大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 32ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 32ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-19
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 33 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31










 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


32-قىسىم


رىسالەت ئەل بولدى.ھەتتا ئۆپكىسى ئۆرۈلدى.دېمەك،ئۇ شۇنچە زارىقىپ كۈتكەن،ئاق ئاتلىق شاھزادە،ئاخىرى يېتىپ كەلگەن،ۋە ئۇنى بەخت دۆلىتىگە خانىش قىلىپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ بولغانىدى.شۇنداق ئىكەن،رىسالەت،نېمە دەپ،يەنە ياق،دېگۈدەك؟ ئىككىلەنگۈدەك؟

ــ كەچتە، قاراڭغۇ چۈشكەندە سىزنى كۈتىمەن... قېرى ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە... مەن ئۇ يەرنى كۆرۈپ قويدۇم، شۇنداق سىرلىق، شۇنداق پىنھان يەر... ئەنسىرىمەڭ، ھېچكىم بىزنى تاپالمايدۇ...ــ ھويلىدىلا پەيدا بولۇپ قالغان شىپىرـ شىپىر ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن رىسالەتنى،خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن،سەردار ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى،ئەمما يەنە قايتىپ كىرىپ، قىزنىڭ ھاڭۋاققان، قىيمىغان، مەست-ئەلەس بولغان ئوتلۇق كۆزلىرىگە سۆيۈپ خوشلاشتى.

رىسالەت باش لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈردى، ھەم كۆزلىرى بىلەن سەردارنى ئۇزىتىپ قالدى.بۇ قېتىمقى قۇچاقلىشىش،سۆيۈشۈش بىلەن مۇھەببەت پەردىسى ئېچىلىپ كەتتى.شۇ كۈنى كەچتە،سەردار ئېيتقان قېرى ئۈژمىنىڭ تۈۋىدە يەنە يۈز كۆرۈشتى.بىر بىرىدىن ئۇزاق ئايرىلىپ كەتكەن ئاشىق مەشۇقلاردەك بىر بىرىگە قاراپ تويماي كېتىشتى.چىرايىغا تېپىپ چىققان قىزىللىق بەختتىن بېرىلگەن بىشارەت ئىدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پات پات ئۇچرىشىدىغان بولدى.بىرى ئالدىدا بىر كەينىدە كېلىپ، ئىللىق مۇھەبەتكە تولغان قېرى ئۈژمىنىڭ تۈۋىدە، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدىكى ئەپسانىلىرىنى داۋام قىلاتتى.ئاندىن كەينى كەينىدىن چىللاپ كېتىۋېاتقان چار خورازدىن  ئاغرىنىپ،ئەتىسى كەچ كىرگۈچە،بىر- بىرگە تەشنا بولۇپ كېتەتتى.قىسقىسى،تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ مۇھەببەت،رىسالەتكە قاتتىق تەسىر قىلغانىدى.ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر ئاددىلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن زىدىيەت ھەتتا ئانىسىنىڭ،قىزلارغا ياىشىدىغان ئەخلاق، توغرىسىدىكى تەسىرلىك تەربىيەتلىرىمۇ،سەردارنىڭ قايناق ھېسىياتى ئالدىدا ھەش پەش دېگۈچە رولىنى يوقۇتاتتى.ئۇنىڭ ئەقلىنى قايناق ھېسىيات ئىشغال قىلدى.ياكى بىر بىرىدىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن لەززەت دولقۇنلىرى ئىگىلىدى.

سەردار،قارىماققا ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ۋە ھەممىگە پەرۋاسىز يۈزلىنەلەيدىغانلارغا ئوخشايتتى،بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ،گەپدان، قىزىقچى ئىدى. ھەر قانداق ئاددى بىر جۈملە سۆزمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدا شۇنداق قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق بولۇپ چىقاتتى.ئۇ،نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى كۆرگەن، بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئادەتتە ئىچكىرىدە سودا قىلىدىكەن،كەسپداشلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ قېلىپ،ئازراق دۈشمەنلىك بولۇپ قالغاچقا، بۇ تەرەپلەرگە توك تارتىپ پۇل تاپقاچ، ئۆزىنى تىنچلاندۇرماقچى بولغانىكەن.رىسالەت،بۇ گەپلەرگە ئىشەندى.سەردارمۇ،رىسالەتنىڭ قاپقارا ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى قاققىنىچە ئۆزىدىن كۆزىنى ئالالماي، گىلاستەك لەۋلىرىنى يېرىم ئېچىپ گەپ ئاڭلاۋاتقاندىكى قىياپىتىنى،ياخشى كۆرەتتى.   ئۇنىڭغا قاراپ سۆزلىگەنسېرى سۆزلىگۈسى كېلەتتى،قىزنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۋاتقان مېھىر-مۇھەببەت ھەم پاكلىقنى سەزگەن سەردارمۇ، رىسالەتنى دۇنيادا تەڭداشسىز ھەم سۆيۈشكە ئەرزىگۈدەك قىز ئىكەن، دېگەن يەرگە كەلگەن ئىدى.

«ناۋادا ئۇ چىرايلىق كىيىنىپ شەھەردە پەيدا بولىدىغان بولسا، پۈتكۈل ئەرلەر ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئالدىدا باش قويار...» دەپ ئويلايتتى ئۇ بەزىدە،ئەمما بۇ خىيالىدىن دەرھاللا ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى. چۈنكى ئۇنىڭغا رىسالەتنىڭ كۆزلىرىدىكى ساددىلىق ھەم بىغۇبارلىق تەسىر قىلماي قالمىغان ئىدى. ھەر قېتىم رىسالەتكە مەپتۇنلارچە تىكىلگەندە، ئۇ ئۆزىدىن قاچانلاردىدۇر ياتلىشىپ كەتكەن، ۋۇجۇدىدىن خېلى بۇرۇنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىممەتلىك نەرسىنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك بولاتتى...

راس گەپنى قىلغاندا،سەردار شۇ كۈنلەردە،يېزىدا،رىسالەتنىڭ يېنىدا ئۆزى قىلىۋاتقان سودا ھەم پۇرسەت، پاكلىق ھەم سەمىمىيلىكنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ يۈرمەكتە ئىدى.ئەمەلىيەتتە،ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى شېرىكلىرى،ئۇنىڭغا،ئاللىبۇرۇن خەۋەر بېرىۋەتكەن، دەرھال يېنىپ كەلمىسە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنى،چۆچۈتۈپ،قاچۇرىۋەتكەن،بوراننىڭ،ھازىر خېلىلا بېسىقىپ قالغانلىقىنى،بۇ ئىشقا «خوجايىن»نىڭ ئارا تۇرغانلىقىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرجەم بولسا بولىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئېيتقان ئىدى. باشقا چاغلاردا بولغان بولسا سەردار ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئاشۇ خىلمۇ-خىل تۇرمۇش قايناملىرى ئىچىدە چايقىلىۋاتقان چوڭ شەھەردە كۆرگەن بولاتتى. ئەمما ئۇ ھەر قېتىم رىسالەتكە يۈزلەنگەندە، ئىچكىرىگە مېڭىپ كېتىش قارارىدىن تۇرۇپلا يېنىپ قالاتتى. ئۇ رىسالەتنىڭ بىللە كېتەيلى، دېسىلا ھەرگىز ياق دېمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنى مەڭگۈ رەت قىلمايدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىپ بولغان ئىدى. ئەمما رىسالەتنىڭ،ئاشۇ يەرگە بارسىلا،تەقدىرىنىڭ،ھازىرقىدەك پاكلىق ھەم ساددىلىق ئىچىدە ئۆتمەيدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ھەتتا، ئۆزى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان،ھېلىقىدەك،«لاتا قونچاق»لارغا ئوخشاش يول تۇتىدىغانلىقىنى،رىسالەتنىڭ ئۆزىنى: «نومۇسسىز، ئالدامچى، ساختىپەز...!» دەپ تىللاپ، قار-يامغۇر لەنەت-نەپرەت قىلىدىغانلىقىغىچە بىلەتتى. بۇنى ئويلىسىلا ئىچى بىئاراملىقتا قالاتتى. رىسالەتكە بىلىندۈرمەي بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىشنى، بۇ دەرىجىدىكى ساددا قىزنى بۇلغاش ۋە ئۇنى، ۋەيران قىلىشنىڭ،ئۆزىگە خەيرلىك ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئەمما يەنە رىسالەتتىن ۋازمۇ كېچەلمەيتتى، ئايدەك يورۇپ تۇرۇۋاتقان بۇنداق پاك قىزنىڭ،ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتىدا،قايتا پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ «ئەتە ماڭىمەن» دەيتتى شېرىكلىرىگە. ئەمما ئەتىسى، ئۆگۈنىسى... ھەتتا ھەپتىلەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپمۇ يەنىلا ماڭالمايتتى...

شۇ تاپتا ئۇ قېرى ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە رىسالەتنى كۈتۈۋاتاتتى، بۈگۈنكى كەلگەن تېلېفوندا ئۇ ئەتىلا، ھەتتا ھازىرلا مېڭىپ كەتمىسە بولمايتتى. شېرىك بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە: «خوجايىن»نىڭ ئۇنىڭغا راستلا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. ئۇ خوجايىننى ئاچچىقلىتىپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى... ئۇنىڭ كاللىسىدا خىلمۇ-خىل زىددىيەتلىك پىكىرلەر غۇيۇلدايتتى.

ــ سىزنى ساقلىتىۋەتتىممۇ؟...ــ ئۇ دىلىغۇللۇقتا رىسالەتنىڭ يېنىدىلا پەيدا بولغانلىقىنىمۇ تۇيمىدى.

ــ ئۇلار يېتىپ بولدىمۇ؟ ــ سەردار قىزنىڭ نازۇك بەللىرىدىن قاماللىدى، ھەر قېتىم رىسالەتنى قۇچاقلىغاندا، سۆيگەندە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئاجايىپ بىر تاتلىق سېزىملار ئىچىدە ياناتتى.

ــ ھەئە... دادام شۇنداقمۇ ياتماي كەتتىكىن،ئۇھ،چىشىم غۇچۇرلاپ كەتتى...

 ــ شۇنداقمۇ؟...

ــ سىزگە بىر ئىش بولدىمۇ؟... ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟

ــ شۇنداق... رىسالەت، مەن قايتىدىغان بولدۇم...

بۇ گەپنى ئاڭلىغان،رىسالەتنىڭ يۈرىكى سىرقىراپ كەتتى، ئۇ سەردارنىڭ مۇشۇ سۆزنى ھامان بىر كۈنى ئېغىزىدىن چىقىرىدىغانلىقىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى.

ــ يالغان... ئىشىڭلار تۈگىمىدىغۇ تېخى....ــ دېدى ئۇ،بىردىنلا يىغلىۋەتتى.

ــ مەن ئۇلار بىلەن قايتمايمەن. مەن سىزگە دېگەنغۇ؟ مەن ئۇلارغا ۋاقىتلىق ئىشلەپ بەرگەن... مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم ئەسلى بۇ ئەمەس، مەن ئىچكىرىدە سودا قىلىمەن... ئۇ يەردىكىلەر ئەمدى ماڭمىسام بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى... راستلا قايتمىسام بولمايدۇ، رىسالەت...ــ سەردار قانداق قىلىپمۇ رىسالەتنى «مەن بىلەن بىللە كېتىڭ» دېيەلمىدى.

ــ ئەمىسە مەن قانداق قىلىمەن؟...ــ رىسالەت بۇقۇلداپ يىغلىغىنىچە سەردارغا مەھكەم يېپىشتى.

ــ ماڭا ئامال يوق... مەن بىلەن ماڭسىڭىز بولمايدۇ، جېنىم... سىزنى قىيناپ قويىمەن...

ــ مەن سىز ئۈچۈن قىينىلىشتىن ھەرگىزمۇ قورقمايمەن... سەردار، ئۆتۈنۈپ قالاي، بىز بىللە كېتەيلى... 

ــ بۇنداق قىلسام... سىزنى راستلا قىيناپ قويىمەن، رىسالەت...

ــ سىزنى ئوغۇل بالا دېمىسەم،سىز بىلەن بۇ يەردە نېمە قىلاتتىم كۆرۈشۈپ سەردار؟... ئوغۇل بالا ئاشىقىنى تىكەندەك يالغۇز قويمايدۇ، مېنى ئېلىپ كېتىڭ،سىزلا يېنىمدا بولسىڭىز،ھېچنېمىدىن قورقمايمەن،ئوتقا كىرسىڭىز ئوتقا،سۇغا دېسىڭىز سىز ئۈچۈن سۇغا كىرىشكە رازىمەن..

ــ پۇشايمان قىلىپ قالارسىزمۇ،رىسالەت؟...

ــ ياق، ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن...

ــ ئاتا-ئانىڭىزچۇ؟...



مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ــ بىز توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىغا كېلەيلى، شۇ چاغدا كەچۈرەر...

ئۇلار تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاشتى، سەردارمۇ ئېنىق قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى. ئۇ رىسالەتتەك گۈزەل ھەم پاك بىر قىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كېچەلمەيتتى. ئۇ ئامالىنىڭ بېرىچە رىسالەتنى مۇشۇنداق پاك ھالىتىدە قوغداپ قالماقچى، ئۇنى ھەتتا بىر باھانە بىلەن يامان كۆزلەرگە كۆرسەتمەي ئۆتمەكچى بولدى.

ــ ماقۇل، ئەمەلىيەتتە مېنى بىرەر يىل ساقلاپ تۇرغان بولسىڭىزغۇ... شۇ چاغدا ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئالدىدىن قائىدىگە سىغدۇرۇپ ئېلىپ كېتەتتىم،ـــ دېدى سەردار رىسالەتنىڭ ئاغزىنى تېخىمۇ ئېتىش، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇشايمان قىلسىمۇ ئۆزىگە ئارتىپ قويالايدىغان قىلىۋېتىش ئۈچۈن

ــ بىر يىل؟ بۇ بەكلا ئۇزۇن ۋاقىتكەن، سەردار... يەنە كېلىپ،مەن،ھازىر،سىزنىڭ ئادىمىڭىز،بولۇپ بولغان تۇرسام...تېنىممۇ، روھىممۇ سىزنىڭ... ئەمدى سىزدىن ئايرىلىپ بىر كۈنمۇ ياشىيالمايمەن...

ــ ماقۇل... مېنى كەچۈرۈڭ، رىسالەت... بىز ئاز كۈن ئۆتمەي ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتىمىز...ــ سەردارنىڭ چىرايىدا غەلىتە بىر كۈلكە پەيدا بولدى، ئەمما رىسالەت بۇنى سېزەلمىدى.

ــ قاچان ماڭىمىز؟ــ دېدى رىسالەت ساددىلىق بىلەن.

ــ ھازىرلا ماڭايلى.

ــ ھازىرلا؟ھېچ بولمىسا كىيىملىرىمنى... يەنە ئانامنى بىر كۆرۈۋالسام بولاتتى...ــ رىسالەتنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، پەقەت مۇشۇ گەپ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاسىم دادىسىغا، ھەنىپە ئاپىسىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ھەم قىيماسلىقنىڭ ئاچچىق ھەسرىتى قىستى. ئۇ ئۆزىنى پەپىلەپ، ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان بۇ كىشىلەرنى ئەمەلىيەتتە بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ھازىرغىچە قاقشىتىپ، مانا ئەمدى بىر ئەرنىڭ كەينىدىن قېچىپ كېتىشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولىدىغانلىقىنى،ئەلۋەتتە ھېس قىلماي تۇرالمايتتى، لېكىن يەنە بىر ياقتىن ئويلىغاندا، مۇھەببەت شۇ تاپتا ھەممىدىن غالىب كېلىۋاتاتتى.

ــ كىرسىڭىزلا چىقالماي قالىسىز، جېنىم... كىيىم-كېچەك دېگەن شەھەردە جىق، يەنە كېلىپ سىزنىڭ بۇ يەردە كىيگەنلىرىڭىز شەھەرگىمۇ ماس كەلمەيدۇ، رىسالەت...

ــ ئانامنى كۆرۈۋالايچۇ ھېچ بولمىغاندا...ــ رىسالەت مىچچىدە يىغلىۋەتتى، ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ  مېھرىبان چىرايى، ئۆزىنى كۆرەلمەي دات-پەريات چېكىۋاتقان بىچارە تۇرقى كۆرۈنگەندەك بولدى.

ــ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى... ئەمما بىلسىڭىز، تاڭ يورۇپ كەتكىلى تۇردى... بىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ماشىنا بار، ماشىنىدا ماڭساقمۇ كېچىكىمىز تېخى...

ــ مەيلى ئەمسە...ــ رىسالەت ئېسەدىگىنىچە سەردارغا ئېسىلدى، سەردار ئۇنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە سۆيدى، مېھىر بىلەن ياشلىرىنى سۈرتتى.

ــ ماڭايلى، رىسالەت...مۇشۇ يورۇق ئاينى گۇۋاھ قىلاي، سىزنى ھەر قاچان قوغدايمەن، ئاسرايمەن... ماڭا ئىشىنىڭ...

رىسالەت سەردارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، قاراڭغۇلۇق ئۇلارنى قوينىغا ئالغان ئىدى، بەلكى ھەقىقىي قاراڭغۇلۇق رىسالەتنىڭ ھاياتىدا شۇنىڭ بىلەن باشلاندى...

ئۆزى چوڭ بولۇپ تەربىيەسىگە ئېرىشكەن يۇرت-ماكان كەينىدە قالغانسېرى رىسالەتتە تا شۇ كەمگىچە مەلۇم بولمىغان بىر خىل يېڭى تۇيغۇ پەيدا بولدى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇپ باشلانغان بىر ئاغرىق كېيىن ئۇنىڭ قان تومۇرلىرىغا تارقالدى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى چىرمىۋالدى. ئىچىدە غەلىتە بىر روھسىزلىق، پۇشايمان گۈركىرەيتتى... بايىقى سەردارغا يېقىن بولۇش، ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىق ئارزۇسى شۇ تاپتا قاياققىدۇر غايىب بولماقتا ئىدى، ئەمما ئۇ كېچىككەن ئىدى، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىگە ئىگە بولالماس دەرىجىدە بۇ يىگىتكە باغلىنىپ قالغان ئىدى.

