大数跨境

جۇدالىق سىرى (رومان ) 31ـ قىسىم

جۇدالىق سىرى (رومان ) 31ـ قىسىم aybarawazi
2022-10-18
5
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر !  تۆۋەندە  يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە  پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 32 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ 

    

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30











 ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم 

ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ،  رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ  كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە  ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت . 





 (  جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 


جۇدالىق سىرى


(رومان)


31-قىسىم


ئۇنىڭ ئۈچىنچى قېتىممۇ،يەنە قېچىپ كېتىپ،«يۈز سىيرىۋېتىشى»دىن ئەنسىرىگەن قاسىماخۇن،«خېنىم تاجەك»نىڭ داستىخېنىنى رەسمى قۇبۇل قىلدى.رىسالەتنىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي،ئۇلاپ چوڭ چايمۇ ئىچىلدى. رىسالەت نەپرەتلىنىدىغان«خېنىم تاجىخان»، شۇ كۈنلەردە،ئايرىم دۇكان ئېچىپ،يېزا بازىرىدا سەيپۇڭلۇق قىلاتتى.ئۇمۇ چوڭ بولغان،بالىلىق چاغلىرىدىكىدىن كۆپ ئۆزگەرگەن بولسىمۇ،تەن ساپاسى، يۈرۈش-تۇرۇشى ھېچقانداق ئەركەكلەرگە ئوخشىمايتتى.ئۇنىڭدا يا دادىسىغا ئوخشاش سالاپەت، تەمكىنلىك، تولغان قەددى-قامەت، يا ئانىسىغا ئوخشايدىغان تۈرگۈنلۈك يوق ئىدى. ئۇنىڭ بويىمۇ، چىراي- تۇرقىمۇ، قول-پۇتلىرىمۇ ئۇزۇن ھەم ئاق بولۇپ، يۈرۈش-تۇرۇشى سىپايە، ئاۋازى يېقىملىق، ئەمما ھېسسىياتتا كەمبەغەل ئىدى.قاراشلىرى، بوۋايلاردەك كىيىنىشلىرى، قائىدە-يۇسۇندىن چىقماي،ئەدەبلىك گەپ قىلىشلىرى، قىسقىسى ئۇنىڭدىكى پۈتۈن ئالامەتلەردىن،رىسالەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان ھېچقانداق ئالامەتلەر يوق ئىدى... 

رىسالەت،بۇ توينى چىش-تىرنىقىچە ئۆچلۈك بىلەنمۇ توسۇيالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئاشۇنداق بىر ئىنجىمارۇققا خوتۇن بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن توي بولىدۇ، دېگەن كۈندە،تۇيۇقسىز،ئاق ئۈژمىدىن يىقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلىۋالدى-دە،توي كېچىكتى.ئەمما ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى،قوۋۇرغۇسى سۇنۇپ،سۇنۇق ئۈچ يىلدىمۇ،تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەچكە،قۇدا تەرەپ ئوغلىنى ئۆيلەشكە ئالدىراپ كەتكەن بولغاچقا تويدىن ئۆزىلا ياندى. شۇنداق قىلىپ رىسالەتمۇ «ئۇھ» دېگەن بولدى...

3

ئارىدىن يەنە ئىككى يىلچە ۋاقىت ئۆتتى.شۇنداق قىلىپ، رىسالەتنىڭ يېشى مەھەللىدىكى ئەر ئالمىغان خېلى-خېلى قېرى قىزلارنىڭمۇ نېرىسىگە ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن،قاسىماخۇن ئەر-ئايال رىسالەتنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن ھەتتا ئۇخلىيالماس دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. قېرى ئەر-ئاياللار بىر-بىرى بىلەن ھەتتا رىسالەت ئۈچۈن قاتتىق سوقۇشۇپمۇ كېتەتتى:

