
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
|||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
6-قىسىم
ھەسەل خېنىم رەشىدبەگكە قىزلارنىڭ رەسىمىنى چوڭ كېلىن ئارقىلىق كۆرسىتىشنى پىلانلاپ قويغان ئىدى، ئەمما تۆرەم ئەتىسى ئەتىگەنلىك ناشتىدا غەلىتە بىر قارارنى ئېلان قىلدى:
ــــ رەشىدكە سادىقنىڭ قىزى سەلىمەنى ئېلىپ بېرەيلى، ئۇ چىرايلىق، يۈزى تۆۋەن قىز بوپتۇ، سادىقمۇ ياۋاش ئادەم ئىدى، ماڭا يېقىن تۇراتتى...
ھەسەل خېنىم ئېرىنىڭ بۇ توي ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى، يەنە كېلىپ بۇ بازاردا زادىلا ئىناۋەتكە ئېلىنىپ كەتمەيدىغان شۇ سادىق گومۇشنىڭ كەلگەن-كەتكەن يېرى ئېنىق بولمىغان قىزىنى كېلىنلىككە كۆرسىتىشىنى كۈتمىگەن بولغاچقا،ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:
ـــ ئۇ قىز... سادىققىمۇ ئۆگەيكەن... گۆھەربانۇمۇ ئۇ قىزنىڭ كەلگەن يېرىنى بىلمەيدىكەن... مۇشۇنداق قىز رەشىدبەگكە لايىق كىلەرمۇ سېلىچە؟...ـــ دېدى ئۇ ئېرىنىڭ كۆزىگە مىقتەك قاراپ.
ـــ نېمىشقا لايىق كەلمەيدىكەن؟ ئۇ قىز مەكتەپ ئوقۇغان، بىلىملىك. ياسىن شوجاڭدىن ئاڭلىسام، ئۇ قىزنىڭ بالا ئوقۇتۇشتا ئېپى باركەن، بالىلارغا بىلىمى يۇقىمىش، ـــ تۆرەم بۇ مەسىلىدە ئايالى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىشنى خالىمىغاندەك، سەلىمە توغرىلىق ئاڭلىغان، بىلگىنىنى ئادىتىگە يات ھالدا ئانچە-مۇنچە كۆپتۈرۈپ خوتۇنىغا سۆزلەشكە باشلىدى،ـــ تۆت سىنىپنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىمىش، سىنىپ تۇتىمىش، بەش مۇئەللىمنىڭ ئىشىنى بىر ئۆزى يالغۇز قىلىۋاتىدۇ. سەلىمە كەلگەندىن بېرى مەكتەپنىڭ ئىشى ياخشىلىنىپ كەتتى، دەپ ياسىنجاننىڭ شۇنداق خۇشلىقى باركەن.
ـــ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەپتىكەنمىشقۇ؟... مېنى ئۇ قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلدى، دەپ قالمىسىلا، شۇ قىزنىڭ ئانىسى گۆھەربانۇمۇ شۇنداق دېگەن،ــــ ھەسەل خېنىمنىڭ نېپىز لەۋلىرى مەنسىتمەسلىك بىلەن ئىختىيارسىز پۈرۈلۈپ كەتتى، ئاۋازىمۇ ئاچچىقلا ئىدى،ـــ ئۇنى يېتىمكەن، دەپ يولىنى قىلىپ مەكتەپكە مۇئەللىم قىلىپ قويدىلا، بولدى ئەمەسمۇ؟ سىلى بولمىغان بولسىلا سادىق ئۆلۈپ كەتكەندىكىن ئۇمۇ بۇ ۋاققا بىرەرسىنىڭ كەينىدىن كېتەر ئىدى، مۇئەللىملىكنىڭ پايدىسى تەگكەچكە تۇرۇۋاتىدۇ تايىنلىق....
ـــ كىچىككىنە بىر قىزنى نېمانچە يامان كۆرىسىز؟ ئۇ سىزگە ھېچ يامانلىق قىلمىغاندۇ؟ سىزنىڭمۇ قىزىڭىز بار ئادەم، بولدى قىلىڭ، كىشىنىڭ قىزىنى ئۇنداق-مۇنداق دەيدىغانغا سىزنىڭ نېمە ئاساسىڭىز بار؟...ـــ تۆرەمنىڭ كىچىك، كۆكۈش كۆزلىرى ئاچچىقتىن چەكچىيىپ كەتتى، ئۇ ئەزەلدىنلا بىرەرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىشنى ئېغىر ئالاتتى، ئۆيدىكىلەرگە بولغان تەلىپىمۇ قاتتىق ئىدى، مۇشۇ تەرىپىمۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايتتى.
