大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 9ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان )  9ـ قىسىم aybarawazi
2022-09-26
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى  ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ،  بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ،  ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن  گۈل قەلەم   سالۇندا  تارقتىدۇ ،  ئايبەر ئاۋازى سالۇندا  ئۇلاپ تەكرار  تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى  دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار  ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ  ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ، 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 




 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

(  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ


………………… 


ئاۋازلىقى



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە 

ساننى بېسىپ  كىرىپ ئاڭلاڭ 



1
2
3
4
5
6
7
8

















جۇدالىق سىرى


(رومان)


ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي


9-قىسىم



كۈنلەر يەنە بىرىنى بىرى قوغلاپ ئۆتۈۋەردى. بۇ چاغلاردا سادىقنىڭ، تۆرەمنىڭ ھەم بارلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈدەك بىرەر ئىش بولمىدى، تىلغا ئالغۇچىلىكى بار دېيىلگەندىمۇ، تۆرەمنىڭ بايلىقى يەنە ئېشىۋاتاتتى. ئوغۇللىرىدىن دانىياردىن باشقىلىرىنىڭ ئىناۋىتىمۇ دادىسىدىن كەم ئەمەس ئىدى. پەقەت دانىيارلا ئىلگىرىكىدىن بوشاڭلىشىپ، ھە دېگەندىلا ئۆيدىن چىقىپ، قاياققىدۇر ھەپتە-ئايلاپ يوقاپ كېتىدىغان، تۆرەمنىڭ يۇمشاق نەسىھەتلىرىمۇ كار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاكىلىرىمۇ نەسىھەت قىلىپ ھاردى، ئۇ ئەمدى ئىلگىرىكىدەك كاندىن ئاكىلىرى ئايلىق دەپ ئايرىپ بېرىدىغان مائاشقا قاراپ تۇرمايدىغان، ھە دېگەندىلا شەھەردە، ناھىيەدە قىمار ئويناپ، مېھمان چاقىرىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، تۆرەمنىڭ نامىغا ھېساب قىلىپ قويىدىغان بولۇۋالدى. ئۇنىڭ قەرزلىرىنى ئۆمەر دەسلەپتە دادىسىغا دەپ قويمايلا ئۈزۈۋېتەتتى، ئويۇنى تۈگىگەندە ئادەم بولار، دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى. ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە دانىيارنىڭ قىمارخانىغا بوغۇلغان قەرزىلا نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۆمەر ئەمدى بۇ ئىشقا جىددىي قارىمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ، بار ئەھۋالنى دادىسىغا ئېيتتى، تۆرەم ئۇنى چاقىرتىپ جىق نەسىھەت قىلدى: «ئەمدى مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولساڭ، سېنى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىمىزدىن تانىمەن!» دەپ پوپوزا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دانىيار يەنە كاندا ئاكىسىغا ياردەملىشىپ، ئويۇندىن سەل تىزگىن تارتتى...

شۇنداق كۈنلەردە سادىق،ئۆمەرگە:« شەھەرگە كىرىپ كېسەل كۆرسىتىپ كېلەي » دەپ قويۇپ يەنە بىر ھەپتە يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ كۈنلەردە سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتاتتى. كاننىڭ ئىشىغا يارىمىغاچقا، ئۆمەر ئۇنى ئىشخانىغا قويغان ئىدى، تۆرەمچە بولسا، ئۇنى چوڭراق ئىشقا، باشقا سودىلىرىغا قويغۇسى بار ئىدى، ئەمما سادىق بارغانچە گاللىشىپ كېتىۋاتاتتى، زېھنى ئوچۇق ئەمەس، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغانىدى. ئۆزى تېخىمۇ كەم سۆز بولۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۆمەرنىڭ خىيالىچە ئۇنى دادىسىدەك كۆڭۈلچەكلىك قىلماي (ئۇ دادىسىنى مۇشۇ سادىققا، سەلىمگە كەلگەندە بەكلا كۆڭۈلچەكلىك قىلىدۇ دەپ قارايتتى) بالدۇرراق ئۆيىگە قايتۇرىۋېتېپ ئارامىغا قۇيۇۋېتىش كېرەك ئىدى. ئۇ ئۆز كۆڭلىدە «سادىق بۇدا كېسىلىنى كۆرسىتىپ بولۇپ قايتىپلا كەلسە، ئۇنى ئارام ئېلىشقا قويىۋېتىمەن»، دەپ قارارمۇ قىلىپ قويدى...

سادىق تاغقا بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كەلدى، بۇغۇ ھېچقانداق ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ كەينىگە چوپچوڭلا بىر قىزنى سېلىپ كەلگىنىگە بارلىق كىشىلەر ھەيران قالدى.

ـــ مېنىڭ قىزىم سەلىمە،ـــ دەپ تونۇشتۇردى ئۇ تاغلىقلارغا ئاجايىپ بىر خۇشاللىق بىلەن، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەنمىدى، ئۇنى بىر چاغلاردا يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەندە يەنە بىر خوتۇنغا تۇتۇلۇپ قالغان دېگەندىمۇ، بۇ قىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆز قىزى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى سەلىمەنىڭ ھېچقانداق يېرى سادىققا ئوخشىمايتتى، يېشىمۇ ئۇنچە كىچىك ئەمەس ئىدى. قىزنىڭ قاش-كۆزلىرى جايىدا، بۇرنى بىرى چىمدىپ قويغاندەك يۇمران ھەم قىرلىق ئىدى. لەۋلىرى نېپىز، مەڭزى شاپتۇل چېچىكىدەك ھال رەڭدە ئىدى. ئەمما ئاشۇ چىرايلىق كۆزلەردە ئىپادىلىنىپ تۇرغان مىسكىنلىك، يېتىرقاش ھەم ئىشەنچسىزلىك كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەشەمەتلىك كىيىملەردىن ئايرىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇردىغىنىمۇ يەنە ئاشۇ ئاددى لاتاپەتلىك،ئۈركىگەن كىيىكتەك كۆزلىرى،كۈچكە تولغان ئۆزىلا ئىدى. يۈرۈش-تۇرۇشىدا چاققانلىق ۋە يېنىكلىك بىلىنىپ تۇراتتى...

قولۇم-قوشنىلار:«سادىق ئۆزۈمنىڭ دەپ باشقا خوتۇندىن بولغان بىر قىزنى باشلاپ كېلىپ، گۆھەربانۇنىڭ جان-پېنىنى چىقىرىۋېتىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما ئىشلار يەنە ئۇنداق بولمىدى، گۆھەربانۇ تاغلىقلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ: «بۇ قىز بىلەن ھېچقاچان ئالاقىمىزنى ئۈزۈپ قويمىغانىدۇق، پۇل-پۈچەك ئەۋەتىپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ تۇراتتۇق، يېنىمىزغا ئەكىلىۋالايلى دېسەك، چوڭ ئانىسى قېرىپ قالغانتى... » دەپ بىر مۇنچە يالغاننى توقىدى. بۇ يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىكى «كۆزى كىچىك، ئىچى تار، ۋات-ۋات» دىگەن ئىللىتىنى بىر يېپىۋېلىشنى ئويلىغان،سادىقمۇ خوتۇنىدىن باشقىچىلا سۆيۈنۈپ قالغان ئىدى، لېكىن ھەپتە بولمايلا قۇيرۇقىنى يوشۇرۇپ بولالمىغان گۆھەربانۇ يەنە ئۆزى كۇسۇرلاپ:«دۇنيادا ياۋاش ئەر بولسۇنمۇ؟ سادىقنى ھەممىڭلار ياۋاش دەيسىلەر، نەدىكىنى؟ ئاتام- ئانام كۆرمىگەن بىر قىز بالىنى، بېشىنى سىيلايدىغان بۇرچۇم بار، دەپلا ئاغزىمنى ئاچۇرمىدى، بالىلار چوپچوڭ بوپقالغاندا يەنە نېمە دەي؟...» دەپ، تارام-تارام ياش تۆكۈپ، سەلىمەنىڭ دەسلەپكى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بولدى. بۇ خەۋەر ھەسەلخېنىمنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتتى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا: «ھەي، شۇ قىزنىڭ كۆرىدىغان كۈنى ئالدىدىكەن، گۆھەربانۇ بىر يېتىم قىزنىڭ بېشىنى سىيلىغۇدەك كەڭ قورساق ئايال ئەمەس» دېدى، ھەم ئاغزىدىن چىقارمىغىنى بىلەن سادىقنىڭ بۇ قىزىغا كەلگەندىمۇ تۆرەمغا:«خەيرىخاھلىق قىلىپ قويسىلا» دەپ ساڭگىلاپ كېلەرمۇ، دەپ ئەنسىرەپ ئۈلگۈردى.

دېگەندەك ھەپتە ئۆتۈپلا سادىق قاق ناشتىدا تۆرەمنىڭ كەڭ ھويلىسىدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن، كېسەل ئۇنىڭ ياش تېنىنى خۇددى ئۈششۈك تەگكەندەك بىراقلا سولاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۆزىمۇ جېنىدىن ئۈمىدى قالمىغان بوۋايلاردەك جانسىز، ئەلەڭ-سەلەڭ كۆرۈنەتتى.

ـــ ۋاي، كەل، بالام!ـــ تۆرەم ئۇنى ئەلۋەتتە قىزغىن قارشى ئالدى، بۇنىڭدىن ھەسەلخېنىمنىڭ جۇدۇنى تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتتى، كېلىننى چايغا بۇيرۇپ، ئۆزى ھەتتا كۆرۈشكىلىمۇ چىقىپ قويمىدى،ـــ ھە، كېسىلىڭنى كۆرسىتىپ كەلگەچ ئىلگىرى تۇرغان يېرىڭنىمۇ كۆرۈپ كەپسەن- دە؟ـــ دېدى تۆرەم، ئۇ سادىقنىڭ مىسكىن چىرايىدىن بەكرەك، ئۇنىڭ قاق ناشتىدىلا ئۆز ئۆيىدە پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەجەبلىنىپ ھەم شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا مىڭىسىگە «تېرە خالتا»دېگەن ئۇقۇمنى ئەكىلىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن خېلىلا تىنچىپ قالغان يۈرىكى سىقىلغاندەك بىئارام بولدى، ئەمما ئۇ يەنىلا سادىقنىڭ چوكىدەك قاقشال بولۇپ قالغان يىرىك قوللىرىدىن تۇتۇپ ئۇنى تۆرگە باشلىدى. سادىقنىڭ كېسەل چىرماپ تۇرغان چىرايىغا زەن سېلىپ، دەرھاللا ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا قويماي يۇمشاق تەكىيلەرنى كەينىگە يۆلىۋەتتى.

ـــ شۇنداق بولدى،ـــ دېدى سادىق،ــــ تۆرەم، سىلى شۇ چاغقىچە ماڭا، ئۆيۈمدىكىلەرگە كۆپ ياخشىلىق قىلدىلا. بىراق مەن سېلىگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم، مانا شۇ تاپتىمۇ سېلىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ياندۇرماق تۈگۈل، ئالدىلىرىغا يەنە بىر ھاجەت بىلەن كىرىۋاتىمەن، سېلىنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ئامانەت ئېلىپ   كەتكۈدەكمەن...

ـــ قارا، مۇشۇنىمۇ گېپىم بار دەپ ئولتۇرامسەن؟ مۇشۇ گەپنى دېگىنىڭ مېنى يات كۆرگىنىڭ ئەمەسمۇ؟ بۇنداق دېسەڭ مېنىڭ قانچىلىك خىجىلچىلىقتا قالىدىغىنىمنى بىلىسەن ئۆزۈڭ، ـــ تۆرەم مېھرىبانلىق بىلەن سادىقنىڭ قوللىرىنى ئالقىنىغا ئالدى، شۇنچە ئاق كۆڭۈل، زەبەردەست بىر يىگىتنىڭ شۇ دەرىجىدىكى نىمجان ھالىغا ئېچىندى،ـــ دېگىن، ھەر قانداق ئىشىڭ بولسا مانا مەن بار، بالام.

