大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 42ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 42ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-29
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 43 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41











 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


42-قىسىم


ــ موما،سىز ئېيتىدىغان چۆچەكلەردىكى ۋەقەلەر،رىياللىقتا ئەسلا يۈز بەرمەيدىكەن.ئېگە چاقىسى يوق كۈلقىزنىڭ،ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ياتلىق بولۇشى پۈتۈنلەي مۈمكىن ئەمەس ئىشكەن.ئىلگىرى،مەن،ئاشۇنداق چۆچەكلەرگە ئامراق ئىدىم ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم.ئەمما بۈگۈن ھاياتىمنى تۇتۇپ تۇرغان ئاشۇ ئىشەنچلىك ھەقىقەتلەر،قۇرۇق سەپسەتە بولۇپ چىقىپ،مەن بۇ يەردە،سىزگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپتىمەن...راست ئەمەسمۇ؟ھەممە ياقنى يۈزسىزلىك، ئىشەنچسىزلىك ۋە ئالدامچىلىق قاپلىغان. ھەتتا ئەڭ ئىنساپلىق دەپ قارالغان كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس... بۇ يەردە، ئىنسان ئىنسانغا ئىشەنمەيدىكەن، موما. گۇمان ھەم رەھىمسىزلىك ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىغا، تېنىگە، ھاياتىغا خۇددى ھاۋادەكلا سىڭىشىپ كېتىپتۇ.ئويلاپ باقسام، مەن بۇ ھاياتقا تەۋە ئەمەسكەنمەن. شۇنچە زورۇقۇپ، شۇنچە غەيرىتىمگە ئېلىپ، سىز بىلدۈرگەن ھەقىقەتكە ئەگىشىپ باقتىم، ئەمما ئۇنىڭ يورۇق تەرىپىنى پەقەتلا كۆرەلمىدىم...مېنىڭ ئەسلىدىمۇ بۇ دۇنياغا تەۋە سىزدىن بۆلەك ھىچنىمەم يوق ئىدى،سىز كەتتىڭىز مەن ھېلىمۇ مۇشۇ چاغقا ئۇلاشتىم،ھېلىقى سېستىرا قىز ماڭا :«دوختۇرغا بېرىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاڭ،» دەيدۇ،شۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلۇدۇم،پۇتۇم يەرگە تەگكۈدەك بولساملا چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىشنىمۇ ئويلۇدۇم،لېكىن،دوختۇرغا نىمە دەيمەن؟قايسى يۈزۈم بىلەن مېنىڭ ماۋۇ يېرىمنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ دەيمەن؟يەنە كېلىپ كىمگە ئىسپاتلايمەن؟كىم ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن؟ «پاك»دەپ ئىسپاتلىنىپمۇ چىقارمەن،ئەمما، رەشد دېگەن ئادەمنىڭ،ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ  ماڭا قىلغان بارلىق يۈزسىزلىكلىرى،ئاھانەتلىرى،يەنە ھېلىقى نۇمۇسسىز «داستىخان»...ئاشۇ ئىسپات بىلەنلا يوق بولۇپ كېتەرمۇ؟ھەم بەختىم شۇنىڭ بىلەن ماڭا قۇچاق ئاچارمۇ؟ھېلىقى ھاكاۋۇر ھەسەل خېنىم:«كېلېنىم» دەپ باغرىغا ئالارمۇ؟يىتىم بېشىمنى سىيلارمۇ؟رەشد بەگچۇ؟... ياق،بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمەيدۇ موما!مەن ئوخشاشلا چەكسىز بەختى قارىلىقىم بىلەن تۇرىۋېرىمەن،مەن ھەتتا بىر يەرلىرىمنى نومۇس قىلماي تەكشۈرتۈشكە تۇتۇپ بەرگەن «نۇمۇسسىز»بولۇپ يېڭى يېڭى ئاھانەتلەرنى يۈدىمەن... مېنىڭ قىز چىققان چىقمىغانلىقىم ئۇلارنىڭ مېنى رەت قىلىشىغا،ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرۋېتىشىگە،تۆرەمكامنىڭ ئاغزىنى پاك پاكىزە تۇۋاقلىشىغا پەقەت باھانە-سەۋەبلا بولدى،خالاس!موما،ئازاب-ئوقۇبەتنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، مەن ئەنە شۇ چەككە يەتتىم... شۇ تاپتا مېنىڭ بىردىنبىر تەسەللى تېپىۋاتقىنىم ــ ئۆلۈم... تەبىئەت نېمىلا دېگەن بىلەن ئىنسانلارنى ئۆلىدىغان، ھەتتا ئۆلۈۋالىدىغان قىلىپ يارىتىپتىكەن. ئۆلۈم شۇ تاپتا مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتۇلۇش... مېنى باغرىڭىزغا ئېلىڭ، ماڭا تاپا-تەنە قىلماڭ، جېنىم موما...

 سەلىمە سۈيۈملۈك مومىسى بىلەن شۇنداق دەپ پىچىرلاپ،مۇڭدۇشۇپ ئالدىغا قاراپ بىر نەچچە قەدەم ماڭدى. بىراق  ئاشۇ ۋاقىتتا، نەچچە  قەدەم ئالا-ئالمايلا، يۈرەكنى ئېزىدىغان غەلىتىلا بىر ئاۋاز ئۇنى چىپپىدە توختاتتى.

بىر ئاجىز ئاۋاز... بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىدەكلا بىر ئاۋاز تۆۋەن تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. سەلىمەنى ھەيرانلىق چۇلغىۋالدى. يۈرىكى غەلىتىلا جىغىلداپ، ئېغىر سوقۇپ كەتتى... «ئالۋاستى؟»... بۇ قورقۇنچلۇق خىيال ئۇنىڭ كاللىسىدا غايەت زور ئوت ئۇچقۇنىدەك چېقىن پەيدا قىلدى... بۇ ۋاقىتتا تاڭ ئاتمىغان بولسىمۇ، ئاسمان بېتى سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. كۆلچەكتىكى مۇز پارچىلىردەك كۆڭۈلسىز كۈلرەڭ بۇلۇتلار شۇ تاپتا تۈن باغرىغا ئاستا سىڭىپ كەتكەندەك، قاياقتىندۇر جىلۋە قىلىپ يۇلتۇزلار پەيدا بولغان ئىدى. تولۇن ئاي بارغانچە نۇرلىنىپ زېمىنغا كۈمۈش رەڭ نۇرلىرىنى سېپىشكە باشلىدى...

ــ ئىڭڭە... ئىڭڭە... ئىڭڭە...ــ بىر بوۋاق راستىنلا ئىڭڭەلەيتتى. سەلىمە تولۇق ئىشەنچ قىلدىكى، بۇ ئېنىقلا ئادەمنىڭ ئاۋازى ئىدى.

سەلىمە ئېغىر چۈشتىن ئويغانغاندەك دۆڭدىن پەسكە قاراپ ماڭدى. ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ كەتكەچكىمۇ پۇت-قوللىرى تىترەپ تۇراتتى... ئەمدى ئۇ بوۋاقنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ قالماي، بىرنەچچە تۈپ ئارچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوچۇقچىلىقتا سونايلىنىپ ياتقان بىر ئايالنى كۆردى. ئايالنىڭ جۈدەڭگۈ چىرايى ئاقىرىپ، غەلىتىلا بىر خىل سۈرلۈك بولۇپ كەتكەن ئىدى... ئايال پۈتۈنلەي ھالسىزلىنىپ كەتكەن،قۇرتتەك تۈگۈلۈپ ياتاتتى. كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، چىرايى تاتارغان، لەۋلىرى ھىمىرىلگەن بولۇپ، گويا دەسسىۋېتىلگەن ئاق نىلۇپەرنىڭ ئۆزى ئىدى. چېھرىگە ئورناپ كەتكەن ھەسرەت ۋە قايغۇ-ئەلەمنىڭ ئېغىر ۋە قاراڭغۇ كۆلەڭگۈسى ئاي  نۇرىدا ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خۇددى مەلۇم بىر خىل ئازاب ئۇنىڭ تېنى ئىچىدىن سىرتىغا ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك،شۇ تاپ،نە قۇۋۋەت،نە ماداردىن ئەسەرمۇ قالمىغان بەدىنى توختىماي تارتىشاتتى...دەل مۇشۇ ئايالنىڭ يېنىدا يېڭى تۇغۇلغان كىچىككىنە بىر بوۋاق قىرقىراپ يىغلايتتى،.ئاجىز چوكىدەك ئۇرۇق پۇت-قوللىرى بوشلا يۆگەلگەن ناۋاترەڭ چاپاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان، ھەدەپ  ياپيېشىل چىم ئۈستىدە تېپچەكلەيتتى...


