

قىزى ۋاپات بولۇپ 5يىلدىن كىيىن ئاپا بىرتىلفۇن تاپشۇرۋالدى، تىلفۇندىكى قىز: «ئاپا سىزنى بەك سىغىندىم »دىدى.

ئايال يولدىشىى بىلەن توي قىلغىلى 5 يىل بولغان ئىدى ،ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن ئايال بىر قىز تۇغدى بۇ قىز تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە قىزنىڭ يۈرىكىنىڭ نورمال بالىلارنىڭ يۈرىكىگە ئوخشاش ئەمەسلىكى ئىنىقلاندى ، بەلكىم بۇ بالا ئون ياشقا كىرگىچە ياشىيالىشى مۇمكىن ئىدى . ھەممەيلەن ئايالغا بۇ بالا ساغلام بالا ئەمەس، شۇڭا سىلەر يەنە بىر بالىلىق بولۇڭلار، بۇ بالىڭىزدىن ۋاز كىچىڭ دەپ نەسھەت قىلدى. ئايالنىڭ ئىرىمۇ مۇشۇخىل قاراشتا ئىدى.
ئەمما ئايال بۇ قاراشقا قوشۇلمىدى، مەن بالىنى ئون ئاي ئون كۈن قورساق كۆتۈرۈپ، جان تىكىپ تۇرۇپ تۇغقان تۇرسام ، نېمىشقا بالىدىن ۋاز كىچىمەن دىدى.
قىزى ئىككى ياشقا كىرىپ بولغىچە ، قىيىنئاپىسى بىلەن ئېرى بۇ مەزگىلدە ئىزچىل ئايالنى يەنە بىر بالىلىق بولۇشقا نەسىھەت قىلدى،ئەمما ئايال يەنە بىر بالىلىق بولسام ، قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىپ بولالماي مەن دەپ ئويلاپ ، ئەڭ ئاخىرىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتتى .

ئەر ئاجراشقاندىن كىيىن ھەر ئايدا ئايالغا ئىككى مىڭ يۈەن بېقىش ھەققى بەردى ، ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا دەردى بار ئىدى ،ئۇلار ئاجراشقاندىن كېيىن خۇددى ئادەتتىكى دوست كەبى ئۆتىتى ، ئەر پات - پات كېلىپ ئايالنى ھەم قىزىنى كۆرۈپ تۇراتتى ، تاكى ئۇ ئىككىنىچى قېتىم توي قىلىپ ، ئۆزىنىڭ بالىسى بولغاندىن كېيىن ئاندىن كەلمەيدىغان بولدى .
مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولىشىدىن قەتتىينەزەر ئايال قىزىنى بەك ياخشى كۆرەتتى،ئۇنىڭدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلمايىتتى.
بىر مۆجىزە يۈز بىرىپ بالىسىنىڭ مەڭگۈ ئۆزىنىڭ يىنىدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ قىزى ئون ياشقا كىرگىچە ياشىيالمىدى ، ئۇ بەش ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىلا ئاپىسىدىن ئايرىلىپ كەتتى، ئاپىسىنىڭ كۆڭلى ناھايتى يىرىم بولدى .
قىزى ۋاپات بولغىلى بەش يىل بولدى ، ئەمما ئاپا يەنىلا بۇنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدى،قىزىدىن ئايرىلىپ كەتكەن پاكىتنى قوبۇل قىلالمايىتتى، قەلبىدىكى ئازابنى چىقىرىپ تاشلاشقا ئامالسىز ئىدى،
قىزىنىڭ كىلىپ «ئاپا »دەپ چاقىرشىنى بەك ئۈمۈد قىلاتتى.
ئۇ ھەر كۈنى خۇددى ياغاچ قونچاققا ئوخشاش ئىشقا بىرىپ، ئىشتىن چۈشۈپ يۈرەتتى، بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ قايتىش يولىدا ،بىر تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان ئىدى ، بۇ بىر ناتونۇش نومۇر بولۇپ، ئىنتايىن ئۇزاق سايرىغان ئىدى،ئايال ئاخىرى تىلفۇننى ئالدى.

