
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ، بۇ روماننى شىنجاڭ ئايبەر خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ، ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن گۈل قەلەم سالۇندا تارقتىدۇ ، ئايبەر ئاۋازى سالۇندا ئۇلاپ تەكرار تارقىتىلىدۇ ، بۇ روماننى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ گۈل قەلەم سالۇننى قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ ، ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى ،
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەتلىكىنى ئالدىن ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى مانا بۇ تىرناق ئىچىدە
ساننى بېسىپ كىرىپ ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
8 |
9 |
| 10 |
|||
جۇدالىق سىرى
(رومان)
ئاپتۇرى:نۇرگۈل ئەبەي
ئېلاخۇن قويچى ئوتتۇرا بوي،سۆڭەكلىرى چوڭ،ئاق يۈزلۈك،يۈزىنى قورۇق باسقان،پارلاپ تۇرغان كۈكۈمتال كۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ئاپپاق قاشلىرى ساڭگىلاپ چۈشكەن،يېشى يەتمىشتىكى تېمەن كىشى ئىدى.ئۆمرى ئىچىدە ئايالىنىڭ تۇغماسلىقى سەۋەبىدىن پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ۋە شۇنىڭغا قارىماي،بىر ئۆمۈر دۇرۇست ۋە مەردانە ياشاپ تېگىشلىك ئابرۇي تاپقان ئىدى.ئەمما ئۇ،ئۆزۈمچىل بولغىنى،شۇنداقلا نادان كىشىلەر ئويدۇرۇپ ياكى ئىشىنىپ يۈرىدىغان چەك باسماس گەپ سۆزلەر،خۇراپى قاراشلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى ياخشى كۆرىدىغالاردىن بەكرەك يامان كۆرىدىغانلار ،مەسىلەن،مەھەللە كاتتىللىرى،شۇنداقلا شۇ كاتتىلارنىڭ ئەتراپىدىن كەتمەيدىغان كۆتۈرمىچى،تەخسىكەشلەر كۆپ ئىدى.« بۇنداق ئادەمدىن يىراق تۇرۇش، ئېلىم بېرىم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇراتتى.شۇنىسى ئېنىقكى،ئېلاخۇن قويچىنىڭ بۇنداقلار بىلەن پەرۋايى پەلەك، خۇددى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك،دەيدىغىنىنى دەپ،قىلىدىغىنىنى ئوخشاش قىلىپ يۈرىۋېرەتتى.
كېيىن ئۇ بۇنداق مۇناسىۋەتتىنمۇ زېرىكتى.تايىنلىق،مەھەللىنىڭ ئىچىدىكى يەر،ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ،كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن چەت،ئۇششاق بالىلارنى گوللايدىغان نۇرغۇن جىن ئالۋاستىلارنىڭ «ماكانى»بولغان چىغلىققا كېلىپ ماكانلاشتى،شۇ يەرلەردە خوتۇنى بىلەن قايتا يەر ئېچىپ،مال ئۇلاق باققاچ،چىغلار زىچچىدە ئۆسكەن يايلاققا قارايتتى ۋە شۇ سەۋەبتىن ھەر ئايدا كۆپ بولمىسىمۇ مۇقىم مائاش ئالاتتى.
ئۇنىڭ ئايالى مەرەم ئانا،ئېرىنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ كەمسۆز بولۇپ،مەھەللە ئىچىدىكى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىملەرگە كەمدىن-كەم باراتتى.كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قارىشى،كەينىدىن قانداق غەيۋەتلەرنى قىلىشىغا،ئېرىدەكلا پەرۋاسىز ئىدى.ئېرىگە ھەمدەم بولۇپ يايلاقنى جان تىكىپ قوغدايتتى.قالايمىقان مال چارۋىلارنى كىرگۈزمەيتتى.سازلىقلار،يۇمران چىملار،چىغلار،دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق بولىدىغان ھەرقانداق ھەركەتلەرگە قارشى تۇراتتى.مانا بۇ تەرپىمۇ،مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنى يامان كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى ئىدى.
بارلىق مەھەللىداشلىرىنىڭ ئەكسىچە،سادىق،ئېلاخۇن قويچىنى مۇكەممەل ئادەملەرنىڭ ئۈلگۈسى دەپ ھېساپلايتتى.ئۇلارغۇ جىق مۇناسىۋەت قىلمىغان،پەقەت تاغدا قوي باققانلىرىدا،بىرنەچچە قېتىم ئەسرالىشىپ قالغانىدى.دېمىسىمۇ،ئېلاخۇن قويچىدا بولغان ھەممىگە پەرۋاسىز يۈزلىنەلەيدىغان خىسلەت دەل ئۇنىڭدا يوق ئىدى ۋە بۇ خىسلەتلەرنى ئىرادە كۈچى دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلەش ناھايىتى مۇۋاپىق ئىدى.ئۇ ئېلاخۇن قويچىنىڭ ھەرقانداق كىشىگە گەپنى ئۇدۇل ۋە تۈز ئېيتالايدىغان قابىليىتىگە،پەۋقۇلاددە خاتىرە كۈچىگە،كەڭ قورساق ۋە ئاق كۆڭۈللىكىگە ھەمىشە قايىل ئىدى.
مانا بۈگۈنمۇ،يېلىڭ كىيىملىرى بىلەن توڭلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن سادىقنى،كاللىسىدىن بەكرەك ،ئايىقى ئەقىللىق كېلىپ، ئېلاخۇن قويچىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەنىدى.ئەمما ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا، بىر بوۋاق بىلەن توڭۇپ- تىترەپ ھويلىدا پەيدا بولۇشى،ئېلاخۇن قويچىغا تولىمۇ غەلىتە بىلىندى.ئۇ بوغۇۋاتقان سۈپۈرگە قوناقنى جايىغا تاشلاپ،ئورنىدىن تۇردى-دە،سادىقنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئەمما تولىمۇ ھەيران قالغانلىقى ئۈچۈن،ئۆزىگە سالام قىلىۋاتقان سادىقنىڭ سالىمىنىمۇ تۈزۈكرەك ئىلىك ئالمىدى.
ـــ بۇ سوغوقتا نېمە خوتۇنكىشىدەك بالا كۆتۈرىۋالدىڭ؟ـــ ئېلاخۇن قويچىنىڭ توروڭ-توروڭ گەپلىرى سادىقنىڭ يۈرىكىگە ئىللىق بىر سېزىمنى باشلىدى.چۈنكى ئۇ ئېلاخۇن قويچىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىقتىن باشقا،كۈچلۈكلەرنىڭ،ئاجىزلارغا قارتا قوزغىلىدىغان چەكسىز ئىچ ئاغرىقىنى سېزىۋالغانىدى.
__ شۇ...شۇنداقلا...__ دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
ـــ نېمە دەيسەن؟ھېچ بىر گېپىڭنى ئۇقالمىدىمغۇ؟بۇ بالا بىلەن نەگە ماڭغانتىڭ؟
ـــ ھېچيەرگە... شۇ بەك توڭلاپ كېتىپ،ئوتسىنايلى دەپ...ـــ شۇ چاغدا بالا يەنە يىغلاشقا باشلىدى،ئەمما ھالسىزلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئاۋازى ياڭراق ئەمەس،بەلكى زەئىپلىكتىن ھېلىلا ئۇجۇقۇپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
ـــ قۇچىقىڭدىكى كىمنىڭ بالىسى ،دەۋاتىمەن؟
ـــ شۇ...مەنمۇ ئۇقمايمەن،قادىركامنىڭ بېغىغا تاشلاپ قويۇپتىكەن... ماڭا ئۇچرىدى ...
ـــ ماڭا ئۇچرىدى،دەپ،ساراڭمۇ نېمە بۇ؟...ھەي سەن قايسى ھالىڭغا بالا باقالايتىڭ؟ ئۇنىڭدىن مەھەللىدىكى بالىسى يوقلارغا بېرىۋەتسەڭ بولماسمىدى؟...
ـــ شۇنداق قىلايغۇ دېگەن،ئەمما ھېچكىم ئالمىدى... باقمايدىكەن، ــ سادىقنىڭ رىزۋانىخانىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى تەكرارلىغۇسى كەلمىدى.
ـــ قارا ماۋۇنى، بىچارە بوۋاقنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويايلا دەپتۇ، ئەكىلە ھەي بالىنى!... ھەي موماي، قېنى سەن؟ نەگە كەتتى بۇ قېرى!
ئېلاخۇن قويچىنىڭ قوپاللىقتىن باشقىسى ياراشمايدىغان چىرايىدا ناھايىتى ساددا بىر خوشاللىق ئەكس ئەتتى.
ـــ ھە مانا مەن،نېمە بولدى؟...ــ ئىشىكتىن ئېرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كىرىپ كەلگەن مەرەم ئانا بوۋىيىنىڭ قۇچىقىدا ئىڭراپ دېگۈدەك تۇرغان بوۋاققا، ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولغاندەك تەلمۈرۈپ تۇرغان سادىققا قاراپ دەمال نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرپ قالدى.
ـــ قېتىپ تۇرما ھەي خوتۇن، بۇ بالا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالايلا دەپتۇ، دەرھال ئۆچكىنى ساغقىنا، بالىغا ئىسسىق سۈت بېرەيلى!
ـــ ماقۇل، مانا ھازىرلا... ئۆچكىمۇ باغلاقتا، يەشكۈدەك بولمىغان تېخى...
مەرەم ئانا ھايال قالمايلا ئىسسىق سۈت ئېلىپ كىردى، ئۈچەيلەن بوۋاقنىڭ سۈتنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىشىگە قاراپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى.
ـــ ۋاي-ۋۇي، بىچارە بالا...ئۇنى، سوغوقتىن، ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قاپسەن!...ــ مەرەم ئانا تاپا قىلغاچ بوۋاقنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن زاكىسىنى يېشىپ، ئىشتانلىرىنى سالدۇرىۋېتىپ، ھەم مۇزلاپ كەتكەن پاختىلىق كۆرپىسىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن مەشكە يېقىن يايدى.ئاندىن بوۋاقنى بىر ئەپچىل ھەركەتلىرى بىلەن كونا پاختىلىق چاپاننىڭ ئىچىگە يۆگىدى .
ـــ شۇنى دېمەمسەن؟ شۇنچە جىق ئاياللار تۇرۇپ بىرىنىڭ بېقىۋالمىغىنىنى كۆرمەمدىغان؟ ھەي... ئادىمىيلىك،ئادىمىيلىك دەپ تازا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ-يۇ،بىر بوۋاققا ئادىمىيلىك قىلىشالمايدۇ!...ـــ ئېلاخۇن قويچى،توغرا تامغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاچچىق تاماكا ئوراپ چەكتى، جىممىدە چاي ئىچىپ ئولتۇرغان سادىققا نەچچە قارىۋېتىپ، ئاخىرى ئىچىدىكىى ئېيتتى:
ـــ ھە سادىقباي، بۇ بالىنى مەھەللىدىن ئەچىقىپ نەگە ئاپارماقچى ئىدىڭ؟ يېلىڭ چاپىنىڭغا ئوراپ ماڭغىنىڭغا قارىغاندا، تايىنلىق توڭلاپ ئۆلسۇنلا دەپ ئويلاپتىكەنسەن ھە؟
ـــ ياقەي... مەن شۇ... ئۆزۈممۇ تۇيمايلا بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ بۇ يەرگە كېلىپ قاپتىمەن...ـــ دېدى سادىق ساددا ھىجىيىپ،___ شۇنداق... كۆڭلۈم سىلەرنى تارتقاندەك بولدى، بالىنىڭ رىزقى بۇ يەردىكەنتۇقمۇ دەيمەن... ئەتىگە يەنە بىر گەپ بولار...ــ سادىق ئېلاخۇن قويچىغا ئىشەنچ قىلىپ كۆڭلىنى خېلىلا توختىتىۋالدى.بوۋاق ئەمدى تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.
ـــ ئەتە؟... ئەتە بالىنى يەنە يالاڭ ئەتلىرىڭگە تېڭىپ رىزقى ئىزدەپ يۈرمەكچىمىدىڭ؟ بۇ قانداق گەپ؟ مېنىڭچە سەن بۇ بالىنى باقالايدىغان بىرسىگە بېرىۋەت، سېنىڭ بالا باقالىغۇدەك نېمەڭ بار ئۆزى؟ـــ ئېلاخۇن قويچىنىڭ سۆز ئاھاڭىدا ئاچچىق تەنىدىن بۆلەك بىر ئۆتۈنۈشمۇ پۇراپ تۇراتتى.
