大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 33ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 33ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-20
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 33 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32









 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


33-قىسىم


ئۆزى چوڭ بولغان چەت يېزىدىن،مۇشۇ يېزىدا،ئەركىنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرىدىغان ئاچچىقى يامان ئاتا،يۇمىلاق تاۋۇز ئانا ھەم خوشنىلارنىڭ غەيۋەت شىكايەتلەردىن قۇتۇلۇپ،بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن،رىسالەت،خۇددى،قوشقا،قانات چىققاندەك،ئۆزىنى تولىمۇ يېنىك،ئازادە ھېس قىلدى.بۇ شەھەردە،ئۇنىڭغا  ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسەتكىنى ،ھەر جاي ۋە ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر خىل ساپ ئەركىنلىك ئىدى.نەگە بارساڭ،نەدە تۇرساڭ،ئۆزۈڭنىڭ ئىشى.قانداق كىيىم كىيگۈڭ كەلسە،شۇنداق كىيىنسەڭ بولىدۇ.تېخى يىگىتىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ،خالىغانچە كوچا ئايلانساڭمۇ بۇ تامامەن شەخسى ئىشىڭ.توي قىلماي تۇرۇپ ئايرىم تۇرامسەن،ھەتتا بالا تۇغامسەن،ساڭا قول چىنەيدىغان بىر ئادەممۇ بۇ يەردە بولمايدۇ.رىسالەت شۇنىڭ ئۈچۈن خوشال ئىدى.ئۆزۈمنىڭ خالايدىغىنى دەل مۇشۇنداق تۇرمۇش ئىدى،دەپ تەسەللى تاپالايتتى.كىچىككىنە كاللىسى،كەلگۈسىدىكى سەردار بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ئاجايىب ۋە ھەر خىل گۈزەل خىياللار بىلەن تولاتتى.ھەتتا تاغدىكى ئاتا-ئانىسى،رەشىد قاتارلىق ئاكىلىرىنى ئويلىغاندا،سەل خىجىللىق ھېس قىلسىمۇ،ئۇلارنىڭ كاللىسى ئوچۇق،ئىدىيىسى ئازات ئادەملەر،ئەلۋەتتە،مېنى چۈشىنىدۇ،دەيتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن،ئامەتنىڭ دەرۋازىسى ئۇلۇغ ئېچىلغان،رەڭگا رەڭ گۈللەر،ھەريەردە پورەكلەپ ئېچىلىپ،بەخت ئالىمى ئۇنى رەسمى باغرىغا ئالغان ئىدى.

قىسقىسى،پەقەت،ئاشۇ كېلىشەڭگۈ يىگىتى يېنىدا بولسا،ئۇنىڭغا بېسىق،تا كوچىلار،قىستاڭچىلىق قاپلىغان ئۆيلەرنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىدى. ئۇ،شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەزەلدىن مۇشۇنداق تار ۋە قىستاڭ يەرلەردە ياشايدۇ.شەھەردە،بىر چىمدىم يەرمۇ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىممەت،دەپ،ئويلايتتى ھەم تېلۋىزوردىنمۇ مۇشۇ مەزمۇندىكى كىنولارنى كۆرگەنىدى.نېمىلا بولمىسۇن،ئۇ،شېنجىنغا كەلگەندىن كېيىن كۆپلىگەن تۇنجى قېتىملارنى بۇ قايناق شەھەردە بېشىدىن كەچۈردى.مەسىلەن تۇنجى قېتىم مىتروغا ئولتۇرۇش.تۇنجى قېتىم ئاسمان پەلەك ھەيۋەتىك،بىنالارنى كۆرۈش،غەربچە تاماقلىنىش...دېگەندەك.سۆيگەن كىشىڭ بىلەن يانمۇ يان مېڭىپ، دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىزدا سەپەر قىلىشنىڭ ھۇزۇرىچۇ تېخى!قىسقىسى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئەزەلدىن بۇنداق كۈڭۈلدىكىدەك بولۇپ باقمىغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا،ئۇنىڭ ئانىسى ئەنسىرگەندەك،قانداقتۇر قورقۇنۇچلۇق ۋەقە ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىشى،ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۋېلىشى،ھەتتا خاراب قىلىشى قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟ ئۇ ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر ئەركىنلىكنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.شۇڭا پەقەتلا پۇشايمان قىلمايتتى.سەردارمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قارايتتى.ئەتىۋارىنى قىلاتتى.سەردارنىڭ ئۆيىدە،ئۇنىڭ بار ئىش ئەمىلى يەپ ئىچىپ،ئويناش،كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئۇخلاشلا بولۇپ،خۇددى تولىمۇ گۈزەل شېرىن چۈشكە ئوخشايتتى.

شۇ تەرىقىدە كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ ھاينى ھۇيت دېگۈچە ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.سەردارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ بىر ئېلان شىركىتىدە مودىللىق قىلىدىكەن.باشقا تىجارەتلىرىمۇ بارمىش.رىسالەتنىڭ قوسىقىغا كىرىپ چىقسا،ئۇنىڭ سەردارگە ياردەملىشىپ،تىجارەت قىلغۇسى بار ئىدى.بىراق سەردار مانا،ئەتە،كېلەر ھەپتە، دەپ يۈرۈپ ئۇنى سودىسىغا يېقىن يولاتمىدى.ئىش تېپىپ ئىشلەيمىكىن،دېيىشلىرىگىمۇ قۇلاق يۇپۇرىۋالدى.كېيىن تىل سەۋىيىڭىز بولمىسا،بۇ يەردە قانداق ئىشلىيەلەيتتىڭىز؟ دېۋىدى،رىسالەت،بۇ سەۋەبنى تولىمۇ ئورۇنلۇق،ھېس قىلىپ،ئايرۇدۇرۇمدىن سېتىۋالغان،خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە  لۇغىتىنى قولىغا ئالدى-دە،سەردار،ئۆيدە بولمىغان ئۇزۇن كۈن-تۈنلەرنى،تىل ئۆگۈنۈش بىلەن ئۆتكۈزدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،بۇ ئەتراپتا قانۇنلۇق كىچىك تىجارەت قىلىدىغان بوۋاي،مومايلار بىلەن تونۇشتى.ئېغىز تىلىنى پىشىقلاش ئۈچۈن،ئۇلار بىلەن قاملاشسىمۇ،قاملاشمىسىمۇ پاراڭلىزاتتى.بارا-بارا،بەزى ئاددى سۆزلەرنى راۋان دېيەلەيدىغان،قارشى تەرەپكە،مەخسىنى تولۇق ئۇختۇرالايدىغان  سەۋىيىگە يەتتى.مۇشۇ تەرپىمۇ،ئۇنى چەكسىز خوشال ۋە ئۈمىدۋار قىلاتتى.

ھالبۇكى،ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۋاتقىنى سەردار ئىدى.سەردار، شۇ كۈنلەردە تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ،دەسلەپ بىر ئىككى كۈن يوقاپ كېتەتتى.بارا بارا،بىر ئىككى ھەپتە يوقاپ كېتىدىغان بولىۋالدى.رىسالەت سورىغۇدەك بولسا،خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن،سىرتتا بوپ قالدىم،دەپلا،گەپنى تۈگىتەتتى.رىسالەت يەنىمۇ كوچىلىغۇدەك بولسا،خاپا بولۇپ،ھەتتا ئاغزىنى بۇزاتتى.بۇنداق ئىشلارنىڭ ئاينىپ بېرىشى بىلەن،رىسالەت كۈنبويى غەمكىن يۈرىدىغان بولۇپ قالدى.سەردارنىڭ كېلىشى ياكى كېتىشىنىڭ مۇقىم قارايى بولمىغاچقا،كۈنلىرى سەردارنى كۈتۈپ، ئۇنىڭغا ئاش-تاماق قىلىپ ساقلاش بىلەن ئۆتەتتى.

بۇنداق بىكار تەلەپلەرچە كۈن ئۆتكۈزۈش،رىسالەتكە تولىمۇ ئەلەم قىلاتتى.ئۇ كىچىكىدىنلا ئىشلەپ كۆنگەن،بىكار تۇرمايدىغان قىز ئىدى.ئوقۇش ۋە تىجارەت قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى.ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىغۇ يېزىدىكى چېغىدا بەربات بولدى.ئەمدى سودا سېتىقلىرى ئاۋات،ئاۋاتلىقى خەلىقارالىق دەرىجىسىگە يەتكەن بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگەندىمۇ،ئەمەلگە ئاشمىسا قانداق بولغىنى؟ سەردار،ئۇنى قىيلىنىپ قالىدۇ،چارچايدۇ،دەپ،باھانە قىلىپ باشقا تىجارەتلەرگىمۇ قويمىسۇن،چۈشىنىشلىك،بىراق ھېچ بولمىغاندا،ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرىشى كېرەكتى ئەمەسمۇ؟ئەجىبا،سەردارنىڭ قىلىۋاتقىنى قانداقتۇر قانۇنسىز تىجارەت بولسا؟رىسالەت،شۇڭا يېقىن كېلەلمىسە؟ئۇ،سەردار تەكرارلايدىغان،بەزى گەپلەرنى،قانداق چۈشىنىشنى،بۇ گەپلەرگە زادى ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدى.بەزىدە،بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغاندەكلا تۇيۇلاتتى.ئەگەر شۇنداقلا بولسا،ھەنىپە ئانىسىنىڭ ئەنسىرگىنىدەك بىر چوڭ پالاكەتچىلىك،رىسالەتنى كۈتىۋاتقان بولىدۇ-دە!ياق،ياق،بۇنداق بولۇشى قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟سەردار ھەرگىزمۇ بۇنداق ئادەم ئەمەس،ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار،تىجارىتى بەلكىم تازا روناق تاپالمايۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.نېمىلا بولمىسۇن،رىسالەت،مۇشۇ قېتىم سەردار بىلەن كۆرۈشكەندە،ئۇنىڭغا ئۆيدە بىكارچىلىقتا ئولتۇرۇپ تولىمۇ زېرىككەنلىكىنى،قانداقلا بولسۇن،سەردارنىڭ تىجارىتىگە ئارلىشىپ باققۇسى بارلىقىنى،پەقەت بولمىغاندا،سەردارنىڭ،ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە بولسىمۇ،ماقۇل بولۇشىنى ئۆتۈنىدۇ.چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك.

رىسالەت،مۇشۇ قارارغا كېلىپ،بىر ھەپتىگىچە،سەردار ئۆزىنى كۆرسەتمىدى.ھەددىدىن زىيادە ئىچى سىقىلىپ كەتكەن،رىسالەت،بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ،قانداقلارچە،ئاممىۋى تېلفۇن بوتكىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالدى.كىشىنىڭ يۇرتىدا،يالغۇزلۇقتا،ئۇنىڭ ئاتىسى قاسىمدىن بەكرەك،ئانىسى ھەنىپەنى سېغىنىشى چېكىگە يەتكەنىدى.ئەمىليەتتە،سەردارنىڭ ھەر قەدەمدە،ئۇنىڭغا تاپىلاپ تۇرىدىغىنى:«كاللىڭىز ئاينىپ،ھەرگىزمۇ ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ سالماڭ،ۋاختى كەلگەندە،سىزنى ئېلىپ،قائىدە بويىچە،چوڭلارنىڭ ئالدىغا بارىمىز.شۇ چاغدا ئۇلار،بىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىپ قالىدۇ،ئاڭغىچە،ئۇلارغا ئۆز ئورنىمىز،ئېنىق ئادرىسىمىزنى قالدۇرۇپ قويساق،بولمايدۇ»ئىدى.ھالبۇكى، بۈگۈن،رىسالەت بۇ سۆزلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدى-دە،ھېچ ئىككىلىنىپ تۇرماي،خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە تېلفۇن ئالدى (كاج دادىسى رىسالەتكە قولايلىق بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئۆيگە تېلېفون قويمىغان بولغاچقا، رىسالەت تېلېفوننى قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇرۇشقا توغرا كەلدى).

__ پاتەم ئاچا،بۇ مەن،رىسالەت...ئانامنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز،گېپىم بارتى...__ دېدى ئۇ ئۆرلەپ كېلىۋاتقان ياشلىرىنى ئىچىگە چىڭداپ.

__ ھە؟سىز رىسالەتخانمۇ؟ۋاي جېنىم قىزىم...تۆمۈر تايدىن ئەجەپمۇ كەلگىلى ئۇنمىدىڭىزا سىز؟شۇ كۈنلەردە،ئانىڭىزنىڭ تازا مىجەزى يوق،رىسالەتخانغا تېلفۇن بېرەيلى،كېلىپ،سىلىنى باقسۇن،دېسەم،ئۇ ياقتىكىلەر ماڭدۇرمىدى،دەپ سىزگە تېلفۇن قىلغىلىمۇ ئۇنمىدى...__ دېدى خوشنا ئايال.دېمەك،بىچارە ئانا،قىزىنى،تاغقا كەتتى،دەپ،بو نومۇسلۇق ئىشنى ۋاختىنچە سىر قىلغان ئىدى.

__ ھە...پات يېقىندا بارىمەن،ئاچا...ئانام بارمىدۇ؟

__ ۋاي،بار بالام،تېخى ئون مىنۇتنىڭ ئالدىدا بارتى،ئانىڭىز بىچارە ھەر كۈنى دېگۈدەك،سىزدىن تېلفۇن كەپ قالسا،دەپ،بىزنىڭكىگە كىرىدۇ.ھەي،ئانا ئەمەسمۇ؟ئانچە مۇنچە تىللىۋالغان بىلەن،كىم بالىغا چىدايدۇ دەيسىز؟  تېخى سىزنى تېلفۇن قىلىپ قالسا،ئەمدى قولايسىز بولمىسۇن،دەپ،تېلفۇن تارتقۇزىدىغانغا تىزىملىتىپ قويغان،مۇشۇ بىر ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە،سىلەرنىڭكىدىمۇ تېلفۇن بولىدۇ!ئەجەپ جىق گەپ قىلىپ كەتتىم ھە بالام!مەن ھازىرلا ئانىڭىزنى چاقىراي،بەش مىنۇتتىن كېيىن تېلفۇن قايتۇرامسىز ئەمىسە؟

__ ماقۇل،ماقۇل...رەھمەت ئاچا،__ رىسالەت،تېلفۇننى قويدى. ئانىسى بىچارىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ،مىچىلداپ يىغلىۋەتتى.زادى ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا بولمىغان،زادى رىسالەت ئۆزى خاتا قىلىۋاتىدۇ.بولمىسا،سەردار،نېمىشقا ئۇنىڭغا تۈزۈك تۇتۇق بەرمەيدۇ؟ئۇنىڭ كىملىكىنى،نېمىش قىلىدىغانلىقىنى،ھەتتا ئاتا-ئانىسى،يۇرتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، رىسالەت ھازىرغىچە بىلمەيدۇ.بۇ يەردە بىر سىر بارمۇ قانداق؟رىسالەت،بۇ يەردە،داۋاملىق تۇرۇش ياكى تۇرماسلىقنى قايتا ئويلىشىپ بېقىشى كېرەكمۇ قانداق؟ناۋادا،قايتىپ كېتىدىغان ئىش بولسا،ئۇ نەگە قايتار؟باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئېنىقكى،توي قىلماي قايتالمايدۇ.تۆمۈر تايغىچۇ؟ئۇ يەردىكىلەر نېمە دەر؟ھەي،ئىشقىلىپ بۇ بىر نومۇسلۇق ئىش،قېنى،قېنى...ئاۋال،سەردارمۇ بىر كەلسۇن،مۇشۇنداقلا قىلساڭ،شىنجاڭغا كېتىمەن،دەپ باقسا،ئۇ نېمە دەيدۇ،ئىپادىسى قانداق بولىدۇ، قېنى كۆرەيلى؟

رىسالەت،كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ،تېلفۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى.ئانىسى،چىقىپ بولغان ئىكەن.ئۇ،رىسالەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. ئەمما قوشنىسىدىن نومۇس قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلالمايتتى:

ــ يېنىپ كېلىڭە، جېنىم بالام... تۆمۈر تايتىن يېنىپ كېلىڭ، بىزنى ساقلاتماڭ... سىزنى بەكمۇ كۆرگىمىز كەلدى... دادىڭىزغا، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن...ــ دېدى ئانا...

ــ جېنىم ئانا...مېنىڭدىن ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ،سىلەرنىڭ،شۇ چاغدا مېنى سەردارغا قوشمايدىغىنىڭلارنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن يېنىپ چىققان. بىز ھازىر شىنجىندە،بەكمۇ چىرايلىق  بىر يەرلەردە تۇرىۋاتىمەن.بۇ يەردە،سەردار بىلەن بىللە تىجارەت قىلىمەن، سودىمىز شۇنداق ياخشى، سەردار بەكلا چىداملىق يىگىتكەن، ئەتتىگىنى بىر چىقىپ كەتسە، سودىسىنى تۈگەتمىگۈچە ئۆيگە كەلمەيدۇ. «پۇلنى جىقراق تېپىپ، بالدۇرراق ئانىڭىزنىڭ، دادىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تويىمىزنى قىلمىساق،چوڭلارنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىمىز،» دەيدۇ... بىز  شۇ چاغدا،قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرنىمۇ ئۆتەيمىز... جېنىم ئانا،ئىشقىلىپ مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ،يېشىم بىر يەرگە بارغان،ئەقلى ھۇشى جايىدا بىر قىزمەن.مىجەزىمنى سىزمۇ بىلىسىز،ھېچكىم مېنى بوزەك قىلالمايدۇ.قىسقىسى، مەن بەختلىك ياشاۋاتىمەن، سىزگە تېلېفون قىلاي دېسەم، ئۆيدە تېلېفون بولمىغاندېكىن قىلالمىدىم. بىلىمەن، قوشنىلار بەك ئۇششاق سۆز... ئۇلارنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن-دە،ئانا...يەنە سەردارگە خۇددى ماڭا ئىشەنگەندەك ئىشىنىڭلار، ئۇ ماڭا ھەرگىز قارا يۈزلۈك قىلمايدۇ، مېنى يىغلاتمايدۇ... دادامغىمۇ دەپ قويۇڭ، مەن بىر يىلغا قالمايلا سەردار بىلەن ئالدىڭلارغا بارىمەن... جېنىم ئانا، بۇ ئىشلارنى ھازىرچە تاغدىكىلەرگە دېمىگەن بولسىڭىز... مەن ئۇلارنىڭ مېنى خەقتەك چۈشىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. رەشىد ئاكامدىن نومۇس قىلىمەن، جېنىم ئانا... بىلىمەن، مەن بەك ئەقىلسىزلىق قىلدىم. سىزنى، دادامنى يەرگە قاراتتىم. ئەمما مەن مۇشۇنداق قىلمىسام، دادام مېنى ھەرگىزمۇ سەردارنىڭ كەينىگە سېلىپ قويمايدۇ، ئۇنىڭغا ياتلىق قىلمايدۇ... مېنى ئۆز بەختىنى تاپتى، دەپلا ئويلاڭە ھە، جېنىم ئانا... مەن بەكلا بەختلىك... ھەرگىز يىغلىماڭ...