ـــ قىز بالىنى ئانىسى تەربىيەلەيدۇ دەيدىغان، سەن قانداق قىز تەربىيەلەيسەنكىن؟ خەقنىڭ قوتۇر بېسىپ كەتكەن نى-نى قىزلىرىمۇ بىر ئوبدان يەرگە ئەرگە تېگىپ،نەچچە بالىغا ئانا بولدى،بىراق سېنىڭ قىزىڭچۇ؟ ئەر دېسىلا تۆت پۇتى ئۆرە قالىدۇ،بۇنىڭ ئەركەك جىنى بارمۇ يە،سوراپمۇ بىلمەيسەن...ئېسىت، بۇ قىزنى بېقىپ،ياخشىلىق تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن،قائىدىسىنى ۋاقتىدا  قىلالماي ئېغىر نومۇستا قالدىم!كىشىگە قارىغۇدەك يۈزۈممۇ قالمىدى!

ـــ  ھەر قانچە بولسىمۇ،مېنى يايراپ كەتتى دېمەيدىغانلا؟قىز،سىلىنىڭ جەمەتنى دوراپتۇ،ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ماڭا نېمە ئامال؟ بۇ قىزغا تەربىيە قىلىپ،كالپۇكۇمنىڭ ئون قات تېرىسى تۆكۈلۈپ بولدى.بىرەر يىگىتنىڭ پېشىنى تۇتقىن، دەپ تولا يىغلاپ، كۆزلىرىمنىڭ گۆھىرىمۇ ئېقىپ بولغىلى تۇردى...بۇنىڭدىن باشقا،مەن نېمە قىلىپ بەرسەم،سىلى رازى بولىلا؟قانداشلىق دېگەن زادى يامان نېمىكەن،دېققەت قىلسام،ئۆز ئەينى ئانىسىنى دوراپتۇ.كىچىك تۇرۇپ نېمە دېگەن ھالى چوڭ بۇنىڭ؟قوسىقىغا كىرىپ چىقسام،بۇ ئەتراپتا،ئۇنىڭغا يارايدىغان بىر ئوغۇل بالا يوقكەن... ھە دېسە رەشىد ئاكام، ئۆمەر ئاكام دەپ ئاغزىنى يالاق قىلىدۇ... ئۇلار كەل دېسىلا بىزنىڭ شۇنچە يىل بېقىپ چوڭ قىلغىنىمىزنى بىر تىيىنگە ئالغۇسىز قىلىپ، ئۇ ياققا قېچىپ كەتكۈسى بار بۇنىڭ،قاراپ تۇرۇڭ،كۆرگۈلىكىمىز ئالدىمىزدا تېخى...

ـــ ھەي، شۇنىمۇ گېپىم بار دەپ قىلىۋاتامسەن ھە؟ئۇكام،سەن تۇغماسقا،بالا بېرىپ،يامان قىپتۇ-دە!تېخى،ھەسەلخاننى چىشلەپ تارتىسەن!ھەسەلخان ئومىچىڭنى ئۆرۈۋەتتىمۇ؟بىر تال قىزىنى بەردى،چىش يېرىپ،بىر قېتىم،بالامنى ئەكىتىمەن،دېمىدى.بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى دەپ،قاچانلا قارىسا،ئىتتىرىپ بەرگىنى،بەرگەن!بۇنىڭدىن باشقا،قانداق قىلىپ بەرسە،بولىدۇ؟ئويلاپ گەپ قىل،گەپ ئۇلاردا ئەمەس، سەندەك ئەقىلسىز ئانىدا!ئېگىدىغان چاغدا ئېگەلمىدىڭ،ھە دېسە،رايىغا بېرىپ،ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ئاغزىمنى غېرىچلاپ، ئۇنى مۇشۇنداق  غەرەز ئۇقمايدىغان قىلىپ،چوڭ قىلغان سەن بەغەرەز ئەمەسمۇ؟!

ـــ مەنما؟ بىر ئوبدان ئوقۇۋاتقان بالىنى ھۈنەر ئۈگەنسۇن،مەكتەپتە قىزبالىغا نېمە بار؟پالانىنىڭ قىزىغا ئوخشاش كوچىغا قويىۋەتسەم بولمايدۇ،ئەخلاقلىق قىلىدىغان كىشىيەي، دەپ،بىر ئوبدان ئوقۇۋاتقان بالىنى، مەكتەپتىن چىقىرىۋالدىلا، مانا ئەمدى نېمە بولدى؟ ئۇ ھۈنەر ئۆگۈنىدىغان بالىمىكەن؟... ھەممە ئىشچۇ، كىچىكىدىنلا بىلىنىدۇ، بۇ قىز كىچىكىدىن تارتىپل شوخ، جاھىل ئىدى... ئەمما سىلى رايىغا باقمىدىلا،تېخى ھە دېسە، پالانىنىڭ قىزى چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ،بىر يېرى كالىنىڭ بىرنېمىسىدەك،بوپكەتسىمۇ ئەر ئالمىدىيەي،پوكۇنچىنىڭ قىزى بۇلۇڭ-پۇشقاقتا ئوغۇللار بىلەن تارتىشىپ قاپتۇيەي... دەپ خەقنىڭ قىز بالىلىرى بىلەنلا قالىتىلە، مانا ئەمدى بەلەن بولدىمۇ؟پىشانىمىزگە ئۈندى!ئۆتنە جاھان بۇ... شۇ چاغدا خەقنىڭ قىزىغا بوش ئات قويغۇلۇقتى...

ــ ئاغزىڭنى يۇم! ھۇ پوق يەيدىغان دەللە!...

ــ ....

ئەر-ئايالنىڭ بۇنداق سوقۇشىشى رىسالەتنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى،شۇنداقلا، رىسالەتكە ئەلچى كەلمىگەنسېرى كۆپىيىپ كەتتى. ئەمما رىسالەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى.ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ،ئۇنى،ھە دېمەيلا،قولىنىڭ كەينىدە،بۇ ياقتىكىلەرگە ئىتتىرىپ بېرىشى،ئۆزى ئۇچرىغان تىل ھاقارەت،يېزىدىكى تاجى بەگكە ئوخشايدىغان،ئىلمان يىگىتلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە يەنە نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ كەينىدىن ھېرىپ قالماي،گەپ تېپىپ يۈرىدىغان خوشنىلارغا بولغان غەزەب نەپرەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قۇشۇلۇپ،رىسالەتنىڭ  كۆڭلىنى بىراقلا قاتتىق ئاغرىتقان چاغدا،ئۇ ھەتتا ئۆزىنى بۇ ئائىلىدە ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالدى.بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن،قاسىماخۇن بىلەن ھەنىپە بايىقىدەك سوقۇشىۋاتقان چاغدا،ئۇ:«بۇ ئۆيدىن يىراق يىراقلارغا كەتسەم،مەڭگۈ قايتىپ كەلمىسەم بولغۇدەك»،دېدى.بۇ گەپنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق ئويدا بولۇپ باقمىغان ئىدى.ئەمما تۇيۇقسىز بۇنداق ئېھتىماللىقنى،ئېتىراپ قىلغاندا،بۇ ئىش خۇددى ئۇنىڭغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان قاراردەك بىلىنىپ كەتتى.ئۇ،ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق قارارغا كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خوش بولدى.«قېنى،قېنى ۋاختى كەلسۇن...»... دەپ پىچىرلىدى ئۇ، ھەم شۇنداق بىر كۈننىڭ، ئاكىلىرىغا ئوخشاش چوڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىتنىڭ،تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتشكە باشلىدى...

شۇنداق كۈنلەردە: «مەھەللىنىڭ توك يوللىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىكەن، يەر ئاستىدىن ئۇلايدىكەن» دېگەن خەۋەر بىلەن تەڭلا بىر توپ ناتونۇش كىشىلەر رىسالەتنىڭ مەھەللىسىدە پەيدا بولۇپ قالدى. كىيىملىرىنىڭ رەڭگىمۇ، پاسونىمۇ ئوخشىمايدىغان بۇ بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا ياش بىر يىگىت ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. يىگىتنىڭ جىسمىدا،ھېچنېمە بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان قاراملىق ۋە جەسۇرلۇق بار ئىدى.ئۇ، ئوتتۇز ياشلارغا كىرىپ قالغان،ھەر قانداق ئادەم ئۆرۈلۈپ قارىغۇدەك، ئامراقلىقى كەلگۈدەك كېلىشكەن يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ يانچۇقلۇق ئىشتان-چاپىنى، ئويناق كۆزلىرى، ساپسېرىق بۈدرە چاچلىرى يېزىلىقلارغا كىنولاردا رول ئالىدىغان ئارتىستلارنىلا ئەسلىتەتتى.

