大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 30ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 30ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-17
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 31 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29












 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


30-قىسىم


شىئەندىن شىنجاڭغا قاراپ كېلىۋاتقان،ئەرزان باھالىق،ئاستا پويىزنىڭ بۇنداق بىسەرەمجان مۇھىتىغا كۆنمەي ئامال يوق. قەدەمدە دېگۈدەك توختاپ، يۇقىرى باھالىق پويىز بېلىتى سېتىۋالالمىغان كەمبەغەل بىچارىلەرنى سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، ھالسىرىغان يىلاندەك تولغىنىپ كېلىۋاتقان پويىز ئادەمگە ئۈزۈلۈپ كېتىش خەۋىپى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغان ئارغامچىنى ئەسلىتەتتى. ۋاگون ئىچى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان، تىقما-تىقماق كىشىلەر ئارىسىدىن پۇتنى يۆتكەشمۇ قىيىنغا توختايتتى. ھەر خىل بەدبۇي پۇراقلار،كۆڭۈلنى ئاينىتاتتى. پويىز ئىچىدە باش قويغىدەكلا يەر بولسا،بېشىنى قويۇپ،تۈگۈلۈپ يېتىۋالغان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىسەرەمجان تۇرقىدىن باشقا،ئۇلار كۆتۈرۈۋالغان سومكا،يالتىراق ئالا بۇلىماچ خالتا، يوتقان-كۆرپىلەرمۇ بىرمۇنچە ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن ۋە ئۇيان بۇيان مېڭىشقا قولايسىزلىقلارنى تۇغدۇراتتى. 

 رىسالەت،دەل مۇشۇ پويىزدا ئىدى.ئۇنىڭ ھەممە نەرسىدىن رايى قايتقان بولۇپ، ئەتراپتىكى بۇ ۋەيرانچىلىققا، مەينەتچىلىك، قوپال تىللاش، ۋارقىراش، ھەتتا مۇشتلىشىشلارغا قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى خىيالى شۇنچىلىك گادىرماش ئىدىكى، ئۆزىنىڭ يەنە «شىنجاڭ»غا قايتىش ئۈچۈن مۇشۇ پويىزغا چىقىۋالغانلىقىغا، ئانام، دادام دەپ ئۆزىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بىر ئۈمىدلەر بىلەن تۆمۈر تاينى كۆزلەپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولاتتى. 

كەچ كىرىپ،ۋاگۇن ئىچى ئېلىكتىر لامپىلىرى بىلەن سۇس يورۇغان مەزگىلدە،بىر ۋىجىك ئەر،رىسالەتكە بىر نېمىلەرنى دەپ،ئۇنىڭ ھېسسىياتسىز، پەرۋاسىز ئىنكاسىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن،«نېمە كارىم»دېدىمۇ،شۇنچىلىك ئەپچىل ھەم چاققانلىق بىلەن،ئۇدۇللا، ئۇ ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ تېگىگە كىرىپ ياتتى.ھالبۇكى،رىسالەتنىڭ بۇنىڭ بىلەنمۇ كارى بولمىدى، باشقا چاغلار بولغان بولسا، ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن، ھەتتا بۇ ئادەمنى مازاق قىلغانمۇ بولار ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلارغا رايى يوق،ئۆزىنى يەر جاھان سىغدۇرمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئېغىر جىنايەتكار سېزەتتى...

شۇ ھالدا تاڭ ئاتتى.شەپەق نۇرى دېرىزە ئەينەكلىرىدىن ئۆتۈپ،رىسالەتنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇراتتى.ئۇنىڭ پىكىر خىيالى تامامەن قېتىپ قالغاندى.ئۇ،ئۆزىنى ھېچبىر ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالالمايدىغاندەك،خۇددى ئىككى تاشنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغاندەك،بۇ ئىككى تام ئاز ئازدىن سۈرۈلۈپ،بەدىندىكى قانلارنى سىقىپ چىقىرىۋېتىۋاتقاندەك سېزەتتى.تۈزۈك ئۇسۇزلۇق ئىچمىگىنى ۋە قوساق تويغۇدەك غىزالانمىغانلىقى ئۈچۈن، نە باشقىلارغا ئوخشاش ھاجەتكە، نە قايناقسۇخانىغا بارمايتتى.ئەمما ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان مەيۈسلۈك، سولغۇنلۇقنىڭ چېكى يوق ئىدى.

ـــ يەنە تۆت سائەتتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ دائىرسىگە ئۆتىمىز...ـــ ئۇدۇلىدىلا ئولتۇرغان بىر موماي،ئون ياشلار چامىسىدىكى قىز نەۋرىسىگە شۇنداق دەپ چۈشەندۈردى،ـــ قۇمۇلغا بارغاندا داداڭنى كۆرىسەن بالام،داداڭ، ساڭا چىرايلىق ئويۇنچۇقلار بىلەن،يەيدىغان نەرسىلەرنى جىق ئېلىپ بېرىدۇ.قىزبالا بولغاندېكىن،تولا كەپسىزلىك قىلماي،يېنىمدا جىم تۇر ھە،بولمىسا،يامان نىيەتلىك ئادەم بىدىكلىرى سېنى تۇتىۋالىدۇ،ھېچكىمنى كۆرەلمەيسەن...

«ئادەم بىدىكلىرى»دېگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ،رىسالەتنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى-دە،ئىختىيارسىز مومايغا قارىدى.ئۇنىڭ،كىچىك قىزغا:«موماڭ راست ئېيتىدۇ،چوقۇم گەپ ئاڭلا،ئۇكام،مەندىن ئىبرەت ئال،قارا،مەنمۇ،ئانام-دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاچقا،ئادەم بىدىكلىرىگە ئالدىنىپ قالدىم.ئۈستى بېشىمنى كۆردۈڭمۇ؟ئەسلى مېنىڭ تۇرقۇم بۇنداق ئەمەستى،قار لەيلىسىدەك پاكىز قىز ئىدىم.ئانام،دادامنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھەر كەبى ئەتىۋار ئىدىم،ئەمما ھازىر نېمە بولدۇم؟بىر يۈك،بىر ئەخلەت...بۇنىڭ ھەممىسى،گەپ ئاڭلىمىغانلىقىم،ئۆزۈمنى چاغلىماي،چوڭ سۆزلىگەنلىكىمنىڭ جاجىسى»دېگۈسى بار ئىدى.بىراق،بالىنىڭ،ئۆزىگە قاراۋاتقان سەبى كۆزلىرىدىكى چەكسىز ۋەھىمىنى كۆرۈپ،تېزلا نىيتىدىن ياندى.بەلكى،بۇ بالا،ئۇنى،نېرۋىسىدىن كەتكەن «ساراڭ»دەپ،شۈبھىلىنىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.ئۇ،كۆزىنى يەنە دېرىزە سىرتىغا تىكتى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقى،«ساراڭ»دىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى.كىيىملىرى مەينەت،يۇيۇلمىغىلى ئۇزۇن بولغان،كەڭ كوفتىسىنىڭ تۈگمىلىرى چۈشۈپ قالغان، قورسىقىدىكى سەككىز ئايغا توشقان ھامىلىنى ئارانلا كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاسما ئىشتىنىنىڭ يانچۇقلىرى يىرتىق بولۇپ،پاخپايغان چاچلىرى،زىيادە سولغۇن،ئورۇقلۇقتىن،مەڭىز سۆڭەكلىرى بۈرتۈپ چىققان قوشۇقتەك كىچىك يۈزلىرىنى،يۈزىدىكى قاپقارا داغلارنى توسۇۋالغان ئىدى.ئۇ،بۇ تۇرقىنى،پويىزغا چىقىۋاتقاندا بىر قېتىم كۆرگەن بولغاچقا،نومۇس قىلاتتى،ئەمما ئۆزىگە كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈك بولۇپ يۈكلەنگەن،ئازاب ھەسرەتتىن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ ھېچقانداق يولىنى بىلمىگىنىگە ئوخشاش،نومۇسلۇق بۇ تۇرقىنى ئوڭشىۋېلىشقىمۇ چارىسىز ئىدى.

رىسالەتنىڭ،بۇ قەدەر يالغۇز،ھېلىلا تۆكۈلۈپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ۋەيرانە تۇرقىغا ئېچىنغان،شۇ تۇرقىدىن گۇمانلىنىپ،ئاللىقانداق قىياسلاردا بولغان سەپەرداشلار خېلى بار ئىدى.ھەتتا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ يەۋاتقان ھور نانلىرىدىن، قاچىسىدىكى تامىقىدىن تەڭلىگەنلەرمۇ بولدى.ئەمما رىسالەتنىڭ بۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يۇمشاق سۆزلىرىگە، خەيرىخاھلىقىغا كۈلۈپ قارىغۇدەك، رەھمەت دېگۈدەكمۇ ھەپسىلىسى يوق،گويا گاس،گويا گاچىدەك،ھېچنېمىگە دېققىتىنى بەرمەيتتى.كۆزلىرىدە نە ئۇيقۇ، نە بىر ھاياجانلىق تۇيغۇ يوق. خۇددى بۇ كۆزلەر قېتىپ كەتكەندەك، قاراش، كۆرۈش، پىكىر قىلىشتىن قالغاندەك ئىدى.يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان، پۇت-قوللىرىنىڭ ماغدۇرى كەتكەن ئىدى، ئاغزى قاچانلا قارىسا ئاچچىق ئىدى. مەيدىسىگە بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك،سەل مىدىرلىسىلا ئارامسىزلىناتتى... شۇ ھالدا كەچ كىردى.

__ جا يۈ گۇئەنگە كەلدۇق،__ دېدى ئالدى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر ئەركىشى،يېنىدا ئولتۇرغان سوزۇنچاق يۈزلۈك ئايالغا چۈشەندۈرۈپ،__ بۇ جايلار قۇمۇل ۋىلايىتىگە قارايدۇ،قۇمۇل شىنجاڭدىكى قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى...

__ قاراڭە،سىرتتا يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ!__ دېدى يەنە بىرەيلەن خوشال بولۇپ.

پويىز،سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ،جىئا يۈ گۇئەن ئىستانسىدا توختىدى.يامغۇر يېغىۋاتاتتى.بوش كوچىلىرىدا يېنىقلىق تۇرغان چىراغلارنىڭ ئەتراپىدا،يېغىۋاتقان يامغۇر سەۋەبلىك ھەر خىل نۇر چەمبىرەكلىرى ھاسىل بولغانىدى. شىرىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر سۈيى كوچا يوللىرىنى، بىنالارنىڭ ئۆگزىلىرىنى  جىمغىنا يۇياتتى.ئەمما رىسالەتنىڭ  نەزىرىدە،بۇ كوچا خۇددى تۇمان ئىچىدە قالغاندەك خىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى.

«قۇمۇل»نىڭ ئېتىنى ئاڭلىغان رىسالەت،ئىختىيارسىز،قورسىقىنى سىيلاپ قويدى.شۇ كۈنلەردە،تىنىمسىز مىدىرلاپ،رىسالەتنىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىپلا تۇرىدىغان ھامىلىمۇ،نېمىشقىكىن ئىككى كۈندىن بۇيان تىمتاسلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ زادىلا مىدىرلىمىغىنىغا قاراپ رىسالەت ھامىلىنى ئۆلۈپ قالغانمىدۇ يە؟ دەپ ئويلىدى.ئەگەر شۇنداقلا بولسا بۇمۇ ئوبدان بولغىنى.ئۇ،دادىسىنىڭ كىملىكىمۇ نائېنىق، بۇ بوۋاقنىڭ مەڭگۈ مۇشۇ ھالدا تۇنجۇقۇپ،ئۆلۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلدى.

شۇ چاغدا،ھېلىقى موماينىڭ نەۋرىسى،«دۇنيادا ھەممىدىن ئانام ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدى.قىزچاقنىڭ چۈچۈك تىللىرىدىن سۆيۈنگەن مومايمۇ،كىچىك بالىلاردەك،چاۋاكلىرى بىلەن نەۋرىسىنى ئىلھاملاندۇراتتى.

__ قالتىس ئېيتتىڭ بالام،نېمە دېگەن ئەقىللىق سەن!__ دەيتتى ئۇ.

 رىسالەت،قىزچاققا قارىدى.نېمە دېگەن غەمسىز بالا-ھە! ئۇمۇ بىر چاغلاردا مانا مۇشۇ قىزدەك،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالقىنىدىكى ئەتىۋارلىق گۆھەر ئەمەسمىدى؟سۈزۈك ئېقىن بولۇپ ئاقمىغانمىدى؟قاچاندىن باشلاپ،بۇ سۈزۈك ئېقىنغا،يارلا غۇلاپ چۈشۈپ،ئۇ،قارا پاتقاققا ئايلىنىپ قالدى؟قانداقلارچە مۆكۈپ يۈرىدىغان كۈلرەڭ چاشقانغا ئايلىنىپ قالدى؟ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش تولدى.

ئېھ، ھاياتقا، تۇرمۇشقا، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد، قىزغىنلىق تولۇپ تاشقان ئاشۇ چاغلار نەقەدەر گۈزەل!؟ ئىنسان نېمىشقا مەلۇم ۋاقىتلاردىكى ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەلۇم بىر ۋاقىتتىكى بەختنى زاپاس ساقلاپ قويالمايدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەخت ۋە بەختسىزلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يول شۇنچە چەكسىز، شۇنچە ئۇزاق، تېگى شۇنچە چوڭقۇر؟ ئەگەر بۇ ئارىلىق بولمىغاندا، بەختسىزلىك ھېس قىلغان ئىنسان بىر قەدەم بىلەنلا بەختنىڭ قوينىغا كىرىۋالماسمىدى؟...

2


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

ئىنسان كەچمىشى ئالدىن پۈتۈلىدۇ،دېيىلىدىكەن.بۇ گەپكە ئىشىنىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا،ئىشەنمەيدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ.ئەمما شۇنىڭغا تەن بەرمەي بولمايدۇكى،ھاياتىڭدا يۈز بەرگەن مەلۇم ئىشلار،ياكى مەلۇم قارارلار،سېنىڭ ھاياتلىق چاقىڭنىڭ ھېچ كۈتمىگەن بىر تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگرشىگە ئاچقۇچلۇق سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بۇ خۇددى رىسالەتنىڭ تۆمۈر تايدىن، ئۆزىنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدىن پۈتۈن ئائىلىسىگە كەلگەن بىر كېسەل بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىغا بېرىۋېتىلگىنىگىلا  ئوخشايدۇ.ناۋادا،تەقدىر رىسالەتنىڭ ھايات يولىنى،باشقىلارنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدا ياشاش ئارقىلىق باشقا كېچىككە باشلىغان بولسا،ئۇ شۇ تاپتا بۇ ئەبگا پويىزدا ئەمەس، ئاكىلىرى ئۆمەر، رەشىد، ئىبراھىملارنىڭ يېنىدا،ھەشەمەتلىك ئايروپىلانلارنىڭ ئېسىلزادىلەر ئولتۇرالايدىغان بۆلۈمچىلىرىدە ئولتۇرغان بولاتتى.ھېچ بولمىغاندا،ئانىسى ھەسەلخېنىمدەك پەزىلەتلىك بىر ئايال بولۇپ،ئېرىنىڭ ئىللىق ئۆيىدە،بىر توپ ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىدا يۈرگەن بولار ئىدى... لېكىن ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا تەلەيسىز ئىكەن.شۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئىككى قوللاپ، ھەتتا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ بالا قىلىۋېلىشقا بېرىۋەتتى ئەمەسمۇ؟...

ئەجىبا،بەختسىزلىك،ئاشۇ چاغدىن باشلاندىمۇ؟رىسالەت،بۇنىڭغا كېسىپ بىرنېمە دېيەلمەيدۇ.چۈنكى،ئۇنى باققان قاسىماخۇن بىلەن ھەنىپە خانىم،زامانغا باقمايدىغان ھەم ياشلارغىمۇ ياقمايدىغان جاھىل تەبىئەتلىك ئادەملەردىن بولغىنى بىلەن،ئۇنى،ھەممىدىن چارە كۆرۈپ، يىمىگەنى يىگۈزۈپ،كىيمىگەننى كىيگۈزۈپ،بېشىدا كۆتۈرۈپ،پەپىلەپ يۈرۈپ چوڭ قىلدى.پەقەت،ئۇلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغىنى،رىسالەتنى بالدۇر مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى. ئەگەر قانۇننىڭ كۈچى بولمىغان بولسا، قاسىماخۇن ھەتتا رىسالەتنى مەكتەپتە پەقەتلا  ئوقۇتمىغان بولاتتى.قاسىماخۇننىڭ نەزىرىدىكى «ئاتىكاچا» خانىم پات پاتلا ئۇلارنىڭ ھويلىسىدا پەيدا بولاتتى:

__ كىچىككىنە بالىنى ئۆيدە تۇتىۋېلىپ،زادى نېمە ئىش قىلماقچى سىلەر ھە؟بۇ قىز سىلەرنىڭ ھايات ۋاختىڭلاردا،مۇرادىغا يەتكۈدەك،بىر ئوقۇۋالسا،كېيىن ھېچكىشىگە ئېغىرى چۈشمەيدىغان بالا بولاتتى ئەمەسمۇ،سىلەرنىمۇ يەرگە قاراتمايتتى،ھاردۇقۇڭلارنى چىقىراتتى،بالا ئوقۇتالمىغۇدەك،ئۇنچە كەمبەغەل ئادەملەرمۇ ئەمەسكەنسىلەر بولمىسا؟نېمىشقا شۇنداق جاھىللىق قىلىدىغانلىقىڭلارنى ھېچ بىلمىدىم.ئەجىبا،سىلەر يەنە شۇ كونا زاماندا،كونا ئىدىيىدە تۇرۋاتامسىلەر؟كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار جۇمۇ!ھازىر بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمىگەنلەرگە ئېغىر چارە كۆرۈلىدۇ!...__ دەپ چېچىلاتتى ئۇ. 

دېمىسىمۇ باللىرىنى ئوقۇتماي ئۆيدە ئولتۇرغۇزىۋالغانلارغا قانوندا قاتتىق تەدبىر قوللىناتتى،ئامالسىز قالغان قاسىماخۇن رىسالەتنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە،خۇددى بوينىنى باغلىغاندەكلا ئاپىرىپ بەردى.لېكىن قىزى مەكتەپتىن يانغاندا  بايرام، تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەندە، ئۇنى سەيپۇڭلۇققا ھۈنەرگە  ئاپىرىپ بەردى.


 ئۇستامنىڭ تىل دەشنام،تايىقى يامان ئايال  ئىدى.شۇ سەۋەبتىن ئانىسىغا: «ئۇ يەرگە ئەمدى بارمايمەن» دەپ زار-زار يىغلايتتى، ئەمما ئانىسىمۇ بۇ جەھەتلەردە ئېرىگە ئوخشاش: «ئۇستا زالىم بولسا،شاگىرت ئالىم بولىدۇ»دەپ قارايدىغان بولغاچقا،رىسالەتنىڭ ھېچ بىر گېپىگە قۇلاق سالمايتتى.

بۇ خىل تۇرمۇش تاكى قىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە داۋاملاشتى.بارا بارا رىسالەت دادىسىنىڭ گېپى بويىچە تەرسالىشىپ كەتتى.كېسىمچىلىك،تىككۈچىلىك قىلىش، ئۇنىڭدا شۇنداق بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتىكى، ئۇنىڭ ھەتتا بۇ ئۆيدىن، دادىسىدىن، ئانىسىدىن پۈتۈنلەي رايى ياندى. ئۆزىنىڭ بۇلارغا ئۆز ئەمەسلىكىنى، ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ شىمالدىن كېلىدىغان نۇرانە چىراي تۆرە باقى بىلەن ھەسەلخېنىم ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ھەر قېتىم دادىسىنىڭ: «بۇ قىزنىڭ ھۈنەر ئۆگۈنىدىغان ئالتۇندەك ۋاختى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ-دە،ئېسىت...نېمىلا بولمىسۇن،ئوقۇشى تۈگەيدىغانغا ئاز قالدى،شۇ چاغدا...» دېگىنىنى ئاڭلىغاندا،بۇنىسى ئاز كەلگەندەك،ئىككى ئائىلىنىڭ،«قۇدا»بولۇشماقچى بولىۋاتقىنىنى بىلگىنىدە، ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دەيتتى.

ئۇ،ئۇستامنىڭ كىچىك،ماشىنچى ئوغلىغا بەكلا ئۆچ ئىدى. ئۇنىڭ قىز بالىدەك ئاۋاق، ۋىجىك تۇرقىدىن، يېنىك، ئۇششاق دەسسەپ مېڭىشلىرىدىن،گەپ قىلغاندا ئاۋازىنىڭ قىز بالىلاردىنمۇ نازۇك، ئىنچىكە چىقىدىغانلىقىدىن، كىيىملىرىنىڭ ھەر قاچان پاك-پاكىز، رەتلىك، قېتىپ تۇرىدىغانلىقىدىن،نازۇك قوللىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ،خەقنىڭ بوي بەستىنى ئۆلچەشلىرىدىن  بىزار ھەم كۆزىگە سىغدۇرالمايتتى.شۇڭا ئۇ بالىغا«خېنىم تاجەك» دەپ لەقەم قويدى.كۆرسىلا گەپتە چاقاتتى.ئەسلا ياراتمايتتى.ئۆزىنىڭ،ئاشۇ «خېنىم تاجەك»نىڭ،خوتۇنى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېسىگە كەچسە،ئەتلىرى تىكەنلىشىپ،شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا،ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالغۇسى كېلەتتى.شۇنداقمۇ قىلدى، دادىسى،رىسالەتنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىغا قوشۇلمىغاندا بىر قېتىم قېچىپ كەتتى. ئەمما قاسىماخۇن ئۇنى يېرىم يولدىلا تۇتۇۋېلىپ،قايتۇرۇپ كەلدى.شۇ سەۋەبتىن،ھارغۇچە تايىقىنى يەۋالغان بولسىمۇ،ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە قايتا دەسسىمىدى.

كېيىن ئانىسى،رىسالەتنى ئالداپ يۈرۈپ،ئازراق ۋاقىت ئۆتسە،سىزگە،تەييار كىيىم كېچەك ساتىدىغان دۇكان ئېچىپ بېرىمىز،دەپ كۆڭلىنى كۆتۈردى.باشتا،رىسالەتمۇ،ئۆزىنىڭ ئاكىلىرىغا ئوخشاش،تىجارەتنىڭ يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ،بىر مەزگىل رايىشلىق بىلەن،ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ يۈردى. كىچىك دۇكاننى ئەنە ئېچىپ بېرەر، مانا ئېچىپ بېرەر بىلەن يىگىرمە ياشقا كىرىپ قالدى. ساۋاقداشلىرىدىن نۇرغۇنلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى.ئەمما ئۇ بولسا كۈنبويى،تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن،مەنىسىز كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەتتى.شۇنداق كۈنلەردە،«خېنىم تاجەك»نىڭ ئەلچىلىرى،قىز سوراپ،رەسمى  يۇسۇندا بۇسۇغا ئاتلىدى.رىسالەت،بۇ تويغا جان جەھلى بىلەن قارشى چىقتى.ئەمما،ئۇنىڭ بىلەن قەستەن قېرىشىۋاتقاندەك،دادىسى،«خېنىم تاجىخان»غا شۇ قەدەر ئامراق ئىدىكى،شۇنداق بىر ئوغۇل بالىنىڭ،رىسالەتتەك بەڭباش قىزنى،ئالاي،دېگىنىنى،بۇ ئائىلىگە كەلگەن تەلەي،بەخت دەپ قارايتتى.

__ ھەي بەغەرەز،__ دەيتتى دادا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ،__ ئانىسى بولسا، ساڭا ھۈنەر ئۆگەتكەن،ئۇستاز،ئاتىسى،بۇ يۇرتتىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق كىشى.قوللىگىدە بار،قولىنى نەگە سوزسا شۇ يەرگە يېتىدۇ.ئوغلىغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ.شۇنچىلىك ئەدەبلىك ۋە قولى چېۋەر!سەندەك،باشباشتاقنى ئالاي دېگىنى،تەلىيىڭ!يەنە ياق،دەپ باقە قېنى!تىلىڭنى كېسىۋالىمەن!

__ مانا كېسىڭ،كېسىۋېلىڭ!گاچا بولۇپ كەتسەممۇ،شۇ «تاجىخان»غا تەگكەندىن ئەۋزەل!

__ جېنىم بالام،سىز تېخى ياش،بېشىمىزدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغوقلار ئۆتتى،قېرىپ قالدۇق،دادىڭىز ئىككىمىزمۇ بىلىپ شۇنداق دەيمىز.ماقۇل،دەپ،مۇشۇ ئۆمۈرلۈك ئىشتا بولسىمۇ،رايىمىزغا باقسىڭىز نېمە بولىدۇ؟

 ئانىسى،زار زار يىغلاپ تۇرۇپ،رىسالەتكە يالۋۇراتتى.لېكىن رىسالەت،ئېرەي،دېمەيتتى.ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ،نېمە دەپ،ئۆزىنى،بۇلاردەك مۇتەئەسسىپ،زامانغا باقمايدىغان ئاەدەملەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرگەنلىكىدىن نەپرىتى قوزغىلاتتى.«ئەلۋەتتە،مەنمۇ ئاشۇ ئۆيدە چوڭ بولغان بولسام، رەشىد ئاكامدىن ئايرىلمىغان، تەڭ ئوقۇپ، تەڭ سودىغا كىرىشكەن بولاتتىم...» ئۇ شۇنداق ئويلىغانسېرى يېزىدىن، ئۆزىنى ئۆستۈرگەن ئاتا- ئانىسىدىن بىزارلىق ھېس قىلاتتى.قوسىقىغا كىرىپ چىقسا،ئۇلارنى ياراتمايتتى.ھەتتا «خېنىم تاجەك»تىن بۆلەك ئوغۇللارغىمۇ قارايدىغان كۆزى يوق،ھاكاۋۇر ئىدى.«ھامان بۇ يەردىن كېتىمەن، ئۆز ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا ياشايمەن، ئاكىلىرىمدەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان يىگىتلەرگە تېگىپ، ئۆمرۈمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن»دەيدىغان،بىر ئارزۇ،بىر ئىشەنچتە يۈرەتتى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەنە بىر يىلنى ئۆتكۈزدى. تۇرمۇشتىن زادىلا كۆڭلى سۇ ئىچمىگەچكە، «دۇكان ئېچىپ بەرمىدىڭ» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم،تۆمۈر تايقا قېچىپ كەتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەردە بىر كېچىمۇ قونالماي تۆرە باقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، رەشىد،ئۇنى يەنە بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن،رىسالەتنىڭ،ئۆز ئاتا- ئانام بولغاندېكىن،ئەمدى بولسىمۇ،مېنى باغرىغا ئالار، دېگەن ئۈمىدى نە-نەلەرگە ئۇچۇپ كەتتى.ھەتتا ئۆز ئانىسى جېنىدا،ئېرىدىن قورقۇپ،ئۇنى يېنىدا بىر ئاخشاممۇ قوندۇرالمىدى.شۇ چاغدا،رىسالەت، يول بويى ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ كۆرگەن «كۈلپەت»لىرىنى سۆزلەپ، پەقەت رەشىد ئاكىسىنىڭلا ھېسداشلىقىنى قوزغىيالىدى، ئەمما رەشىدمۇ،مەيدە كېرىپ،سىڭلىسىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئورۇنلاپ بېرەلمىدى.

                                

        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0