ـــ شۇنداق قىلايغۇ دېگەن، بۇ بالىنى قولۇمغا ئالغاندىمۇ ھېچقاچان ئۆزۈم باقىمەن دېمىگەنتىم، ئەمما ھېچقانداق ئادەم باقىمەن دېمىدى... تېخى نارسىدە بالىغا نەدىكى قاملاشمىغان گەپلەرنى ئارتىپ...
ـــ قانداق گەپلەركەن ئۇ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
سادىق مەھەللىدە ھوقۇشنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى،ئېتىزدا بولۇنغان گەپ سۆزلەرنى،ئاندىن،مۇشۇ بوۋاقنى بېقىۋالغان باشقا مەھەللىلىك ئادەملەرگە يەتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى،ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى... ئېلاخۇن قويچى ئەر-ئايالغا تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
ـــ پوقنىڭ ئىسسىقىنى يېسۇن ئۇلار!... بىر بالىنىڭ قىساسىغا قېلىشتىن قورقماي،بۇ دۆتلەرنىڭ ھۇقۇشنىڭ زۇۋانىدىن قورقۇپ كەتكىنىنى!__ دېدى مەرەم ئانا ئاۋال سۆز ئېلىپ.
__ ئۆز ئۆزىنى مۇشۇنداق خۇراپاتلىقلار بىلەن قورقۇتۇپ، ئولتۇرۇشتىن باشقا نېمىنى بىلىدۇ بۇ خەق؟قاچانلا قارىسا،مۇشۇنداق چاك باسماس،پەلەمپەتىش گەپلەرنى تېپىشىپلا تۇرغان....ھەي ،بۇ بوۋاقنىڭ،خەققە نەسلىك ئەكەلگەن ئاشۇ بوۋاقنىڭ نەق ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىنى كىم بىلىپتۇ؟شۇنداق ئىش ،راست بولدىمۇ،بولمىدىمۇ،كىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى؟مۇشۇنداق قىپقىزىل ساراڭنىڭ گېپىنى،ئىشىنى قىلىدىغان بولغاچقا،ئاشۇ خەق بىلەن شۇڭا زادى ئېقىم كېلىشمەيدۇ،ئەمەسمۇ!
ئېلاخۇن قويچى شۇ تەرزدە بىردەم قاينىغان بولدى.مەرەم ئانىمۇ ھە ھۇ دېيىشكەچ،بىر تۈرلۈك مېھىر مۇھەببىتى بىلەن ئىسسىق ئورۇندا ئۇخلاپ ياتقان بوۋاقنى باشقىدىن قولىغا ئېلىۋالدى.
ـــ ئەكىلە بالىنى،__ دېدى ئېلاخۇن قويچى قولىدىكى تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ،__ئۇنىمۇ دەيمىز،بۇنىمۇ دەيمىز،ئىشقىلىپ قوڭىغا ئۇرۇپلا تېپىۋالغان بۇنداق گەپلەرگە بىز ئىشەنمەيمىز،شۇنداقمۇ بالام ھە؟نېمە دېگەن چىرايلىق بالا !... بۇ دېگەن سەۋەب ۋە نەتىجىنىڭ ئالىمى. ھە،سەنمۇ ئىشەندىڭمۇ سادىقباي؟ئىشەنگەن بولساڭ،بۇ شۇم بالىنى قورقماي،ئەجەب كۆتۈرۈپ يۈرۈپسىنا؟گېپىڭگە قارىسام يەنە تېخى داۋاملىق كۆتۈرۈپ يۈرمەكچى ئىكەنسەن؟ مېنىڭ بۇ چىغلىقلىرىمنى قۇرۇپ كەتسۇن دەپ،قادىرۋاينىڭ قار خوتۇنى،سېنى بوۋاق بىلەن قوشۇپ ماڭا ئەۋەتمىگەندۇ ھە سادىقۋاي؟ـــ ئېلاخۇن قويچى ھۇزۇرلىنىپ كۈلدى.
