
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! تۆۋەندە يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەي قەلمىدە پۈتكەن ( جۇدالىق سىرى ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !

بۇ ئەسەرنىڭ 44 - قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 33 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
||
ئەسەرنىڭ تولۇق قىسىمى ئايبەر ئاۋازلىق ئەپچىسىگە يوللاندى . جەمئى 54 قىسىم
ئەگەر تولۇق قىسىمنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولساڭلار ، رامكا ئىچىدىكى سۆرەتىنى بېسىپ كۆرسىتلىگەن تەرتىپ بويىچە ئايبەر ئاۋازى ئەپچىسىدىن ئاڭلىساڭلار بولدۇ ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت .
( جۇدالىق سىرى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
جۇدالىق سىرى
(رومان)
43-قىسىم
سەلىمە،غەيرىتىنى يىغىپ، ئۇنىڭ كۆكسىگە قولىنى قويدى، كۆكرەكتە يۈرەك سوقۇشى بىلىنمەيتتى. بارماقلىرىدا سېزىلگەن تىترەك ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تومۇرلىرىنىڭ سوقۇشى ئىدى. ئۇ چۆچۈپ قولىنى تارتىۋالدى.تۇغۇتنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن ياش ئانىنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئىدى. قاپقارا بوستان چاچلار شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ ھالىتىدە ئانا، بىر قاراشتا خىرامان ئۇخلاۋاتقاندەك، يەلپۈنۈپ تۇرغان تېگى ئاق،ئۇششاق گۈللۈك گىرىپ كۆڭلىكى بىلەن،بىر خىل رېتىمدا يېنىك تىنىپ ياتقاندەك كۆرۈنەتتى... ھالبۇكى، ياش ئانا ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشقان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ تېنىنىڭ بىر پارچىسى تېخىچە ھايات.
بۇ چاغدا ئاسمان چېتى ئاقىرىشقا باشلىدى، تاڭ شامىلى كېچىنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇلىقىنى يۆگەپ ئەكىتىۋاتقاندەك ئىدى. سەلىمە بوۋاقنى باغرىغا تېڭىپ، سۈتتەك ئاقىرىپ تۇرغان تۈن باغرىغا تىكىلدى. ئاي تىزما-تىزما تاغ ئۆركەشلىرى ئۈستىدە پارلاپ تۇراتتى. دۇردانە يۇلتۇزلار ئاخىرقى قېتىم جىمىرلاپ، تاڭ ئاتماقتا ئىدى... باياتىندىن بېرى جىمجىتلىق قاپلىغان تاغ ئېتەكلىرىنى قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن قۇشلار چۇرۇقلاپ سايراپ لەرزىگە سالدى. تاڭ نۇرى يېڭى بىر كۈننى، شەبنەم تامچىلىرى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرغان ساپسېرىق ياۋا گۈللەرنى، ياپيېشىل چىمەنلەرنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. بىر توپ سۇ قۇشلىرى دەريا بويىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى...
دەريا سۈيىنىڭ كۈچلۈك شاۋقۇنى سەلىمەنى سەگىتتى، قۇياشتىن نۇر ئەمگەن قىزغۇچ بۇلۇتلار ئوت كەبى ئەتراپقا يېيىلدى، سەلىمەنىڭ قەلبىنى كىچە ئۆيدىن چىققاندىكىنىڭ ئەكسىچە ھاياتقا بولغان بىر خىل يۈكسەك ھېسسىيات ئىگىلىدى.
«تۇرمۇشتا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇقەرەر بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىمىز دەپ ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ.ھايات بىر ئورۇق چېچىش پەسلى،ھوسۇل ئۇنىڭدا كۆرۈلمەيدۇ.»دەيدىغان مەرەم ئانا،راست ئەمەسمۇ؟ئىنسانلار ئەسلى ئۆلۈپ كەتمەيدىكەن! بەلكى بىر مەزگىللىك ياشاش دەۋرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، يېڭىچە بىر ئۇسۇلدا قايتا تۇغۇلىدىكەن!... ئۇشتۇمتۇت خىيالىغا كەلگەن بۇ تۇيغۇ سەلىمەنىڭ قەلبىگە ئىنسان چۈشىنىپ ھەم بىلىپ بولالمايدىغان بىر قۇدرەتلىك ھەقىقەتنى تونۇتتى....
