
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە
ساننى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
|
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
4-قىسىم
تۆمۈر تايدا بىر خىل رەۋىشتە ئايلىنىپ تۇرىۋاتقان تۇرمۇش داۋام قىلماقتا.چېكەتكىلەر يوقۇتۇلغان 3-يىلى ياز يامغۇرلۇق بولدى.يامغۇر سۈيى دەريالارنى تولدۇردى.قۇرۇپ كەتكەن ئوت چۆپلەر،ياپيېشىل يايلاقلارنى قۇتقۇزدى.توپا چاڭلارنى باستى.كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە سان بولدى.چارۋىلارنى قولدا بېقىشتىن قۇتۇلدى.ئوت چۆپلەر بۇلۇق ئورمانلار باراقسان ئۆستى.ۋە شۇ يىلى تۆرە باقى،رايون باشلىقلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ،كۆمۈر كاننى قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ،چوڭ غوجايىن بولدى.سودىغا كىرىشكەندىن كېيىن،ئۇ،دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تاغلىق ياشلاردىن ئەللىككە يېقىن ئادەمنى «ئايلىقچى» قىلدى. ئەلۋەتتە،سادىق بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى سەلىممۇ كاننىڭ يۇقىرى مائاشلىق ئىشچىلىرى ئىدى.
كۈتكىنىدەك،كۆمۈر كان تۆرە باقىغا ئوبدانلا نەپ قىلدى، پۇلنىمۇ جىق تاپتى.بارا بارا ھەر تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇردى ياكى كېڭەيتتى.كان ئىشچىلىرىمۇ يىلدىن- يىلغا كۆپىيىپ،يەرلىكلەردىن،ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا بازارلارغىچە ئۇلاشتى.مانا شۇ تەرىقىدە نەچچە ئون يىل ئۆتتى.تالاي باھار پەسلى كەلدى،تاغ گۈللىرىنى ئېچىلىپ.يايلاقلار رەڭگارەڭ گۈللەر پەردىسى بىلەن قاپلاندى.توپا يول،قارماي ياتقۇزۇلغان چوڭ يول ئىدى،سېمونت كۆۋرۈكلەر چۈشكەن ۋە يول كۆرسەتكۈچلىرى ئورنىتىلغانىدى.كىچىك ماشىنىلار ئۇيان بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان چوڭ كوچىغا ئېلىكتىر سىملىرى،يورۇق لامپۇچكىلار تارتىلغان،بالىلار زامانغا لايىقلاشتۇرۇلغان كەڭ،راھەت ۋە ئىسسىق مەكتەپلىرىگە كېتىپ باراتتى.بۇ ئۆزگۈرۈشلەردىن،ئىشىكىنىڭ تۈۋىدىكى كۆمۈرنى تونۇمايدىغان، قالاپ ئىسسىنىشنى بىلمەيدىغان قېرى تاغلىقلار ھەيران قالغانمۇ بولدى. بالىلىرىنى،تۆرە باقىنىڭ سودىلىرىغا ئارلاشتۇرۇش،ياكى بارغانچە كېڭىيىپ، ۋە بارغانچە بىخەتەرلەشكەن يېڭى كاننىڭ ئىشچىلىرى قىلىۋېلىش ئۇلارنىڭ ئارزۇ- ئارمىنى، ئائىلىسىنىڭ ئىستىقبالى بولۇپ قالدى.
بۇ جەرياندا،تۆرە باقى ئايالى ھەسەلخېنىمنى ئېلىپ يۇرتىغا بىرنەچچە قېتىم بېرىپ كەلدى.ئاكىسى ۋە باشقا نەۋرە قېرىنداشلىرى بىلەنمۇ قايتىدىن باردى كەلدى قىلاتتى.ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس،يات،ھېچ قانداشلىقى يوق تاغلىق قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ پۇلنى ئايىماي خەجلەيتتى.ئادىمىگەرچىلىك قىلىشقا تولىمۇ ئېپى بار،ئۆزىمۇ بېخىل ئەمەس ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئابروي- ئىناۋېتى چوڭ،بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى «تۆرەم»دەپ چاقىرشاتتى.«تۆرەم»نى ھەر بىر تىلغا ئالغاندا،ئۇنىڭ ساخاۋېتى،ياردىمى ۋە ياخشىلىقىغا ئېرىشكەن،ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەلبى لەرزىگە كېلەتتى، بىر ئىپتىخار بىلەن شۇ ئادەمنىڭ مۇبارەك سالامەتلىكى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى،.قىسقىسى،تۆرەم ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى،تۆمۈر تايلىقلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە مەدەتكارى بولۇپ قالغان ئىدى.