رىسالەت زۇۋان سۈرەلمەي يۇم-يۇم يىغلاپ تۇرغان بىچارە ئانىسىغا شۇنداق دەپ تەسەللىي بەردى.ئۇنىڭ،دەۋاتقان گەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يالغان،ئانىسىنىلا ئەمەس،ئۆز-ئۆزىنىمۇ ئالداۋاتقان سۆزلەر ئىدى.نېمىلا بولمىسۇن،ئانىسىنىڭ يىغىسى سەل پەسكارىغا چۈشتى.

__ ماقۇل،ماقۇل بالام،شۇ كۈننى ساقلايمەن ئەمىسە،تۆمۈر تايمۇ ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتى،شۇنداقتىمۇ،سىزنى بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن،ئەنسىرەيدىكەنمەن...__ دېدى ئانا يىغا سېلىپ.ئۇلار شۇ تەرىقىدە،بىردەم پاراڭلىشىپ تېلفۇننى قويدى.رىسالەت،ئۆزىنىڭ تۇرىۋاتقان ئادرىسىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ،شېنجىندە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

خۇددى بىر ئىشنى ئالدىن كۆڭلى تۇيغاندەك،شۇ كۈنى،سەردار،ئۆيگە يېنىپ كەلدى.ئۇ ئازراق ئىچىۋالغان،ئاغزى پۇراپ تۇراتتى.نېمىگىدۇر خاپا بولۇپ قالغانلىقى،تۇراقسىز كەيپىياتىدىن چىقىپ تۇراتتى.شۇنداقتىمۇ،ئۇ،ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،رىسالەتنى قۇچىقىغا ئېلىپ بىردەم ئەركىلەتتى،رىسالەت ئىشىنىدىغان يالغان ياۋداقلارنى بولىشىچە توقۇدى.

ئەمما رىسالەتنىڭ ئاچچىقى ئۇنداق ئاسانلا يانىدىغاندەك ئەمەس.ئۇ بىردە يىغلاپ،بىردە باتناپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى،ھەقىقەتەن سودىغا قىزىقىدىغانلىقىنى،سەردار بىلەن،ئۇ قىلىۋاتقان ئىشنى بىللە قىلىشسا،ئارزۇيىغا يېتىدىغانلىقىنى،ناۋادا،سەردار ماقۇل  بولماي،يەنىلا،ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغانلا بولسا،شىنجاڭغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

__ ئۆيىڭىزگە مۇشۇنداقلا قايتىدىغان بولسىڭىز،ئىشىكتىن كىرگۈزمەي تۇرۇپ،دادىڭىز سېنى تۇرغۇزمىغان پاچىقىڭ مۇشۇمۇ،دەپ،ئۇشۇقىڭىزنى چاقىدۇ!__ دېدى سەردار مەسخىرىلىك ھىجىيىپ.

__مېنى ھېچنەگە بارالمايدۇ،دەپلا،مۇشۇنداق بوزەك ئېتىۋېتىپسىز-دە ھە!__ دېدى رىسالەت جەھلى قاتقان ھالدا،__ بايا ئانام بىلەن تېلفۇنلاشتىم،ئالدى كەينىڭىزگە قارىماي،يېنىپ كېلىڭ،سىزنى ھېچكىم تاك قىلىپ چەكمەيدۇ،دېدى!


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


رىسالەت شۇ ئاچچىقىدا،ئۆزىنىڭ،ئانىسىغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، ئانىسى ئېيتقان گەپلەرنى سەردارگە تولىمۇ تەپسىلى ھەتتا ئانچە مۇنچە كۆپتۈرۈپ دەپ بەردى.ئەمما سەردارنىڭ جاۋابى،تۇيۇقسىز غەزەبلىنىش،ھەم غەزەبلىنىپلا قالماي،ئۆزىنى قۇچىقىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۋېتىش،ئارقىدىن ئۈستەلدىكى تاماق قاچىلىرىنى جاراڭشىتىپ تامغا ئېتىش بولدى.

__ ھۇ،ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان دۆت قانجۇق!تىجارەت قىلىمەن،دەپ،سەن رەسمى كاللاڭدىن كېتىپسەن ھە!__ دەپ ۋاقىرىدى ئۇ رىسالەتنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىپ.__ بوپتۇ،بۇ پۇل تاپمىغانغا،مەن قەلەندەر بوپ قالماسمەن،ئۆيدە ئارام ئالسۇن،بار جاپانى ئۆزۈملا تارتاي،ھۆرمىتىنى قىپ قوياي،دەپ،قويسام-زە،ھۇشۇڭنى بىلمەي،تۇرىۋاتقان يېرىڭنىمۇ دەپ،يۈردۈڭما دەلتە؟كونىلارنىڭ،ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا،دېگىنى ھەقىقەتەن توغرا گەپكەن،بۈگۈن رەسمى قول قويدۇم!

تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ،مۆلدۈرىنى تۆكۈۋەتكەن تاغ ھاۋاسىغا ئوخشاش،سەردارنىڭ،بىردىنلا غەزەبلىنىپ كېتىشى،شۇنداقلا چىرايىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئېسىلىپ،قىزارغان كۆزلىرىنىڭ ئىككى پارچە كۆمۈر چوغىدەك،ۋەھشىيانە نۇر چاچرىتىشى رىسالەتنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى.بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشتىن،ئۇ،نېمە قىلارىنى،نېمە دېيىشنى ھەم ئۆزىدىن قانداق خاتالىق سادىر بولغىنىنى بىلەلمەي،تەبى قوغدىنىش ئېڭى بىلەن بېشىنى تۇتۇپ،تام تۈۋىگە تۈگۈلىۋالدى.

__ بولىدۇ،بولىدۇ،سودا قىلغىن!سودا قىل!مەن مۇراد مەخسىدىڭگە يەتكۈزۈپ قوياي!__ دەيتتى سەردار جان جەھلى بىلەن ۋاقىراپ،چاڭ چۇڭ ئاۋاز بىلەن ئىككى تەستەكمۇ سېلىۋەتتى.__ مانا سودا دېگەن!مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ،بىزنىڭ سودىمىز!...

ــ نېمىگە شۇنچە خاپا بولىسىز؟مەن...مەن بۇ ئۆينىڭ ئادرىسىنى ئۇلارغا دېمىدىم...

ــ لېكىن تېلفۇن ئۇردۇڭ،شۇنداققۇ؟

__ ھەئە...ئەمما...راستلا دېمىدىم...

__ ھۇ دۆت سەھرالىق،تومپاي!كاللاڭ ئىشلەمدۇ سېنىڭ؟ھەرقانچە دېمىگىنىڭ بىلەن،بۇ يەرنىڭ تېلېفون نومۇرى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا بىردەمدىلا چىقىدۇ،شۇنىمۇ بىلمەمسەن قاپاقباش؟!...

ــ مەن بىلمەپتىمەن...

__ ماقۇل،ماقۇل...زادى سېنىڭ بىر سودا قىلغۇڭ بارغۇ ھە؟مەن سېنى شۇ سودىغا بىر ئارلاشتۇرۇپ قوياي!دېمىسىمۇ،يېنىمدا پۇل تېپىپ بېرىدىغان بىر سەتەڭ تۇرسا،بۇ ماڭا نېمە جاپا؟ھىم...

سەردار شۇنداق دەپ،دېمىقىنى قاققىنىچە،سافاغا كېلىپ،تاماكىسىنى چەكتى.ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى،رىسالەتكە تولىمۇ غەلىتە ۋە يىرگىنىچلىك تۇيۇلدى. ئۇ،سەردارنى، بۇنداق سەت، نومۇسسىز گەپ قىلىدۇ دەپ ھېلىغىچە ئويلىمايتتى.

ــ نېمە دەۋاتىسىز؟ نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟...ــ دېدى ئۇ خۇدىنى يوقاتقان ھالدا سەردارنىڭ ئالدىغا كېلىپ.

ــ نېمە گەپ بولىتى؟پۇل تاپسۇن،دەۋاتقان گەپ شۇ! زېرىكتىم، يىغلىدىم، ھىچكىمنى تونۇمىدىم دەيتتىڭغۇ؟!... ئەمىسە پۇل بېرىدىغان چوڭ لاو بەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي سېنى؟شۇنىڭدا سەنمۇ زېرىكمەيسەن! يىغلىمايسەن! ھەم پۇلمۇ تاپالايسەن! ــ سەردار ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ،بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىدى.ئەمما ئۇنىڭ كۈلىۋاتقان شۇ كۆزلىرىدىكى زەھەرخەندىلىك،ياۋۇزلۇقنىڭ دەھشىتى ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى سۇغۇرۇپ تاشلايتتى. 

ــ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ نېمە دېمەكچى سىز؟!ــ رىسالەتنى چېكى يوق ۋەھىمە چۇلغىۋالدى.كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەم ئاشۇ سۆيۈملۈك سەردار،ئىشەنچلىك سەردار شۇمۇ؟ياق،ئۇ چوقۇم مېنى قورقىتىۋاتىدۇ ياكى چاق چاق قىلىۋاتىدۇ...

ــ ۋاي سەن تېخىچە چۈشەنمىدىڭما؟سودا قىلىتىم دېدىڭ،مەن ماقۇل،دېدىم،بۇنىڭ چۈشەنمىگۈدەك نەرى بار؟دېمىسىمۇ، سەنمۇ سودا قىلىپ باق!پۇل تاپ، مەنمۇ سېنى بۇنداقلا بېقىۋەرمەي! گەپ دېگەن گەپ!بىراق شۇنىسى ئېسىڭدە بولسۇنكى، تىجارەت قىلمايتىم،بۇ ئىش ماڭا بولمايدىكەن،ياقمايدىكەن، دەپ،ئالدى كەينىڭگە دەسسەپ باقە قېنى،نېمە كۈننى كۆرىسەنكىن؟ بولدى،بۈگۈنلا تىجارەت قىلىمىز!

ــ ھە؟... سىز زادى نېمە دېمەكچى؟!

ــ مەن ھېچنېمە دېمىدىم،پەقەت سېنىڭ ئارزۇيۇڭ سودا قىلىش بولسا،سودىسىنى قىلسۇن،دەۋاتىمەن،شۇ!

__ ئەمما...قانداق سودا؟مەن...مەن شۇ سىزگە ياردەملىشەي،دەپ...__ رىسالەت،ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى،سەردارنىڭ نېمە دېمەكچى،ئۆزىنى قانداق سودىغا ئارلاشتۇرماقچى بولىۋاتقىنىنى بىلەلمەي،تېڭىرقىغىنىچە بوش ئاۋازدا شۇنداق دېدى.

__ ھېلى بىلگىنە بولدى،مەن چىقىپ كىرەي...

سەردار شۇنداق دەپ،لىككىدە ئورنىدىن تۇردى-دە،رىسالەتنىڭ،شاپلاق زەربىسىدىن قىزارغان،ئاپپاق مەڭزىنى ئىچ كۆيەرلىك بىلەن چىمدىپ قويدى.

__ ساقلا،ھە،گۈزىلىم...بەك ئۇزاققا قالمايمەن...__ دېدى ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ. ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى پوزۇتسىيەسى تۇرۇپلا ئۆزگەرگەن،گەپ-سۆزلىرى ئىلگىركىدەكلا سىيلىق،ئەمما بۇ سۆزلەردىن نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر شۇملۇقنىڭ پۇراپ تۇرۋاتقانلىقى قىل سىغماس ھەقىقەت ئىدى.




        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k