大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 54ـ قىسىم تولۇق تۈگدى

جۇدالىق سىرى (رومان ) 54ـ قىسىم تولۇق تۈگدى aybarawazi
2022-11-10
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 54 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ




ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53



 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)



54-قىسىم



تۆرە باقى، ئۆيىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بالكۇندا ئولتۇراتتى،بالكۇننىڭ ئورنى كەڭ،ئۈستى پىشايۋانلىق ئىدى، پىشايۋاننىڭ نەقىشلىك رىشاتكىلىرى ئارىلىقىدىن كىرگەن كۈن نۇرى تۆرەمنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى ،تۆرەم،پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، مۇشۇ بالكۇنغا چىقىپ،جىمجىت ئۆز خىياللىرىغا بېرىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى، ھەر قېتىم بالكۇنغا چىقسا بۇ ئۆمرىدە، تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە چىققاندەك ھېس قىلىپ، كۆز يىتىم يەردىكى بازارنىڭ تەبى مەنزىرىسىگە، تۈرلۈك سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرىۋاتقان تونۇش سودىگەرلەرگە، ئۆتكەن كەچكەن ئادەملەر، چېپىشىپ يۈرگەن ماشىنىلارغا سىنچىلاپ قارايتتى. ئىلگىرى ئۇ تۈگىمەس ئىشلار بىلەن ئۆيىگە ناھايىتى كەچ كەلگەچكە بۇ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا چولىسى تەگمەپتىكەن.مانا ئەمدىلىكتە،ۋاقىت دېگەن يېتەرلىك تۇرۇپتۇ.مانا ئۇ 40 نەچچە يىلدىن بويان بۇ بازاردا ياشىدى، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى مۇشۇ بازارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ كوچىدا ئۇنىڭ قولى تەگمىگەن ھىچقانداق نەرسە يوق دىيەرلىك ئىدى. تۆرە باقى مۇشۇ بازار بىلەن داڭق چىقارغان، بازارمۇ تۆرە باقى بولغاچقىلا مۇشۇنچىلىك نام ئاتاققا ئىگە بولغانىدى.ئۇ،تۆمۈر تاينى ئۆزىنىڭ ھاياتى، بارلىغى دەپ بىلەتتى. ئۆزىنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرىنى بۇ بازاردىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. گەرچە ئۇ ھازىر قېرىپ مۈكچەيگەن، زەئىپ يۈرىكى ئىلگىركىدەك ھەممىگە قانات قېقىشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يەنىلا مۇشۇ بالكۇندا، كۆزى كۆرۈپ، قۇلىقى ئاڭلاپ، ئەقلى سېزىپ تۇرىۋاتقان ھالدا مۇشۇ زىمىندا ئولتۇرالىغىنىدىن خۇرسەن ئىدى.

پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ،يىلدىن يىلغا ئاينىتىپ بېرىۋاتقان،ئەۋزەل سىياسەتلىرى بىلەن،ھازىر بازار،ئىلگىركىدىن نەچچە مىڭ ھەسسە جانلانغان، ئۆزگىرىش ياسىغان ئىدى.شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئۆزگىرىشلەر تۆرەم باقى ئائىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى سەلتەنىتىنى بارغانچە خۈنۈكلەشتۈرۈپ باراتتى.دېمىسىمۇ، تۆرە باقى،پۇل چىقىرىپ ياساتقان ئىككى قاتناشلىق يول مانا ھازىر،ئالتە  قاتناشلىق چوڭ يولغا ئۆزگەرگەن،چوڭامنىڭ ئانچە مۇنچە ساخاۋېتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئاۋارە چارۋىچىلار جېنىدا،پارتىيە ھۆكۈمەت سالدۇرۇپ بەرگەن ئىسسىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ،نەچچە مىڭ يۈئەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ.يول بويلىرىغا تۆرە باقى ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ سالدۇرغان سودا دۇكانلىرى،يولنى كېڭەيتىش سەۋەبلىك بىر-بىرلەپ چېقىۋېتىلىپ، ئورنىغا قەۋەت-قەۋەت سەلتەنەتلىك ئىمارەتلەر چۈشتى.تەبىكى، بازارنىڭ ئىلگىركى،قائىدە-يۇسۇنلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، كىشىلەردە،نېمىشلا قىلسا، تۆرە باقىنىڭ مەسلىھەتىنى ئالىدىغان ھەم تۆرە باقىنىڭ گېپى بويىچە ئىش تۇتىدىغان ئادەتمۇ تۈگىگەن ئىدى.بۇنىڭسىزمۇ،تۆرەمنىڭ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈلشۈشكە سالامەتلىكى يار بەرمەيتتى. يەنە كېلىپ بازارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،بۇ يەرگە، كۆچۈپ كەلگەنلەر، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كەلگەنلەر، ياش- يۈسەنلەر ئاۋۇپ قالغان ھەم ئۇلار ناتونۇش كىشىلەر ئىدى.شۇ سەۋەبتىن،بۇ يەردە،ئىلگىركىدەك تۆرە باقى ئاتىسىنى ھۆرمەت بىلەن ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلار، پۈكۈلۈپ سالام قىلىدىغانلار كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كەتتى.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشقاندەك تۇرىدۇ.مەيلى ئەمەسمۇ؟بەرىبىر ئاخىرلىشىدىغىنى ئۇنىڭ دەۋرىلا ئەمەس.بولسا،بۇ يەرگە،تېخىمۇ كۆپ ناتۇنۇش بولغان بۇغۇنلار يېتىپ كەلسۇن ھەم بۇ خىل دەۋرىيلىكنى داۋاملاشتۇرسۇن.بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە لايىق قىسمىتى بولىدۇ.بىر دەۋر ئادەملىرىنىڭ شۇ دەۋرگە لايىق تەقدىرى بولىدۇ.دەۋر بىلەن شۇ دەۋرنىڭ ئادەملىرى بىر بىرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ئۆتسە،مانا شۇ كۇپايە.

ئىبراھىم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆمەر كۆمۈر كاننى ئۆتكۈزىۋەتتى.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب،ئەينى چاغدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ،كاننىڭ زاپىسى توغرىلىق چىقىرىپ بەرگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرا ئىدى. كۆمۈر كان باشقىلار ئېيتقاندەك يۈز يىللاپ ئېچىشقا يەتمىدى، كاننى 3-قېتىم قايتا كۆتۈرە ئالغان ئۆمەر، بىر يىل بولا-بولماي ئوبدانلا زىيان تارتىۋالدى، كۆمۈر خۇددى سۈيى تارتىلىپ كەتكەن كونا قۇدۇقتەك ھىچقانچە ھوسۇل بەرمىدى، ئۇ مەخسۇس مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرتۈپ بېقىۋىدى، بۇ يەردىكى كۈمۈرنىڭمۇ زاپىسى شۇنچىلىك بولۇپ چىقتى.

ئۆمەر بىلەن رەشىد، يانغىن باسقان يايلاقتا ئامان قالغان بىر جۈپ قارغاي كۆچىتىدەك، ھەرھالدا،ئىلگىرىكى بايلىقى ھەم ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالدى.ئۆمەر، ئۆي،يەر زىمىن شىركىتى قۇرىۋالغان بولۇپ،بۇ ئىشنىڭ ئەلمى تەلمىنى ئەمدىلا بىلىپ يەتكەن چېغىدا،رەشىدنىڭ شىركىتىنىڭ پېيى ئاللىبۇرۇن بازارغا سېلىنغانىدى.پاي چېكىنى بازارغا سېلىش،دېگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن،تۆرە باقى، خېلى ئۇزاق ۋاقىت سۈرۈشتۈرۈپ،ئاخىرى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەن بولدى.

رەشىد،كەسپ ساھەلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا قول تىققان بولۇپ،مەيلى شىمال مەيلى جەنۇپ تەرەپلەردە بولسۇن،ئۇنىڭ شۆبە شىركەتلىرى بار ئىدى.ئۇ،مەشھۇر شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ،چاي قەھۋە ئىچەتتى.ئۇنىڭ سىيماسى ھەمىشە تېلۋىزورلاردىمۇ كۈرۈنۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ تۇرقىمۇ ئېسىلزادىلەرگە خاس سالاپەت بىلەن نامايەن بولۇپ تۇراتتى.

ھالبۇكى،كۆڭلى سۇنۇق ھەسەلخېنىمنىڭ،  ھەممىدىن رايى قايتقان، قاچانلا قارىسا ھوجرا ئۆيدە،ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى. ئىلگىرى ئۇ دانىيار، ئىبراھىم ھەم رەشىدە بولمىغان كېيىنكى ھاياتىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتى، بالىلىرىنىڭ پىراقىدا يىغلاپ قاقشاپ ھېلىلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك نالە قىلاتتى، ئەمما بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ۋەقەلەر ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن پۇشايمان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇ،ئۆزىنىڭ زادى قەيەردىن،نېمە ئۈچۈن كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلدى.شۇنىڭ ئۈچۈن،تەبىئەتتىن،ئۆزىگە، ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتلىرىگە ئاسايىشلىق ۋە راھەتلىك ئۈمىد قىلدى.

ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئىبراھىمنىڭ ئايالى ھەنىپە (ھەنىپە ئىبراھىم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىككى بالىسى بىلەن يەنىلا تۆرەملارنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتاتتى) ھەممىدىن بۇرۇن تۇرۇپ،تازلىق ئىشلىرى ئۈچۈن،چوڭلارغا سۇ ئىسسىتاتتى.ئاندىن تۆرە باقى ئويغۇنۇپ،ھەسەلخېنىمنىڭ ياردىمى بىلەن پۇشۇلداپ يۈرۈپ يۈز كۆزىنى يۇيغىچە.ھ ئالدىراپ   ناشتىلىقنى تەييارلاپ،ئۈستەلگە تىزىپ بولاتتى.ھەنىپە، ئېرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى جۇدالىقنىڭ ئازابىنى،ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسۈتۈش ئارقىلىقلا بېسىپ كېلىۋاتاتتى. 

تۆرە باقى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى،مانا مۇشۇ تەرزدە كېتىپ باراتتى، ئۇلار ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆكلەپ-ياشناپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ــ دادا، دورىلىرىنى ئىچىۋالسىلا.

تۆرەم بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قارىدى، ھەنىپە بىر پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ كىرىۋاتاتتى، پەتنۇسقا بىر نەچچە دورا شىشىسى، قايناقسۇ ئېلىنغان پىيالە قويۇلغان ئىدى.

ــ تېخى بايىلا ئىچكەنتىمغۇ قىزىم؟ــ دىدى تۆرەم مىھرىبانلىق بىلەن كېلىن قىزىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ، ئەگەر كېلىنىنىڭ ئورنىدا ھەسەلخېنىم بولغان بولسا، ئۇ دورا ئىچىشنى قەتىئيلا رەت قىلىۋەتكەن بولاتتى. پەقەت مۇشۇ كېلىنىنىڭلا گېپىنى يىرغۇسى، ئۇنىڭغا ئازار بەرگۈسى كەلمەيتتى، ھەرقاچان كۆڭلىنى ئايايتتى.

ــ ئۇ دىگەن چۈشلۈك دورا، دادا، ھازىرقىسى كەچلىكى...ــ ھەنىپە شۇنداق دەپ مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ، پەتنۇسنى تۆرەمگە قوش قوللاپ سۇندى.

ــ كامران ئەتە قايتىپ كېلىدىغۇ دەيمەن ھە؟ــ دېدى تۆرەم دورىسىنى ئىچىۋېتىپ، ئۇنىڭ بىردىن-بىر كۆڭۈل خوشلىقى ئىبراھىم بىلەن ئۆمەرنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بالىلار شۇ كۈنلەردە ناھىيەدە يېتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇۋاتاتتى، ھەپتىدە پەقەت بىر كېلەتتى.

ــ شۇنداق دادا.

__ ئوقۇشى ئوبدان كېتىۋېتىپتىمۇ؟

__ ھەئە،كامال،چارەكلىك ئىنتاھاندا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولدۇم،دەيدىغۇ؟

__ تازا ئوبدان بوپتۇ....

قېيىن ئاتا بىلەن كېلىننىڭ سۆزى شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى، ھەنىپە يېنىك دەسسەپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



كېلىنى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،تۆرە باقىنىڭ ئېسىگە يەنە كېچە كۆرگەن چۈشى كېلىپ قالدى.چۈش دېگەن ھەرقانداق بولىدۇ.چۈشكە ئىشىنىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،ئەمما ئىشەنمەيمۇ بولمايدۇ.شۇنداقتىمۇ،تۆرەم،چۈشىدىن ئويغانغان،بۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدە،بىرنەچچە قېتىم كېچە كۆرگەن چۈشى توغرىسىدا ئويلاندى.ئۇ ئەزەلدىن بىرىگە چۈش ئۆرىمەيتتى. لېكىن مۇشۇ چۈشىنى،خوتۇنىغا ئۆرۈپ بەرگۈسى كېلىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ يەنىلا ئېغىز ئاچمىدى.چۈنكى،ئاران تېنچلىنىپ قالغان بىچارە خوتۇنىنىڭ،دىل يارىسىنى قانىتىشنى خالىمايتتى.بەرىبىر،چۈشتىكى ئىشلار،ئەمەلدە كۆرۈلمەيدۇ.تۇپراق،قوينىدىكىنى چىقىرىپ بەرمەيدۇ.مانا بۇنىسى ھەقىقەت.ئەمما تۆرەمنىڭ يۈرىكى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېپىچىكلەيدۇ؟بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. خۇددى تەسادىپىيلا،بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك،يۈرىكىنىڭ پۇلاڭشىغىنى،تېپچەكلىگىنى تېپچەكلىگەن ئىدى.يەنە تېخى مۇنۇ يارىشىدىغان سول قاپىقى،تۈنۈگۈندىن باشلاپ تارتىۋاتىدۇ،زادى قانداق ئىشلار بولار؟...

كېچە،تۆرە باقى،چۈشىدە ئۈلۈپ كەتكەن ئىبراھىم بىلەن دانىيارنى ئۇچۇق كۆردى. ئۇلار كەڭ كەتكەن بىر دالىدا پادا بېقىپ يۈرەتتى.تۆرەم،جەدە ئېتىنى مىنىپ،ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە:«رەشىدە قېنى» دەپ سورىدى.ئىبراھىم جاۋاب بەردى:«ماۋۇ دادامنى،بايا رەشىدە،دادامنىڭ يېنىغا بارىمەن،دەپ،غەلۋە قىلىپ، سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەتكەن،بۇ يولدا،سىزگە ئەجەپ ئۇچرىماپتۇ دېسە؟».شۇ چاغدا،دانىيار:«مەنغۇ،رەشىدەنى،رەشىدنىڭ يېنىدىمىكىن دەپ قالدىم،چۈنكى ئۇلار قوشماق ئەمەسمۇ؟بىر بىرىگە چىدىمايدۇ»دېدى.تۆرە باقى،ئېتىنى ئۆي تەرەپكە بۇرىدى.ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا پايانى يوق بىر ھاڭ تۇراتتى.بۇ ھاڭدىن قانداق ئۆتۈشنى بىلەلمەيۋاتقان شۇ دەقىقىدە،ئۇ،ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.بۇ سەھەر ۋاقتى ئىدى. بۇ چۈشنىڭ تەبىرى نېمە؟ دەپ ئويلىدى ئۇ،ياكى ئۇنىڭ زەئىپ يۈرىكىنىڭ توختايدىغان ۋاقتى بولدىمىكىن؟ بالىلىرى بىلەن جەم بولىدىغان چاغ كەلگەن بولسا،ھېچ ئەجەپ ئەمەس...سەھەردىن بېرى ،تۆرەمنىڭ كۆز ئالدىغا رەشىدە كېلىۋېلىپ باراتتى.بىچارە قىز،ئەجەپلا ئىشلار بولدى ھە؟ئۇ،شۇ چاغلاردا،قانچىلىك قىسىلغاندۇ؟قانچىلىك غېرىبلىق تارتقاندۇ؟ئېسىت...ئېسىت... رەشىدەنى ئويلىغانسېرى، تۆرەمنىڭ بۇرنىغا پىشقان چىلگە پۇراپ كېتىۋاتقاندەك، پەرزەنتلىرىگە بولغان سېغىنىش قايناپ تاشاتتى.

كۆرگەن چۈشىنىڭ تەسىرىدىنمۇ،ئەيتاۋۇر،تۆرە باقىنىڭ قەلبىدىكى پىراق، ھەسرەت ۋە جۇدالىق،كەچ كىرگەنسېرى ئۇلغىيىپ كېتىۋاتاتتى.خۇددى ھېلىلا بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك، ھېلىلا رەشىدە كىرىپ كېلىدىغاندەك... تۆرەم،چوڭ كوچىلاردىن ئۆتكەن ياش قىزلارغا نېمىشقىدۇر بىر ئۈمۈد بىلەن ئۆمتۈلۈپ قارىدى. ئۆزىنىڭ نېمىنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى، نېمىگە تەشنا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىسىمۇ كوچىدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. مەيلى ئەمەسمۇ؟ بىر قېتىم كىچىك بالىلاردەك نادانلارچە بىر ئارزۇدا كۆيۈۋالسا...

ئەمما كوچىدا رەشىدەگە ئوخشايدىغان، ھىچ بولمىسا ئۇنىڭغا رەشىدەدەك تاتلىق كۈلۈپ قارايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىدى، تۆمۈر ئىشىك ھىچ بىر جاراڭلاپ ئېچىلمايتتى، كەينىدىن ھىچقانداق شەپە كەلمەيتتى... تۆرەمنى چەكسىز غېرىبلىق باستى،قانداقتۇر بىر خوشاللىقنىڭ شەپىسىنى بەرگەن ،نامەلۇم تۇيغۇلىرى شۇ تاپتا يەنە نەگىدۇر يوقالغان ئىدى... كەچ كىرگىلى باشلىدى، قان چېچىۋەتكەندەك قىزارغان قۇياش تاغ كەينىگە سىلجىپ باراتتى. بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان گۇگۇم كوچىلاردا ئۇيان- بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايىنى قارايتىشقا باشلىدى... لېكىن تۆرەم ياشاڭغۇرىغان نۇرسىز كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ يەنىلا چوڭ يول بىلەن ئۆيى تۇتۇشىدىغان تار كوچىغا تىكىلەتتى. شۇ تاپ ئۇنىڭ رەشىدەگە بولغان سېغىنىشىنى شۇنچىلىك كۈچەيگەن ئىدىكى، كەچ كىرگەنسىرى، كوچىدا ئادەم شالاڭشىغانسېرى تۆرەم چىدىيالمايلا قالدى. ئاھ، شۇ تاپتا رەشىدە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان بولسا ھە... ئۆي ئىچىدە بىر قىزچاق بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرۇپ، قارلىغاچتەك ۋىچىرلاپ بەرگەن بولسا... بۇ كەڭرى سارايلار ھاياتنىڭ قىزغىنلىقىغا يەنە بىر تولغان بولسا... نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى! لېكىن رەشىدە... كېتىپ قالدى... ئۆلۈپ كەتتى ئەمەسمۇ ئۇ؟ئېھ،دانىيار،دانىيار،مېنىڭ كەپسىزىم ئوغلۇم،سەن،ئۆزۈڭگىمۇ،سىڭلىڭ ھەم بىزگىمۇ قىلدىڭ...

تۆرەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى، شۇ تاپتا پايانى يوق تاغۇ تاش، بىپىيان ئاسمان- زىمىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك مەنىسىز تۇيۇلۇپ كەتتى. ئېھ، بىر ئاتىغا  پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان بۇ مەنىسىز ھايات قاچانمۇ چېكىنى كۆرسىتەر ھە؟... 

مېھمانخانىدىكى رادىئو ئاۋازى يەنىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، شۇ تاپتا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ نومۇرلىرىغا، يەرلىك ئىستانسىسىنىڭ  خەۋەرلىرى قىستۇرىلىۋالغان ئىدى.

«تۆمۈر تاي بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت موزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بۇ ئالتۇن ھەيكەلنىڭ قىممىتى 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ھەيكەل بىلەن بىللە تېپىلغان باشقا مەدەنى بۇيۇملارنىڭ قىممىتى تېخى ھازىرچە تولۇق ئاشكارا قىلىنمىغان... مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، ساندۇق ئىچىگە دەپنە قىلىنغىنى 16-ئەسىردە دېرەكسىز غايىب بولغان مۇڭغۇل سەركەردە...»

شۇ كۈنلەردە، بۇ خەۋەر پۈتكۈل رايوننى تەۋرىتىۋەتكەن قىزىق نۇقتا خەۋىرىگە ئايلانغانىدى. تۆرە باقى ھەر قېتىم مۇشۇ خەۋەرگە دائىر گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا نېمىشقىدۇر قاتتىق بىئارام بولاتتى. شۇ تاپتىمۇ ئۇنىڭ كەيپى تېخىمۇ ئۇچتى. شۇڭا يېشىغا ماس كەلمىگەنلا بىر چاققانلىق بىلەن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ رادىئونى ئۆچۈرىۋەتتى.

ــ قايسىڭلار بار؟...ـــ دېدى ئۇ تېخىمۇ كەيپسىزلىنىپ، لېكىن ئۆي ئىچىدىن ھىچقانداق جاۋاب بولمىدى. كېلىن بالىدىنمۇ، ھەسەلخېنىمدىنمۇ ھىچ شەپە يوق ئىدى. «بالكۇندا،كوچىغا قاراپ ئولتۇرۇپ،ئۇزاق ھايال بوپتىمەن-دە » دەپ ئويلىدى تۆرەم يېڭىلا پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاخىرقى شولىسىغا جىددى قاراپ. 

 دەل شۇ چاغدا دەرۋازا ئېچىلدى،ھويلىغا، كىملەردۇر كىرىپ كېلىشتى، ھەسەلخېنىمنىڭ، ھەنىپەنىڭ ئاۋازى، ئارقىدىن ھەسەلخېنىمنىڭ ئۈن قويۇپ يىغلىغان ئاۋازى، قانداقتۇر جىددىيلىشىش، گۇڭۇرلىشىشلار ئاڭلاندى، تۆرە باقىنىڭ يۈرىكى ھىچقاچانقىغا ئوخشىمىغانلا ھالدا گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى-دە، مېھمانخانا ئۆيگە،ئۆزىگە بارغانسېرى يېقىنلاپ  كېلىۋاتقان كىشىلەرگە تەقەززالىق بىلەن قارىدى...

ھەنىپە  پەلەمپەيدىن يۈگۈرگەندەكلا چىقىپ، تۆرەمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى... ئارقىدىن ھاسىراپ ھۆمۈدەپ ھەسەلخېنىم چىقىپ كەلدى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ،يېشى تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى،خوشاللىقتىن باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەندى.راست، ھەسەلخېنىمنىڭ قورۇق باسقان ئېغىزى كۈلەتتى، ئەمما كۆز ياشلىرى باھار يامغۇرىدەك قۇيۇلۇپ تۇراتتى. تۆرە باقى،دەل ئاشۇ چاغدا،رەشىدنىڭ قۇچىقىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ،ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان «رەشىدە»نى كۆردى.رەشىدە ئۇنىڭغا قاراپ ھەم ھەيرانلىق ھەم ئىككىلنىش بىلەن قۇچىقىنى كەڭ ئاچتى-تە،پىلتىڭلاپ بارغىنىچە بوۋىسىنى قۇچاقلىدى...