ئۆزىدە پەيدا بولغان ئىشەنچسىزلىك ۋە پۇشايماننى يېڭىش ئۈچۈن قىز سەردارنىڭ قوللىرىنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان، بېشىنى يىگىتنىڭ كەڭ مۈرىلىرىگە قويۇۋالغان ئىدى. كۆزلىرىدىن ياشلار ھە دېمەيلا سىرغىپ، سەردارنىڭ كۆڭلەكلىرىنى نەمدەيتتى. بۇنىڭغا قارىتا سەردار قىزنىڭ چاچلىرىنى پۇراش، قوللىرىنى قاتتىق قىسىش ۋە شوپۇر دىققەت قىلمىغاندا پېشانىلىرىگە، يۇمران يۈزلىرىگە يېنىككىنە سۆيۈش بىلەن قىزنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇناتتى.

4

كىچىك ماشىنا ئىككى يەردە تاماق يەۋېلىش ئۈچۈن توختىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق يەردە توختاپمۇ قالماي، ئۇلارنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىغىچە ئەكىلىپ قويۇپ قاياققىدۇر يوقالدى.رىسالەت تۇنجى قېتىم ئايروپىلاندا ئولتۇردى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىدى. ئىچى ياسىداق، مۇلازىملىرى يولۇچىلارغا خۇددى پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقاندەك ئەدەپ بىلەن مۇلازىمەت قىلاتتى. رىسالەت شۇندىلا ئۆزىنىڭ بۇ يولغا قەدەم قويۇپ خاتا قىلمىغانلىقىنى بىلدى. بولۇپمۇ ئاپپاق بۇلۇتلار ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ دېرىزىلىرىدىن لەرزان كۆرۈنۈپ، ئاياغلىرى ئاستىدىلا ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۇ خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتى:

ــ قاراڭ سەردار، بۇلۇت! ئاپپاق بۇلۇت ئاياغلىرىمىز ئاستىدىلا ئىكەن! قاراڭە، قۇياش خۇددى بىزگە بىراقلا يېقىنلاپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن! ئاسمان يۈزى نېمە دېگەن تىنىق، نېمە دېگەن سۈزۈك! بىر تال داغمۇ يوق... ئاھ، زۇمرەت ئاسمان!

ــ شۇنداق، ئەمدى سىز يولدا ئەمەس، ئاسماندا ئۇچىسىز، جېنىم. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇش سىز سەھرادا ئېشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرغاندەكلا ئىشقا ئايلىنىدۇ، ئەمدى كۆزىڭىز ئېچىلىدۇ، رىسالەت...

رىسالەت ئۆزىنى ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىر يۈكسەكلىككە بىراقلا كۆتۈرۈلگەندەك ھېس قىلىپ قالدى. تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېگىزدە  كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئەمدى يېنىدىلا تۇرغاندەك ياكى خېلىلا پەسلەپ ئاياغلىرى ئاستىدا تۇرغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. قىزنىڭ شۇ تاپتىكى بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئۇنىڭ بارلىق ئېسەنكىرەشلىرىنى، ئىشەنچسىزلىكلىرىنى، پۇشايمانلىرىنى ئاستا-ئاستا يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

رىسالەت شۇنچە ئۇزۇن يىل مۇشۇنداق بىر كۈننى كۈتكەن ئىدى. ئۇ ئۆز ئارزۇلىرىنىڭ مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەندى ھەم قاتتىق ھاياجانلاندى. كۆڭلىدە تۈرلۈك گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنىڭ كارتىنىلىرى، سەردار بىلەن باشلىنىدىغان، ئەر-ئايالچىلىقنىڭ شېرىن دەملىرى، جاپالىق بولسىمۇ سودا قىلىپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەش جەريانلىرى، ئاكىلىرى ئۆمەر،ئىبراھىم، رەشىدلەر بىلەن بەلكىم بىرلىشىپ چوڭ سودىغا كىرىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقلىرى، ھەتتا ئوماق، تاتلىق بالىلىرى، قاسىماخۇننىڭ، ھەنىپە ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭ بەختىگە كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىشلىرى... سىزىلماقتا، ئاجايىپ گۈزەل شېرىن خىياللار، چىرايلىق تەسەۋۋۇرلار كۆڭۈل ئىكرانىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى...




        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k