تۆرەمنىڭ ئوغۇللىرى ــ ئۆمەر،رەشىدلەر،ياشلىق قۇرامىغا يېتىپلا ئاتىسىنىڭ قولىدىكى سودىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،ۋە تېخىمۇ كېڭەيتتى. كەنجى ئوغۇل دانىياردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىلا قالتىس چىداملىق يىگىتلەر ئىدى. ھەممىسىدە تۆرەمنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، تاكى مەقسىدىگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغان خۇي مىجەزى كامالەتكە يەتكەن ئىدى. بۇ مىجەز ۋە ئادەت ئۇلارنى ئاتىسىدىنمۇ پۇلدار قىلدى.ئىگىلىكى غايەت زور كېڭەيدى، تېخىمۇ يۈز تاپتى.ئىگىلىكى بۇ كىچىك تاغلىق بازاردىلا ئەمەس، ئۈرۈمچىدىن باشلاپ، ئىچكىرىدىكى خېلى چوڭ شەھەرلەرگىچە كېڭەيدى. ئەسلىدىلا تۆرەملار ئائىلىسىنى بۇ بازارنىڭ كۆزى، مەدەنىيىتى ھەم تەرەققىياتى دەپ بىلىدىغان تاغلىقلارغا نىسبەتەن تۆرەملار ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىۋاتقىنى بۇ تاغلىق بازارنىڭ پۈتۈن ئەلگە تونۇلىۋاتقىنى، كۈچ تېپىۋاتقىنىغا باراۋەر ئىدى.
دەل شۇنداق بولغاچقا ئۇلار تۆرەملار ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئۇلۇغ-ئۇششاقنى ھۆرمەت قىلاتتى، گېپىنى يىرمايتتى. تۆرەممۇ مۇشۇ تەرىپىدىن سۆيۈنەتتى.شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇزۇن يىللىق ھايات قايناملىرىدا تولا چايقىلىپ ياشاش ئۇنى ناھايىتى سەزگۈرلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن ساۋاقلار نەتىجىسىدە ھەر قانداق ئىشقا توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان پەۋقۇلاددە ئىختىدارغا ئىگە،تولىمۇ مەسئۇلىيەتجان، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇلايىم ئادەم ئىدى. ياخشىغىمۇ، يامانغىمۇ يۇمشاق بولۇش تۆرەمنىڭ ئۆزىنى تۇتۇش ھەم بالا تەربىيەلەشتىكى ئۆزگەرمەس ئۇدۇمى ئىدى.شۇڭا ئۇ ئۇ ساددا تاغلىقلارنىڭ ئۆزىنى،ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇنچە ئەتىۋار بىلىشىدىن كۆڭلى يۇمشاپ كېتەتتى. «تۆرەم» دەپ كۈلگەنلەرگە كۈلۈپ باقاتتى، يۇمشاق كۆڭۈل قوياتتى. ھال ئېيتقانلارنىڭ ھەر قانداق قىيىنچىلىقىنى بىر ئاماللار بىلەن ھەل قىلاتتى. تىجارەتتە يەرلىك ياشلارغا بەكرەك تايىناتتى، چېچەنرەكلىرىنى ئۆز ئوغۇللىرى قاتارىدا چوڭ-چوڭ سودىلارغا سالاتتى.سىرتتىكىلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىزاتتى.ئەمما نېمىشقىكىن، سودىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەڭ ھەلقىلغۇچ بۆلەكلىرىدە،يەنىلا مۇشۇ تاغلىقلار بار ئىدى.قىسقىسى،تۆرەم ئۆز ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشتا قۇۋ تۈلكىنىڭ ئۆزى ئىدى.تۆمۈر تايدىن بىر قەدەم ئالماي تۇرۇپلا ئوغۇللىرىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ، ئىگەللەپ تۇراتتى. قېيىپ كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتەتتى. ئوغۇللارمۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرەتتى، شۇنداق قىلسا زىيان تارتمايتتى.