تىلفۇننى ئالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بىر كىچىك قىزنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى،ئۇ تىلفۇندا : « ئاپا مەن قىزىڭىز، سىزنى بەك سېغىندىم ، قاچان ئۆيگە قايتىسىز؟ » دىگەن ئىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئايالنىڭ تېنى جۇغۇلداپ كەتتى، ۋە بۇ ئاۋازنى قىزىنىڭ ئاۋازىغا بەك ئوخشاتتى ،ئەمما ئۇ بۇ ھەرگىزمۇ مىنىڭ قىزىم ئەمەس دىدى، لېكىن كۆز يېشىنى يەنىلا توختىتالمىدى،خۇددى مارجان ئوخشاش سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى .
تېلېفوندىكى كىچىك قىز يىغلاپ تۇرۇپ :« ئاپا ، مەن قورقۋاتىمەن، ئۆيدە بىرمۇ ئادەم يوق ! » دىدى،ئايال بۇ چاغدا بىردىنلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى، شۇنىڭ بىلەن ئايال قىزدىن ئۆيىنىڭ قەيەردە،قانداق قىياپەتتە ئىكەنلىكىنى سورىدى.
ئايال كۆڭلىدە ئۇنىڭ بىلەن رىسقىمىز پۈتۈلگەن بولسا كىرەك، بېرىپ قاراپ باقاي ، ئەگەر ئۇ ئۆزى يالغۇز بولسا،ئۆيدە بىرەر خەتەرلىك ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلىدى، كۆڭلىدە بەك خىجىللىق ھېس قىلدى.
كىچىك قىز بەك ئەقىللىق بولسىمۇ ، لېكىن يېشى يەنىلا بەك كىچىك ئىدى ، ئۇ بۇ ئايالنىڭ ئاپىسى ئەمەسلىكىنى تېلېفوندا پەرق ئىتەلمىدى ،ئۇ ئۆينىڭ ئادرېسىنى ئايالغا ناھايتى تەپسىلىي ئىيتىپ بەردى، قىزچاقنىڭ ئۆيى ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى ، ئايال دەرھال ئۈلگۈرۈپ قىزنىڭ يىنىغا باردى، ئىشىك سىرتىدا قىزچاققا ھەمراھ بولۇپ گەپ قىلىشىپ ئولتۇردى ، بىردەمدىلا كىچىك قىزنىڭ دادىسى قايتىپ كەلدى ، ئۇئايالنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەجەبلەندى .

ئايال ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ، ھەمدە سۆزلىشىش خاتىرىسىنى قىزىنىڭ دادىسىغا كۆرسەتتى ، كىچىك قىزنىڭ دادىسى ئايالغا مۇنداق دېدى : ئۇ ئاۋۋال ئايالدىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى ، ئۇنىڭ ئايالى ئۆلۈپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ ، قىزىنى ئۆزى يالغۇزباققان ئىكەن ، قىزى ھازىر بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئۇ ھەر كۈنى ئاپىسىنى سوراپ جىدەل قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن دادىسى قىزىغا ئاپىسىنى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتىتى دەپ بەزلەيدىكەن.
قىزى تىلفۇن قىلىشنى ئۈگەنگەندىن كىيىن،دائىم جىدەل قىلىپ ئاپىسىغا تېلېفۇن قىلىشىنى ئۆتىنىدىكەن ، دادىسى قىزغا ئايالىنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن يان تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ قىزى بۇ تېلېفون نۇمۇرىنى ئىزچىل يىنىدا ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ، ئويلىمىغان يەردىن قىزچاق ئاپىسىغا تىلفۇن ئۇرۇش جەريانىدا بىر ساننى خاتا بىسىپ سالغان بولۇپ ، نەتىجىدە بۇ ئايالغا تىلفۇن ئۇرۇپ سالغان ئىكەن .
ئايال بۇ قىزنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنى ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن سىلىشتۇردى ،گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىغا ئوخشىمىسىمۇ،لىكىن قىزى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى ئوخشاش ئىدى.
ئايال كۆڭلىدە بۇ قىزنى ئۆزىنىڭ قىزىغا ئوخشىتىپ قىزىنى خۇددى قايتى تىرىلىپ قالغاندەك ھىس قىلدى.

ئايال قىزنىڭ دادىسىدىن بۇنىڭدىن كىيىن قىزنى كۆرگىلى كەلسە بولىدىغان بومايدىغانلىقىنى ئىيىتتى. قىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭ كىلىشىگە قوشۇلدى، كېيىن ئايال ئىش يوق ۋاقىتلاردا كېلىپ قىزچاقنى كۆرۈپ كەتتى ، بەزىدە كىچىك قىزچاق بىلەن بىللە تاماق يەيتى ، ئوينىغىلى ئاپىراتتى ،مۇشۇنداق قىلىپ كىچىك قىز بىلەن ئۇ بەك يېقىن بولدى.
بىر يىلدىن كېيىن ئايال بىلەن كىچىك قىزنىڭ دادىسى توي قىلدى ، ئۇلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي ، پەقەت ئاددىي توي خېتى ئىلىپلا، يېقىن تۇغقان ، دوست - بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپلا توي قىلدى.
كىچىك قىز خۇشاللىقىدىن ئاپام قايتىپ كەلدى دىدى، كۆپچىلىك ھېچكىم بۇ سىرنى ئاشكارىلاپ قويمىدى .
ئايالمۇ بۇنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ماڭا ئورۇنلاشتۇرغىنى ، بىر قىزىمنى يوقاتسام ، يەنە بىر قىز بار بولدې دەپ ئويلىدى.
خۇلاسە :
يوقاتقانلىرىڭىزدىن ئەپسۇسلانماڭ ، ئىرىشكەن نەرسىللىرىڭىزنى
ھامان بىر كۈنى قايتا
تىپىۋالدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ....


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى


