大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 20ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 20ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-07
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19






جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


20-قىسىم


سەلىمە،بۈگۈنكى كۈندە يۈز بەرگەن،بۇ قېتىمقى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ھېچقايسىسىنى ياخشى تەرەپكە جۆرۈپ،تۇرۇپ،ئويلىيالمىدى.ھەم زادىلا جۆرىگىلى بولمايۋاتاتتى.بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدا،ئۈمىدلەنگۈدەك ھېچقانداق نەرسە يوق.ئۇ مەرەم ئانىنى سېغىندى.ئەزەلدىن ئۇنى،ھازىرقىدەك سېغىنمىغان ئىدى.ئۇ،مەرەم ئانىنىڭ دانا سۆزلىرىنى،ئۆز ئۆزىگە،ھايۋانلارغا،قۇشلارغا توختىماي گەپ قىلىدىغان كۈلكىلىك قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى،ئۇ ھەر قېتىم بىر پالاكەتچىلىككە يولۇققاندا،ھەمىشە مەرەم ئانىنىڭ تۇيۇقسىز ئالدىدا پەيدا بولۇشىنى ۋە بۇرۇنقىدەك،كۆڭۈلنى كۆتۈرگۈچى تەسەللىلىرى بىلەن ئۆز باغرىغا ئېلىشىغا تەشنا بولاتتى.ئەمما ھازىر يېنىدا،مەرەم ئانا يوق،ئۇ زادى قاندقا قىلار؟بۇ قورقۇنچلۇق رېئال تۇرمۇشقا يۈزلىنىشكە بەردابەرداشلىق  بەرگىلى بولامدۇ يوق؟سەلىمە،ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن،ئارقا-ئارقىدىن،بىر بىرىدىن كۆڭۈلسىز،بىر بىرىدىن ئۈمىدسىز ۋە ئېچىنىشلىق بەختسىزلىكلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ،ئىزىدا ئۈنتىنسىز ئولتۇراتتى.

«بەخت»ئۇ زادى قانداق نەرسىدۇ؟تۇتقىلى،كۆرگىلى بولامدۇ؟سەلىمەدەك بىر قىزبالىنىڭ «بەخت»كە ئىنتىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ قورقۇنچلۇق خاتالىقمۇ قانداق؟بولمىسا،بۇنچە ئايىقى چىقماس،بەختسىزلىكلەر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرمەستى؟شۇنداق ئەمەسمۇ، شۇنچە يىل تارتىپ كەلگەنلىرى ئاز بوپ قالغاندەك، مانا ئەمدى ناھەقلا، تۇيۇقسىزلا «شەرمەندىچىلىك، ئەخلاقسىزلىق، نومۇسسىزلىق، بۇزۇلغانلىق...» دەردى قوشۇلدى. پاكلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بىر قىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، بەختىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇنمۇ؟ناۋادا،شۇنداقلا بولسا،يەنى بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ھېچقانداق خۇشاللىقى، ئۈمىد ھەم ئارزۇسى بولمىسا، ھېچنېمىسى ھەم كاپالەتكە ئىگە بولمىسا،قاملىشىپ،ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا تارتىشىپ تۇرىدىغان ھېچقانداق نەرسىسىمۇ قالمىسا...بۇ ئادەمنىڭ يەنە داۋاملىق تىرىشىپ-تىرمىشىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟...

سەلىمەنى ئاجايىپ كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك چۇلغىۋالدى. شۇنداق، ئەمدى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا يەنە ياشىشىنىڭ زادىلا زۆرۈرىيىتى قالمىغان ئىدى... ئۇ ئۆز ئىستىقبالىنىڭ ۋە پۈتۈن ھاياتىنىڭ تامامەن ۋەيران بولغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا ناھىيە بازىرىدىن تۆت كىلومېتىر نېرىسىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن ئاق تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى، تاغ ئېتىكىنى بويلاپ لۆمشۈپ ئاقىدىغان دەريانىڭ مۇزدەك سالقىن شاۋقۇنلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ سەگەكلىشىپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دە، ئىشىكنى ئاچتى. ئەمما ئىشىك قاچانلاردىدۇر بىرلىرى تەرىپىدىن سىرتتىن قۇلۇپلىۋېتىلگەن ئىدى. ھەتتا دېرىزىنىڭ قوپال پولات چىۋىقلىرىمۇ خۇددى رەھىمسىز قاراۋۇللاردەك مەزمۇت، پۇختا تۇراتتى. قىز ھەسرەت بىلەن ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە قاراپ كەتتى، ئىشىك ھەم دېرىزىدىن باشقا بۇ ئۆيدە يەنە چىقىپ كەتكۈدەك بىرمۇ تۆشۈك يوق ئىدى:

ـــ  ئاھ، يەر، يېرىلغىن! مېنى باغرىڭغا ئەكىرىپ كەت!..ـــ سەلىمە مۇزدەك سوغوق يەرنى تىلغاپ، چىدىغۇسىز بىر ئازاب ئىچىدە ھۆركۈرەپ يىغلىۋەتتى...

6

رەشىد دەرۋازىدىن چىقىۋاتقاندا، ئاكىسى ئىبراھىم ئالدىراپ كىچىك ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كەلدى. ئۇ مۇھىم بىر ئىش سەۋەبلىك جەنۇبقا كېتىپ تويغىمۇ قاتنىشالمىغان، شۇ تاپتا يۈز بېرىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكتىن تېخى خەۋەر تاپقۇدەك بولمىغانىدى :

ـــ تويغا قانچە ئۈلگۈرىمەن دېسەممۇ بولمىدى، ئۇ ياقتا ھايال بولۇپ قالدىم،ــ دېدى ئۇ ئىنىسى بىلەن كۆرۈشىۋېتىپ. رەشىدنىڭ چىرايىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى كۆرۈپ كۆڭلى بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تۇيدى،ــ شۇنچە تىتىلداپ كەتتىم، ئەمما بولمىدى... ئەمدى بولسىمۇ بارلىق ئىشلىرىڭنى قانات چىقىرىپ قىلىشىمەن ئۇكام، مەندىن خاپا بۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟... دادام، ئاناملارغۇ ياخشى تۇرغاندۇ؟

ــ ئۇلارغۇ ياخشى... بۇ يەردە سەن قاراشقۇدەك نېمە ئىشلار بار دەيسەن؟ شۇ تاپتىمۇ ھويلىدا قارىشىدىغان،تاماشا كۆرىدىغان ئادەملەر لىققىدە... رەشىدەدىن خەۋەر بارمۇ؟ـــ دېدى رەشىد، ئۇنىڭ تويدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئالدىراپ ئېغىزدىن چىقارغۇسى كەلمىدى. نېمىشقىدۇر سەلىمەنىڭ مىسكىن ئاۋازى ئۇنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويغان ئىدى.

ـــ نېمىسىنى دەيسەن ئۇكام... رەشىدە يوقاپ كەتكىلى ھەپتە بولماپتۇ، بىر يىل بوپتۇ... ئۇياقتىكىلەر بىزنى باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دەپلا ھازىرغىچە يوشۇرۇپتىكەن...ـــ ئىبراھىمنىڭ چىرايىدا تەگسىز بىر كۆڭۈلسىزلىك روشەن پارلاپ تۇراتتى،ــ ئانامغا، دادامغا قانداق ئېغىز ئاچارمەنكىن ئەمدى؟

ـــ نېمە دەۋاتىسەن ئاكا؟ رەشىدە يوقاپ كەتكىلى بىر يىل بوپتىما؟...ھەر قېتىم تېلېفون قىلسام ئۇ يەرگە چىقىپ كەتتى، بۇ يەردىن ھېلى كىرىدۇ دەپ... بىزدىن شۇنچە يوشۇرۇپ،بۇ ئۇلارنىڭ نېمە قىلىقىكەن زادى؟ جۈرە ئاكا،بولدىلا،شۇ ئۆيگىمۇ ھېلىغىچە كىرەرسەن، نېمە ئىش بولغىنىنى دەپ بەرگىنە؟ كەلسەم يوقكەنسەن، سورىسام رەشىدەنى يوقلاپ كەتتى، دېيىشتى... رەشىدەگە زادى نېمە بوپتۇ؟ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن،ــ رەشىد ئاكىسىنى سىرتقا تارتىپ ماڭدى،ــ «كارۋان»دا ناشتا قىلغاچ پارىڭىمىزنى قىلىمىز، شۇ تاپتا مېنىڭ ئىچ پۇشۇقۇممۇ بىرمۇنچە... 

ئۇلار چوڭ ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر تېز تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى. ئىبراھىمنىڭمۇ، رەشىدنىڭمۇ كۆڭلى پاراكەندى ئىدى.

__ دېگىنە ئاكا،رەشىدە نەگە كېتىپتۇ؟__ دېدى رەشىد مۇلازىم چاي قۇيۇپ كېتىپ قالغاندىن كېيىن تىت تىت بولۇپ.

ـــ سېنى توينى خاتىرجەم قىلىۋالسۇن دەپلا، ساڭا بۇ كۆڭۈلسىزلىكنى دېمىگەنتۇق، ئۇكام،رەشىدە... بەكلا ئەخمەقلىق قىپتۇ قارا...ـــ ئىبراھىم بىر نومۇسلۇق ئىشنى ئېغىزىدىن چىقىرالمايۋاتقاندەك يەنە جىمىپ قالدى.

ـــ ھە؟ئەخمەقلىق قىپتۇ؟قانداق ئەخمەقلىق؟...دېگىنە،يەنە گېپىڭدىن توختىۋالدىڭ ئاكا،بايا،رەشىدەنى،يوقاپ كەتكىلى بىر يىل بوپتىكەن دەمسەن؟ ئۇ قانداقسىگە يوقاپ كېتىدۇ؟يوقاپ نەگە كېتىدىكەن؟ــ دېدى رەشىد بىردىنلا جىددىلىشىپ.

ــ يوقاپ كەتكىلى بىر يىل ئەمەس،ھەتتا بىر يىلدىن خېلىلا ئېشىپتۇ، رەشىد... كىچىك ئاپاملار بىزدىن خىجىل بولۇپ دەرھال خەۋەر بېرەلمەپتىكەن.رەشىدە،ئۇ...بىر بالا بىلەن كېتىپتۇ...كېتىپ شۇ بىرەر ئايچە بولغاندا،رەشىدە ئۇ بالا بىلەن بىر يەردە ئوبدان تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ياز چىقىپ كەتسىلا يۇرتقا بېرىپ چوڭ توينى قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپتۇ... كىچىك ئاپاملار نومۇس قىلسىمۇ،رەشىدەنىڭ شۇ گېپىگە ئالدىنىپ، بىزگىمۇ خەۋەر بېرەلمەپتۇ،دېمەمسەن؟بىراق «ئاغرىقنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە»دېگەندەك،شۇ تېلفۇندىن كېيىن،رەشىدەدىن ئىككىنچىلەپ خەۋەر بولماپتۇ،شۇڭا كىچىك ئاپاملار،ئادەم ئەۋەتىپ بىز تەرەپنىمۇ تىڭ-تىڭلاپ بېقىپتۇ... كېيىن گۇاڭجۇ، شىنجىنغا ئادەم ماڭدۇرۇپ رەشىدەنى ئىزدىتىپمۇ بېقىپتۇ. ئۆتكەن يىلى كىچىك ئاپامنىڭ ئىنىسى بىزنىڭكىگە كېلىپ،بىر كېچە قونۇپلا،يەنە كېتىپ قالمىدىمۇ؟ ھە، شۇ چاغدىلا رەشىدەنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە خېلى زامانلار بولغان ئىكەن. 

ـــ نېمە دەيسەن ئاكا؟ ئۇ ئادەمنىڭ كەلگىنى دېگەن قاچانقى گەپ ئۇ؟ پۈتۈن سۈرۈك بىر ئادەمنىڭ نەگە، نېمە ئۈچۈن يوقاپ كەتكىنىنىمۇ دېمەي يىل ئۆتكۈزۋەتتى، دېگەن نەچە گەپ؟ بۇ ئىشتا بىر سەۋەب بارمۇ نېمە؟ ئادەمنى قورقۇتمىغىنە.

ــ ۋاي شۇنى دېمەمسەن...بەك ئەزۋەيلەي،دېسەڭ،ھازىر  كىچىك ئاپام، كىچىك دادام قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەسلا بولۇپ قاپتۇ. شۇ بىچارىلەرگە قاراپمۇ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ... 

__ ۋاي نىمىلەرنى دەيدىغانسە،رەشىدەنى ئالداپ كەتكەن قايسى ئىتنىڭ بالىسىكەن ئۇ؟!

__ بوش گەپ قىل،ئۇكام...رەشىدە تۈزۈك ئوقۇمىغان، ئۆزۈڭ بىلىسەن. يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىدا مەھەللىگە توك تارتىپ كەلگەن بىر يىگىت بىلەن ئىچ- پەش تارتىشىپ يۈرەركەنتۇق، لىكىن كىچىك ئاتاملار ناھايىتى خاپا بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئالاقە قىلىشىنىمۇ چەكلەپتىكەن،ئەمما بۇ قىزنىڭ بۇنداق بەڭباشلىق قىلىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسەن؟ ..

ــ ما قىزۋالىنى...ھە، قانداق بوپتۇ ئاخىرى؟

ـــ قانداق بولىتى،ئۇكام؟... بىر كۈنى كەچتە ئاشۇ بالا بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ...

ـــ ھە؟!...؟ نېمە دەيدىغانسەن ئاكا؟... رەشىدەنى... شۇنداق ئىشنى قىلالاپتۇ دېسە، ئادەمنىڭ ئەجەب ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكىنا؟...ئۇنىمۇ دەيمىز،بۇنىمۇ دەيمىز،ئىشقىلىپ ھەممىنى قىلغان ئاشۇ خەق، رەشىدەنى تۈزۈك ئوقۇتمىدى. قارا، ئاخىرى نېمە بولغان ھە؟!

ــ شۇنى دېمەمسەن... ئاڭلىسام،رەشىدە،كىچىك ئاتاملارنىڭ گېپىنى زادىلا ئاڭلىماس بولۇپ كېتىپتىكەنمىش.ئەسلى،ئوقۇشقا قىزىقمىغاندىكىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ھۈنەرگە بەرسىمۇ بولاركەن، ئاخىرى قارا مانا ئادەمنىڭ يۈزىنى سىيرىيدىغان ئىش بوپتۇ...

ئاكا-ئۇكا ئوغا يەۋالغاندەك ئاچچىق بولۇپ،بىدەم شۈكلەپ قالدى.ئۇلار قانداق ئويلىسىمۇ،ئاشۇ چىرايلىق،گۈل يۈزلۈك ئوماق سىڭلىسىنىڭ،ئاشۇنداق شەرمەندە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەلمەيتتى..

ـــ قانداق بولدى ئاندىن؟رەشىدە ھازىر نەدىكەن؟شۇنداقلا يېنىپ كەلمىگەنسەن ھە ئاكا؟ ـــ رەشىدنىڭ ئىچىدە كۈرمىڭلىغان پۇشايمانلار دەۋرەيتتى. ئېسىت، مۇشۇ نەس باسقۇر توي بولمىغاندا ئىدى، ئۇ چوقۇم رەشىدەنى تېپىپ كەلگەن ۋە رەشىدەنى قايمۇقتۇرغان ئاشۇ ناكەسنى پۇخادىن چىققۇدەك ئەدەبلەپ قوياتتى... 

ــ كىچىك ئاپاملار رەشىدەنىڭ شىنجىندىكى ئادېرىسىنىلا بىلىدىكەن، ھازىرغىچە بىزدىن نەچچە قېتىم ئادەم مېڭىپ،ئۇ يەرگە بېرىپمۇ كەپتۇ،ئەمما رەشىدە تۇرغان ئۇ ئۆيدە ھازىر باشقا بىرەيلەن تۇرىدىكەن. رەشىدەنىمۇ، ھېلىقى توكچىنىمۇ تونۇمايدىكەن...شۇڭا ھازىرچە مەنمۇ رەشىدەنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدىم ئۇكام،ئىشقىلىپ رەشىدە يوقاپ كېتىپتۇ...

ـــ يوقاپ كېتىپتۇ،دېگەن نېمە گەپ ئاكا؟داۋاملىق سۈرۈشتىسىنى قىلىش كېرەك ئىدى؟

ـــ مېنى سۈرۈشتىسىنى قىلمىدى دەمسەن،ئۇكام؟مانا ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپتۇ، رەشىدەنى ئىزدەپ،مەن بارمىغان يەر قالمىدى،دېسەم ئارتۇق كەتمەس.سۈرۈشتۈرسەم، ئۇ يەردىكى بىزنىڭ بالىلارمۇ رەشىدەنى ئېلىپ قاچقان ئۇ خۇمسىنى تونۇمايدىكەن...نېمىلا بولمىسۇن،مەن بەزى ئادەملەرگە پۇل قويۇپ كەلدىم.رەشىدەنىڭ دېرىكىنى ئالىسىلا،بىزگە خەۋىرىنى بېرىدىغان بولدى.

ـــ ئەسلى رەشىدەنى تاپمىغۇچە قايتىپ كەلمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى،ئاكا ... ئۇ دېگەن قىز بالا تۇرسا، مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ ھالى نېمە بولغاندۇ؟ ـــ رەشىد ئىبراھىمنىڭ مۇشۇنداقلا يېنىپ كەلگىنىدىن پىغانى تېشىپ،ئۆزىنى باسالمايلا قېلىۋاتاتتى. ئەمما ئاكىسىنىڭ ئەزەلدىن سالماق،ئارقا ئالدىنى ئويلاپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋالدى، ـــ ئەخمەق قىز...نېمىنداق ئەقىلسىز قىز بولدى بۇ؟...__ دەيتتى ئۇ،سىڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ ئىزىدا ئولتۇرالمايلا قالدى.

ــــ مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما مېنىڭ خىزمىتىمنى سەنمۇ بىلىسەن، مەن قاتناشمىسام بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. ئۆمەر ئاكامنى بېرىپ كېلەمدىكىن دېسەم دادام قويمىدى... قارا، مەنمۇ ۋاقتىم قىستاپ قالغاچقا بار ئەھۋالنى شۇ تەرەپتىكى باللىغا تاپىلاپ قويۇپ،قايتىپ كەلدىم، بىرەر ئۇچۇرى بولسىلا ماڭا خەۋەر بېرىدىغان بولدى،شۇنداقتىمۇ يۈرىكىم سۇ،بىر كۆزۈم كەينىمدىلا...ئىشقىلىپ، رەشىدە... ساق-سالامەت قايتىپ كەلسىلا مەيلىتى....ـــ دېدى ئىبراھىم بىئارام بولۇپ.

ـــ قايتىپ كەلمەي نەگە كېتىتى؟...ــ دېدى رەشىد،شۇنداق دېگىنى بىلەن كۆزلىرىنى،ئاكىسىدىن ئۈزەلمەيتتى.چۈشىنىكسىز ئەمما تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئايرىلىپ قېلىش تۇيغۇسى،مۇشۇ گەپ بىلەن تۇيۇقسىز يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇدى.راست،پەقەت رەشىدە ھاياتلا بولسا مەيلىدى... ئەخلاقسىزلىققۇ كەچۈرۈلمەيدىغان ئىش... بىراق بىر ئادەمنىڭ ھاياتى،تەھدىت ئاستىدا تۇرغاندا،بۇ دۇنيادا،كەچۈرۈپ،كەچۈرمىگۈدەك يەنە نېمە ئىش بولسۇن؟... لېكىن... ئۇنىڭ قۇلىقىغا تۇرۇپلا ئاجايىپ مىسكىن بىر مۇڭلۇق ئىڭراش ئاڭلاندى:



مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



« ماڭا بۇ ئاھانەتنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل... ماڭا بىر خەيرىخاھلىق قىلغان بولسىڭىز....»

بۇ، ئۇ «ئەخلاقسىزلىق»ى تۈپەيلىدىن كەچۈرەلمىگەن، رەت قىلغان سەلىمەنىڭ ئاۋازى ئىدى. قىزنىڭ مۇڭلۇق، بىچارە كۆزلىرى بىردىنلا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، باشقىچىلا تەسىر قىلىشقا باشلىدى... رەشىدە، سەلىمە... بۇ ئىككىسىدە قانداقتۇر بىر باغلىنىش باردەك قىلاتتى... ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ زادىلا چېتىشلىقى يوق. ئۇلار ھەتتا بىر-بىرنى تونۇمايدۇ... نېمىشقا شۇ تاپتا ئۇلار رەشىدنىڭ كاللىسىدا، چۈشىنىكسىز بىر تۇيغۇسىدا بىراقلا گەۋدىلىنىدۇ؟... ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئەخلاقىي جەھەتتە خاتالاشقان... لېكىن ئۇ نېمىشقا بۇ ئىككىسىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلالمايدۇ؟... رەشىدنىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى، قانداقتۇر بىر خىجىللىق تۇيغۇ بەدىنىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشكە باشلىدى.

ـــ غەنىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگىنە، ئاكا،ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئالاقىلىزاي...ـــ شۇ تاپتا رەشىدنىڭ پۈتۈن جاھاننى قېزىپ بولسىمۇ رەشىدەنى تېپىپ كەلگۈسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى.

ئىبراھىم غەنىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگەچ شۇنداق دېدى.

ــ تويۇڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكەندۇ؟... تويدا مەن بولماي سەت ئىش بولدى، مېنى كەچۈر.

ــ بولدى قىلە ئاكا،بۇ نەس توينىڭ گېپىنى قىلما...  سەن بىلىسەن، مېنىڭ بۇ تويغا ئەسلىدىمۇ رازىلىقىم يوق ئىدى... مانا كۆردۈڭمۇ، زادىلا كۆڭۈللۈك ئىش يوق...ئىشقىلىپ،ماڭا كېيىنكى ئۆمرۈمدە ئارزۇدىنمۇ پاك ئايال ئۇچرىمايدىغان ئوخشايدۇ، ئاكا... بۇ سەلىمە دېگىنى... پاكىز ئەمەسكەن...

رەشىد، «ئۇ بىر بۇزۇقكەن» دېمەكچى ئىدى، بىراق شۇنداق دېمەكچى بولىۋاتقاندا، گويا بۇ سۆزنىڭ بىر يېرىدە، رەشىدە قىسىلىپ مىسكىنگىنە قاراپ تۇرغاندەك بولدى. 


رەشىدنىڭ،گېپىنىڭ ئورامىنىڭ نېمىدە كېتىۋاتقانلىقىنى دەرھال ئاڭقىرغان ئىبراھىم،لەسسىدە بولدى.ئەمىليەتتە،ئۇ بۇ قېتىملىق تويدىن،دادىسىدەكلا چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ۋە سەلىمەمۇ كۆزىگە خېلىلا ئىسسىق، يۈزى تۆۋەن كۆرۈنگەن ئىدى. ھەي...، سىرتقى قىياپىتىگە قاراپلا بىر ئادەمگە باھا بەرگىلى بولمايدىكەن-دە؟

ـــ ۋاي ...بولدىلا ئۇكام،بۇ ئىشنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق... ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈزى ئىسسىق  دەپتىكەن، ئوڭشىلىپ كېتەر...جىق ئىزا قىلما ئۇكام، ئۇۋالىغا قالمايلى...ـــ ئىبراھىم  ئۆزىگە غەلىتىلا بىر تېڭىرقاش بىلەن قاراپ قالغان ئىنىسىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ سۆزىنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇردى،ـــ قانداق قىلىمىز،قارا.بۇ جاھان شۇنداق بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ قىزمۇ يېتىم... ئۆگەينىڭ ئالدىدا كۆرگۈلىكىنى كۆرۈۋاتقانلا بىر قىز، كۆڭلۈڭنى كەڭرى تۇتقىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭمۇ بىر سىڭلىمىز بار ئەمەسمۇ؟...

