大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 41ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 41ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-28
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 42 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40


 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


41-قىسىم



دېمەك،بېشىمدىن تارتىپ،پۇتۇمنىڭ ئۇچىغىچە،بۇ تەلۋە قىسمەت ئويۇنلىرىنى يەڭگۈدەك مەندە ھېچقانداق ماغدۇر ۋە قۇۋۋەتمۇ قالماپتۇ-دە!...

رىسالەت،ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، جاھان تۇم قاراڭغۇلۇققا تولغاندا، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ،تۆرە باقىنىڭ ھەيۋەتلىك قورو جايىغا كەلدى ۋە دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى يوغان بىر تۈپ ئارچىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۆي ئىچىگە تەلمۈرۈپ ئۇزۇن، بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇردى.بۇ ئارچىنىڭ تۈۋى شۇنداق قاراڭغۇ ئىدىكى، ئۇ يەردە مۆكۈنۈپ، يۈرىكى پارە-پارە بولغان ھالدا ئولتۇرغان بۇ قىزنى ھېچكىممۇ كۆرمەيتتى...

بىر چاغدا ھويلىدا گاراڭ-گۇرۇڭ ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، تۇچ دەرۋازا تاراڭلاپ ئېچىلىپ، ئىچىدىن تۆرەم، ئىبراھىم ھەم ئۆمەرلەر چىقىپ  كەلدى. ئۆمەر بىلەن ئىبراھىمنى تۆرەمنىڭ ئاتايىتەن ئۇزىتىپ چىققانلىقى ئېنىق ئىدى.

ــ دادا، ئىچىڭىزنى پۇشۇرماڭە بولدى، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ...ــ بۇ ئۆمەرنىڭ ئاۋازى ئىدى.

ــ شۇنداق دادا، مەن قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئەتىلا رەشىدنى تېپىپ كېلىمەن، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ،ــ دېدى ئىبراھىممۇ ئۆمەرنىڭ گېپىگە ئۇلاپ.

ــ ماقۇل، رەشىد ئەتىلا مەن بىلەن كۆرۈشسۇن، سىلەرمۇ مېڭىڭلار، كەچ بولۇپ كەتتى،ــ تۆرەمنىڭ ئاۋازى سۇلغۇن، غەملىك ئىدى.

ــ كىرىپ كېتىڭ، دادا...سالامەت بولۇڭ.

ــ بىلدىم،يولدا ئاۋايلاڭلار....

تۆرە باقى كىرىپ كەتتى، ئۆمەر بىلەن ئىبراھىم،بەختسىز سىڭلىسىنىڭ يېنىدىنلا ئۆتۈشتى. شۇنداق يېقىن جايدىن ئۆتتىكى، ئۆمەرنىڭ تۈگمىسى ئېتىلمىگەن كەڭ چاپىنى رىسالەتكە تىگىشىپ ئۆتكەندەك، ئۇلارنىڭ سۆزلەۋاتقاندىكى ئىسسىق تىنىقى قىزنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغاندەك تۇيۇلدى...ئاكىلىرى ئالدىدىن ئۆتكەندە،رىسالەت دىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇ دەقىقىدە ئۇ بار كۈچىنى يىغىپ دادىسىنىڭ، ئاۋۇ مېھرىبان ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگىسى، «مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ بۇقۇلداپ دەرد تۆككىسى كەلدى. ئەمما ئۇ پۇتلىرىغا خۇددى مىڭ پاتمان چۆيۈن ئېسىلغاندەك، لەۋلىرى شىلىم بىلەن چاپلىنىپ كەتكەندەك مىدىر-سىدىر قىلماي، ھەتتا چوڭراقمۇ تىنالماي تۇراتتى. چۈنكى،ئۇنىڭ،دادىسىنىڭ، ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىدىغانغا ئەمدى يۈزى قالمىغان ئىدى. دېمەك،بۇلاردىن ياردەم تىلەيدىغان ۋاقىت،ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى...مەيلى ئەمەسمۇ؟ ئۇ تېخى بوۋاق چېغىدىلا،بۇ ئائىلىدىن كېتىپ قالغان،قارا تەقدىر شۇ چاغدىلا،ئۇنى بۇ ئائىلىدىكى بەختتىن ئايرىۋەتكەن ئىدى... رىسالەت،مىيىقىدا كۈلۈپ،بېشىنى چايقىدى.ئورنىدىن تۇرۇپ،ماڭماقچى ئىدى-يۇ،پۇت قولىدا ماغدۇر يوق،تۇرالمايتتى.دېمەك،ئۇ بەكمۇ چارچاپ كەتكەن، ھېچنېمىدىن قورقمىغان، خىجىلمۇ بولمىغان، دەككە-دۈككىگىمۇ چۈشمىگەن ھالدا ئارام ئېلىشقا، مەڭگۈلۈك ئازادىلىككە ئېرىشىشكە بەكمۇ تەشنا ئىدى... 

ئەمما بۇنداق كۈنلەر كەلمەسكە كەتكەن.رىسالەت،ئۆزىگە غەيرەت بېرىپ،قېتىپ كەتكەن بېلىنى رۇسلاپ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە بايا كەلگەن يولى بىلەن يان كوچىغا بۇرۇلۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق، بۇ يەردىن دەرھال كېتىش كېرەك! ھېچكىمگە كۆرۈنمەسلىك، ھېچكىمنىڭ يۈزىنى، ئابرۇيىنى تۆكمەسلىك لازىم!

رىسالەت شۇ ھالدا ئەللىك مىتىرچە يول باستى. ئۇ ئۇدۇللا مېھمانخانىغا بېرىپ بۇ كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، نەگىلا بولمىسۇن بۇ يەردىن دەرھال كېتىشنى ئويلىغانىدى... لېكىن شۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدىنىدە ئاجايىپ قورقۇنچلۇق بىر ئاغرىق پەيدا بولدى. قورسىقى تولغاپ مۇجۇيتتى. بىر قەدەم ئېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بېلى ھېلىلا قاسسىدە ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك ئېچىشاتتى، بۇ ھېچقانداق ئاغرىققا ئوخشىمايدىغان ئاغرىق ـــ تولغاق ئىدى!

تولغاق بەش مىنۇتچە داۋام قىلىپ يەنە بىر دەمدىلا شىپپىدە توختاپ قالدى. ئاغرىق توختىشى بىلەن، چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن رىسالەت بار كۈچى بىلەن تۆرەمنىڭ ھويلىسىدىن يىراقلاپ كەتتى.شۇ ئېنىقكى،ئۇ يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتكەن، قەدەملىرىنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان دەريا يولىغا بۇرىغانىدى.

__ «ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى ئىگىسىگە كۆرسەتمەپتۇ» دەيدىغان گەپ بار.ئۆزۈمنى كۆرسەتمەيمەن، ئۆزۈم تاپقان بالانى، مەينەتچىلىك ھەم رەسۋاچىلىقنى پەقەت ئۆزۈملا تارتىپ ئۆتۈشۈم، ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالماسلىقىم كېرەك... دەرھال ماڭ،رىسالەت،بىر قەدەممۇ تۇرۇپ قالما! دەريا تامان يۈگۈرگىن،تېز بول! سەن ئاكىلىرىڭدىن ياردەم كۈتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت، بايا ئۆتكۈزىۋەتتىڭ. مۇشۇنداقلا تۇرساڭ، چوڭ كوچىدىلا تۇغۇپ قويۇشۇڭ ئېنىق.ئەگەر شۇنداقلا بولسا، ئانا-بالا ئىككىڭنىڭ،شەرمەندە تۇرقى،پۈتۈن ئەلگە ئايان بولىدۇ! سەن ئاياۋاتقان، سەن چوڭ بىلگەن بارلىق ئادەملىرىڭ ــ تۆرەم داداڭ، ھەسەل ئاناڭ، قورقماس بۈركۈتتەك مەغرۇر رەشىد ئاكاڭ، ئابرۇي دېسە جېنىنى سېلىپ بەرگۈدەك قىلىدىغان قاسىم داداڭ، ھەنىپە ئاپاڭ.... ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئالدىدا، يۈزى، سۆزى، ئىناۋىتىدىن چۈشىدۇ!يەنە ياشايمەن،دەپ،بۇنچە جەبر زۇلۇم تارتقۇچە، ئارام ئالغىنا بولدى،تارتقان خورلۇقۇڭ، ئۇچرىغان تەڭسىزلىكىڭ، يىغلىغان يىغاڭ، پۇشايمىنىڭ... ھەممىسى غايىب بولسۇن... بارغىن، دەريا تامان ئۆمىلەپ بولسىمۇ ماڭغىن، ئۇ يەردە بىر بەخت بار... بالاڭغا بەختسىزلىكنى تۇغۇلۇشىغىلا مۇكاپات قىلىپ بېرىشىڭنىڭ نە ھاجىتى؟ ئۇ دادىسىنىڭ كىملىكىمۇ نائېنىق بالا،بۇ دۇنيادا،تۇققانلىرىڭنىڭ ئىچىدە،بۇنداق بالىغا بەختتىن نېسىۋە يوق...» 