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ


سەلىمەنىڭ يۈرىكى جىددىيلىشىش ئىچىدە،دەقىقە،سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بولدى. كېيىن ئۇ،بىردىنلا ھۇشىنى يىغىۋالدى-دە، تەبىئىي بىر ھال بىلەن، ئۇچىسىدىكى مايكىسىنى سالدى -دە، قولاشمىسىمۇ، بوۋاقنىڭ سوغوقتىن دىرىلدەپ كەتكەن يالىڭاچ بەدىنىگە ياپتى ۋە باغرىغا چىڭڭىدە تاڭدى.بۇ خىل ئاددىلا ھەرىكەت بوۋاققا بۆلەكچىلا ئۈنۈم بەردى، بوۋاق شۇ ئان تىنچلاندى ۋە قۇرۇپ كەتكەن يۇمران ئېغىزىنى سەلىمەنىڭ مەيدىسىگە سۇۋىدى...

يېقىنلا يەردىن ھۇۋلىغان بۆرىنىڭ ئاۋازى سەلىمەنى تېخىمۇ قورقىتىۋەتتى. بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق تۇيۇلدىكى، ئۆمرىدە مۇشۇ ۋاقىتتىكىدەك قورقمىغان، خاتىرجەمسىزلەنمىگەن ئىدى. ئۇ سوزۇلۇپ ياتقان ئايالغا لەپپىدە قارىدى. شۇ دەقىقىدە ئايالمۇ ھۇشىغا كەلگەن، بۆرىنىڭ مۇدھىش ئاۋازىنى ئاڭلىغان، كۆزلىرىنى بىر ئەندىشە ئىچىدە يوغان ئاچقان ئىدى... سەلىمەنىڭ ئەمدى ئىككىلىنىپ تۇرىدىغانغا ھېچقانداق ۋاقتى قالمىغان ئىدى. ئۇ بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەيلا، بالىنى ئانىسىنىڭ يېنىغا ياتقۇزۇپ قويدى-دە، دەرھال ئەتراپتىن قۇرۇپ كەتكەن شاخ-شۇمبا ئىزدەپ كەتتى.تەقدىرنىڭ ئادالىتىگە ئاپىرىن! نەچچە قەدەم يەردىلا بىر دۆۋە قۇرۇق ئوتۇن تۇراتتى، مالچىلار بۇ ئوتۇننى يىغىپ قويغان، بىر سەۋەب بىلەن ئېلىپ كېتىشنى ئۇنتىغان ئىدى.

سەلىمە،شۇ ئوتۇنلار بىلەن دەرھال ئوت ياقتى، بايا ئۆيدىن چىققاندا ئوچاق بېشىدىلا تۇرغان سەرەڭگە بىلەن پىچاقنى قول سوزۇپلا يانچۇقىغا سېلىۋالغان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ نەرسىلەر ئەسقاتتى، ئوت گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى، ئەتراپ ئىللىدى، يىراقتىن ئوت توچكىلىرىدەك يالىلداپ تۇرغان بىر نەچچە جۈپ كۆز سەلىمەنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، كۆرۈپ تۇراتتى.

ئادەتتە بۇ ئەتراپتا بۆرە يوق ئىدى. ساياھەتچىلەر، چارۋىچىلارنىڭ تاغ ئىچىگىچە سىڭىپ كىرىشى، ئادەملەرنىڭ بۆرىلەرنى يوشۇرۇن-ئاشكارە ئوۋلاپ تۇرۇشى بىلەن بۆرە توپى تاغنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىسىگە كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. ئاز ساندىكى بۆرىلەرلا يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە قىيمىغاندەك، كىشىلەرگە ئانچە-مۇنچە كۆرۈنۈپ قالاتتى. بوۋاقنىڭ يىغىسى، قان ھىدى بۇ بىر نەچچە بۆرىنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان گۈلخانغا، جان- جەھلى بىلەن قايەرلەردىندۇر قۇچاق-قۇچاق ئوتۇن ئەكىلىپ ئوتنى ئۇلغايتىۋاتقان سەلىمەگە قاراپ خېلىغىچە ھۇۋلاپ تۇردى-يۇ، يېقىنلىشالمىدى. 

سەلىمە گۈلخاننىڭ ئەمدى سۇسلاپ قالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىنلا، بوۋاقنىڭ يېنىغا، جان ھەلقۇمىدا ئاغرىققا چىدىيالماي ئىڭراپ ياتقان ياش ئانىنىڭ يېنىغا يۈكۈندى. ئانا كۆزلىرىنى كۈچەپ ئاچماقچى، ئەڭ ئاخىرقى نەپىسى بىلەن سەلىمەگە بىر نېمىلەرنى تاپىلىماقچى بولاتتى، ھەم بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ سۆزلەشكە ئۇرۇناتتى... لېكىن ئۇ بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى، ھەرىكەت قىلىشقا ئەمەس، سۆزلەشكىمۇ ماغدۇرى يەتمەيتتى...

ئۇنىڭ ئايىغىدىن قان توختىماي ئېقىۋاتقاچقا، ئاياغلىرىدىكى چىملىقتا قىپقىزىل قانلار پارقىراپ كۆرۈنەتتى. ئايالنىڭ كۆزلىرى سەلىمەگە قاراپ ئالاق-جالاق بولۇپ كېتىۋاتاتتى. تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى مىڭ تەسلىكتە سوزۇپ، خۇددى بالىسىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتقاندەك،بوۋاقنىڭ  يۈزلىرىنى، بەدەنلىرىنى سىيپايتتى. ئەمما ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىدا بوۋاقنى تۇتۇۋالغۇدەكمۇ مادارى قالمىغان ئىدى...

بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشكە قاراپ يۈرىكى لەختە بولغان سەلىمە،ئايالنىڭ قوللىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ چىڭ سىقىمدىدى، ھەم ئۇنى خاتىرجەم قىلماقچى بولۇپ بوۋاقنى قۇچىقىغا ئالدى...

ــ خاتىرجەم بۇلۇڭ، بالىڭىزغا ئەمدى ھېچقانداق خەۋپ يوق...ــــ دېدى سەلىمە تىترەك ئاۋازدا.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايال خاتىرجەملىك بىلەن كۈلدى، ئۇ سەلىمەنىڭ بايىقى كەسكىنلىكىنى، مۇنۇ قىزنىڭ ئۆزلىرىنى ۋەھشى بۆرىلەرنىڭ ياۋۇز چىشلىرى ئارىسىدىن قانداق قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. قىزنىڭ قورقماس روھى ھالىتىنى، ئاق كۆڭۈل قەلب دۇنياسىنى چۈشەنگەن،دېمەك، ئۇنىڭدا جان كۆيەر بالىسىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ پەيدا بولغان ئىدى. بىچارە ئانىنىڭ قېتىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىدە بىر خىل مۇلايىم تەبەسسۇم سۇس پارلاشقا باشلىدى:

ــ بالا... قىزمىكەن...ئوغۇل.. مىكەن؟...ــــ ئۇ بار كۈچى بىلەن زورۇقۇپ تۇرۇپ سورىدى.

