大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 15ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 15ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-02
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە 

ساننى بېسىپ  كىرىپ ئاڭلاڭ 


1
2
3
4
5
6
8
9
10
11
12
13
14












جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي




تۆرە باقىنىڭ كۆڭلى خىرە بولۇپ ئۆيىدىن يېنىپ چىقتى.بايىقى گەپلەرنىڭ ھەننىۋاسىغۇ غەيۋەت-شىكايەت،ئېلىپ قاچتى گەپلەركەن،شۇنداقتىمۇ،ئانچە مۇنچە راس يەرلىرىمۇ بار،بولۇپمۇ گۆھەربانۇنىڭ بۇ قىزنى ئوڭچە ئىگىلەپ،قاملاشمىغان پىتنە پاساتلار بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقىنى يالغان ئەمەس.ناۋادا،شۇنداق پۇرسىتى بولسا،تۆرە باقى،دىلى سۇنغان بۇ قىزنى چوقۇم ئۆزۈم بىر قوللۇق ئابرۇيىنى قىلىمەن،دېگەن نىيەتكە كەلدى.ئەمما شۇ نىيەتلەر ئەمەلگە ئاشماي، يەنە بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى...

مانا شۇنداق كۈنلەردە،تۆرە باقىنىڭ كىچىك ئوغلى رەشىد تاغدىن ئۆيلىنىشكە ماقۇل بولغانلىق خەۋىرىنى ئەۋەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا،تۆرەمنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن بىرىنچى قىزمۇ تەبىئىي ھالدا سەلىمە بولغان ئىدى. شۇڭا رەشىد ئۆيگە كەلگەن تۇنجى كۈنىلا ئۇنىڭ بىلەن مەخسۇس بىر ئۆيگە ئورۇن راسلىتىپ، كۆڭلىدىكى گەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ـــ مۇشۇ بازاردا سەلىمە ئىسىملىك بىر قىزنى تونۇمسەن، بالام؟ـــ دېدى تۆرە باقى شۇ ئاخشىمى قولاشمىغانلا بىر ئەپسىزلىك بىلەن.چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن بالىلارنىڭ توي ئىشىغا ئارىلاشمايتتى، كېلىن تاللاشتا ئاياللار چېچەن كېلىدۇ، دەپ ئوغۇللىرىنىڭ توي ئىشىنى ھەسەلخېنىمغا تاپشۇرغان ئىدى. بۈگۈنكىسى تۇنجى بولغاچقا، رەشىدكىمۇ غەلىتىلا تۇيۇلدى.

ـــ ياق...ـــ دېدى رەشىد سەل ھودۇقۇپ ۋە بىراقلا ھۈپپىدە قىزاردى.

ـــ ئۇ سادىقنىڭ قىزى، سادىقنىغۇ تونۇيدىغانسەن؟... ئۇ 5-4 يىلنىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتتى.

ـــ ھە... ئۇ كىشى يادىمدا، لېكىن تۈگەپ كەتكىنىنى بىلمەيدىكەنمەن.

ـــ شۇنداق، سەن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمىغاچقا ساڭا ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمىز.... ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھېكىمنى تونۇمسەن؟ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

ـــ ھە... ئۇنى تونۇيمەن.

ـــ سەلىمە ئوبدان قىز بولدى، يۈزى تۆۋەن، بالىلارغىمۇ دەرسنى بەلەن ئۆتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇدىرىدىن تولا ئاڭلايمەن.

ـــ ھە...

ـــ مېنىڭ،سادىقنىڭ شۇ قىزىنى كېلىن قىلغۇم بار ئىدى، سەن قانداق قارايسەنكىن؟ يا كۆرۈشۈپ باقساڭ بولارمىكىن؟...

ـــ كۆرۈشمەي... سىز دېگەندەك بولسۇن،ـــ ھېچقاچان ئوغۇللىرىنىڭ توي ئىشىغا يېقىن كەلمەيدىغان دادىسىنىڭ بۇ توغرىسىدا سۆز ئېچىشىنى كۈتمىگەن رەشىد،ئالدى كەينىنى ئويلاپ تۇرمايلا ماقۇل بولدى. ئۇ ئەزەلدىنلا دادىسىنى ھۆرمەت قىلاتتى.دادىسى،ئۇنىڭ قەلبىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئۇلۇغ  ئىدى.ئەمەلىيەتتە،دادىسى ئېغىز ئاچمىسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەلىمە، ئامىنە، جەمىلە... دېگەندەك قىزلارنىڭ قايسىسىلا بولسا بولىۋېرەتتى. پەقەت ئۇ تويلاشماقچى بولغان قىز ئاتا- ئانىسىنىڭ دېگىنىدىن چىقسا،ھەممىدىن مۇھىمى، پاكىز تېنى بىلەن بىر ئەرنىڭ ئىلكگە ئۆتۈپ،چىرايلىق قىلىقلىرى بىلەن ئېرىنىڭ ئامانىتىگە خخيانەت قىلمىسىلا،شۇ يېتەرلىك  ئىدى.

ـــ ئەمىسە كۆڭلۈڭنى توختاتتىڭمۇ؟

ـــ شۇنداق، سىز دېگەندەك بولسۇن، دادا...

2

شۇنداق قىلىپ بۇ توي ئاۋغۇستنىڭ،ئاخىرقى شەنبە كۈنىگە توختىدى. رەشىدنىڭ تەلىپى توينى ئۇنچىلا ھەشەم- دېرەملىك قىلماي ئاددىلا ئۆتكۈزۈش ئىدى. ئەمما تۆرەمنىڭ ئۆيىدە بولىدىغان توي ئىش بولغاچقا،تەبىئىي ھالدا كاتتا داغدۇغا بولدى. تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئىچكىرىكى، تاشقارقى ھويلىلاردا پۇت قويغۇدەكمۇ يەر تاپقىلى بولمايتتى. شەھەردىن، ناھىيەدىن، ھەتتا ۋىلايەتتىن كەلگەن مىھمانلارلا كەڭ كەتكەن ئايۋان-سارايلارغا بىر كەلگە،يەرلىكلەر، قۇرۇلۇشچىلار، سودىگەرلەر ھويلىلاردا، ئايۋانلاردا توي خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئىدى.ھەممە يەردىن قاينام-تاشقىنلىق، شاد-خۇراملىق ئەكىس ئېتەتتى. قىسقىسى،تۆرەمنىڭ ئۆيىدىكى بۇ توي خۇشاللىقى بازارنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغىمۇ تەسىر قىلغان ئىدى. ،ئۆزىگە شۇنچە خۇشاللىق، ئالقىش، بەخت ياڭرىتىۋاتقان توي ئەھلىنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ ئەكسىچە، رەشىد زادىلا ئېچىلالمىدى. ھە دېگەندىلا،ئارزۇ بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ بالىلىق،ياشلىق ۋاقىتلىرىدىكى كۆڭۈللۈك چاغلار، گۈزەل جامالى،مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋازى،ساداقىتى،لەۋلىرى ۋە بالىلارچە يۈزى، قوڭغۇراقتەك يېقىملىق كۈلكىسى كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى.«مەن،مانا پەقەت مەنلا سىزنى چەكسىز،چەكسىز ياخشى كۆرىمەن...»دەيتتى ئۇ.توي كۈنى كىيگەن قىپقىزىل خان ئەتلەس كۆڭلىكى، قىپقىزىل شايى روماللىرىنى قايرىپ،قانداقتۇر بىر جايدا، ئاسماندا، بۇزغۇپ تۇرغان ئاپپاق بۇلۇتلار ئۈستىدە، تىك تاغ چوققىلىرىدا پەيدا بولاتتى...

ـــ مۇرادىمغا يەتتىم، ئارزۇ... سېنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ مۇرادىم ھاسىل بولدى، ئەمدى بۇنىڭدىن كۆپ بەختنى كۈتمەيمەن،يۇلتۇزلار گۇۋاھ بولسۇن!

ـــ ساراڭ... سىزلا مۇرادىڭىزغا يەتتىڭىزمۇ؟ بىلسىڭىز، مەنمۇ ئوخشاشلا مۇرادىمغا يەتتىم. مېنىڭمۇ سىزدىن باشقا ھېچقانداق مۇرات-مەقسىتىم يوق... لېكىن ۋاقىت ئۇزارغاندا...سىزگە يەنە كۆڭۈل خۇشى چىقىپ قالامدىكىن؟ بۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەيمەن، شۇنداقلا بولسا، مەن،مەن...سىزنى قارغىۋېتىمەن...ـــ ئارزۇ يۇمشاق شىۋىرلايتتى، نازلىنىپ تۇرۇپ يىغلايتتى، ئۇنىڭ ساپ ساددا قىياپىتىدىن،چەكسىز مېھرى مۇھەببىتىدىن رەشىد تېخىمۇ مەست بولاتتى...

ـــ ئەخمەقتە سەن...ساڭا ۋەدە بېرەي،جېنىم،بۇ ھاياتىمدا سەندىن بۆلەك ئايالزاتىغا قارىسام مەڭگۈ قارا يۈز بولاي،تىنتارتماي ئۆلەي...

__ ۋاي...ئاغزىڭىزنى ئۈشتمەڭ،بولدى،بولدى دېمەپتىمەن...

__ ئەمىسە ماڭا ئىشەندىڭمۇ ؟

__ ھەئە...ئىشەندىم...

__ شۇنداق،ماڭا ئىشەن گۈزىلىم...بۈگۈن بىز مەڭگۈلۈككە قوشۇلدۇق،مۇشۇ ھالدائايرىلماي  مەڭگۈ بىللە ياشايمىز،مەڭگۈ!...

ئاشىق-مەشۇقلار، مامۇق تۆشەكتە يېتىپ تۇرۇپ مانا شۇنداق ئوتلۇق قەسەملەرنى قىلاتتى. ئەمما ھېچقايسىسى: «مۇبادا بىر-بىرىمىزدىن ئۆلۈم سەۋەبلىك ئايرىلساق...» دېگەننى ئويلاپ قويۇشمايتتى. دېمىسىمۇ ھاياتنىڭ بوسوغىسىغا ئەمدىلا پۇت قويغان، ھاياتى كۈچى بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىۋاتقان بىر جۈپ ياش ئۈچۈن ئۆلۈمنى خىيالىغا ئېلىپ كېلىش ھېچ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. توي بولۇپ بىر ئايلا بولغاندا،ئارزۇنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقى ۋە بۇ كېسەلنىڭ ئاللىبۇرۇن يامان ھالغا قاراپ تەرەققى قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە رەشىد ئۈچۈن،ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققانغا ئوخشايتتى.ئۇ،خوتۇنىنى ئېلىپ بارمىغان ھېچبىر دوختۇرخانا،ئۇستا تىۋىپ قالمىدى.ئەمما جانغا تىكىلگەن بۇ كېسەلگە ھېچبىر ئېلاجى يوق ئىدى.شۇ ھالدا،نەق ئىككى يىل بولغاندا،ئارزۇ خېنىم،رەشىدنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزدى....

ئاھ، ئارزۇ، مەن نېمە قىلىۋاتىمەن؟ مەن دەيۈز يەنە توي قىلىۋاتىمەنغۇ؟ يەنە بىر قىزنى ئېلىۋاتىمەن؟بىزنىڭ قەسىمىمىز مەڭگۈلۈك ئەمەسمىدى؟ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا يالغۇزلۇققا چىدىمىدىممۇ؟!...

ئارزۇ خېنىمنى، خېنىم بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر دەقىقىنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن تونۇپ يېتىپ، رەشىدنىڭ يۈرىكى قايناقسۇ قۇيغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىيتتى.بۇ توي... بۇ لەنىتى توي... ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك دىلرەباسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئالدىدا تۇراتتى.شۇڭا ئۇنىڭ پىغانى ئۆرلەيتتى.ئاخىرى شۇنداق بىر چىدىغۇسىز پۇشايمان چىرمىۋالدىكى، شۇ تاپتا بۇ توينى تەرك ئېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى ئارزۇ خېنىمنىڭ قەبرىسىگىلا كۆمۈلۈۋالغىسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى...

