
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
22-قىسىم
تۆرە باقى،ئارشاڭدىن يېنىپ،شوپۇرنى ئۇدۇللا ئۆيگە ھەيدەشكە بۇيرىدى.بازاردىن ئوتتۇز كىلومېتىر نېرىسىدىكى ئارشاڭنىڭ سۈيى ئۆلۈك يانار تاغلاردىن كېلىدىغان بولغاچقا،باھار بۇ يەرگە تولۇق بىر ھەپتە بۇرۇن كېلەتتى.تۆت ئەتراپتىكى تاغلار تېخى قېلىن قارنىڭ ئاستىدا تۇرغاندا،ئارشاڭنىڭ ئەتراپىدا قارغاي-ئارچىلار،تاللار ۋە ئوت چۆپلەر كۆكىرىشكە باشلاتتى.ئەتراپتا يايلاقلار ياشىرىشقا باشلىغاندا بولسا بۇ يەردە ئوت چۆپلەر تىزدىن ئېشىپ،قىزىل،سېرىق،كۆك،بىنەپشە رەڭلىك رەڭگا رەڭ تاغ گۈللىرى ئېچىلىشقا باشلىغان بولاتتى.شۇڭلاشقىمۇ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىر كېلىپ كۆرۈپ بېقىشى،شىپالىق ئارشاڭغا چىلىنىپ داۋالىنىۋالغۇسى كېلەتتى.شۇ يىللاردا،تۆرەمنىڭ،چوڭ قۇدىسى بۇ يەرنى 10 يىللىق كۆتۈرە ئېلىپ،ئوبدان كىرىم قىلىۋاتاتتى.تۈنۈگۈن توي ئۈستىدە،تۇرسۇنجاننى قايتا قايتا تەكلىپ قىلىپ،تۆرەمغا، بىللە ئېلىپ بارغان بولسىلا، دەپ جېكىگەن ئىدى. مۇشۇ ئىش بىلەن ئۆيىگە قايتالمىغان تۆرەمنىڭ ئىچى تىتىلداپ، ئۆيىگە كەلگۈچە ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي يۈرەتتى.
ئۇ ئۆيگە كىرگەندە،ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەر تېخى تارقاشقۇدەك بولمىغانىدى.ئەمما ئۇلار تۆرە باقىنىڭ ھىچقاچان بۈگۈنكىدەك تۈرۈلۈپ كەتمەيدىغان قاپاقلىرىدىن، يېنىپ تۇرغان كۆكۈچ كۆزلىرىدىن ئەيمىنىشتى بولغاي،بىر باھانىلىرى بىلەن چىرايلىق خوشلىشىپ،ئاستا ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ـــ سەلىمە قېنى؟!ـــ تۆرەمنىڭ بىرىنچى بولۇپ سورىغان سوئالىمۇ شۇ بولدى.ئېرىنى كۆرۈپ بىردىنلا تىترەك باسقان ھەسەلخېنىم،ئوغلىغا تولىمۇ بىچارىلىق بىلەن تەلمۈرۈپ قارىدى.دېمەك،ھەسەلخېنىم قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ تاپ تۆرە باقىنىڭ قاپاقلىرى مۇشتتەك تۈرۈلۈپ كەتكەن، ئوزايىدىن ئۆزىنى ئاران بېسىۋېلىپ تۇرغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ھەسەلخېنىم ۋىت-ۋىت قوشنىلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قىلىپ قويغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەمدىلەتتىن ھېس قىلدى.سەلىمەنى،ئېرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماي،شۇنداقل كەتكۈزىۋەتكەنلىكىنىڭ،يەنە تېخى ئاشۇ بىر نەچچە ۋىتىلداق خوتۇنلار تەييارلىغان ھېلىقى «داستىخان»غا قاراپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ رازىلىق بەرگىنىنىڭ تازا ئالدىراڭغۇلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەنمەي تۇرالمىدى.
ـــ سەلىمە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ،دادا.ـــ دېدى ئىبراھىم ئۇلۇق كىچىك تىنىپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۆرەمنىڭ جان-پېنى چىقىپلا كەتتى،ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماي،ھەتتا ھەسەلخېنىمنى ئۇرۇۋېتىدىغاندەك،بىراقلا ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى.