ــ رەشىدە... رەشىدە! ... سەن راستلا قايتىپ كەلدىڭمۇ قىزىم ھە؟...داداڭنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭمۇ؟ئەمدى سېنى ھېچكىمگە تۇتقۇزمايمەن،جېنىم بالام،ئۆزۈم ئالقىنىمدا تۇتۇپ باقىمەن...ـــ دېدى تۆرەم تىترىگەن ھالدا كىچىك قىزچاقنى مېھىر بىلەن باغرىغا بېسىپ...

تۆرەمنىڭ كۆز ياشلىرىمۇ توسمىسىنى يار ئالغان كۆل سۈيىدەك ،ئۇنىڭ ئاپپاق ساقىلى ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرەتتى.لېكىن تۆرەم بۇنى تۇيمايتتى.پەقەت ئۇ رەشىدەنى،مانا شۇنداق ئاتىلىق مېھرى بىلەن قۇچاغلاپ، قىزنىڭ يۇمران بەدىنىدىن كېلىۋاتقان تونۇش ھىدلارنى ھىدلىغىنىچە ئۇزۇنغىچە ئۆزىگە كېلەلمىدى.ئۆزىنىڭ،رەشىدەنى،ھېچقاچان ئاتىلىق مېھرى بىلەن قۇچىقىغا ئالمىغانلىقىنى،ئۇنى،كۆڭلى ئازار يىگەندە،قانىتى ئاستىغا ئالالمىغانلىقىنى ھەر بىر ئېسىگە ئالغاندا،ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ كېتەتتى.مانا شۇ تاپ،ئۇ،رەشىدەنى مۇشۇنداق باغرىغا تېڭىش بىلەن،ئۆتكەن كۈنلەردە،ئۆزى سەۋەبلىك،پەيدا بولغان بارلىق سەھۋەنلىكلەرنى تۈزەتمەكچى،ئورنىنى تولدۇرۋالماقچى بولغاندەك،ھەم ئۇ،مۇشۇ ھەرىكىتى بىلەن كىچىك رەشىدەنىڭ ۋۇجۇدىدىن،ئۆزىنىڭ زەئىپلىشىشكە باشلىغان يۈرىكىگە داۋا ئىزدىمەكچى بولغاندەك ئىدى

__ دادىسى،بۇنداق تۇرىلىۋەرمەي،ماۋۇ باللىغىمۇ قارىسىلا؟سەلىمەنى تونۇدىلىمۇ؟__ دېدى ھەسەل خېنىم يىغلامسىراپ تۇرۇپ.پەقەت شۇندىلا تۆرە باقى،بېشىنى كۆتۈرۈپ،ئالدىدا تۇرغانلارغا ئىشەنمەسلىك بىلەن قارىدى.تەبىكى،ياشاڭغۇرىغان كۆزلىرى بىلەن ھەممىنىڭ كەينىدە تۇرغان رەشدنى،رەشىدنىڭ يېنىدىكى، ئۆزىگە تەلپۈنۈپ تۇرغان سەلىمەنى كۆردى.يەنە مۇشۇ ۋاقىتتا، ئۇ،يەنە،رەشدنىڭ،سەلىمەنىڭ قوللىرىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنىمۇ كۆرۈپ قالدى...

__ چىرايلىق قىزىم...__ دېدى ئۇ،سەنتۈرۈلۈپ دېگۈدەك ئورنىدىن تۇرۇپ، سەلىمەنىڭ ئالدىغا باردى ۋە ئۇنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن قۇچاغلىدى.

ــ نېمە دېگەن ياخشى....نېمە دېگەن ئوبدان بالىلار ھە...قايتىپ كەلدىڭلار،ئاخىرى شۇنداق بولىتى،ئەمدى ئارمىنىم يوق...ـــ ھەسەلخېنىممۇ، تۆرەممۇ بۇ سۆزلەرنى خۇددى مۇشۇنداق دېسە،ئوقۇتقۇچىسىغا،ئەڭ توغرا جاۋاب بېرىدىغان ياش ئۆسمۈردەك قايتا-قايتا،كەينى كەينىدىن تەكرارلايتتى...


                 2011  -يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى  يېزىپ تاماملاندى


تۈگدى


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0