__ ۋاي ياقەي...شۇ شۇ ساراڭدەك گەپ قىلىشىپ...__ سادىق شۇنداق دەپ گەدىنىنى تاتلىدى.مەرەم ئانا گەپ ئارىلىدى:
ـــ ساراڭ بولدىڭلىمۇ؟ بىر چىرايلىق بالىغا،سىلىمۇ بىرقىسما گەپ ئارتقىلى تۇردىلىغۇ ئەمدى؟ ،قاملاشمىغان!
ـــ ۋاي،مەن چاقچاق قىلدىم ھەي ساراڭ خوتۇن...
ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىردەم چاق چاقلاشتى.كېيىن ئېلاخۇن قويچى،چىرايلىق پۇشۇلداپ ياتقان بوۋاققا تىكىلىپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى-دە، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى دېدى:
ـــ ماڭا قارا سادىقجان،قارىسام،سېنىڭ بۇ بالىنى ئاپارغۇدەك بىر يېرىڭمۇ يوقكەن ،يا ئۆيۈڭ،يا بالا باقالايدىغان خوتۇنۇڭ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟ناۋادا،بىزدىن خاتىرجەم بولساڭ ،بوۋاق بۇ ئۆيدە قالسۇن،مانا مەن باقاي.يەيدىغان رىزقى بولسا ، مەن چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشارمەن. لېكىن،كۆرىۋاتىسەن، مەنمۇ، ماۋۇ خوتۇنمۇ قېرىپ قالدۇق. ئەجەل كېلىپ ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئىككىمىز ئۆلۈپ كەتسەك، ياش بولغاندېكىن،شۇ چاغدا سەن قاراپ تۇرماسسەن... بولامدۇ ؟
ـــ مەندە چاتاق يوق ئېلاخۇنكا،ئىشقىلىپ، بۇ بالىنى دەسلەپ،ئۆزۈم قولۇمغا ئالغاچقا شۇنداقمۇ،تۇيمايلا قالدىم،باشقىچىلا بىر مېھرىم چۈشتى. لېكىن سىز دېگەندەك مەن بىر مۇساپىر. يا ئۆيۈم يا خوتۇن-بالىلىرىم يوق...ھازىرچە باقالمايمەن، ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە،مېنىڭمۇ بىر ئۆيۈم بولسا ،چوقۇم قاراپ تۇرمايمەن.ھېچ بولمىسا،بۇ بالىنى بىرسىگە «تاك» قىلىپ چەكتۈرمەي،جېنىمنى تىكىپ قويۇپ قوغدايمەن!...__ دېدى سادىق روھلىنىپ.
ـــ ماقۇل،ماقۇل...
تاڭ ئاتتى.ئەمما ھاۋانىڭ پەيلى يەنە شۇنداق يامان،بەدرەڭ بۇلۇتلار ئاسمان يۈزىنى پۈتۈنلەي توراپ ئالغانىدى.شۇنداق بولغىنىغا قارىماي،ئېلاخۇن قويچى تولىمۇ روھلۇق ئويغاندى.مەرەم ئانىنىڭ كۆزلىرى كېچىچە بوۋاققا قاراش بىلەن،سەل قىزىرىپ قالغان بولسىمۇ،ئانىنىڭ كەيپى چاغ،روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.
ـــ بۈگۈن،ماۋۇ ھاۋانىڭ تەرى سەت بولسىمۇ،بىزگە بىر ياخشى كۈن بولغۇسى،خوتۇن،__ دېدى ئېلاخۇن قويچى ناشتا ۋاختىدا،__سەن،چۈشكە ئۈلگۈرتۈپ ئوخشىتىپ بىر پولو قىلغىن. سادىقمۇ ئېغىز تېگىپ،قويىنىڭ يېنىغا ماڭسۇن.مەن بۈگۈن بۇ بالامغا كېرەكلىك نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ كېلەي.قارىسام،بۇ بىچارە بالىغا سوسكا بەكرەك لازىمدەك تۇرىدۇ، يەنە رەخت-پاختا دېگەندەك... كىيىم تىكەرسەن تېخى! قوللىرىڭ گۈل سېنىڭ؟..