ــ قىز ئىكەن... قاراڭ، شۇنداق چىرايلىق قىز بالا... ئايدەكلا چىرايلىق...ــ سەلىمە بوۋاقنى ئازراق تىكلەپ ئانىسىغا كۆرسەتتى. ئاۋازى كۈلگەنگىمۇ، يىغلىغانغىمۇ ئوخشاش تىترەپ چىقتى. ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئاينىڭ نۇرى بىلەن يالقۇننىڭ تەپتى ياش ئانىنىڭ چىرايىنى ئەمدى تولۇق يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى.

ــ ھە... ئۇنىڭ... ئىسمى رەشىدە... بولسۇن... ئۇنى... بۇ... يەردىكى...لەرگە كۆرسەت... مەڭ... ئۇنى ئاۋۋال پارتىيە ھۆكۈمەتكە... ئاندىن... سىزگە تاپ... شۇرىمەن...رەشى...دەنى ئېلىپ... بۇ يەردىن... ھازىرلا كېتىڭ... مەن بىلەن كارىڭىز...بولمىسۇن... ـــ دېدى ئۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەپ. 

ــ ياق، بىز بىللە كېتەيلى... ـــ سەلىمە بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. ئۇ شۇنداق دېگىنى بىلەن ياش ئايالنىڭ ئوڭشىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۈزۈكلۈككە كۆچۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلىپ بولغان ئىدى.

ـــ ياق... مەن ... بولالمىدىم... قىزىم مېنىڭ ئىزىمنى ئۇلىدى... ئۇنىڭ دادىسى يوق... ئۇ سىزگە ئامانەت... ئەمدى ئۇ سىزنىڭ قىزىڭىز بولدى... قۇلىقىمدىكى ھالقا مېنىڭ قىزىمغا... قالدۇرغان بىردىنبىر خاتىرەم... بولۇپ قالسۇن...ـــ ياش ئانىنىڭ ئاۋازى قۇلاق ياقمىسا بىلگىلى بولماس دەرىجىدە پەسلەپ كەتتى...ـــ سىزگە ئېغىرىمنى سېلىپ... قويدۇم... مېنى پاكىزرەك بىر جايغا يۆتكەپ قويسىڭىزلا بولاتتى... مەن بەك بۇلغىنىپ..كەتتىم... مېنى كۆرگەن... لەرنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتمىسە... بولاتتى...

سەلىمە ھەر قانچە قۇلاق يېقىپمۇ،كېيىن ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدى. شۇنداقتىمۇ ياش ئايال گەپ قىلىشقا تەمشىلەتتى. بىر ئىشلارنى تاپىلىماقچى بولاتتى... سەلىمە ئۇنى خاتىرجەم قىلىش، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ياش ئايالنىڭ  ئورۇقلاپ كەتكەن كىچىككىنە تېنىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ، ئويماندىن ئېلىپ چىقتى ۋە دەريا بويىغا ئېلىپ بارىدىغان ئاسفالىت يولنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە، ياۋا گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، ياپيېشىل چىمەنلەر مەخمەلدەك قويۇق ئۆسكەن، پادىچىلارنىڭ كۆزىگە ئاسان چېلىقىدىغان پاكىز يەرگە يۆتكىدى. بۇ چاغدا قىزنىڭ  ئاچچىق ئازاب بىلەن ئۆرتەنگەن چىرايلىق كۆزلىرى يوقىرىغا تارتىلىپ، چەكچىيىپ كېتىۋاتاتتى. سەلىمە ئۇنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قولىنى تۇتتى-يۇ، ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتى. بۇ قول خۇددى مۇردىنىڭ قولىدەك سوغوق ئىدى. شۇ ھالدا يەنە بىر نەچچە مىنۇت ئۆتتى. ياش ئانا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سەلىمەنىڭ قولىدىكى بوۋىقىغا بىر قارىدى-دە، ئىچىگە تىنغاندەك بولۇپ، بىردىنلا ئۆزىنى قويۇۋەتتى، بېشىمۇ قىيسىيىپ، كۆزلىرى شۇ ھالدا قېتىپ قالدى.



        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k