ئېھ،كىشىلەر،ئەرلەرنى قەيسەر، باتۇر، چىداملىق دېيىشىدۇ.رەشىدنى،بۇ باتۇرلۇق،قەيسەرلىكنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بىلىدۇ.ھالبۇكى،شۇ تاپتا،بۇ ئىقلىمدا،مۇنۇ رەشىدتىنمۇ يارىماس،رەشىدتىنمۇ ئاجىز ئىنسان بارمىدۇ؟...ئېسىت،قايسى ئېزىتقۇ،ئۇنى بۇ تويغا رازىلىق بەرگۈزدى؟نېمە دەپ بۇ قىزنى  ئالماقچى بولدى؟ ياكى يالغۇزلۇقنىڭ، جۇدالىقنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىدىمۇ؟ ۋە ياكى ئاكىسى، دادىسى ئېيتقاندەك ئۆز پۇشتىنى يەنە بىر تەن ئارقىلىق بۇ دۇنياغا قالدۇرۇپ، ئىزىنى كەلگۈسىگە ئۇلاش ئۈچۈنلىمۇ؟ ئەگەر شۇنداقلا بولسا ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن نېمە پەرقى قالار ھە؟... ئەجىبا ئىنسان ھاياتلىقتا، ئاددى تۇرمۇشتىن ھالقىغان يەنىمۇ بىر روھىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئاشىقىغا بولغان ئەھدى-ۋاپاسىنى ئورۇنلاپ ئۆتەلمەسمۇ؟ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى،ياكى تەننىڭ زەئىپلىكى دېگەن مۇشۇمىكىن؟ ...

مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلغاندا،رەشىد،بۇ تويغا رازىلىق بېرىپ ئۆزىنىڭ تولىمۇ قاملاشمىغان چوڭ بىر خاتاغا يول قويىۋاتقانلىقىنى،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ،ئارزۇ خېنىمدىن باشقا ھېچقانداق بىر قىز زاتىغا كۆڭۈل بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئىچ ئىچىدىن تونۇپ يەتتى. ئەجىبا،بۇ تويدىن،بۇ سەلىمە ئىسىملىك قىزدىن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ بىرەر يولى بارمىدۇ؟قانداق قىلغاندا،بۇ كىشەندىن ئاجرىغىلى بولىدۇ؟..رەشىد،گويا قەپەسكە قامىلىپ،چىقىپ كېتەلمەيۋاتقان ئەركەك شىردەك،بىر باھانىلەر بىلەن،ئۆزىنى ھەريان ئېلىپ قاچاتتى.ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىشتىن ئەسەبلىرى تارىدەك چىڭىپ كەتكەن ئىدى.ئەمما بۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق،توي بولۇۋاتاتتى.شۇ تاپتا،ئۇنىڭغا چىقىش يولى تۇرماق،سانجاق سانجاق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىگۈدەك بىرمۇ بوشلۇق قالمىغانىدى.تۇققانلار،دوست يارەنلەر ھە ھۇ بىلەن،قىز كۆچۈرۈپ كېلىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا،ئۇنىڭ ئىككى چېكىسىگە،خۇددى ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك،چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق كىردى.مېڭىسىدە: «بۇ ئاغرىقنى باھانە قىلىپ،قېچىپ كېتىش كېرەكمۇ يا؟شۇنداق قىلسام قانداق بولار؟دادام قاتتىق خاپا بولىدۇ،ئاندىن ئانامچۇ؟يەنە تېخى ئۇ قىزمۇ بار،سەلىمە... » دېگەندەك پىكىرلەر قۇيۇندەك پىرقىراپ،بېشىنىڭ ئاغرىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇراتتى...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


لېكىن ئۇ يەنىلا چىداپ تۇراتتى.پۇتىغا نەچچە توننىلىق كىشەنلەر سېلىنغان مەھبۇستەك،ھېچيەرگە كېتەلمەيتتى.شۇ چاغدا،يىگىتلەر،ئۇنىڭغا توي چاق چاقلىرىنى يامغۇردەك ياغدۇرۇپ،سەلىمە قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى.ۋاقىت،خۇددى يۈگەنسىز ئاتتەك  شۇنچە تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.ئاخىرى قىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى،ھە ھۇ بىلەن تاۋار كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،ناۋات چايغا داخىل بولدى، شۇنداق قىىلىپ رەشىدكە ھېچقانداق چېكىنىش، تاللاش يولى قالماي،ئۇ،سەلىمەگە ئەر بولدى.

«ئەمدى تۈگەشتى... ھەممىسى تۈگەشتى!...»دەپ ئويلايتتى ئۇ،قىز كۆچۈرۈپ كېلىۋېتىپ. يۈرىكى ئارزۇ خېنىمغا قىلىپ قويغان بۇ «خائىنلىق»ى سەۋەبلىك،چىدىغۇسىز بىئارامچىلىقتا ئىدى.«مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ... ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ..» ئارزۇنىڭ جان ئۈزگەن كۈندىكى،ئەڭ ئاخىرقى نىدالىرى ھە دېمەيلا قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ،ئۆپكىسى ئۆرۈلەتتى...

3

سەلىمە رەشىدنى توي كېچىسى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارلىقتا،ئۇدۇلىدىن كۆردى.«بەگ»دەپ نام ئالغان بۇ يىگىت،تۆمۈر تايدىكى قىز چوكانلار ئۈچۈن، ئۆلمەس سۆھبەت تېمىسى ئىدى.ئۇ مۇشۇنداق بىر ئەركەك ئۈچۈن،بارلىقىنى بەخش ئېتىۋېتىشكە رازى ئىدى.

ـــ رەشىدبەگ بېيجىڭدا شىركەت قۇرۇپتۇدەك،بىزدىن ئادەم ئالىدىكەن!

ـــ رەشىدبەگ قاردا ئاپەتكە ئۇچرىغان مالچىلارغا  يەم-خەشەك يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ!

ـــ رەشىدبەگ سانىخاننىڭ راك كېسىلى بولۇپ قالغان قىزىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىپتۇ!

ـــ رەشىدبەگ ئاڭلىسا بۇ ئىش چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتەتتى-دە!

ـــ رەشىدبەگ ....

بۇنداق گەپلەر ۋە رەشىدكە ئوخشاش بۇنداق جەلپكار ئەرلەر،نۇرغۇنلىغان ئاياللارنى ئادەمنى سېھىرلىگۈچى ئاللىقانداق خامخىياللارنىڭ دۇنياسىغا باشلايدۇ.بۇنداق خام خىياللارنى قىلمايدىغان قىز ئاياللار بولماسلىقى مۈمكىن.سەلىمەمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس،شۇنىسى ئېنىقكى،بۇ توي ئىشىغا كەلگەندە،سەلىمەنى خوشال بولدى ياكى خاپا بولدى دېگىلى بولمايتتى.ئەمما تەن ئالماي بولمايتتىكى،ئۇنىڭمۇ ئارزۇ قىلىدىغىنى دەل رەشىدكە ئوخشايدىغان بىر ئەر ئىدى.شۇڭا بىلىپ بىلمايلا،ۋۇجۇدى بەخت ۋە پەخىر تۇيغۇسىغا چۆمدى.ھەتتا ئۇ بۇ توي ئىشىنىڭ كەلگۈسى تەسىرىنى دەڭسەپ باقتى.ئۇمۇ بىر ئادەم،بىر ئاجىز قىزبالا بولغانلىقتىن،قانداقتۇر باياشاتلىقنىڭ مەنزىرىسى كاللىسىدا نامايەن بولدى.تېلۋىزورلاردىكى چوڭ شەھەرلەرنى،شۇ شەھەرلەردە،رەشىدنى قولتۇقلاپ ماڭغاندا كىيىدىغان كىيىم كېچەكلىرىنى،رەشىدتىن بولىدىغان ئوماق بالىلىرىنى يەنە بىر تالاي نەرسىلەرنى ئويلىدى.شۇنچە يىللاردىن بېرى تېجەشلىك ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.ئەمما ئۇ رېئاللىققا ئەمەلى مۇئامىلە قىلىپ كۆنگەنىدى.شۇنداق، مەلۇم يېڭى، ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىش ياسايدىغان بىر تەقدىر،ئۇنىڭغا نېسىپ بۇلۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.ئۇ چوقۇم بۇ بەختنى كۈتىۋېلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