__ دېمىسىمۇ شۇنداق قىلايلى،يۆگەك تىكىشىم كېرەك،ئىشتان پايپاق،يۈرەك كەنجە دېگەندەك نەرسىلەرمۇ بار،يەنە...
مەرەم ئانا بۇيرۇتمىلارنى بۇيرىغاچ،تۈگۈنچەكلىرى بار،بوخچىغا قاراپ ماڭدى.قىسقىسى،قېرى ئەر خوتۇن،ھەقىقەتەن خۇشاللىققا چۆمگەن ۋە شۇ قىلىقلىرى بىلەن خۇددى قىلغىلى قىلىق تاپالمايۋاتقان كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.شۇنداق قىلىپ،ئېلاخۇن قويچى ئېتىنى توقۇپ يېزا بازىرىغا چېپىپ كەتتى. سادىق،مەرەم ئانىغا قارىشىپ بەرگەچ،ھويلىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان چىغلاردىن بىر نەچچە سۈپۈرگە ياساپ چىقتى. بوۋاينىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرۈپ ئوخشىغان پولومۇ داستىخانغا كەلتۈرۈلدى.
ـــ بوپتىمۇ؟..ــ ئېلاخۇن قويچى ئەكەلگەن نەرسە-كېرەكلەرنى بىراقلا سۇپىغا تۆكتى. سادىق،بوۋاينىڭ ئىشتا بۇ دەرىجىدە ئىنچىكە ۋە ئىدىتلىقلىقىغا ھەيران بولدى. دېمىسىمۇ،بوۋاقلارغا ئىشلىتىدىغان قۇرۇق ئىمىزەك، سۈت پاراشۇكى، رەخت، پاختا، كىيىم-كېچەك،كىچىككىنە بال قوششۇق... نىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ھەتتا قورسىقى ئاغرىپ قالسا، قىزىپ كەتسە، دەپ دوختۇرخانىدىن دورىمۇ ئالغاچ كەلگەن ئىدى.ئۇ كەلگىنىچە كېلىپ،بوۋاقنى بىر قولىغا ئېلىۋالغان بىلەن، تاماق يېيىشكىمۇ ھەپسىلى يوق، بوۋاقنى ھەر قىسما قىلىق چىقىرىپ ئەركىلىتەتتى...
ـــ بۇ بالامنىڭ ئىسمىنى سەلىمە،قويايلى،ھە سادىق، ئانامنىڭ ئىسمى سەلىمىخان ئىدى... سېنىڭغۇ باشقا پىكىرىڭ يوقتۇ،خوتۇن؟ــ دەپ سورىدى ئۇ.
ـــ يوقسۇ، مەن بۇنى ئويلاپمۇ قويماپتىمەن، شۇنداق بولسۇن!
ـــراست چىرايلىقلا ئىسىمكەن، سەلىمە... بەك يېقىشلىق...__ بۇ ئىسىم سادىققىمۇ يارىغانىدى.
ـــ ئەمىسە قىزىمنىڭ ئىسمى سەلىمە بولدى، موماي... سەلىمە! سەلىمە!...__ ئېلاخۇن قويچىنىڭ بالىنى ھېچبىر يەرگە قويغۇسى يوق ئىدى.
دەرۋەقە،ئېلاخۇن قويچىنىڭ، مەرەم ئانىنىڭ،پەرزەنتسىز ئۆتكەن ئۇزاق يىللىق زېرىكىشلىك تۇرمۇشىدا ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان بىر كۆڭۈل ئەرمىكى پەيدا بولغان ئىدى.بەلكىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى،يېڭى-يېڭى مەنالارغا تولىشى،ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئىزباسار مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادا قېلىشى مۈمكىن.ئۇلار شۇنداق ئويلايتتى.شۇنداق بۇلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى.ئەمما ئۇلاردىن ھېچكىممۇ قاش بىلەن قاپاقنىڭ ئارىسىدىلا يېقىنلاپ قالغان ئاپەتنىڭ شەپىسىنى تۇيمايتتى.
3
داۋامى بار

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319






سالون تەۋسىيەسى


گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈشەيلى




