
ئايالنىڭ دوستى
ماھىرە ھاجىئەكبەر

دوست دېگەن قانچىلىك نەرسىتى؟
ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسى ئۆز غېمىدە.
ئايال كىشىنىڭ دوستى بار دەمسەن؟
كۆڭلى خىيالى بالىسى بىلەن ئېرىدە.
راست!
ئايالنىڭ دوستى دائىم يېنىدا تۇرالمايدۇ،
ئايالنىڭ غەملىرى بۇنىڭغا يول قويالمايدۇ،
بالا جاقىسىنى ئويلاپ ھاتەمدەك مەرت بولالمايدۇ،
لېكىن،ئۇلار بىر يەرگە كەلسە،
ئەركىن قۇشتەك ئۇچالايدۇ،
سەرسان دەرتلىرىڭنى تۇتالايدۇ،
چىرايلىق كىيىملىرىڭنى مۇبارەكلەپ سۇنغان كۆڭلۈڭنى ئۇتالايدۇ،
بىر ئۆمۈر تاماق ئېتىپ تۈزۈك باھا ئالالمىغان تامىقىڭنى بىرلا تېتىپ يۈز نومۇرنى قويالايدۇ.
چۈنكى ئۇلار جىق ئوچاقلاردا قاينىغان،
قوللىرى ئوتلاردا كۆيۈپ قانىغان،
ئوچاقنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقنىڭ تەستلىكىنى بىلىدۇ،
ئاياللىق مىھنەتنىڭ خەستىلىكىنى بىلىدۇ،
شۇڭا ئۇلار بىر بىرىگە مەلھەم ئىزدەيدۇ،
كۆڭلىدىكى گەپلىرىنىڭ ياخشىلىرى بىلەن،
ئوڭغۇل دوڭغۇل ناخشىلىرى بىلەن،
كۆزۈڭدىكى ياشنى كۆرسىلا چىقىدىغان ياشلىرى بىلەن،
دۈشمىنىڭگە سەن بىلەن تەڭ ئاتىدىغان تاشلىرى بىلەن،
لاۋزا بولسىمۇ كۈلىۋېرىدىغان چاقچاقلىرى بىلەن،
خاتالىرىڭنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان چاقچاقلىرى بىلەن...
ئايالنىڭ دوستى،
ھېيتىقىمايدۇ،نېزىقىمايدۇ،ھال تارتمايدۇ،ئابروي ساتمايدۇ...
بەزىدە يىغلاپ بەزىدە كۈلىدۇ،
بىر دەردىڭ ئۈچۈن مىڭ قېتىم ئۆلىدۇ.
بىر ئامال قىلىپ دەردىڭنى بۆلىدۇ،
بىمار يۈرىكىڭنى خانىشلاردەك كۈتىدۇ،
قاتتىق ـ يىرىك گەپلەردىن ھامان ئەگىپ ئۆتىدۇ،
يىغلاپ ئىشىغان كۆزلىرىڭگە چىرايلىق سۈرمىلەرنى سۈرتىدۇ،
»دۈشمەنلەرگە چاندۇرما جۇمۇ»دەپ جېكىلەپ كېتىدۇ،
«گۈلدەك ياشايمىز ئاداش»دەپ قوللىرىڭغا گۈل تۇتىدۇ......
ئايال ئايالغا ئاداش بولىدۇ،
قاياش بولىدۇ،
قۇياش بولىدۇ!


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ



