
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
23-قىسىم
شۇنداق،ئاتنىڭ ئەمچىكىدەك،قوشماق بولۇپ،بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان،رەشىدە بىلەن رەشىد،تەقدىرنىڭ ھەر قىسما ئويۇنلىرى سەۋەبلىك،ئىككى ئۆيگە،ياق،بىر بىرى بىلەن مەڭگۈ كېسىشمەيدىغان ئىككى قارشى تەرەپكە ئايرىلىشتى.دېگەنكىدەك،ئىككى تەرەپلا ئەمەس، ئىككى ئائىلىدىكى تەربىيە ھەم مۇھىتمۇ بىر بىرىگە تامامەن ئوخشىمايتتى.تۆرەمنى ئېلىپ ئېيتساق،ئۇ، ئادەتتە،ئادىمىگەرچىلىككە ئۇستا.سېخىيلىقنى ۋە ئەمەلنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ.گاھ سەل كىبىرلىك قىلىپ،يولدىن چىقىپ كەتسىمۇ،ئارقىدىنلا يەنە يولىنى تېپىۋالىدۇ.بەزىدە ئەنئەنىۋى بولىۋالسا ئارقىدىنلا يەنە يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ.گاھ يەرلىكلىشىشكە ھېرىسمەنلىك قىلسا،ئارقىدىنلا ئەجنەبىيلەرنى دورايدۇ.ھالبۇكى،ئۇنىڭ ئاكىسى قاسىم بولسا،ئۇچىغا چىققان جاھىل،مۇتەئەسسىپ ئادەم بولۇپ قالماي،ئىدىيىسى تولىمۇ قاتمال ئادەم ئىدى.ئۇنىڭ ھاياتى،ئاشۇ كىچىككىنە يېزىدا،خۇددى توختام سۇدەك ئۆتتى.ئىنىسىدەك ھەدېسىلا مەغلۇب بولۇپ تۇرسىمۇ،ئارقىدىن غەلبە قىلىدىغان ھەم ئامەتنىڭ داغدام يوللىرىدا مەزمۇت قەدەم تاشلاپ ماڭالىغان ئەمەس.
شۇڭا ئۇ قىزى رىسالەتنى تولۇقسىزنى تۈزۈك ئوقۇتمايلا (ئۇلار رەشىدەنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن قىزغىنىپ رىسالەتكە ئۆزگەرتىۋالغان ئىدى) ئۆيدە ئولتۇرغۇزىۋالدى.ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىمۇ ھېساپ،دەپ،قاراپ،سەيپۇڭلۇققا شاگىرتلىققا بەردى.ئەمما رىسالەت،ماشىنچىلىق،تىككۈچىلىككە ئۆچ،ھەتتا ئۆي ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل قويمايتتى.ئۇنىڭ بار ئېسىيادى،ئۆرلەپ ئوقۇش ھېچ بولمىغاندا،مىلىچ ماللار دۇكىنى ئېچىپ،مۇستەقىل تىجارەت قىلىش ئىدى.شۇ تۈپەيلى،ئۇ،دادىسىغا جان جەھلى بىلەن قارشى ئىش قىلاتتى.ۋە بۇنداق بەڭباشلىقى ھەتتا تېزگىنلىگىلى بولماس دەرىجىگە يەتتى.مەسىلەن،قاسىماخۇن ناخشا ئېيتقان،تولغىنىپ ئۇسۇل ئوينايدىغانلارنى يامان كۆرەتتى، ئەمما رىسالەت ناخشا ئېيتىشقا ئامراق، ناخشا ئېيتقان ئاۋازى بۇلبۇلدەك يېقىملىق،ھە دېسىلا باغلارنى، ئۆيلەرنى نەغمىچى قۇشلاردەك چاڭ كەلتۈرۈۋېتەتتى.مەھەللىدە توي بولسىلا، دادىسىغا كۆرسەتمەي نازۇك گۈلدار كېپىنەكتەك پىقىراپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتەتتى.تولىمۇ كۈلكىلىك گەپلىرى،كىتابتا ئوقۇۋالغان يۇمۇر،لەتىپىلەر بىلەن،ھەر خىل قىلىق چىقىرىپ،ھەرقانداق ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تىنمايتتى.
قاسىماخۇننىڭ رايىچە بولغان بولسا،رىسالەتنى،ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىقىرىپلا، مەھەللە چوڭىنىڭ كىچىك ئوغلىغا ياتلىق قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئەمما رىسالەت، «|خېنىم تاجەك»ئوغلىنى كۆرۈپ قېلىش ئەمەس،ئېتىنى ئاڭلاپ قالسىمۇ،تۆت پۇتى ئۆرە بولاتتى.ئۇنىڭدىن يىراق قاچاتتى. ئۇ،ئادەتتە خۇشخۇي بولغىنى بىلەن ئاچچىقلانغاندا كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى. بۇنداق چاغلاردا ئاچچىقى يامان قاسىماخۇنمۇ ئۇنى،ئۇرۇپ،تىللاپ ياكى ياخشى گەپ قىلىپمۇ گېپىگە كىرگۈزەلمەيتتى.
رىسالەت تولۇقسىزنى چالا بۇلا پۈتكۈزۈپلا ئوقۇيالمىدى، دادىسى ئۇنى قىز بالا تولا ئوقۇسا ياخشى بولمايدۇ، دەپ مەكتەپتىن چىقىرىۋالغانىدى. ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچقا،دادىسىدىن قورقۇپ، ھازىرقىدەك جاھىللىق بىلەن دادىسىغا قارشى تۇرالمىدى.ئانىسىغا تولا يالۋۇرۇپ،ھېچ ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن،يالغۇز يىغلاپ-قاقشاپ بېقىپ، ئاستا-ئاستا مەكتەپكە بارماسلىققىمۇ كۆندى.ئەمما كىچىككىنە يۈرىكى بۇ كىچىك ھەم چەت يېزىغا سىغمايلا قالغان ئىدى.
__ ماڭا ئازراق دەسمى بېرىڭلار،ئانا،مېنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىپ،توپ تارقىتىشتىن مال ئېلىپ،يايما ئاچقۇم بار ئىدى،ماقۇل بولغان بولساڭلار،دادامغا دەپ بېقىڭە ئانا،مەن تەرەپتە تۇرۇڭ،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،__ دەپ يالۋۇردى ئۇ بىر كۈنى.
__ كىچىككىنە قىزبالىغا كوچا خوتۇنلىرىدەك شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈشنى كىم قويۇپتۇ؟!__ بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاسىماخۇن يەر تېپىپ تۇرۇپ شۇنداق چالۋاقىدى.
__ قىزبالا شەھەر چۆگىلىسە بولمامدۇ؟نەدىكى قائىدىكەن ئۇ؟مەن نومۇس قىلىپ،قىلماي يا خەقنىڭكىنى بۇلايمەن دەپتىمەنمۇ؟ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۇل تېپىش،تىجارەت قىلىشمۇ سەت ئىشما ئەمدى؟!__ رىسالەتمۇ بوش كەلمەيتتى.ئەمما ئۇنىڭغا،دادىسىنىڭ يانچۇقىغا تايانماي تۇرۇپ،بۇ ئىشلارنى باشلاش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
__ رىسالەتخانغا دەپ قوي،بۇنداق پەلەمپەتىش خىيالىدىن يېنىپ،ئەڭ ياخشىسى ئەرگە تەگسۇن،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بوينۇمدىكى قەرزدىن قۇتۇلغان بولاي!
رىسالەت ئاجىز كەلدى.ھەم ئۆز ئارزۇسىدىن بىر بالداق پەسكە چۈشتى.
