
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
19-قىسىم
ـــ مەن بىر تاشلاندۇق بالا...مېنى بۇ دۇنياغا كىملەرنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلار يوق...بىلىشىمچە،بېقىۋالماقچى بولۇپ،بىرنەچچە ئائىلە مېنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەتكەنىكەن،ئەمما ھېچ ۋاقىت بولمايلا،ئۇلار ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يولۇقۇپتۇ.بۇنىڭ بىلەن مەن باشقىلارغا نىسبەتەن ئايىقى قۇرغاچ،نەگە دەسسىسە شۇ يەرنىڭ ئوت سۇلىرى قۇرۇپ قالغۇدەك دەرىجىدىكى ئالۋاستى سانىلىپتىمەن.خۇددى شۇنداق ئىكەنلىكىنى دەلىللەۋاتقاندەك، مەرەم ئانام مېنى ئۆيىدە ئېلىپ قېلىپ،ئىككىنچى كۈنى بولغاندا،پۈتۈن مەھەللىدە يەر تەۋرەش بولۇپ،ئۆلۈم يىتىم،ئاغرىق سىيلاق بوپتۇ.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ سەۋەبىنى ئەلۋەتتە مېنىڭدىن كۆرۈشۈپتۇ.مانا شۇ سەۋەبتىن، كىچىكىمدىنلا باشقىلار بىلەن ئارلىشىشتىن قورقاتتىم.ھەر قېتىم سىرتقا چىقسام ماڭا سانسىز كۆزلەر كەمسىتىش،نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك نەزەرىدە تىكىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.ئەمما مەن ئۇلارنىڭ،ماڭا غەيرىي نەزەردە قاراشلىرىغا كۆنۈپ كەتكەنىدىم.ئەڭ چوڭ ئىقتىدارىم كەمسىتىشكە بەرداشلىق بېرىش ئىدى.توخۇ يۈرەك ئىدىم.چۈشكۈنلۈك،ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرۈش،غەمكىنلىك مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە باشتىن ئاياق سىڭىپ كەتكەنىدى.ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئەتراپىمدىكى قايسىدۇر بىرلىرىگە ئاپەت ۋە بالاقازا يەتكۈزۈپ قېلىشىمدىن خۇدۈكسىنىپ،ھامان ئادەملەردىن يىراق تۇراتتىم...بۇ ئىشلىرىمنى سېزىپ قالغان مومام تولىمۇ خاپا بولۇپ كېتەتتى،ۋە كۆڭلۈمنى كۆتۈرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەر،ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى.«كېسەل،ئاغرىق سىيلاق،يەر تەۋرەش،دېگەنلەر سەن تۇغۇلماستىمۇ بار ئىدى،ھازىرمۇ بار،بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بولىدۇ،ئۇ ھېچكىمنىڭ قاياشىغا باقمايدۇ.ھېچكىم بىلەنمۇ مۇناسىۋېتى يوق.شۇنداق تۇرسا،سەن قانداقسىگە،ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ يامان كۆرىسەن؟بۇنداق قىلىش،بۇنداق ئوي ئويلاشمۇ ئېغىر خاتا....دەيتتى ئۇ.مەرەم ئانام، ئوچۇق يۇرۇق ئايال ئىدى.ئۇنىڭ ماڭا بېغىشلىغان ئالەم كەبى مېھىر مۇھەببتى،مەندىكى بارلىق تەشۋىشلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايتتى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولسام دەپ ئويلايتتىم.
بىز مۇھتاجلىق ئىچىدە،توغرىسى كىشىلەرنىڭ مەسخىرىلىرى ئىچىدە 17 يىلنى بىللە ئۆتكۈزدۇق.ئانام بىچارە «سېنى ئوقۇتۇپ،چوقۇمكى،ھېچكىشىگە مۇھتاج قىلمايدىغان ئادەم قىلىمەن،» دەيتتى...ئەمما ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي،ئۇ، تۈگەپ كەتتى.بۇنىڭ بىلەن قەلبىمدىكى بىردىن بىر يۇرۇقلۇق ئۆچكەندەك،يۆلەنچۈكۈم غۇلاپ چۈشكەندەك بولۇپ قالدىم،مېنى تېخىمۇ غېرىبلىق چىرمىۋالدى.مەكتەپتىن ھەر كۈنى يەككە-يىگانە ئۆيگە كېلىمەن. ئەمما ئالدىمغا كۈلۈپ چىقىدىغان مومام يوق، ئۆيلەر پۈتۈنلەي چۆلدەرەپ كەتكەن... بىر كۈنى بىر كىشى: «مەن سىزنىڭ دادىڭىز» دەپ ئالدىمغا كەلدى. مەن ئۇنىڭ دادام ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم، چۈنكى مەن ئۆمرۈمدە بىر دادامنىڭ بارلىقىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايتتىم. ئەمما ئۇ كىشىنىڭ بارلىقىنى مەرەم ئانام ماڭا ئىزچىل تاپىلاپ كەلگەنىدى. « ئىنسان تۈگۈل ھەتتا چۈمۈلىگىمۇ ئازارى يەتمەيدىغان ئېسىل ئادەم،قاراپ تۇر،مېنىڭدىن كېيىن قالساڭ،ئۇ يېتىپ كېلىپ،ساڭا ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ»، دەيتتى ئۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن ئۇ كىشىنى دادام دەپ بىلدىم. دادامنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغاچقا ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر ئۈمىد بىلەن، ئەمدى مېنىڭمۇ دادام بارغۇ، دېگەن بىر خۇشاللىق بىلەن بۇ تاغقا كەلدىم...دېگەنكىدەك، سادىق دادام ماڭا ياخشى قارىدى، مېنىڭ گاراڭلىققا پاتقان دىلىمغا زەررىچە بولسىمۇ ئاتىلىق مېھرىنى بەردى، لېكىن دادام بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىم دادامنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا توغرا كەپتىكەن. مەن كېلىپ ئىككى يىل بولمايلا، دادام كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتتى. ئاشۇ ئىككى يىللىق ياخشى كۆرۈش، مېنى قىزىدەك يېنىغا تارتىش، ئۆزى سالغان ئاشۇ ئۆينى سېنىڭ ئۆيۈڭ دەپ ئىشەندۈرگىنىدىن باشقا، دادامنىڭ مەن ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئەڭ چوڭ بىر ئىشى مېنى دادىڭىزغا دەپ يۈرۈپ بۇ يەرنىڭ مۇئەللىملىكىگە ئورۇنلاشتۇرغىنى بولدى...شۇنداق قىلىپ، مەن مۇئەللىم بولدۇم، گەرچە بۇ دۇنيادا مېنىڭ يەنە كۈلۈپ قارايدىغان بىرەر ئادىمىم قالمىغان بولسىمۇ، مىنى:«مۇئەللىم» دەپ چاقىرىدىغان بالىلىرىم بار ئىدى...ئەمما مەن مۇئەللىم ئاتالغىنىم،كېچە كۈندۈز تىنىم تاپماي ئىشلىگىنىم بىلەن،تېخى ھېچقاچان قولۇم بىلەن تۇتۇپ، مائاش ئېلىپ باقمىدىم. ئۆزۈم ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم ئېلىپ كەيمىدىم. ئۆزۈم ئۈچۈن كۆڭلۈم تارتتى، دەپ بىر قاچا ئىسسىق تاماق ئېلىپ يەپ باققان بولسام كاشكى!...شۇنداقتىمۇ، مەن كۈنلىرىمگە بوپتۇلا، قىلدىم،چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ، قىسمىتىم مۇشۇنداقلا پۈتۈلۈپ كەتمەس،دەپ ئۆزۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلدىم. ئويلىغىنىمدەك، ماڭا سىز بىلەن توي قىلىشنىڭ خۇش خەۋىرى يېتىپ كەلدى. «ساڭا خۇش خەۋەر! تۆرەملاردىن ئەلچىلەر كەلدى! سەن رەشىدبەگ بىلەن توي قىلىدىكەنسەن!» دەپ ئۆگەي سىڭلىم يېنىمغا ئاتايىتەن كەلگەندە نە خۇشال بولغىنىمنى، نە ئۈمىدسىزلەنگىنىمنى بىلمەي قېتىپ قالغان ئىدىم. ئۇ سىزنى باي، دۆلەتمەن، دىيانىتى كۈچلۈك، ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدۇ، يېزىدىكى ئەڭ چوڭ باي... دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختايتتى. مەن ياق دېيىشنىمۇ بىلمىدىم، ھەئە دېگىنىممۇ يوق، لېكىن بۇنداق توغرىسىغا كەلگەندە، مېنىڭدەك يېتىمەكنىڭ ياق ياكى ھەئە دېيىشىنىڭ ئەتىۋارى يوق ئىدى... بىز توي قىلدۇق، لېكىن مەن قىز چىقمىدىم... نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم... مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئىشىنىدىغان ھېچقانداق ئادەم يوق... ماڭا بۇ ئاھانەتنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل... ياق، زادىلا كۆتۈرۈپ يۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن... مەن شۇ چاغقىچە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مۇزدەك سوغوق نەزىرى ئاستىدا ياشىدىم. يۈرىكىم ھەر قاچان:«ئېھتىيات قىل، ئېھتىيات قىل» دەپ مۇجۇلۇپلا كەلدى. ئەمما مەن يەنە بىر مۇنچە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىگىمۇ ئېرىشتىم، ئۇلار مەندەك ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر تاشلاندۇققا ئىلتىپات كۆرسەتتى. قولىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقىنى ئايىمىدى. دادىڭىزدەك، سادىق دادامدەك، مېنى ھاياتى بىلەن قوغداپ قالغان بوۋامدەك، مومامدەك ئادەملەر... ئۇلارغا تۈزۈكرەك ئىش قىلىپ بەرگىنىم يوق. ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنىمۇ قايتۇرغۇدەك پۇرسەت ماڭا نېسىپ بولمىدى... سىزدىن ئۆتۈنەي، مېنى قوغلىۋەتمەڭ، بىر ئائىلىگە بىر مالايمۇ لازىم بولىدىغۇ؟ مەن مالاي بولۇپ، دادىڭىزنىڭ، ئانىڭىزنىڭ ھەم سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولاي. دادىڭىز ھەم سىز نەزىرىمدىكى ئۇلۇغ كىشىلەر، سىلەرگە بىر ئۆمۈر مالاي بولغىنىمنى بەختىم دەپ بىلەي! مېنى يەرگە قاراتماڭ!....
سەلىمە بۇقۇلداپ يىغلىدى، تولا يىغلاۋېرىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىلا ئەمەس، ئاپپاق يۈزلىرى ئىششىپ كەتكەندەك ياشلار بىلەن پارقىراپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ نىمجان ئاۋازىدىن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئامالسىزلىق چىقىپ تۇراتتى. سۆز ئاھاڭى شۇنچىلىك ھەسرەتلىك ئىدىكى، رەشىدنىڭ يۈرىكى جىغغىدە ئېچىشىپ كەتتى. قىزلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە ئەزەلدىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلگەن رەشىد شۇ ھالدا ئىختىيارسىز تەڭلىكتە قالدى، ئۇنىڭ سەلىمەگە ئىچى ئاغرىدى، ھېچقانداق بىر ئاجىز ئۇنىڭغا بۇنداق يالۋۇرۇپ باقمىغان ئىدى...شۇ ئېنىقكى،ھەممە ئىش ئاخىرلاشقان ئىدى.تۈكۈرگەن ،تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا قايتا ئېلىش ئەركەكنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.ھەم بۇ ئۆمۈرلۈك ئىشمۇ،كەڭ قورساقلىققا،مەرتلىك،ھېسداشلىققا تايىنىپلا،ھەل بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.«ساڭا ئوخشاش بىر ئوغۇل بالىنىڭ،كۆمسەم پىشارمۇ،ياپساممۇ،دېگەنكىدەك،ئىككىلىنىپ تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا يارامسىزلىق»دەپ ئويلىدى ئۇ.شۇ قىسقا ۋاقىت،ئۆزى ۋە بۇ قىز توغرىسىدا ئويلۇنۇپ كۆردى.ناۋادا،ئىشلار،سەلىمەنىڭ يالۋۇرغىنىدەكلا بولسا،ئۇ،ئۆز شانشەرىپى ۋە ئار نۇمۇسىنىڭ چوڭ كىچىك كوچىلاردىكى غەيۋەت تېمىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.بۇلارنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس،ھۆرمەتلىك ئائىلىسىگىمۇ كەلتۈرىدىغان ھاقارىتى،مۇنۇ قىزنىڭ ساداقەتسىزلىكى كەلتۈرگەن، ئار نۇمۇس،غەزەب بىئارامچىلىقتىنمۇ ئارتۇق ۋى چىداپ تۇرغۇسىز ئىدى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
__ ياق!__ دېدى رەشىد قاپىقىنى تۈرۈپ.شۇنداق دەپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.پۇتلىرى بوسۇغىدىن ئاتلىدى،نېمىشقىكىن،ئاشۇ چاغدا قاتتىق ئازابلاندى، دەرھال قايتىپ كىرىپ كەتكۈسى، بىر كېچىدىلا پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتكەن بۇ بىچارە قىزغا تەسەللىي بەرگۈسى، «سىزنى كەچۈردۈم» دېگۈسى كەلدى. لېكىن ئۇ ھېچقايسىسىنى قىلالمىدى... ئۇدۇللا چىقىپ كېتىۋەردى...
رەشىد بىلەن سەلىمەنىڭ گېپىنى ئوغۇرلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنۇپمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئورۇق يەڭگە، چىقىپ كېتىۋاتقان رەشىدنىڭ مۇزدەك سوغوق چىرايىدىن ھەممىنى پەملەپ ئۈلگۈردى... دىمەك، سەلىمە رەت قىلىنغان ئىدى.
5
سەلىمەنىڭ،رەشىدكە باغلانغان بارلىق مېھىر ئوتى بوراندا قالغان شامدەك ئۆچۈپ،يۈرىكى بىراقلا مۇزلىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىرادىسىنى، غۇرۇرىنى شۇ قەدەر سۇندۇرغان بۇ ئەرنى ئۆلسىمۇ ئۇنۇتمايدۇ...ئۇنىڭ قەلبىدە تۇنجى قېتىم بىر ئەرگە، رەشدكە ئاجايىپ يىرگىنچلىك نەپرەت پەيدا بولدى...
ئارىدىن يەنە نەچچە سائەت ۋاقىت ئۆتتى، سەلىمە سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە يەنە نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ ھۆكۈمنى كۈتۈپ ئولتۇردى
مومىسى زېرىكىشلىك تۈنلەردە، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئرادە بېغىشلايدىغان سۆزلەرنى قىلاتتى ....
«بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ئائىلىنىڭ پەقەت بىرلا ئېتى بار ئىكەن. ئۇلار بۇ ئات بىلەن يەر ھەيدەيدىكەن، ئوتۇن ئەكىلىپ ساتىدىكەن، بارلىق تىرىكچىلىكى مۇشۇ ئاتقا باغلانغان ئىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئات تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر قاتتىق ئازاب ھەم ئۈمدسىزلىككە چۆمۈپتۇ. قانداق ئىزدىگەن بولسىمۇ ئات تېپىلماپتۇ، ئۇلار ئېتىنى ئوغۇرلىغان ئوغرىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چىلان تورۇق تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قاپتۇ. يەنە كېلىپ ئۇ يالغۇز ئەمەس، يەنە بىر بايتالنىمۇ بىللە باشلاپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئائىلە كىشىلىرى قاتتىق خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ. بىر جۈپ ئات قۇلۇنلاپ چىرايلىق تايچاقمۇ چوڭ بولۇپتۇ.
بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ 18 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلى بولۇپ، تايچاقنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالا تاينى مىنىپ كېتىۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپتۇ-دە، بىر پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ. يالغۇز ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پالاكەتتىن بوۋاي- مومايلار قاتتىق ھەسرەت چېكىپتۇ. قاتتىق ھەسرىت چىكىپتۇ . لېكىن ئوغلى ئورنىدىن خېلىغىچە تۇرالماپتۇ. شۇنداق كۈنلەردە بۇ يۇرتقا ياۋ باستۇرۇپ كېلىپ، پۈتۈن يۇرتتىكى ساغلام ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇشقا ئاتلىنىپتۇ. يىگىتنىڭ پۇتى سۇنغان بولغاچقا ياۋ بىلەن بولىدىغان جەڭگە كىرەلمەپتۇ. نەتىجىدە جەڭچى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇرۇشتا قىرىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، پەقەت مۇشۇ يىگىتلا ئامان قاپتۇ. كۆپ ئۆتمەي پۇتىمۇ ساقىيىپتۇ، يۇرتتا قالغان قېرى-چۆرە ھەم ئۇششاق بالىلارغا باش بولۇپ يۇرتنى قايتا قۇرۇپتۇ...»
بۇ ھېكايە ھەر قاچان سەلىمەگە ئاجايىپ چوڭ تەسەللىيلەر بېرەتتى. ھەر قېتىم باش كۆتۈرەلمىگۈدەك كۈلپەتكە قالغاندىمۇ، مۇشۇ ھېكايە ئۇنىڭ ساپ، ساددا دىلىغا: « چىدىغىن، چىدىساڭلا، بىر كۆڭۈلسىزلىكتىن كېيىن، يەنە بىر خۇشاللىققا ئېرىشىسەن...» دېگەندەك بىلىنىپ، ئۆزىچە قانائەتلىنىپ قالاتتى. غەيرەتلىك بولۇش، خورلىنىش، بوزەك بولۇش، غېرىبلىق، ھىمايىسىزلىق... ئۇنىڭغا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ،ئۇزاق يىللىق بۇ ئايىغى چىقماس كۈلپەتنىڭ ئۆزىگە قانداق پەۋقۇلاددە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇ ئەسلىيەلمەيتتى.
توغرا، ئۇ دەل ئىگىسىز، يېتىم بولغاچقا، مومىسىدەك ئېسىل ئايالنىڭ تەربىيەسىدە بولالىدى. گۈر–گۈر گۈركىرەپ تۇرۇپ ئۇلارنى قانىتى ئاستىغا ئالىدىغان ھېچقانداق پاناھى بولمىغاچقا، ھەممىگە چىدايدىغان چىدام-غەيرەت بىلەن ئۆزىنى تاۋلىدى. ياۋاش، مۇلايىم بولدى، يولدىن زادىلا چىقمىدى... ھېچقانداق ئادەمنىڭ دىلىنى يامان سۆز ياكى شىكايەتلەر بىلەن چىگىپ قويمىدى... مەكتەپتىن قېلىپ، مومىسى كېتىپ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋىدى، يەنە تۇيۇقسىزلا سادىق: «مەن داداڭ» دەپ ئالدىدا پەيدا بولىۋېدى.ئۇنىڭغىمۇ،خوپ،دېدى.سادىق دادىسى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغىنى يوق،ھەتتا ئۆگەي بولسىمۇ شۇ گۆھەربانۇ ئاپىسى ئۇنى ئۆيىگە پاتقۇزدى، مانا ئاشۇ ئۆيدىكىلەر،يارىشىقىنى بېرىپ، ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويدى.لېكىن شۇنداق بىر كۆڭۈلسىز توي بولدى. توي ئەمەس، ئۇنىڭ سازايى قىلىنىدىغان كۈنى بولدى...
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




