大数跨境

🧡بوپ كەتتۇق

🧡بوپ كەتتۇق aybarawazi
2022-10-08
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

بوپ كەتتۇق 


ماھىرە ھاجىئەكبەر


ئۆگزىلەردىن ئاسماننى مارايدىغان بوپ كەتتۇق،

شاماللاردىن تىۋىشنى سورايدىغان بوپ كەتتۇق!

دوست -دۈشمەننىڭ يولىغا قارايدىغان بوپ كەتتۇق،

ئۈندىداردا بۇلبۇلدەك سايرايدىغان بوپ كەتتۇق.

يىراق بولسا كىشنىشەر،يېقىن بولسا چىشلەر دەپ،

ئۆچىمىزنى ئۆيدىن ئېپ قاينايدىغان بوپ كەتتۇق،

بۇغداي ئارپا ئاش بولۇپ،ئۈنچە مارجان تاش بولۇپ،

تاللاپ يىگەن نانلارنى تالايدىغان بوپ كەتتۇق!

توڭلاتقۇنى نەچچە رەت مارايدىغان بوپ كەتتۇق،

بىر پىيازنى تۆت كۈنگە توغرايدىغان بوپ كەتتۇق.

ئورۇقلايمىز دەپ قويۇپ،كۇندە تۆت ۋاق يەپ قويۇپ،

مۆشۈك بىلەن بەسلىشىپ ئۇخلايدىغان بوپ كەتتۇق.

سورۇن تۈزۈپ توپلاردا توۋلايدىغان بوپ كەتتۇق،

تاشلىۋەتكەن تۇغقاننى يوقلايدىغان بوپ كەتتۇق.

يانجۇقتىكى پۇللارنى سانايدىغان بوپ كەتتۇق،

ئىسراپ قىلماي سۇنىمۇ ئاسرايدىغان بوپ كەتتۇق!

ئورمانلارنى باغاشلاپ چۈشەيدىغان بوپ كەتتۇق،

بىللە بولغان چاغلارنى كۆشەيدىغان بوپ كەتتۇق.

تەبىئەتكە توۋۋا قىپ يىغلايدىغان بوپ كەتتۇق،

ھىجرانلارنىڭ قەلبىنى تىلغايدىغان بوپ كەتتۇق!

مىھنەت قىلغان چاغلارنى ئويلايدىغان بوپ كەتتۇق،

پاكىز تېپىپ ئاقچىنى جۇغلايدىغان بوپ كەتتۇق،

ئاققان سۇدەك ئۆمۈرنىڭ تامچىسىنى قەدىرلەپ،

مۇھەببەتلىك كۆزلەرگە تويمايدىغان بوپ كەتتۇق...




ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەرمۇ  ئېلان چىكىپ قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 

قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k