
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
|||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
14-قىسىم
چىغ ئورۇش ئۈچۈن چىغلىققا كەلگەن ئىش باشقۇرغۇچىلار، مۇساپىرلار، مەھەللىلىكلەر بولۇپ يۈزلىگەن كىشىلەر موماينى ئۇزىتىپ قويدى. موماينىڭ ھاياتىغا ئېچىنغان، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېرى ئەر-ئايالغا، سەلىمەگە ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك قىلغانلىقلىرىنى شۇندىلا بىلگەندەك، ئاياللار موماينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ياخشى گېپىنى، تارتقان جاپاسىنى، دەريادەك كەڭ كۆڭۈل-كۆكسىنى، غەيرىتىنى يادلىشىپ، چىغلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوققىدەك يالغۇز تۇرغان كېسەك ئۆيگە يىغىلىشتى. بىر خىل پۇچۇلىنىش، ئۆكۈنۈش ئىچىدە موماينىڭ دەپنە ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن. بىرنەچچە ياشانغان ئاياللار ئۆلۈم بولغان ئۆيدە سەلىمەگە ھەمراھ بولۇپ ئۈچ كۈن بىللە يېتىشتى. ئەمما ئۈچ كۈندىن كېيىن سەلىمە يەنىلا يالغۇز قالدى، ئۇنىڭغا كەڭ كەتكەن چىغلىقلا ھەمراھ ئىدى...
ئەڭ مۇھىمى سەلىمەنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى ئىدى، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن سەلىمە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەتتى، ھەتتا ئالىي مەكتەپكە ماڭاتتى... سەلىمە ھەر قانداق قىلىپمۇ مومىسى بولمىغان تۇرمۇشقا چىدىمىدى. يېگانىلىق، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھۇۋلاپ تۇرغان بىر بوشلۇق ئۇنىڭغا مومىسى بولمىغان تۇرمۇشنىڭ ئەمدى ھېچقانداق قىزىقى، مەنىسى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتى مومىسى بىلەن يەر قارنىغا كىرىپ كەتكەندەك، كۈن بويى سارغىيىپ پىشقان چىغلىقلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئىمتىھان بېرىش، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى تامامەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى...
مەكتەپ مۇدىرى،ساۋاقداشلار،يايلىق خادىملىرى ئۇنىڭدىن ھال سوراپ كېلەتتى.ھەر كەلگەنلىرىدە، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، ئۇنى قانداقلا بولمىسۇن ئىمتىھان بېرىپ بېقىشقا كۆندۈردى... سەلىمە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانمۇ بەردى، لېكىن نەتىجىسى بەكمۇ تۆۋەن ئىدى.دېمەك،ئۇ پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ پىكرى ۋە خاتىرسى ھەرقاچان ئالتۇندەك تاۋلانغان چەكسىز چىغلىق ئىچىدىن ئۆزىگە قاراپ كېلىدىغان مومىسىنىڭ نۇرلۇق چىرايىدا، مومىسى بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ بەختلىك ھەم بەختسىز كۈنلەر ئىچىدە قېتىپ قالغان ئىدى. ئەمدى يېيىش، كېيىشنىڭ، داۋاملىق ياشاشنىڭ ھېچقانچە قىممىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر توپى، مەكتەپ ھاياتى،كەلگۈسى دېگەنلەر پارچە-پۇرات، غارايىپ كۆلەڭگىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى...
سەلىمە ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاستا-ئاستا خورىتىدىغان مۇشۇنداق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقاندا، سادىق ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ قالدى. سادىق ـــ سەلىمەنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى تولىمۇ تۇتۇق ھەم غۇۋا بىر ئەسلىمە ئىدى، بۇ كىشى ئۇنى كۆتۈرۈپ كۈلدۈرەتتى، ئوينىتاتتى، يۇمران مەڭزىلىرىگە سۆيەتتى:
ـــ سەلىمە... سەلىمە... مېنىڭ تاتلىق قىزىم...ـــ سەلىمە سادىقنى كۆرۈپ قۇلىقىغا، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا سىڭىپ كەتكەن مۇشۇ يېقىملىق ئاۋازنى بىردىنلا ئەسلىيەلىدى. سادىق ئۇلاردىن ئايرىلغاندا سەلىمە بەش ياشقا كىرگەن كىچىك قىزچاق ئىدى. ئۇ بۇدرۇققىنا كەلگەن بۇ چىرايلىق قىزغا چىن دىلىدىن ئاتىلارچە كۆيگەن، ماڭار ۋاقتىدا يېنىشلاپ سۆيۈپ:«بۇ قىزنىڭ بېشىنى ھاياتلا بولسام ھامان سىيلايمەن، ھەرگىز يالغۇزچىلىققا قويمايمەن...» دېگەن ئىدى. گەرچە شۇنچە يىللاردىن بېرى سادىق،مەرەم ئانا بىلەن سەلىمەنى يوقلاپ كەلمىگەن، مەرەم ئانىمۇ ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان بولسىمۇ، موماي ئۇنى دائىم تىلغا ئالاتتى:«ئۇ سېنىڭ داداڭ... ئۇ بىر ئاق كۆڭۈل ئادەم» دەيتتى. شۇڭا سادىقنىڭ بىردىنلا ئۇنىڭ ئالدىغا مېھىر بىلەن پەيدا بولۇشى،سەلىمەنىڭ ھاياتلىقتىكى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىر زەنجىرىنى قايتا ئۇلىغاندەك بولدى...
سەلىمە، ئاددى بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ، سادىققا ئەگىشىپ چىغلىقتىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالدى.سەلىمەنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئىستەكلىرى، خۇشاللىق ھەم بەختلىك كۈلكىلىرى سىڭگەن ئىگىسىز تاشلاندۇق ئۆيلەر، چىغ كۆتەكلىرىدە ئورۇلماي ئامان قالغان، سوغوقتىن شۈمشەيگەن شالاڭ چىغلار كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلىدا دىر-دىر تىترىگىنىچە ئۇنى ئۇزىتىپ قالدى...
7
سەلىمەگە تاغ ئىچى ياقتى، ھاۋا شۇنداق ساپ، غۇر-غۇر سۈزۈك شامال ئۇنىڭ ئېسەنكىرىگەن، كەلگۈسى نائېنىق بولغان، تېڭىرقىغان تۇرمۇشىغا بىر خىل تەسەللىي بەرگەندەك بولدى. بۇ يەر شاقىلداقنىڭ بۇرۇختۇم، ئىسسىق ھاۋاسىدىن پەرقلىق، پاشا، كۇمۇتا دېگەنلەر يوق دېيەرلىكلا ئىدى. ئېگىز-ئېگىز قارلىق چوققىلار، ياپيېشىل تاغ باغرى، ئوت-چۆپلەر ئۇنىڭ كۆڭۈل- كۆكسىنى ئاچقاندەك، قانداقتۇر چۈشىنىكسىز بىر نۇر خىرەلەشكەن دىلىنى يورۇتقاندەك بولدى. ئەمما ئۇ سادىق دادىسىغا ئەگىشىپ كىرگەن ئۆي ھەم ئۇنى قارشى ئالغىلى چىققان بانۇ ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ سوغوق، مۇزدەك قاراشلىرى ئۇنىڭدا چىدىغۇسىز بىر خىل بىئاراملىقنى پەيدا قىلدى.
كىچىك چاغلىرىدا، مەرەم ئانا ئۆلۈپ كەتكەندە پەيدا بولغان ئاشۇ ئازابلىق تۇيغۇ سەلىمەنى قايتىدىن قىسماققا ئالدى. ئۇ ئۆزىنى يەنە شۇنداق يېتىم، يەر-جاھان سىغدۇرمايدىغان بەختسىز قىز، بۇ ئائىلىدىكىلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل جاھان قېتىغا ئالمايدىغان يات ئادەم، دەپ ھېس قىلىپ، دېمىنى ئالالماي قالدى-دە، ھۆركىرەپ يىغلاپ، ئىچىدىكى دەردىنى كىمدۇر بىرىگە قويماي تۆككىسى كەلدى. بىراق ئۇ تاقەت قىلدى، چۈنكى يىغلىسا بولمايتتى، ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇنداق ھېسسىياتىنى سادىق دادىسىغا، بانۇ ئاپىسىغا، بۇ ئائىلىدىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق ئادەمگە چاندۇرۇپ قويسىمۇ بولمايتتى. چۈنكى يامان ئىشنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ ئىش قىلىش، سەۋر قىلىش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى.