تۆرەملار ئائىلىسىنىڭ يەنە بىر ئورتاقلىقى شۇ ئىدىكى، ئوغۇللار مەڭگۈلۈك جۈپتىلىرىنى مۇشۇ تاغلىقلار ئارىسىدىن تاللىۋالاتتى. تۇققان قىزلارمۇ مۇشۇ تاغ ئىچىگە ياتلىق قىلىناتتى، ھەتتا تۆرەمنىڭ ئەڭ كەپسىز ئوغلى دانىيارمۇ مۇشۇ تاغدىن ئۆيلەندى. بۇ خۇددى ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتتەك ھەممەيلەننىڭ ئىدىيەسىگە ئىنتايىن تەبىئىي بىر يولدا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. تاغلىقلار تۆرە باقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ئېغىزلىرىغا ئالغىنىدەك، ئۇنىڭ ئايالى بولغان ھەسەلخېنىمنىڭ ھۆرمىتى،ئابرۇيىنىمۇ ئوبدانلا قىلىپ قوياتتى.ھەسەل خېنىم غۇنچە بوي،سالماق،تولىمۇ چىرايلىق ئايال ئىدى.بەش بالا تۇغقان بولسىمۇ ئىنچىكە بەللىرى تېخى توملىشىپ كەتمىگەنىدى.ھالبۇكى، بۇ ئايالنىڭ مۇئامىلىسى،ئېرىنىڭ ئەكسىچە،خوجايىنلارغا خاس ئىنتايىن سالماق،قاراشلىرى تەمكىن ئىدى.شۇنداقلا بارلىق قائىدە-يوسۇنلارغا بەكمۇ ئېتىبار قىلاتتى.بىراۋغا سۆزلىگەندە تەنقىد ۋە تەربىيەنى ئاساس قىلاتتى.گېپىنىڭ ئۇرغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قوش-قوش ئالتۇن بىلەيزۈك تاقىغان مامۇقتەك يۇمشاق قوللىرىنى پات-پات سىلكىپ قوياتتى. ئالتۇنلارنىڭ بىر-بىرگە يېنىك سوقۇلۇپ، يېقىملىق جىرىڭشىغان ئاۋازىنى شۇنچە «مۇھىم»تەربىيە قىلىۋاتقاندىمۇ ئاڭلاپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى.ئوخشاشلا،ئالدىدا قول باغلاپ تۇرغانلارنىڭ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەلىم- تەربىيەسىگە قارىتا مۇۋاپىق باش لىڭشىتىپ، جىمجىت ئولتۇرىشىدىن تېخىمۇ ھۇزۇر ھېس قىلاتتى...
خېنىمنىڭ 60 ياشقا ئۇلاشقاندىمۇ ئۇنچە ئۆزگەرمىگەن زىلۋا قامىتى، ئىشەنچ بىلەن قەدەم تاشلىشى،ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ئۇلۇغلۇق بېغىشلايدىغان ناۋاترەڭ ئېگىنلىرىگە قارىغان ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭدا يىللار بويى يېتىلگەن نۇرانە بىر قۇدرەتنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايتتى. ئاياللار ئۇنىڭغا بەكلا چوقۇنغاچقا،خېنىمنىڭ باياشاتلىقىنى،سالاپىتىنى ئىپادىلەشتىكى ياسالمىلىقىنى، ئاۋازىدىكى، قىياپىتىدىكى ۋە جىمىكى مۇئامىلىسىدىكى ئائىلىسىنى، ئېرىنى، ئۆزىنى، پەرزەنتلىرىنى بارلىق كىشىلەردىن ئۈستۈن بىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ھېچقانداق ئادەمگە تەڭ قىلمايدىغان ھاكاۋۇر تەبىئىتىنى ھېس قىلالمايتتى. قىسقىسى، ھەسەل خېنىمنىڭ بارلىق ئىدىيەسى، ھېسسىياتى، سۆزلىرى، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشتەك مەنمەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.
ـــ ئاياللار پۈتكۈل ھاياتىدا ئۈچ مۇھىم رولنى ئۆتەيدۇ: ئۇ ئاۋال قىز بالا، قىز بالا چوقۇم گۈلدەك پاك، قۇياشتەك ئىللىق بولۇشى، ئىشچان ھەم نازاكەتلىك، چىۋەر ھەم ساداقەتلىك بولۇشى كېرەك. قىزلارنىڭ ئىپپىتى، پاكلىقى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا، بەختىگە چېتىلىدۇ. قىزلارنىڭ بەختى ئۆمۈرلۈك جۈپتى ــ ئېرىنىڭ نىيەت ئىقبالىدا، پەقەت قىزلىق ئىپپىتىنى ھەم ئالتۇندەك ساپ ئەخلاقى پەزىلىتىنى ساقلىيالىغان قىزلارلا ئېرىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئاسرىشى ھەم كۆيۈنىشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ، ئۆز ئىپپىتىنى ساقلىيالمىغان قىز بالا مەڭگۈ يۈزى قارا ئۆتىدۇ. ئەخلاقتىن چەتنىگەن ئايال ئېرىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. ئەر كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرىشى، بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرشى ئايال كىشىنىڭ دىتىغا باغلىق بولىدۇ؛ ئانا بولغۇچى ئۆز قىزىغا ئەقىل ۋە ئەدەپنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بېرەلىسە، ئاندىن قىزىنىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئائىلىدىكى، بالىلاردىكى بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سۆزسىز ئىناقلىق بولۇش كېرەك، بۇ ئىناقلىق پەقەت ئايال كىشىنىڭ قولى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ...ھەمراھ تاللاش _ ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىلا تاللاش بولماستىن،بەلكى توغرا بولغان بىر تۇرمۇشنىڭ تاللىنىشى.ئايال،بىر ئادەمنىڭلا ئەمەس بىر ئەۋلادنىڭ بەختىنى قارار قىلىدۇ.ھازىرقى بىر ئەۋلادنىڭ خوشاللىقىنى قارار قىلسا،كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ھەسەل خېنىم تاغلىق قىز-ئاياللارغا شۇنداق دەپ تەربىيە قىلاتتى، ئۆزىمۇ بۇ ئەدەپنى قاتتىق ساقلايتتى. تۆرەمغا چىش يېرىپ جاۋاب قىلمايتتى. يۇمشاق مۇئامىلىسى بىلەن ئېرىنىڭ، ئوغۇللىرىنىڭ كۆڭلىگە تەسىر قىلىشقا تولىمۇ ماھىر ئىدى.
ھەسەل خېنىم ئۆز ھاياتىدا تۆرەمگە تۆت ئوغۇل، بىر قىز تۇغۇپ بەردى. چوڭ ئوغلى ئۆمەر دادىسىنىڭ ئۆزىلا،ئىش-ھەرىكەتتە مۇلايىم، كۆپنى كۆرگەن،مۇلايىم ئەر بولدى. كۆمۈر كاننىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۇ باشقۇراتتى. ئىشتا قاۋۇل،ھەر قانداق جاپاغا ۋاي دېمەيتتى. كەمچىلىكى بەكلا ئۆز سۆزلۈك ئىدى. دادىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ قارارىنى بۇزالمايتتى.شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى، سۆزى باشقىلارغا خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك تەسىر قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققىنى كاننىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى ئىدى. ياخشى يېرى بۇ قانۇن ئانچە-مۇنچە شەخسى غەرەزنى ئارىلاشتۇرىۋالغان بولسىمۇ،يەنىلا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قىل ئۇيان-قىل بۇيان قىلىۋەتمەيتتى، بۇ يېرى ئۇنىڭ قول ئاستىدا نان يەۋاتقان ھەرقانداق بىرىگە ياقاتتى.
ئىككىنچى ئوغلى ئىبراھىم ئىشتا قارام، كۈچتۈڭگۈر، قورقۇمسىز، تەشكىللەش ئىقتىدارى بار، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇ سودىغا قىزىقمايتتى، ئۇ باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا كۆپ ئوقۇدى، چەتئەللەرگە چىقىپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، ئۇ ھازىر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدە ئىشلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ تاغلىق جۇۋان بولۇپ مۇلايىم، ئەدەپ قائىدىلىك قىز ئىدى. يىل بويى قېيىنئاتىسىنىڭ، قېيىنئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئىبراھىممۇ ئايالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشىغا سېلىپ بېرىپ، چوڭلارنىڭ رازىلىقىنى ئالغىنىدىن مەمنۇن ئىدى.
ئۈچىنچى ئوغۇل دانىيارنىڭ جىسمىدا بىر خىل ياۋايىلارچە ھېچنېمە بىلەن ھېساپلىشىپ ئولترمايدىغان قاراملىق بار بولۇپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەمەس،بەلكى ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە تا ھازىرغىچە بىلىندۈرمەي كەلگەن بارلىق يوشۇرۇن، ئاشكارە كەمچىلىكىنى ئۆزىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇجەسسەملەپ،دۇنياغا كەلگەن،قۇۋ، ھىيلىگەر، جاھىل ھەم ئۆكتەم بالا ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئاغرىقجان بولغاچقا ھەسەلخېنىمنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىقى ھەم ھەر ۋاقىت قانىتى ئاستىغا ئالىدىغان كۆز مۇنچىقى ئىدى.دەل مۇشۇنداق خاتىرجەمسىزلىنىش، زىيادە ئاسراش دانىيارنى يامان ئۆگىتىپ قويدى. ئۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش جاپا تارتمايتتى، مەكتەپنىمۇ مىڭ تەسلىكتە يۆلەپ يۈرۈپ تولۇقسىزغىچە ئاران ئوقۇغانىدى.ئۇ ئىچى تار ئادەم بولغاچقا،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئانچىكى ھۆرمەتسىزلىكى بىلەن مەنسىتمەسلىكىنىمۇ كۆڭلىدە مەھكەم ساقلايتتى. كىمكى نادانلىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشسە، ئۇ شۇ ئادەمدىن ھەسسىلەپ نەپرەتلىنىپ، ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئىنتايىن زور قانائەتچانلىق بىلەن ئاخىرى بىر كۈن شۇ ئادەمنى باپلىماي قويمايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئاكىلىرىنىڭ يۈزى، بايلىقى،دانىيارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بەرگەن ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەدىپىنى يىگەنلەرمۇ زورىغا ھىجىيىپ، تارتقان زىيانلىرىنى ئۇنىڭ «كەپسىزلىكى»گە چىقىرىۋېتىپ بولدى قىلاتتى. بەزى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن «كەپسىزلىك»لەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتسىمۇ تۆرەمنىڭ يۈز ئابرويى ئالدىدا قانۇنغا ئەرز قىلىش، قانۇن بويىچە دانىيارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا يەنىلا ھىچكىمنىڭ يۈزى چىدىمايتتى. يەنە كېلىپ ئۆمەر ئانىسى ھەسەل خېنىمنىڭ قايتا- قايتا جېكىلىشى بىلەن دادىسىغا تىنمايلا بۇ تەنتەك ئىنىسىغا چاپان يېپىپ، ئۇ تېرىغان شالتاقنى قانۇن ئورۇنلىرى بىلىپ كەتكۈچە ھەر ھالدا پاكىز، ئادىل ئېرتىپ ئادالاپ ئۈلگۈرەتتى...
تۆتىنچى ئوغلى رەشىد قوشكېزەك تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بىر جۈپى قىز، ئىسمى رەشىدە ئىدى. قوشماقلار تۇغۇلغان يىلى تۆرەمنىڭ ئائىلىسىگە تازا پالاكەت كەلگەن چاغلار ئىدى. قولى قىسقا، تۇرمۇشىنى ئاران-ئاران ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. ھەسەلخېنىم قوشماقلارنى تۇغۇپ يىل بولمايلا ئېغىر كېزىك بولۇپ يېتىپ قالدى. بۇنى ئاز دېگەندەك چوڭ ئوغۇل ئۆمەركە قىزىل چىقتى.بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسىلا،ھەپتە ئىچىدە بىر-بىرگە يۇقتۇرۇپ، ئورۇۋەتكەن قوناق شېخىدەك قاتارىسىغا يىقىلدى. بۇنداق بولارىنى ئويلىمىغان تۆرەم،تۇنجى قېتىم نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى. دوختۇرمۇ ئەكەلدى، ئەمما ھەسەل خېنىمدا، بالىلاردا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىدى. گەرچە قوشكېزەكلەرگە قىزىل چىقىپ يىقىلمىغان بولسىمۇ، ئانىنىڭ سۈتىدىن، ئانا باغرىدىن ئايرىلدى. ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى رەشىدە ئىدى، ئەسلىدىلا رەشىدكە قارىغاندا تولا يىغلايدىغان، تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئىچى سۈرۈپ توختىمايدىغان قىزچاق،قارايدىغان، باقىدىغان ئادەم يوق، قىر-قىر يىغلاپ،ئاغرىپ ياتقانلارنىڭ بىر ئاغرىقىنى يۈز قىلاتتى. تولا ئىچى كېلىۋەرگەچكە،تازلاپ بولالماي،ھەسەل خېنىم زار- زار قاقشايتتى:
ـــ ۋاي-ۋاي-ۋاي بېشىم،ۋاي بېشىم....سېنىڭدىن ئۆرگىلەي،ۋاي نېمانچە يىغلايدىغانسەن؟ نېمانچە ئەمدى؟ مۇشۇنداق يىغلاپ يۈرۈپ،ئاخىرى مېنىڭ مۇشۇ بېشىمنى يەپ بولىدىغان بولدۇڭ!...ـــ دەيتتى خېنىم،ئاندىن سۆرۈلۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزىنى ئايىقىنى قۇرۇغدايتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ بىرەرىنىڭ بالىلارغا قارىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا تولىمۇ مۇھتاج بولۇپ كېتىۋاتاتتى.بىراق قوشنىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇلاردىن بەتتەر ئىدى، بالىلىرى ياكى ئۆزلىرى ساق تۇرۇۋاتقان بىرمۇ ئائىلە يوق دېيەرلىكلا ئىدى. شۇنداق جىددى پەيتتە، ئىنىسىنىڭ خېتىنى ئېلىپلا يولغا چىققان تۆرەمنىڭ ئاكىسى قاسىم ئايالىنى ئېلىپ تۆمۈر تايغا يېتىپ كەلدى.خۇددى ئۇلارنىڭ ئايىقى ياراشقاندەك، ئۇلار كېلىپ ھەپتە ئۆتمەيلا بالىلار ئارقا-ئارقىدىن ساقىيىپ ئورنىدىن تۇردى، ئەمما ھەسەلخېنىمنىڭ كېسىلى بارغانچە ئەدەپ ھەتتا ھۇشىدىن كېتىش دەرىجىسىگە باردى.
ـــ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، مېنىڭدىن رازى بولسىلا، بالىلارنىڭ بوينىنى قىسمىسىلا...ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ ساقىيىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ.
ـــ رەشىدەنى سىز بېقىڭ، مېنى كۆرگەندەك، ئۆز قىزىڭىزنى كۆرگەندەك كۆرۈڭ،شۇنداق قىلالىسىڭىز،مەن سىزدىن،يەڭگە بولۇپ،ئىجىل ئىناق ئۆتكۈنۈمدىن مەڭگۈ رازى بولىمەن!...ـــ خېنىم بىر كۈنى ھۇشىغا كېلىپلا يەڭگىسى ھەنىپەمگە مۇشۇنداق ۋەسىيەت قىلدى.