ـــ ۋوي، ساراڭ! سەن شۇنداق قىلدىڭما؟! مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىمىز دېدىممۇ يا؟!
ــــ .....ــــ ھەسەلخېنىم ھېلىلا ھۇشىدىن كېتىدىغاندەك، تىلىنى چايناپمۇ ھېچنېمە دېيەلمىدى-دە،تاياقتىن ئۆزىنى ققوغدىماقچى بولىۋاتقاندەك،بېشىنى تۇتۇپ،تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋالدى.ئەمىليەتتە،ئېرىنىڭ مانا ھازىرقىدەك غەزەب قىلاىدىغانلىقىنى ئۇ ئاللىبۇرۇن مۆلچەرلەپ قويغان،شۇغىنىسى،نام شەرىپى يوق،بىر بۇزۇق قىزبالىنى دەپ،ئۆزىگە مۇشت كۆتۈرىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى.
ــــ مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ھەي؟! نېمىشقا مەن كەلگۈچە بولسىمۇ ئۆپكەڭنى بېسىپ ئولتۇرالمايسەن نەكەس؟!ـــ تۆرەم يەنە ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆينىڭ تورۇسلىرىنىمۇ لەرزىگە كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى، بۇنىڭ بىلەن ھەسەل خېنىم تېخىمۇ تۈگۈلدى، ئاغزىغا پەقەت شۇ سۆزلا كەلدى:
ـــــ ماڭا بۇنداق دېگەنلىرى بىلەن،رەشىد.... ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىنى دەپ بوپتۇ... ئىشمىز ئاخىرلاشتى دەپ ، مەن يەنە نېمە دەيتتىم؟...ــــ ئۇ كېيىنكى جۈملىنى تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپلا دېدى. شۇ تاپتا تۆرەمنىڭ ئاچچىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئۇنىڭ بىرىنبىر ئارزۇسى بولۇپ قالغان ئىدى.
ـــ ھۇ ئەقىلسىز ئېشەك! ھەممىڭ شۇنداق، ھەر قايسىڭغا چىش چىققاندىن تارتىپ،شۇنى دەۋاتىمەن.ئاچچىقنىڭ كۆزى يوق، غەزەپلەنگەن ئادەم ئويلىماي ئىش قىلىدۇ، غەزەپلەنگەندە ھېچقانداق ئىشقا قارار قىلىشما دەپ... مانا نېمە بولدى؟ بىر قىز بالىنى شۇنداقمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلغان بارما؟ ئۇنىڭ بىر ئەيىبىنى ياپساڭ،دۇنيا سېنىڭ مىڭ ئەيىبىڭنى ياپمامتى دەيۈز كالۋالار؟!
ـــ دادا، خاپا بولمىسىلا....ـــ دېدى ئىبراھىم، ئۇمۇ چوڭ بولۇپ شۇ چاغقىچە دادىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك غەزەپلەنگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ھېلىقى داستىخان كەلدى، دادىسى داستىخاننىڭ ئىشىنى بىلسە بۇ ھويلىدا يەنە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر ھە؟
ـــ سەن قاچان كەلدىڭ؟ـــ تۆرەم شۇندىلا ئىبراھىمنى كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا قارىدى. ئىبراھىمنىڭ،دەل ۋاختىدا،كەلگەنلىكى،ئەمىليەتتە،ئۇنىڭغا يەنە بىر قانات چىققانغا باراۋەر ئىدى،ــــ كۆردۈڭمۇ؟ ما ئاناڭ دېگەن،دۆت كالۋانىڭ قىلغان قىلىقىنى؟ قىزى بار ئادەممۇ شۇنداق قىلامدۇ ھە؟ـــ دېدى ئۇ ھەسەلخېنىمغا يەنە بىر ھۈرپۈيۈپ، ئۇ بۇ گەپنى قىلىپ،خوتۇنىغا،رەشىدەنىڭمۇ ئېنىقكى بىر مەينەتچىلىككە قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.
ــــ رەشىد،ئۆزى،ئۇنى ئۆيىگە قوغلىۋەتكەن تۇرسا،ھەم ئۇ خەقمۇ،كېتەيلى،دېيىشسە،مەن يەنە نېمە دەيتتىم؟...ـــ دېدى بىر چاغدا ھەسەلخېنىم سەل كۈچىگە كەلگەندەك بولۇپ.
ــــ قېنى ئۇ رەشىد دېگەن ئەقىلسىز؟ـــ تۆرەم ئىبراھىمغا قادالدى.
ــــ بىلمىدىم،ئۇنىڭغا بايا تېلفۇن ئۇرۇپ باققانتۇق،بىردەمدە تېلېفونىنىمۇ ئىتىۋېتىپتۇ.
ـــ تېلفۇن ئۇلانمىدى،دەپلا،تۇرىدىغان گەپما؟ماڭ،نەدىن بولسىمۇ،ئۇنى تېپىپ كەل، سەلىمەنى قايتۇرۇپ كەلسۇن!قېنى مەن ئۇنىڭ ئۆي تۇتمايمەن دېگىنىنى ئۆزۈم بىر كۆرەي!
ــــ ئەمدىما؟...ـــ دېدى ھەسەلخېنىم بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىكارغا كېتىدىغانلىقىدىن بىئارام بولۇپ.
ــــ ئەمدى بولماي قاچان بولسا بولاتتى؟ ماڭ، سەنمۇ بىللە بار! ھەممە بالانى تاپقان سەن بولغاندىكىن،كالۋا!ـــ دېدى تۆرە باقى خوتۇنىغا قوللىرىنى باشقىدىن چىنەپ.ھەسەل خېنىم ھۈ قويۇپ يىغلاشقا باشلىدى. يىغلاپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، يىغلاش ئارقىلىق باشقىلاردىن دەردىنى ئېلىش ئاياللارنىڭ ئورتاقلىقى بولسا كېرەك، ئۇمۇ بۇ ئۇسۇلدىن بىر ئوبدانلا پايدىلىنىۋاتاتتى.
ــــ مەن نېمە دەپ باراتتىم؟ ئۇ مەينەتنى شۇنداق قىلىڭ دەپ مەن ئۆگىتىپتىكەنمەنمۇ يا؟ رەشىد ئۇنى ھەيدەپ چىقاردى،گېپىنىمۇ ئوچۇق قىلدى.يەڭگىلىرى:«كېتىلى» دەپ كىرىپتۇ، «ھە بوپتۇ،توغرىسىنى قىلىڭلار» دېدىم... مېنىڭ قىلغىنىممۇ شۇ! ئەمدى بار ئاچچىقنى ماڭا چاچسىلا مەن قانداق قىلاي؟ بۇ جېنىمنى نەگە قوياي ئەمدى؟مەن نېمە دەپ گۆھەربانۇنىڭكىگە باراتتىم؟ ھەرگىز بارمايمەن!خوتۇن كىشى بولماق،ھەم ئانا بولماق نېمە دېگەن تەس ھە...ھۈ ھۈ ھۈ...
__ ۋاي زۇۋانىڭنى يىغە ھەي!مال ئېگىسىدىن ئوغۇرى كۈچلۈك،دەپ،كۆيۈۋاتقان ئوتقا،سەن،كىرسىن چاچمىساڭ،مۇشۇ قاتارلىق ئىش بوپ كېتەمدۇ؟__ تۆرە باقىمۇ ھېچ ئاچچىقىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئىبراھىم ئارىغا چۈشتى.
__ بولدىلا دادا،مېڭڭە چىقىپ كېتەيلى،خاپا بولماڭ،قانداق قىلىمىز ئەمدى؟بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى بوپ بوپتۇ،بىر ئېلاجى بوپ قالار،...
تۆرە باقى،ئۈندىمەي ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى.شۇنداق،بىر ئېلاجىنى قىلىش كېرەك-تە،ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇشقا بولمايدۇ،رەشىد پەيدا بولسا،خاتالىقىنى تونۇپ،سەلىمەنى ياندۇرۇپ كەلسە،بۇ ئىشنىڭ چارىسى شۇ.تۆرەم مۇشۇلارنى ئويلاپ بولدى. ئەمما بۇ ئىشتا قانداقتۇر يەشكىلى بولمايدىغان بىر كاللەك باردېكىدەك،ياكى سۇنغان چىنىنى ئەمدى تۇتقۇزغىلى بولمايدىغاندەك بىر تۇيغۇ پەيدا بولغانىدى.رەشىدنىڭ مىجەزى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان،بۇ بالا دېگىنىنى قىلماي قويمايدۇ،ئۆزىنىڭ نام ئابرۇيىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.«ھازىرلا خوتۇنۇڭنى يالۋۇرۇپ،ياندۇرۇپ كېلىسەن،»دېسە،ئۇنىڭ رەت قىلىدىغانلىقى تۆرەمغا ئايان.