گۆھەربانۇنىڭ كۆزلىرى تولىمۇ ئۆتكۈر ئىدى. لېكىن بۇ كۆزلەردە ئەقىل-پاراسەتكە قارىغاندا تولىراق قۇۋلۇق-شۇملۇق ئەكس ئېتەتتى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئەنۋەر سېپى ئۆزىدىن بىر دەلدۈش بولۇپ،تېخى شۇ ھالىغا سەلىمەنى «ساراڭ» دەپ چاقىراتتى. «ھەي، دۆت كالۋا، نېمە بېزىرىپ تۇرىسەن؟ كىرىمنى يۇ! سۇ ئەكەل!...» دەپ تىللىغىنى تىللىغان ئىدى. بىر پۇتىنى سۆرەپ دىڭگۇسلاپ ماڭاتتى-يۇ،سەلىمەگە: «پۇتۇڭنى سۆرىمەي، ئىشنى چاپسان قىلساڭ بولمامدۇ؟» دەپ گۆلىيەتتى. ئىككىنچى ئوغۇل ھېكىم تۆرەمنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيتتى، ئۆيگە كەمدىن-كەم كېلەتتى، پات-پاتلا: «سەلىمە سېنىڭ راستلا ئۆز قىزىڭ ئەمەستۇ ھە؟» دەپ دادىسىنى سوراق قىلىپ قوياتتى. سەلىمەگە قورقۇنچلۇق كۆزدە قاراپ-قاراپ قوياتتى. باشقىلاردەك ئۇنى تىللاپ دۈشكەللىمىگىنى بىلەن، قاراشلىرىدىكى قورقۇنچ ھەممىدىن سۈرلۈك ئىدى...
شەيدا - ئۈچىنچى قىز ئىدى. ئۆزى شوخ، تېتىك، سەلىمەگە ئىچ ئاغىرىتىدىغان، ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغان بىردىنبىر قېرىنداش ئىدى... ئەمما سەلىمە ئۆزى بىلەن بۇ ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر خىل ياتلىقنىڭ، يىراقلىشىشنىڭ قارا سايىسىنى شەيدانىڭ ۋۇجۇدىدىنمۇ ئېنىق ھېس قىلدى.
3-
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ـــ سەلىمەنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىپ كۆرگەن خوشاللىقى پەقەت شۇنچىلىكلا...ـــ سادىقنىڭ سەلىمە توغرىسىدىكى ھېكايىسى شۇ يەردە ئۈزۈلدى.ئۇنىڭ كېسەلمەن چىرايىدا چوڭقۇر بىر دەرت ئەكس ئېتىپ،ئاۋازى تولىمۇ غەمكىن ۋە سەمىمى ئاھاڭدا تىترەپ چىقتى.
ـــ ھەي،بۇ راستلا بىر بىچارە بالىكەن...__ دېدى تۆرە باقى چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپ،__ تولۇق ئوتتۇرىنى بۇ يىل پۈتكۈزگەن بولسا،ئۇ،بىز تەرەپتە تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنى تەكرارلاپ ئوقۇپ،ئالى مەكتەپكە ئىنتاھان بەرسە بولىدىكەنغۇ؟ بولدى،مۇشۇنداق قىلايلى،سادىقجان،يەتمىگىنىگە مانا مەن بار،جىق غەم قىلما.
ـــ تۆرەم ئاتا،مەنمۇ شۇ سىلىدەك خىيالدا،قانداق قىلىپ بولسىمۇ مۇشۇ قىزنى ئارزۇيىغا يەتكۈزەي، دەپ ئويلىغان. لېكىن سەلىمەنىڭ گېپىگە قارىسام،قايتا ئوقۇغۇسى يوقكەن، ئۇ بىرسىگە ئېغىرىم چۈشمەيدىغان ئىش بولسا شۇنى قىلاي، كىشىگە ياردىمىم تەگمىگەندىمۇ، ئۆزۈمنىڭ يۈكى،ئۆزۈمنى ئۈستىدە تۇرسۇن دەپ قارايدىكەن... يەنە كېلىپ،مۇشۇ كۈنلەردە مېنىڭ سالامەتلىكىممۇ پەقەتلا ياخشى ئەمەس... بۇ قىزنى پات كۈندە مەنمۇ يېرىم يولدا يۆلەكسىز تاشلاپ قويامدىمكىن،دەپ،ئەنسىرەپ تۇرىمەن... ھېلىمۇ بۇ بىچارە كەلگەندىن بېرى،بىزنىڭ ئائىلىنىڭ چاكىرىغىلا ئوخشاپ قالدى.ھەي،بۇ ئۆگەي دېگەننىڭ ئۆزىمۇ،ئېتىمۇ قۇرىسۇن...خوتۇنۇمنىڭ خۇيى ئۆزۈمگە ئايان... تۆرەم،مېنىڭ سىلىدىن ئۆتۈنىدىغىنىم،مۇشۇ قىزغا،سىلىنىڭ يانلىرىدا ئاش يىيەلىگۈدەك بىر ئىش چىقىپ قالارمۇ ھە؟... سېلىدىن بۇندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تەمە قىلمايمەن، بۇ ئاخىرقى تەلىپىم...ـــ سادىق گېلىغا كەپلىشىپ كەلگەن ياش كەلكۈنىدىن،بۇغۇلۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى ۋە شۇ چاغدا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر خەپرۈك بىلەن يۆتۈلۈشكە باشلىدى.ھەر يۆتەلگەندە،خۇددى ئۆپكىسى ئاغزىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك،چىڭقىلىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ تۆرە باقى دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا ئۆتتى.
ـــ ۋۇي!... بۇ يۆتەل سېنى ئەجەبلا قاتتىق تۇتتىغۇ بالام؟... بولدى،بولدى...ئەمدى گەپ قىلما،بىردەم دېمىڭنى ئال، يىغلىما،كىرەمگە دەيلى،مېنىڭچە بۇنىڭ بولمايدىغان يېرى يوق،ئۆتكەندە،بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيۋاتىدۇ،توختاملىق ئوقۇتقۇچى ئالمىساق بولمايدىكەن،دەپ،مەكتەپ مۇدىرىدىنمۇ شۇ گەپنى ئاڭلىغانتىم.ئەگەر ئىشلار شۇنداقلا بوپ قالسا،سەلىمە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنۈپ دىپلومىنى ئېلىۋالسۇن،ئاندىن تەشكىل قاراپ بېقىپ،رەسمىيلەشتۈرۋالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس،شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى ئۇ سادىقنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،ـــ شۇڭا سەن ھازىرچە سەلىمەدىن ئەنسىرىمەي،ماۋۇ كېسىلىڭدىن ئەنسىرگىن،قارىغىنە،ياش تۇرۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالساڭ قانداق بولىدۇ؟مەن ئەنىۋەرگە تاپىلاي،سېنى ئەتىلا،ئۆزى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسۇن،بۇ ئەپتىڭدىن ئوبدانراق داۋالانمىساڭ بولمىغۇدەك.
ـــ مۇشۇنچىلىك غېمىمنى قىلغانلىرىغا رەھمەت تۆرەم،بولدى،ئەنىۋەرنى ئاۋارە قىلمايلى،دوختۇرخانىغا بېرىش بارماسلىقنى ئۆزۈم قارار قىلاي،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بەرىبىر ساقايمايمەن،دوختۇر ئۆپكە راكى...دېگىلىمۇ خېلى ۋاقىت بوپقالدى.شۇڭا بولدى قىلاييا...دېمەكچى،سىلىنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى مەن ياندۇرالمايدىغان ئوخشايمەن، ...ئارزۇيۇم شۇ بوپ قالدى.
ـــ قارا،قارا، يەنە شۇ گەپ! ياخشىلىقنى مەن ساڭا ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا قىلغان ھەم قىلۋاتىسەن،شۇڭا سادىقجان، سەن ئۈچۈن قانچە كۆپ ئىش قىلىشىپ بەرسەم، كۆڭلۈم شۇنچە ئارام تاپىدۇ...
ئۇلار شۇ يۇسۇندا يەنە بىر ھازا كۆڭۈل ئېيتىشقان بولۇپ،سادىق خوشلىشىپ ماڭدى.تۆرە باقى،دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ،شۇ سۆھبەتتىن بىر ئاي كېيىنلا سەلىمەنى بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ۋاقىتلىق مۇئەللىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.ياندۇرقى يىلى،سەلىمەنىڭ تەلىيى كېلىپ،بىر ئەۋزەل سىياسىتى بىلەن،ئۇ،مەكتەپنىڭ رەسمى ئىشتاتىغا ئۆتتى.ھەم ئۇزاققا قالماي،ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ،ئالى تېخنىكوم دىپلومىغىمۇ ئېرىشتى.ئەپسۇسكى،سادىققا يىتىم قىزىنىڭ بۇ كۈنگە ئېرىشكىنىنى كۆرۈش نېسىب بولمىدى.ئۇ،تۆرە باقى بىلەن پاراڭلىشىپ چىققان كۈندىن كېيىن،ئۇزاققا قالمايلا دۇنيادىن مەڭگۈلۈككە خوشلاشتى.
سادىقنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تۆرە باقى يەنىلا چالا قالغان بىر ئىش شۇ پېتى تۇرىۋاتقاندەك،بىئارام يۈردى. سادىقنى ئويلىسىلا بىئارام بولاتتى.نېمىلا دېگەن بىلەن سەلىمەنى، كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرىۋالدى،مۇشۇ تەرپى ئۇنىڭغا كۆپ تەسەللى بولاتتى.
دەرۋەقە،سەلىمە مەكتەپتە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىشلەيتتى.ئوقۇغۇچىلىرى،خىزمەتداشلار بىلەن قەدىردان دوستتەك ئۆتەتتى. ئۇ،ئۆز ئىدىيەسىگە سىڭىپ كەتكەن،شۇنداقلا كىچىككىنە بۇ جېنىنى قوغداپ تۇرىدىغان بارچە ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنى،دەرسلىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ مەسۈم بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە ئاستا-ئاستا سىڭدۈرەتتى. ئوقۇغۇچىلىرنىڭ كۈلكىسى بىلەن ياشىرىپ،قايغۇسى بىلەن ياشلىرى تۆكۈلەتتى.شۇنداق ئىكەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ كۆيۈملۈك ئۇستازىنى ياخشى كۆرەتتى. ھەرقانداق گەپ سۆز،قىيىنچىلىق،ئوي خىياللىرى بولسا،ياش مۇئەللىمەسىگە ئېيتاتتى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن توغرا يولىنى تاپاتتى. شۇ تۈپەيلى مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئۇنىڭغا نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن قاراپ قالماي،چوڭ كىچىك يىغىنلاردا ماختاپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى.بۇنداق ياخشى گەپ سۆزلەر،خەۋەرلەر ئەلۋەتتە تۆرە باقىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ تۇراتتى. ئۇمۇ كىشىگە تىنمىغىنى بىلەن سەلىمەنىڭ نەتىجىلىرى، خۇشاللىقلىرى بىلەن كۆڭلىگە راھەتلىك ھەم خاتىرجەملىك تاپاتتى.
شۇنىسى ئېنىقكى،ئۇنى سەلىمەدىن تامامەن خاتىرجەم دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى.چۈنكى كۆڭلىنى چىگىپ تۇرىۋاتقىنى قىزنىڭ توي ئىشى ئىدى. ھازىرقى سەلىمە،ئىلگىركى كىچىك قىز ئەمەس،ئەمدى ئالدىرىمىسا توي قىلىش يېشىدىن ئېشىپ كېتىپ،تاغلىقلارنىڭ ئاغزىغا يەنە دەستەك بولۇپ بېرەتتى.
ــــ گۆھەربانۇ ئۇنى ئەرگە بېرىۋەتسە مۇھىم بىر كىرىم مەنبەسىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ-دە! شۇڭا ئەلچىلەرنى رەت قىلىۋەتكەن گەپ،ـــ بىر كۈنى ھەسەلخېنىمنى يوقلاپ كىرگەن بىرنەچچە ئايال گەپ ئارىلىقىدا شۇنداق دەپ گۆھەربانۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ قالدى.تۆرە باقى بۇ چاغدا ياندىكى ئۆيدە بولغاچقا،بۇ گەپلەر تەبىلا ئۇنىڭغا ئوچۇق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سەلىمەگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇ،قىلىۋاتقان ئىشىدىن دەرھال توختاپ،ئاياللارنىڭ گەپ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى.
ـــ ۋاي تېخى ھېلىقى دەلدۈشىنى داۋالىتىمەن دەپ ئۈرۈمچىگىمۇ نەچچە بېرىپ كەلدى، ئاشۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى سەلىمەدىن ئۈندۈرۈۋالغان-دە!
ــــ سەلىمە دېگەن بۇ قىزمۇ تازا يۇۋاشكەن،نېمە دېسە ھە دەپلا تۇرغىنى نېمىسى؟ئەمدى بولسىمۇ ئۆزىگە چىڭ تۇرسا بولاتتى.
__ شۇنى دەيمەن ؟
ــــ سەن تاز دېگۈچە،مەن تاز دەۋالاي،دەمدۇ،بىر ئىش بىلەن ئۆيىگە كىرىپ قاپتىمەن،گۆھەربانۇ نېمە دەيدۇ،دەڭە؟
__ ھە،نېمە دەيدۇ؟
__ سەلىمەنى «تۇغماس قىز» دەيدۇ.
ـــ نېمە؟ توي قىلمىغان بىر قىز بالىنىڭ تۇغىدىغان ياكى تۇغمايدىغانلىقىنى،ئۇ قانداق بىلىپتۇ؟
ـــ ۋاي تاڭەي.... ئۇنىڭ ئاغزىدىكى گەپكە قارىسىغۇ سەلىمە نەچچە ئەرگە تېگىپ چىققاندەك...
ئاياللار قۇلاقلىرىنى يېقىشىپ،كۇسۇرلاشقا باشلىغاچقا،تۆرە باقى ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئۇقالمىدى.شۇ چاغدا ئەسلىدىمۇ ۋاقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان مايسەم توۋلاپ سالدى.
ـــ ۋاي ئايلىناي...مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن؟نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق!
__ بوش توۋلاڭە مايسەم...مېنىڭچە گۆھەربانۇ قىپقىزىل يالغان ئېيتىپتۇ.نەدىمۇ مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشلار بولسۇن؟
__ مەنمۇ ئىشەنمىدىم،گۆھەربانۇنىڭ دېيىشىچە،بىر يىلى سادىقنى ئىزدەپ،سەلىمەنىڭ يۇرتى تەرەپتىن بىر ئادەم كەلگەنمىش.شۇ كىشى دەپتۇدەك.
__ ھەرقانچە ئايىقى قۇرغاق بولسىمۇ،ئۇ دەرىجىدە ئىش بولماس؟
__ شۇنى دەيمەن...مېنىڭچىمۇ ھەممىسى قاملاشمىغان خۇراپى گەپلەركەن،مۇشۇ گۆھەربانۇنىڭ پوقىنى يىگەن ئىتمۇ قىرىق كۈن بىكار قاۋامدىكىن دەيمەن؟
ــــ شۇ شۇ... سادىق يۇۋاش،يوقاپ كەتكەندە گۆھەربانۇ مۇشۇ تاغقىمۇ تاس قالغانتى ھە پاتمىغىلى،خوتۇنلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ... ئىككىنچى بالىسىمۇ سادىققا ئۆز ئەمەسمىكىن دەيمەن؟ سادىق كېلىپ سەككىز ئاي بولمايلا تۇغۇپ بولمىدىمۇ ؟...
__ ئۇنداق ئاياللارنىڭ كاساپىتى ئەرگىمۇ، بالىغىمۇ بولىدۇ، ...ـــ بۇ سۆزنى ھەسەل خېنىم قىلدى، ئۇ خۇددى بارلىق غەيۋەت-شىكايەتنى خۇلاسىلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
ـــ ھەسەل خېنىم راست ئېيتىدۇ، «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن»...
ـــ راست،راست...ـــ ئاياللار شۇنداق دەپ تەستىقلاشتى...
تۆرە باقىنىڭ كۆڭلى خىرە بولۇپ ئۆيىدىن يېنىپ چىقتى.بايىقى گەپلەرنىڭ ھەننىۋاسىغۇ غەيۋەت-شىكايەت،ئېلىپ قاچتى گەپلەركەن،شۇنداقتىمۇ،ئانچە مۇنچە راس يەرلىرىمۇ بار،بولۇپمۇ گۆھەربانۇنىڭ بۇ قىزنى ئوڭچە ئىگىلەپ،قاملاشمىغان پىتنە پاساتلار بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقىنى يالغان ئەمەس.ناۋادا،شۇنداق پۇرسىتى بولسا،تۆرە باقى،دىلى سۇنغان بۇ قىزنى چوقۇم ئۆزۈم بىر قوللۇق ئابرۇيىنى قىلىمەن،دېگەن نىيەتكە كەلدى.ئەمما شۇ نىيەتلەر ئەمەلگە ئاشماي، يەنە بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




