大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 29ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 29ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-16
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە 

ساننى بېسىپ  كىرىپ ئاڭلاڭ 


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28












جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


29-قىسىم

تۆرەم ئۇدۇللا گۆھەربانۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، رەشىدنىڭ دېرىكىنى سورىغان گۆھەربانۇغا بولغان ئەھۋالنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتتى. شۇنچە ئىش بولغاندا،ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ھېچقانداق ئارا تۇرالمىغانلىقىدىن ئۆكۈندى.

ــ سەلىمە يەنە مەكتەپتە ئىشلەۋەرسۇن، سىز ھېكىمگە دەڭ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئازار قىلماڭلار. ئۇزاققا سوزۋەتمەيلا،بۇ قىزنى ناھىيەگە يۆتكەپ قويۇشىدۇ. ھېكىمنى رەشىدبەگكە قوشۇپ ئىچكىرىگە ماڭدۇرىدىغان خىيالىممۇ يوق ئەمەس،ـــ دېدى ئۇ ھېكىم توغرىلىق شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە كاللىسىغا كەلگەن خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ.

تۆرەمنىڭ سېخىيلىقىدىن قاتتىق خۇشال بولغان گۆھەربانۇنىڭ،سەلىمە سەۋەبلىك تارقىماي تۇرغان خاپىلىقى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. ھېكىملا ئابرۇيلۇق بولىدىغان ئىش بولسا مەيلى ئەمەسمۇ، سەلىمەنى ئۆيگە كىرگۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس، يەنە كېلىپ سەلىمەنىڭ مائاشى يەنە ھەر ئايدا قولغا كىرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يۈز-ئابرۇيى تۆكۈلگەن بولسا، بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، خەقلەر قاچان سۆزلەپ ھارغاندا، تالغاندا بېسىقىدۇ...

ـــ سەلىمە سادىقجاننىڭ ئەتىۋارلىقى ئىدى، ھەتتا شەيدادىنمۇ چوڭ بىلەتتى... بۇ كۈنگە كەلگەندە مەنمۇ بۇ قىزنى رەشىدبەگنىڭ يۈزىگە ئاياغ قويار دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن... ھېكىممۇ ئۇنى ھەر قايسىڭلارغا بولۇشۇپلا ئۇرۇۋەتتى... نېمىلا دېگەن بىلەن بولغۇلۇق بولدى، ئورنىغا كەلتۈرۈشمۇ تەس... سەلىمەنى مەن ئۆيۈمگە سولىماي كىم سولايدۇ دەيلا، تۆرەم؟ ئۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ قىزىم... ئۇنى دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ چىققاندا، مۇشۇ ئۆيگە ئۇدۇللا ئېلىپ كېلىمەن، سېلى خاتىرجەم بولسىلا.

ـــ ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، سىزمۇ قانداق قىيىنچىلىق ياكى بىرەر ئىشقا مۇھتاج بولسىڭىز، ماڭا دەڭ،بار مەسلىھەت ئىش قىلىمىز.

ـــ بولىدۇ، تۆرەم، ھېلىمۇ سىلىگە جىق ئېغىرچىلىقىمىزنى سالدۇق، مۇشۇ ئىشتا،بىزگە ھېچكىم سېلىدەك كەڭ قورساقلىق قىلمايدۇ ... سېلىگە رەھمەت.

تۆرەم سەل خاتىرجەم بولۇپ گۆھەربانۇنىڭ ئۆيىدىن يېنىپ چىقتى، دېمىسىمۇ سەلىمەگە نىسبەتەن ئۇنى يەنە مۇشۇ ئۆيگە تىقماقتىنمۇ باشقا چارە يوق ئىدى.

17

سەلىمە ئون بەش كۈندىن كېيىن بالنىستىن چىقتى. گۆھەربانۇ ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشنى ھېكىمنىڭ بەختى بىلەن باغلىۋالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ نېمىگىدۇر سۆرەلگىنىگە، تارتىشقىنىغا ئۇنىماي ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلدى. سەلىمەنىڭ ئون بەش كۈندىن بۇيان كۆرگەن-بىلگەنلىرى يەنە باشقىچە بولدى. شەيدا ئۇنىڭغا قارىدى، گۆھەربانۇ ئىككى كۈندە بولسىمۇ بىر كېلىپ-كېتىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرغان بولدى.

ــ خەق نېمە دېسە دېسۇن، مۇئەللىملىكىڭنى قىلىۋېرىسەن، نوچى بولسا يۈزۈڭدە سېنى بىر نېمە دەپ باقسۇن قېنى، ماڭا قويۇپ بەر،ـــ گۆھەربانۇ ھەتتا شۇنداق دەپ سەلىمەنى تىنچلاندۇراتتى. ئۇ تۆرەمنىڭ:«سەلىمە ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ قويغاندەك تۇرىدۇ» دېگەن گېپىدىن قورقۇپمۇ قالغان ئىدى. گەرچە سەلىمەنىڭ ھاياتى، ئۆلۈپ-تىرىلىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر ئايدا كىرىپ تۇرىدىغان مائاشى ئادەتتىكى سان ئەمەس ئىدى. شەيدا شۇ پۇلغا تايىنىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرمىسا بولمايدۇ، ئاۋۇ دەلدۈش ئوغۇل ئەنۋەرنىڭمۇ ئوپېراتسىيە پۇلىنى جۇغلاشقا يەنە پۇل لازىم.

«مەيلى ئەمەسمۇ؟ تۆرەم شۇنداق دېگەندىكىن ماڭا نېمە ئىدى؟ ئەسلىدە مەن ئۇلارغا خوش- خوش قىلىپ كېتەمدىمكىن دەپ يۈرسەم، تۆرەم ئوغۇللىرىنى ئالدىمغا ناماقۇللۇققا ئەۋەتتى. يەنە خاپا بولماڭ دەپ ئۆزى كەلدى، بىر يۇرتنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم شۇنچىلىك قىلىۋاتسا، ئىززىتىمنى بىلمىسەم بولماس؟... ھەسەلخېنىم قاپاقلىرىنى چىڭڭىدە تۈرۈۋالغان بىلەن مەن ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرامتىم؟ يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ماڭا ئېچىلىپ كۈلۈپ بەرگىنىنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟... مەيلى، قاپاقلىرىڭ مېنى كۆرگەندە يەرگە چۈشۈپ كەتكۈچە ساڭگىلىسۇن، بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى!...» دەپ ئويلايتتى گۆھەربانۇ.

سەلىمەنىڭ تويى بولغان كۈندە، ئىزا-ئاھانەت بىلەن قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئەلەملىك ئىش بولغاچقا، ئۇ شۇ تۈپەيلى، بۇ ئائىلىدە بۇرۇنقىدىن بەتتەر يەككە-يېگانە قالدى. ھەرقانچە چاندۇرمايمىز،دېگىبى بىلەن،خۇددى بىراۋغا پېشى تېگىپ كەتسە مەرىزى يۇقۇپ قالىدىغاندەك، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا نەپرەت ھەم  ئۆچلۈك بىلەن قارايتتى.ھەر بىر ئېغىز سۆزلىرى غۇچۇرلاپ تۇرغان چىشلىرى ئارىسىدىن قەھر بىلەن چىقاتتى...

سەلىمەتوغرىسىدىكى ھەر خىل ھەرياڭزا گەپ سۆزلەر،بولۇپمۇ ئۇنىڭ سەۋزە ئۆتكۈزۈلگەن نان يۆگەلگەن داستىخان بىلەن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى پۈتۈن بازارغا، ناھىيەگە، ھەتتا چەت قىشلاقلارغىچە خۇددى بوراندەك تېزلىك بىلەن تارقالغانىدى...كېيىن يۈز بەرگەن بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرگە يەنە بىكارچى خوتۇنلار چاپلاپ سەمرىتكەن نۇرغۇن قانات-قۇيرۇقلار چىقىپ ھە دەپ ئاسماندا، يەر يۈزىدە، كىشىلەر ئىشىكلىرىدە، ئېغىزلىرىدا ئۇچۇشقا باشلىدى.

ـــ قىز بالىنى ئوقۇتىمەن دېگەن بىلەن ئەنە ئاشۇنداق ئاتا-ئانىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەيدۇ.

ـــ ئۇنىچۇ، رەشىدبەگ ئۆلۈك ئىتنى تاشلىغاندەك تالاغا پىرقىرىتىپ چۆرىۋېتىپتۇ. «ۋاي قۇلىڭىز بولاي، دېدىكىڭىز بولاي» دېگىنىگە، يالۋۇرۇپ يىغلاشلىرىغا ئېرەيمۇ دېمەپتۇ.

ــ گۆھەربانۇ توينىڭ بارلىق چىقىمىنى تۆلەپ بېرىپتۇ ...

ــ ئۇنداق بۇزۇققا يەنە بالا تۇتقۇزارمىزمۇ؟ قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن قانداق تەربىيە ئالار؟

ــ ئۇ ئاشۇ مەكتەپتە بولسا، قىزلىرىمىز بۇزۇلىدۇ بىر كۈنى. مەن قىزىمنى چىقىرىۋالىمەن بولدى.

ـــ ...

ياپتا گەپلەر، داۋراڭ-سۈرەنلەر بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ، توقۇلۇپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەن ۋە كۆپتۈرۈلگەن تەپسىلاتلار، تۈرلۈك-تۈمەن مىش-مىش پاراڭلار تەتىل كۈنلىرى توشۇشقا ئاز قالغانسىرى بۇ كىچىككىنە بازارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئەسلىدىمۇ قىلغۇدەك تۈزۈك ئىش يوق، كۈن بويى ئۇ ئۇزۇنكەن، بۇ قىسقىكەن بىلەن بولىدىغان غەيۋەتخور خوتۇنلارنىڭ ئاغزى لىققىدە توشتى، ئىش چىقتى، يېڭىلىق بولدى، ئۇلار گويا سەلىمەنىڭ قايغۇ بىلەن تولغان تاقەت قاچىسىنى يەنىمۇ تولدۇرماقچى، چىڭدىماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى...

سەلىمە بۇ زەھەرخەندىلىكتىن مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلگۈدەك ھالغا چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. تەتىل توشۇپ، ئوقۇش باشلاشقا ئاز قالغانسىرى ئۇنىڭ قەلبىنى چۇلغاپ تۇرغان ھەسرەت تېخىمۇ قېلىنلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغانلا ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى. قولى ئىشقا بارمايتتى، كۈن بويى خارامۇش يۈرەتتى. ئەسلىدىمۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدىغان كۆزلىرى تېخىمۇ مىسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شەيدانىڭ گەپلىرىگە ئانچە-مۇنچە جاۋاب بەرگەندىن باشقا كۈن بويى ئەلەڭ-سەلەڭ سۆرۈلۈپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدىكى بارلىق كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى. سەلىمەنىڭ بۇ سۆرەلمىلىكى گۆھەربانۇنىڭ، ھېكىمنىڭ، ئەنۋەرنىڭ،  ھەتتا شەيدانىڭمۇ ئوغىسىنى قاينىتاتتى. ئىلگىرى دادىسىنىڭ روھىنى ھۆرمەت قىلىپ بولسىمۇ چىش يېرىپ بىر نېمە دېمەيدىغانلار ھازىر ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇلار گويا دادىسىنىڭ روھىغا بۇ «قاملاشمىغان يەردىن پەيدا بولغان» قىزىنىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشىرىسىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولۇشقاندەك ھەر قانداق تىل-دەشناملىرىدا، سەلىمەنىڭ «پاسكىنا، مەينەت، بۇلغانغان»لىقىنى پەش قىلماي قالمايتتى...

18

تەتىل ۋاختى يېقىنلاشقان،بۇ كۈنى سەلىمە ھۇجرا ئۆيدە يالغۇز ئولتۇراتتى.بۇ كۈندە، گۆھەربانۇنىڭ،سەلىمەگە يەڭگە بولغان سېمىز ھاممىسى مېھمانغا كەلگەن ئىدى. مېھمانخانا ئۆيدىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن پاراڭلىرى، كۈلكە-چاقچاقلىرى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. سەلىمەنىڭ بۇرنىغا مېزىلىك پولونىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاچماسلا بولۇپ قالغىلى خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭ قورسىقى ۋىژژىدە ئاچقاندەك، كۆزىگە قىپقىزىل پارقىراپ تۇرغان پولو كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى ۋە ھويلىدىكى مېھمانخانىغا يانداش قويۇلغان سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئاسمان قىزىرىپ، قۇياش تاغ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. تولغان چېچەكلەردەك قىزارغان كەچكى شەپەق ئۇنىڭ سارغايغان چىرايىغا باشقىچىلا بىر گۈزەللىك بەخش ئەتكەنىدى. 

مېھمانخانىدىن ھاممىسى بىلەن كۈلۈپ خوشلىشىپ، ئاۋۋال ھېكىم، كېيىن شەيدا چىقىپ كەلدى  ھەم بىر-بىرىنى ئۇرۇپ، قوغلاپ چاقچاق قىلىشقىنىچە ھويلىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار ھەتتا سەلىمەگە ئۆرۈلۈپ قاراپمۇ قويمىدى. گويا بۇ ھويلىدا سەلىمە ئىسىملىك بىرى يوقتەكلا شۇنداق پەرۋاسىز ئىدى... سەلىمە شەيدانىڭ ھەر قاچان كۈلۈپ يايراپلا تۇرىدىغان خۇشال تۇرقىغا ئۇ دەرۋازىدىن يۈتكۈچە قاراپ تۇردى. مېھمانخانا ئۆيدىن گۆھەربانۇنىڭ ھاممىسى بىلەن پىخىلدىشىپ كۈلۈۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە بالىلىرىنىڭ، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىپ كۈلىشەتتى. قىزىق گەپلەرگە كۆچكەندە ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ،ئۆينى بىر ئالاتتى.

سەلىمە ئۆزىنىڭ مومىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ھەم مۇستەقىل ھەم تەنھا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئويلىدى. بۇ ئىنتايىن غەلىتە ھەم ئازابلىق ھېسسىيات ئىدى... 

ـــ ھەي ئەخمەق! ئەنۋەر، ئەنۋەر دەپ يىغلىغۇچە، ئەنۋەرنى ئۆيلەپ قويساڭلا بولمىدىمۇ؟ـــ سېمىز يەڭگىنىڭ ئاۋازى سەلىمەنىڭ قۇلىقىغا كىردى.

ــ ئەنۋەرنى ئۆيلەپ قوي دەمسىنا ھامما؟... ئۇنىڭدەك ئىت يېمەس تاپقا كىممۇ تېگەر؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، ــ گۆھەربانۇنىڭ ئاۋۋال ئۇھ تارتقىنى، كېيىن خىرىلداپ كۈلگىنى ئاڭلاندى.

ــ ھەي نادان، سەلىمەنى ئېلىپ بەرمەمسەن؟ سەلىمەمۇ ھازىرقىدەك ئېغىر كۈنگە كەلگەندە يۈزىنى يۇيىۋالىدۇ. بۇ تويغا ئۇ خۇش بولۇپ ماقۇل بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ ساڭا ياقمۇ دېيەلمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئەنۋەر. ئۇ سېنىڭدىىن كېيىن قالسىمۇ ئاچ قالمايدۇ، سوغوقتا توڭمايدۇ، سەلىمەنىڭ مائاشى ئۇنى بىر ئۆمۈر باقىدۇ. ئەخمەق بالا، بۇنىڭدىن بەلەن ئىش بارمۇ ساڭا؟ قارا، ھاڭۋېقىپ تۇرۇشىڭنى، ھى... ھى... ھى...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



ــ ۋاي ئوبدان ھامما، بۇنىڭدا بولامدۇ؟ سەلىمە ئەنۋەرگە ماقۇل بولارمۇ؟

ــ ماقۇل بولمايدىغانغا ئۇنىڭ ھەددىمۇ؟ ئەنۋەرگە تەگمىسە ئۆلۈۋالسۇن شۇ! تەتىل توشسا مۇئەللىملىكىمنى قىلىمەن دەپ ئولتۇرىدىغاندۇ ئۇ بايقۇش ھەقىچان؟ بىلەمسەن گۆھەر، بىزنىڭ قوشنىلار جېنىدا قىزلىرىمىزنى ئۇنىڭ سىنىپىغا بەرمەيمىز، دېيىشىۋاتىدۇ. قېنى ئۇنىڭ بۇ قارىنى يۇماي تۇرۇپ بالا ئوقۇتقىنىنى مەن بىر كۆرەي...

ــ بۇنداق يامان گەپنى،مەنمۇ ئاڭلىدىم ، خەقنىڭ  بالىلىرىمىزنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالىمىز، دەپ داۋراڭ سېلىشىدا ھەسەلخېنىمغا ياخشىچاق بولۇش غەرىزىمۇ يوق ئەمەس...

ــ شۇ... سەنمىچۇ، تولا ھەسەلخېنىمغا پۇت ئاتماي، ماۋۇ سەلىمە دېگەننى قانداق ئەدەپلىگىنىڭنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قوي. ئەنۋەرگە ئۇنى قوشۇپ قويساڭ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى، ياق، ئۈچ پاختەكنى سوققان بولىسەن. ھەسەلخېنىم بۇ تۇزكورنىڭ لەقۋاغا تۇتۇلۇپ ئازابقا قالغانلىقىدىن خۇش بولىدۇ، سەلىمەنىڭ يۈزى يۇيۇلىدۇ، ئەنۋەرنىڭ غېمىنى يىمەيسەن.

ــ ئەجەب لەقۋا دەپ كەتتىڭ بىچارە بالامنى!

ــ ۋاي، خاپا بولمىغىنە، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى ئۇتتۇرىغىلا دەۋېتىدىغان مىجەزىمنى بىلىسەنغۇ؟ مەنمۇ شۇ ئەنۋىرىڭنىڭ غېمىنى يەۋاتىمەنغۇ مانا.

ــ بىراق سەلىمە... ھازىرمۇ رەشىدبەگنىڭ قەغىزىدە تۇرسا... بەگ كەلمىسە ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى قانداق ئۆتىگۈلۈك، ھامما؟ تۆرەم ئاڭلىسا نېمە دەر؟

ــ ئەخمەق، تۆرەمغا دېمەي ھەسەلخېنىمغا دەيسەن، بۇ توي بولغاندا سەلىمە رەشىد بىلەن توي خېتى ئالغىلى بازارلىق ھۆكۈمەتكە بارمىغانغۇ-ھە؟

ــ ھەئە،سەلىمەغۇ بارغان،ئەمما رەشىد بارمىدى...

ــ قىزىل قەغەزنى بەرگەن ئادەم ، شۇ قىزىل قەغەزنى كۆك قەغەزگىمۇ ئالماشتۇرۇپ بېرەلمەسمۇ سېنىڭچە؟سەنچۇ،ئەتىكى كۈندە ھەسەلخېنىمنىڭ يېنىغا بار، ئەھۋالنى ئوچۇقلا ئېيت،بۇ گەپ ھەسەلخېنىمغا ياغدەك ياقمىسا مانا مەن! تېخى بۇ گەپنى ئاڭلىسا،ئاجرىشىش قەغىزىنى بېجىرىشكە ئۆزى ئالدىڭغا چۈشۈپ يۈگۈرەمدۇ،كىم بىلىدۇ؟

ــ مەن ئۇ خېنىمنىڭ ئىچىۋاتقان ئومىچىنى ئۆرۈۋەتكەندەك،مېنى كۆرسىلا قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىكەنغۇ تاڭ؟ ئۇنىڭ سەت قاپىقىنى ئويلىسامغۇ ھېچنەگە بارغۇم يوق ھامما... يەنە كوتۇلداپ كېتەرمۇ دەيمىنا؟

ــ كوتۇلدىسا كوتۇلدار، لېكىن ئۇ گېپىڭنى ئاڭلىسىلا قىزىل قەغەزنى كۆككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىشنى دەرھال بىجىرىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.

ــ دېمىسىمۇ شۇ... ھى... ھى... ھى...

ــ ماڭە، ئەنۋىرىڭنى چاقىرە...

ــ نېمە قىلىسەن؟ ئۇ بىر بەلەن تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇۋاتمامدۇ ئەنە؟

ــ گەپكە سالىمىز، ھى... ھى... ھى....

ــ ئەىۋەر، ھەي ئەنۋەر، بۇيانغا كېلە، بالام!...

ــ مېنى نېمە قىيىشەن؟... مەن دەنشى كۆيىۋاتىمەن.

ــ ئەنۋەر، خوتۇن ئالامسەن؟ خوتۇن دەۋاتىمەن؟...

ــ ھەئە... ھى... ھى... ھى... چىيايلىق خوتۇن ئالىمەن.

ــ شالۋىقىڭنى ئېيتساڭچۇ خوتۇن ئالىدىغان ئادەم... ۋاي- ۋۇي... قارا، گۆھەر ئۇنىڭ شالۋىقى باشقىدىنلا ئېقىپ كەتتى، ھا... ھا... ھا...

ــ سەلىمەنى ئالامسەن ھە؟ سەلىمەنى؟... ئەنۋەر، سەلىمە ساڭا خوتۇن بولسۇنمۇ؟ ساڭا پۇل بېرىدۇ، سېنى باقىدۇ؟

ــ ياخ... ئۇنى پاسكىنا دېدىڭغۇ؟ مەن پاسكىنىنى ئامايمەن...

ــ ئۇ پاسكىنا ئەمەس... ئۇنىڭ پۇلى بار، سېنى باقىدۇ......

«تۇغقانلىرى»نىڭ،ئۆزى ئۈستىدىكى قارارىنى ئاڭلاپ تۇرغان سەلىمە، يىقىلىپ چۈشمىدى،ھۇشىدىنمۇ كەتمىدى.ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلىۋاتقان،بۇ ئازاب-ھەسرەتلەر، گويا ئىچ-ئىچىدىن ئېچىغان يىرىڭلىق جاراھەتتەك،مانا شۇ تاپ ئۇنىڭ بارلىق چىدامچانلىقى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى تۈگەتكەن ئىدى...

«بۇلارغا ھەيرانمەن»،دېدى ئۇ ئۆز ئۆزىگە،«ئەمدى مەن ئوقۇتىدىغان بالىمۇ يوقكەن-دە... مۇئەللىم دەيدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچۇم يوق بولىدىكەن-دە...مېنىڭ بۇلغانغانلىقىم سەۋەبلىك ئاشۇ سەبىيلەرمۇ ئەمدى مەندىن يىراق قاچىدۇ،مېنى «مۇئەللىم»دەپ توۋلىمايدۇ... كۆرىدىغان كۈنۈم،مانا ئايان بولدىغۇ؟شۇنداق تۇرسىمۇ،بۇ يەردە يەنە ئولتۇرۋاتىمەن.مەن زادى نېمىنى كۈتىمەن؟ ئۇلارنىڭ مېنى قىزى، سىڭلىسى ياكى ھەدىسى ئورنىدا ئەتىۋارلىشىنى كۈتىمەنمۇ؟ بۇ ھەم مۇمكىنمۇ؟ ياكى ئاۋۇ دەلدۈش شالۋاقنىڭ،مېنى پايخان قىلىشىنى، ئۇنىڭ ئېرىم بولۇشىنى ساقلاۋاتامدىم؟... 

سەلىمە،ئاستا ئورنىدىن تۇردى.ئۇنىڭ قەلبىدە «مەكتەپ، ئوقۇغۇچى»لار سەۋەبلىك كېيىنكى چاغلاردا پەيدا بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدمۇ گويا پۈۋلەپ ئۆچۈرىۋېتىلگەن جىن چىراغنىڭ نۇرىدەك،بىردىنلا غايىب بولدى.دېمەك، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى،بۇ چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە،يورۇقلۇق دېگەندىن ئازراقمۇ ئەسەر قالمىغان ئىدى.ئۇ،ئازاب بىلەن كۈلۈمسىرەيتتى.ئۆزىنىڭ شۇنچە ئېنىق بىر قارارغا كېلىپ تۇرۇپمۇ،يەنە مۇشۇنداق بىر ئوچۇم رەھىمسىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدە،يەپ-ئىچىپ ياشاپ،تېنەپ-تىترەپ،ئاشقان-تاشقاننىڭ ئىگىسى بولۇشقا رازى بولۇپ يۈرگەنلىكىگە ھەيران قالدى. «ئۆلۈم»،ئۇنىڭ ئەقلىنى قولىغا ئالغاندىن باشلاپلا،ئىزچىل ئىنتىلىپ ۋە تەسەللى تېپىپ كېلىۋاتقان غايىۋىي تەسەللىسى ئەمەسمىدى؟ئەمما ئۇ بۇ قەدەمنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان،نېمە ئۈچۈن جۈرئەت قىلالمايدۇ؟جۈرئەت قىلالمىغۇدەك،شۇنچە كېچەلمىگۈدەك نېمە بار؟... ئۇ،شۇنچە ۋاقىت،شۇنچە قىيلىنىپ مۇھەببەتنى،بەخت ۋە مېھىر ۋاپانى ئىزلىدى.ئەمما يەرگە قونالمايدىغان،نامەلۇم ئۇچار كېمىگە ئولتۇرۇپ،پايانسىز ئالەمنى كېزىپ يۈرگەن بىتەلەي سەيياھقا ئوخشاش،ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ھېچيەردىن تاپالمىدى.«كەلمىگەن تەلەيدە نېمە ھەققىڭ بولسۇن؟بولدى ئەمدى!»دېدى ئۇ يەنە.قەلبىنى ئاجايىپ كۈچلۈك «ئاخىرلىشىش»تۇيغۇسى لەرزىگە سالدى.گويا بىر خوشاللىق بۇ دۇنيانىڭ قايغۇ ھەسرەتلىرىگە باغلىنىشلىق بولمىغان بىر يۈكسەك خوشاللىق ئۇنىڭ قەلبىدىكى،كۈچلۈك قايغۇ ھەسرەتنى غەرق قىلىۋەتكەندەك بولدى.كېيىن ئۇ ھەممىگە، ئۆي ئىچىدىكى ھەممە بىساتلىرىغا، ھەتتا ئۇچىسىدىكى كونا كىيىم-كېچەكلىرىگىمۇ بىر جۇدالىق نەزىرى بىلەن قارىدى. شۇنداق، ئەمدى ھېچكىم ئۇنى تىللاپ، خورلىيالمايدۇ، ياش ھاياتىغا باشتىن-ئاياغ ھەمراھ بولغان بەختسىزلىك ئەمدى ئۇنىڭ يۈرىكىنى پۇچۇلىيالمايدۇ...

ئېھ، ھايات! سەن ئەمدى ماڭا خۇشاللىقمۇ، خاپىلىقمۇ بېرەلمەيسەن!...

ئۇ سىرتقا، قارىيىشقا باشلىغان مەھەللە ئىچىگە قارىدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى. ھېلىلا قاراڭغۇ كېچە بولاتتى، يەنە كېلىپ ئاسمان تۇتۇلۇپ كەتكەن، ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ تاشالماي بۇرۇختۇم بولغان قىزنىڭ مىسكىن چىرايىغا ئوخشاشلا قايغۇلۇق كۆرۈنەتتى.

سەلىمە،ئۆزىنىڭ سەل پەل تىترەپ تۇرغانلىقىنى سەزدى.شام يورۇقىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ لەپەڭشىپ تۇراتتى.ئۇ،ئۈستىدىكى كونا كىيىملەرنى سېلىپ تاشلاپ،مەرەم ئانا،بىر بايرام كۈنىدە،ئاتايىتەن ئېلىپ بەرگەن،تېگى ئاق چىت كۆڭلەكنى كىيدى.شەيدا بېرىپ تۇرغان ئۈستەل سائىتىگە قاراپ،يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن،ھەممىسى ئۇيقۇغا كېتىدۇ.دەپ ئويلىدى.شۇ ۋاقىت كەلگۈچە،ئۆزىگە تەۋە كىيىم كېچەك،ئەينەك،قىسقۇچلارنى ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈردى.شۇ نەرسىلىرىدىن بۆلەك،يېنىدىن ئايرىمايدىغان ھېچنىمىسى يوق.ئۇ سادىقنىڭ سۈرىتىگە قارىدى، ھەتتا بۇ سۈرەتمۇ ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس.سۈرەتنىڭ كەينىدە،غۇۋا چىراغ نۇرىدا پارقىراپ،قىپقىزىل توي كېنىشكىسى تۇراتتى.سەلىمە توي خېتىنى ئازاب بىلەن قولىغا ئالدى، كېنىشكا خۇددى بىر پارچە چوغدەك ئۇنىڭ قوللىرىنى، پۈتۈن روھى دۇنياسىنى جۇغۇلدىتىۋەتتى. «ئەمدى سەنمۇ مېنى ئازابلىيالمايسەن...» دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى سەلىمە. بىر خىل تونۇش ئەندىشە خۇددى بىلىنەر بىلىنمەس كۆل سۈيىگە ئوخشاش ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە چاقناپ ئۆتتى.ئۇ،توي گۇۋاھنامىسىنى يانچۇقىغا سالدى.

داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319





سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k