ــــ ھۇ ئەقىلسىز ئېشەك!ـــ دېدى تۆرەم،ئۆزىنى باشقۇرۇپ بولالماي،يانغا غەزەب بىلەن بىرنى تۈكۈردى.
ئاتا بالا،ئۆيدىن چىقىپ،ماشىنىغا ئولتۇرۇشتى.دادىسىنىڭ رەشىدنى بىللە ئىزدەشكە چىققانلىقىنى ياكى باشقا بارىدىغان يېرى بارلىقىنى،بىلەلمىگەن ئىبراھىم: «نەگە ھەيدەيمەن؟» دېگەندەك،تۆرە باقىغا لەپپىدە قاراپ قويدى.
ــــ ماڭغىنا، نەگىلا ماڭساڭ...ـــ دېدى تۆرەم غەزەپ بىلەن ئەينەكنىڭ سىرتىغا تۈكۈرۈپ، قارىغاندا ئۇمۇ نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالغان ئىدى.
ئىبراھىم ماشىنىنى ئۇدۇللا ئۆمەر باشقۇرىۋاتقان كۆمۈر كان تەرەپكە ھەيدىدى، ئۆمەرگە ھەم تېلېفونمۇ قىلىپ قويدى. ئۆمەر ئاخشام توينى كۆچۈرۈپ بولۇپلا: «كاندا مۇھىم ئىش بار ئىدى» دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، كېچىدىن ئۆيگە كەلمىگەن ئىدى.ئۇ،چوڭ ئۆيدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى،تېلېفون ئارقىلىق بىرەر قۇر بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە چوڭۇيۇپ كەتكەنلىكىدىن تېخى بىخەۋەر ئىدى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ئىبراھىمنىڭ دادىسىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال كان ئىشچىلار ياتىقىدىن بىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتۇردى. بۇ ياتاق،بەزى مۇھىم مېھمانلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان بولغاچقا،ياسىداق، پاكىز ھەم ئازادە بولۇپ،ئاشپەز ئايال،ۋاختى بولسىلا بىر تازىلاپ، كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قوياتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئىبراھىمنىڭ ماشىنىسى،ئۆمەرنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۆمەر دادىسىنى يۆلەپ چۈشۈردى، ئۇنىڭغا دادىسى بىراقلا تۈگىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.
ــــ ئۇ تەرەپتە قانداق خەۋەر بار؟ـــ دەپ سورىدى تۆرەم ئىبراھىمدىن.ئۇ رەشىدە توغرىلىق ئوبدانراق خەۋەر ئاڭلاشنى كۈتكىۋاتاتتى. بىر قىز ئۆيدىن چىقىپ كەتسە نېمە بولماقچىدى؟ ئۇ، رەشىدەنى،ئېنىقكى،بىرەر يىگىتنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتكەن دەپلا ئويلىۋالغان ئىدى. بۇ يەردىمۇ بىر-بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، كېيىنچە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،خاتالىقىنى تونۇپ،قايتا تويىنى قىلىۋالىدىغان ياشلارمۇ خېلى بار ئىدى. تۆرەم بۇنداق ئىشتا ئوغۇللارغا قارىغاندا،قىزلارنى بەكرەك ھار ئالاتتى. شۇ تاپتىمۇ ھەممە ئەيىبنى رەشىدەدىن كۆرۈۋاتقاچقا، رەشىدەنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنىمۇ خالىمايۋاتاتتى.
ـــ رەشىدە يوقاپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، دادا،ـــ دېدى ئىبراھىم.
ـــ نومۇسسىز بىرنېمىلەر... ئاكاممۇ قىزىقكەن،قېچىپ كەتتى،دەپ،بۇ يەرگە داۋراڭ قىلىپ،بىر يىلنى ئۆتكۈزۋەتكۈچە،بىزگە،پالانىغا تېگىپ كەتتى،دەپ،ئېشىنى يەپ ئولتۇرسىچۇ؟ھەممىسى ئوخشاش،كالۋا!...ـــ تۆرەمنىڭ يەنە قېنى قىزىدى،شۇ تاپ ئۇ رەشىدەدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
ـــ شۇ،كىچىك ئاتاملارمۇ شۇنداق ئويلاپ بىزگە دېمەپتىكەن... ئۇلار رەشىدەنى قايتىپ كەلگەندە شۇ يىگىت بىلەن تويىنى قىلىپ قويساق،غەيۋەت شىكايەتلەرمۇ بېسىقىغا چۈشىدۇ، دەپلا ئويلاپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،رەشىدە،ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، ئاي توشۇپلا شىنجىندىن، ئۇلارغا تېلېفون بېرىپتىكەن،شۇ چاغدا،كىچىك ئاپاممۇ،ئۇنىڭ،شۇ بالىغا تېگىشىگە ماقۇل بولغانلىقىنى،ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتمەستە،دەرھال قايتىپ كېلىپ،ئەل يۇرتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنى دەپتىكەن،رەشىدەمۇ،ئۇزۇنغا قالماي،بارىمىز،دېگەنمىش، ئەمما... شۇ تېلېفوندىن كېيىن رەشىدەدىن ھېچ خەۋەر بولماپتۇ.
ـــ رەشىدەدىن خەۋەر بولمىسا، ئۇنى كەينىگە سېلىپ ماڭغان،ھېلىقى تىرىك جاننىڭ خەۋىرى، ئۆيى،ئاتىسى باردۇ؟ شۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈشنى بىلمىدىڭمۇ؟
ـــ ئۇ بالىنىڭ تېگى-تەكتى ئېنىق ئەمەسكەن، دادا... ئۇ كىچىك ئاتامنىڭ يېزىسىغا توك تارتىمەن دەپ بېرىپ قالغان بىر سالتا ساياق ئوخشايدۇ... ئۇنىڭ تېگىنى،كىملىكىنى بىلىدىغانلار پۈتۈن يۇرت تەۋەسىدە بىلىدىغانلار يوق ئىكەن....ـــ شۇنداق دېگەندە،ئىبراھىمنىڭ بېشى ئېگىلدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ،ئۆمەرمۇ،تۆرەممۇ بىردىنلا سەگەكلەشتى.قارىغاندا،بۇ ئىش،ئىككى ياشنىڭ چوڭلارغا قارشى چىقىپ،قېچىپ كەتكەن ۋە شۇ باھانىدا توي قىلىۋالغان،باشباشتاقلىقىغا تازا ئوخشىمايتتى.
ــــ ئىچكىرىدىكى بالىلارغا خەۋەر بېرىۋەتتىڭمۇ يە؟ـــ تۆرەمنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى.
ــــ ھەئە،ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن-دە،ئەمما باشقا گەپ قىلمىدىم، سىڭلىم ئىچكىرىدە ئېرى بىلەن تىجارەت قىلىۋېتىپتۇ. لېكىن نەدىلىكىنى بىلەلمىدۇق، ئىزدەپ بېقىڭلار، دەپلا قويدۇم،ـــ دېدى ئىبراھىم.
ـــ شىنجىندا بار جايىنى بىلىۋالدۇق، دەپ كېتىپتىكەنغۇ ئاۋۇلار؟ـــ تۆرەمنىڭ بىرسىگە قاتتىق نەپرىتى قوزغالغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمايدىغان ئادىتى بار ئىدى. شۇ تاپتا ئامانەت قىزنى ئوڭشاپ باشقۇرالماي، ئۆزىنىڭمۇ، بۇ ياقتىكىلەرنىڭمۇ يۈزىنى قاتتىق تۆككەن ئاكىسىغا ئاچچىقى كەلدى.
ـــ بىز بارغاندا ئۇ يەردىن ئاللىبۇرۇن كېتىپ قاپتىكەن، كېيىن گۇاڭجۇدىن خەۋىرى كېلىپ قېلىپ، گۇاڭجۇغىمۇ بېرىپ كەلدىم....
ـــ ھە... تولا ئەزمىلىك قىلماي دېسەڭچۇ؟ نېمە ئادەمنىڭ ئاغزىغا قارايسەن؟ قانداق قىلدىڭ؟ شۇنداقلا يېنىپ كەلدىڭما؟...ـــ ئىبراھىمنىڭ تۇرۇپلا گېپىدىن توختىۋالغىنىغا ئاچچىقى كەلگەن تۆرە باقى تېرىكىپلا كەتتى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ، دەپ ئەزمىلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايتتى.
ـــ ھېلىقى بەغەرەز شۇمنىڭ دېگىنىگە ئاساسلىنىپ، غەنى بىلەن ئىككىمىز رەشىدەنىڭ بېرىشى مۇمكىن بولغان بىر نەچچە يەرگە باردۇق. لېكىن رەشىدە ئۇ يەرلەرگە بارماپتۇ... غەنىگە ھەم بىزنىڭ بالىلارغا دېرىكىنى قىلىپ بېقىشنى تاپىلاپ قويۇپ يېنىپ كەلدىم، دادا... خىزمىتىم...
ــــ بولدى! خىزمىتىڭنىڭ گېپىنى قىلما! ئۆلسۇن ئۇ قانجۇقمۇ! ھۇ نومۇسنى بىلمەيدىغان پەسكەش!
تۆرەم شۇ ھالدا رەشىدەنىمۇ، رەشىدنىمۇ، ئاكىسى، يەڭگىسى، خوتۇنىنىمۇ يەتكۈچە تىللاپ، لەنەت قىلدى. ئاخىرى ھېرىپ ماغدۇرى قالمىغاندا،كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۈكۈلۈشكە باشلىدى.بۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا تۇنجى قېتىم ياش تۆكۈشى بولغاچقا،ئۆمەر بىلەن ئىبراھىم قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي،ئاتىسىنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدى.
__ دادا،دادا...ئۇنداق قىلماڭ،مانا بىز بار،رەشىدەنى چوقۇم تېپىپ كېلىمىز،دادا،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ...
تۆرە باقى كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.ئاندىن ئوغۇللىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىەپ بىردەم شۈك بولدى.ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا كۈچەۋاتاتتى. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلاپ كېلىۋاتقان بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۇنى ئوبدانلا ھالسىراتقان ئىدى. ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەلەم قىلغىنى بۇ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئاخىرىنى قانداق قىلىپ يىغىشتۇرۇش ئىدى.
ـــ ھەي... بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا،مەن يەنە نېمە دەي؟سىلەر تېخى ياش،ئاڭلاپ قېلىڭلار،باللا...ھەممە ئادەمچۇ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆزى باقسا بولىدىكەن،شۇ چاغدا، قاراپ تۇرۇپ،شۇ بىر تاللا قىزىمنى ئاكام دەپ ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويغاندىكىن،ماڭىمۇ ئاز! ـــ
ــــ شۇنى دەڭە دادا، رەشىدە بۇ يەرگە،يامانلاپ كەلگەن ھېلىقى چاغدا،بىزمۇ كىچىك ئاتاملارغا يۈز قارىمايلا،ئۇنى يېنىمىزغا تارتساق بوپتىكەن،مانا ئەمدى...__ دېدى ئۆمەر پۇشايمان قىلىپ.
__ شۇنى دېمەمدۇ؟مەن كىچىك ئاتامنىڭ تۇتقان يولى،تۇتقان ئۆيلىرىگە زەڭ سېلىپ باقتىم،قارىسام،ئۇلار بەكلا پاسسىپ،ھەم قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەننىۋاسى بىرقانداقلا،زامانغا ماسلىشىدىغان ھېچبىر ئىشى يوق...رەشىدەنىڭ شۇنداق ئوقۇغۇسى بارتى،لېكىن ئۇلار قويدىمۇ؟ياق،بىچارە قىزنىڭ شۇنچىلىك ئارزۇسىغىمۇ پالتا كەستى،...ـــ ئىبراھىم شۇنداق دېدى.
ـــ ئۇلار رەشىدەگە دۇكان ئېچىپ بېرىپتىكەنمىشقۇ؟ـــ دېدى ئۆمەر ئىبراھىمغا قاراپ.
ـــ ئۇ دۇكاننىڭ دۇكان دېگۈچىلىكىمۇ يوق،يەنە شۇ كىچىك ئاتاملارنىڭ دېرىزىسى تالاغا قارايدىغان بىر ئۆيىنى مۇنداقلا ئوڭشاپ،.تۇز چاي، قەنت-گېزەك،سوپۇن،ئارغامچا...دېگەندەك،ئۇششاق نەرسىلەرنى سېلىپ بېرىپتىكەنمىش.شۇ رەشىدەنى،تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈنلا،قىلغان ئىش بولمامدۇ؟
__ رەشىدەنىڭ شۇ چاغدا بىزگە دېيىشىچە،ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىن كىيىم كېچەك،ئاياق،سومكىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئەكىلىپ،ھېچ بولمىغاندا يايما بولسىمۇ ئاچقۇسى باركەنمىش،ئەمما كىچىك ئاتاملار ئۇنىماپتۇ، شۇ ئىش توغرىلىق كىچىك ئاتام ئۇنى قاتتىق ئۇرۇۋاپتىپتىكەنمىش...
ـــ ؟ئۆز بويلۇق بولۇپ قالغان قىز بالىنىمۇ ئۇرىدۇ دېسە.... بىچارە سىڭلىم...
ـــ نېمە كوتۇلداۋېرىشىسەن؟دادا دېگەن گەپ ئاڭلىمىسا،ئاشۇنداق ئۇرىدۇ ...ـــ تۆرەم ئوغۇللىرىنى داۋاملىق سۆزلەۋېرىشتىن توستى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭمۇ قىزىنىڭ شۇ ياشقا كەلگەندىمۇ تاياق يەپ يۈرگىنى،ئارزۇ قىلغان ھېچ ئىشىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىچى ئوغا بىلەن توشقاندەكلا بولۇپ كەتكەنىدى،ـــ ۋاي ئىسىت ئىسىت ...ئۆز بالىسىنىمۇ كىشىگە بېرەمدىغان؟ماڭا بۇ نېمە كۆرگۈلۈك ئەمدى؟... ئاناڭ ئۇقتىمۇ؟
ـــ ياق، ئۇنىڭغا رەشىدەنى تاپالمىدىم، دەپلا قويدۇم شۇ.__ دېدى ئىبراھىم.
ـــ توغرا قىپسەن،ھازىرچە ئۇنىڭغا دېمەي تۇرايلى،بولمىسا تولا يىغلاپ،كاللىنى تېخىمۇ ساراڭ ئېتىدۇ،ـــ دېدى تۆرەم. تاكى شۇ يېقىنغىچە،ھەسەلخېنىم رەشىدەنى ياندۇرۇپ كېلىمەن، دەپ تۆرەم بىلەن نۇرغۇن قېتىم يۈز قىزارتىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمما تۆرەم: «لەۋزى بوشاڭلىق قىلساق بولمايدۇ » دەپ خوتۇنىنىڭ گېپىگە كۆنمەيتتى.مانا ئەمدى نېمە بولدى؟قىزىنى ئەكىلىۋالمىغىنىغا،شۇ خوتۇنىنىڭ گېپىگە كىرمىگىنىگە،تۆرە باقى تۇنجى قېتىم مىڭ ئۆرتىنىپ كېتىۋاتاتتى. «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بويۇمدا قالدى» دېگەندەك ئىش ئەمەسمۇ بۇ؟ناۋادا،تۆمۈر تايدا بولۇپ،تۆرەمنىڭ تەربىيەسىدە بۇ كۈنگە ئۇلاشقان بولسا،ھازىر ئۇنىڭ تەقدىرى ھەرگىزمۇ بۇ تاپتىكىدەك بولمىغان بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا،ئۇ بولدى ئەمدى دېگۈچە ئوقۇيتتى،مۆرىتى كەلسە،ئاكىلىرىدەك تىجارەتمۇ قىلاتتى-دە... ھەي! بىچارە بالا، شۇ تاپتا،ئۇ، قايسى غېرىبلىقتا،قانداق مۇھتاجلىقتا يۈرىدىغاندۇ؟...
ھەرقانچە دېيىشمەيلى،دېيىشسىمۇ،ئاتا-بالا،رەشىدە توغرىلىق،ئۆتكەن ئىشلارغا ھەسرەت چېكىش ۋە پۇشايمان يېيىشتىن ساقلىنالمايتتى.شۇ ھالدا،ئۇلار خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇشتى.نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مۇزاكىرسىنى قىلىشتى.
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