ـــ كېلىن قىلىمىز دەپ مۇشۇ گەپنى چىقارمىغان بولسىلا، مەنمۇ ئۇنى سېلىگە يامانلاتماس ئىدىم...ــــ ھەسەل خېنىم يىغلىۋېتەيلا دېدى.
ـــ يېتىمنىڭ بېشىنى سىيلاش بىزنىڭ بۇرچىمىز، خوتۇن،ـــ دېدى تۆرەم ئۆزىنى زورىغا تۇتۇۋېلىپ سەل يۇمشاق تەلەپپۇزدا. ئەمما «بۇرچىمىز» دېگەن سۆزنى قاتتىقراق تەلەپپۇز قىلدى، ئېرىنىڭ يۇمشاپ قالغىنىنى كۆرگەن ھەسەل خېنىم يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلاتقىلى تۇردى.
ــــ سالىخان خېنىمنىڭ كىچىك قىزى ئايسىمە بەك بەلەن قىز بولغان ئىدى، چىراي دېسە چىرايى، ئەخلاق دېسە ئەخلاقى بار، قايانغا ئەگسە شۇ يانغا ئېگىلىدىغان يۇمران نوتا... ـــ ئۇ سەلىمەنىڭ 23 ياشتىن ئېشىپ،توي قىلىش يېشىدىن خېلىلا ئۆتۈپ كەتكەن قېرى قىز ئىكەنلىكىنى ئېرىگە ئەسكەرتمەكچى ئىدى، لېكىن ئېرىنىڭ يەنە ئۆزىنى «غەيۋەت قىلدىڭ» دەپ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى، ـــــ 19 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك ئەدەپ-قائىدىنى ئۆگۈنۈپ بولدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىمۇ، دىتىمۇ بار. شۇ قىزدا كۆڭۈل توختىتىپتىكەنمەن تېخى!
ـــ مەن سەلىمەدە كۆڭۈل توختاتتىم، شۇنداق بولسۇن!ـــ تۆرەم «ئەمدى گەپ تۈگىدى» دېگەندەك قولىدىكى پىيالىنى ئاچچىقى بىلەن داستىخانغا دوققىدە قويۇپ، ئايالىغا قاراپمۇ قويماستىن تالاغا ماڭدى.
ـــ ھېچ بولمىغاندا،گۈل گۈلىگە، خىل خىلىغا كەلسە بولاتتى... ـــ ھەسەل خېنىم ئېرىنىڭ سەلىمەگە تايىن تېپىپ، ھەتتا ئوغلىنىمۇ گەپكە كىرگۈزۈپ بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەمدى ھەر قانچە كۈچەپمۇ بۇ قارارنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر نارازىلىق بىلەن يەنىلا تىركەشتى.
ــــ خىلى-خىلىغا؟!... مۇشۇنىمۇ گېپىم بار دەپ قىلىۋاتامسەن؟ مەن رەشىدكە سەن ۋە ماڭا ئوخشاش،نورمال ياشاپ كېلىۋاتقان بىر ئىنساننى ئېلىپ بىرەيلى دەۋاتىمەن، يا تۆت تۇيىقى، ئىككى مۇڭگۈزى بار چىشى ھايۋاننى ئېلىپ بېرىمىز دېمىدىم،سېنىڭچە، ئادەم ئادەمنىڭ خىلىمۇ بولمايدىغان ئىش بارمىكەن؟ مۇشۇنداق كېبىرلىكتىن قاچانمۇ قۇتۇلارسەن؟!ـــ تۆرەمنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك قەھىرلىك چىقتىكى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئېرىنىڭ ئۆزىنى سەن دەپ تۇرۇپ بۇنداق ۋارقىرىيالايدىغانلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەن ھەسەل خېنىمنىڭ يۈرەكلىرى سىرقىراپ، جايىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى...سەلىمە،ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەسەۋۇرىدىكى كېلىن ئەمەس بولۇپ،ئانا،ئېتى-سېپى،دىتى ۋە تېگى بار بىرىنى كېلىن قىلسام دەپ ئارمان قىلغانىدى.ئەمما...ئانا يىغلىدى.سەلىمە توغرىسىدا قۇلىقىغا كىرگەن بەزى قورقۇنچلۇق ئۆسەكلەرنى ئويلاپ،ئوغلىنىڭ بۇ قېتىمقى تويىدىمۇ «بەخت»لىك بولالمايدىغانلىقىدىن ۋۇجۇدى شۈركەندى.نېمىلا دېگەن بىلەن،ئۇ،بۇ توينى چوقۇم توسۇپ قېلىشى،پەقەت بولمىغاندا،سەلىمە ئىسىملىك بۇ ئايىقى قۇرغاق قىزنى رەشىد بەگدىن ئايرىۋېتىشى كېرەك.
خوتۇنىنىڭ ئوبدانلا ئەدىۋىنى بېرىپ قويغان تۆرەم ئىشىكتىن چىقتى.ئەمما كۆزى،ئىشىك تۈۋىدىلا ئۆزلىرىنىڭ گېپىگە بېرىلىپ قۇلاق سېلىپ تۇرغان دانىيارنىڭ خوتۇنىغا چۈشكەندە،تېخىمۇ غەزىۋى تاشتى.ئەمما كېلىنلەرگە ئەزەلدىن قاتتىق گەپ قىلىپ باقمىغاچقا،پەقەت نارازىلىق بىلەن چەكچىيىپ قويۇپ، گۈرسۈلدەپ دەسسىگىنىچە سىرتقا ماڭدى.ئۇنىڭ كۆز ئۆڭىدە يىللار تۇيدۇرماي خىرەلەشتۈرگەن سادىق توغرىسىدىكى ۋەقەلەر يەنە بىر- بىرلەپ ئايان بولماقتا ئىدى...
7
بۇ دەل تۆرەمنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تاشلاپ، سودىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن، كۆمۈر كاندىن، قىلىۋاتقان سودىسىدىن كىرىۋاتقان مال-دۇنياسى ئايلاپ ئەمەس، كۈنلەپ كۆپىيىۋاتقان چاغلار ئىدى. بازارنىڭ كانغا تۇتىشىدىغان ئاسفالىت يولى پۈتۈپ، مىس كانى ئۈچۈن تاغ ئىچىدىن تونىل قېزىلىۋاتقان چاغلار ئىدى. ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارغا خىزمەت ئورنى بېرىشتىن باشقا، دۆلەتكە نۇرغۇن باج-سېلىق تاپشۇرىۋاتقان تۆرەمنىڭ ئورنى ۋە ئابرۇيى پۇقرانىڭ ئاغزىدىلا ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىدىمۇ تازا تەشۋىق قىلىنىۋاتاتتى.
بىر كۈنى بازارلىق ساقچىخانىنىڭ يېڭى كەلگەن قادىر ئىسىملىك ساقچى باشلىقى تۆرەمنى چاقىرتىپ قالدى. ساقچى باشلىقىنىڭ سۆز ئاھاڭىدىكى جىددىيلىكنى تۇيغان تۆرەم ھايالشىمايلا ساقچىخانىغا يېتىپ كەلدى. قادىر ئۇنىڭ ئالدىغا قىزغىن چىقتى، بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن گەپنىڭ ئۆزىگە كەلدى:
ـــ سېلنىڭ دانىيار ئادەم تەشكىللەپ، كاندا ئىشلەيدىغان سەلىم ئىسىملىك بىرەيلەننى قاتتىق ئۇرۇۋېتىپتۇ،سەلىمنىڭ بىر قولى بىلەن تاغاق سۆڭىكى سۇنغان چېغى، كاللا-قاپاقلىرىمۇ غىچ ئىششىق... ئۇنى چوڭراق يەرگە ئاپىرىپ باقساقمىكىن، دەپ چاقىرتقانتىم... يەنە... سېلىنىڭ ئوغۇلنى تاپساق بولاتتى...ـــ گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە قادىر ساقچىمۇ ئامالسىزلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى تۆرەمدىن ئېلىپ قاچتى.
