
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە
ساننى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
5-قىسىم
رەشىد خۇي-پەيلى جەھەتتە ئاكىلىرىغىمۇ، دادىسىغىمۇ ئۇنچە ئوخشاپ كەتمەيتتى. ئۇ ئىگىز بويلۇق، قامەتلىك، چىرايلىق، قارا كۆزلۈك ۋە قۇندۇزدەك قارا چاچلىق يىگىت بولۇپ،پۈتۈن تۇرقى-سىياقى بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا خەۋپ-خەتەر بىلەن كۆرەش قىلىپ ئادەتلەنگەن ئىنسانلارغا خاس خاتىرجەملىك ۋە جەسۇرلۇقتىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كەڭ، ئوچۇق پېشانىسىدىن پاراسەتلىك ئىكەنلىكى، بىر ئاز ئېچىلىپ قالغان تولۇق لەۋلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان سەدەپتەك ئاپپاق چىشلىرىدىن ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى، تىك بېقىپ قاراشلىرى ۋە تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن يۈرەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.قاچانلا قارىسا قاپقارا كۆز قارىچۇقلىرىدىن چېچەن چىۋەرلىك چاقناپ تۇراتتى. ئۆزى چوڭ بولغان مۇشۇ تاغلىق بازاردىكى ساددا تاغلىقلاردىن بۆلەك،ئۇدۇل كەلگەن ھەر قانداق ئادەمگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيتتى.ئۇلارغا گۇمان بىلەن قارايتتى.پەقەت تاغلىق دوسلىتىلىرى ئىچىدىلا بىر خىل مۇلايىملىشىپ قالاتتى. ئۇلارنى قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھۆرمەت قىلاتتى، ئىشىنەتتى. ئۇلارغا قول-قانات بولاتتى. تاغلىقلارمۇ ئۇنى تۆرەمدەكلا چوڭ بىلەتتى، ھەسەلخېنىمدەك «رەشىد بەگ»دەپ چاقىرىپ، خۇددى كونا زاماندىكى بەگلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى.
رەشىد تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۇزۇنغا بارمايلا تۆرەمنىڭ فۇجىئەندىكى يۈك قاچىلاش شىركىتىنى قولىغا ئېلىپ تاغدىن چىقىپ كەتتى. چوڭ شەھەرلەردە كىچىكلا سودىغا كىرىشىپ كەتكەچكە شۇنداقمۇ، ھەر قانداق يوشۇرۇن سودا پۇرسىتىنى دەل ھەم توغرا كۆرۈپ يېتەلەيتتى.سودىغا ئۆتكۈر ھەم پىششىق ئىدى.كېيىن ئۇ ئىچكىردىكى تىجارەتنى،ئىشەنچلىك بىرلىرىنىڭ قولىغا بېرىپ،ناھىيەگە قايتىپ كەلدى.ھەم ئوتتۇز ياشقا كىرمەيلا،ناھىيە ئەمەس،ۋىلايەت تەۋەسىدىمۇ بارماق بىلەن سانىلىدىغان كاتتا بايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قولىدا ناھىيە كىرىم مالىيەسىنىڭ 20 پىرسەنتىنىى تەشكىل قىلىدىغان چوڭ ئەينەك زاۋۇتى، تاغدا مىس–تۆمۈر كانى بار ئىدى.
ئۇ باشقۇرىۋاتقان ئەينەك زاۋۇتى ئىلگىرى يىللار بويى ئىشچىلىرىنىمۇ تۈزۈك باقالماي، يەرلىك مالىيەنىڭ ئىلىكىنى قۇرۇتىۋەتكەن كونا داشقال ئىدى. ئەمما بۇ زاۋۇت ئۇنىڭ قولىغا چىقىپلا روناق تاپتى. رەڭلىك ئەينەكلىرى دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، چەتئەللەرگىچە ئىمپورت قىلىنىشقا باشلىدى. سېخلار كېڭەيتىلدى، قۇرۇلمىسىدا، تۈزۈلمىسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىلگىرىكى نەچچە يۈزلا ئىشچىسى شۇ كۈنلەردە نەچچە مىڭغا يەتكەنىدى. ئىشچىلارنىڭ مائاشى، يىللىق مۇكاپاتى يۇقىرى،بەش خىل سۇغۇرتىسى كاپالەتكە ئىگە ئىدى، شۇڭىمۇ ئۇلار زاۋۇت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيتتى.
ئەپسۇس، رەشىد بەگنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ئاكىلىرىغا قارىغاندا ئۇنچىلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى.يەنى،كىچىگىدىلا قوشماقتەك ئويناپ كۈلۈپ چوڭ بولغان، ياشلىقىدا مۇھەببەتلىشىپ شېرىن ۋىسالغا يېتىشكەن ئامراق ئايالى توي بولۇپ ئىككى يىل بولماي تۇرۇپلا تۇغما يۈرەك كېسىلى دېگەن باھانە بىلەن تۈگەپ كەتتى.بۇ ئۆلۈم شۇنداق تۇيۇقسىز بولدىكى،رەشىد خېلى زامانلارغىچە روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئېلەڭ سىلەڭ يۈردى ۋە ئىچ ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتتى. شۇنچە پۇلنى چاڭگاللاپ تۇرۇپمۇ خوتۇنىنى قۇتقۇزىۋالالمىغانلىقى ئۈچۈن ھەتتا سودىدىنمۇ خۇشى كەتتى،ھەرقاچان ئايدەك نازۇك شۇ دىلرەباسىنىڭ مۇڭلۇق قاراشلىرى، تەلمۈرۈپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلىرى كۆزىگە كۆرۈنۈپ يۈرىكى ئېزىلەتتى. ئۇنى،«ئايالىنى كۆمۈپ قويۇپ 40 كۈن بولمايلا ئۆيلىنىۋالىدۇ» دېگۈچىلەرمۇ ھەيران قالدى، رەشىد ئۆيلەنمەي ئۈچ يىلنى تەنھا ئۆتكۈزدى.ھېچقانداق قىزغا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۈرۈشكە پۇرسەت يوق ئىدى.تۆرە باقىمۇ بۇ كاژ-تەنتەك ئوغلىنىڭ ھېسسىيات ئىشىدا شۇ قەدەر ئاجىزلىقىغا ھەيران ئىدى، ھەسەل خېنىمنىڭ چىرايلىق قارا كۆزلىرى ياشتىن بېرى كەلمەيتتى.
ـــ ئارزۇ ھەر قاچان مەن بىلەن بىللە، ئاكا. قانداقتۇر بىر يەرلەردە ماڭا قاراپلا تۇرغاندەك بىلىنىدۇ،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئۇ ئۆلۈپ كەتكىنى بىلەن روھى مېنىڭدىن ئاجرىماپتۇ،شۇڭا ھېچقىزغا قارىغۇم كەلمەيدىكەن...ــ ئىككىنچى ئاكىسى ئىبراھىم ئۇنى قايتا بېشىنى ئوڭشىۋېلىشقا دالالەت قىلغاندا،ئۇ مانا شۇنداق دەپ،گەپنى ئۈزدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەسەل خېنىمنىڭ ئەتئۇزايىنى تىترەك باستى.شۇ قەدەر چېچەن بىر بالا،بىر كىچىك قىزنى ئۇنتىيالماي،مەڭگۈلۈك قارىلىق تۇتماقچى بولىۋاتسا،ئانا ئەنسىرىمەي تۇرالامدۇ،دەيسىز.خېنىم بۇنىڭ ئېلاجىنى قىلماقچى بولۇپ،قۇلىقى ئىشتكەن ھەر خىل ئامال چارىلەرنى قىلىپ باقتى.لېكىن قىلغانلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوق،رەشىد،ئۆيلەنگىلى ئۇنمايتتى.ھېچقانداق قىزغا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۈرۈشكە پۇرسەت يوقتەك ئىدى.ئەمما ئانا بەل قويىۋەتمىدى.ئۇ ئوچۇق ئاشكارىمۇ،يوپۇتۇپمۇ بىر ئاماللار بىلەن رەشىدنى توي قىلىشقا قىستايتتى.ئوغۇللىرىنىلا ئەمەس،رەشىدنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئارىغا سالاتتى.ئاخىرى ئۇنىڭ قىلغان شۇنچە ئەجىر،ئەنسىرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ،رەشىدبەگ تۇرۇپلا دادىسى كۆرسەتكەن سەلىمە ئىسىملىك قىزغا ئۆيلىنىشكە ماقۇل بولدى.
كېلىن بولىدىغان بۇ «تەلەيلىك قىز» سەلىمە،تاغلىق چارۋىچى سادىقنىڭ قىزى ئىدى. بەزىلەر سەلىمەنى سادىقنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنىدىن بولغان قىزىكەن، دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ئۇنداقمۇ ئەمەس، سادىق تاغنى تاشلاپ مۇساپىرچىقلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىغان بىرىنىڭ سادىققا قالدۇرۇپ قويغان ئامانىتىكەن، دېيىشەتتى. ئىشقىلىپ سەلىمەنىڭ ھەقىقىي كېلىپ چىقىشىنى نېمىشقىدۇر زادىلا بىلگىلى بولمايتتى. بۇ ئىش تاغلىقلارغىلا ئەمەس،ھەتتا سادىقنىڭ كۆزى كىچىك ئايالى گۆھەربانۇغىمۇ بىر سىر ئىدى.
مانا ئەمدى كېلىپ چىقىشى مانا شۇنداق نائېنىق بىر قىزنى تۆرەم تۇرۇپلا كېلىنلىككە تاللاپ قاپتۇ.كۆپچىلىك بۇنىڭغا ھەيران ھەس ئىدى. ئەزەلدىن ئېرىنىڭ گېپىنى چىش يېرىپ رەت قىلمايدىغان ھەسەل خېنىمنىڭ كۆڭلى سەل ئاستىن-ئۈستۈن بولسىمۇ، ئوغلىنىڭ توي قىلىشقا ماقۇل كېلىشى،بۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان خوشاللىق ئىش ئىدى. يەنە كېلىپ رەشىدمۇ سەلىمەنى رەت قىلىپ،ئالاھىدە ئىنكاستىمۇ بولمىغان تۇرسا،ئۇ نېمە دېيەلەيتتى؟...
ھەسەل خېنىمنى ھەيران قالدۇرغان بۇ توي ئىشى،ئەمەلىيەتتە رەشىد ئۈچۈن ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق بىر جەريان ئىدى.ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،ئۇ،ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدىغان قىزلارغا قارتا ناخۇش تەسىراتلاردا بولغان.ئۇنىڭدا قىزلارغا ئېچىلىپ يېيىلىپ،ئۆزىنى يوقاتقۇدەك ئۇنداقى ھەۋەسلەرمۇ يوق ئىدى.ئانچە مۇنچە قىز ساۋاقداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،قىزلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ باقمىغىلى خېلى بولغانىدى.ئۇ بۇنداق ھەۋەسلەرنى ئەمدى قايتا يانمايدۇ دەپ ئويلايتتى.ئۇنىڭ ھەۋىسىنى پەقەت ئايالىلا قاندۇرالايتتى.ئەمما ھازىر شۇ ئايالى ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان،باشقا قىزلارنىڭ، رەشىدنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ،ئۇنى چۈشىنىپ كېتەلىشى مۈمكىن ئەمەس.
بۇ يەكۈن ئۇنىڭغا ھەرقاچان ۋەزنى باردەك تۇيۇلاتتى.دېمىسىمۇ،ئۇنىڭغا ئارزۇغا ئوخشايدىغان، ئارزۇنىڭ ئوتىنى باسالايدىغان قىز يۇلۇقۇپ باقمىدى.توغرا،بۇ قىزلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئارزۇدىن چىرايلىق،زىلۋا ھەم خۇشپىچىم ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى رەشىدنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پۇلىغا، ئىگىلىكىگە بەكرەك قىزىقىدۇ.رەشىدكە ئوخشاش چوڭ بېلىقنى قارمىقىغا ئىلىندۈرۇپ،بايلىقنىڭ راھىتىنى سۈرۈش ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدۇ،توختىماي تېلېفون قىلاتتى، ئۆيىگىچە ئىزدەپ كېلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ تامىقىنى ئېتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ، توي قەغىزى كۆرمەستىنلا،«خوتۇن» بولغۇچىنىڭ رولىنى ئېلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇنى مەست قىلىپ،ئۆزىگە ئىگە بولۇشقا قىستىغان قىزلارمۇ بار...شۇنىسى ئېنىقكى،شۇ قىزلار،ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق يېپىشىۋېلىشلىرى،ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىشلىرى سەۋەبىدىن،بۇ چوڭ بېلىقتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
بۇنداق ئىشلار بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن،رەشىد تېخىمۇ ئېھتىياتچان ۋە سوغوققان بولۇپ قالدى.بارا-بارا بەزى قىزلارغا تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرمايدىغان،ئۆيىنىڭ ئادرىسسىنىمۇ ئېيتىپ بەرمەيدىغان ھالغا يەتتى. قىسقىسى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيادا،خوتۇنىغا يېتىدىغان،ھېچ بولمىغاندا خوتۇنىدەك بولسىمۇ كۆرۈنىدىغان ھېچ بىر ئايال زاتى قالمىغان ئىدى.
