大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 7ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان )  7ـ قىسىم aybarawazi
2022-09-24
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە 

ساننى بېسىپ  كىرىپ ئاڭلاڭ 


1
2
3
4
5
6



















جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


بىر چاغلاردا ئۇلار دائىم بىللە پادا باقاتتى، كۈن-كۈنلەپ بىللە يۈرەتتى. سادىق ئۇنىڭدىن   بىر-ئىككى ياش چوڭ ئىدى. قورقۇمسىز، كۈچلۈك، قولى ئەپلىك بولغاچقا، ئۆمەرنىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمىتى بار ئىدى، گېپىنىمۇ ئاڭلايتتى. سادىقمۇ تاغ ئىچىدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، تاغقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇ مۇشۇ سادىقتىن بىلگەن، چۈشەنگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا سادىق ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتكە سازاۋەر قېرىنداش ھەم دوست ئىدى، قاچانكى كان رەسمىي مېڭىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ دوستلىقى، قېرىنداشلىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك بولدى.چۈنكى قاچاندىن باشلاپكىن، سادىق ئۆزگەرددى، ئىچىنى تىڭشاپ، قانداقتۇر بىر خىياللار ئىچىدە يۈرەتتى، ئۆمەرمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دادىسىنىڭ قولىدىكى ئىشنى ئېلىپ ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى...

ئۆتكەن بالىلىق خاتىرىلەر ئۆمەرنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇردى. خۇددى سادىققا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك، ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك، مەلۇم بىر ئىشتا سادىققا ھېساب بېرىشى كېرەكتەك بىر ئارامسىز تۇيغۇ شۇ تاپتا ئۇنى بىئارام قىلماقتا ئىدى.

ـــ سىلەر سادىققا ياردەملىشىڭلار، مەن ماشىنىنى تېخىمۇ يېقىنراق ھەيدەپ كېلەي ،ــ دېدى ئۇ بىللە كەلگەنلەرگە، ھەم ئۆزى ماشىنىغا قاراپ ماڭدى.

ھايال ئۆتمەيلا ئۇلار سەلىمنى ئېلىپ چىقتى، ئاغرىقى تېخىمۇ قوزغىلىپ كەتكەن سەلىم «ۋايجان،ۋايجان»غا چۈشۈپ، ئاغزىنى تېخىمۇ قويۇۋەتكەن ئىدى. ئاڭغىچە ئۇنىڭ ئايالى تۇنىساخان يېتىپ كەلدى، ئۆمەركە سەت بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئېرىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتى، سادىق شىپاخانا ھويلىسىدىلا قېلىپ قالدى، ئۆمەر شۇنچە زورلىسىمۇ ناھىيەگە بارغىلى ئۇنىمىدى.

ـــ مەن ساق، ئۆيگە كېتىمەن،ـــ ئۇ مۇشۇ سۆزدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئالەمنى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ-جارقىراۋاتقان ئاكىسىغا بىزارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ، ھەتتا ماشىنىنىڭ قوزغىلىشىنىمۇ كۈتمەيلا پۇتىنى سۆرىگىنىچە ئۆيى تەرەپكە ماڭدى.شۇ ماڭغانچە، ئۆيىگە ئەمەس، ئېغىر ئاياق خوتۇنى بىلەنمۇ خوشلاشماي، قاياققىدۇر باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى، شۇ كەتكەنچە ئۇنى كۆرگەنلەرمۇ بولمىدى...

سەلىم تۆت ئاي بولدى، دېگەندە پۈتۈنلەي ساقايدى. بۇ تۆت ئاي جەريانىدا تۆرەم ئۇنىڭ بىر تىيىنلىك دوختۇر پۇلىنى كەم قىلمىدى، كان ئىشچىلىرىغا ئوخشاش مائاش بەردى، ھەم ئۆمەرنى ئېلىپ بىرنەچچە قېتىم ئۇنى يوقلاپ كەلدى.

تۆرەم تۇنجى قېتىم يوقلاپ كەتكەندىن كېيىنلا سەلىمنىڭ ئاغرىقىغا بىرى شىپالىق بەردىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ، تۆرەملارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۇلۇغ-ئۇششاقنى مىڭ تىللاپ ياتقان سەلىم تىللاشتىن شىپپىدە توختاپ، ئۇلارنى ماختاشقا ئۆتتى. «قوسىقى دەريادەك كەڭ،نىيىتى تولىمۇ ئۇلۇغ ئادەم- دە! تېپىلغۇسىز!...» دەپ ماختاپ كېتەتتى ئۇ تۆرەمنى، ئۇ ھەتتا ئۆزىنى ناكا قىلىپ قويغىلى تاس قالغان دانىيارنىمۇ كەچۈرىۋەتتى. «ھېچقانداق دەۋا دەستۇرۇم يوق» دەپ ساقچىخانىغا خەۋەر بەردى. ئەمەلىيەتتە دانىيار بۇ «خەۋەر»بولمىسىمۇ بازاردا يەنە بەگزادىلىكىنى قىلىپ يۈرىۋاتقان ئىدى.

ـــ سىزگە تۆرەم دادىمىز بىرە كارامەت ئىشلەتتىمۇ، ئەجەب بۇرۇنقى ئاغرىقلىرىڭىزنىڭ بىرىمۇ قالمىدىيا؟ــ دەپ كۈلدى سېستىرا ئۇنىڭ بىر دۇمىلاپلا باشقىچە ئادەم بولۇپ قوپقىنىنى مەسخىرە قىلىپ. دېمىسىمۇ تۆرەم ئۇنىڭغا  كارامىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى

9

سەلىم ناھىيەگە بالنىسقا ئالدۇرۇلۇپ ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كەچلىكى تۆرەم ئۆمەر بىلەن ئىبراھىمنى يېنىغا چاقىرتتى:

ـــ ھە، سەلىمنى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇپ قويدۇڭمۇ؟ـــ دەپ سورىدى ئۇ ئۆمەردىن.

ـــ ھەئە، ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇپ قويدۇم، ياخشىراق داۋالاپ ھەققىدە دوختۇرغىمۇ تاپىلاپ قويدۇم.

ـــ يېنىغا قارايدىغانغا ئادەم قويغانسەن؟ يا ئۇكىسى سادىق قاراپ تۇرسۇنمىكىن؟ ئىشلىگەنگە ھېسابلىساڭمۇ بولىدۇ، قېرىندىشى بولغاندىكىن بەلەن قارايدۇ.

ـــ ۋاي دادا،سادىق ئۆزىچىلا يوقاپ كەتتى، كاندىمۇ ئىشلىمەيۋاتىدۇ، سىزگە دەپ قويىمەن دەپ ئۇنتۇپتىمەن. ھەپتىچە بولدى، كەلمەيلا قويدى. سەلىمدىن سورىسام، ئۇمۇ بىلمەيدىكەن. تاغدىن چىقىپ كەتكەنمىش، كۆرگەنلەر شۇنداق دەيدۇ،ــ دېدى ئۆمەر. ئۇ دادىسىنىڭ سادىقنى ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ئالدىراشچىلىقتا سادىقنىڭ ھەپتىدىن بېرى ئىشقا كەلمىگىنىنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.

ـــ ھە؟... نېمىشقا كېتىپ قالدى؟... يەنە شۇ دانىيارنىڭ تايىقى بارمىكەن يا؟ـــ تۆرەمنىڭ خىياللىرى سىكونت ئىچىدە قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

ـــ ۋاي ياقەي، دادا،ـــ دېدى ئۆمەر دەرھال ئۇكىسىنى ئاقلاپ،ـــ دانىيار ئۇنى ئۇرغان يوق،قاپىقى يېرىق،يۈزى يېغىر تۇرسا،مەنمۇ،ئۇنى دانىياردىن تاياق يەپتۇ،دەپ،ئويلىۋاپتىمەن،كېيىن ئۇقسام خوشنا يايلاقتىكىلەر ئۇرۇۋاپتۇ.