ـــ قانۇندا قانداق دېيىلگەن بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك، ئۇكام،ـــ تۆرەم «ئۇكام، بالام» دېگەن سۆزلەرنى تولىراق ئىشلىتەتتى، چۈنكى تۆرەمدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى بىر خىل يۇمشاقلىق بىلەن بىللىلا ئېرىپ كېتەتتى، تۆرەممۇ بۇ تەرىپىنى بىلەتتى،ـــ ئۇ نۇمۇسسزنىڭ قولى بار بولسىلا، جاجىسىنى بېرىڭ. بالامغا يۈز-خاتىرە قىلىڭ، دەپ سىزنى خىجىل قىلمايمەن، بالام، ـــ دېدى ئۇ «ئۇكام» دېگەن سۆزنى دەرھال «بالام» غا ئۆزگەرتىپ.
ـــ ماقۇل...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ـــ نېمە دەپ بىر ئىشچىغا قول كۆتۈرگەندۇ بۇ نادان؟ ــ دېدى تۆرەم غەزىپى تېشىپ. ئۇنى ئەڭ تىنچ قويمايدىغىنى، ئەڭ خاتىرجەم قىلمايدىغىنىمۇ دانىيار بولغاچقا، تۆرەمنىڭ قېنى قىزىغان، ئۆزىنى ھە دەپ تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىدى.
ـــ مەنمۇ بەك چىن پۈتمىدىم... سەلىم دېگىنى سېلىنىڭ ئۈستىلىرىدىن ئۆسەك تارقىتىپ يۈرۈپتۇ، دەمدۇ؟ دانىيارنىڭ شۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن چېغى.
تۆرەمنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، بىر مۇدھىش سوغوق پۈتۈن بەدىنىنى تىكەنلەشتۈرىۋەتتى.
ـــ قانداق ئۆسەككەن ئۇ؟...ـــ دېدى ئۇ سەل بوغۇلۇپ.
ـــ سېلىنىڭ ئاچقان كۆمۈر كانلىرىدا ئۇكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھەققى بار، ئەسلى كان بىزنىڭ، دېگۈدەكمىش.
ـــ ھىم...
تۆرەم ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ قورققان «ئۆسەك» تارقىلىپ كەتمىگەن ئىدى.
ـــ شۇنىڭغىمۇ ئادەم ئۇرامدۇ؟ ھۇ گالۋاڭ... دېمىسىمۇ سەلىم ئاكا-ئۇكا ئەينى چاغدا كاننىڭ ئورنىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرگەن، بۇنىسى راست، ئۆسەك دەپ كەتكىلىمۇ بولماس.
ـــ بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سېلى مۇشۇ كاننى ئېچىش ئۈچۈن ئاز ئەجىر قىلماپتىلا، كاننى ئاچىدىغان ئۈسكۈنە ئۈچۈنلا ئىچكىرگە نەچچە بارغان، كاننىڭ رەسمىيىتىنى تەستىقلىتالماي تۆمۈر تاي بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىدا بىر يىل ماڭغان، بۈ كاننى ئېچىش ئۈچۈن قەرز بولمىغان يەر قالمىغان... دەيدىكەنغۇ؟ بۇ سەلىمگە ئوخشاش ھېچنېمىسى يوق بىكار تەلەتنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس-تە.
ـــ ھىم... بىر يىل ئەمەس، نەق ئىككى يىل ماڭدىم دەڭە. ئۇ چاغدا ئىشلار تازا تەس ئىدى، كىيىن بازارنى ئېچىۋەتتى، بانكىدىن قەرز ئالغۇچە تارتىپ كەتكەن دىشۋارچىلىقلارچۇ تېخى! ھېلىقى خاڭجاڭ دېگىنىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ، كۆتىنى ئېيتىپ قويغىلى تاسلا قالدىم شۇ چاغدا! ھەي، ئۇ چاغدا تارتىپ كەتكىنىمنى ئويلىسام... ۋاي-ۋۇي، بالام، شۇ چاغدا ھېلىمۇ بەل قويۇۋەتمەپتىكەنمەن،ـــ تۆرەم شۇنداق دەپ ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى شۇنچىلىك چۈشەنگەنلىكىنى، ئەزىزلىگەنلىكىنى ئاڭلىسا ھازىرقىدەك خۇش بولۇپ كېتەتتى.
ـــ راست،دەيدىلا، سىلى قىلىۋاتقان بۇ ئىشنىچۇ، خېلى كاللىسى، ئىرادىسى بار، مەن-مەن دېگەن ئادەممۇ بىر باشقا ئاچىقالمايدۇ. لېكىن سىلى باشقا ئاچىقتىلا، يۇرتتىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئاچتىلا، تاغدىكىلەرنىڭ سېلىدىن پەخىرلەنگىنى بىكار ئەمەس. سەلىمگە ئوخشاشلارنىڭ ئەدىپىنى ئانچەمۇنچە بېرىپ قويغانمۇ تۈزۈك... مەن بۇ گەپنى دېمىسەم بولاتتى ئەسلى، لېكىن ۋىجدانىم قايناپ دەپ قېلىۋاتىمەنغۇ شۇ.