رەشىدنىڭ قارىشىچە، قىز بالا دېگەن خۇددى بۇرۇنقى خوتۇنى ئارزۇدەك، «مەن قىز» دەپ پەخىرلىنىدىغان ئىپپىتى، نومۇسى بىلەن بىر ئەرنىڭ ئېگىدارچىلىقىغا ئۆتۈشى ۋە شۇ ئەر ئۈچۈن چەكسىز ساداقىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇ جۈپتىنىڭ ئۆمۈرلۈك ، ھۆرمىتى ۋە ئاسرىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ـــ ئارزۇدىن باشقا ھېچقانداق قىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەم توي قىلمايمەن...ـــ رەشىد قىزىرىپ-تاتىرىپ تۇرۇپ ئانىسىنىڭ يىغىسى بىلەن ئىنىسىنى گەپ يىگۈزۈشكە چىققان ئاكىسى ئىبراھىمغا شۇنداق دەپ كەسكىن جاۋاب بەردى.
ئىبراھىم ئىنىسىنى قىيناۋاتقان يۈرەك ئاغرىقىنىڭ سالمىقىنى چۈشەنگەن يەردە ئەمەس،چۈشىنەتتى. لېكىن ئانىسى ھەسەلخېنىمغا «چۇقۇم گەپكە كىرگۈزىمەن»دەپ بەرگەن ۋەدىسى بولغاچقا، شۇ ھالدا قايتىپ كەتسىمۇ بولمايتتى. ئەمىليەتتە،ئىبراھىمنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىمۇ گەپنى ئۇتتۇرىسىغا قىلماي، يىراقتىن گەپ ئەگىتىپ كېلىپ، ئاخىرىدا ئاڭلىغۇچىنى ئۆزلىكىدىنلا كۆزلىگەن نىشانىغا سۆرەپ كىرىش ئىدى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ـــ راست دەيسەن، ئارزۇ ھەقىقەتەن مۇلايىم ھەم پاكىز قىز ئىدى،ـــ دېدى ئۇ چوڭقۇر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن ئىنىسىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى مېھرىبانلىق بىلەن قويۇپ،ـــ شۇ تاپتىمۇ ئۇ كۆز ئۆڭۈمدە ھازىر بولىدۇ... لېكىن -قىسمىتى شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئەر-خوتۇن بولۇش پەقەت ئىككى يىللا نېسىپ بولۇپتۇ... سەن تېخى ياش، بۇندىن كېيىنكى ھايات يولۇڭ ئۇزۇن، يەنە نى-نى ئىشلارنى قىلىسەن. ھازىرغۇ ياشسەن، سۇنغان كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇرىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىڭ بار، ئەمما كېيىنچۇ؟ قۇرداشلىرىڭنىڭ ئۆپچۆرىسىگە ئولاشقان بالىلىرى، ھەتتا نەۋرىلىرى ھامان بىر كۈنى ئىچىڭنى ئاچچىق قىلىدۇ. ئەرلەرگە ھارغاندا، كۆڭلى يېرىم بولغاندا، كۆڭلى تارتىدىغان بىر ئۆي كېرەك بولىدۇ. شۇ ئۆينى چىنىدەك تازىلاپ، سۈپۈرۈپ، پۇشتىدىن تامغان بالىلانى قاتارغا قوشقاچ ئېرىنى كۈتىدىغان خوتۇندىنمۇ ئۇلۇغ ئادەم بارمۇ جاھاندا؟ ھازىر ساق تۇرغىنىڭ بىلەن بىر كۈنى يا بېشىڭ ئاغرىيدۇ يا چىشىڭ. شۇ چاغدا ساڭا كۆيىنىدىغان، بىر چىنە قىزىق ئۈگرىنى ئالدىڭغا قويۇپ، ئېچىلىپ قالغان يوتقىنىڭنى چۈمكەپ قويىدىغان ئايال سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىڭ بولىدۇ. كىشىلەر ئوغۇل بالىنى ئاتىنىڭ سۇنماس قانىتى دېيىشىدىكەن، مېنىڭچە ئەخلاقلىق، ھەم ئەقىللىق ئاياللارلا ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك قانىتى، يەنە كېلىپ شۇ ئاتىغا قانات بولىدىغان ئوغۇلنىمۇ ئايال كىشى تۇغىدۇ، قاتارغا قوشىدۇ. مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىم ساڭا ئايان، ئۇكام، بۇنداق كېتىۋەرسەڭ بولمايدۇ، بېشىڭنى ئوڭشاپ قويايلى، ئۆزۈڭ تاپساڭمۇ ياكى دادام-ئانامنىڭ ئاغزىغا قارىساڭمۇ مەيلى، ئىشقىلىپ بۇنداق كېتىۋەرمىگىن...
ـــ مېنى باش چۆكۈرۈپ ئۆز ئىشى بىلەنلا بولدى، دېمە ئاكا، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئارزۇ قالدۇرۇپ كەتكەن كۆيۈكنى باشقا قىزلارغا كۆڭۈل بېرىش ئارقىلىق داۋالاي دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئارزۇدەك پەزىلەتلىك قىز ماڭا زادىلا نېسىپ بولمىدى...ـــ دېدى رەشىد ئۈمىدسىزلىنىپ.
ــــ مانا سەندىكى خاپىچىلىقمۇ شۇنىڭدا، ئىشەنچسىز ئايال كىشى ھامىنى ئېرىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. پاكىز قىز بالىنى تاپسام بولاتتى، دەپ ئويلىغىنىڭ توغرا، ئەمما نەزىرىڭنى باشقا يەرلەرگە قاراتقىنىڭ خاتا بولۇپ قاپتۇ. قارا، بىزنىڭ تۆمۈر تاينىڭ قىزلىرىغا؟ شۇنداق ساغلام، شۇنداق پاك، سەبىي... چىرايى شەھەرلىكلەردەك چىرايلىق، كىيىملىرى ئۇلاردەك مودا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ئەرلىرىنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىر پاك يۈرەك بار، مانا مۇشۇنداق ئاياللار تەربىيەلىگەن بالىلارلا سېنى ئۇلۇغلايدۇ، سەن باسقان ئىزدا ماڭىدۇ... كۆڭۈل ئىشىغا كەلسەك، ئۇ يەنە باشقا ئىش...
رەشىد خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى، ئاكىسىنى داۋاملىق ئاغزىغا قارىتىۋەرگۈسى كەلمەي، تەڭلىك بولغان ھالدا، مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى-دە:
ــــ ئەمىسە بۇ ئىشقا چوڭلار ئىگە بولۇڭلار...ـــ دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇنىڭ مۇشۇ گېپىنى كۈتۈۋاتقان ئىدى. جاھىل ئىنىسىنىڭ گېپىنى يىرمىغىنىدىن سۆيۈنۈپ كېتىپ، شۇ يەردىلا ئانىسىغا تېلېفون قىلدى.
ـــ ئايال كىشى دېگەن قىزىق بولىدىكەن، ئانام دائىم: «بەگ بېشىنى ئوڭشىۋالسا بولاتتى» دەپ تولا يىغلايتتى. مانا قارا، رەشىد بېگىڭىز توي قىلىشقا رازىلىق بەردى، دېسەم يەنە يىغا سالغىلى تۇردى، بەك خۇش بولۇپ كەتتىم دەيدۇ، ئۆزۈڭمۇ ئاڭلىدىڭ بولغاي ھە؟...ـــ دېدى ئۇ خىرىلداپ كۈلۈپ،ـــ ئانا دېگەن شۇنداقكەن، بالام-بالام دەپلا كۆيۈپ تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ، ھەممىمىزلا كىچىك بالا ئەمەس، لېكىنزە شۇ ئانامنىڭ ئالدىدا زادى چوڭ بولۇپ بولالمىدۇق، غېمىمىزنى يىگىنى يىگەن....
ـــ راست دەيسەن ئاكا، مەنمۇ ئانام بىچارىنى جىق قىينىۋەتتىم، ئەمدى ئانامنىڭ ئاغزىغا قارىمىساممۇ بولمىغۇدەك.
ـــ ھەببەللى! ماۋۇ گېپىڭ يارايدۇ، ئۇكام. ئەمىسە ئارىلىقنى سوزۇۋەتمەي، مۇشۇ ھەپتىدىلا چوڭ ئۆيگە بىر چىقىپ كىرمەمسەن؟
ـــ شۇنداق قىلارمەن يا...
شۇ سۆھبەت بولۇپ ھەپتىدىن كېيىن رەشىدبەگ ئانىسىنىڭ، ئاكىسىنىڭ سۈيلىشى بىلەن تۆمۈر تايغا چىقتى. ئوغلىنى كۆرۈپ ھەسەلخېنىمنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. رەشىدنىڭ توي قىلىشقا رازىلىق بەرگىنى، لايىقنى تاللاشتا ئانىسىنىڭ رايىغا قارىغىنى ھەسەلخېنىمنى قالتىس خۇش قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ قىلغىلى قىلىق تاپالماي، ئوغلىنىڭ ناخۇش چىرايىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى داستىخانغا ئوغلى ئامراق يىمەكلىكلەرنى توشقۇزىۋەتتى. ئۇ ھەتتا رەشىدنىڭ يەنە جاھىللىق قىلىپ، ئاكىسىغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزىنى لەت قىلىشىدىنمۇ ئەنسىرەپ تۇراتتى. قالغان ئاكىلىرىغا قارىغاندا باشقىچە ئەركىن ھەم ئۆز سۆزلۈك چوڭ بولغان بۇ بەگزادىسى تۆرەمنىڭ يۈرەك پارىسى ئىدى. ئوغلىنىڭ شۇ ھالدا بويتاق ئۆتۈپ، ھېچ بىر ئىز قالدۇرالمايۋاتقىنى، يېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭۇپ، مىجەزىنىڭ جىمغۇرلىشىپ كېتىۋاتقىنى ھەسەلخېنىمنىڭ يۈرىكىدىكى بىر دەرد ئىدى. مانا ئەمدى بۇ بالا چوڭلارنىڭ گېپىنى ئېلىپ توي قىلىشقا رازىلىق بەرگەن ئىكەن، قالغىنىنى تەقدىرگە قويۇپ، بالدۇرراق تۇتۇش قىلىۋەتكەن تۈزۈك...
ھەسەل خېنىم تۆمۈرنى قىزىقىدىلا سوقۇۋېتىش ئۈچۈن كۆزىگە سىغىدىغان بىر نەچچە ئۆينىڭ قىزلىرىغا كۆز سېلىپ قويغان ئىدى. ھەتتا قىزلارنىڭ ئانىلىرىغا قۇدىلىشىشتىن ئانچە-مۇنچە شەپە بېرىپمۇ قويدى. قىزلىرىنى تۆرەملاردەك ئېسىل ئائىلىلەرگە بېرىۋېلىشنى كېچەمۇ كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان ئانىلار توينىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپلا، ھەسەل خېنىمغا خۇشامىتىنى قىلىپ يۈرەتتى.تېخى بىر نەچچىسى ھەتتا قىزلىرىنى ئالدىن ئالا تۆرەمنىڭ ئىشىغا سېلىپ بېرىش ئارقىلىق ياكى ھەسەل خېنىمغا كىشى قويۇپ، قىزلىرىنى ھەتتا ئىككى قوللاپ بېرىشكىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۈلگۈرۈشكەنىدى. قالغان ئىش رەشىدبەگ قايتىپ كەلسە، ئانىسى تاللاپ قويغان شۇ بىر نەچچە قىزنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىرىگە باش لىڭشىتىپ بەرسىلا، ئارقىدىن ئۇلاپلا توي بولاتتى. بۇ تويغا زىيادە ئالدىرىغان ئانا قىزىل قەغەز كېسىدىغان ھۆكۈمەت خادىمىنىمۇ تەق تۇرۇشقا كۆندۈرۈپ بولغان ئىدى. شۇڭىمۇ رەشىدنى قىستاپ قويۇپ ئەكسىچىلا بىر ئىشنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ھەسەل خېنىم يەنىلا ئۆمەرنى تولا سۈيلەپ، مىڭ تەستە رەشىدنى تاغقا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئائىلىسىگە كېلىن تاللاشتا تۆرەممۇ، ئوغۇللارمۇ ئەزەلدىن ھەسەل خېنىمنىڭ گېپىنى يىرغان ئەمەس. رەشىدبەگنىڭ تۇنجى ئايالى ــ ئۆلۈپ كەتكەن ئارزۇمۇ ھەسەل خېنىمنىڭ رازىلىقى بىلەن بۇ ئۆيگە كىرگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالدى. رەشىدنىلا ئەمەس، ھەسەل خېنىمنىمۇ داغدا قويۇپ كېتىپ قالدى. ئارزۇنى ھەر بىر ئويلىغىنىدا، ھەسەل خېنىمنىڭمۇ يۈرىكى پۇچۇلىنىپ كېتەتتى، ھەقىقەتەن ئارزۇ ئېرىنىڭمۇ، قېيىنئاتا- قېيىنئانىسىنىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتالىغان پەزىلەتلىك گۈزەل قىز ئىدى-دە...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




