

دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل دەپ ساڭا بىر ئىللىق كۈلۈمسىرەش ئاتا قىلالمىغان شۇ «ئەزىز» لەرنى كەچۈرەلەمسەن!.

سەن بولمىساڭ، بۇ ھايات ماڭا قاراڭغۇ دەپ قۇيۇپ، قەدەملىرىنى داغدام ئېلىپ باشقا يار تاپالىغان شۇ «چىن سۆيگۈ» لەرنى كەچۈرەلەمسەن؟.

سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ باشقىلار ئالدىدا سېنى قورقماي سۆككەنلەرنى كەچۈرەلەمسەن؟.

بىر ئۆمۈر قولۇڭدىن تۇتۇپ، چاچلارغا ئاق سانچىلغىچە بىللە ئۆتىمىز دەپ سېنى تاشلىغانلارنى كەچۈرەلەمسەن؟.

ئالدىڭدا كۈلدۈرۈپ قۇيۇپ، بىر ئۆمۈر يۈرەكنىڭ يىغلىشىغا سەۋەبچى بولغان شۇ مۇھەببەتنى كەچۈرەلەمسەن؟.

قانچە چوڭ كۆرگەنسېرى، ساڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ كېتىدىغان شۇ كىشىلەرنى كەچۈرەلەمسەن؟.

مەن سىز بىلەنلا توي قىلسام، بەخىتنى ھېس قىلىمەن دەپ تۇرۇپ، باشقىلارنى تېپىۋالغانلارنى كەچۈرەلەمسەن؟.

ئويۇندا بىللە، قايغۇ-ئازابلىرىڭدا يىراقلاشقانلارنى كەچۈرەلەمسەن؟.

ھاياتىمدا سىز بىرلا دەپ قۇيۇپ، ئۆچرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنى كەچۈرەلەمسەن؟.

سىزنى قوللاۋاتىمەن دەپ قۇيۇپ، بىلىندۈرمەي يىقىلىشىڭغا سەۋەبچى بولغانلارنى كەچۈرەلەمسەن؟.

بولدى، كەچۈرۋەت، ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈنى سېنى چۈشىنىدۇ، سېنىڭ ئازابلىرىڭنى ئۆزى ھېس قىلغاندا، يۈرىكى ئاچچىق ئۆرتەنگەندە ئاندىن سېنى ئەسلەيدۇ، ساڭا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ...

شۇ ئېسىڭدە بولسۇن، گۈل سۇنغان كىشىلەرنىڭ قولى مەڭگۈ خۇشبۇي پۇرايدۇ!!
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويغاچ ئېلان چېكىپ قويۇڭ!.


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى


