大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 21ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 21ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-08
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20





جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


21-قىسىم


سەلىمە ھويلا سىرتىدىكىلەرنىڭ مول ناشتىلىق تەييارلاشقانلىقلىرىنى،بۇ ئۆيگە يىغىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى،ھەسەل خېنىمنىڭ يىغلىغاندەك ئاۋاز چىقىرىپ، يىقىن-يورۇقلىرىنى مېھمانخانىغا باشلىغاچ توختىماي دات ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.يەڭگىلەر ئاللىقاياقلارغا غايىب بولۇشقان،مېھمانخانا ئۆيگە يىغىلىۋالغان ئاياللار قانداقتۇر مۇھىم بىر ئىشنىڭ مەسلىھەتىگە چۈشكەن ئىدى. ھەسەل خېنىمنىڭ مىشىلداپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى،سەلىمەنىڭ قۇلىقىغا غۇۋا ئاڭلاندى.دېمەك، بۇ ئائىلىدە سەلىمە توغرىلىق مۇھىم بىر كېڭەش ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى،ئەمما بۇ كېڭەشتە تۆرەم يوق ئىدى. شۇ تاپ تۆرە باقىنىڭ،دەرھال قايتىپ كېلىپ،ئۆزى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ئادىل گەپ قىلىپ قويۇشىنى،سەلىمە قانچىلىك ئارزۇ قىلىدۇ ھە؟لېكىن ئۇ ئادەممۇ،خۇددى يەر يۇتقاندەك غايىب بولغان.بەلكىم،ئۇ بۇ يەردە بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىك بولۇشى مۈمكىن...سەلىمەنىڭ ئۈمىدسىزلىكى چېكىگە يەتتى،ۋاي،بولدىلا،ھېچقىسى يوق،مەيلى ئەمەسمۇ،مەيلى... ئۇنىڭ بۇ ئاتالمىش «يېڭى ھاياتى» بۇ كىشىلەرنىڭ قارارىسىزمۇ ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان ئەمەسمىدى؟...مۇشۇنداق ئويلىغاندا،سەلىمەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە:«ئۆلۈۋال!»دېگەن بۇ سۆز يەنە بىر قېتىم جاراڭلاپ،ئۇ،ئىختىيارسىز ھالدا،ئۆزىنى تۆمۈر قەپەستەك ئوراپ تۇرغان ئۆي سەرەمجانلىرىغا،دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاپپاق بۇلۇتلارغا جۇدالىق نەزىرى بىلەن ئۇزاق قارىدى.مۇشۇنداق سۈزۈك ئاسماننىڭ ئاستىدا،مۇشۇنداق پاكىز ۋە راھەت ھاۋادا،بىر ياش قىزغا ياشاشقا يول يوق...بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ئىش ھە!...

سەلىمەنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك،كىشىلەر ھەقىقەتەن سەلىمەگە ناھايىتى «ئادىل» بىر ھۈكۈم تەييارلىغان ئىدى.

ئالاھىزەل بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندە بىرىنىڭ پىخىلداپ كۈلۈپ، ئىشىككە ئاچقۇچ سالغىنى، ئارقىدىن يەڭگىلەرنىڭ پىچىرلاپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىۋاتقىنى ئاڭلاندى :

ــ بۇلار قىزىقكىنە، قۇلۇپ سالغىنى نېمىسى؟ خۇددى بىرسى قېچىپ كېتىدىغاندەك...

ــ بىزنى سېسىغان بولسىمۇ ئامانەتنى ساق تاپشۇرسۇن دېگىنىدۇ  تايىنلىق! بۇ شۇنداق قائىدە-دە، ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇنداق!...

ــ  ئۇياقتىكىلەرگە نېمىمۇ دەرمىز ھە؟... نومۇسلۇقلا ئىشقۇ بۇ...

ــ سىلەر تاپشۇرغان ئامانەتنى ئېلىپ كەلدۇق، ئامانەت پاكىز چىقمىغاچقا، ئوغۇل قوبۇل قىلمىدى، دەيمىز شۇ ... بىزگە نېمە ئامال دەيلا؟ بىزگە نېمىتى؟ گۆھەربانۇنىڭ يۈزىنى قىلمىساق، بۇ يەردە،شۇ قاتارلىق دەردكە پېتىپ،بىزگە نېمە بار؟ئىشقىلىپ قىزلىرىمىز بار،ئارتۇق گەپ قىلمايلى...ناھايىتى كەلسە،شۇ قىزلىرىمىزغا بىر ئىبرەت بولار...

ـــ نېمانچە تەقدىرى كاژ بالىدۇ بۇ؟ ئۇف...! ئەمدى بەختىنى تاپار، دەپ ئويلىۋېدىم، قارىسىلا بۇ سەتچىلىكنى!بەختلىك بولۇش تۈگۈل،تېخىمۇ بەختى قارا بولدى... ئۇھ، ئۆرگىلەي، گۆھەربانۇغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ شۇ...

ـــ ۋاي ۋۇي، بۇ قىز يا گۆھەربانۇنىڭ ئۆز قىزى بولمىسا؟ ئالدىغا كەلگىنىگە نەچچە يىل بولغان بىر يېتىمىغۇ شۇ! كىچىكىدىن گۆھەربانۇ بىر قوللۇق تەربىيەلىگەن بولسىغۇ سەت دېسەك... چىقىمنى تۆلەش ئېغىر كېلەر تايىنلىق...

ـــ بايا ھەسەلخېنىم بۇ تويغا قىلىنغان چىقىمىم بېشىمدىن ئۆرۈمە بولسۇن، دېدىغۇ؟ يەنە نېمە چىقىمنى دەيلا؟

ـــ ھە راست، شۇنداق دېدى ھە؟ مەن ئۇنتۇپتىمەن...

يەڭگىلەر،مانا شۇ تەرزدە،ھېلى ھېسداشلىق قىلىپ،ھېلى غەزىبىنى باسالماي دېگۈدەك كىرىپ كېلىشتى-دە،خۇددى روھى تېنىدىن ئاجراپ كەتكەندەك،تاتارغان ۋە ئېسەنكىرىگەن سەلىمەنىڭ ئالدىغا كېلىپ،ئۇنى قوللىرىدىن تاتتى:

ـــ تۇرە خېنىم، ئەمدى ئۆيگە كېتەيلى،ــ دېدى سېمىز يەڭگە، ئورۇق يەڭگىگە ھەمدەم بولۇپ، ھەم سەلىمەنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى.

ــ ئۇ،ئۇنى دەپ،بۇ،بۇنى دەپ يۈرۈپ،تۆرەملار،نېمىلىكى بولسا، گۆھەربانۇغا يۈز-خاتىرە قىلدى،شۇڭا،ئۆيۈڭدىكىلەر،ياندۇرقى دەپ،ھېلى قولۇم-قوشنىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ قالماستا،ئۆزىمىزنى بىلىپ،ئالدىدىراق كېتىۋالىدىغان بولدۇق.تېزرەك بول،ئەمدى كېچىكسەك تېخىمۇ سەتچىلىك بولىدۇ!،ــ ئورۇق يەڭگە شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى يوغان ئاچتى.

سەلىمە،تارتىشىپ تۇرمىدى.بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كاللىسى پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ قالغان، تېنىدىمۇ تۈزۈكرەك مادار قالمىغان ئىدى. ئۇلار ھويلىغا چىقىشتى.ئەمما ھويلىغا يىغىلغان، شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا رەسۋالارچە،دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىش،سەلىمەگە،پۇتى بىلەن ئەمەس،بەلكى يۈزى بىلەن مېڭىپ تۈگەتكەن نەچچە ئەسىرلىك ئۇزاق يولدەك دەھشەتلىك تۇيۇلدى ،قايسى خاتالىقلىرى ئۈچۈن شۇنچە چوڭ ئاھانەتكە قالىدۇ ھە؟بۇ نېمە ئۈچۈن،زادى نېمە ئۈچۈن؟ئادەملەر نېمە دېگەن ئوسال!نېمە دېگەن يۈزسىز!...،خەيرىيەت، ئۇلار مىڭ تەسلىكتە دەرۋازىنىڭ سىرتىغا مېڭىپ چىقالىدى.

ـــ ھاۋاخاچا، توختاپ تۇرسىلا، ئانام بۇنى ئۇ ياقتىكىلەرگە ئەۋەتكەنتى...ــ ئۇلار ئەمدىلا ھويلىدىن ئۇزاپ تۇرىۋىدى، ھەسەل خېنىمنىڭ ئۈچىنچى كېلىنى ــ دانىيارنىڭ خوتۇنى پايپاسلاپ يۈگۈرگىنىچە ئۇلارغا يېتىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا ھەم يوغان ھەم قېلىن بىر داستىخان تۇراتتى. يەڭگىلەر توختاپ كېلىننىڭ قولىدىن داستىخاننى ئالدى. سېمىز يەڭگە نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي: «رەھمەت» دېۋىدى، چوڭ كېلىن ئاغزىنى ئېتىپ خىرىلداپ كۈلگىنىچە كەينىگە ياندى.

ــ ساراڭ بولدىلىمۇ؟ نېمە رەھمەت دەپ كېتىدىلا ھاۋاخان؟ بۇ ھېلىقىدەك داستىخان بولماي، نېمە ئۆزى؟!ــ دوق قىلدى ئورۇق يەڭگە.

ــ بىلمىدىمغۇ؟... نېمە داستىخان بۇ؟...ــ سېمىز يەڭگە گاراڭلىق ئىچىدە ئورۇق يەڭگىگە قارىۋىدى، ئورۇق يەڭگە ئاچچىق قىلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى داستىخاننى ئېچىۋەتتى: داستىخاندا سىپتا يېقىلغان تۆت چوڭ ناننىڭ ھەممىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىغان، تۆشۈككە يوغان بىر باش سەۋزە تىقىلغان ئىدى!...

بۇ داستىخاننىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى سەلىمە،دەمال ئاڭقىرالمىدى.ئۇلا ئەمەس، سېمىز يەڭگىمۇ تېڭىرقاپ قالغان،نېمە كارامەت بۇ دېگەنكىدەك،ئورۇق يەڭگىنىڭ كۆزىدىن،كۆزىنى ئۈزۈۋالالمايتتى.

 __ بۇ نېمە گەپ؟قانداق قىلىق بۇ زادى؟...__ دېدى ئۇ دۇدۇقلىغان ھالدا

__ ۋاي بولدى تولا ئادەمنى گەپكە سالمىسىلا ھاۋاخان،بۇنداق داستىخاننى،ماۋۇ سەلىمەدەك تۆشۈك مونچاقلارغا ئاتىلىدىغانلىقىنى،سىلى بىلمەمدىلا ئەمدى؟ 

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سېمىز يەڭگە،پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇردى.دەل شۇ پەيتتە سىرتتىن ئالدىراپ كىرىۋاتقان رەشىد، ئاكىسى ئىبراھىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغىلا كېلىپ قالغانىدى.يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا داڭ قاتقىنىچە قېتىپ تۇرغان ئۈچەيلەننىڭ قولىدىكى بايىقى داستىخاننى،ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ كۆردى، ھەم ئۇلارغا ئوخشاش ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى جامدەك ئېچىلدى:

ــ كىرىپ كېتەيلى!... جۈرسىلە ھاۋاخاچا...ــ دېدى ئىبراھىم،خۇددى بارچە خاتالىقنى سادىر قىلغىنى ئۆزىدەك،يۈزى،قۇلاقلىرىغىچە قىزاردى،__ جۈرسىلە،قاملاشمىغان بۇ ئىشنى بىز ئۆزىمىز ئوڭشايلى....

رەشىدنىڭ چىرايىمۇ تاتىرىپ كەتكەن،كۆزلىرى،چەكسىز بىر ئەلەمنىڭ دەھشىتىدە،خۇددى ھازىرلا يىقىلىپ قالىدىغاندەك تۇرغان سەلىمەنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرقىغا قادىلىپلا قالغان ئىدى.دەرۋەقە،قىزنىڭ بۇ تۇرقى،ھەرقانداق باغرى تاش ئادەمنىڭمۇ باغرىنى ئېزىپ،ھېسداشلىقىنى قوزغايتتى.دېمەك،ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاجايىپ قورقۇنچلۇق بىر خاتاغا يول قويغان ۋە بۇ خاتالىقنىڭ دەردىنى بىر ئۆمۈر تارتىدىغىنى قاچىدىكى ئاشتەكلا كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. 

ــ ئېسىل ئادەملەر،مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر.. بىز بۇ نادان قىزنى ئېلىپ كېلىپ،تولىمۇ خاتا قىلغانىكەنمىز،بۇنداق شەرمىساز ھالدا قوغلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن بولساق،بويىمىز بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرگەندىمۇ،يەڭگە،بولدۇم،دەپ،ماڭماس ئىكەنمىز...ئېسىت،خۇددى بىز ئەيىبلىكتەك،ھەرقانچە ئۆزىمىزنى تۇتىۋالساقمۇ،بۇ ئىش بەك ھار  كەلدى...بۇنچىلا سازايى قىلىپ... ــ سېمىز يەڭگە نومۇس ئەلەمدىن چىداپ تۇرالماي مىچىلداپ يىغلىۋەتتى. ئىبراھىمنىڭ چىرايىدىكى ھېسداشلىقنى تولۇق ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئۇرۇق يەڭگىمۇ  ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.خۇددى بارلىق بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسىدىكىدەك،شۇ چاغدا،ئىبراھىم سېمىز يەڭگىنىڭ قولىدىكى داستىخاننى يۇلۇپ دېگۈدەك ئالدى-دە، ياندىكى،كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان تاش ئۆستەڭگە غەزەپ بىلەن تاشلىۋەتتى.

ــ ھەي،...بۇ بىز خەقتىكى نادانلىق قاچانمۇ تۈگەر ھە؟قاچانمۇ تۈگەر؟... رەشىد، كېلىنچەكنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۇنى ئۆيۈڭگە ئەكىرىپ كەت،بول،ھازىرلا!ــ دېدى ئۇ،ئاندىن نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرغان ئىنىسىغا ۋارقىراپ دېگۈدەك بۇيرۇق قىلدى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



لېكىن رەشىد كېچىككەن ئىدى.شۇ ۋاقىتتا،سەلىمەنىڭ  كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ كەلگەن غەزەپ-نەپرەت،دىر دىر تىترەپ تۇرغان پۇت قوللىرى سۆزلەپ تۇرغان ھەسرەتلىك بىر نىدا رەشىدنى ئىزىغا مىقلاپ قويدى.دەرۋەقە،سەلىمەنىڭ چىرايىدا شۇنداق بىر ئاداۋەت پەيدا بولدىكى، بۇنىڭ رەشىدكە قارىتىلغانلىقى ۋە ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق ئىدى. سەلىمە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى. رەشىد،قىزنىڭ شامالدەك تېز كېتىۋاتقان ئورۇق، ئۇزۇن پاقالچاقلىرىغا، سەل نېرىدىلا بېشىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ قالغان قىپقىزىل شايى ياغلىقىغا، سەلكىن شامالدا ھەر يان يەلپۈنۈپ بېرىۋاتقان، سىلىق چاچلىرىنىڭ يېنىك يەلپۈنىشىگە قارىغىنىچە ئاغزى گەپكىمۇ كەلمىدى.

ــ ماڭ، بېرىپ ئۇنى تۇتۇۋال، رەشد!...ــ ئىبراھىم،ۋاقىرىدى.رەشىد يۈگۈرمىدى.ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكى قوقاستا پۇچۇلانغاندەك ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى،كۆزلىرى ھامان قىز كەتكەن شۇ تەرەپتە ئىدى.

__ سېنى تۇتىۋال،دەۋاتىمەن!گاسمۇ يا سەن!__ ئىبراھىم تەكرارلىدى.

ـــ ئەمدى كېچىكتىم، ئاكا... مەنمۇ، ئۆيدىكىلەرمۇ قىلىدىغاننى قىلىپ بولدۇق... بەرىبىر ئورنىغا كېلەمتى؟ ــ رەشىد تىترەك ئاۋازدا شۇنداق دېدى-دە،قولىنى سىلكىپلا، ماشىنىسىنى قۇيۇن-تۈتۈن ھەيدىگىنىچە بازار تەرەپكە قاراپ كەتتى.

ئامالسىز قالغان ئىككى يەڭگە،ئىبراھىمغا تولىمۇ مۈجمەل كەيپىياتتا،خوش،دېدى-دە،سەلىمەنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ مېڭىپ كەتتى.ئىبراھىم نېمە قىلارىنى ئۇقالماي،بىردەم قېتىپ تۇردى-دە، سىرلىرى كۈچلۈك ئاپتاپتا ۋالىلداپ چاقناپ تۇرغان نەقىشلىق دەرۋازىنى تېپىپ دېگۈدەك ئېچىۋەتتى.

8

ھويلىدا كۇسۇر-كۇسۇر ئاۋازلار جىق،ئۆينىڭ ئىچىدە،بىر توپ ئادەملەر قاتار چازا قۇرۇشۇپ،ھەسەل خېنىمغا، ئۆزلىرىچە بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇنىڭ ئازار يىگەن كۆڭلىگە تەسەللىي  بېرىشىۋاتاتتى.ھەسەل خېنىم ئوغلىنى كۆرۈپ پايپاسلاپ يورغىلىغىنىچە ئىبراھىمنىڭ ئالدىغا كەلدى.يەنە شۇ يىغلىغاندەك ئاۋازى بىلەن،ئوغلىنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ،ئەھۋال سورىدى:

__ تېنچ ئامان كەلدىلىمۇ بالام؟

ـــ ھەئە،ئوبدان...دادام قېنى؟ـــ دېدى ئىبراھىم تارتىشىپ كېتىۋاتقان يۈز مۇسكۇللىرىنى كۈلكىگە زورلاپ. ھەسەل خېنىم ئوغلىنىڭ،بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىنى،ئۇنىڭ تىترەپ كەتكەن چىرايىدىنلا پەملىۋالدى.

__ شەھەر باشلىقى تۇرسۇنجانمۇ تويغا چىقىپتىكەن،سەھەردە،شۇ كىشى بىلەن ئارشاڭغا ماڭغان،قىلىدىغان ئىشلىرى باركەن...ئۆزلىرىچۇ بالام؟ھارماي-ئاچماي تېنچلىق كەلدىلىمۇ؟كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتتىلە بالام...__ دېدى ھەسەلخېنىم ئوغلىنىڭ قوللىرىنى يۈزىگە يېقىپ.مۇشۇنداق يۇمشاق ئەھۋال سوراش، ئىلىكتەك يۇمشاق گەپ بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ غەزىپىنى پەسەيتىش،خېنىمنىڭ بالىلارنى ئېگىشتىكى كۈچلۈك قورالى ئىدى. ئوغۇللارغىمۇ ئۇنىڭ قۇيرۇق مايدەك ئىللىق، يۇمشاق مۇشۇ ئاۋازى بەكلا تەسىر قىلاتتى.ئىبراھىم،بىردىنلا بوشاپ قالدى.ئانىسىنىڭ مىھرىبانلىقىدىن ۋۇجۇدى شۇررىدە ئېرىپ، بايىقى غەزەپ-نەپرىتىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.ئۇنىڭسىزمۇ،ئىبراھىم،باشقىلارغا قارىغاندا، ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان، ئېغىر-بېسىق، كىچىكىدىنلا ئاتا- ئانىسىغا رايىش بالا ئىدى.ھېچقاچان چوڭلارنىڭ سۆزىدىن چىقمايتتى:

ــ تىنچلىق كەلدىم، ئانا... دادام بەك ھايال قاپتۇغۇ؟ــ دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ قوللىرىنى مېھىر بىلەن سۆيۈپ قويۇپ، ھەم ئۆي ئىچىدىكىلەر بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقتى.

ــ مەنمۇ شۇ تاپ دادىلىرىنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرىمەن بالام.تۇرسۇنجاننى ئارشاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا قايتىمەن دەپتىكەنمىش،ئەمما كۆردىلە،تېخىغىچە يوق،قاچان كېلەركىن،دەپ،كۆزۈم تۆت بولدى،ــ دېدى ھەسەلخېنىم ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي مىچچىدە يىغلىۋەتتى:

ـــ كۆردىلىمۇ بالام، رەشىدبەگ مىڭ تەستە رازى بولغان بۇ تويغا چېچەك چىقتى، «قارچۇغا ئالسام سا چىقتى، قىز بالا ئالسام جا چىقتى» دېگەندەك،ماۋۇ سەلىمەك،دېگەن كەلگۈندى بىرنېمىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى ئاڭلىدىلىمۇ؟ئۇكىلىرىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ،بايا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن،تېلفۇن ئۇرساممۇ ئالمىدى.بىچارە بالام نەگىمۇ كەتتىكىن؟ نېمە دەپ قىلدۇق بۇ توينى؟ئېسىت،ئېسىت!ۋاي تەتۈر پېشانە بالام، خوتۇندىن تەلىيى كەلمىگەن بالام....

ــ ئىبراھىمجان ھېرىپ كەلگەندە... ئازراق دېمىنى ئالسۇن،ئاچا، بولدى، كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، ھەنىپە، قېنى سىز قىزىم؟ ئېرىڭىزگە چاي تەييارلاڭ،ـــ تۇغقانلاردىن بىرى شۇنداق دەپ ئىبراھىمنىڭ ئايالىنى چاقىردى.شۇ چاغدا،ئىبراھىمنىڭ،ئەسلى رەشىدەنى ئىزدەپ كەتكىنى بىردىنلا ئېسىگە كەلگەن ھەسەلخېنىمنىڭ يەنە ئۆپكىسى ئۆرۈلدى. لېكىن ئەتراپىدا ئادەم كۆپ،رەشىدەنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئەپسىز بولۇپ،رەشىدە،دېگەن بۇ جۇۋاينىمەكنىڭ نومۇسنى قايرىپ قويۇپ،ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى، ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ،بۇ يەردىكىلەرگە تەكرارلاپ تۇرىدىغان مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى.ئەمما نېمىلا بولسۇن،رەشىدە،دېگەن ئۆزىنىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشكەن،قاغا جېنىدا بالىسىنى ئاق،كىرپىمۇ بالىسىنى يۇمشاق دەيدۇ.ھەسەل خېنىمنىڭ رەشىدەنى پەقەتلا ئەيىبلىگۈسى يوق بولسىمۇ،يەنىلا ئۆي ئىچىدىكى بىرنەچچەيلەندىن بۆلەكلىرىدىن ھەتتا دانىياردىنمۇ، كېلىنلەردىنمۇ سىر تۇتتى.

ــــ ھە، شۇنداق قىلسىلا، بالام، داستىخانغا كەلسىلە...مەنمۇ،كۆزۈمنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ سىلىنى بىئارام قىلماي...__ دېدى ھەسەلخېنىم.

__ ماقۇل ئانا...

ئېرىنى كۆرۈپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتكەن ئىككىنچى كېلىن ئالدىراپ-تېنەپ داستىخاننى قايتا تۈزەشتۇردى ھەم يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان مانتا،سوغوق سەي ۋە ئەتكەن چاي قىلدى.

ــ توينىڭ نېرى-بېرىسىنى سورىمايلىغۇ، بالام؟ــ دېدى ھەسەل خېنىم ئىبراھىمنىڭ جىممىدە چاي ئىچىشىگە قاراپ يەنە ئۆپكىسىنى باسالماي. ئىبراھىم ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ،جاۋاب بەردى.

ـــ بايا دەرۋازىنىڭ ئالدىدا كېلىن سىڭلىمىز بىلەن يەڭگىلەرنى كۆردۈم،ـــ دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ چىرايىدىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ.

ــــ  شۇ ئەمەسمۇ؟زادىلا ھاردۇقۇم چىقمىدى، بالام... يېڭى كېلىن... ئۆزىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ يۈزىمىزنى تۆكۈپ... ھەممىنى قىلغان دادىلىرى! ئانداق ياخشى، مانداق بەلەن دېسە،مېنىڭ كاللاممۇ ئاينىپ قاپتۇ،ئەمەسمۇ؟ئوتقا تۇرامسەن،پوققىمۇ،دېگەندەك،قاراپ تۇرۇپ،بىر مەينەتنى كۆچۈرۈپ كەلگىنىمىزنى قارىمامدىغان؟!

ـــ نېمە دەپ سېلىنىڭ يۈزلىرى تۆكۈلىدۇ ئاچا؟ تۆكۈلسىمىچۇ، ئاۋۇ خەقنىڭ ئاشۇ مەينەت قىزىنىڭ يۈزى تۆكۈلدى!ئوغۇل بالىغا نېمىدى؟ناھايىتى كەلسە،قولىنىڭ كىرى!ـــ ھەسەلخېنىمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى خانئايىم ئىنچىكە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ ۋىتىلداشقا باشلىدى.

ـــ ئۇغۇ شۇ،ئەممازە،قاراپ تۇرۇپ،ئوغلۇمنى يەنە بىر ئۆيلەنگەن قىلىپ قويغىنىمغا يىغلايمەن،ئۇكام.مانا ئىبراھىمجان تۇرۇپتۇ،ئۇ.بۇ تويغا ئەسلىدىلا رازىلىقى يوق،كەلگەنتى،شۇ چاغدا رايىغا قويساممۇ بولاركەن،ئەمما،توي يۈزى ئىسسىق،دەپ ئويلاپ،بالىنىڭ كۆڭلىگە باقماپتۇق... ئەنسىرەيدىغىنىم.بۇ بالام مۇشۇ كۆڭلى سوۋۇغان بىلەن،ئەمدى ئۆيلەنمەي ئۆتۈپ كەتسە،بۇ ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك؟ھۈ ھۈ ھۈ...ـــ ھەسەل خېنىم يەنە يىغا سالدى.

ـــ ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس،ئانا،تولا يىغلاپ ئۆزلىرىنى ئالدۇرۇپ قويمىسىلا،ـــ ئىبراھىم ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئانىسىغا كۆڭۈل قويدى.

9



داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0