ئۇ رەشىدنى،ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى بايرام ھارپىسىدا،بازاردا كۆرۈپ قالغان ۋە شۇ چاغدا ئۇ،نۇرغۇن تەڭتۈشلىرىنىڭ ئاغزىدىكى بۇ ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئىختىيارسىز قىزىقسىنىپ، ئۇنىڭ مەغرۇر قامىتىگە ئۇزاققىچە قاراپلا قالغان ئىدى.شۇ چاغدىكى رەشىدنىڭ تۇرقى ھېلىغىچە ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇ.ئۇ بىر قارىماققا سەلگىنە قوپال كۆرۈنەتتى، ئەمما كەينى تەرىپىدىن قارىغاندا شۇنداق قاملاشقان يىگىت ئىدى. ئارتۇقچە گەپ قىلمايدىغان ئەرلەردىن بولسا كېرەك، يېنىدىكىلەرنىڭ خۇشامەت ئارىلاشقان گەپ-سۆزلىرىگە  قويۇق قۇشۇما قاشلىرىنى تۈرۈپ «ھەئە» ياكى «ياق» دېگەندەك ئىشارەتلەر بىلەن قىسقا جاۋاب بېرەتتى. شۇ چاغدا سەلىمە نېمە دەپ رەشىدكە شۇنداق زور ئىشتىياق بىلەن قاراپ كەتكەن بولغىيدىكىن؟... بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، بەلكىم بۈگۈنىكدەك بىر كۈن ئۈچۈن،تەقدىر ئۇنىڭ دىلىغا شۇنداق بىر ئىشتىياقنى سالغاندۇ...

شۇڭا ئۇ ھەم خوشال ھەم بۇنداق ھۇمايۇن قۇشىنىڭ بېشىغا قونۇپ قالغىنىغا ئىشىنەلمىگەن ھالدا،توي خېتى ئالىدىغان كۈننى كۈتتى.ئۇ،رەشىدنى توي خېتى ئالغاندا كۆرىمەن، بىز شۇ چاغدا ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىمىز، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما، رەشىد توي خېتى ئېلىشقا بارماي، سەلىمە ئۆزى يالغۇز باردى.بىللە كەلگەنلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،ساقسىز بولۇپ قاپتۇ.ئەمما ئوتقاشتەك قىپقىزىل توي خېتى،رەشىدنىڭ كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك كېيىنگە سۈرۈلمىدى.

«سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن» دەيدىغان ئۇنىڭ مومىسى، بەلكىم مومىسى ئېيتقاندەك،بۇ يىتىم قىزنىڭ بېشىدىكى بارلىق كۈلپەتلەر مۇشۇ توي بىلەن ئاياغلىشىپ،كېيىنىكى ئۆمرىدە، ھازىرقىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر دۇنيا سەلىمەگە نېسىپ بولىدىغاندۇ.سەلىمە شۇنداق ئويلىدى.ئۇلا ئەمەس،نۇرغۇن ئادەملەر شۇنداق ئويلايتتى ھەم بۇ قۇدرەتلىك ھۇمايۇن قۇشىنىڭ قانداق بولۇپ،ئېگە چاقىسىنىڭ تايىنى يوق بىر يىتىم قىزنىڭ بېشىغا قونۇپ قالغىنىدىن ھەيرانۇ ھەس بولاتتى.

__ ۋايۋۇي،تازا ئامىتىڭ باركەن جۇمۇ سېنىڭ! ئۇنىڭ سېنى خوتۇنلۇققا ياراتقىنى ، يېتىم قىزنىڭ بىر كېچىدىلا ئۆزىنى مەلىكە بولۇپ ئوردىدا كۆرگىنى بىلەن ئوخشاشلا ئىش...__  دەيتتى بەزىلەر ئاغزىنى تامشىتىپ تۇرۇپ،بۇ سۆزلەرنى تەكرارلايدىغانلار جىق ئىدى. ھەتتا قىزلىرىنى بېرەلمەي قالغان ئانىلار،سەلىمەنىڭ كۆزىچىلا: «ھەي ئېسىت!ھەي ئىسىت!» دېمەي تۇرالمايتتى.

كەچ كىرگەندە، رەشىد بەگ قولاشمىغانلا بىر ھەرىكەت بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندە،سەلىمەنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ،ئاللىقانداق ئىشلارنى ئۆگۈتىۋاتقان يەڭگىلەر،ئالدى كەينى بولۇشۇپ چىقىپ كېتىشتى.رەشىدنىڭ سەلىمەگە بىر نېمە دېگۈسى كەلدى، ئەمما دىر-دىر تىترەپ ئولتۇرغان قىزغا، ئۇنىڭ داڭقېتىپ، نېمە قىلىشنىمۇ بىلەلمىگەندەك تۇرغان تۇرقىغا قاراپ، يەنىلا ھېچنېمە دېمىدى-دە، ياندىكى مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k