大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 40ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 40ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-27
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 41 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39


 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


40-قىسىم



«جېنىم دادا، ھەسەلدەك تاتلىق ئانا، شۇ تاپتا بىردىنبىر قىزىڭلار بولغان مېنىڭ قايسى ھالدا تۇرۇۋاتقىنىمنى بىلسەڭلار ئىدىڭلار-ھە؟... سىلەر ئۈچۈن تۇرىدىغان ئۆي-زىمىن، يۇرت- شەھەرنىڭ، خەجلەيدىغان پۇل-پۇچەكنىڭ سانى يوق، ئەمما مەنچۇ؟ نە ئۆيۈم، نە پۇلۇم بولسا؟... نەگىلا باراي دەيمەن، بارالمايمەن، سىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيۇڭلارنى تۆكۈپ مۇشۇ قورسىقىم بىلەن قانداقمۇ پاناھىڭلارغا ئۆتەلەيمەن؟

بىلەمسىز، ھەسەل ئانا؟... مەن بۇلغانغان، ئالدانغان ۋاقتىمدىلا بۇ جېنىمدىن ئۈمىد ئۈزگەن. بۇ دۇنيادا يەنە بېشىمنى تىك تۇتۇپ ياشاشتىن رايىم يانغان ئىدى. ئۆمرۈمنى قىساس ئېلىش بىلەن تۈرمىدە ئۆتكۈزۈپ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەي، ئۆزۈم كەلتۈرگەن جىنايىتىمنى  ئۆزۈم بۇ دۇنيادا يۇيارمەن، دەپلا ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم، مەن قىساس ئالىدىغان ئادەم مېنىڭ ئاكام ــ سىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلۇڭلار دانىيار ئىكەن... ئۇنىڭ شۇنداق كەسپ، شۇنداق ناتوغرا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى سىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيدىڭلار ھەرقاچان؟...»

«ئانا! ئاشۇ چاغدا قانات-قۇيرۇقۇمنىڭ كېسىلگىنىنى، پېشانەمگە بۈگۈنكىدەك بەختسىزلىكىنڭ پۈتۈلىدىغىنىنى بىلگەن بولسىڭىز، مېنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بىر قونچاقنى ھەدىيە قىلغاندەك بېرىۋەتمەس ئىدىڭىز...»

««رەشىد ئاكا »دېدى ئۇ،ئۆزىنىڭ توۋلىغىنىنى يا يىغلىغىنىنىمۇ ئاڭقىرالمىدى.بىر پارچە مېھىرلىك ئوت، بىردىنلا ئۇنىڭ يۈرىكىگە كېلىپ ئۇرۇلدى،__ سىز ماڭا زادىلا چىدىمايتتىڭىز. ھېس قىلاتتىم، مېنىڭ سىلەردىن ئايرىلىپ چوڭ بولغىنىمغا ئەڭ ئۆكۈنىدىغان، ئەڭ-ئەڭ رازى بولمايدىغان ئادەممۇ سىز ئىدىڭىز. چۈنكى كىچىك چاغلىرىمدا گەرچە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، مەن ئاغرىسام سىزمۇ ئاغرىىپ قالاتتىڭىز. ئىچىم سۈرۈپ قالسا، سىزنىڭمۇ ھايالشىمايلا ئىچىڭىز سۈرەتتى. مەن ھەر قېتىم ئاغرىپ قالسام، بىر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقسام،رەشىد ئاكاممۇ،ماڭا ئوخشاش بولۇپ قالدى، دەپ ئويلايتتىم. بىر قېتىم ماڭا قىزىل چىقىپ زادىلا ساقىيالمىغان ئىدىم، ھەنىپە ئانام،مېنى شامالدىساڭ ئاسانلىقچە ساقىيالمايسەن، دەپ ھېچنەگە چىقارمىغان ئىدى. ئەمما مەن شۇنچە دىققەت قىلساممۇ،زادىلا ئوڭشىلالمىدىم. شۇ چاغدا بىر زۆرۈرىيەت بىلەن دادام سىلەرگە تېلېفون قىلىپ، گەپ ئارىلىقىدا سىزگىمۇ قىزىل چىققانلىقىنى، ئەمما سىز كەپسىزلىكىڭىزگە ئېلىپ،ئۆيدە جىم ياتقىلى ئۇنىمىغانلىقىڭىزنى، شۇڭا ھەپتە ئۆتسىمۇ ئوڭشىلالماي يۈرگىنىڭىزنى بىلىپتۇ. دادام ئۆيگە كېلىپ،سىزنى،بىزگە تىللاپ بەرگەن ئىدى. ئاناممۇ: «بىچارە قىزىم ئاشۇ  رەشىد دېگەن ئالىقاپنىڭ پوقىغا كېتىۋاتىدۇ» دەپ كوتۇلدىغان ئىدى. يەنە تېخى ساقىيىپ ئېڭىكىمنىڭ ئاستىغا تۇرۇپلا ئىككى يەردە چوقۇر پەيدا بولۇپ قالدى، ئانام بۇنىمۇ سىزنىڭ كەپسىزلىك قىلىپ، قىزىلنى تاتىلاپ، چوقۇر پەيدا قىلىپ قويغانلىقىڭىزدىن كۆرگەن ئىدى...

كېيىنچە مەن ئۇ يەر-بۇ يېرىمنى يېرىۋالسام ياكى يىقىلىپ كەتسەم، ئاپامغا: «رەشىد ئاكام يىقىتىۋەتتى» دەپ چاقچاق قىلىپ، سەۋەنلىكنى سىزگە ئارتىپ قويۇشقا ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما مەن بۇ چاقچاقنىڭ راست ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنەتتىم. سىزنى جېنىمدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. قىينالساممۇ، شادلانساممۇ سىزگە خىيالى گەپ قىلاتتىم...

ئاكا، شۇ تاپتا سىڭلىڭىز، سىزنىڭ بىر پارىڭىز بولغان مەن،دۇنيادىكى ئەڭ مىسكىن، ئەڭ غېرىب بىر مۇساپىر سۈپىتىدە بۇ يەردە ئولتۇرۇپتىمەن.يالغۇزلۇق، چارىسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك ئەلىمى  يۈرىكىمنى لەختە لەختە قىلىدۇ ئاكا... مۇبادا قوشماقلارنىڭ بىر خىل روھ ياكى بىر خىل قەلب يولى بىلەن پەۋقۇلاددە ئۇچرىشىدىغىنى راست بولسا، سىز  مۇشۇ تاپتا،جەزمەن،نېمىدىندۇر قاتتىق ئۆرتىنىپ، نېمىشقىدۇر قاتتىق سىقىلىپ، سېغىنىپ، يۈرىكىڭىز بىر بىئاراملىق بىلەن قاتتىق ئازابلىنىپ تۇرۇۋاتىسىز!... ئاكا، مۇبادا مۇشۇ سوغوق، رەھىمسىز پاجىئەنى يېرىپ ئۆتۈپ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا، ئاۋۋالقىدەك پاك ھالەتتە پەيدا بولالىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى- ھە؟...»

«ئاكا، بۇ دۇنيادا مېنى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر ئادەم سىزغۇ ھە؟ سىز شۇنداق دېگەن، مەن قوشباغدىن قېچىپ تۆمۈر تايقا بارغىنىمدا، دادام مېنى بىر كېچىمۇ قوندۇرماي دەرھال قايتۇرىۋەتكەندە، يول بويى ماڭا دېگەن گەپلىرىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟‹بۇ دۇنيادا سەن بىلەن بولغان يېقىنچىلىقىمنىڭ دەرىجىسىگە سۆز ھاجەت ئەمەس.شۇڭا ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ،ئەڭ ئاۋال مېنى ئىزلىگىن، ئاكام توغرا چۈشەنمەي قالارمۇ دەپ كۆڭلۈڭگە شەك كەلتۈرىدىغان ئىش بولمىسۇن،ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئوي-خىياللىرىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ئۇنچە پەرقلەنمەيدۇ، چۈنكى بىز بىر تەن-بىر روھتا تۇغۇلغان، سېنى بۇ دۇنيادا چۈشىنىدىغان بىردىنبىر ئادەم مەن...›دېگەنتىڭىز...

ئاكا،مەن مۇشۇ قورسىقىم بىلەن يېنىڭىزغا بارايمۇ،ئەمىسە؟ مېنى راستلا توغرا چۈشىنەرسىزمۇ؟ ئاكا، سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بارسام: «نېمىلەرنى قىلدىڭ؟ نەلەرگە باردىڭ؟» دەپ سورىمىغان بولسىڭىز، مېنى جىممىدە باشلاپ،ئىنسان ئايىغى تەگمەيدىغان، ئىنساننىڭ كۆزى كۆرمەيدىغان بىر يەرگە ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز، قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟...

بىلەمسىز ئاكا، مۇشۇ ھالدا تۇرۇپ، ئىختىيارسىز مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ پەيدا بولۇپ قالدى... ئاكا، مېنىڭ بۇ بالىنى تۇغقۇم بار، ئاكا،  شۇ تاپتا سىز بىلەن مۇشۇنداق خىيالى مۇڭدىشىۋېتىپ، قانداقتۇر بىر كۈچ ماڭا:‹روھىڭنى پاكىزلەيدىغان پۇرسەت ــ ئانا بولۇش.›دەپ شىۋىرلاۋاتىدۇ...شۇڭا ماڭا ياردەم قىلىڭ، ئاكا،بۇ بالىنى تۇغاي، ئۇنى،ئالى مەكتەپتە ئوقۇتاي،جەمىيەت ۋە دۆلەتكە ياراملىق ئىختىساس ئېگىسى قىلىپ يېتىشتۈرەي،بۇلامدۇ ئاكا؟ماقۇل دېدىڭىز ھە...ئۇنداق بولسا،رەشىد ئاكا، مېنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەڭ، ھېچكىمگە كۆرسەتمەڭ!!!مەن خىجىل بولىمەن...»

رىسالەت دىل ھەسرەتلىرىنى،مانا شۇنداق ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە تۆكۈپ، ئۇلار بىلەن غايىۋىي مۇڭدىشىش، خىيالى سىردىشىش ئارقىلىق،ئۆزىمۇ تۇيماي،بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى. كۆڭلىدىمۇ ئاللىقاچان بىر قارارغا كەلدى. 

دېمىسىمۇ ئالەمنىڭ قوينى كەڭ، بۇ جاھاندا ماڭغىلى بولمايدىغان يول يوق، بەختسىزلىك ھەر قانچە ئېغىر بولغاندىمۇ، ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ... ئۇنىڭ ئۈستىگە،رىسالەتنىڭ رەشىد ئاكىسى بار، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمىدكە تولغان داغدام يول... شۇنداق، ئۇ ئەمدى ھەر قانداق ئىش بولسىمۇ رەشىد ئاكىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ، ئاكىسى ئۇنىڭغا مۇقەررەر قول بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ نېمە بولساڭ بول دەپ قاراپ تۇرمايدۇ، سىڭلىسىنىڭ ھەقىقىي يۈرەك ساداسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا شەرمەندە قىلىۋەتمەيدۇ...

رىسالەت تۇنجى قېتىم تېنى ئىچىدە يەنە بىر جاننىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدىن سۆيۈندى. مۇشۇ جاننىڭلا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىملىق ياشاش، روھى ئازادىلىككە ئېرىشىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى سەزگىنىدە، بىردىنلا خۇشاللىققا چۆمدى. مىدىرلىماي جىممىدە بولۇپ قالغان بوۋىقىنى ئويلاپ بىردىنلا تىنچلىنالماي قالدى... ئۇنىڭ بەكمۇ تەبىئىي بولغان ئۆز نەسلىنى ئاسراش سېزىمى بىراقلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇ چاغدا ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا مۇھەببەتنىڭ ئىسسىق قانلىرى يۈگۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدى... ئۇنىڭ بوۋاقنى بالدۇرراق تۇغقۇسى، ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئەركىلەتكۈسى، باغرىغا بېسىپ ئىسسىتقۇسى، ئۇنى قاندۇرۇپ-قاندۇرۇپ ئېمىتكۈسى كەلدى، بۇ ئانىلىقنىڭ بىرىنچى بەختى ئىدى...

8


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

رىسالەت ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرىۋالدى. ئۇ ئاشۇ ۋەيرانە تۇرقى بىلەن رەشىد ئاكىسىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنسە بولمايتتى. شۇڭا ئۇ ئازراق پۇل غەملەش ئۈچۈن، بارمىقىدىكى ھەنىپە ئاپىسى سوقتۇرۇپ بەرگەن،بىر تال ئالتۇن ئۈزۈكىنى ساتتى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم،تاغقا يامانلاپ بارغىنىدا، ھەسەلخېنىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويغان،بىر جۈپ ياقۇت كۆز قويۇلغان ئەتىرگۈل نۇسخىلىق ئالتۇن ھالقىسىنى،نېمىشقىدۇر سېتىۋەتكۈسى كەلمىدى. ئەمەلىيەتتە زەرگەر ئۇنىڭ ئاشۇ ھالقىسىنى بەكرەك تالاشقان، يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمەن، دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىلكىدىكى بىردىنبىر پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمۇ مۇشۇلار ئىدى. ئۇ رەشىد بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن خېلىلا ئۈمىدلىنىپ قالدى، كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى يىدى. لېكىن ئۇزۇن مەزگىللىك روھى زەئىپلىك، تۈزۈككىنە تاماق يىمەسلىك، قان ئازلىق... بىلەن شۇ تاپتىمۇ پۇت-قوللىرىدا ھېچقانداق كۈچ-ماغدۇر يوق ئىدى...

شۇنداق قىلىپ،ئۇ،يەنە ئىككى كۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ،رەشىد بار شەھەرگە كەلدى. كېلىپلا رەشىدكە تېلېفون قىلىۋىدى، تېلېفون ئېتىكلىك بولۇپ چىقتى. ئۇ ئاكام زاۋۇتىدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ زاۋۇتقا باردى. ئۆز ئەھۋالىدىن نومۇس قىلىپ، تونۇشلۇق بەرمەي، كاتىپ يىگىتتىن سۈرۈشتىسىنى قىلدى:

ــ باشلىق تۆمۈر تايغا چىقىپ كەتكەن، ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ تويى بولدى، بىرەر ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ قالارمىكىن،ــ دېدى ئۇ رىسالەتكە تۈزۈك قارىمايلا،ــ ئىشىڭىز بولسا مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقىنى ئىزدەڭ، ئۇ ياندىكى ئىشخانىدىلا.

ــ ماقۇل...رەھمەت 

رىسالەتنىڭ تۆمۈر تايغا بارغۇسى كەلمىدى، بېرىشقا نومۇس قىلاتتى، شۇڭا ئۇ زاۋۇتقا بېرىشقا قولاي بولىدىغان بېكەتكە يېقىن جايدىن،ئەرزان باھالىق،ياتاققا ئورۇنلىشىپ، بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپلا زاۋۇتقا يەنە كەلدى، ئۇدا تۆت-بەش كۈن بېرىپ ئاكىسىنى كۆرەلمىدى:

ــ سىز باشلىققا ئاجايىپلا ئوخشايدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىنمۇ نېمە؟ــ دېدى كاتىپ يىگىت رىسالەتكە ئاخىرقى قېتىم باشقىچىلا زەن سېلىپ.

ــ شۇنداق... مەن ئۇلارغا ئازراق تۇغقان... رەشىد ئاكامنىڭ تېلېفونى ئۇلانمايۋاتىدۇ، سىز ئۇ كىشىنىڭ ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان باشقا تېلېفونىنىمۇ بىلەمسىز؟ــ رىسالەتنىڭ تىلى كۆيدى، يۈزى ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى.

ــ مەنمۇ تويدىن كېيىنلا ئالاقىلىشالمىدىم، تېلېفونىنى ئېتىۋاپتۇ، تېخى تۈنۈگۈن تېلېفون كەپتىكەن. بۇ يەردىكى ئىشلارنى سورىغان، سىزنىڭ گېپىڭىزنى دەپ بولغۇچە ئۇ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. تۇغقىنى بولسىڭىز بىلىسىز، ئۇ گەپنى بەك ئاز قىلىدىغان ئادەم... يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇ يەرگە ئۇدۇل كېلىپ كېتىشىمۇ ناتايىن. تاغدىمۇ ئۇنىڭغا تەۋە سودا بار، بەزىدە شۇ يەردە ئايلاپمۇ تۇرۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە سىزمۇ بۇ يەردە ئۇنى ساقلاپ ئاۋارە بولماي، ئۇدۇللا تۆمۈر تايغا بېرىڭ، تۆرەمكاملار سىزنى كۆرۈپ خۇشال بولسۇن، ھازىر ئۇ ئۆيدە توي خۇشاللىقى ھەقاچان.

ــ شۇنداق قىلارمەن بولمىسا...