__ نېمە،نېمە؟ئۇنى  خوشنا يايلاقتىكىلەر نېمىشقا ئۇرۇپتۇ؟__ تۆرەم سەگەكلەشتى.

__ ۋاي تاڭەي،يا قەرزى بارمۇ،ب بىزنىڭ باللىدىن ئاڭلىسام،ىر نەچچە باللا،ئۇنى ئىزدەپ پات پاتلا كانغا ياكى ئۆيىگە باسۇرۇپ بارىدىكەن...سىزگە دېسەم، سادىقمۇ بارغانسېرى ئاكىسىدىن بەتتەر بولۇۋالغانتى، كۈن بويى بىر نېمىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك، قورقۇپ دىرىلدەپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتىكەن. ئۇنى بىرەر ئىش تېپىپ بەرمىسۇن، دەپ دەرۋازىغا قارىتىپ قويغانتىم، شۇ ئىشمۇ تەس كەلدىمۇ، بىلمىدىم، كېتىپ قاپتۇ ئەنە،ـــ دېدى ئۆمەر زاڭلىق قىلغاندەك كۈلۈپ. ئۇنىڭ ئېسىگە سادىقنىڭ بەزى غەلىتە قىلىقلىرى كېلىۋالغان ئىدى.

ـــ قانداق بولۇپ قاپتىكەن دېدىڭا؟ـــ تۆرەم يۈرىكى سىقىرغان ھالدا شۇنداق دەپ سورىدى. ئۇمۇ سادىقنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىدىن قېچىپ، بىر يەردە كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرگەنلىكىنى، كېيىنچە زادىلا قارىماس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەتتى. تۆرەم ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ بېقىشنىمۇ ئويلاپ يۈرگەن، ئەمما ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدى.

ـــ بىر كۈنى ھەممە ئادەم كانغا كىرىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ خۇددى ئېلىشىپ قالغاندەك قاراۋۇلخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ: «ئەرۋاھلار كەلدى، موڭغۇل سەركەردىنىڭ ئەرۋاھى! قېچىڭلار!» دەپ ۋارقىراپ، ئىشچىلارنىمۇ قورقۇتىۋەتتى.قارىساق،ئۇ شۇ چاغدىمۇ،ئويغانماي چۈش كۆرىۋاتقان ئىكەن.بۇنى بىلىپ، بىرنەچچىسى ئۇنى تارتقۇشلاپ ئويغىتىۋەتتى. ئەسلىدە ئۇ قاراۋۇلخانىدا بىر كېچە نۆۋەتچىلىك قىپتىكەن،سەھەردە،ئىسمىنا ئالمىشىپ،ئۇخلىغاندىن كېيىن، قارا بېسىپ قالغان چېغى... شۇ ئىشنى ئويلىسام، شۇنداق كۈلگۈم كېلىدۇ.

ئىبراھىم بىلەن ئۆمەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، بىراق تۆرەمنىڭ مىت قىلىپ قويمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە ئاغزىنى ئەتتى.

ـــ ئۇ بەكلا كەم سۆز بولۇپ كېتىپتىكەن ھە ئاكا؟ بۇرۇنقى سادىققا زادىلا ئوخشىمايدۇ، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان دىر-دىر تىترەپ تۇرىدىغانلا بولۇپ قاپتۇ، بەزگەك بولۇپ قالغان ئادەمدەكلا، مەن جېنىمدا شۇ ھالدا نەچچە ئۇچراتتىم  ـــ دېدى ئىبراھىم يەنە.

تۆرەمنىڭ كۆڭلى قاتتىق غەش بولدى، سادىقنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئۆزىنى جىنايەتچىدەك ھېس قىلدى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



ـــ سەلىمگە توقايدىكى مالدىن ئەللىك ئاتمىشىنى ئايرىپ بەر، يەنە شۇ يەردىكى يايلاقنىمۇ بېرىۋەتكىن، ئەتىلا ۋارىسقا دەپ رەسمىيىتىنى ئۆتۈگۈزىۋەت،ـــ دېدى ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ئىبراھىمغا قارىمايلا.

ـــ كان مېنىڭ دېگىنىگىلا شۇنداق قىلامدۇق دادا؟... بۇنىڭدا بىزگە ئۇنچە ئادىل بولمايدۇ جۇمۇڭ، سىز،يامانلارغا ياخشىلىق قىلىش شورلۇق يەرگە كۆچەت تىككەندەكلا ئىش،دەيتىڭىزغۇ؟نېمە ئەمدى؟...كان ۋاقتى كەلسە بىزنىڭمۇ ئەمەس ئەنە، ھۆكۈمەت ئاران 10 يىل ئېچىۋېلىڭلار دەپ ۋاقتىنى قايتىدىن بېكىتىپ بەردى، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن كىمنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ، كىم بىلىدۇ؟ نوچى بولسا شۇ چاغدا سەلىم قولىغا ئالسۇن-دە! ھەممە رەسمىيىتىنى تەق قىلىپ بەردۇق!...

ـــ بۇنى كېيىن چۈشىنىپ قالىسەن، بولدى، شۇنداق قىلغىن... مېنىڭمۇ ئويلىغىنىم بار.

ـــ سەلىمگە بەرگۈچە سادىققا بەرسەكچۇ؟ ئۇ ئاكىسىدىن خېلىلا تۈزۈك، ئەينى چاغدا بىزگە ئاز يول باشلىمىغان،ـــ دېدى ئئۆمەر يەنە نارازى بولۇپ.

ــــ ھەي نادان، بىلەمسەن؟ ئىلگىرىكى كىشىلەر قېلىچ ۋە ئوققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىپەكنى يۈز قەۋەت قاتلاپ قالقان ياسايدىكەنمىش، قېلىچقا قېلىچ بىلەن تاقابىل تۇرغان ساڭا ئوخشاش ناداننىڭ ئىشى... سادىق ئۆزى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن، لېكىن سادىقنىڭ دېرىكىنى قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار، نەلەردە يۈرىدىكىن بۇ يېتىم؟

شۇ مۇزاكىرىدىن كېيىن ئۆمەر،تۆرەمنىڭ تەستىقى بويىچە ئەتىسىلا سەلىمگە 70 تۇياق  قوي، بىر پارچە يايلاق، يېپيېڭى كىگىز ئۆيىنى بېرىۋەتتى، ھەم بۇ توغرىدا قولىدىن ھۆججەت بەردى. تۆرەمدىن بۇنداق خەيرىخاھلىقنى ئەسلا كۈتمىگەن سەلىم نومۇس قىلغىنىدىنمۇ ياكى بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتىمۇ، تۆرەمنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ھۆر-ھۆر يىغلاپ تاشلىدى. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە قوي- قوزىلىق، يايلاقلىق بولۇپ قېلىش تۈگۈل، كاندىكى تۆت تال مائاشىممۇ يوق بولىدىغان بولدى، نېمە دەپ ئاغزىمغا ھېزى بولۇپ يۈرمىگەن بولغىيدىم؟ نېمە دەپ دانىيارنى تىللىغاندىمەن؟ دەپ قىلدەك تولغىنىپ يۈرەتتى.ئەمىليەتتە،ئۇ،ئۆزىنىڭ كۆمۈر كاندەك چوڭ ئىشنى مەڭگۈ بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.بىلگەچكە پۇشايمىنى جىق ئىدى.يەنە كېلىپ، خوتۇنىمۇ تولا تاپا تەنە  قىلىپ، خېتىنىمۇ ئالماقچى بولغانىدى.

ـــ مېنى كەچۈرسىلە، تۆرەم دادا،ـــ دېدى ئۇ يايلاقنىڭ، قوينىڭ، ئۆينىڭ ھۆججەت خېتىنى قولىغا ئالغاندا ھاياجاندىن دىر-دىر تىترەپ تۇرۇپ،ـــ مەن بەك ئەقىلسىزكەنمەن، تىلىمغا ھاي بېرەلمەپتىمەن، ... ھۈ ھۈ ھۈ...