ئۇ چاغلاردا تۆرەمنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئۇلاردىن كۆپ ياخشى ئىدى. قاسىماخۇن نەچچە قېتىم ئۆيلەنگەن بولسىمۇ،تېخىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىدى. نەچچە كۈندىن بېرى يەڭگىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىغا، چۆچۈرىدەك ئۇششاق بالىلارنىڭ مىسكىن تۇرقىغا قاراپ ئىچى ئېچىشىپ تۇرىۋاتقاچقا،بۇ ئەر-خوتۇن ھېچ ئىككىلەنمەيلا رەشىدەنى بېقىۋېلىشقا،كىچىك قىزچاقنى ئۆمۈر بويى ئەتىۋارلاپ باقىدىغانغا ۋەدە بېرىپ ھەسەل خېنىم بىلەن تۆرەمنى خاتىرجەم قىلدى. ئەتىياز كىردى.ئۇلار تۆمۈر تايدىن قايتىشى،يەنە يەر تېرىشى،باغلىرىغا سۇ باشلىشى لازىم.قاسىم ئەر-خوتۇن،بىر كۆزى كەينىدە، رەشىدەنى باغرىغا بېسىپ يۇرتقا قايتتى.شۇنىسى ئېنىقكى،تەقدىرنىڭ ھۆكمى شۇنداقمۇ دەل بىر يىل بولدى دېگەندە،ھەسەل خېنىم ئويلىغىنىدەك،ئۇ،ئۆلۈپمۇ كەتمىدى،يا مېيىپ،ئاقساق چولاق توكۇر مايماقمۇ بولۇپ قالمىدى.ئەكسىچە،ئىچكەن دورىلىرى،ئۇردۇرغان ئوكۇللىرىنىڭ كۈچى بىلەن كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىپ،كۈز مەۋسۈمى بولغاندا، يەنە پۇت دەسسەپ ئورنىدىن تۇردى.ۋە ئېرىنىڭ قولىدا مىڭ تەستە ئەي بولغان ئوغۇل بوۋىقى رەشىدنى باغرىغا ئالدى.يىراققا كەتكەن،باشقىلارغا بېرىۋېتىلگەن قىزى رەشىدەنىڭ ئوتىنى،رەشىدنىڭ ھەم قالغان ئوغۇللىرىنىڭ ئوتى بىلەن بېسىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر ئىدى.رەشىدە ئۈچ ياشقا كىرگۈچە،يالغۇز قىزىغا قىيالماي،ئۇنى ھەر يىلى بېرىپ كۆرۈپ تۇردى.دەرۋەقە،قىزىنىڭ ئۇ ئۆيدىكى ئەتىۋارلىنىشى،ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ رەشىدەگە بولغان مېھرىنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدى.بۇنىڭ بىلەن «قوشماقلارنى ئايرىۋەتمەي ئۆزۈملا باقاي» دېگەن نىيىتىنى تىلىدىن چىقىرىشقا خىجىل بولۇپ،غىڭ قىلالماي تۆمۈر تايغا يېنىپ كەلدى. تۆرەممۇ قىزىغا چىدىمايتتى.ھەتتا رەشىدەنى پات پات كۆرۈپ تۇرۇش،قىزىنىڭ چوڭ بولغىنىنى بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاكىسىنى تۆمۈر تايدا بىللە سودا قىلىشقا نەچچە قېتىملاپ تەكلىپ قىلدى، ئەمما ئاكىسى يۇرتتىكى دېھقانچىلىقىنى تاشلىغۇسى يوقلىقىنى،كۆنۈپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، زادىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى ھەتتا رەشىدەنى قىزغىنىپ بىرنەچچە مەزگىل تۆمۈر تايغا،ئىنىسىنىڭ يېنىغىمۇ دەسسىمىدى...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




