大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 8ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان )  8ـ قىسىم aybarawazi
2022-09-25
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە 

ساننى بېسىپ  كىرىپ ئاڭلاڭ 



1
2
3
4
5
6
7


















جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


8-قىسىم

ئۆزىنىڭ بۇندىن نۇرغۇن يىللار بۇرۇن سادىقنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ: «ھېچكىمگە تىنمايمەن» دەپ بەرگەن قەسىمىنى ئويلاپ،ئۇ، نومۇستىن كىچىك بالىلاردەك گەدىنىگىچە قىزاردى. ھېلىمۇ ياخشى، سادىق كۆزلىرىنى داستىخاننىڭ ئاللىقانداق يېرىگە تىكىپ ئولتۇرغاچقا تۆرەمنىڭ چىرايىدا بولۇۋاتقان بۇ ئالامەتلەرنى كۆرمىدى. «ھەر ئىككى قېتىمدا مېنىڭ تاغدىن چۈشكىنىمنى ھېچكىممۇ كۆرمىدى، مەنمۇ ئىنسى-جىنغا، ھەتتا ئايالىم، بالىلىرىمغىمۇ بۇ توغرىسىدا تىنىپ باقمىدىم. لېكىن بۇ بالا تېرە خالتىنىڭ ئىشىنى قانداق بىلىۋالدى؟ ئەجىبا ئۇمۇ بىر كۈنلىرى تاغقا باشقىدىن يامىشىپ، تېرە خالتىدىكى غەزىنىگە ئېرىشىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا ھە؟... ئۇ مېنى كۆرمىدى، بۇنىسى ئېنىق، ئۇ تېرە خالتىنى مەندىن باشقا يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بايلىقىنى ئىزدەپ، كېيىن بىراقلا يوقاپ كەتكەن ھېلىقى موڭغۇللار ئېلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىنغۇ؟... بۇ ئىشنى يەنە يوشۇرۇپ كەتكىلى بولغۇدەك... شۇنداق، بۇ ئىشنى كىشىگە تىنغىلى بولمايدۇ. ھېچنېمىنى ئويلىمىغاندىمۇ، كاننىڭ ئەتراپىنى بەلگە قىلىپ ئۇزۇنغىچە چۆرگىلەپ يۈرگەن ھېلىقى خوشنا يايلاقلىقلار بۇ ئىشنى بىلسە ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيدۇ...» تۆرەمنىڭ كۆز ئالدىغا قاۋۇل، كۆزلىرى بۈركۈتتەك ئۆتكۈر بىر ياش كەلدى. شۇ چاغدا ئۇ بىر نەچچە ئادەملىرى بىلەن تۆرەمنىڭ يولىنى توسۇپ، تۆرەمنىڭ ھازىرقى ئىگىلىكىنىڭ قانداق پەيدا بولغىنىدىن قاتتىق گۇمانلىنىدىغانلىقىنى دېگەن، ھەتتا سوئال-سوراق قىلىپمۇ باققان ئىدى. بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ئالغان ئادەمنى ساراڭ قىلىۋېتىمىز» دەپ قوقاقمۇ سېلىپ كېتىشكەن... شۇ چاغدا ئۇ نېمە دېگەن ئىدى؟ «مەنمۇ ساڭا ئوخشاش بەگنىڭ ئەۋلادى، داداڭ ساڭا دۇنيا تىقىپ قويغان بولسا، ماڭا تىقىپ قويماسمۇ؟ مېنىڭ كىملىكىمنى بەلەن سۈرۈشتۈرۈپ،ئاندىن ئالدىمغا كەل!» دەپ بەكلا خاپا بولۇپ كەتكەن ئەمەسمىدى... مۇبادا ئاشۇلار تۆرەمنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ساقلاپ ياتقان تېرە خالتىغا تەگكىنىنى بىلىپ قالسا؟... تۆرەم خىياللىرىنىڭ داۋامىنى قىلالمىدى. بولۇپمۇ ھېلىقى قارام يىگىتنى ئويلاپ ئۇنى دەھشەت سۈر باستى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا يەنە ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان چارىنىمۇ تاپتى.

ـــ ئاكاڭ سەلىم...ــــ ئۇ: «تېرە خالتىغا مەن تەگمىدىم» دېمەكچى ئىدى، ئەمما ئاغزى ئىختىيارسىز سادىقنىڭ ئاكىسى سەلىمنىڭ ئىسمىغا كەتتى. بەلكىم ئۇنىڭ تۇيغۇن كۆڭلى سادىققا: «ساڭىمۇ ئاتىغىنىم بار، ھەتتا ئاكاڭدىن كۆپ، ئەينى چاغدا جىم ياتقان بىر ئۆلۈكتىن قورقۇپ تەييار غەزىنىنى ئالمىغان گالۋاڭ ئۆزۈڭ بولغاندىكىن، بۈگۈنكى يوقسۇزلۇقۇڭنى ئەلۋەتتە يارىماسلىقىڭدىن كۆرىسەن» دىمەكچى بولغىيمىدى؟... تۆرەم كۆڭلىگە كەچكەن بۇ سۆزلەرنى تېشىغا چىقىرالماي، ئىچىدە تىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

ـــ ئۇ تېرە خالتىنىڭ گېپىنى ھەتتا ئاكامغىمۇ تىنمىغانمەن، تۆرەم ئاتا،مەن سىزگە، بوۋامنىڭ روھىغا، ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان. ۋەدەمگە ۋاپا قىلدىم، يەنە قىلىمەن... بىلىمەن، ئاكامنىڭ ئاغزى پەلەش...

تۆرەم يۈرىكىگىلا تەگكەن بىر مۇشتىن نېمە قىلىشىنى، يەنە نېمە دېيىشىنى بىلمىدى، بىر بوزىرىپ، بىر تاتىراتتى.  نە كۈلۈشىنى، نە يىغلىشىنى بىلمەي قالغان كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالدى.

ـــ شۇنداق، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش كېرەك... مېنىغۇ ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمىدىڭ، دېمەيۋاتقانسەن، بالام؟...ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنى تەستە بېسىۋېلىپ، لېكىن بىر ئۇھسىنىش بىلەن ئاۋازى يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك سادىققا ئارانلا ئاڭلاندى.

سادىق بىر ھازا شۈكلەپ ئولتۇردى، ئارىنى سۆرۈن بىر جىمجىتلىق باستى.

ـــ سېلىنىڭ تېرە خالتىنى ئېلىپ چۈشكەنلىرىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەنمەن، تۆرەم... يەنە كېلىپ ھەر ئىككى قېتىمدا كۆردۈم... بىرىنچى قېتىم سېلىمۇ قاتتىق قورقۇپ كىتىپتىكەنلا، ئۇ خالتا قوي تاشتىن ئۆتكەندە سىيرىلىپ چۈشۈپمۇ قالغان تېخى...ـــ دېدى بەكمۇ ئاستا شىۋىرلاپ دېگۈدەك.

ـــ ھىم...ــ ئەمدى يەنە ئۇنداق ياكى مۇنداق باھانە-سەۋەب كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى،ـــ بۇ ئىشنى ساڭا قانداق چۈشەندۈرۈشنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن...ـــ دېدى تۆرەم بىر ھازا جىمجىتلىقتىن كېيىن ،ــــ سەنمۇ كۆردۈڭ،بۇ ھايات،بىراۋنىڭ ياۋاش يۇمشاقلىق بىلەن ئارامدا ياشىشىغا ھەرگىز يول قويىدىغان ھايات  ئەمەسكەن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ماسلىشىشى،ھاياتنىڭ سۈيىنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئېقىشى لازىم.يەنى،سەن ياشاۋاتقان بۇ ھاياتلىق يوللىرى، ئەگرى بۇگرى تۇرسا،سەن تۈز سىزىق بويلاپ ماڭىمەن دېسەڭ،قانداق راۋان ماڭالايسەن؟بەلكىم سەن مېنىڭ،بۇ گېپىمنى قۇۋەتلىمەسلىكىڭ مۈمكىن.ئەلۋەتتە،دەۋرمۇ ھەم بەزى ئادەملەرنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۈمكىن.بىراق ئۇ سېنى شاللاپ چىقىرۋرېتىشكە سېنى كەمسۈندۇرۇشقا سېنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تامامەن قادىر.گەپ مانا شۇنداق ئاددى... بىلەمسەن؟ مەن بۇ كاننى ئېچىشنى دەسلەپ ئاددىلا ئىش دەپ قاپتىكەنمەن. كۈچ دېسە، يۈرەك دېسە بىز تاغلىقلاردا يەتكۈدەك بار. قولىمىز پۇل كۆرگەندە ئىشلىگەنلەرنى رازى قىلسام بولىدۇ، ئۇلارمۇ بۇنىڭغا ئۇنايدۇ دەپتىكەنمەن. ئەمما كاننى ئېچىش، بۇرغىلاش، قېزىش ماشىنىسىغا ئوخشاش زاپچاسلارنى سېتىۋېلىش، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، كاننىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈشكە ئۇنىماي تۇرۇۋاتقان ياكى كەينىگە تارتىۋاتقانلارغا سوۋغا-سالام بېرىش، ئۇلارنى مېھمان قىلىش... يول ياساش، تونېل قېزىش،كۆۋرۈك سېلىش... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە  ئاجايىپ قورقۇنچلۇق دەسمى كېتىدىكەن...ئۇ چاغلاردا مەندە نېمە بار دەيسەن؟ خەقلەر مېنى دادىسىدىن قالغان ئالتۇننى ئىشلەتكەن، دېيىشىدىكەن. ھەتتا بالىلىرىممۇ شۇنداقراق خىيالدا ئىكەن... مەندە نەدىمۇ ئالتۇن بولسۇن؟ كاننى ئاچالماي كاللام قاتتى... ئاشۇ يەرگە چىقىپ، ساندۇقنى ئېچىشتىن، ئۆلۈكنىڭ قولىدىن تېرە خالتىنى تارتىۋېلىشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى... بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئىچىدە زىخچە ئالتۇن، تىللا ھەم كۈمۈش تەڭگىلەر بار ئىكەن. يەنە بىر ئالتۇن بۇتمۇ بار ئىكەن. مەن بۇتنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە تاشلىۋەتتىم، ئۇنى ئىشلەتكۈم كەلمىدى... ئىشەنسەڭ، مېنىڭ شۇ خالتىغا تېگىشىمدە يەنىلا مۇشۇ تاغدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىش، مەكتەپ، دوختۇرخانا، يول، كۆۋرۈك سېلىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق غەيرى نىيىتىم يوق ئىدى... شۇ چاغدا ساڭا مۇشۇ خىيالىمنى دېيىشنىمۇ ئويلىدىم، ئەمما سېنى كىچىك كۆردۈم. ئۆزەمگە خاپىلىق تېپىۋالماي، دەپ ھەتتا خوتۇن-بالىلىرىمدىنمۇ سىر تۇتتۇم... سەنمۇ كۆرۈپسەن، مېنىڭ شۇ دۇنيانى ئالغىنىمنى بىلىپسەن، شۇنچە يىل ئىنسانغا تىنماي يۈرۈپسەن...ھەتتا تاياقمۇ يەپسەن، دېگىنە، ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرىمەن؟ ھازىر شۇ چاغدىكى مال-دۇنيانى پۈتۈن سۈرۈك بەر دېسەڭمۇ بېرىمەن. كۆڭلۈڭدىكىنى دېگىن، ھەرگىز مېنى ھەئە دېمەي قالارمۇ دەپ ئويلىما.

 تۆرەم بىر قارارغا كەلگەنلىكتىنمۇ ياكى كۆڭلىنى ئۇزۇن يىللاردىن بويان بېسىپ كەلگەن بىر غەشلىكتىن قۇتۇلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ، بۇ سۆزلەرنى يۈرىكىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ  دېدى، راستىنلا ئۇنىڭ دىلى يورۇپ قالغان ئىدى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



ـــ بالام، مەن ساڭا دادا ئورنىدا، مەن تاپقان مۇشۇ بايلىقتا ئەلۋەتتە سېنىڭمۇ ھەققىڭ بار. نەچچە يىللاردىن بېرى ساڭا ئېغىز ئاچماسلىقىمدىكى سەۋەبنىڭ بىرى سېنى كىچىك كۆرگىنىمدە،ـــ دېدى تۆرەم باش چۆكۈرۈپ ئولتۇرغان سادىقنى ئالدىرىتىپ. سادىق گەپ قىلمىغانسېرى ئۇنىڭ ئىچى يەنە سىقىلىپ،تىنىپ قالغان كۆڭلىگە يەنە ئېزىتقۇ ئارىلاشقىلى تۇرغان ئىدى: «بۇ شەمۇ شە يۈرۈپ جىق ئىش كۆردى، مال-بايلىقنىڭ  جىننىمۇ ئۇسسۇلغا سېلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدى، 5-6 يىل يوقاپ كېتىپ نېمە دەپ يەنە پەيدا بولۇپ قالدى؟ ئەلۋەتتە ئۆز ئۈلۈشۈمنى ئالىمەن دەپ كەلگەن-دە! بۇمۇ بوش بالا ئەمەسكەن، شۇنچە يىل جىم يېتىپ بۈگۈن:‹تېرە خالتىنى ئالغىنىڭنى مەن پالانى چاغدا كۆردۈم› دېيىشىدە بىر گەپ بارمۇ نېمە؟... بوپتۇلا، ئالسا شۇ ئالتۇننى ئالار، مەنمۇ ئاز ۋەج تاپمىدىم، بالىلىرىمنىڭمۇ قولى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان بولدى. بايلىقمۇ، ئىناۋەت- ھۆرمەتمۇ تېپىپ بولدۇم، ئەمدى ماڭا نېمە كەم؟...»

ـــ مېنىڭ سېلىدە ھېچقانداق ھەققىم يوق، تۆرەم. مەن بايىمۇ شۇنداق دېگەن...ـــ دېدى سادىق چوڭقۇر بىر خىيال بىلەن.

ـــ ياق بالام، مېنى نېمە بولسۇن دەيسەن؟ ئۆمۈر بويى خاتىرجەم بولماي ئۆتۈپ كەتسۇن، دېگىنىڭمۇ يا بۇ؟ سەن تۆمۈر تايتىن قاچان كەتتىڭ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئىچىم بىر قاراڭغۇلۇقتا قالدى...ـــ تۆرەم ئۇنىڭ جاھىل ھەم تەتۈرلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى،ـــ دېگىن، ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرىمەن؟ بۇنچىلىك كۆڭلۈمنىغۇ يەردە قويماسسەن ھە؟

ـــ تۆرەم، ماڭا كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەۋالغىلى قويسىلا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ، مەيلى ئۇ باي ياكى گاداي بولسۇن، ئۆزىگە چۇشلۇق ياشاش مىزانى بولىدۇ. مېنىڭ كاندىن چىقىپ كېتىپ باشقا يەرگە كېتىشىمدە مۇنداق سەۋەب بار.سېلىنىڭ ئاشۇ تېرە خالتىنى ئېلىپ كەتكەنلىكلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن،بىلمىدىم، زادىلا تىنچلىنالمىدىم.چۈشلىرىممۇ بۇزۇلدى... ھەتتا كۈپكۈندۈزدىمۇ كۆزۈمگە بىر نەرسىلەر كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدىم. سېلىگە ئامانەتنى جايىغا قويۇپ قويسىلا، دەي دېسەم، سېلىنىڭ دەردلىرىنى چۈشەنمىگەن يەردىمۇ ئەمەستىم، كاننىڭ نېمە بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى، قانچىلىك ئادەمنىڭ قوللىرىغا قارايدىغانلىقىنى بىلەتتىم...شۇڭا ئۇلار تەھدىت سالغاندىمۇ زۇۋان سۈرمىدىم.ئەمما ئۇلار كېلىلىۋەردى.يەنە شۇ پېتى ماڭسا بايلىقنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇلارغا دەپ قويىدىغاندە ك بولۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆھەربانۇمۇ گۇمانلىنىشقا باشلىدى.شۇڭا بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم،ماڭا مۇشۇنىڭدىن بۆلەك يول يوق ئىدى... شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن شەھەرلەرنى چۆرگىلىدىم،كۆرمىگەننى كۆردۈم،ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم. كۆڭلۈممۇ تىنچىپ قالدى ۋە بارا-بارا ئۇخلىيالايدىغان بولدۇم.كېيىن ئۇ ئىش ئېسىمدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى...ئەمما ئىسسىق سوغوقتا يۈرۈپ ئۆپكەمگە سوغوق ئۆتۈپ كېتىپتىكەن،تۇتقاقلىق بىر يۆتۈلۈمنى دېمىگەندە،خېلى ئوبدان يۈرگەنىدىم،ئەمما ئاخىرغا كەلگەندە،يەنىلا ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ماڭا نان بەرگەن مۇشۇ تاغدىن مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم، يەنە كېلىپ خوتۇن-بالىلىرىممۇ مۇشۇ يەردىكەن...

ـــ توغرا قىپسەن، بالام. تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز دەپتىكەن. كۆزۈڭ كۆردى، بۇ يەرنىڭ توپىسىمۇ ئالتۇنغا باراۋەر بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. تاغلار ئىلگىرىكىدىن كۆكەردى، كەلكۈنگە توسما ياسالدى، ئۆلۈم-يېتىممۇ ئاز، مالچىلارنىڭمۇ قولى پۇل كۆردى، كاننىڭ ئىشىمۇ ئاسان. ھازىرقى يېڭى ئۈسكۈنىدە قېزىلغان كۆمۈرنىڭ مىقدارىمۇ، سۈپىتىمۇ ياخشى. يەنە ئاسما تونىل پۈتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يول قىسقىرىدى، بىخەتەرلەشتى... مەن قېرىمۇ نىيەت - مەقسىتىمگە يەتتىم، ئەمدى قالغان ئىش سىلەر ياشلارغا قالدى.

ـــ راست، مۇشۇ نەچچە يىل ئىچىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ كېتىپتۇ... مەن سېلىنىڭ ئۇ بايلىقنى نەق جايىغا ئىشلەتكەنلىكلىرىنى، تاغلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ راۋۇرۇس ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ھەم بىلدىم. شۇڭا ئۇ بايلىقنى ئېسىمدىن چىقاردىم، ئۇنى قانداقتۇر بىر نىملەرنىڭ مۈلكى دېمەيدىغان بولدۇم. بەلكى شۇ بايلىقلارنى تەقدىر بىز تاغلىقلارنىڭ كۈنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېلىنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئىشلەتكەندۇ؟... نۇرغۇن ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى، ئىلگىرىكىدەك قورقۇپ-تېنەپمۇ كەتمەيمەن. ياقا يۇرتتا يۈرۈپ شۇنى بىلدىمكى، پەقەت بىر ئىشقا توغرا قاراشنى، توغرا مۇئامىلىدە تۇرۇپ، كەڭ قورساق بولۇشنى بىلسىلا، نەدىلا بولمىسۇن بەختلىك ھەم خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدىكەن... بۈگۈن ئالدىلىرىغا كىرىشىمدە مۇنداق بىر تەلىپىم بار ئىدى، دېسەم بولارمىكىن؟ـــ دېدى سادىق سەل خىجىل بولغاندەك.

ـــ بولىدۇ، قېنى دېگىن...ـــ دېدى تۆرەم قاتتىق تەسىرلىنىپ.

ـــ مېنىڭ كانغا كىرىپ ئىشلىگۈم بار ئىدى.

ـــ نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، كان ساڭا ياتمۇ؟ ۋاقتى كەلسە ئۇ سېنىڭ، بالام.

ـــ سىلىگە رەھمەت، تۆرەم، ئەمىسە مەن چىقاي.

ـــ سېنىڭ باشقا گېپىڭ يوقمۇ زادى؟ مەندىن تەلەپ قىلغىنىڭنى ئالالايسەن، سادىق. مەن ھەرگىز ياق دېمەيمەن.

ـــ مەن بايا كاندا ئىشلەپ قېلىش تەلىپىمنىلا دېدىم، ھازىرچە بۇندىن باشقا تەلىپىممۇ يوق...

 ـــ ئۇنداق قىلما بالام، قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيت، پۇل لازىممۇ؟ ئالتۇنمۇ؟ ياكى كانمۇ؟...

ـــ ياق، ماڭا ھېچنېمە لازىم ئەمەس، لازىم بولغاندا ئالدىلىرىغا كىرىمەن، تۆرەم. مەن چىقاي. 

ـــ تېخى بالدۇرغۇ؟...

ـــ قايتاي، گۆھەربانۇ ئەنسىرەپ قالمىسۇن.

تۆرەم ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان سادىقنى تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنى دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى.

ـــ ئەمىسە قانداق ئىشلىرىڭ بولسا ھايتلا دېگىن، مېنى يات كۆرمە، بالام.

ـــ ماقۇل... بولدى، كىرىپ كەتسىلە، ھېلىمۇ سېلىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم.

ئۇلار شۇنداق تەكەللۇپلار بىلەن خوشلاشتى، تۆرەم تۈن قاراڭغۇسىدا غايىب بولغان سادىقنىڭ ئاياغ تىۋىشىغا قۇلاق سېلىپ ئىچى قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك، خېلى ۋاققىچە شۇ ھالدا تۇرۇپ كەتتى. ئۇ سادىقنى بوش چاغلاپ قالغان، ئۇنىڭ ئالتۇندەك ساپ ھەم غۇبارسىز يۈرىكىنى شۇ چاغقچە چۈشەنمەي كەلگەن ئىدى.

ـــ بىر يات ئادەمنىڭ ئالدىدا ئەجەب سىلكىپ كەتتىلىيا مېنى؟ ـــ تۆرەم ئۆيگە كىرگەندە ئورۇنغا كىرىپ ياتقان ھەسەلخېنىمنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە دۇچ كەلدى،ـــ مەن يا كىچىك بالا بولمىسام؟ ـــ خوتۇنىنىڭ ئاچچىق سۆزلىرىگە، يىغىدىن قىزىرىپ تېخىمۇ ساڭگىلاپ كەتكەن قاپاقلىرىغا قاراپ بىردەم ھاڭۋېقىپ قالغان تۆرەم،شۇندىلا بايا سادىق بىلەن قاتتىق «مۇڭ»غا چۈشۈپ كەتكەندە، ئەمەسلا ۋاقىتتا كىرىپ داستىخاندا ئولتۇرغان خوتۇنىنى سىلكىشلەپ چىقىرىۋەتكىنىنى ئەسلىدى. بايا زىيادە جىددىيچلىكتە تۇرغاچقا، ئەزەلدىن خوتۇنىغا مۇلايىم بۇ ئادەم، ئۇنى سەتلەپ، قوغلاپ چىقىرىۋەتكىنىنىمۇ تۇيمىغان ئىدى.

ـــ خاپا بولماڭ، خوتۇن، بايا سەل جىددىيلىشىپ قاپتىمەن،ـــ دېدى ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ. ھەر قانداق جانغا تاقىلىدىغان ئىش بولغاندىمۇ ۋەزمىنلىكىنى ساقلاپ قالىدىغان تۆرەمنىڭ «جىددىلىشپ» دېگەن گېپىگە ھەيران بولغان ھەسەلخېنىم بېشىنى كۆتۈرۈپ: «نېمە ئىش بولغان جىددىيلەشكۈدەك؟» دېگەن مەنىدە ئېرىگە قارىدى. كۆزلىرىدىن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىمۇ شىپپىدە توختىغان ئىدى. ئەمما تۆرەم شۇنداق دەپلا يېشىنىپ ئورۇنغا كىرىپ ياتتى. تۆرەم ئادەتتە ئەرلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ تۇرىدىغان مۇزاكىرىنى زادىلا خوتۇنىغا دەپ ئولتۇرمايدىغان بولغاچقا، ھەسەلخېنىممۇ كوچىلاپ يۈرمىدى، لېكىن ئېرىنىڭ خېلى چاغلارغىچە ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ، ئۇخلىيالماي ياتقىنىغا قاراپ، سادىق بىلەن تۆرەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بىر سىرلىق  مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. سەلىمگە تۇرۇپلا بىر مۇنچە پادا، يەر ھەم يايلاق ئايرىپ بەرگىنى، ئاكا-ئۇكا ئىككىسىگە، ھەتتا ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىغا، بالا-چاقىلىرىغا پەرقلىق يول تۇتۇشلىرى، بۈگۈنكى كېچىدە سادىق بىلەن بولغان سۆھبەتتە تۆرەمنىڭ ئۆزىنى:«چىقىپ كېتىڭ، خوتۇن كىشىگە نېمە بار ئەر كىشى ئولتۇرغان يەردە!» دەپ ۋارقىرىغىنى، تېخى بۇ ۋارقىراشلىرىنى بىلمىگۈدەك ھالدا جىددىيلىشىشلىرى... ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي، گۇمانىنى تېخىمۇ قوزغىدى. خۇددى ئېرىنىڭ قۇيرۇقىنى بۇ كىشىلەر قانداقتۇر بىر باھانە-سەۋەب بىلەن چىڭ تۇتۇۋالغاندەك، تۆرەمنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا يىپ ئېشەلمەيدىغان قىلىپ قويغاندەك تۇيۇلۇپ، سادىققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلىكى كېلىپ كەتتى...

11



داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0