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


رىسالەت نۇرغۇنلىغان ئازاب ۋە ھەسرەت بەدىلىگە كەلگەن بىر نۇر، بىر ئۈمىد، بىر خۇشاللىقنىڭ،مۇشۇ مۇدھىش كېچىدە خىيالىنى بىردىنلا يۇرۇتقان ئاشۇ دەريا ئېقىنى بىلەن تەڭلا ۋۇجۇدىغا يامرىغانلىقىنى ھېس قىلدى...شۇنداق، ئاشۇ تىنچ دەريا قىنىدا ھازىرقىدەك خىجىللىقتىن ئەسەرمۇ قالماس، بۇنداق نومۇسمۇ ئەستىن چىقىپ كېتەر، ئۇمۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلار...

ئاسماندا ئاي بار ئىدى، بىراق ئاسمان بويلاپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان قارا بۇلۇتلار كەينى- كەينىدىن نۇرسىز ئاينى توسۇپ ئۆتەتتى. بىچارە ئاي پۈتۈن بىر قارا بۇلۇت دېڭىزى بىلەن بىھۇدە ئېلىشماقتا ئىدى. ئەمما تېخىمۇ قارىداپ كەتكەن پايانسىز بوشلۇق ئۇنىڭ ئاشۇ سۇلغان بىچارە نۇرىنىمۇ يالماپ يۇتاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ رىسالەتكە ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك، ئۇ مىڭ زورۇقۇپ كېتىۋاتقان ئادەمسىز يالغۇز ئاياغ تار يولنى ئاندا-ساندا يورۇتۇپ تۇراتتى...

شۇنداق،رىسالەت بار كۈچى بىلەن يۈگۈردى.مەھەللىدىكى ھەممە ئاۋازلار بىر-بىرلەپ جىمىقىپ كەتكەن ئىدى. يىراق تاغ باغرىدىن بوغۇلۇپ-بۇغۇلۇپ ھۇۋلاۋاتقان بۆرىلەرنىڭ ئەنسىز ئاۋازىمۇ شۇ تاپتا جىمىپ كەتكەن... ئەمدى رىسالەتنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.

ئۇ، دەرياغا قايرىلىدىغان يولغا چۈشكەندە، تولغاق،قايتا قايتا دەم ئالدۇرماستىن تۇتۇپ كەتتى.بۇنىڭ ئازابىغا چىداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. رىسالەت چىشىنى مەھكەم چىشلىۋالسىمۇ، لېكىن تولغاق ئازابىدىن ئۆزىنى تۇتالماي دات-پەريات چەكتى. بۇغۇلۇپ: ئاھ تەغدىر مەن خاتا قىلدىم،مەن خاتالىقىمنى تونۇدۇم،شۇنداقتىمۇ،مېنى ھەم بۇ پەرزەنتىمنى،بۇ يەردە رەسۋا قىلمىغىن،ئۆتۈنەي،ماڭا كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلغىن،بالام تۇغۇلۇپ قالماستا، مېنى ئاشۇ دەريا بويىغا سالامەت يەتكۈزگىن! ئاغرىقىمنى پەسەيتكىن... ۋاي ئانا...ۋاي جېنىم ئانا، مېنىڭدىن رازى بولۇڭلار... دادا،دادا... ماڭا رازىلىق بېرىڭ...» دەپ نالە قىلاتتى... لېكىن ئۇ قانچە يالۋۇرسىمۇ،قانچىلىك نالە پەرياد چەكسىمۇ،ئالدىغا ئىككى قەدەم ئالالمىدى.كېيىن بىردەمدىلا بىر سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ ئاياغ كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي ھۆل قىلىپ،يۇمران ئوتلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ چۈشتى.دېمەك، بالىنىڭ باش سۈيى يېرىلغان، قىپقىزىل قان قاراڭغۇدا ياپيېشىل چىمەنلەرنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بويايتتى...

مانا بۇ چاغدىكى ئاغرىقنىڭ ئازابىغا ئەمدى ھېچنېمە،ھېچقانداق گەپ تەڭ كەلمەيتتى... رىسالەت،ئۆزىنى ئۇنتۇپ،پەسكە دومىلاپ چۈشتى. «ۋاي ئانىمەي، ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك بۇ؟!» دەپ،جانسىز نالە قىلاتتى. شۇنداق ئازاب ئىچىدە، ئۇ يولدىن دومىلىغانچە پەسكە ــ تال چىۋىقلار شالاڭ ئۆسكەن ئويمانغا چۈشۈپ كەتتى... ئۇنىڭ ماغدۇرسىزلانغان ئاجىز پۇت-قولى ئۇنى ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئويماندىن  چىقىرالمايتتى...

شۇ ھالدا،ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغلاردا ئۇنىڭ قورسىقىدىكى، تېنىدىكى بارلىق نەرسە بىراقلا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئاغرىقمۇ بېسىلىپ قالدى... يىغلىغان ئاجىز بىر ئاۋاز ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىلا ئاڭلىنىشقا باشلىدى...

رىسالەت خۇدىنى بىلىپ-بىلمەي، پۈتۈنلەي ماغدۇرسىزلانغان تېنىنى بالا تەرەپكە سۈردى ۋە ئەڭ ئاخىرقى غەيرىتى، ئانىلىق مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ئۇچىسىدىكى يالاڭ چاپىنىنى سالدى-دە، بالىنىڭ دىرىلدەپ تۇرغان ئاجىز، قۇرتتەك كىچىك بەدىنىنى يۆگىدى.بوينىغا يۆگىشىپ تۇرغان ھەمراھىنى چىشلەپ،ئۈزدى. يەنە خاتىرجەم بولالماي، بايا بىر تەبىئىي ھەرىكەت ئىچىدە سېلىپ تاشلىۋەتكەن يىپ ئىشتىنىنى تېپىپ،بالىنى ئۈستىلەپ يۆگىدى... مانا بۇ،ئۇنىڭ،ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن،بۇ دۇنيادا قىلىپ بەرگەن،بىردىنبىر كۆيۈنىشى بولۇپ قالدى.كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، سەزگۈسى قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى.ئۆزى بىر بوشلۇققا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ،قانداقتۇر باش-ئايىغى يوق خىيالىي تۇيغۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ كەتتى...


سەلىمە قېرى تېرەكنىڭ غولىغا يامىشىپ ھويلا تېمىدىن سىيرىلىپ سىرتقا چىقتى، شۇندىلا نەمخۇش ھاۋا، مەيىن شامال يۈزلىرىگە، ماڭلىيىغا ئۇرۇلۇپ، قىسىلغان نەپىسى بىردىنلا راۋانلىشىپ كەتكەندەك ئازادىلىك ھېس قىلدى. ئۇ تېز-تېز مېڭىپ، ھەتتا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك مەھەللىدىن يىراقلاشتى... قاراڭغۇ ئورمان، قاراڭغۇدا قاپقارا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۈيۈك تاغ، كەڭ كەتكەن دالا ئۇنىڭدا ھېچقانداق قورقۇنچ ھېس قىلدۇرمىدى. ئۇنىڭ مېڭىسى ھېچقاچان بۇ دەرىجىدە تىنچلانمىغان ئىدى. ئەتراپ جىمجىت، ئاسمان گويا ئۇنىڭ باش ئۈستىگىلا يېقىنلاپ قالغاندەك قارامتۇل، خۇنۈك كۆرۈنەتتى.ئۇ،بازاردىن يىراقلاپ تاغنىڭ  ئىچىگە ماڭغانسېرى ئادەم تىنىشقىمۇ پېتىنالمىغۇدەك شۇنچە سۈرلۈك جىمجىتلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.ئەمما بۇلارنىڭ كارايىتى چاغلىق.ھېلىمۇ، ئۇ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق تالدى. بىر ئۆمۈر تارتقان ئۇۋاللىق ۋە بۇ قېتىمقى توي تۈپەيلى پەيدا بولغان،كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاھانەت،ئۇنىڭغا زادىلا ھازىرقىدەك تىنچلىق، ئاراملىق بەرمىگەن ئىدى... سەلىمە: «ئادەم ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھەممە نەسە مۇشۇنداق جىمجىت بولىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى... 

قىز شۇ مېڭىشىدا چاتقاللارنى، ياپيېشىل ئوتلاقنى كېچىپ خېلى ئۇزۇن ماڭدى. يىراقتىن دەريانىڭ شاۋقۇنى ئاڭلاندى. ھاۋا تېخىمۇ ساپلىشىپ، سوغوق نەم ھاۋا ئۇنىڭ يۈزلىرىگە، دىماقلىرىغا ئۇرۇلدى. يەنە 200 قەدەمچە ماڭسىلا دەريا بويىغا يېتىپ كېلەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىزچىلىك، ساراسىمە ھەم ئېيتىپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر شادلىق بىلەن تېپچەكلەپ سوقۇپ كەتتى. نېمىشقىدۇر ئۆزىمۇ ئېغىر تىنىپ ھاسىراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ،ئۆزىنىڭ،ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ قەدەملىرىنى ئىختىيارسىز توختاتتى ۋە قارىيىپ تۇرغان كەڭ تەبىئەتكە، تاغلارغا، قارا بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمانغا... جۇدالىق نەزىرى بىلەن قارىدى.

مۇشۇ چاغدا،ئۇنىڭ ئېسىگە نۇرغۇن ئىشلار يەنە يوپۇرۇلۇپ كەلدى.ئۇ مومىسىنى ئويلىدى... ئاقكۆڭۈل موماي ھە دەپ ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلايتتى. مومىسى كۆز ئالدىدا ئايان بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ پىغانى تاشتى، كىشىگە تىنالمىغان دەرد-ھەسرەتلىرى بىراقلا پارتلىدى:

 


        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k