومۇسقا قويماڭ!ــ سەلىمە زار-زار يىغلاپ تۇرۇپ،يەنە رەشىدنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلدى،ـــ بىلەمسىز؟ مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىم سىزگىلا باغلىق، سىزگىلا باغلىق! مېنى بۇنداق جازالىماڭ، نومۇسقا قويماڭ...

ــــ نېمە، جازالىماڭ؟ھېلىمۇ شۇ چاغقىچە جازالانماي تۇرۇپسەن مەينەت! تۇنجى بۇلغانغىنىڭدا نېمىشقا نومۇسنى بىلمىدىڭ؟ نېمىشقا جازالانمىدىڭ؟! يەنە تېخى ھاياتىم، ھاياتىم دەيسىنا! ماڭا ھاياتىم بىلەن ئويناشما،دەپ،قوقاق سالماقچىمۇ يە؟! مېنىڭچە بولسا،ئۆلىۋال! ئۆلىۋال! ساڭا بۇنداق مەينەت ھاياتنىڭ نېمە كېرىكى ؟!

چاڭڭىدە تەگكەن تەستەك، ئارقا-ئارقىدىن تېپىلگەن تېپىكنىڭ زەربىسىدىن قېتىپ قالغان سەلىمە روباشكا بىلەنلا تۈگۈلۈپ يېتىپ قالدى. رەشىدنىڭ ئاۋازى ھۇجرا ئۆي بىلەن بىرلا تام ئايرىپ تۇرىدىغان مېھمانخانىدا ياتقان يەڭگىلەرنىلا سەگىتىۋەتمەي،ئورنىدىن تۇرۇپ،بىر مۇھىم ئىش بىلەن سىرتقا ماڭغان تۆرەمنىڭمۇ، ئېرىنى ئۇزىتىپ چىققان ھەسەلخېنىمنىڭمۇ قۇلىقىغا كىردى.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەمال نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ،كېيىن بىردىنلا پاتپاراق بولدى، ھەم تەبىلا،تەڭلا يەڭگىلەرگە قادىلىپ قالدى.

بۇنداق قاراش بىلەن،ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى بىردىنلا ھېس قىلغان چوڭ يەڭگە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ھوجرا ئۆيگە كىردى. جىددىلىكتىن ئۇ ھەتتا ئىشىك قېقىشنىمۇ ئۇنتۇغان ئىدى. يەڭگە ئايال كىرگەندە سەلىمە روباشكا بىلەن بۇلۇڭغا تىقىلىپ ياتاتتى، رەشىد ئەقلىدىن ئازغاندەك قار- يامغۇر تىللايتتى، تېپىپ دەسسەيتتى...

ــ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟... بۇ نەچە قىلىق؟!....

سېمىز يەڭگە يۈگۈرۈپ كىرگىنىچە نە قىلارىنى بىلمەي، توزاققا چۈشكەن قۇشتەك دىر-دىر تىترەۋاتقان سەلىمەگە ئۆزىنى ئاتتى. ئاڭغىچە ئورۇق يەڭگىمۇ رەشىدنى تۇتۇۋېلىپ ئۈلگۈردى. 

ــ نەدە توي كېچىسى كىلىنچەكنى ئۇرغان بار؟! بۇ قىزدىن قانداق خاتالىق ئۆتتى؟ـــ  دېدى سېمىز يەڭگە ئەلەمدىن بوغۇلۇپ.

سىرتتىن ئېتىلىپ كىرگەن يەڭگىلەرنى، ھويلىنىڭ سىرتىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، رەشىد چىپپىدە توختاپ قالدى. شۇنچە ۋارقىراپ-جارقىراپ ئالەمنى مالەم قىلغىنى ئۈچۈن،بىردىنلا قاتتىق نومۇس قىلدى. باياتىندىن بېرى ئىچىنى ئۆرتەپ پارە-پارە قىلىۋاتقان پۇشايمان ھەم قاتتىق ئەلەمدىن ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي قالغان ئىدى، ھەتتا ئەزەلدىنلا بىر پەدە-شەپ بىلەن ئۆتۈۋاتقان دادىسى بىلەن ئانىسىنىمۇ ئويلىيالمىغان بولۇپ،كاللىسىغا بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ئەسەبىي خىياللىرى بىلەن ھەممىنى، نومۇسنى، پەدى-شەپنى، خەيرىخاھلىق قىلىشنى... ئۇنتۇغان ئىدى.

«نېمە دەپ ئارزۇغا بەرگەن ۋەدەمنى بۇزدۇم؟ ئۇنىڭدەك پاك ئايال يەنە بۇ دۇنيادا بولسۇنمۇ؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ نېمىشقا بۇ دۇنيا ماۋۇ مەينەتتەك بۇلغانغان قىزلارغا ئورۇن بېرىدۇ؟ بۇلار نېمە دەپ يەنە ئىككىنچى بىر ئەرنى خىجىل بولماي ئالداشقا، باھانە ئىزدەشكە، بۇلغانغانلىقىنى يېپىپ-ياماشقا ئورۇنىدۇ؟ھۇ ئىپلاسلار،بۇزقلار....» ئۇ شۇنداق دەپ ئويلىغانسېرى غەزىپى تاشاتتى. سەلىمەنى ئۇرۇپ چەيلىۋەتسىمۇ پۇخادىن چىقمايدىغاندەك،پەقەت مۇشۇنداق قوپاللىق قىلىپ، ئارزۇدىن، ئۇنىڭ روھىدىن ئەپۇ سوراۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى.

ــ بۇ قىزىڭلار بىلەن ئەمدى ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق!ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ!...ـــ رەشىد،كۆپ چۈشەندۈرۈپ تۇرمايلا شۇنداق دەپ ئىشىككە ماڭدى.

دەماللىققا نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي قالغان سېمىز يەڭگە شۇندىلا «قىزى»نىڭ نېمە قىلىپ قويغانلىقىنى چۈشەندى-دە، كارىۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىدە پۇرلىشىپ كەتكەن ئاپپاق سېلىنچىغا ئەندىكىپ قارىدى. ھەقىقەتەن سېلىنچا پاك-پاكىز تۇراتتى.ھالبۇكى، بۇ «پاكىزلىق»،قىزنىڭ بارلىق خاتالىقىنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسى ئىدى. يەڭگە لام-جىم دېيەلمەي، پېشانىسىنى تۇتۇپ،سەلىمەنىڭ يېنىدا، يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى.



مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



ئىشىكنىڭ تۈۋىگە نەچچە كېلىپ،ھوجرىغا،توغرىسى سەلىمەگە قاراشقا خىجىل بولغان تۆرەم، ئوغلىنىڭ تەنتەكلىكىدىن،نومۇسنى قايرىپ قويۇپ،ۋارقىراپ ئالەمنى بىر ئېلىشىدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن بولسىمۇ،يەنىلا تالاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇ،تويغا كەلگەن بىر مېھمان بىلەن بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتقا كېلىشىپ قويغان،ماشىنىمۇ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.شۇ چاغدا،ئۇنىڭ قۇلىقىغا،تام قوشنا ئۆيدىكى ئاۋۇت ئۇستامنىڭ كىمگىدۇر بىرىگە:«ھەي ،مۇنداقمۇ ئىشلار باركەن...» دېگەن گەپلىرى قۇلىقىغا كىردى. بۇ سۆزلەردىكى مەسخىرە يۈرىكىگە بازغاندەك قاتتىق تەگدى.ئۇ،ماشىنىدا كېتىۋېتىپ،نېمە قىلىشنى،سەلىمەنىڭ «بۇلغانغانلىقى»دىنمۇ بەكرەك، سەلىمەگە قانداق ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئاۋارە ئىدى.رەشىدنىڭ ئالدىراڭغۇلىقىغا بەكلا ئاچچىقى بار ئىدى.ھېلىلا ئىبراھىمنى ماڭدۇرىۋېتىش كېرەك.ئىبراھىم بولسىلا رەشىدمۇ تىنچىيدۇ... لېكىن شۇتاپنىڭ ئۆزىدە ئىبراھىمنىڭ يوقلىقى ئېسىگە كەلدى.ئۇ رەشىدنىڭ قوشماق سىڭلىسى رەشىدەگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش ئۈچۈن جەنۇبقا كەتكەن ئىدى. تويغا ئۈلگۈرىمەن دېگىنى بىلەن تېخىچە كېلىپ بولالمايۋاتاتتى.تۆرەمنىڭ ئىچىنى مۈشۈك تاتلاۋاتقاندەك بولدى.قانداق قىلسىمۇ،خوتۇنى ھەسەلخېنىمنىڭ ئاچچىق تاپا-تەنىلىرىنى ئويلاشتىن قۇتۇلالمىدى:

ــ مەن نېمە دىگەنتىم؟... نەدىن كەلگەن كەلگۈندى بىزنىڭ ئائىلىگە مۇناسىپ ئەمەس، دېمىگەنمىدىم! مانا ئەمدى كۆردىلىمۇ؟ دۇنيادا قىز تېپىلمىغاندەك... ما رەسۋاچىلىقنى... بىچارە بالام، بەختسىز بالام، ئېسىت بالام!...

تۆرەم توغرا پەرەز قىلغانىدى.ھەسەل خېنىم ئاغزىدا قارغىش بالالارنى ياغدۇرغىنىچە،ئېرى كۆزدىن يۈتىشى بىلەنلا،ھۇجرا ئۆيگە ئېتىلىپ دېگۈدەك كىردى-دە،قېتىپ تۇرغان يەڭگىلەرگە ئالايغاچ، دىر-دىر تىترەپ تۇرغان سەلىمەگە تىل سالدى:

ـــ ھۇ بۇزۇق مەينەت! تۈفى، لەنەت بولسۇن ساڭا! ئاياللارنىڭ، قىزلىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكتۈڭ پاسكىنا! ئۆيلەنمەيمەن دېسە رايىغا بارماي شۇ بىچارە ئوغلۇمنى سېنىڭ مەينەت تېنىڭ بىلەن بۇلغاپتىمەن، ئېسىت !ئېسىت..! ئۆلۈۋال ئەمدى! مەينەت ئايىغىڭ يۇرتقا بالا بولمىسۇن! ــ ئۇ يەڭگىلەرگە بىراقلا بۇرۇلدى، قويۇق قاشلىرى ئاستىغا يوشۇرۇنغان چېقىر كۆزلىرىدىن چەكسىز نەپرەتلەر ياغاتتى:

ــ بىزگە ئەكەلگەن بۇ قىزىڭلارنىڭ ھالىنى كۆردۈڭلارمۇ،يەڭگىلەر؟مانا ئۇ قىز چىقمىدى،بۇ لاتىغا يەنە بىر قاراڭلار-دە، ئاۋۇ خەقكە دەپ قويۇڭلار، بۇ توي،توي ئەمەس ماڭا نەزىر بولسۇن!!

ـــ خاپا بولمىسىلا خېنىم...دەرۋەقە،بارچە خاتالىق بىز ئەكەلگەن بۇ قىزدا...ــ ئورۇق يەڭگە ھەسەلخېنىمنىڭ قولىنى سىقىپ ئەپۇ سوراشقا باشلىدى. خېنىمنىڭ سۈر-ھەيۋىسىدىنمۇ ياكى ئىناۋىتىدىن ئەيمەندىمۇ، ئەيتاۋۇر سېمىز يەڭگىمۇ مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى:

ــ بۇ ماڭا ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن خورلۇق بولدى. نە ئات، نە نومۇس؟... بىلگەن بولسام نېمە قىلاتتىم دەيلا بۇ نومۇسسىز شەرمەندىگە يەڭگە بولۇپ...ــ ئۇ شۇنداق دېگەچ،قەھىر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ھەسەلخېنىمنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

ــ قىز ئەمەسكەن..

ھويلىدىكى، يان ئۆيدىكى توي سەۋەبلىك قونۇپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلار، قولۇم-قوشنىلار،يېڭىدىن ئەھۋال سوراپ كەلگەن پەتىچىلەردىن ئاڭلىنىۋاتقان بۇ سۆز،سەلىمەگە خۇددى قايتا قايتا يۈرىكىگە تىقىلىۋاتقان زەھەرلىك تىغنىڭ ئۆزىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.ئەمما ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ھەم نېمە دەپ چۈشەندۈرۈش بېرەلىسۇن؟پەقەت يىغلاشتىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ شۇ.سەلىمە،كىشىلەرنىڭ مەسخىرىلىرى، ھەسەلخېنىمغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشلىرى، رەشىدكە قارتا ئېچىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتاتتى. ئەمما بۇ يەردە،بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر ئادەم ياكى بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلىيالمايتتى. سەلىمەگە،ئۆي بارغانسېرى كىچىكلەپ ھاۋامۇ يېتىشمەي،ئۆزى تىنالمايۋاتقاندەك،نەچچە يۈرۈشلۈك بۇ ئۆيدىكى بارلىق ئېسىل بۇيۇملار تۇيۇقسىز سىرلىق مۇشتلارغا ئايلىنىپ،ئۇنى ئايىماي ساۋاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.ئۇ،تۇغۇلغاندىن تاكى شۇ چاققىچە،تەقدىرگە تەن بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاتىرجەملىك تاپقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى.ئەگەر تەغدىرنىڭ مۇشتۇمى ئۇنىڭغا قاراپ سوزۇلىدىغان بولسا ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت ئارقىغا چېكىنىش ۋە ئۈنسىز سۈكۈت قىلىش بولاتتى.ھەم بۇ مۇشت قانچە يىراققا سوزۇلسا ئۇ شۇنچە يىراققا چېكىنەتتى. ئاخىرى ئۇ چېكىنىۋېرىپ، مۇشۇ كۈنگە كەلگەن ۋە مۇشۇ چەت تاغلىق يەردە ئارامىدا دەرس ئۆتۈپ،كىچىك بالىلارنىڭ بولسىمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇسكى،تەغدىرنىڭ مۇشتۇمى بۇ يەردىمۇ ئۇنى ئاياپ قويمايۋاتىدۇ.

دەرۋەقە،بۇ «قىز چىقماسلىق»ئەقىلگە سىغمايدىغان پاجىئە ئىدى.ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى،نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىشكە، قانداقسىگە باش ئاخىرى نائېنىق،بۇنداق  قاراڭغۇلۇق،بۇنداق بەختسىزلىك قوينىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا كىمنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلىگۈدەك سەلىمەدە،ئۇنچىلىك كۆپ ئەقىل  يوق ئىدى.



داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0