大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 39ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 39ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-26
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 40 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38



 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


39-قىسىم



 ئۇ،سولاقخانىغا كىرىپ ھەپتىدىن كېيىن، كېچىدە تۈرمىداش بىر ئايال ئۇنىڭغا جەمىلەنىڭ، خوجايىننىڭ گېپىنى يەتكۈزدى: «سەن كوچىدا يۈرەتتىڭ، ئىككى ئەر كىشى بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ سېنى ھەمراھلىققا تاللىدى، سەن ئۇلار بىلەن ئىشرەتخانىغا باردىڭ، ئاخىرى ئىككى ئەر كىشى بىر نېمىلەرنى تالىشىپ مۇشتلىشىپ كەتتى، ھەم بىرى يەنە بىرىگە پىچاق تىقىۋەتتى. سەن قورقۇپ كېتىپ ھۇشۇڭدىن كەتتىڭ، ھەم ھېچنېمىنى بىلمىدىڭ، ھەمراھلىرىڭنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ھەرگىزمۇ تونۇيالمايسەن. سەن شىنجاڭدىن ئىش ئىزدەپ چىققان قىز، مۇشۇ شەھەرگە كېلىپلا كىملىكىڭمۇ يۈتۈپ كەتتى. ئىشسىزلىق، بوزەك بولۇش... سەۋەبىدىن سەن ھەتتا كاللاڭدىن كېتىپ قالغان قىز... مۇشۇ گەپلەرنى دېسەڭ، سىر ساقلىساڭ ئاكاڭمۇ، ھەم ئۆزۈڭمۇ ئامان قالىسەن...»

رىسالەتنىڭ قۇلاقلىرى سەزگۈرلەشتى. بۇ يەردىمۇ جەمىلەنىڭ،  خوجايىننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى... قارىغاندا، دۇنيادا ئەقلىنى تاپالمىغان،بارىغا قانائەت قىلىشنى بىلمەيدىغان قىزلار،تۈگەپلا كەتمىسە، قىزلارنى ئالداش، پايخان قىلىش... ھەرگىزمۇ ئۆكسۈپ قالمايدىكەن. رىسالەت بۇنى چۈشەندى.ئۇنىڭغا: «سەن ھەتتا كاللاڭدىن كېتىپ قالغان قىز...» دېگەن گەپ بەكرەك ياقتى. دېمىسىمۇ شۇنچە ئازابنى، دەرد-ھەسرەتنى يۈدۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ مېڭىسى كاردىن چىققان ئىدى... «مەن ساراڭ، شۇنچە بەختنىڭ قەدرىنى بىلمەي مۇشۇ كۈننى بىر قوللۇق،ئارزۇ،ئارمانلاپ تاللىۋالغان بولغاندېكىن،مەن قانداقسىگە ساق، بېجىرىم ئادەم بولاي؟... مەن گاچا... مەن ساراڭ...» ئۇ ھەتتا ساراڭ بولۇپ قېلىشنى، ھېچنېمىنى ئويلىمايلا قاقاقلاپ كۈلۈپ، ساراڭلارنىڭ چەك-چېگرىسىز دەشت-چۆللىرىدە سەرسان، سەرگەردان بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلدى.«خوپ بولدى!»دەيتتى ئۇ،بۇ سۆزنى بىر كۈندە سانساناقسىز تەكرارلايتتى.مۇشۇ ئىككى دانە سۆز ئارقىلىق،مۇشۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ بېشىغا كېلىشىنى،ئۆزىنىڭ،چەكسىز ھاكاۋۇرلىقىنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇراتتى.توغرا،ئۇ ئۇچرىغان بۇ ۋەھشىيانە قىسمەتلەر ئادالەتسىزلىك ئەمەس،ھەم ئاشۇرۋەتكەنلىكمۇ ئەمەس،ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۈنلەرنى تارتىشى راستلا بەرھەق ئىدى.

شۇنداق قىلىپ،بۇ دېلودا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، روھى جەھەتتە پۈتۈنلەي كاردىن چىققان رىسالەتنىڭ كىم، نېمە ئىش بىلەن يۇرتىدىن چىققانلىقىنى، بۇ يەردە كىمگە ئىشلەيدىغانلىقىمۇ نامەلۇم ئىدى.مەيلى نەدىلا بولسۇن،رىسالەتكە ئوخشايدىغان بىر قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دېلو مەلۇم قىلىنمىغان بولغاچقا،ئاخىرى جەمىلەنىڭ بەزمىخانىسىدىكى شۇنچە كۆپ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن رىسالەت سەردارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ھېچقانداق  مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ قويۇۋېتىلدى.

ــ پويىزدا  خوجايىننىڭ ئادىمى بار، ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆنگىن، ئۇ سېنى ئاكاڭنىڭ يېنىغا ئاپىرىدۇ...ــ ئۇنىڭ قويۇۋېتىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغاندا، ھېلىقى ئايال يەنە ئۇنىڭغا شىۋىرلىدى. 

ــ سېنى شىنجاڭغا قايتۇرىۋېتىمىز، بۇ يەردە مۇشۇ ھالدا يۈرۈشۈڭگە بولمايدۇ، يەنە كېلىپ بويۇڭدا سەككىز ئايلىق ھامىلە بار ئىكەن، شىنجاڭغا قايتقاندا دەرھال ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكىن، زادىلا ئالاقىلىشەلمىسەڭ، ساقچىلاردىن ياردەم سورا...ــ ئىككى ئايال ساقچى شۇنداق دەپ ئۇنى ئۇدۇللا ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزغا سېلىپ  قويدى. «تاماق ئېلىپ يىگىن» دەپ 300 يۈەن پۇلمۇ بەردى...

7

رىسالەت پويىزدا «چوڭ خوجايىن»نىڭ ئادىمىنى كۆرمىدى، بەلكىم ئۇنىڭ شۇ ھالدىكى غېرىبانە تۇرقىنى كۆرگەن،ئۇ ئادەممۇ،ئۇنى تونۇمىغاندۇ ياكى خوجايىن بۇ پويىزغا ئادىمىنى ئۈلگۈرتەلمىگەندۇ؟... ئىشقىلىپ رىسالەت شۇنچە قىستاڭچىلىقتا، شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا شۇنداق يېگانە، شۇنداق مىسكىن ئولتۇرۇپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدى...

ــ مانا قارا، بالام، بۇ دېگەن داداڭ تۇرىدىغان قۇمۇل! بىز قۇمۇلغا كەلدۇق...ــ ئۇدۇلدىكى موماينىڭ قىن-قىنىغا سىغماي دېگەن گېپى رىسالەتنىڭ قۇلىقىغا كىردى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مىڭ پاتمان تاشنىڭ ئاستىدا قالغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇ نومۇس ھەم ئەلەم ئىچىدە كۆز ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان بۇ گۈزەل شەھەرگە مەيۈسقىنا قارىدى. ۋوگزالدا ئادەملەر ئۇيان- بۇيان قاتراپ يۈرەتتى. بىرلىرى چۈشسە، يەنە بىرلىرى پويىزغا يامىشاتتى. پويىز دېرىزىلىرىگىچە قۇيماق، پوشكال ھەم گۆش نانلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ۋارقىراپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان 10نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بالىنى كۆرۈپ، رىسالەتنىڭ قورسىقى ۋىژژىدە ئاچقاندەك بولدى، ئۇنىڭ تاماق يىمىگىنىگىمۇ خېلى بولغان ئىدى.

ئاچلىق ـــ ھەر قانداق جاھىللىقنىمۇ، ھەر قانداق بۈيۈك ئىرادىنىمۇ سۇندۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ... رىسالەتنىڭ ئېسىگە بۇ سۆزلەر كېلىپ قالدى. شۇ تاپتا دېمىسىمۇ ئۇنىڭ قورسىقى تاراقلاپ، ئىگىسىنىڭ ئۆزىنى كۈنلەپ ئاچ قويغانلىقىدىن زارلىنىۋاتقاندەك ھە دەپ كوركىرىغىلى، چىدىغۇسىز بىر تەشنالىقنى مېڭىسىدە پەيدا قىلغىلى تۇرغان ئىدى.

رىسالەت قىستىلىپ، دەلدەڭشىپ پويىزدىن پەسكە چۈشتى ھەم ئۇدۇللا ھېلىقى   بالا سېتىۋاتقان يۇمشاق پوشكالدىن تۆتنى، مېنىرال سۇدىن بىر بوتۇلكا سېتىۋالدى. ھاۋا ساپ ئىدى، ئىللىق شامال، پارلاپ تۇرغان قۇياش، ئاللىقانداق گۈل-گىياھ ۋە ياپيېشىل تېرەكلەرنىڭ  تونۇش پۇراقلىرى رىسالەتنىڭ تالجىققان مېڭىسىگە، روھىغا بىر خىل ئازادىلىك بەردى.

ـــ ئاچا، سۈت ئېلىۋېلىڭە، ئەرزان، ئۆيدە ھېلى يېڭىلا  قايناتقان، قورسىقىڭىزدىكى بالىڭىزغا پايدىلىق!ــ نېرىدا بوتۇلكىلىق ئىچىملىك سېتىۋاتقان يەنە بىر بالا چاقلىق ھارۋىسىنى ئىتتىرگەنچە رىسالەتنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ھەر خىل ئىچىملىكلەر رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

«قورساقتىكى بالىڭىزغا پايدىلىق...» بۇ سۆز رىسالەتكە باشقىچە تەسىر قىلىپ كەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىگە سەككىز ئايدىن بېرى ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بۇ «بالىسى»غا تا ھازىرغىچە ھېچنېمە قىلىپ بەرمىگەن ئىدى. كۈن بويى چوڭىيىۋاتقان بالىسىدىن نەپرەتلىنىپ، خۇددى ئالۋاستىنىڭ پۇشتىنى كۆرگەندەك،قورساقلىرىغا مۇشتلاپ، تۈكۈرۈپ كېتەتتى. بۇنداق چاغلاردا، بالا مۆللىدە بىرنى مىدىرلاپ، ئۆزىنى ئەتەي تاياقتىن قاچۇرۇۋاتقاندەك، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى مەلۇم بىر يەرلەرگە تۈگۈلۈۋالاتتى...

رىسالەتنىڭ يادىدىن تۇرۇپلا،قاماقخانىدىكى بىر ئىش كەچتى. بەزمىخانىدىكى چېغىدا ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن،ئۇ دائىم بانداش بىلەن قورسىقىنى چىڭڭىدە تېڭىۋالاتتى.سولاقخانىغا كەلگەندىن كېيىن،تېڭىۋېلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمىغان بولغاچقا، ھامىلە تېزلا يوغىناپ كەتتى. ئۇ كۈنىمۇ رىسالەت ئۆزىنىڭ يوغىناپ كېتىۋاتقان قورسىقىغا نەپرەتلىرى تېشىپ، ئۆلۈۋالغۇسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى:

ــ ئۆل!!! ئۆل!!!ــ ئۇنىڭ پىغانى تېشىپ، بار كۈچى بىلەن قورسىقىغا مۇشتلىغىلى تۇرغاندا، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا،بىر ساقچى ئايال پەيدا بولۇپ، بىر كۈچ بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى قوپال تۇتۇپ سىلكىۋەتتى:

ــ ھەي ساراڭ! قورسىقىڭدىكى بىر جان! ئەسكى-تۈسكى لاتا ئەمەس! ئۇنى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇقمايدۇ، دەپ ئۇرۇۋاتقىنىڭمۇ بۇ؟ بىلسەڭ، ئۇ شۇ تاپتا سېنىڭدىنمۇ بەك ئازابلىنىۋاتىدۇ. مۇبادا سەن ئۆزۈڭنى ئاپىرىدە قىلغان ئاناڭنىڭ سېنى شۇنچە خارلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلسەڭ، قانداق ھېسسىياتقا كېلىسەن؟ قانچىلىك ئازابلىنىسەن؟! بۇ بالىمۇ شۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ ھازىر سېنى، پەقەت سېنىلا تونۇيدۇ، سېنىڭ ھەسرىتىڭنى، ئازابلىرىڭنى بىلىدۇ. سەن يىغلىساڭ يىغلاپ، كۈلسەڭ كۈلىدۇ. قورسىقىڭدا جان بولۇپ تۆرەلگىنى ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ خاتالىقى!... ئەمدى قورسىقىڭغا مۇشۇنداق مۇشتلىغىنىڭنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسام، سېنى بوش قويمايمەن! ـــ دېدى ئۇ ۋارقىراپ.

ئاشۇ ئىشتىن كېيىن،رىسالەت بالا توغرىلىق پات-پات ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ئويلىرىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايتتى، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىغىدەكمۇ ھەپسىلىسى قالمىغان ئىدى...

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



شۇ تاپتا مۇشۇ ياشتىكى كىچىك بالىلار جېنىدا،ئۇنىڭغا قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئاسراشنى تەكىتلەۋاتقاندەك قىلاتتى: «بالىنى باقالمىساڭ، كۆزۈڭ يەتكەن يەرگە بېرىۋەت...» دېگەن ئىدى ھېلىقى ساقچى،كېيىنكى كۈنلەردە.ئۇنىڭ ئۈنچىقماي ئولتۇرۇشلىرىدىن بىزار بولۇپ. رىسالەت شۇ چاغدا بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ئىدى. شۇ تاپتىمۇ ئۇ ھېلىقى بالىنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەك ھاڭۋېقىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى-دە، ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كەينىگە يانغان بالىنى چاقىرىپ توختىتىۋالدى:

ــ ئۇكام،  توختاپ تۇرۇڭە، ئىككى بوتۇلكا سۈت بېرىڭ...ــ ئۇنىڭ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ بالا قايتىپ كەلدى-دە، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىككى بوتۇلكا سۈتنى ئۇنىڭغا سۇندى.

ــ ئىككى كويلا بېرىڭ، ئاچا.

ــ مانا...

رىسالەت سۈتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، شۇندىلا تىنچىپ قالغان، زادىلا مىدىرلىماي تۇرغان بالىدا ئازراق تەۋرىنىش بولغاندەك، قۇرۇپ كەتكەن باغرى بىر قۇۋۋەت بىلەن ياشارغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ قولىدىكى پوشكالنى يىدى، سۈتنىڭ ھەر ئىككى بوتۇلكىسىنى ئىچىپ تۈگەتتى، پويىزنىڭ بۇ ۋوگزالدىكى تۇرۇش ۋاقتى توشقان بولغاچقا، پويىز،يولۇچىلارنى ئالدىرىتىپ جىددى گۈدۈك بەردى، پويىز خىزمەتچىلىرىمۇ قول كانايلىرىدا توۋلاشقا باشلىدى.

رىسالەت ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى، شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ ئۆزىنىلا، ئازابىنى، دەرد-ھەسرىتىنىلا ئويلاپ، قورسىقىدىكى مۇنۇ بالىسىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن  بۇ بالا،تەقدىرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تۈگىمەس جازاسىلا ئىدى، خالاس. شۇ ئېنىقكى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭدا غەلىتىلا بىر ئەپسۇسلىنىش پەيدا بولۇۋاتاتتى، توغرىسى ئۇنىڭ ئىچى باشقىچە بىر دەرد بىلەن ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى. تۇنجى قېتىم ئۇ قورسىقىنىڭ مىدىرلىمىغانلىقىدىن ئەنسىرىدى. بىچارە بالا ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن، تولا تاياق يىيىشتىن ئۆلۈپ قالغانمىدۇ، دېگەندەك بىر ۋەھىمە ئىچىدە بىئارام بولدى. ئۇ تاكى شۇ ساقچى ئايال،ئەسكەرتمىگۈچە،ھامىلىنى،ئۆزىنىڭ بالىسى، يۈرەك پارىسى، دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئۇ  سەردارغا بولغان بارلىق غەزەپ-نەپرىتىنى، ئۇۋالچىلىقىنى، جۇدالىق، ئالدىنىش، پايخان بولۇشتىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاچچىقلىرىنى بىچارە بالىنىڭ تېخى يىتىلمىگەن ئاجىز تېنىدىن، تېخى قاتمىغان تېنىنى دۇمبالاش، تىللاش، تۈكۈرۈش ئارقىلىق چىقىرىپ كېلىۋاتاتتى... ئاھ، نېمە دېگەن ئەقىلسىزلىق! دۇنيادا مەندەكمۇ ئانا بولماس؟...

رىسالەتنىڭ باغرى ۋىژىلداپ ئېچىشتى، ئاجىز قوللىرى بىلەن يوغىناپ كەتكەن قورسىقىنى ئاستا-ئاستا، مېھىر بىلەن سىيلىدى. دېمىسىمۇ بۇ بالىدا نېمە خاتالىق؟ ئۇنىڭ ھېچقانداق خاتالىقى يوق، بارچە خاتالىق ئۇنىڭ ئەقىلسىز ئانىسىدا... رىسالەتنىڭ باغرى ئىزىلدى، «كەچۈرگىن بالام... ئاناڭنى كەچۈرگىن...» ئۇ ئۈنسىز شىۋىرلاپ، بالىدىن ئەپۇ سورىدى. بارلىق دەرد- ھەسرىتىنى پىچىرلاپ، يىغلاپ قورسىقىدىكى بالىسىغا، خىيالىدىكى يېقىن كىشىلىرىگە تۆكتى:

«جېنىم بالام، دېگىنە، ئاناڭ قانداق قىلىدۇ؟ نەگە بارىدۇ؟ ئاناڭنى قوينىغا ئالىدىغان يەنە قانداق جاي بار؟...»

«قوشباغقا بارايلىمۇ، بالام؟.. ئۇ يەرگە بارساق، چوڭ ئاناڭ ھەنىپە، چوڭ داداڭ قاسىملار بىزنى قايسى ھالدا قارشى ئالار؟... ياق، ياق... ئۇ يەرگە بارساق، مەھەللىدە ئىككىنىڭ بىرى بولۇپ يۈرۈۋاتقان شۇ دادامنى، ئانامنى ئۆلتۈرىمىز... ئۇ يەرگە بېرىشنى ئويلاپمۇ قويمىغۇلۇقكەن-دە...راست، بىچارىلەر مېنى ئەتىۋارلاپ باقتى، يىمىگەننى يىگۈزۈپ، كەيمىگەننى كىيگۈزدى، مېنى پاك، ئەخلاقلىق،قانائەتلىك بولسۇن، ئىپپىتىنى، غۇرۇرىنى، ساقلىسۇن، دەپ قىلمىغىنى قالمىدى. ئەمما مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكىنىم نېمە بولدى؟ ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالغان ئالتە يېشىمدىن باشلاپلا، ئۇلار بىلەن قېرىشقىنىم قېرىشقان بولۇپ ياشىدىم.ئۇلارغا ئىچ- ئىچىمدىن بىر ئاداۋەت ساقلاپ كەلدىم. بىچارە دادامنىڭ، ماڭا جان كۆيدۈرىدىغان ھەنىپە ئانامنىڭ،مېنى پەقەت بالدۇراق ئەرگە تۇتقۇزۇپ،خاتىرجەم بولغىنىمنى كۆرۈشتىن ئىبارەت،ئەڭ ئاددى ئارزۇلىرىغىمۇ، ئەڭ ئەقەللى تەلىپىگىمۇ بويۇنتاۋلىق قىلدىم...ياۋاش،يۇمشاق،ئەدەپلىك بالىلارنى،تاجىبەگنى ياراتمىدىم. ئۇنى ھېچقانداق ئەركەكلىكى يوق، دەپ مەسخىرە قىلىپ، تويلىشىشقا ئۇنىماي، ئۈجمىدىن قەستەن سەكرەپ، پۇتلىرىمنى سۇندۇرۇۋېلىشىمچۇ تېخى؟شۇ چاغدا،تاجى بەگنىڭ:«ئۇنى يەنە ساقلايمەن» دېگىنىنى دوستلىرىمدىن ئاڭلىغاندا،قانداق قىلىپ كەتتىم ھە؟ ئاتايىتەن گەپ چىقارتىپ، ئۈجمىدىن يىقىلىپ كېتىشىمنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى دەپ بەردىم... ئېھ،ئەقىلسىزلىق،نادانلىق!شۇ چاغدا مېنىڭ پۇتۇم ئاغرىغان بولسا، شۇ بىچارە يىگىتنىڭ يۈرىكى ئاغرىغان ئىكەن-دە! دېمەك، ماڭا كەلگەن بۇ كۈن،ئېنىقكى،تەقدىرنىڭ جازاسى ... ئەمدى  ئۇ يەرگە، ئاشۇ پاكىز يۇرتقا،مەن قارايۈز،قايسى يۈزۈم بىلەن باراي؟... »

«جېنىم بالام، شۇ تاپتا سېنىڭ داداڭنىڭ قايسى ئىپلاس ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن... ئاھ، كەچۈرگىن! سېنى قارا يېتىم قىلدىم... ئۆز داداڭنىڭ كىملىكىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ھالىمغ،سېنى بۇ دۇنيانىڭ بەختىگە ئېرىشتۈرەلەرمەنمۇ؟... ساڭا نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟... شۇ تاپتا سېنى ئېلىپ بارىدىغان، سېنى يامانلارنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلىدىغان ھېچقانداق بارار يېرىم، تۇرار جايىم يوق... خاتا بېسىلغان بىر قەدىمىم بىلەن مەنمۇ، سەنمۇ قارا تەقدىرگە مەھكۇم بولدۇق. ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن، جېنىم بالام...»

«بالام، تۆمۈر تايغا بارساقچۇ؟... ئۇ يەرگە بارساق... بالاڭنىڭ دادىسى قېنى دېسە... مەن نېمە دەيمەن، جېنىم بالام؟ تۆرەم دادامغا نېمە دەيمەن؟ ھەسەل ئانامغا نېمە دەيمەن؟ رەشىد ئاكامچۇ؟ قالغان ئاكىلىرىم نېمە دەر؟... تۆمۈر تايدىكى مېھرىبانلىرىمنىڭ ئىچىدە،ئاشۇ دانىيار دېگەن لۈكچەكتىن باشقىلىرى،بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقى ئەركەكلىرى تۆمۈر تاينىڭ ئۈستىدىكى مەغرۇر بۈركۈتلەر ئەمەسمۇ؟...شۇنداق تۇرسا،مەن،بىر تال سىڭىل تۇرۇپ، ئۇلارنى خەلق-ئالەم ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتسەم، مۇشۇ قورسىقىم بىلەن كوچىلاردا ماڭسام...بولارمۇ؟...»

«ئەمما، ئۇلارنىڭ يۈزىنى مەنلا ئەمەس، دانىيارمۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە تۆككىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ ئىپلاس ئۆز قولى بىلەن قىزلار،نارسىدە بالىلارنى پايخان قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ... دانىيارنىڭ ئاشۇنداق ئىپلاس يولدا بېيىۋاتقانلىقىنى تۆرەم دادام بىلەمدىغاندۇ؟ ئۇنى ئانام تاس قالىدىغان بېشىغا ئېلىۋالغىلى... مانا، كۆردۈڭمۇ جېنىم بالام؟ ئۇ ئۆز سىڭلىسىنى ساتقان ئىپلاسنىڭ كاتتىۋېشى بولۇپ چىقتى... ئاھ! كىچىكىمدىنل،بايلارنى، سودىگەرلەرنى، چوڭ شەھەرلەرنى، يۇرت سورىغان ئەركەكلەرنى،چوڭ بىلىپ،  ساپ يېزىلىق يىگىتلەرنى ياراتماي،ئاخىرى كۆرگەن كۈنۈم مۇشۇ بولدى.تەقدىر،شۇ ئەقىلسىزلىقىمغا،ھاكاۋۇرلۇق قىلغىنىمغا، ئۆز ئاكامنىڭ قولى ئارقىلىق كۆزۈمنى ئېچىپ قويدى.ھاكاۋۇرلۇق قىلغانغا تويغۇزدى.ئەمما ئاشۇ،ھەممە چوڭ بىلىدىغان تۆرەم دادامدىن،ھەسەل ئانامدىن قانداق ھاكاۋۇرلۇقلار ئۆتكەن بولغىيدىكىن؟ئۇلار، كىملەرنىڭ ئوغۇللىرىنى زاڭلىق ئېتىپ، كىملەرنىڭ قىزلىرى ئۈستىدىن كۈلگەن بولغىيدى؟»




        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k