ـــ ھېچقىسى يوق، بالام، ئازماس كىم بار دەيسەن، بۇ قوي مەندە تۇرسا نېمە بولدى، سەندە تۇرسا نېمە بولدى؟ يەنە كېلىپ سەنمۇ بالامغا ئوخشاشلا، شۇ چاغدا كاننى كۆرسىتىپ، ئۇكاڭ سادىققا ئوخشاش ماڭا ھە-ھۇ دېمىگەن بولساڭ، مەنمۇ بۇ كاننى كۆرمەي، ھازىرقىدەك ھېچقايسىڭلىغا ياردەممۇ، ياخشىلىقمۇ قىلالماي يۈرەر بولغىيدىم؟ كاننى يۈرۈشتۈرگىنىمگىمۇ خېلى بولدى. يەنە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن مېنىڭمۇ ۋاقتىم توشىدۇ، سالغان مەبلىغىمنىڭ پۇلىنى بېرىپ ئۇنى قولۇڭغا ئالساڭ، ھېچ گىپىم يوق، بالام...ــــ تۆرەم سەلىمنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈش، توغرىسى سادىقنى ئىككىنچىلەپ ئۆزى ياكى كان توغرىسىدا ھا دەپ ئېغىز ئاچۇرماسلىق ئۈچۈن ھەدەپ تېخىمۇ يۇمشاق، تېخىمۇ سىيلىق سۆزلەيتتى،ـــ تاغدىكى ھېچقانداق ياش مېنىڭ ئوغۇللىرىمدىن تۆۋەن تۇرغان ئەمەس، ھەممىڭلار ماڭا ئۆز، سەلىمجان. سادىقمۇ شۇنداق، ئۇ بالىغا،ئۆمەرمۇ تۈزۈك كۆڭۈل بۆلەلمەپتۇ، مەن خىجىل بولدۇم بۇ ئىشتىن....

ـــ سېلىنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىككىمىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرقاچان ئۇنتۇمايمىز، تۆرەم دادا، سېلىنى ئۇنداق-بۇنداق دېگەن زۇۋانىمغا ھونناق چىقسۇن بولدى!... سادىقنىڭ نېمە بولغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم. خېلى بولدى، ئۇ،بىر توپ قوشنا يايلاقلىقلار بىلەن ئۆچەكىشىپ قاپتۇ.نېمە سەۋەبلىكىنى بىلمىدىم،سورىسام دەپ بەرمەيدۇ.شۇلاردىن تاياقمۇ يەپتۇ.ئۇيقۇسىز بوپ قالدى.تامىقىنڭمۇ تايىنى يوق،كېچىلىرى قارا باسىدىغان بوپ قاپتۇ.خوتۇنىدىن ئاڭلىمىسام،بۇنداق ئىشنى مەنمۇ بىلمەيمەن،بىرەر دوختۇر تېپىپ كۆرسىتىپ باقاي دېدىم، لېكىن پۇرسىتى بولمىدى،ئۇ،ئۆزىمۇ ئۇنمىدى...

ـــ ئۇ خوشنا يايلاقتىكىلە بىلەن نېمىشقا ئۆچەكىشىپ قالغاندۇ ھە؟ياۋاشلا بالا...

__ كىم بىلىدۇ؟ياۋاشنىڭ ئىچىدە مۈڭگۈز بار،دېگەن گەپ بار،يا ئۇلارنىڭ بىرەر نېمىسىنى ئېلىپ سالدىمۇ،ئىشقىلىپ ھېچنېمىسىنى بىلمىدىم...

__ ياخشى بوپ كېتەر...ھە،جىق ئەنسىرمەيلى...سادىق كەلسە ئوبدانراق سوراپ كۆرەرمىز...سەن تولا بەك ئەنسىرىمە! پەقەت ئىنىڭ كەلسە ھايت دەپ خەۋەر بېرىپ قويغىن، يا پەتىلەپ ئۆيگىلا كېلىڭلار. ئۇنىڭ نېسىۋىسىنىمۇ شۇ چاغدا بېرىمەن.

ـــ ماقۇل، رەھمەت سىلىگە تۆرەم دادا!.

شۇنداق قىلىپ سەلىم ساقىيىپلا تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يايلاققا كۆچۈپ كەتتى، تۇرۇۋاتقان ئۆيىنى سادىق بولمىسىمۇ ئۇنىڭ خوتۇنى گۆھەربانۇغا قالدرۇدى.

10

ھايت- ھۇيت دېگۈچە  ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ،بىر شەنبە كۈنى تۆرە باقى،بازاردا كېتىۋاتقاندا،سادىقنى كۆرۈپ قالدى. ئۇنى كۆرۈپ ھەم خۇشال بولدى ھەم يۈرىكىنىڭ بىر يېرى ئارامسىزلانمايمۇ قالمىدى.

ـــ نەلەردە يۈردۈڭ؟ نەگە كەتتىڭ، بالام؟ سېنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەپ كەتتىم،ـــ دېدى تۆرەم ئاتايىتەن ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ، بىر قۇر سالام-سەھەتتىن كېيىن.

ـــ مۇشۇ تاغدىن چىقىپ باشقا يەرلەرنىمۇ كۆرۈپ كېلەي دەپ...ـــ سادىق ۋىللىدە قىزاردى، ئۆزىنىڭ تۆمۈر تايتىن ھېچكىمگە، ھەتتا ئايالى،قېرىندىشىغىمۇ تىنىپ قويماي چىقىپ كەتكىنىگە، شۇنچە يىل چەت-ياقىلاردا يۈرۈپمۇ يەنىلا ئوڭشالمىغان تۇرقىغا نومۇس قىلىپ قالغان ئىدى. 


ــــ  كەچتە ئۆيگە بارغىن، سېنى ئۆيدە ساقلايمەن، بالام،ـــ تۆرەمنىڭ ئاۋازى يۇمشاق بولسىمۇ، تەلەپپۇزى قەتئىي ئىدى. سادىق ياق دېيەلمەي ماقۇل دەپ باش لىڭشىتتى، ئەسلىدە ئۆزىنىڭمۇ تۆرەمغا دەيدىغان گەپلىرى بار ئىدى.

قاش قارايغان مەزگىلدە ھويلىغا لۆڭڭىدە كىرىپ كەلگەن سادىقنى ھەسەل خېنىم شۇنداقلا تەكەللۇپ بىلەن مېھمانخانىغا باشلىدى. ئەمما تۆرەم ئۇنى كۆرۈپ قىزغىن كۆرۈشتى ھەم سادىقنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ، ئۇنمىغىنىغا قويماي تۆرگە، قېلىن كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزدى. ئېرىنىڭ مۇشۇ سادىققىلا باشقىچە كۆڭۈل قويۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن چۈشەنمەي كېلىۋاتقان ھەسەلخېنىم كېلىنلەرنى چايغا بۇيرىدى، ھەم زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالا چاقىلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى سوراپ، مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى.

ـــ گېپىڭدىن قارىغاندا، خېلى جىق شە چۆگىلەپسەن-دە؟ بوپتۇ، بىزدە شە كېزىشمۇ ئئوغۇل بالىغا خاس ئىش بۇلىدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن قانچە كۆپ شە كۆرسە، كۆزى شۇنچە ئېچىلىدۇ، بىلگىنىمۇ كۆپىيىدۇ. شۇنچە يىلدىن بېرى بىرەر يەردە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالماپسەن دېگىنە ئەمىسە؟ ـــ  دېدى تۆرەم،سادىقنى گەپكە سېلىپ. شۇنداق بولغاندا ئۇ سادىقتىكى قورۇنۇشنى، ئۆزىدىكى بىر قىسما خىجىلچىلىقنى نېرى قىلالايتتى.

ـــ شۇ تۇرپان،پىچان،قۇمۇل تەرەپلەردە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالدىم،ـــ دېدى سادىق سەل ئېچىلىپ.

ـــ شەھەر ئىچىدە تۇردۇڭمۇ؟ قۇمۇل قەدىمى يۇرت، مەن ئەل ئۆمرۈمدە مانا شۇ يەرگە بېرىپ باقماپتىمەن.

ـــ ياق،قۇمۇلغا قارايدىغان يىراق بىر يېزىدا تۇردۇم، ئۇ يېزىدىكى ئادەملەرمۇ ئاق كۆڭۈل، ئوبدان كىشىلەركەن، ئەمما سەل بولمايدىغان،خۇراپى يەرلىرىمۇ بار...

ـــ ھا ھا ھا... شۇنداقكەن دېگىن،بۇنداق بولمايدىغان قىلىقلار، بىزنىڭ ھەممىلا يەرلىرىمىزدە بار، بالام. ھە، كۆپرەك يىگىن، قورۇنۇپ قالما، سەن دېگەن ياش، تېنىڭگە سىڭىدۇ، ماڭا قارىما،ـــ تۆرەم شۇنداق تەكەللۇپ ۋە يېقىشلىق گەپلەر بىلەن سادىققا ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بىر لىگەن نارىن چۆپنى يىگۈزۈۋەتتى.

ـــ ئاكاڭ سەلىم ھازىر چاسا يايلاقتا... ماللىرىمۇ خېلى ئاۋۇپ قالدى بولغاي، ئۇنى كۆرمىگىنىمگىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ جۇمۇ. خېلى بولدى، ئاكاڭمۇ بۇ ياقلارغا چۈشمىدى. ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىدەك بولمىدىڭ چوقۇم؟ـــ تاماقتىن كېيىن تۆرەم ئۆزىنىڭ سەلىمگە ئايرىغان ماللىرىدىن سادىقنىڭ خەۋىرى بار ياكى يوقلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ گەپنى يورغىلاتتى.

ــــ ياق، بارغۇدەك بولمىدىم... ئەمما ئۇنىڭ ماللىرىنىڭ ئاۋۇپ كەتكەنلىكىنى ئايالدىن ئاڭلىدىم. ئەسلى سېلىنىڭ بۇنچىلا قىلىشلىرىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى،تۆرە باقى ئاتا،ـــ دېدى سادىق ۋىللىدە قىزىرىپ.

ـــ ھىم، مېنىڭمۇ ئويلىغىنىم بار، بالام، ئاكا–ئۇكا ئىككىڭلارنىڭ مېنىڭدە ھەققىڭلار بار، گەرچە كان...ـــ تۆرەم ئېغىزدا دېمەككە قىيىن بولغان«ھەق»مەسىلىسىنى قانداق چۈشەندۈرۈپ ھەم قانداق يېپىپ كېتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق سۆز ئىزدەپ توختاپ قالغاندا، سادىق تەرەپباللا ئېغىز ئېچىپ قالدى:

ـــ تۆرە باقى ئاتا، ئۇ تېرە خالتىدىكى نەرسىلەردە مېنىڭ ھەققىم يوق، ھەققى بار دېسە، بىر چاغلاردا بوۋىلىرىدىن قالغان بايلىقنى ئىزدەپ، تاغ چۆگىلەپ يۈرگەن ئاشۇ موڭغۇللارنىڭ باردۇ. ياكى ئەرۋاھلارغا تەۋە بىر نەرسىدۇ؟... بەلكىم  دۆلەتكە تەۋە  بولغىيتى، بەلكىم تەقدىر،سېلى ئۈچۈنلا شۇ يەرگە قويۇپ قويغان ئامانەتتۇ؟... بۇنى كىم بىلىدۇ دەيلا؟ئەمما ئۇ نەرسىدە مېنىڭ ھەققىم يوق...

سادىقتىن بۇنچە يالىڭاچ گەپ ئاڭلايمەن، دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان تۆرەمنىڭ پېشانىسىنى غۇژژىدە تەر باستى. يۈرىكىنى بىرى قاتتىق سىقىپ قويىۋەتكەندەك دەماللىققا گەپ تاپالماي بىردەم ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئالدىدا باش ئېگىپ ئولتۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىلا ساددا ھەم گالۋاڭ ئەمەسلىكىنى، ئىلگىرىكىدەك چۆچۈپ، دىرىلدەپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ئاكىسى سەلىمگە مال-چارۋا بېرىپ بېسىقتۇرغاندەك ئۇنداق ئاددى ئۇسۇلدا بېسىقتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدى. ئەڭ يامىنى ئىنسانغا بىلدۈرمەي، ئاشۇ قورقۇنچلۇق چوققىدىن ئېلىپ چۈشكەن تېرە خالتىنىڭ دېرىكىنى مۇشۇ سادىقنىڭ بىلىۋالغانلىقى بولغانىدى.




داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k