ـــ تۆرەم، مېنى ئويلاپ كۆڭۈللىرى ھېچقانداق گۈدرەتتە قالمىسۇن، سېلى شۇ ئامانەت بىلەن مۇشۇ يۇرتنى ھازىرقىدەك باياشات قىلدىلا، سېلىدىن ياخشىلىق كۆرمىگەن ئىت، مۈشۈكمۇ قالمىدى. سېلىنىڭ نىيەتلىرى مىنى سىلىدىن بەكمۇ رازى قىلدى شۇڭا تۆرەم، سېلىمۇ مەندىن رازى بولسىلا... ــــ سادىقنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.

ـــ رازى بالام، رازى....ــــ سادىقنىڭ سۆزلىرىدىكى سەمىمىيلىكتىن تۆرەممۇ يىغلىۋېتەيلا دېگەن ئىدى.

ـــ بۈگۈن سېلىنى ھەم خېنىم ئانامنى ئاۋارە قىلىشىمدا مۇنداق بىر ئىش بار ئىدى.... خەۋەر تاپتىلىمىكىن، مەن سەلىمە ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ كەلدىم...

ـــ ھىم، تېخى تۈنۈگۈن بىزنىڭ ئايال مۇشۇ گەپنى قىلىۋىدى،ـــ دېدى تۆرەم بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇمۇ سەلىمەنىڭ سادىققا ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى.

ـــ سېلىگە تا شۇ كەمگىچە يالغان ئېيتىپ باقمىغانمەن... بۇ قىز ماڭا ئۆز ئەمەس... ئۇ مەن بىر چاغلاردا يۇرتتىن چىقىپ كەتكەندە خەيرىخاھلىقىغا ئېرىشكەن بىر موماينىڭ ئامانىتى ئىدى.

ـــ ھىم، سۆزلەۋەرگىن، قۇلىقىم سەندە، بالام،ـــ تۆرەم سادىقنى ئىلھاملاندۇرۇپ، سۆزىنىڭ ئايىغىنى كۈتتى. ئۇنىڭمۇ  بىر چاغلاردا ــ سادىق يوقاپ كەتكەن ئاشۇ يىللاردا، سادىقنىڭ زادى نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلگۈسى بار ئىدى.


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


ـــ مەن ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالغان ئۇ يۇرتنىڭ ئىسمى شاقىلداق ئىدى،ئادەملىرىمۇ ساددا، يېقىشلىق، بىر-بىرگە كۆيۈمچان كىشىلەر ئىكەن. ئۇ تەرەپلەرگە بىر سودىگەرنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ بارغان ئىدىم.كېيىن ئۇ سودىگەر شۇ يەرلىك بىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىپ كەتتى. ئۇ سوغوق تازا ئەۋج ئالغان قارا قىش مەزگىلى ئىدى، بو سوغوقتا  يەنە نەگە بېرىشنى بىلمەي قىشنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ شۇ يەردە،بىر ئائىلىنىڭ تاغدىكى چارۋا ماللىرىنى بېقىشىپ بېرىدىغان بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە...

2-قىسىم

1

شاقىلداق،تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدىكى،پايانسىز كەتكەن چۆللۈكلەرنىڭ بىرىگە جايلاشقان قەدىمى يېزىلارنىڭ بىرى.ئىلگىرى بۇ يەردە شاقىلداق دەيدىغان بىر قۇش ياشىغانىمىش.گەرچە زامان،ماكاندىكى سانساناقسىز

ئالمىشىشلاردىن كېيىن،«شاقىلداق»نىڭ نەسلى قۇرۇپ،ئۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك بولۇپ قالسىمۇ،ئەمما شۇ قۇش ياشىغان بۇ يەرلەر ھېلىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئىلگىرى ئېكىسپىدىيەچىلەر بۇ يەردىكى تۇپراق قاتلاملىرى ۋە بەزى خارابىلىقلاردىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى دېڭىزدا ياشايدىغان سۇ جانۋارلىرىنى تاپقاندىن كېيىن،بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى ياپ يېشىل تاغلىرى پەلەككە تاقاشقان،دېڭىز بويى بولۇشى مۈمكىن،بۇ دېڭىز بويى شۇ چاغلاردا «شاقىلداق»لارنىڭ ماكانى بولغان دېگەن قىياسنى ئوتتۇرغا قويغانىدى.ئەگەر شۇنداقلا بولسا،بۇ يەرلەر قانداق بولۇپ ھازىرقىدەك قۇم بورانلىق،چۆللۈك قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالدى؟بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغان سېغىزخانلار شاقىلداق»تا خېلى بار،ئەمما ئۇلار ئۆزىمۇ،ئۆزىنىڭ گېپىنى ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن دەلىللىيەلمەيدۇ.«چوڭلار شۇنداق دەيدىغان...»،«بوۋام ھېكايە قىلىپ بېرەتتى...»دەپلا گېپىنى ھەركىم ھەرخىل تەسەۋۇر قىلسا بولغۇدەك دەرىجىدە رىۋايەتلەشتۈرۋېتىدۇ.

مانا بۈگۈنمۇ كەنت ئېغىزىدىكى بۇغدايلىقنى خوتۇنلارنىڭ قىيقاس چۇقانلىرى بىر ئالغانىدى.بىر ئېغىز گەپ ياكى بىرەر سۆز بىرمۇنچە پاراڭنى قوزغايتتى.گەپلەرنىڭ تېمىللىرى يۆتكىلىپ تۇراتتى.ھېلى توي تۆكۈن توغرۇلۇق،ھېلى قانداقتۇر قائىدىسىزلىق،ياشلارنىڭ ئاشكارە مۇھەببەتلىشىشلىرى...ئۈستىدە بولسا،ھېلى ئەترەت كادىرلىرى،ياسىلىۋاتقان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ،ھورۇنلۇق قىلىپ،ئېتىزىنى ياۋا ئوت باسقان ھورۇنلار توغرۇلۇق بولاتتى.كېيىن گەپ يەنە ھېكايە چۆچەكلەرگە قايتتى.بۇنداق گەپلەر كەچ كىرگەنسېرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ساپلا جىن ئالۋاستىلار،سىر ھېكمەتلەر توغرىسىدىكى گەپلەر بولۇپ،ئۆزلىرىنى قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئوخشاشلا چەكسىز ساراسىمىگە سالىدىغان مۇشۇ ھەقتىكى ئىشلار توغرىسىدا بىرىگە بىرى سۇئال قويۇپ،قارشى تەرەپ جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈرەلمەيتتى.

__ ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ماۋۇ توغراق تامدىكى ئېزىز ناۋاي تونۇرىنىڭ بېشىغا تاشلاپ قۇيۇلغان بىر بوۋاقنى ئۆيىگە ئەكىرىپ بېقىپتىكەن،ئىككى ئاخشام ئۆتۈپ خوتۇنى ئۆزىچىلا پۇتى باسماس،تىلى سۆزلىمەس بولۇپ قاپتۇ.

__ ھە قانداق بوپتۇ ئاندىن؟،خوتۇنى شۇندا تۇرسا،بىر ئەركىشى قانداقمۇ باققاندۇ ئۇ بوۋاقنى؟ 

__ ئەلۋەتتە باقالمايدۇ-دە!شۇڭا ئۇ ئامالسىز بۇ بالىنى مەھەللىدە،بالىغا زار يەنە بىر ئائىلىگە بېقىۋېلىڭلار دەپ كۆتۈرۈپ بېرىپتۇ.ئۇ خەقلەرمۇ ئوبدان ئادەملەركەن،رەھمەت،دەپ،ئېرى بالىنى قولىغا ئاپتۇ.لېكىن بوۋاقنى قولىغا ئالغان شۇ دەقىقىدە،ھېلىقى ئەركىشى ئۆزىچە بىرنېمىگە پۇتلاشقاندەك بولۇپ، ئوڭدىسىغا چۈشۈپتۇ-دە،جەينىكىنى سۇندۇرۋاپتۇ.ئېرىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئايالى:«ھەي،بۇ بوۋاقنىڭ ئايىقى قۇرغاقكەن،بىز باقمايلى..»دەپلا،بوۋاقنى يەنە ناۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ.

__ ۋاي ،راستلا چېچەن ئايالكەن ئۇ!باقمىغىنى توغرا بوپتۇ!بەزى بالىلارنىڭ ئاشۇنداق ئايىقى قۇرغاق،ئۆزى شۇم تۇغۇلىدۇ!

__ شۇنداق توغرا كەپقالغاندۇ يا؟بىر بوۋاقكەنغۇ شۇ...ھەي،ئاخىرى قانداق بوپتۇ؟ئېزىزاخۇن ناۋاي بېقىۋاتامدۇ يا ئۇ بوۋاقنى؟

__ ۋاي ياقەي،باقىمەن دېسىمۇ،خوتۇنى پالەچ تۇرسا بېقىپ كېتەلەمدۇ دەيسىز؟شۇنداقتىمۇ،ئۇ،بالىنى بىرسى بېقىۋالدى،دەپ،گەپنى يوقۇتۇپتۇ.لېكىنزە،مۇشۇ يېقىندا،توغراق تامغا خوشنا جىگدىلىك دېگەن كەنتتىكى،ئابلەت ئېگەرچىنىڭ بېغىغا بىر تاشلاندۇق بوۋاق پەيدا بولۇپ قاپتۇ.بۇ گەپنى شۇ كەنتلىك تۇققانلاردىن ئاڭلىدىم. ئېگەرچىنىڭغۇ،بالىلىرى بار ئادەمتى،ئەمما كۆڭلى يۇمشاق.خوتۇنىمۇ شۇ،مەن ئۇلارنى ئوبدان تونۇيمەن،شۇڭا،باللىنىڭ قاتارى چوڭ بولىدۇ، باقساق باقىلى،دەپ،بېقىۋاپتۇ.ئەمما ...

__ ئەمما نېمە؟__ تاقىتى تاق بولغان،ھەم قورققان ۋە ھەيران قالغان بىر ياش چوكان ئۆزىنىڭ ياۋا ئوتنى ئەمەس،بىر تال قوناقنى يۇلىۋالغانلىقىنىمۇ تۇيماي بىتاقەت بولۇپ سورىدى.

__ تىلىم قۇرسۇن...تۈنۈگۈن ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق...

__ .ۋاي ئانامەي...مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ھە؟قانداق بوۋاقتۇ ئۇ زادى؟

__ قانداق بوۋاق بولىتى؟سىز ۋە بىزنىڭ باللىرىمىزغا ئوپمۇ ئوخشاش،تېخى ئۇلاردىن چىرايلىق بىر قىزبالىكەن!

__ باللىرىمىزغا ئوخشايدۇ،دەپ،نېمىنداق ئادەمنى قورقۇتىسىز؟

__ ۋاي مەن يالغان گەپ قىلمىدىم،ئاكام شۇ ئېگەرچىگە خوشنا ئەمەسمۇ؟ئاڭلىسام،قارىماققا شۇنداق ياۋاش،پەقەتلا يىغلىمايدىغان بىر بوۋاق،ئەمما پېشكەللىكنىڭ مەنبەسى...

__ كىچىك چېغىمىزدا چوڭلاردىن مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق.ھوقۇش پەيدا بولغان يەر توزۇپ كېتىمىش...

__ ۋاي بىز بوۋاقنىڭ گېپىنى قىلىۋاتساق،نېمە ئەمدى سىز گەپنى ھوقۇشقا ئەكىتىسى؟  ھوقۇش پەيدا بولغان يەر خارابىلىشىپ كېتىدۇ،بۇ گەپنى ھازىرمۇ ئاڭلايمىزغۇ؟__ يەنە ھېلىقى رىزۋانەم گەپنى ئارىلىدى.

__ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلا ئاڭلىمايلا،شېخىغا ئۇرماڭە رىزۋانەم...مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا،ھوقۇش ھەر بىر «ھۇق،ھۇق»دېگەندە،ئاغزىدىن بىر سوزۇم قان تۆكۈلىدىكەن-يۇ،ھوقۇش يەنە بىر «ھۇق»لاپلا،قاننى ئىچىگە تارتىۋالىدىكەن.ناۋادا،ئاشۇ قان  يەرگە چۈشۈپلا كەتسە،بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىشلار بولارىمىش.

__ قانداق ئىشلار بولىدىكەن؟

__ ئۇ قان يەرگە چۈشۈپلا،ھەر خىل سىياقلارغا كىرەلەيدىغان بىر ئالۋاستىغا ئايلىنىدىكەن-دە،بالىلار ھېچ سەۋەبسىز ئۆلۈدىكەن،ياشلار مېيىپ-ناكا بولىدىكەن،قېرىلار خارۇ زارلىقتا قالىمىش،تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى،قارا بوران،ساقايماس كېسەل ھەتتا يېغىلىق...لار پەيدا بولىمىش...

__ ۋۇييۇ،ئادەمنى قورقۇتماڭە،نېمانداق قورقۇنچلۇق گەپلەر بۇ!ئەجىبا،ھېلىقى بوۋاق،دەل شۇ ئالۋاستىنىڭ ئۆزى بولسا؟...__ سېمىز،يۈزى قىزىل كەلگەن بۇسارىخان ئىسىملىك ئايال شۇنداق دېگەچ،ئىختىيارسىز بارغانچە تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان بەدرەڭ ئاسمان بېتىگە قاراپ قويدى.قالغانلارمۇ ئۇنى دوراپ،خۇددى ھازىرلا ئاشۇ نەس باسقۇر بوۋاق چۈشۈپ كېلىدىغاندەك دەرھال ئاسمانغا قاراشتى.

__ تۈزۈكرەك گەپ قىلىڭلارا...قاچانغىچە مۇشۇنداق پەلەمپەتىش گەپلەرنى تۈگەتمەيدىغانسىلەر ھە؟بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،ئاغرىپ قېلىشى بىر بوۋاق بىلەن قانداقمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسۇن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلارنى كىم كۆزى بىلەن كۆردى؟ھەممىسى كىچىك بالىلارنى گوللايدىغان قۇرۇق گەپلەر... __ دېدى ئاياللارنىڭ گېپىگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ئايۇپجان.ئۇ،شاقىلداق بويىچە بىردىن بىر ناھىيىگىچە ئوقۇپ،تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان ياش بولۇپ،ئائىلىسىدىكى نامراتلىق تۈپەيلى ئوقۇشتىن توختاپ قالغانىدى. 

__ ۋايجان ئۇكام،سىز تېخى ياش،بۇنداق ئىشتىچۇ،چوڭلارنىڭ ئاغزىغا قارايسىز...__ ياشتا چوڭراق كەلگەن سېمىز بىر ئايال رەددىيە بەردى.

__ ماۋۇ ھاۋانىڭ ئەپتىمۇ نېمانچە سەت ئەمدى؟__ دەپ غۇدۇرىدى ئۇلار.


__ ئۆزۈڭلارنى،ئۆزۈڭلار قورقۇتۇپ ئىشىڭلىمۇ ئاينىمايدىغان خوتۇنلاركەنسىلەر!


__ ۋىيەي قادىراڭكا،سىز شۇنداق دېگەن بىلەن بەزى گەپلەرگە ئىشەنمەي تۇرغىلى بولامدۇ؟ئاينا سىزمۇ ئاڭلىدىڭىز ھېلىقى ناۋاينىڭ ئۆيىدە پەيدا بوپ قالغان بوۋاق...يېقىنلا كەلگەن ئادەم بالا قازاغا يولۇقۇپلا تۇرۇپتۇ.بۇنىڭدا بىر گەپ بار-دە؟

__ سىلەرمۇزە،شۇنىڭغا توغرا كەپ قالغاندۇ يا؟

__ ئىشقىلىپ شۇ بوۋاقمۇ بۇ يەرلىرىمىزگە پەيدا بوپ قالمىسۇن!ئاگاھ بولايلى...

__ شۇ،شۇ...

__ بۇنداق دېسەم بۇ خوتۇن نېمانداق ئەندۆ گەپ قىلىدىغاندۇ،دەپ قالماڭلار،تۇققانلار...راست گەپ قىلسام،مەن تۈنۈگۈندىن بۇيان ھۇقۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن...__ باياتىندىن بېرى ھېچكىمنىڭ گېپىگە ئارلاشماي ئۆز ئىشى بىلەن بولىۋاتقان مەڭنىساخان شۇنداق دەپ ھەممىنىڭ ئاغزىنى ئۆزىگە قاراتتى.ئەمما ئۇ بۇ ھۇقۇشنىڭ دەل ئۆز بېغىدا سايرىغانلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.ئۇنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ چېتىدىكى تاشلاندۇق تۈگمەنگە جايلاشقان بولۇپ،بىرنەچچە بالىنى ئوڭۇشلۇق تۇققان بولسىمۇ،ھېچقايسىسى تۇرۇپ قالمىغان،كىچىك تۇرۇپلا چاچراپ كەتكەنىدى. راس گەپنى قىلغاندا،شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بالا بېقىۋېلىش ئىستىكى بار،شۇغىنىسى،ئېرى بىلەن بۇ توغرىسىدا تولۇق بىردەكلىككە كېلەلمىگەنىدى.شۇڭا بايىنىڭ ياقى «بوۋاق»توغرىسىدىكى گەپلەرگە ھەركىمدىنمۇ بەكرەك بېرىلگەنىدى.كۆڭلىدە،بۇ يىللاردا ياكى ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ يېقىندا بولسىمۇ بالا بېقىۋېلىشقا بولمايدۇ،دېگەن قارارغا كەلدى.

__ نېمە دەيسىز؟ھۇقۇشمۇ؟__ بىرى ئالاقزادە بولغاندەك ھەم پەقەتلا ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك مۇجمەل بىر تەرزدە مەڭنىساخاننىڭ گېپىنى ئۈزدى.

__ راستلا ھۇقۇشمىكەن؟سىز بۇرۇن ئۇنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز مەڭنىساخان؟

__ شۇ،شۇ...دېمىسىمۇ ھوقۇشلىقىنى قانداق بىلدىڭىز؟__ دېدى بىرنچچەيلەن تەڭلا.

__ مەنغۇ ھوقۇش دېگەننى كۆرۈپ باقمىدىم،ھەم ئاڭلىسام ئۇنى كۆرگىلىمۇ بولمايمىش،ئېرىم شۇنداق دېمىسە مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن...__ مەڭنىساخان چۈشەندۈردى.

__ ۋىيەي،ئېرىڭىز خاتا ئاڭلاپ قالغاندۇ يا؟ئاغزىمىزنى ئۈشتمەيلى...

__ شۇ ،شۇ...

ئاياللار شۇنداق دېيىشىپ،ئۆزى ئۆزىگە تەسەللى تېپىشتى.

لېكىن ئۈنسىز سوقۇۋاتقان نەچچە يۈز يۈرەك گويا سۇ ئېقىمىدا داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان يالتىراق كۈپۈكچىلەردەك كىشىنى ئۆزگىچە تۇيغۇغا باشلايدۇ.ئېھتىمال شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۇغما خارەكتىرىدىكى ئەڭ ئىپتىدايى بولغان تەرەپلەرنى بايقىغىلى بولار.

__ نېمىلىكى بولسا مەن ئاڭلاپ باقمىدىم...

__ مەنمۇ شۇ...بولمىسا بىزنىڭ باغمۇ خېلى چوڭ...

ئاياللار ئەنە شۇنداق راستقىمۇ،يالغانغىمۇ ئوخشىمايدىغان پاراڭلار ئۈستىدە قانغۇدەك پاراڭلىشىۋالغاندىن كېيىن،بارغانسېرى بۇزۇرۇپ كېتىۋاتقان ھاۋاغا باھانىداپ،ئۆيلىرىگە قايتىشتى.


داۋامى  بار


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319




سالون تەۋسىيەسى


ياخشى مەزمۇن يوللىيالمىساق تىللايدىغانلار كۆپ. ياخشى مەزمۇن يوللىساق قوللايدىغانلار يوق. ئۆزئارا قوللايلى ئەزىزلەر. سىلەر قوللاپ قويۇڭلار. بىزمۇ ياخشى مەزمۇن يوللاشقا تىرىشايلى،

گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە   ھەمراھ 


قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىرىڭىزنى  ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k