يىگىتنىڭ ئىسمى سەردار ئىدى.گەرچە تۇرقىدىن،شەھەرلىكلەرگە خاس،مەدەنىيلىك چىقىپ تۇرسىمۇ،بۇ يېزىدىكى ئاددى تۇرمۇشقا خۇددى بېلىق سۇغا كىرگەندەكلا ماسلىشىپ كەتتى.ئۇنىڭ بىمالال ھەركەتلىرى،ئويلىماستىنلا دەپ سالىدىغان قىزىق پاراڭلىرىدىن باشقا تۇغما بولغان سېھرى كۈچى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش كېلىش قىلغان ياشلارنىڭ قايىللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.سىرتتىن كەلگەن مېھماننى باشقىچە ئەتىۋارلاپ كېتىدىغان ساددا يېزىلىقلار، ئادىتى بويىچە،سەمى قاتارلىق  توكچىلارنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىپ تۇراتتى.سەردارنىڭ قىزىقارلىق،جانلىق گەپلىرى،غارايىپ ھېكايىلىرىگە ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلىشەتتى.

رىسالەت سەردارنى بىرىنچى قېتىم ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ساتىدىغان بوتكىسىدا كۆردى. بۇ بوتكىنى ئۇ دادىسى بىلەن تولا سوقۇشۇپ، ئانىسىنى ئارىغا سېلىپ مىڭ تەسلىكتە ئاچقان ئىدى. دادىسىچە بولسا، قىز بالىنىڭ دۇكان ئېچىپ، سودا قىلىشى ئائىلە قائىدىسىگە ئەسلا ماس كەلمەيتتى. ئەمما رىسالەت بىر نەچچە قېتىم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەچكە، قاسىماخۇنمۇ ئامالسىز قېلىپ، رىسالەتنىڭ رايىغا بارغان ئىدى.

سەردار دۇكانغا كىرگەندە،رىسالەت،بىر ياش ئايال بىلەن ئەركىن بىمالال ھالدا شۇنداق سىپايە ھالەتتە پاراڭ سېلىپ ئولتۇراتتى.تۇرۇپ تۇرۇپ،جاراڭلىق ئاۋازدا كۈلەتتى.سۈتتەك ئاق ئاسما چىراغ ئاستىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئەينەك ئىچىگە كىرىپ قالغان،ئەتتىرگۈلدەك، كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى.ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن پىشىپ يىتىلگەنلىكى،خانىشلاردەك سالاپىتى تۈكۈلۈپ تۇراتتى.سەردارغا،ئۇ شۇ قەدەر يارقىن تۇيۇلدىكى،ناۋادا،ئۇ،چوڭ شەھەرلەردە،پەيدا بولسا،قانچىلىك ئەرلەر،كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپ قالار؟دەپ ئويلىدى.

ــ چاقماق ئالاي،دېگەن...بارمۇ؟ــ دېدى ئۇ،رىسالەت بىكار بولغاندا ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ.

ــ بار،بىر يۈئەن...ــ رىسالەت جاۋاب بەردى.ئۇمۇ،ھېچقاچان يولۇقتۇرۇپ باقمىغان بۇ ناتۇنۇش يىگىتنىڭ كىملىكىنى ئىچىدە قىياس قىلىپ ئاۋارە ئىدى.چاندۇرمىغىنى بىلەن، يىگىتنىڭ يۇچۇن قىلىقلىرىغا، قاملاشقان بەستىگە،قوڭۇر رەڭ بۈدرە چاچلىرىغا نەزىرىنى سالاتتى.بۇنداق قاراشلارغا ئەزەلدىن سەزگۈر،سەردار،بايىقى ياش ئايال چىقىپ كەتكەندە،بىردىنلا يۈرەكلەندى.

ــ بۇ سىزنىڭ دۇكىنىڭىزما؟ـــ دېدى ئۇ قىزنى ئەتەي گەپكە سېلىپ.

ــ ھەئە.

ــ ئېرىڭىز،كۆرۈنمەيدىغۇ؟...ــ بۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن سورالغان سۇئال بولغاچقا،جاۋابىنىڭ،«بار»بولۇپ قېلىشىدىن ۋايىم يېگەن،سەردار،قىزنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ قارىدى.

ــ مەن تېخى توي قىلمىدىم...ــ رىسالەت،شۇنداق دەپ،ھەييارلىق بىلەن مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.ئۇنىڭ بوستان چاچلىرى ئىچىدە يالىلداپ تۇرغان بىر جۈپ ئەتىرگۈل نۇسخىلىق ئالتۇن ھالقىسى كىچىككىنە قۇلاقلىرىنىمۇ جىلۋىگەر كۆرسىتەتتى.

ــ ئۇھ...نېمانداق ياخشى!ــ سەردار شۇنداق دەپ،چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېدى،رىسالەت قوڭغۇراقتەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن،پىخىلداپ كۈلۈپ تاشلىدى.

ــ ياخشى؟نېمىسى ياخشى بولسۇن؟بۇ گەپنى دادام ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا،سىزنى ھازىرلا قوغلاپ چىقىرىدۇ جۇمۇ!ھا ھا ھا...ــ دېدى ئۇ كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرالماي. 

__ ۋاي نېمىشقا قوغلىغۇدەك دادىڭىز؟مەن يا خاتا گەپ قىلمىسام؟

__ سىزغۇ خاتا گەپ قىلمىدىڭىز،شۇغىنىسى،دادام بۇنداق قارىمايدۇ-دە!ئۇ ھازىر،مېنى توي قىلغىلى ئۇنمىدى،دەپ،ھەر كۈنى دېگۈدەك،بىچارە ئانام بىلەن سوقۇشىدۇ

__ نەگە توي قىلغۇدەكسىز؟مۇشۇ يېزىغىما؟دادىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭ جۇمۇ،سىز بۇ سەھراغا ياراشمايسىز!


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ



__ نېمە دەيسىز؟

__ بۇ سەھراغا توي قىلماڭ،قىلسىڭىز،چوڭ شەھەرگە توي قىلىپ بېرىڭ،بۇ يەرگە  ئارتۇق كېتىپسىز،دەۋاتىمەن شۇ!

__ ۋاي ئانامەي،ماڭا شۇنداق گەپنى قىلغان ئادەمنىڭ تۇنجىسى سىز جۇمۇ؟ھا ھا ھا...

ــ شۇنداقمۇ؟راست گەپ قىلسام بايا،ئېرىڭىز بارمۇ دەپ سوراپ بولۇپ،ماۋۇ يېرىمدىكى (ئۇ قولى بىلەن يۈرىكىنى كۆرسەتتى)بىر ئەزا،دۈپ دۈپ دۈپ قىلىپ سوقۇپ كەتتى!

__ ۋاي،نېمانداق قىزىق سىز!نېمىشقا ئۇنداق سېلىپ كېتىدىكەن ئۇ يەرلەر؟

__ مەنمۇ توي قىلمىغان تۇرسام،سېلىپ كېتىدىكەن شۇ... يامىنى يوقتۇ؟

__ يامىنى بولسا،بولمىسا مېنىڭ نېمە ئىشىم؟قىزىق بالىكەنسىز!

__ ئوغۇل بالا دېگەن،تەپسە تەۋرىمەس گۆمۈش بولغۇچە،مەندەك قىزىق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ؟

__ شۇنداق ، شۇنداق ،دېمىسىمۇ سىزگە گەپ كەتمەيدىكەن!

ئۇلار شۇ تەرىقىدە،بىردەم كۈلۈشمەك قىلىشتى.نېمىشقىكىن،بۇ ناتۇنۇش يىگىت،رىسالەتكە خۇددى ئۇزۇندىن بۇيان تونۇشىدىغان قەدىناسلاردەكلا تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى.سەردارنىڭ جەلبكار كۆزلىرىمۇ، قىزنىڭ قاپقارا شەھلا كۆزلىرى ئىچىدە ئوينايتتى. ــ سىز توك تارتىدىغانلار بىلەن بىللە ئوخشىمامسىز؟__ دېدى رىسالەت.

ــ ھەئە، قانداق بىلىۋالدىڭىز؟

ــ بىزنىڭ يۇرتلاردا سىزگە ئوخشاش سەكسەن خالتىسى بار ئىشتان-چاپان كىيىدىغان ئادەم يوق تېخى، يەنە كېلىپ چاچلىرىڭىزنىڭ رەڭگىچۇ! خۇددى ياۋرۇپالىقلارغا ئوخشاشلا...

ــ ھا... ھا... ھا... سىز مەندىن ئۆتە قىزىق گەپ قىلدىڭىزغۇ؟

ــ ...

رىسالەت،ئىچ ئىچىدىن كۈلدى.ئۇنىڭ بۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈپ باقمىغىنىغا بەكمۇ ئۇزاق بولغانىدى.ھېلىمۇ ياخشى،بۈگۈن دادىسى يوق،بولمىسا،بۇنچىلىك خوشاللىق نەدە ئۇنىڭغا؟ھەي...بۇ يىگىت دېمىسىمۇ ئەجەپ يۇمۇرلۇق ئىكەن،گەپلىرىمۇ جايىدا...دەپ ئويلىدى قىز.يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىنى،خۇددى ئويغاتقۇچى، مەنىلىك، تولىمۇ كۈچلۈك بىر چېقىن چېقىپ ئۆتكەندەك بولدى...

ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ تۇردى.ناۋادا،شۇ چاغدا،رىسالەتنىڭ گەپ تاپقاق قوشنىسى سالىخان ئاچا،دۇكانغا كىرىپ قالمىغاندا ئىدى،سەردار،شۇنداقلا چىقىپ كەتمەيتتى. سەردار چىقىپ كەتتى.ئەسلى ئۇنىڭ چىقىپ كەتكۈسى يوق،ئەمما رىسالەتنىڭ،چىقىپ كېتىڭ،دېگەن ئىشارىتى بىلەن شۇنداق قىلغانىدى.

شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە،سەردار،يەنە دۇكانغا كەلدى.بۇ نۆۋەت شېكەر ئالدى.بىراق بۇ چاغدا،دۇكاندا رىسالەتتىن باشقا قاسىماخۇنمۇ بولغاچقا،ئۇ،بوۋاينىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدىن قورقۇپ،قىزغا قاراپ بىر ئېغىز ئارتۇق گەپمۇ قىلالمىدى. ئەتىسى ئۇ يەنە تاماكا دەپ كىردى. قاسىماخۇن «بۇ دۇكاندا ئۇنداق ئادەمگە زىيانلىق نەرسىنى ساتمايمىز»، دەپ خۇددى ئۆچى بار كىشىگە قارىغاندەك سەردارغا ئالايدى. شۇنداق بولسىمۇ،سەردارغا باھانە دېگەن چىقىپ تۇردى.رىسالەت يالغۇز بولسا،يايراپ كېتەتتى-دە،رىسالەتنىمۇ،ئۆزىنىمۇ خوش قىلىۋېتىپ يېنىپ چىقاتتى.يەنە بەزىدە،رىسالەتنى يالغۇز كۆرەلمەي ياكى پەقەتلا ئۇچرىتالماي،بىر ھازا  تۇرۇپ كېتەتتى.قاسىماخۇندىن قورقۇپ،قىزىنى تېخى سورىيالمايتتى،ياكى چاقىرتىپ چىقالمايتتى ...

توك يولىنى ئۆزگەرتىش ۋە توك سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇش نۆۋىتى قاسىماخۇننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، بۇ ئىش تەبىئىيلا سەردارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمەلىيەتتە،سەردار ئاتايىتەن تەلەپ قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ توك ئىشلىرىنى ئۆزى ئوڭچە ئېلىۋالغان ئىدى. بۇنداق «توغرا كېلىپ قېلىش»تىن قالتىس خۇشال بولۇپ كەتكەن رىسالەتنىڭ،ھاياجانلىق كەيپىياتىنى،قاسىماخۇن جېنىدا سېزىپ قالدى.شۇڭا ئۇ بىر شۇملۇقنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئايالىنى ھويلىدىن نېرىغا ماڭدۇرماي،مەخسۇس رىسالەتكە قارىتىپ قويدى. ئەمما ھەنىپەنىڭ مەھەللىدە قىلىپ تۈگىتەلمەيدىغان ئىشلىرى كۆپ ئىدى. ھېلى ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئۆلۈم سەۋەبلىك پەتىلىمىسە بولمايتتى، ھېلى  تۇغقانلارنىڭ ئىچىدە توي-تۆكۈن، بدردى-كەلدىلەر  بولۇپلا تۇراتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قاسىماخۇن ئېيتقاندەك قىزى رىسالەتنى يىگىرمە تۆت سائەت نازارەت قىلىپ كېتەلىشى تامامەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بۈگۈنمۇ،ئانا،ئۆيدە بولالمىدى.بىر نەۋرە سىڭلىسى،قىزىنىڭ چوڭ داستىخېنىنى ئالىدىكەن.ھەنىپە،بۇ ئىشقا بارمىسا سەت بولىدۇ.قېرىشقاندەك،قاسىماخۇن ناھىيەگە بىر ئىش ئۈچۈن  كېتىپ قالغان،ئىككى كۈندىن بۇيان شۇ يەردە ئىدى.شۇنداق قىلىپ،رىسالەت بىلەن سەردار ھويلىدا يالغۇز قالدى.بۇنداق خالىي قېلىشتىن رىسالەتمۇ، سەردارمۇ خۇشال ئىدى.شۇنچە چوڭ ھويلىدا يالغۇز قالغىنى،تولۇق مۇقىملاشقاندىن كېيىن،سەردار ھەييارلىق بىلەن رىسالەت تاماق قىلىۋاتقان ئاشخانا ئۆيگە كىردى. ئۇنى كۆرۈپ رىسالەت ۋىللىدە قىزاردى.

ــ ئانىڭىز، دادىڭىز ئاخىرى بىزنى يالغۇز قويدى ھە...ئۇھ، نېمە دېگەن ئازابلىق كۈتۈش بۇ؟ئۇلار سىزنى ئەجەپمۇ باقىدىكىنا؟قول قويدۇم..ــ سەردارنىڭ ھەييارلىق بىلەن ئېيتقان گەپ-سۆزلىرى خۇددى ئۇزۇن يىل مەشۇقى بىلەن دىدارلىشالمىغان ئاشىقنىڭ سۆزلىرىدەك،شۇنداق ھېسسىياتلىق ھەم شۇنداق تەبىئىي ئىدى. رىسالەت كۈلدى.سەردارنى كۆرسىلا،كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالمايتتى.

ــ راستلا ھە؟مۇشۇنداق بېقىۋېرىپمۇ، ھېرىپ قالمايدىكەنغۇ تاڭ ...ــ دېدى ئۇ قىسقىلا.

ــ شۇنى دەيمىنا؟راست گەپ قىلسام قاراڭ،سىز بىلەن يالغۇز كۆرۈشۈش،ھېچ بولمىغاندا، سىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈنلا، گۇرۇپپا باشلىقىغا،يالۋۇرۇپ يۈرۈپ،بۇ ئۆيگە ئاران كىرىۋالدىم...ئەمما  بۇ سىزنىڭ دادىڭىز بىلەن ئانىڭىز،مېنى خۇددى قاراقچىنى كۆرگەندەك كۆرۈپ،سىزدىن شۇنچىلىك قىزغاندېكى،ۋاي ۋۇي...ھەيران قالدىم.لېكىن مەنمۇ بوش كەلمەيمەن-دە،بىر كۈندە تۈگەيدىغان ئىشنى، قەستەن كەينىگە سوزۇپ،ئىككى كۈندىمۇ تۈگەتمەي،ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سوزدۇم...

ــ ۋىيەي،نېمىشقا شۇنداق قىلىسىز؟...

ــ نېمىشقا دېگەنمۇ گەپمۇ؟... رىسالەت، بىلسىڭىز، سىزنى بىرىنچى قېتىم دۇكىنىڭىزدا كۆرۈپلا سىزگە ئاشىق بولدۇم...

ــ ساراڭ...ــ رىسالەت شەلپەردەك قىزىرىپ، نازۇك قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى كىشى ھەيران قالغۇدەك ساپ ۋە بالىلاردەك مەسۇم ئىدى.بۇنىڭ بىلەن سەردارنىڭ تەشنالىقى قۇتراپ،ئۆزىگە كەينىنى قىلىپ تۇرغان،قىزنىڭ نازۇك بەللىرىدىن قاپيۈرەكلىك بىلەن قۇچاقلىۋالدى.

ــ ۋاي نېمىش قىلۋاتىسىز؟دەرھال،قويۇپ بېرىڭ... بىرسى كۆرۈپ قالىدۇ...ــ قارشىلىق كۆرسەتتى رىسالەت،ئۇنىڭ ئاۋازى ھېسسىياتلىق تىترەيتتى.

ــ چىدىمىسام... قانداق قىلىمەن؟ــ سەردار پىچىرىدى،قويۇپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۇنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلىدى.رىسالەتنىڭ ھەر بىر ئىنكاسى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم، بىر ئوغۇلنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. بۇ خىل تۇيغۇغۇ سەردارنى،تېخىمۇ قۇترىتىپ، قىزغا بولغان ھەۋىسى، ئىنتىلىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. 

ــ ئاۋۋال قويۇۋېتىڭ...ــ رىسالەت نومۇس ھەم شېرىنلىك ئىچىدە تىپچەكلەيتتى،ـــ دادام كىرىپلا قالسا، تۈگەشكىنىم شۇ...

رىسالەت شۇنداق دېگىنى بىلەن،سەردارنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان بىر غەلىتە پۇراق، بىر كۈچلۈك ھېسسىيات ئىچىدە،ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغانىدى.ئەمىليەتتە،سەردار،دۇكانغا كىرىپ،چاق چاق قىلىپ قايتقان ئاشۇ كۈندىن ئېتىبارەن،سەردار ئۇنىڭ قەلب قەسىرىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايتتى.ئۇنىڭچە،سەردار ھەقىقىي ئەركەك ئىدى.ھېچنېمىدىن تارتىنمايدىغان،ھازىرقىدەك،قوپال، قارام  ھەرىكەتلىرى، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ،سۆيۈشلىرىلا،رىسالەتنى چەكسىز مەپتۇن قىلاتتى.

ــ مەن سىزگە مۇھتاج... سىزگە مەڭگۈ ئاشىق...بۈگۈندىن ئېتىبارەن،ھەر كۈنى بېغىڭىزنىڭ كەينىدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ،تۈۋىدە سىزنى ساقلايمەن،سىزنى كۈتىمەن. چىقمىسىڭىز شۇ يەر ئەمدى مېنىڭ ياتار يېرىم بولىدۇ،تاكى سىزنى ئۆزۈمگە تەۋە قىلمىغۇچە بۇ يەردىن كەتمەيمەن،قاراپ تۇرۇڭ،سىزنى ئالىمەن،سىزنى بۇ چەت يېزىدىن شەھەرگە-سىزگە ھەقىقى تەۋە بولغان،مۇشۇ ئايدەك جامالىڭىزغا يارىشىدىغان بىر گۈزەل شەھەرگە ئېلىپ كېتىمەن...ـــ سەردار خۇدىنى يوقاتقان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ قەدەر شېرىن پىچىرلاشلىرى، ئوتلۇق ۋەدىلىرى ۋە سېھىرلىك ئاۋازى،ھەرقانداق قىزنى ئەل قىلماي قالمايتتى.



        داۋامى  بار .......


 ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319







سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k