ــ سەن ئانا بولدۇڭ!!! ــ تاشلار، تاغلار، پۈتكۈل كائىنات شۇنداق دەپ ئۇنى تەبرىكلەۋاتاتتى، ھەتتا ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا كەتكەن ئاۋۇ ئايالمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۈلۈپ بىر نېمىلەرنى دېگەندەك قىلاتتى...
غەلىتىلا بىر سېزىم سەلىمەنى قورشاۋغا ئالدى. بۇنداق سېزىم ئۇنىڭدا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان، ھەتتا دەسلىپىدە ئۇنىڭ نېمە سېزىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلىمۇ بولمىغان ئىدى. مەيىن شامالدا يەلپۈنىۋاتقان ئوت-چۆپلەر ئۇنى بىلىنەر-بىلىنمەس سىلاپ ئۆتتى. قۇياش ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا يوغىناۋاتاتتى... بالا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، ھېلىقى سېزىم بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى...ئۇ بوۋاقنى شۇ ھالدا تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى، يۈرىكى غەلىتىلا بىر خۇشاللىقتىن تېپچەكلەيتتى. يۈرىكىمۇ ھاياجاندىن تېز-تېز سوقۇۋاتاتتى. ئۇ بوۋاقتىن زادىلا كۆزىنى ئۈزەلمىدى، بوۋاقنىڭ قاپقارا چوڭ-چوڭ كۆزلىرى ئۇنڭغا تىكىلىپ: «سەن مېنىڭ ئاپاممۇ؟ سەنمۇ مېنى تاشلاپ كەتمەيدىغانسەن؟» دەۋاتقاندەك ئىدى... سەلىمە ئاجايىپ بىر ئوتلۇق ھارارەتنى سەزدى:
ــ شۇنداق، مەن سېنىڭ ئاناڭ، ئەمدى سېنى ھېچكىممۇ مېنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ، ھېچكىممۇ بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ...ـــ تەقدىر،سەلىمەنىڭ تىلىغا، دىلىغا شۇ پىكىرنى سېلىۋىدى، مېڭىسىگە تۈرلۈك-تۈمەن ئاقىلانە پىكىرلەر كېلىشكە باشلىدى. سەلىمەنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالغان بەخت تۇيغۇسى ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى ۋە قەتىئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندەك بولدى. ئۇ بوۋاققا شۇنچىلىك مېھىر بىلەن قارىدىكى، ھەتتا بوۋاقنى سوزۇلۇپ ياتقان،ئاۋۇ ئانىسى،تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىپ تارتىۋالارمۇ، دېگەن ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى.ئەمما بەختىگە يارىشا ئۇنىڭ ئەندىشىسى ھېچقانداق سىناققا دۇچ كەلمىدى...شۇنداق،ئۇنىڭ ھايات يۆلۈنىشى ئۆزگەرگەن ئىدى، ئۇنىڭ «ئانا» بولۇپ قېلىشى ھايات تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەڭ ئالىي مەرتىۋە ئىدى. بىر ئايال كىشى ئۈچۈن بەختنىڭ توي قىلىشتىن ۋە بىر ئەرگە خوتۇن بولۇشتىنمۇ باشقا شەكىللىرى بىلەنمۇ ھاياتنىڭ روھىي يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلەلەيدۇ.بۇنداق ئويلىغاندا،سەلىمەنىڭ تەسەۋۋۇرى، ئۈمىد-ئارزۇلىرى ۋە ۋۇجۇدىدا بار بولغان بارلىق سەزگۈلىرى بىراقلا لەرزىگە كەلدى.ھەئە، ئۇ ئانا بولدى!...
ئىللىق سەلكىن شامال سەلىمەنىڭ، بوۋاقنىڭ يۇمران يۈزىنى سىپايتتى. بىپايان كەڭ زېمىن مەمنۇن بولۇپ، يېنىك نەپەس ئالغاندەك بولدى.... ئەتراپتا قۇشلار چۇۋۇلداپ سايرايتتى، قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن ھەيران بولغاندەك، بوۋاقمۇ قاپقارا تىنىق كۆزلىرىنى چوڭ-چوڭ ئېچىپ ئەتراپقا ــ گۈللەر، قۇشلار، دەريالار، سەلكىن شامال كېزىپ يۈرگەن دالىلاردىن كېلىۋاتقان ئاجايىپ گۈزەل كۈيگە قۇلاق سالاتتى... ئاخىرى ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق قارا كۆزلىرى، ھەيرانلىق بىلەن سەلىمەگە تىكىلىپ قاراپ،خېلى ئۇزۇن توختاپ قالدى-دە، پىسىڭڭىدە كۈلدى....بۇنىڭ بىلەن، سەلىمەنىڭ يۈرىكى سىرلىق، ئاجايپ يېقىملىق بىر تۇيغۇدىن ۋىژژىدە قىلىپ،چۈشىنىپ يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئۈمىد ۋۇجۇدىنى تىترەتتى.بالا بەكلا كىچىك ئىدى، چاچلىرىمۇ، ھەتتا تىرناقلىرىمۇ يوق ئىدى، لېكىن بۇ كىچىككىنە نىمجان، پاختىدەك يۇمشاق نەرسىنىڭ تىپىرلاپ ئاغزىنى ئېچىپ،ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە،سەلىمەدە ئېيتقۇسىز شادلىق پەيدا بولدى...
شۇ يۇسۇندا،بۇلۇتلار يىرتىلىپ زۇمرەت ئاسمان ئوچۇق چىراي ئاچتى، قۇياش گوياكى غايەت زور ئوت شارچىسىغا ئوخشاش ئۆزىنى توسۇپ تۇرغان بارلىق كۆكۈچ بۇلۇتلارنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى، قىپقىزىل نۇرلىرىنى دەل-دەرەخلەرگە، بىپايان دالىلارغا، دەريالارغا، پۈتكۈل يەر-جاھانغا، خىرامان قاراپ ياتقان بوۋاققا، دىر-دىر تىترەپ تۇرغان سەلىمەگە ئايىماي چاچاتتى...سەلىمە ئەتراپقا قارىدى... تەبىئەت كۈلۈپ كەتكەندەك، ئاسمان-زىمىن، قۇياش، ھاۋا، ھەتتا سەلكىن شامال... نەغمىچى قۇش، كېپىنەكلەرنىڭ ھەممىسى بىردىنلا جانلىنىپ، ئۇنىڭغا:«يېڭى ھايات، يېڭى كۈن ھەم يېڭى باشلىنىش» دەپ شىۋىرلاۋاتقاندەك تۇيۇلدى.ئەمدى ئۇ ئۆلۈمنى ئويلىمايتتى،ئەكسىچە،ئۇزاق،ئۇزاق بولغان ھاياتلىق ئارزۇسىدا ياناتتى.دېمەك، بالا ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، ئۇمۇ بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى. سەلىمە ئۆزىدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر بەخت ۋە قانائەتنى،ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، كۆڭلى-كۆكسىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كېڭەيگەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئۇ ھاياجان ۋە بەخت ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان، بىردىنلا نۇرلىنىپ، چىرايلىق سۈزۈلۈپ كەتكەن ياش ئانىنىڭ يېنىغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن يۈكۈنۈپ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى:
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ــ ئېھ، سۆيۈملۈك قىز، سىزگە مىڭ رەھمەت!...ـــ دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ،ياش ئايالنىڭ ئوي قاپاقلىرى ئاستىدىكى ھىم يۇمۇلغان كۆزلىرىگە، مۇزدەك سايە تاشلاپ تۇرغان ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە، ھەرىكەتسىز زىلۋا قامىتىگە كۆز يۈگۈرتتى.ئاندىن خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن مىيىتنىڭ يۈزىنى يېپىپ قويدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇدۇللا قىشلاق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى...
سەلىمە بۇ كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىگە قارىماي، ئۆزىنى خۇددى مۇزدەك سوغوق سۇدا يۇيۇنۇپ چىققاندەك تېتىك ھېس قىلدى. ئۇ كېتىۋېتىپ ئاقىرىپ بېرىۋاتقان كەڭ زېمىنغا قارىدى، سەھەرنىڭ سوغوق ھاۋاسىدىن بەكرەك بوۋاقنىڭ پۇشۇلداپ تىنىشلىرى ئۇنى باشقىچىلا سەگىتىۋەتكەن ئىدى.راستلا،ئۇنىڭ بۇ ھاياتلىقتا ئەمدى مەقسىتى بار بولدى، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ھبىر ئىش قىلىشى،ئۆزى ۋە قىزىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۇنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماسلىقى كېرەك.
سەلىمەنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك-تۈمەن خىياللار قۇيۇندەك ئەگىپ، بىر-بىرىدىن دادىل، بىر- بىرىدىن مەردانە پىكىرلەر ئېسىگە كېلىشكە باشلىدى... ئۇ ئىشەنچكە، قەتئىيەتكە تولغان ھالدا، ئىختىيارسىز بوۋاقنىڭ پېشانىسىدىن سۆيدى. ئەمدى ئۇ ھەر قانداق ئۈمدسىزلىكنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن قورقمايتتى. بالىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ئۇنىڭغا سولماس كۈچ بەخش ئەتمەكتە ئىدى.ئۇ،تاكى شۇ چاققىچە،مەرەم ئانىنىڭ مۇھەببىتىدىن بۆلەك، مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باقمىغان، ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆمۈلۈپ قالغان، بارلىق كىشىلەر، ئەل- مەھەللە ئىچىدە بولۇشىچە خورلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا شۇ تاپتا پەيدا بولغان ئانىلىق مېھىرمۇ بۆلەكچىلا كۈچلۈك ئىدى.شۇنداق، ئۇ،بۇ بالىنى چوقۇم بېقىپ چوڭ قىلىدۇ، كۈن بويى دېرىزە يېنىدا بوۋاقنىڭ بۆشۈكىنى ئاستا تەۋرىتىدۇ. پىغانلىرىنى، دەرد-ھەسرەتلىرىنى قىزىغا تۆكۈپ بېرىدۇ...سەلىمە تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى باشقىچە ئۇسۇلدا ئىزلەشكە ئۈمىد باغلىدى.
2
ئەتىگەنلىك ناشتىدا تۆرەمنىڭ گېلىدىن ھېچنېمە ئۆتمىدى. ھەسەلخېنىمنىڭ كەيپىياتىمۇ شۇنداق سۇس ئىدى. قېرى ئەر-ئاياللار يۈرىكىنى بېسىپ ياتقان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئېغىزىغا ئېلىشنى، ئويلاشنى خالىمايۋاتقاندەك، بىر-بىرىگىمۇ تۈزۈك قارىماي،جىمغىنە ناشتىغا ئولتۇردى، ئەمما ھېچقايسىسىنىڭ گېلىدىن تۈزۈك بىر نەرسە ئۆتمەيتتى.
ــ ھەسەل يەپ باقاملا يە؟...ــ ھەسەلخېنىم بىر تەڭقىسلىقتا ئېرىدىن بوشلا سورىدى.
ــ ياق... يىغىۋەتكىنا بولدى... ھېچنېمە يىگۈم يوق،ـــ تۆرەم بېشىنى چايقاپ قويۇپ، كۆڭۈلسىزلا يانغا قارىۋالدى، ئاڭغىچە ئىبراھىمنىڭ ئايالى جىممىدە كىرىپ داستىخاننى ئالدى.
ــ ئۆمەردىن خەۋەر بارمۇ؟ ــ تۆرەم بىر سىقىلىش ئىچىدە خوتۇنىدىن سورىدى.
ــ ياق... نېمە خەۋەرنى دەيلا؟ــ ھەسەلخېنىم قورۇنۇپراق سورىدى.
ــ نېمە خەۋەر بولاتتى؟ ئاۋۇ قاپاقباشلىرىڭنىڭ خەۋىرى بولمامدۇ؟! ــ تۆرەم چالۋاقاپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ تولا چېچىلىدىغان، خوتۇنىنى تولا سىلكىشلەيدىغان، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
ھەسەلخېنىمنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى، تۆرەمنىڭ سىلكىشلەشلىرىسىزمۇ ئۇنىڭ باغرى شۇ كۈنلەردە خۇن بولۇپ كەتكەن ئىدى. رەشىد تويىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپلا يوقاپ كەتتى. مانا ئون كۈندىن ئاشتى، ھېچنەدىن خەۋىرى يوق... بۇمۇغۇ مەيلى، كۆڭۈلسىز خوتۇنىدىن، كۆڭۈلسىز تويدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقاندۇر. بۈگۈن كەلمىسە ئەتە كېلەر، ئەتە كەلمىسە،كۆڭلى تىنغان بىر كۈندە كېلەر... رەشىد ئەزەلدىن ئاتا-ئانىسىغا ئەقىلسىزلىق قىلىپ ئىش تېپىپ بەرگەن بالا ئەمەس، كىچىك بولغىنى بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ بەكرەك ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق...
ئەمما شۇ كۈنلەردە دانىيارنىڭ دېرىكى بولمىغىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتتى. نەچچە ئاي ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە تېلېفون ئۇرۇپ، ئانىسىدىن ئەھۋال سوراپ قوياتتى، تاتلىق گەپلەر بىلەن ئانىسىنى خاتىرجەم قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلمىگىلىمۇ ئۇزۇن بولدى. ھەسەلخېنىم تېلېفون قىلاي دېسە، ئۇنىڭدىن كەلگەن تېلېفوننىڭ نومۇرى بىرەر قېتىممۇ ئېكرانىدا كۆرۈنۈپ باقمىغاچقا،قەيەرگە ئۇرۇشنى بىلمەيتتى.
ھەسەلخېنىم مۇشۇ تەنتەك ئوغلىدىن ئەزەلدىن خاتىرجەم بولالمايتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى تۆرەمدىن پىنھان تۇتۇپ يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتكەن ھەسەلخېنىمنىڭ ئوغلى يوقاپ كەتكەن شۇ كۈنلەردە ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن، قانداقتۇر بىر كۆڭۈلسىزلىك ھېلىلا ئۆي ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىدىغاندەك ۋەھىمىدە قالغان ئىدى...
كىچىك تۇرۇپلا ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتكەن دانىيار ئۆيلىنىپ، بىر بالىنىڭ دادىسى، بىر ئۆينىڭ بېشى بولغىنى بىلەن، ھەر ۋاقىت پۇزۇر كىيىنىپ، ئويناپ، كۈلۈپ، تۆرەمگە، ئاكىلىرىغا ئىش تېپىپ بېرىپلا يۈرەتتى. ھەسەلخېنىمنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، دانىيار بىر قولىدا ئوتنى، بىر قولىدا سۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان، قەھرىمۇ، زەھرىمۇ بار ئەركەك ئىدى. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ تېخىچە بەڭۋاشلىق كەتمىگەن خۇشخۇي چىرايىغا، ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا بىر ئىشلارنى ئۇيان-بۇيان قىلىۋېتىدىغان «كەسكىن» مىجەزىگە كۆيۈپ، تەلپۈنۈپ يۈرىدىغان ئاياللار كۆپ ئىدى. ئۇزاققىچە سوزۇلۇپ ھەل بولماي كېلىۋاتقان بەزى ئىشلار دانىيار ئارىلاشسىلا ئۆردىكى ئايان، غېزى مايان بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۆرەممۇ، تاغلىقلارمۇ بىلمەيدىغان ناتونۇش ئادەملەر پات-پات پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئەمما ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلىدىغان ئاق كۆڭۈل ياۋاش كىشىلەر بولسا، كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشتىن بەكرەك ئۆچمەنلىك قىلاتتى. ياشلار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشاتتى.
داۋامى بار .......

ساياھەت قىلشىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟ ئۇنداق بولسا شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ،
ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ، يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى ئېچىلدى . ساياھەت شىركىتىمىز يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ ، تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى : ئايبەر
ئالاقىلىشىش تېلىفون ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى : 19999706319










سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