رەشىدنىڭ يۈرىكىنى خۇددى بىراۋ چىڭڭىدە مۇجۇپ قويۇپ،ئاندىن قويۇۋەتكەندەك،چۈشىنىكسىز بىر تىترەك بىلەن ئىڭراپ تاشلىدى.ئىبراھىممۇ بۇ ئاھانەتلىك ئىشنى نېمە ئۈچۈن رەشىدەگە باغلاپ تۇرۇپ گەپ قىلىدۇ؟ئەجىبا،بۇ ئىشلاردا،بۇ ئىككى قىزدا قانداق ئوخشاش تەقدىرلەر بار؟رەشىد،سەلىمەنى،رەت قىلىپ ۋە ئۇنى كۆپنىڭ ئالدىدا شەرمىساز قىلىپ،ئۆزىنى پۈتۈنلەي خاتالاشتىم،دەپ،قارىمايتتى،شۇنداقلا،توغرا قىلدىم،دەپمۇ ئويلىمايتتى.شۇڭا شۇ تاپتا كۆڭلى تېخىمۇ غەش بولدى، خۇددى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىر سەۋەنلىكنى سادىر قىلغاندەك ئىدى.

ــ لېكىن ئاكا... مەن... مەن ئۇنىڭغا،بايا ئەركىنلىكىنىمۇ بېرىپ بولدۇم... بەلكىم يېنىكلىك قىلغاندىمەن؟ئىشقىلىپ،ئۇنى پەقەتلا كەچۈرگۈم كەلمىدى... دادام-ئاناملار، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ بىلىپ بولدى....ـــ دېدى ئۇ كىچىك بالىلاردەك دۇدۇقلاپ، گەپلىرىمۇ قولاشمايتتى.

ــ نېمە؟ ھەممىسى ئۇقۇپ بولدىمۇ؟ــ ئىبراھىمنىڭ ئاۋازى كۆتۈرلۈپ چىقتى،ــ ھەي، بەك يېنىكلىك قىپسەن،جۇمۇ، ئۇكام...ئەسلى بۇنداق قىلمايتتۇق ! ئۇمۇ بىر ئاجىز قىزغۇ ئاخىر! خۇددى رەشىدەدەكلا بىر ئاجىز!...

رەشىدە!؟ ئاكىسى يەنە سىڭلىسىنى تىلغا ئېلىۋاتاتتى، رەشىدە بىلەن سەلىمەنىڭ نېمە ئالاقىسى زادى؟...

ـــ بۇ توينى قىلماي دېسەم ئانام زادىلا ئۇنىمىدى،ئەمما ئارزۇ  كۆڭلۈمدىن زادىلا چىقمىدى.... ئۇنىڭدەك پاكىز،ياۋاش ئايال،راستلا يوقمىدۇ...دەپ،ئويلاپ،ساراڭدەك قايناپ ساپتىمەن، ئاكا... بۇ تويغا زادىلا خۇشاللىقىم بولمىغاچقا، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇ قىزۋالىدىن قۇتۇلۇشنى ئىزدىدىممىكىن... ئۆزۈممۇ بىلمىدىم... 

ـــ ئۇلار كېلىنچەكنى ئەكىتىشتىما؟ــ سورىدى ئىبراھىم جىددىيلىشىپ.

ــ ياق، مەن ساڭا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىققان ئىدىم، بەلكىم بۇۋاققا كېتىپ بولمىغاندۇ،ــ رەشىدنىڭ يۈرىكى سېلىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ،ئىبراھىمنىڭ،شاققىدە ئورنىدىن تۇرغىنىنى كۆرۈپ،سوراپ تۇرمايلا،ئۇنىڭغا ئەگەشتى. بۇيرۇتقان تاماقلار شۇ پېتىچە قالدى.

7



داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0