ــ مېنى شۇنچىلىك چوڭ بىلگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت، بالام. ئەمىسە مەن چىقاي، ئۆمەرنى دەرھاللا ماڭدۇراي، ئۇ سەلىمنىڭ ئىشىنى پۈتكۈزسۇن. ھە راست، ئۇ بالا ھازىر نەدە ؟
ـــ بازارلىق شىپاخانىدا، بايا بارسام ئۇيەردە ۋايجانلاپ ياتاقنى بېشىغا كىيىپتىكەن.
ـــ شۇنداق بولىدۇ-دە، سۇنۇق دېگەن يامان...
ــــ دانىيارنى؟...
ــــ نەدە بولسا شۇ يەردىن تۇتۇپ كېلىڭ، بالام.ھەرگىز يۈز قارايدىغان ئىش بولمىسۇن،بايا دېگىنىمدەك،ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشت ئاتقان ئالىقاپلارمۇ قانۇننىڭ نىمىلىكىنى بىلسۇن،دانىياردەك لۈكچەك بىلەن ئېلىشىپ يۈرگىنىگە تويسۇن!
ـــ بىلدىم، ئاكا...
تۆرەم ساقچىخانىدىن چىققاندا، ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان شوپۇرنى ئۆمەرنىڭ يېنىغا ماڭدۇرىۋېتىپ، ئۆزى ئاستا پىيادە ماڭدى. ئۇ يول بويى بازارنىڭ ھەر بىر ئۆزگىرىشىگە زەن سېلىپ، ئۇچرىغانلاردىن يۇمشاق ئاھاڭدا ئەھۋال سوراپ، ئۇدۇللا ئۆز ئۆيىگە كەتتى. ئۆيگە كىرىپلا ئىبراھىمغا تېلېفون قىلىپ كەچتە ئۆزىگە بىر يولۇقۇشنى تاپىلىدى.
8
ئۆمەر ماشىنىسىنى ئېلىپ بازارلىق شىپاخانىغا كەلگەندە كىچىككىنە شىپاخانىنىڭ كېسەل كارۋىتىدا ياتقىنى سادىقنىڭ ئاكىسى سەلىم ئىدى. سەلىم ئاغرىق ئازابىدىن ۋايجانلايتى، دانىيارنى قار-يامغۇر تىللايتتى. ئۆمەر سادىقنى سۈرۈشتۈرىۋىدى، سېستىرا ئاكىسىغا يەيدىغانغا بىر نەرسە ئەكىرىپ بىرەي دەپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ــــ تۆرەم كاننى كۆرۈپمۇ باقمىغاندا، سادىق بىلەن ئىككىمىز ھارۋىغا بېسىپ قازاقلارنىڭ ئاۋۇلىغا ئاپىرىپ پۇل قىلاتتۇق. ئۇ يەر بىزنىڭلا بولۇپ بولغان ئىدى. كېيىن سىلەر ھۆكۈمەت تەستىقلىدى، دەپلا ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالدىڭلار، بىزنى ئالداپ قورساقمۇ ماقۇل دېمەيدىغان تۆت تال پۇل بىلەن ئاغزىمىزنى ئەتمەكچى بولدۇڭلار. ئۆيلىرىمىز كونىراپ كەتتى،تېرەك بولىدىغان ئادىمى يوق يېتىم، دەپ ئاۋۇ دانىيار دېگەن لۈكچەك تېخى يەنە تىلىمنى سۇغارماق بولدى، ئامبۇر بىلەن قىسىپ بولغاندا سادىق كېلىپ قالدى! ھۇ لۈكچەك! ئۇنى سولىتىۋەتمەيدىغان بولسام، ئادەم بولماي كېتەي! يۇرت ئاتىسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ تۆرەممىش تېخى! تۈفى...ـــ ئۇ سۇنۇقنىڭ ئاچچىق ئازابىدا ئاغرىقى بوشاپ قالىدىغاندەك تىنماي قارغىش قىلاتتى، ئادەتتە ئۇنىڭ-بۇنىڭغا كۇسۇرلاپ قىلىپ بېرىدىغان غەيۋىتىنى مانا ئەمدى يالغان- ياۋىداقلار بىلەن قوشۇپ جان جەھلى بىلەن ۋارقىراپ ئېيتاتتى.
ـــ سەن ئويلىنىپراق گەپ قىل، سەلىم! كان دېگەن ھەرگىز «مېنىڭ» دېگەنگە سېنىڭ، بىز دېگەنگە بىزنىڭ بولۇپ قالمايدۇ! دادام مىڭ تەستە يولىنى قىلىپ 10 يىللا ئاچىدىغانغا كۆتۈرە ئالدى، بەك چىدىمىساڭ ۋاقتى توشقاندا سەن قولۇڭغا ئالساڭ بولمىدىمۇ؟!ـــ سەلىمنىڭ مۇتەھەملىكىگە، سەت گەپلىرىگە زادىلا چىداپ تۇرالمىغان ئۆمەر قايناپ كەتتى. دانىيارنى ئىچىدە «ئەجەب بەلەن قىپتۇ» دەپمۇ ئويلىدى.
ـــ يالغان! 10 يىلمىش تېخى! ئۇنداق 10 يىلدىن نەچچىسى ئۆتتىغۇ! كاننى قايتۇرۇپ بەر! ئەرز قىلىمەن، قاراپ تۇرۇش! دانىيار دېگەن لۈكچەكنى ئاتقۇزىۋېتىمەن! ـــ سەلىم تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان ئۆمەر بۇرۇلۇپلا شىپاخانىنىڭ ھويلىسىغا چىقىۋالدى، شۇ ئارىلىقتا سېستىرا ۋارقىراپ-جارقىراۋاتقان سەلىمگە تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىپ تىنچلاندۇرغانمۇ بولدى.
ـــ ھۇ نۇمۇسسز، قىزارماي تۇرۇپ يالغاننى دېيەلەيدىكەن دېسە؟! گېپىنى قارا، تۇزكۇر!
ـــ شۇنى دەيمەن ئۆزى كۆرگەن ياخشىلىقنى بىر موچەنگە ئالغۇسىز قىلىۋەتتى دېسە، ھارۋىغا بېسىپ ساتىمىش تېخى، كۆمۈر توشۇغىدەك ھارۋىسى، كۆمۈر تونۇغىدەك ئەقلى بولسا نېمە دەي؟
ـــ تەقدىر جاجىسىنى بەرگۈدەك بۇ سامان قورساقنىڭ!
ـــ شۇنى دېمەمدۇ؟ شۇ كۆمۈر، مىس، تۆمۈر دېگەننىڭ ئۈستىدە مىڭ يىللاپ ياتقان خەق بىز شۇغۇ؟ تۆرەم كەلمىگەن بولسا، يەنە مىڭ يىلمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كېتەتتى-دە!
ـــ راست، تۆرەم كۆزىنى ئېچىپ قويىۋىدى، نومۇس قىلماي شۇ كىشىنىڭ كۆزىگە توپا چېچىۋاتىدۇ، بۇ راستلا تۇزكوركەن...
ـــ ھەي، تۆرەم بولمىسا نەدىكەن ئۇنىڭغا شۇ تۆت تال پۇل؟
ـــ سادىققۇ ئاكىسىدىن تۈزۈك، ياۋاش، گەپ ئۇقىدۇ، ئۇنىڭ ئاكىسىدەك قالايمىقان گەپ قىلىپ يۈرگىنىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىدىم.
ـــ مەنمۇ ئاڭلىمىدىم، بىراق ئۇ سەل گومۇش بوپقاپتىمۇ نېمە؟ بۇرۇنقىغا زادى ئوخشىمايدۇ، ھاڭۋېقىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
ـــ تاڭەي، ئاۋۇ كۈنى كۈپكۈندۈزدىلا موڭغۇلنىڭ جىنى كەلدى، دەپ ۋارقىراپ كەتتى، بىرەر يەردە جىن كۆرۈپ قالدىمۇ، كىم بىلىدۇ؟
ئۆمەر بىلەن بىللە كەلگەنلەر ھەم شىپاخانىدا ياتقان بىر نەچچەيلەننىڭ پاراڭ تېمىسى سەلىمدىن تۇرۇپلا سادىققا كۆچتى.
ـــ ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداق چېچەن بالا ئىدى ئۇ، بوۋىسىنى مۇت دورىغان، نېمە بولدىكىن، ھازىر تاغقا چىقىش تۈگۈل، تاغقا بەكرەك قاراشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كېتىپتىغۇ؟
ـــ ئۇ ھازىر بىز بىلەنمۇ ئارىلاشماس بولدى،سەلىمنىڭ خوتۇنى تۇنىساخان سىڭلىسىنى كۇچادىن ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى ئۆيلەپ قويۇپتىكەن، تويى بولۇۋاتسىمۇ بىزگە مۇشۇنداق ئىش بار ئىدى،دەپ،تىنىپ قويمىغان تۇرسا ئۇ؟ نەزىر بولغانچىلىكمۇ ئىش قىلمىدى...
ـــ نېمە بولغاندۇ ھە؟...
ئۆمەرمۇ سەلىمنىڭ تىنچلىنىشىنى ساقلاپ، خەقلەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. دېمىسىمۇ سادىق يىلدىن يىلغا كەمسۆز بولۇپ، بۇرۇنقى شوخ، تېتىك،چېچەن ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
ـــ ئەنە، سادىقمۇ كەلدى!ــ بىرى شۇنداق دېگەندىن كېيىنلا ئۇ توغرىلىق پاراڭغا چۈشكەنلەر جىم بولدى. بەزىلەر ئۇنىڭ غەلىتىلىشىپ قالغىنىنى بۈگۈنلا بىلگەندەك، ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ كېتىۋاتاتتى. شۇ چاغدا باش-كۆزلىرى تاياق زەربىسىدىن ھۈپپىدە ئىششىپ، يېرىلغان قاپاقلىرى داكا بىلەن تېڭىلغان سادىق شىپاخانا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى. ئاغزى ئوچۇق ئىسلاشقان قاچىدىكى بىر نەچچە مانتىدىن ئىسسىق ھور ئۆرلەپ تۇراتتى. ئۆمەر ئىتتىك ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول بېرىپ كۆرۈشتى، باشقىلارمۇ ئۆمەركە ئەگىشىپ سادىق بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشتى.
ـــ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن؟ دانىيار سەت ئىش قىپتۇ... ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ناماقۇل،ــ دېدى ئۆمەر ئۇنىڭ يېرىلغان قاپاقلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ.
ـــ ياخشى...ـــ سۇسلا جاۋاب بەردى سادىق.
ـــ ئاكاڭ بىلەن ئىككىڭلارنى ناھىيەگىمۇ ياكى شەھەرگىمۇ يۆتكەيلى، دەپ كېلىشىمتى.
ـــ مەن ساق، ئاكام بارسۇن، خوتۇنى ھېلى كېلىدۇ.
ـــ باش-كۆزلىرىڭ... يېرىلىپتۇ، ھېچ بولمىسا تەكشۈرتۈپ باقايلى، جاھىللىق قىلما... ئاكاڭغا دەپ باقامسەن؟ ئۇ ياقنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامان،ـــ سەلىمنىڭ بايىقى يۈزسىزلىكى يادىغا كېلىپ ئۆمەرنىڭ چىرايى يەنە تۇتۇلۇپ كەتتى. ئۇ دانىيارغا ئوخشاش سەلىمنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتمىگىنى بىلەن، ئۇنى يامان كۆرەتتى. سەلىم گەدەنكەش، ھورۇن ھەم بەغەرەز ئادەم ئىدى. دادىسىنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەچكە، ھېچقانداق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىمۇ، ئۆمەر ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن ئوخشاش مائاش بېرىشكە مەجبۇر ئىدى.
ـــ مەن ساق، ئاكام بارسۇن،ـــ سادىق شۇنداق دېدى-دە، سەل ئاقساپ تۇرغان پۇتىنى سۆرەپ ئاكىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى. ئۆمەر سادىقنىڭ ئاقساپ قالغان پۇتلىرىغا، ئاددى ئۈستىباشلىرىدىنمۇ بەكرەك سارغىيىپ، ئورۇقلاپ قالغان، خۇنۈك بىچارە كۆزلىرىگە قاراپ ئىچى ئاچچىقلا بولۇپ قالدى. «سادىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا بىرەر كېسەل بارمۇ نېمە؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، مەن ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا تۈزۈكرەكمۇ كۆڭۈل بۆلەلمىدىممۇ قانداق؟» دەپ ئويلىدى ئۇ.
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