ـــ چوڭ شەھەرلەرگە بارغىلى قويمىساڭلار،ئەمىسە ماڭا يېزا بازىرىدىن دۇكان ئېچىپ بېرىڭلار،ـــ دەپ غەلۋە قىلدى ئۇ بىر كۈنى، ئەمما دادىسى بۇنىڭغىمۇ قوشۇلمىدى. قىز بالىنى كوچىغا چىقىرىپ قويۇپ،پول تاپقۇزۇشنى،بۇ ئائىلىدىكىلەر بەكمۇ ئېغىر ئالاتتى.شۇڭا قاسىماخۇن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئوخشاشلا قوشۇلمىدى. رىسالەت ھەر قانچە جاھىللىق قىلىپ،ئاش تاماق يىمەي،تىلسىز يېتىپمۇ دادىسىغا گەپ يىگۈزەلمىدى.ئەمما ئۇ شۇندىن كېيىن،ئىلگىركىدىنمۇ جاھىل،ئاتىسى «ئوڭ»غا دېسە،ئېنىقكى «سول»غا قايرىلىدىغان،كاللا دېسە،پاقالچاق بىلەن جاۋابلىشىدىغان ھالغا يەتتى.قىسقىسى،دادىسى قانچە،ئۇ شۇنچە ئىدى.ھامان بىر ۋەسۋەسە بىلەن ئىچى تىتىلدىغان ھالدا يۈرەتتى.بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشكە، ئۆز ئاتا-ئانىسى، جۈپ قېرىندىشى رەشىدنىڭ يېنىغا قېچىپ كېتىشكە ئالدىرايتتى.ئاخىرى ۋاختى يەتكەن بىر كۈنى،ئۇ ھېچنېمىگە قارىماي تۆمۈر تايغا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭچە پەقەت ئۆز ئاتا-ئانىسىلا ئۇنى چۈشىنەتتى، قانىتى ئاستىغا ئالاتتى، لېكىن...
رىسالەت مىڭ تەستە،نەچچە يەردە ماشىنا ئالمىشىپ، قورقۇپ تىترەپ تۆمۈر تايغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنى كۈتۈۋالغىنى مۇزدەك سوغوق قاراپ تۇرغان تۆرە باقى بولدى:
ـــ قىز بالىمۇ سېنىڭدەك بولامدۇ ھە؟ سېنى باققان ئاتا-ئاناڭنىڭ،ئەل-مەھەللىگە تىك قارىغۇدەك يۈزىنى قويۇپ قويساڭ،ئۆلۈپقۇ كەتمەيدىغانسەن؟ شۇنچە چوڭ بولغاندا،نومۇس ۋە ھايانى قايرىپ قويۇپ، تاغمۇ تاغ، باغمۇ باغ يۈرىدىغان قانداق ئېشەك بولدۇڭ سەن؟!...ـــ دادىسىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق گەپلەرگە رىسالەت چىدىماي،يىغلىغىنىچە قايتىپ كەتمەكچى بولدى.ھەسەلخېنىم،ياش تۈكۈپ تۇرۇپ،قىزىنى يېنىمىزدا بىر ھەپتە بولسىمۇ تۇرسۇن،ئاندىن ئۆزۈم ئاپىرىپ قوياي،دېگەن بولسىمۇ،كار قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ،شۇ چاغدا،بىچارە رىسالەت،ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا بىر ئاخشام تۇرۇش تۈگۈل،بىر چىرايلىق سۆزگىمۇ ئېرىشەلمەي،يىغا زارە بىلەن يۇرتقا قايتتى.ئۇنى،ئاپىرىپ قويۇشقا رەشىد مەسئۇل بولدى.
ـــ سىز تولا پوق يەپ،رەشىدەنى يېنىڭىزغا تارتماڭ، جۇمۇ،مەن دەپ قوياي،بىلسىڭىز،بىزنىڭ ئۇنىڭدەك قىزىمىز يوق، ئۇ دېگەن ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ قىزى. ھەرگىز مەن بىلەن سىزنىڭ ئەمەس. ئۆلۈپ كېتەي دېگەن بالىنى ئۇلار ئالقىنىغا قوندۇرۇپ مىڭ تەستە بۈگۈنكىدەك چوڭ قىلدى.رەشىدەنىڭ پۇتىغا خىش قويۇپ بېرىپ،ئۇنى،باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇزىغا دەسسەتسىڭىز،كەلگۈسىدە،رەشىدە قايسى كۈنگە قالار؟ ئادەم دېگەندە ۋىجدان دېگەن نەرسە بولۇشى كېرەك-تە!
ـــ سىلى ئۇنداق دېگەن بىلەن،ئۇلار رەشىدەنى تولۇقسىزنى پۈتكۈزۋالغۇچە بولسىمۇ ئوقۇتۇپ قويغان بولسىمۇ نېمە دەي؟ بۇ بالىنىڭ كۆڭلى ئوقۇشتا...