رىسالەت يەنە بىر كۈن تۇرۇپ، زاۋۇتقا، ھېلىقى كاتىپ يىگىتنىڭ يېنىغا قايتا كىرەلمىدى. شۇ كۈنلەردە،ئۇنىڭ يېنىدىكى پۇلمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان، تۇرۇپلا بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئاينىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

«دېمىسىمۇ تۆمۈر تايغا بېرىپ باقاي، مېنى بۇ تۇرقۇم بىلەن تونۇيدىغان ئادەممۇ چىقماس... بېرىپ رەشىد ئاكامغا بىر ئاماللاپ باغاقچە بېرەي...» ئۇ شۇنداق قارار تېپىپ، تۆمۈر تايغا باردى، بارغان كۈنىلا چۈشكەن مېھمانخانىدىكىلەردىن رەشىد توغرىلىق، ئۇنىڭ ئۆيلەنگەن قىزى توغرىلىق بىر مۇنچە خەۋەرلەرنى ئاڭلىدى.

رەشىدنىڭ توي خەۋىرى ئۇنىڭغا چاقماق تېشىدەك ئېغىر زەربە بولدى. مېھمانخانىدىكى ئايالنىڭ مۇلاھىزىلىرىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى سىرقىرىتاتتى.

ــ ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتۇ،يىقىلىپ چۈشۈپ ئون ئاي يېتىپتۇ،دېگەنكىدەك،سەلىمە كىم؟رەشىد بەگ كىم؟قاراپ تۇرۇپ،بىزنىڭ بەگكە،قارا سۈركىمەكچى بولغانتى،ئۇنداق قازانغا،مۇنداق چۆمۈچ،بولۇپ،رەشىدبەگ،سەۋزىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ،ئوبدان قوڭىغا تەپتى! ئەجەب بەلەن بولدى،دېدۇق! ھازىر،سەلىمە ئۆيىدە،مېنى قاچان ئېلىپ كېتەركىن،دەپ،رەشىد بەگنى كۈتىۋاتىدۇ تايىنلىق!دۇنيادا،شۇنداقمۇ شەرمەندە ھەم نومۇسسىز ئادەملەر بولىدىكەن،دەيمەن-دە!ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولىدىغان بولسام، ئۇدۇللا دەرياغا باراتتىم-دە،سۇغا ئۆزۈمنى تاشلاپ،ئۆلۈپلا،پاكىزە بولاتتىم...ئۇ ھەقىقەتەن خىجىل بولمايدىكەن، تېخى ئاڭلىساق، يەنە بالا ئۇقۇتىمەن،مەن دېگەن مۇئەللىم، دەپ يۈرەرمىش. بىز ئەمدى قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ مەينەتكە بالا تۇتقۇزارمىزمۇ؟ئىشقىلىپ،مەن،بالامنى، ئۇنىڭ سىنىپىغا بەرمەيمەن، مەنلا ئەمەس، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ تاغدىكى كۈنى تۈگىدى!

«رەشىد ئاكامنى ئىزدەيدىغانغا ئەمدى ھېچقانداق باھانىمۇ قالماپتۇ-دە؟ ئۇنىڭ،ئاشۇ سەلىمە دېگەن بىتەلەي قىزغا،تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزىلا،ماڭا بەرگەن جاۋاب،ئەمەسمۇ؟ شۇنداق،شۇنداق... مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىممۇ خاتا بولغان...ھەتتا بۇ تاغمۇ ئەمدى مېنى باغرىغا ئالمايدۇ...» رىسالەت ئۆزى ئەسلا كۈتمىگەن بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن،ھۇشىنى تاپالماي ،ياتاققا كىرىپ كارۋاتنىڭ قىرىدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇدۇلدىكى كىچىك ئەينەكتىن بەك تاتىرىپ كەتكەن، ھەددىدىن زىيادە سۇلغۇن ھەم ساراسىمە باسقان بىر چىراي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. قىز،ئەينەكتىكى ئەكسىگە ئالاقزادىلىككە چۆمگەن ھالدا تىكىلدى. ئەجەبا بۇ راستىنلا ئۆزىنىڭ چىرايىمىدۇ؟... قېنى بىر چاغلاردىكى قاشلىرى تۆكۈلۈپ، قاپقارا قوي كۆزلىرى شوخ چاقنايدىغان، چېھرىدىن نۇر تېمىپ، يۇمران لەۋلىرى، سۈزۈك مەڭزىلىرى شاپتۇل چېچىكىدەك قىزىرىپ تۇرىدىغان رىسالەت؟...



        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k