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ـــ سەن بولساڭمۇ بولدى قىلە،ھېي!بولىدىغان ئىش بوپ بولغاندا،ئوقۇسۇن،دەپ،نەگە بارىتىڭ؟ئۇلار،توغرا دەيدۇ،قىزبالىغا ئوقۇش-پوقۇش دېگەنى كىم قويدى؟ـــ دېدى تۆرەم ۋاقىراپ. ئۇ شۇنداق دېمىسە ھەسەلخېنىمنىڭ رىسالەتنى يامان ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۆز ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى رىسالەتنىڭ يان ئۆيدە زەن قويۇپ تىڭشاۋاتقانلىقىنىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى،شۇڭا گېپىنى داۋاملاشتۇردى،ـــ قىز بالا دېگەنچۇ قارا، مامكاپ گۈلىدەكلا بىر نەرسە،ئوغۇل بالىغا ئوخشىمايدۇ. مامكاپ گۈلى ئېچىلسىلا تېز توزۇپ كېتىدۇ. قىز بالىمۇ شۇنداق، شۇڭا قىز بالىنى ئېچىلدۇرىمەن دېگەن ئادەم ساراڭ. سەن تولا ئۇنىڭ چاپان ياپماي،دەرھال ئۆيىگە يولغا سال،سەن بىلەن ماڭا يۈز كېرەك بولسا،ئاكام بىلەن يەڭگەمگىمۇ يۈز لازىم، يۈز! ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى شۇ تاپ قايسى ھالدا؟ خەق ئۇلارنى نېمە دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ؟ شۇنى ئويلىغان بولساڭ،مېنى بۇنداق جىق كاپشىتمايسەن،ئۇختۇڭمۇ؟...رەشىد،سىڭلىڭنى ئېلىپ،ھازىرلا يولغا چىق،خەقلەر بىلىپ،ئالدى كەينى گەپ تاپماستا،ئۇنى ئۆيىگە يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ!
تۆرە باقى،شۇ چاغدا،يۈرىكىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ،رەشىدەگە چىراي ئېچىپ ھەتتا مۇنداقراق كۈلۈپمۇ قارىمىدى.بۇنىڭ بىلەن رەشىدەنىڭ،تۆمۈر تايدىن،توغرىسى ئۆز ئاتا-ئانىسىدىنمۇ تايىنلىقلا رايى ياندى.خۇددى بوينىنى باغلىغاندەك رەشىدنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى.بىر ئەلەم،بىر نەپرەت بىلەن ھەسەلخېنىمغىمۇ قارىمايلا قويدى. ئۇنىڭ،بۇ ئايالنىڭ،شۇنچە ئوغۇللىرىدىن بىرنىمۇ بەرمەي پەقەت ئۆزىنىلا خەقكە بېرىۋەتكىنىگە قاتتىق ئاچچىقى بار ئىدى، يول بويى رەشىدكە دەردىنى ئېيتىپ يىغلاپ ماڭدى.ئۇنىڭ: دادامنىڭ يېنىغا بارسام، ئاكىلىرىمدەك ئىچكىرىگە قاتناپ سودا قىلىمەن، چوڭ سودىگەر بولۇپ، قىز بالا ھېچنېمە قىلالمايدۇ، دەيدىغان قاراشتىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ قويىمەن» دېگەندەك،چىرايلىق ئارزۇلىرى ئاغزىدا قالدى.
رەشىدە، كىچىك چاغلىرىدا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا پات-پاتلا بېرىپ تۇراتتى ۋە شۇنداق چاغلاردا،قېرىنداشلىرى،ھەممىدىن بەك،رەشىد ئاكىسى بىلەن قانغۇدەك ئوينىۋالاتتى، قوشماق بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن،پەقەت مۇشۇ ئاكىسىغا باشقىچە ئامراقلىق قىلاتتى. ئۇنى ئۆزىنىڭ يەنە بىر تېنى دەپ قارايتتى. رەشدمۇ شۇنداق ئىدى، رەشىدەگە چىدىمايتتى،ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى رەشىدەگە بېرەتتى.سىڭلىسى ئۈچۈن گۈبلدەستىلەرنى تىزاتتى.ئۇلار بىر-بىرىگە مانا شۇنداق مېھىرلىك ئىدى. ئايرىلغانلىرىدا بىر-بىرىنى سېغىناتتى. رەشىدنىڭ،خۇددى سىڭلىسىغا ئوخشاشلا،ئانىسىغا تاكى شۇ كەمگىچە نارازىلىقى بار ئىدى. خۇددى تېنىنىڭ بىر پارچىسى يىراقتا يۈرۈۋاتقاندەك،چىدىغۇسىز بىر كەمتۈكلۈك ئىچىدە سىڭلىسىدىن ئەنسىرەيتتى.ئۇنىڭ غېمىنى يەيتتى، لېكىن يىراقنىڭ يىراقلىقى بولغىنى،ئارلىقنىڭ مۇشاقىتى بولغىنىدەك،ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ،ئۇلارنىڭ كۈرۈشۈش قېتىم سانى بارا بارا ئازلاپ باردى.رەشىدە چوڭ بولدى.ئەمما ئۇ خوشال ئەمەس،ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈنبويى غەمكىن ياشايتتى.بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندا رەشىدمۇ چارىسىز قالدى...
شۇ قېتىملىق،يامانلاش بولۇپ،رەشىد ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن،رىسالەت دادىسىدىن قاتتىق دۇمبا يېدى.چۈنكى،ئۇنىڭغا تۇيدۇماي، قاسىماخۇن ئەر-ئايال،مەھەللە چوڭىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن كىرگۈزگەن ئەلچىلىرىگە ماقۇل بولۇپ بولغان ئىدى.رىسالەت بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا پۇت تېپىپ دادىسى بىلەن ئانىسىغا قارشى چىقتى. باش ئېلىپ ناتۇنۇش يەرلەرگە چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولدى.
رىسالەت،ئۇ ئادەمنىڭ قىز بالىدەكلا مۇلايىم،نە ئوغۇل بالىغا،نە قىز بالىغا ئوخشىمايدىغان يالغۇز ئوغلى،تاجىبەگكە بەكلا ئۆچ ئىدى. «خېنىم تاجەك» دەپ لەقەم ئالغان بۇ بالا، رىسالەتنىڭ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدېشى ئىدى. بالاغەتكە يەتكەن يىگىت بولغىنىغا قارىماي،تاجىبەگنىڭ ئاجىز، چىرقىراق ئاۋازى،خۇددى كىچىك چاغلىرىدىكىدىن ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن،خۇددى تارىسى بوشاپ قالغان غىجەكنىڭ ئۈنىدەك قۇلاققا خوشياقمايتتى.تاجىبەگكە،«خېنىم تاجەك»دېگەن لەقەمنى قويغانمۇ رىسالەت ئىدى.شۇنداق تۇرسا،ئۇ قانداقمۇ تاجىبەگ بىلەن بىر ئۆيدە چىقىشىپ،ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتەلىسۇن؟رىسالەت شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تويغا رازىلىق بېرەلمەيتتى. «مەن قەتئى تەگمەيمەن ئۆزۈڭ تەگ!» دېدى ئۇ ۋاقىراپ تۇرۇپ،ئانىسىنى،مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئېغىز ئاچقىنىغا تويغۇزىۋەتتى.قاسىماخۇنمۇ رىسالەتنىڭ بىشەملىكىگە چىداپ بولالماي، ئۇنى ھارغۇچە ئۇردى. ئەمما رىسالەتنىڭ قارارى قارار بولدى. ئۇ تاجىبەگنىڭ نئۆيىدىكىلىرى چوڭ داستىخان ئېلىپ كىرىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى،ئۈجمىنىڭ ئۈستىدىن «يىقىلىپ» كەتتى.بۇنىڭ بىلەن رىسالەتنىڭ بىر پۇتى بىلەن ئىككى قوۋۇرغىسى سۇنۇپ، ئوڭ قولىنىڭ بېغىش سۆڭىكىگە ئىككى يەردىن دەز كەتتى...
بۇ بالا-قازانى رىسالەتنىڭ قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ياكى شۇنداق توغرا كېلىپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.لېكىن بولغۇلۇق بولغان تۇرسا،كىممۇ نېرى بېرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرسۇن؟قاسىماخۇن،دەرھال ماشىنا چاقىرىپ، رىسالەتنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ياتقۇزدى. كېيىن تۆمۈر تايدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن ئۈرۈمىچىگە ئېلىپ كېلىپ قايتا داۋالاتتى.شۇنداق قىلىپ، رىسالەتنىڭ راۋرۇس ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئىككى يىلچە ۋاقىت كەتتى، تاجىبەگمۇ باشقا يەردىن ئۆيلەندى...
تاجىبەگنىڭ ئۆيلىنىۋالغانلىقى،قاسىماخۇن ئۈچۈن زور «كەتكۈزۈپ قويۇش»بولۇپ تۇيۇلغان بولسا،رىسالەتكە،بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خوش خەۋەر بولۇپ تۇيۇلدى.شۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە ئائىلىنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئەلچىلەرمۇ كىرگەن بولدى.بىر قېتىم بۇرنىغا يىگەن بولغاچقا،قاسىماخۇن ئەر-خوتۇن،رىسالەتنى يەنە زورلاشقا پېتىنالمايتتى.بەرىبىر بۇ يەردىكى يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى رىسالەتكە ياقمايدۇ.ئۇنىڭ كۆڭۈل كۆزى ئاكىلىرىدەك چوڭ-چوڭ ئىشنى قىلالايدىغان ئەركەكلەرنىلا ھەقىقىي ئوغۇل بالا، دەپ تونۇيتتى. ئەمما بۇ كىچىكلا يېزىدا ئۇنىڭ ئاكىلىرىدەك، قىزلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك ئىش تەۋرىتەلەيدىغان ياشلار نەدە دەيسىز؟ھەرقانچە ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان،دەپ تەرىپلىنىدىغانلارمۇ،كىچىك دائىرىدىكى مىلىچ مال سودىسى قىلىشتىن نېرىغا ئۆتەلمەيتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىچىك سودىگەرلەرنىڭمۇ بېشى بالدۇرلا باغلىنىپ بولغان، ئالدىنىڭ نەچچە بالىسى بار ئىدى.
شۇنداق قىلىپ رىسالەت داۋالىنىش سەۋەبلىك، توي قىلىدىغان يېشى ئۆتۈپ كېتىپ، تەڭتۈشلىرى قالماي «ئولتۇرۇپ قالغان قېرى قىز»لارنىڭ قاتارى بولۇپ قالدى.بۇنداق شارائىتتا، ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر نەچچەيلەننىڭ ئەلچىلىرىدىن بۆلەك،ئۇنىڭغا نەزىرىنى ئاغدۇرىدىغانلار قالمىغانىدى.بۇ ھالدىن،ئۇنىڭ ئۆزىگە ئاش بەرگەن بۇ ئۆي ۋە بۇ مەھەللىدىن شۇنچىلىك رايى ياندىكى،ئاخىرى: «قىزلار توي قىلمىغانغا ئۆلۈپ قالمايدىغاندۇ؟ نېمە دەپ كۆڭلۈم چۈشمىسىمۇ مەجبۇرى بىرسىگە خوتۇن بولغۇدەكمەن؟ يەنە كېلىپ قېرى قاقۋاش ئوغرىلارغا؟!ۋاي ۋاي ۋاي...ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتكىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟...» ئۇ شۇنداق ئويلىدى ۋە شۇنداق ئويلىرى بىلەن،باققان ئانىسىنى ھۈ تارتىپ يىغلىتىۋېتەتتى. قىسقىسى،بۇ چاغقا كەلگەندە،رىسالەتتىن ئانىسىمۇ، دادىسىمۇ جاق تويدى. ئوخشاشلا رىسالەتمۇ ئۇلاردىن بىزار ئىدى.قانداقلا قىلسىمۇ،تۆمۈر تايتىكى ئۆز ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، رەشىد ئاكىسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەيتتى.ناۋادا،تۆرە باقىلا ماقۇل دەيدىغان بولسا، ئۇ بۇ يەردىن ھېچنېمىگە قارىماي چىقىپ كەتكەن،رەشىد ئاكىسىنىڭ يېنىغا ئوقتەك ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سودىلىرىغا ئارىلاشقان،شۇ يەردىكى جەسۇر، قورقماس يىگىتلەرنىڭ بىرەرىگە ياتلىق بولۇپ،ئۆمرىنى،ياشىدىڭمۇ،دېسە،ياشىدىم دېگۈدەك دەرىجىدە،ئارمانسىز ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلاتتى...
11
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




